توتېم؛بىز نىمىشقا ئويلانمايمىز
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ » توتېم؛بىز نىمىشقا ئويلانمايمىز

« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: توتېم؛بىز نىمىشقا ئويلانمايمىز پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 3138 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2395
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2604
UID نۇمۇرى : 13600
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 2070
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2070دانە
شۆھرەت: 1295 نۇمۇر
پۇل: 1110 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

توتېم؛بىز نىمىشقا ئويلانمايمىز

بۇ يازما ئاتا تەرپىدىن چوققىلاندى(2007-12-19)

1
كۇندۇلۈك ئىشقا بارغۇچە گاھىدا شەرىقى يولدىكى كوچا بىلەن گاھىدا غەربى يولدىكى كوچا بىلەن
ئاپتۇۋۇز بېكىتىگە بارىمەن.بۇ ئىككى يولنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا ئانچە جىق پەرىق بولمىسىۇ،قايسى يولدا مىڭىش مەندىن ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان ھۇقوق بولغاچ،خالىغان ۋاقتىمدا خالىغان يۇل بىلەن بېكەت تامان ماڭىمەن.ئەلۋەتتە بۇ ئىككى يولدا كۈن ئاتلاپ ئالماشتۇرۇپ مىڭىشىمنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۈق باھانىسى بار.شەرىقى يول بىلەن ماڭسام خەنزۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن،غەربى يول بىلەن ماڭسام ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۇتۇشۇمگە تۇغرا كىلىدۇ.بۇ يوللاردا ماڭغان ۋاقتىمدا خەنزۇ مەكتەپلېرى بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلېرىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى،سىرتقى مۇھىتى،دەل-دەرەخ بىلەن قاپلىنىش ئەھۋالى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىش،مەكتەپكە بېرىپ-كىلىش،يولدىكى ئەدەپ-ئەخلاقى،مەكتەپنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى........جەھەتلەردىكى ئوخشاشماسلىقلېرىنى تىپىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ باقىمەن.كۈندە ئوخشاش كوچىدا،ئوخشاش مۇھىتتا ئىشقا بېرىپ كەلگەن بولساممۇ،ھېس قىلغانلېرىم ئۆزەمگە ئايان.بۇ جەرياندا كەلگۈسىنىڭ ئىگىسى بولمىش شۇ ئۈسمۈرلەرگە قاراپ بالىلىقمنى ئەسلەپ قالسام،گاھىدا ئۇيغۇر پەرزەنىتلېرىگە قاراپ ھازىر مەۋجۇت بولىۋاتقان مىللى مائارىپتىكى سۈپەت مەسلىسى، ئوقۇتقۇچىلاردىكى قاششاقلىق،ئۈسمۇرلەردىكى بالىلىقتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان غۇبارسىز ھېسىيات قەلبىمنى غىدىقلاشقا باشلايدۇ.
مائارىپشۇناسلىق(پىداگوگىكا)ئىنسانلارغا نۇرغۇن جەھەتلەردىكى بىلىشنىڭ بىر ئاساسلىق شەكلىدىن ئىبارەت.مائارىپ كىشىنى تەربىيلەشكە يىتەكلەشنى ئاساس قىلىپ،ئەركىن تەپەككۈر،جانلىق مىسال ئارقىلىق كىشىلەرگە ئالىجاناپلىقنى ئۆگىتىدۇ.مائارىپ بىر خىل رامكا ئىچىگە كىرىپ قالماستىن، بەلكى ھەممە نەرسىگە گۇمانى نۇقتىنەزەر بىلەن قارىغاندا ئۆزىگە تىخىمۇ يىقىنلاشقان ۋە سەمىمى مۇئامىلە قىلىنغان بولىدۇ.مائارىپ بۇرۇنقى تەجىرىبە ئاساسىدا بىر خىل قىلىپقا بېكنۋىلىپ ئىجادچانلىقنى بۇغۇپ قويسا ئەسلى ماھىيىتىدىن يىراقلاپ كېتىدۇ.مائارىپ ئىنساننىڭ ئىجابىي روھىنى قىزىپ چىقىرالمىسا ئۇنى مائارىپ دىگەننىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق.
تەرجىمە ئۇچۇرلاردىن،ساياھەت خاتىرلېرىدىن ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردىكى داڭلىق ئالى مەكتەپ،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى،تۈزۈلمىسى،ئېقتىسادى كاپالىتى،تەجىرىبە-لابراتورىيە(خىمىيىلىك،فىزىكىلىق ئانالىز ئۈيى)لېرىنىڭ سەرخىل ۋە مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلىپ ،مائارىپنىڭ  تۈزۈلمە ۋە سىلىنما (مەبلەغ)دىن قەتئى ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق.بەچچە يىل بۇرۇن زامانىۋى ئالى مەكتەپنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟دىگەن بىر ئۇچۇرنى كۆرگەن ئىدىم،شۇ ئۆلچەمنى دۇنيادىكى داڭلىق مائارىپشۇناسلارنىڭ (پىداگوك)تىلى بۇيىچە ئىلىپ بىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆلچەم قىلساق نەتىجىسى قانداق بۇلار؟زامانىۋى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە زامانىۋى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىچۇ؟

2

پىسخىكىسى نورمال بولغان ھەر قانداق قورامىغا يەتكەن ئادەم راھەت كۈن كۆرۇشكە ئىنتىلىدۇ.بۇ بىر نورمال ئەقەللى ساۋات.مۇنبەرلەردە دۇنيادىكى زەردارلارنىڭ پۇلى،داچا-تۇرالغۇلېرى مۇشۇ بىر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خېلى كۆپلەپ سالماقنى ئىگەللىدى.بىزگە ئوخشاش دوپپىمىز چۇشسە «دىيارىم»ىزغا چۇشىدىغان «يالاڭتۆش»لەر شۆلگەيلېرىمىزنى ئېقىتىپ ھەر خىل ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپ باقتۇق.بەزلېرىمىز شۇنداق بايلاردىن بولالمىغانلىقىمىزغا ھەسرەت چەكسەك يەنە بەزلېرىمىز شۆلگەيلېرىمىزنى ئېقىتىپ بىچارىلەرچە ئۇف تارتتۇق.ھازىر بىز ئۇچۇن ماددى مەئىشەت ھەممىدىن ئۈستۇن تۇرىدىغان ھالغا كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەت.ئاغزىمىزدا ۋىجدان،غۇرور،ئىمان سۆزلىسەكمۇ،پۇلنى كۆرسە كۆزى قىزارمايدىغان كىشىلەر بىزدە يوق بولسا كېرەك.گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن،پۇلنىڭ بىر ئۇچى يۇرەكتە،بىر ئۇچى بىلەكتە .............دىگەن ئېقتىسادقا دائىر فولىكلور ماقال-تەمسىللېرىمىزنى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ھىساپلىغان ھەر قانداق بىر شەخىس بىلسە كېرەك.ھېيت-بايرام،كىسەل ۋە ئۇرۇق-تۇققان يۇقلاش،توي-تۈكۈن،مەرىكىلەرگە بېرىشتىمۇ ئەڭ ئالدىدا  باي بولغان تۇققان ياكى دوست-بۇرادەرلەرنى ئويلايمىز..........يۇقۇردا قەيىت قىلپ ئۆتكىنىمدەك مۇشۇ زاماندا ياشىغان ئىكەنمىز ئىقتىسادتىن ئايرىلالمايمىز.نامراتلىق ئادەمنى جىنايەتكە ۋە باشقىلارغا شەخىس روھىنىڭ قۇل بۇلىشىغا مەجىبورلايدۇ.شەخسەن ئۆزەممۇ  تور دۇنياسىدىن دۇنياۋى زەردارلارنى كۆرۇپ ساددىلارچە تاتلىق ھېسلارغا چۇمگىنىم راست.ئەڭ ئالدى بىلەن مەزىسى يوق جان بېقىش خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ،ئىسىل داچا،ئىسىل خۇسوسى ماشنا،دېڭىز ساھىلى،80يانچۇقلۇق چاپاننى كىيىپ دۇنيا ساياھىتى........لاردىن تازا ھۇزۇرلۇنۇپ باقسام،كىتاپلاردا تەسۋىرلەنگەن خەلقارا شەھەر-مەدەنيەتلەرنى،ئاسارە-ئەتىقە،ھەر خىل ئىرىق-مىللەتلەرنى ئۆز كۇزۇم بىلەن بىۋاستە كۆرسەم،ئۇلار بىلەن يۇز-تۇرانە سۆھبەت ئىلىپ بارسام....دىگەندەك خىياللارنى بەڭگىلەرچە ئويلاپمۇ قالىمەن.ئادەمنىڭ ئىچى بەزىدە قۇپقۇرۇق بۇلۇپ قلىپ ،قىلمىغان خىيال ۋە ئارمانلار قالمايدۇ.بۇ خىل خىياللار يىلدا بىرەر قىتىم كاللامنى چۇلغىۋالىدۇ-دە،ھاماقەتلەرچە خىيالىمدىن دەرھال رىئاللىققا قايتىمەن.
مەيلى نىمىلا دىمەيلى تارىخىتىن بۇيان قىممەت ئۆلچىمىدە بايلىق ئەقىلدىن ئۇستۇن تۇرالمىغان.شۇڭا تارىخىتىن بۇيان بىرەر زەردار قامۇسلارغا پۇتۇلمىگەن.پۇتۇلگىنى پەقەت ئىلىم ئاشنالېرى،ئىنسانيەتكە تۆھپە قۇشقانلار............دىنلا  ئىبارەت.ھازىرقى ئەھۋالىمزىدىن قارىغاندا بىز بىلەن تەرەققى قىلغان ئەللەر ئوتتۇرسىدا پەرىق ھەقىقەتەن چوڭلاپ كەتتى.بىز ئۆزىمىزنى بەزلەپ تىلغۇن-يانغۇن،تىلۋىزور،كومپىيوتېر،ئۇچۇر .دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز دەپ قارىساقمۇ،ئەمىليەتتە بىز زامانىۋىلىقتىن ناھايىتى يىراقتا ياشىماقتىمىز.كاللىمىز يەنىلا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەقىدە-پىكىر ۋە ئاڭدىن ئىبارەت.باشقىلار ئۆزلۈكىنى ئىزدەپ بۇلۇپ،ئۆزگىلەرنى چۇشىنىشكە تىرىشۋاتقان ۋە ئۆزىنى تىخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش يۇلىدا ھارماي ئىزدىنۋاتقان شارائىت ئاستىدا بولسا،بىز ئۆتمۇشنىڭ بوپىسىنى كۆتۇرۇپ روھى گادايلىق ئىچىدە خۇتۇن،ئۆي-زېمىن تالىشىش،ئۆزەڭگە سۇقۇشتۇرۇش،گۇروھۋازلىق قىلىش ۋە يۇرتۋازلىق قىلىش كۈيىنى ياڭرىتىپ  قوساقنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتتۇق.بىزدە تۈركۈم-تۈركۇملەپ پاتىنىت ھۇقوقىغا ئېرىشكەن ئىجدىھاتلىق كىشىلېرىمىز،دۇنياۋى جىنىس رىكوتلېرىغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتقان ئەزىمەتلېرىمىز،ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ نەتىجە قازىنۋاتقان كىشىلېرىمىز ئاز ئەمەسقۇ؟قىنى شۇلارنىڭ قايسى بىرى ئۆزىنىڭ ئەقلى ھۇقوقىنى ئىقتىساد(پۇل)قا ئايلاندۇرالىدى؟ئۆز ئىقتىسادىدىن خەلقىمىزگە قانچىلىك نەپ بېرەلىدى؟بىز نىمىشقا تا ھازىرغىچە موسابايۇپلار تارىخىنى چەكسىز سۇيۇنۇش ئىچىدە يادقا ئالىمىز؟نىمە ئۇچۇن خەلقىمىز قەلبىدە ئاكا-ئۇكا موسابايۇپلارنىڭ ئوبرازى پارلاق؟ ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئالدىن بىيىغان زەردەرلارغا تامايىمىز يوق،لىكىن ئۆتمۇش ۋە كەلگۇسىمىزنى ئەستەيىدىل ئويلىغىنىمىزدا نۇرغۇن سىر ۋە ھېكمەتلەتنى ھېس قىلىشىمىز ئىنىق.

3

بۇگۇن چۇشتىن كىيىن ئۇيۇمدىن سەل بالدۇر ماڭدىم،سەۋەبى كۇندىلا خىزمەت،ئۆي،كۇتۇپخانە شۇ ئۈچبۇلۇڭلۇق يولدا بوزچىنىڭ موكىسىدەك قاتناپ يۇرۇپ بۇ بىر يىل ئاخىرلىشىشقا ئازلا قاپتۇ.بۇ يىل ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك ۋە كىيىنچە ئەسلىمە بولغۇدەك ھېچقانداق ئەھمىيەتلىك ئىشىم بولماپتۇ.بار دىيىشكە تۇغرا كەلسە 3-4 پارچە چەتئەلنىڭ تەرجىمە قىلىنغان رۇمانى ۋە ئۆز يازغۇچىلېرىمىزنىڭ يازغان بىر نەچچە پىروزا ۋە پوئېزىيە توپلاملېرىنى ئوقۇپ چىقىپتىمەن.مىنىڭچە بۇنىغۇ ئەھمىيەتلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.چۇنكى ئادەم ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بىيىتىش شۇنداقلا ئادەمدەك ياشاش ئۇچۇن ساغلام بولغان كىتاپ-ژۇرناللاردىن ئايرىلالمايدۇ.ئۆيدىن بالدۇر مىڭىۋالغاچ  بىر نەچچە  بىكەتنى پىيادە باستىمدە،تۇيۇقسىز خىيالىمغا ئىشخانەمدىكى نەچچە كۈن بۇرۇن كۇتۇپخانىدىن ئارىيەتكە ئالغان بىر رۇمان ئىسىمگە كىلىپ قالدى.ھايال ئۆتمەيلا ئاپتۇۋۇز كەلدى.بۇگۇن سەل بالدۇر مىڭىۋالغاچ ئاپتۇۋۇز ئىچىمۇ بوش ئىدى.بۇرۇنقىدەك قىيا-چىيا،قىستا-قىستاڭ،ۋارقىراشلار،بىلەتچىنىڭ بىلەت ئىلىۋىلىڭلار.......دىگەن سۆزلېرىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى.ماشنىغا چىقىپلا دەرھال كۆزۇمگە چىلىققىنى بىر ئۇيغۇر ئەر بولدى،چاچلېرى رەتسىز،ساقاللېرى ئۇسۇپ كەتكەن،كىيىملېرى كىر (پەرزىمچە 35-37ياشلاردا بولسا كېرەك)ئۇ ئەر ئەڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.مەنمۇ قىسقا يوللۇق سەپەردىشىمنىڭ كەينىدىكى ئورۇنغا ئولتۇردۇم،ئاپتۇۋۇز بىر بىكەت ماڭغاندىن كىيىن،ئاپتۇۋۇزغا بېلى ئىنچىكە،تاشقى كۆرۇنىشى چىرايلىق،ھازىرقى زامان تىلى بۇيىچە مودا كىيىنگەن بىر خەنزۇ قىزى چىقىپ كەلدى.مەن مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ ئالدىمغا قارىدىم-دە،كۆزۇم دەرھال ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئەركەككە چۇشتى.ئۇ ئەركەك بىر خىل شەھۋانى(ياندىن شۇنداق پەرەز قىلدىم)كۆز بىلەن ھېلىقى «مودا»خەنزۇ قىزىغا خۇددى چاشقان بۇغداي خالتىسىدىن تۇشۇك ئىزدىگەندەك پۇتىدىن-بىشىغىچە قاراشقا باشلىدى.خىيالىمدا بىر دەمدىن كىيىن بولدى قىلار دەپ ئويلىغان بولساممۇ،ئۆزى ماشنىدىن چۇشۇپ قالغۇچە «مودا» قىزغا پۇتۇن زېھنى بىلەن يەۋەتكۇدەك قاراپ تۇردى ۋە ماشنىدىن چۇشۇش ئالدىدىمۇ ئۇ قىزغا يەنە بىر رەت ھاياسىزلارچە قارىۋىتىپ چۇشۇپ كەتتى.
ئىشخانەمگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ ئەخلاق تۇغرىسىدا ئىزتىراپلىق خىياللار قاينىمىغا چۈكۈشكە باشلىدىم.
ئىنسانلارنىڭ ئەخلاققا بولغان پۇزۇتسىيەسىنىڭ ناچارلىقىدىن دۇنيا ھەر خىل تىراگىدىيەلەرگە تولغان.مۇقەددەس كىتاپلاردا ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋا ئانا شەيتاننىڭ ئازدۇرىشى بىلەن چەكلەنگەن مىۋىنى يىگەندىن كېيىن،اللەنىڭ غەزىپىگە ئۇچىراپ جەننەتتىن زېمىنغا ھەيدەلدى.شۇنىڭدىن كىيىن تالاي قەرنىلەر،تالاي ئەسىرلەر ئۆتتى.بۇ جەرياندا شەرىق ۋە غەرىپتىن ئىبارەت ئىككى خىل كاتىگوريىدىكى قىممەت قاراش ۋە گۇزەللىك قاراش شەكىللەندى.شەرىق؛سىر -مۈجىزىلەرگە تولغان،گۇزەللىكنى ۋۇجۇدىدا ساقلايدىغان،اللەنىڭ ۋەھىيسى بولغان قۇرئان-كەرىمنى ھەركەت مىزانى قىلغان بولسا،غەرىب؛ھەممە نەرسىنى ئىچىۋىتىدىغان،گۇزەللىك يالىڭاچلىقتا،دۇنيادا ئىچىلمايدىغان سىر ۋە ھېكمەت يوق دەيدىغان ئازغۇن ئىدىيە بىلەن سۇغۇرلۇپ، تا ھازىرغىچە ئۇنى ئۆزىنىڭ ھەركەت مىزانى قىلىپ كەلدى.كىشلىك ھۇقۇق،ئەركىنلىك،دېمۇگىراتىيەنى تۇتقا قىلىپ،شەرىق ئەللېرىنىڭ ئەقلىگە قەتئى سىغدۇرالمايۋاتقان ھازىرقى ئۇچۇق-ئاشكارا پاھىشىلەر،يېرىم يالىڭاچ بەزمىخانىلەر،ئادەم بەدىنىدىن ئىستىتىك ۋە روھى لەززەت ئىلىش،جىنسى راھەت ۋە ئۆزلېرىنىڭ نەپسىنى قاندۇرالايدىغان ھەر قانداق ھەركەتلەر غەرىب مىللەتلېرىنىڭ كاللىسىغا تامغىدەك قېتىپ كەتتى.(نەپىسنىڭ بىخللىقىدىن ساقلانغۇچىلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.«قۇرئان كەرىم»)ناۋادا ئېتىقاد يۇقالسا،ئەخلاقمۇ يۇقىلدۇ،ئەخلاق يۇقالدى دىگەنلىك دىننى كىتاپلاردا قەيىت قىلىنغان لوت ئەلەھىسسالامنىڭ قەۋمى تاش-بوران،توپان بىلەن يۇقالغاندەك يەنە بىر ۋاريانىتقا  دۇچ كىلىشى تەبىئي. ئەخلاق نىمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟مەنچە بولسا ئەخلاق بۇ  ئالەمدە مەڭگۈ قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلدىغان بىر خىل ھەركەت مىزانىدىن ئىبارەت.ۋۇجۇدى،پىسخىكىسى نورمال بولغان ھەر قانداق ئەر ياكى ئايال فىزولوگىيىلىك مۇھەببەتكە ئېھتىياجلىق،لىكىن بىز شەرىقنىڭ مەدەنيەت كاتىگورىيىسىدە ياشاپ تۇرماقتىمىز.شەرىق نۇرغۇن سىر-ھېكمەتلەرگە تولغان،تەجىرىبە-ساۋاقلار مۇقەددەس كىتاپلارغا ۋەھىي قىلىنغان جاي.قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ بەربات بولغانلىق ئىزنالېرىنى تەكشۇرۇپ باقساق،يېرىم-يالىڭاچلىق،چىكىدىن ئاشقان جىنسىيەت،بەچچىۋازلىق ئالامەتلېرى بەزى دۆلەتلەردە تام رەسىمى ياكى سىزما رەسىم بۇلۇپ «مەدەنيەت»نامىدا ساقلانماقتا.لىكىن ھازىرقى ئىنسانلار شۇلاردىن قانچىلىك ئىبرەت ئالدى؟قانچىلىك تەجىربە يەكۈنلىيەلدى؟ قىسقىسى ئەتراپىمىزدىكى تاجاۋۇزچى مەدەنيەتنىڭ ئىزنالېرى سۇئاللېرىمىزغا جاۋاپ بېرەلەيدۇ.
خۇلاسە كالام؛ئەخلاق قاراش جەھەتتە ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق شەجەرىسى بار.بىزنىڭ فولىكلور مەدەنيەت زاپىسىزنى ئاختۇرغاندا،ئاتا-بۇۋىلېرىمىزنىڭ ئەخلاقنى يۈكسەك ئولۇغلىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.ئادەمدىكى ئارتۇقچە ھاۋايى كۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۇچۇن ھەر قانداق ئادەمگە ئەقىل ۋە دىت كىتىدۇ،ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى ئەخلاق زەنجىرلېرى بىلەن مۇستەھكەم باغلاپ تۇرۇشقا تۇغرا كىلىدۇ.ئۇ بىر تۇسۇن تاي ئەمەس، بەلكى باغلاقتىكى«بۇقا»بۇلىشى كېرەك.قىنى دۇستلار مەن ۋە سىز ياكى باشقىلار ئەخلاق تارازىسىغا ئۆزىڭىزنى سىلىپ ئۆلچەپ بېقىشقا جۇرئەت قىلالامسىز؟

مەنبە؛توتېم

ئەسكەرتىش؛باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلاشقا بولمايدۇ.

[ بۇ يازما totem تەرپىدىن 2007-11-28 00:37 دە قايتا ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+10(saba7911)
• شۆھرەت:+10(kuxbeg526) ياخشى ماقالە
• شۆھرەت:+10(ئاتا) ياخشى ماقالە
• 6xahar
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 00:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق 128

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 566
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 33
UID نۇمۇرى : 11105
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 533
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە533دانە
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 850 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-15

ئىنتايىن نوچى چىقىتپتۇ، راسلا، مەن بەكلا ياقتۇردۇم،،،،،،،،،،،،،
ماڭا مۇشۇنداق ئەسەر يارايدۇ............يوقالسۇن كۈچۈرمەكەشلىك ئەسەرلەر..........

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
يىۋۇ نەۋرۇز  ماللارنى توپ تارقىتىش مەركىزى . چ چ 154970462
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 00:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ahi.

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 231
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 68
UID نۇمۇرى : 16664
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 156
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە156دانە
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 470 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

بىلىم،ساپا،مەدەنىيەت...
ئەخلاقنىڭ70%ئائىلە تەربىيىسىدىن كېلىدۇ،بولۇپمۇ ئانا تەربىيىسى،بىزدە «قىزنى بۇزغان ئانىسى»دەپ بىر گەپ بارغۇ،ئانا قانچە بىلىملىك ،ساپالىق،ئەخلاقلىق بولسا،شۇ ئانا تەربىيىسىدىكى بالىلارمۇ شۇنچە ساپالىق چوڭ بولىدۇ،ئەگەر بىزدىمۇ يەھۇدىيلاردەك ئاڭ بولغان بولسا،قىزلىرىمىزمۇ يەتكۈچە ئوقۇتۇپ ياتلىق بولغاندىن كېيىن مەخسۇس بالا تەربىيىلەشكىلا سالغان بولساق مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش قەدىمى تېزلەشكەن بولاتتى،ئەمما نۇرغۇن ئىجتىمائى،ئىقتىسادى سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ پەقەت خام خىيال بولۇپ قالدى(بەلكىم ۋاقىتلىقتۇ)،ئەمما ھېلىھەم كېچىكمەيمىز،تىرىشىۋاتقان،ئىزدىنىۋاتقان كىشىلىرىمىز نۇرغۇن،قۇرۇق گەپنى ۋە باشقىلارنى قويۇپ تۇرۇپ ئەڭ بۇرۇن ئۆزىمىزدە يىتىلدۈرەيلى شۇ ئەخلاق،بىلىم ،ساپانى،ئاندىن مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ باشقىلارغا تەربىيە قىلايلى،ئۆزىمىزدىن ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ ئۆزىمىزدىن تۆۋەنلەرنى قولىدىن تارتىۋالايلى....ئەمما.....قۇلاققا گەپ كىرىدىغان ئادەم نەچچىلىكتۇ.....

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 01:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق gvzal3.8

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 849
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 150
UID نۇمۇرى : 20927
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 633
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە633دانە
شۆھرەت: 836 نۇمۇر
پۇل: 2014 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

ئەسىرىڭىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يۇقۇرى ئىكەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 02:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق hanjarht

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 98
UID نۇمۇرى : 21650
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-30

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز......ئادەمنى  چۇڭقۇر ئويغا سالىدىكەن..........

6xahar
مەن ئۆزۈمنىڭ مىللىتىدىن پەخىرلىنىمەن. .........
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 02:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق TOPMASTANISI

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 626
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 373
UID نۇمۇرى : 12153
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 563
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە563دانە
شۆھرەت: 569 نۇمۇر
پۇل: 1746 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

سىزگە كۆپ رەھمەت! بىراق ئاشۇ بىر قىسىم شەيتانلارنىڭ كەينىگە قانچىلىغان سان-ساناقسىز كىشىلەرنى كىرىپ كەتمىدى دېيەلەيمىز؟

6xahar
007
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 12:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق EPNURI

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 170
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 129
UID نۇمۇرى : 14458
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 116
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە116دانە
شۆھرەت: 61 نۇمۇر
پۇل: 266 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

ھەق گەپ ئاچچىق بولىدۇ،ئاچچىقتىن قورىقساڭ توغرۇلۇقنى تاپالمايسەن.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
??631074014
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 13:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق turkinaz

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 980
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 19
UID نۇمۇرى : 20648
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 858
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
شۆھرەت: 872 نۇمۇر
پۇل: 2708 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ھەقىقي مۇنازىرە قىلغىدەك تىما بوپتۇ، تۇتىمنىڭ  تىمىلىرى شۇنداق ئىجادىي، ھەقىقەتەن ئادەم قايىل قىلارلىق.
ھەي،  لىكىن،بىز بۇ يەردە نەچچە بەت كەلگۈدەك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ،بىر- بىرىدىن ئىسىل، دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن نەچچە كۈن تالاش- تارتىش قىلساقمۇ ، ئازراق ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان ئىش بولسا ئۇنتۇپلا قالىمىز بۇ يەردە دىگەن گەپلىرىمىزنى، شوڭىمۇ ئەپتىمىز شۇ بىزنىڭ.

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 13:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kuxbeg526
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3405
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1594
UID نۇمۇرى : 8680
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 3333
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3333دانە
شۆھرەت: 988 نۇمۇر
پۇل: 5167 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 5 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-23

نىمە دىگەن چوڭقۇر، ئەھمىيەتلىك ئويلىنىش.....؟ كىتاپلاردىن كۈچۈرۈپلا تىما يوللاپ يۈرگىچە مۇشۇنداق ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزسەك نىمە دىگن ياخشى بولاتتى!؟

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

http://www.ilghar.net/u/kuxbeg526/index.html
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 13:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق tyro

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 127
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 172
UID نۇمۇرى : 17335
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 100
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە100دانە
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 183 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-05

توتېم،ھەقىقەتەن  ئادەمنى  ئويلاندۇرغىدەك تىما يوللاپسىز، قەلىمىڭىز ھارمىغاي.
ياپونىيىلىكلەر يەسلى مەكتەپ بالىلىرىغادەرىس ئارلىقىدا  ھەقسىز بىر قاپتىن سۈت تارقىتىپ ،ھازىر ياپون پاكىرى دىگەن نامدىن قۇتۇلدى............لەر كىسەل كورپىسى دىگەن نامدىن قۇتۇلدى ،بالىلىرىنى  سېتىپ يىمەيدىغان بولدى......
ھۆ كۈمەت  يۇلەۋاتىدۇ، ...گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن «ئېختىساسلىقلار » ئۈزۈلمەي كىلىۋاتىدۇ،....مەن ئېيتىپ ئولتامىساممۇ ھەممە بىلىدۇ. لىكىن...بىز سىز:«بىز ئۆزىمىزنى بەزلەپ تىلغۇن-يانغۇن،تىلۋىزور،كومپىيوتېر،ئۇچۇر .دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز دەپ قارىساقمۇ،ئەمىليەتتە بىز زامانىۋىلىقتىن ناھايىتى يىراقتا ياشىماقتىمىز.كاللىمىز يەنىلا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەقىدە-پىكىر ۋە ئاڭدىن ئىبارەت»دەپ ئېيىتقاندەك ئەھۋالدا. ئىدارىمىزنىڭ يېنىدىلا بىر مەكتەپ بار، كاتتا ماشىنىلار تىزىلىپ كىتىدۇ،ماشىنىغا «  爸爸,妈妈    »دىگىنىچە ئىسىل كىيىنگەن بالىلار چىقىشىدۇ.  يول بۇيىدىلا ئاپتوبۇس بىكىتى بار قولاقلىرى سۇغۇقتىن قىزارغان بالىلار «ئاپتوبۇس كەلدى » دىگىنىچە ئاپتوبۇسقا يۇگرەيدۇ.....بۇنى سېلىشتۇرۇپ خىيالغا پاتىمەن.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 14:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sejda

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 242
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 57
UID نۇمۇرى : 20812
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 188
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە188دانە
شۆھرەت: 203 نۇمۇر
پۇل: 720 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-02

قاچانمۇ ھەممە ئادەم ئۆزىنى شۇ تارازا بىلەن ئۆلچەپ تۇرىدىغان بولار ؟  ھازىر لېكىن بۇنداقلار بەك ئاز،.ئۆزەمگىغۇ قاتتىق تەلەپ قويىمەن ،لېكىن مۇھىت شۇ تۇرسا.باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار،شۇنداق قىلىسىلەر دەپ زورلۇق قىلغىلى بولامدۇ؟تەس .
تېمىڭىزنى ياقتۇردۇم قانداراق ياشاۋاتىمەن دەپ ئويلىنىپ قالدىم....

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 14:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق quxum

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 47
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 52
UID نۇمۇرى : 21421
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 36
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە36دانە
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 208 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-04

رەخمەت سىزگە ياخشى ماقالىكەن.بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ئۇدۇل يۈرەككە بېرىپ ئويلاندۇرغۇدەك ئەسەرلەرنى يېزىپ بىزگە سۇنۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. چۈنكى خەنزۇلاردىكى داڭلىق يازغۇچى لۈشۈن ئەپەندىمى ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرلۇق بىلەن ئادەم داۋالىسىمۇ روھىنى داۋالىغىلى بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ ،ئۆز كەسپىنى تاشلاپ يازغۇچۇلۇق بىلەن شۇخۇلانغان. شۇڭا مەن سىزدەك  ياش ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ كوپرەك مەيدانغا چىقىشىنى، مۇشۇك چىشلىۋالسىمۇ پۇش دىمەيدىغانلارنىڭ كاللىسىنى سىلكىپ كۈزىنى ئېچىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ھارمىغايسىز!  سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 17:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق maptun

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 991
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 8
UID نۇمۇرى : 15797
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 921
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە921دانە
شۆھرەت: 245 نۇمۇر
پۇل: 1495 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

توتېم،ئەزەلدىنلا  ھەقىقەتەن  ئادەمنى  ئويلاندۇرغىدەك ياخشى تېمىلارنى يوللايدۇ..ھارمىغايسىز!  مەنمۇ يۇقۇرقى دوسلاردەكلا  سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

Atlan

ھورۇننىڭ غېمى جىق،ئىشچاننىڭ نېنى جىق.............
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 18:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kuraxjan

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 93
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 6
UID نۇمۇرى : 8701
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 85
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە85دانە
شۆھرەت: 63 نۇمۇر
پۇل: 304 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-01

تۇتىم ئەپەندىنىڭ ئۆزلۇك ھەققىدىكى ئۇچ نۇقتىلىق قاراشلىرى ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىكەن .شەك _شۇبىھسىزكى مۇشۇنداق ماقالىلەر كىشلەرنى ئەڭ خاراكتىرلىك ئىش قىلىشقا___ يەني ئويلىنشقا مەجبۇر قىلىدۇ. تەپەككۇرىمىزنى قوزغايدۇ.2-نۇقتىدىكى قاراشلىرىڭىزنىڭ بەزەن يەرلىرگە قۇشۇلمساممۇ  لىكىن بۇ يەردە ئۆزگىچە  پىكىر بېرىشنى لايىق تاپمىدىم... ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 19:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2395
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2604
UID نۇمۇرى : 13600
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 2070
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2070دانە
شۆھرەت: 1295 نۇمۇر
پۇل: 1110 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

Quote:
بۇ مەزمون 13 - قەۋەتتىكى kuraxjan نىڭ 2007-11-27 19:46 دە يوللىغان يازمىسى“”:
تۇتىم ئەپەندىنىڭ ئۆزلۇك ھەققىدىكى ئۇچ نۇقتىلىق قاراشلىرى ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىكەن .شەك _شۇبىھسىزكى مۇشۇنداق ماقالىلەر كىشلەرنى ئەڭ خاراكتىرلىك ئىش قىلىشقا___ يەني ئويلىنشقا مەجبۇر قىلىدۇ. تەپەككۇرىمىزنى قوزغايدۇ.2-نۇقتىدىكى قاراشلىرىڭىزنىڭ بەزەن يەرلىرگە قۇشۇلمساممۇ  لىكىن بۇ يەردە ئۆزگىچە   پىكىر بېرىشنى لايىق تاپمىدىم... ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ئوخشاشمىغان ئۆزىگىچە پىكرىڭىزگە تەشنامەن.مەنمۇ بەزى مەسىللەردە چالا پىكىر قىلىپ قالغانلىقىمنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن.بۇ تېمىنى ئاساسەن تۆنۇگۇن ئىشقا بېرىپ كەلگۇچە ئويلىغانلېرىمنىلا مۇنبەرگە تۇكتۈم.بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئويلىنىشىمنىڭ جۇغلانمىسى ئەمەس.قالغان كەم قالغان جايلارنى بولسا،ھازىرقى مەۋجۈت رىئاللىقىمىزنى تەپەككۈر قىلىشقا خۇمار دوستلارنىڭ تولۇقلاپ قۇيىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.مۇشۇ جەرياندا بەزى قىزىلمىغان ئىسىل پىكىرلەر مەيدانغا چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 20:22 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Tarim68

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 169
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 130
UID نۇمۇرى : 298
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 150
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە150دانە
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 16 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

Quote:
بۇ مەزمون 0 - قەۋەتتىكى totem نىڭ 2007-11-27 00:20 دە يوللىغان يازمىسى“توتېم؛بىز نىمىشقا ئويلانمايمىز”:

................مائارىپ بىر خىل رامكا ئىچىگە كىرىپ قالماستىن، بەلكى ھەممە نەرسىگە گۇمانى نۇقتىنەزەر بىلەن قارىغاندا ئۆزىگە تىخىمۇ يىقىنلاشقان ۋە سەمىمى مۇئامىلە قىلىنغان بولىدۇ................

ھازىرقى ياش ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئۆزىنى ناھايىتى كاتتا چاغلايدىغان، ئاتا-ئانىسىنى، ئۇستازلىرىنى، چوڭلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قارىتا گۇمانىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، <<ئۆزۈم تاپقان يولنى ئاتامغا بەرمەيمەن>> دەيدىغان كەيپىيات نىمىشقا قويۇقلىشىپ كېتىدىكىن دىسەم، ئەسلىدە  ھازىرقى مائارىپ تارماقلىرى مانا مۇشۇنداق ھەممە نەرسىگە گۇمانىي نۇقتىئىنەزەر بىلەن قارايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ تەربىيىلەۋېتىپتىكەن-دە!

QiQan Uyghur Ulinix Tori
بىلىم- كۈچ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 21:38 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ئاتا
ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1153
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3846
UID نۇمۇرى : 19329
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 945
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە945دانە
شۆھرەت: 1560 نۇمۇر
پۇل: 4717 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

يارايسىز تۇتىم.
مەن ماقالىڭىزنى يىنىشلاپ ئىككى قىتىم ئوقۇپ چىقتىم، كۆز-قاراشلىرىمىز ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن ،ئايرىم مەسىلىلەرگە پىكىر بايان قىلغۇم بارئىدى.بىراق پىكىرىم چىچىلىپ كەتتى.
مىڭەمدىكى ئۇچۇرلارنى رەتلەۋىلىپ قالدى گەپنى ئىيتاي.

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
روجەك مەرىپەت كۇلۇبى : http://www.rujek.com
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-27 23:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1851
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3148
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1712
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1712دانە
شۆھرەت: 1560 نۇمۇر
پۇل: 5361 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

مېنىڭچە ھەربىر ئادەم ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك دەپ قارايمەن، دېمەكچى بولغىنىم، ئاۋۋال« مەندىكى ئەخلاق ساپاسى زادى قانچىلىك» دېگەن سوئالنى ئۆزىمىزدىن سوراپ، ئۆزىمىزنى تارازىغا سېلىپ دەڭسەپ كۆرىشىمىز زۆرۈر.

6xahar
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 11:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق bisa

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 34
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 65
UID نۇمۇرى : 19725
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 53 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-27

ياخشى تىمىكەن ھارمىغايسىز دۇسلار بىرسىڭلار يەھۇدىنىڭ تەربىيەسىنى ئۇقىساڭلار يەنە بىرىڭلار ياپۇنيىنىڭ ئەخلاقى دىسەڭلار ئۇزىمىزنىڭ ئىسلام دىنىدىكى تەربىيە ۋە ئەخلاقلار بىزلەرگە يىتەرلىك ئەمەسمىدۇ  ياكى بىر تارىخى ئەھمىيتى يۇقمىدۇ تىرىك كىللىدا ياخشى ئۇيلىنىپ  كۇرەيلى

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-01 17:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق yalguz-tikan

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 58
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 41
UID نۇمۇرى : 22143
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 55
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە55دانە
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
پۇل: 293 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-25

سىزگە كۆپ رەھمەت!  بىزچۇقۇم ئويلىنىشىمىزلازمىز كىرەككەن
بىز ئۇزۇمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى چۇقۇم تۇگۇتۇشىمىز كىرەك !!~!!

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-10 23:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sufiya

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 99
UID نۇمۇرى : 21914
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-11

ھگقىقەتەن تاڭسۇق ئەسەر ئىكەن. بۇ ئەسەرنى قانچىلىك ئادەم كۆرۈپ ،ئۆز ۋىژدانىدىن سوراپ باقىدىغانلار قانچىلىك چىقار؟!
اللە ئەسەرلىرىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-11 11:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق .yaxligim

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 150
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 149
UID نۇمۇرى : 22222
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 150
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە150دانە
شۆھرەت: 150 نۇمۇر
پۇل: 641 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-27

ماڭا مۇشۇنداق ئەسەر يارايدۇ

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-12 07:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق subih

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 98
UID نۇمۇرى : 22273
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-15

9-قەۋەتتىكى(tyro) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ھەقىقەتەن    ياخشى  يېزپسز  .  يوللىغان  تىمىڭىزنى  كۇرۇپ  شۇنداق  خۇشال  بولدۇم  .

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-13 16:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [22 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق 281151976

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 8
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 91
UID نۇمۇرى : 13290
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 20 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-20

تۇتىمكام  توغرا ئيتىدۇ مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئويلۇغۇنۇم خاتا بولسىمۇ بىر نوقتا ھەقتە سىلەرگە سوئال قويماقچى ۋە ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنىنى دىدىم قىنى باھا بىرىپ باقارسىلەر ،توغرا ئەخلاق ئادەم زىننىتى ئەخلاقسىز كىشنىڭ يوقتۇر قىممتى ،لكىن بۇ ئەخلاقنى قانداق قىلىپ ئۆزمىزدە مۇجەسسەم قىلمىز ؟تۇتىمكام ئتىقاندەك بىز باخلاقتكى بۇقىدەك ئۆزمىزنى ھەرۋاقىت تىز گىنلەپ تۇرشىمىز كىرەك ،ھە بۇ ئامالى مىنىڭ ئامالىم بىز ئەڭ ياخشى ھكمەتلەرنى كارۋىتىمىزنىڭ بىشغا چاپلاپ ھەركۇنى ئەتتىگەندە بىر قىتىم ئوقۇپ بىرشىمىز كىرەك، ھەرۋاقىت پكىر يۇرگۇزۇپ تۇرشىمىز كىرەك ،ۋىژدان بىلەن ناخشا ئاڭلىشمىز كىرەك . ئەمدى كۇلەمسىلەر سىناپ باقامسىلەر يىغلامسىلەر سىلەرگە قالدى ؟بۇ بىر بالنىڭ ئويلىغىنى دەپ بىلڭلار خالاس .
مىنڭچە مىللەتنىڭ بۇگۇنكى تەرەققىياتى پەقەت ۋە پەقەت ئككى ئشتا بىرى ئەخلاقنى كۇچەيتىش كۇچەيتكەندىمۇ ھەممدىن ئۇلۇغ ۋە ئالدىدا قىلىپ كۇچەيتش ، ئككىنجىسى يەھودىلار نىڭ  ئەينى ۋاقتتىكى خولاسنى ئۆزمىزگە تەدبىقلاش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ،ئۇلار يىغىلىپ يەھودىلار نىمشكە مۇنداق يامان كۇنگە قالدۇ دىگەن چاغدا ئۇلار قانداق قىلىش توغۇرسىدا قانداق خۇلاسگە كەلگەن ؟؟

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-13 23:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [23 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uygur-yigiti

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 229
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 22544
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 206
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 753 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

تۇتەم قىرىندىشىم سىزنىڭ ۋە بىرقان چە تورداشلارنىڭ  بىرخىل كۆز قاراشقا يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرۋاتقىننى كۆرۋالغىلى بولدۇ ئۇ بولسىمۇ .  غەرىبچە تەرەققىياتقا يۈزلىنىش .  بىز تەرىققىياتقا -پەنگىلام ئىسلىۋىلىپ - دىننى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ . بەلكىم بەزىلەر چەتەللىكنى كۆرسە ھەۋەسقىلدىغاندۇ . ئۇنىڭ بايلىقىغا -ئىلمى لىكىگە- ئەقىللىقلىقىغا-تەرەققىياتىغا قىزقىدۇ. لىكىن بىزنى كىم تۇتۋالدى . بىز گە يولنى ئىچىببەردىغۇ .رەسۇلۇللانىڭ .ھەدسىدىمۇ . تەرەققى قىلماڭلا دىمىدىغۇ . بىز شۇ يولدا ماڭساق ئەڭ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولمىز .دۇنيادىكى ئەڭ مەدىنىيەتلىك-ئەخلاقلىق ئاخكۆڭۈل ئىنسانلاردىن بولالايمىزغۇ. بايبولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال مەدنىيەتلىك بولۇش كىرەك . قانداق مەدنىيەتلىك بولۇش ھەدىستە بايانقىلىنغان . مىسال تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقارماسلىق- باشقىلارغا قىزغىن مامۇلە قىلىش- جامائەت سورۇندا يۇقىرى ئاۋازدا تولىماسلىق -دىگەندەك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە مەسلىلەردىن تاتىب بايان قىلىنغان - ھاراق ئىچمەڭلار-زەھەر چەكمەڭلار- ھارام زىنا قىلماڭلاردىدى بىز قىلدۇقمۇ .ئاللا ۋە ئاللانىڭ پەيغەمبىرى رەسۇلۇللانىڭ .دىگەن يولدا100%100 ماڭالمىسىمۇ . لىكىن گۇنادىن نىرى تۇرغانلاردىن بىرسىنىڭ كۈنىنى  مىسالغا ئالساق نىمدىگەن بەخىتلىك . ئۇلار باشقىلارغا ياخشىلىق قىلدۇ .باشقىلارنىڭمۇ ياخشىلقىنى كۆرەلەيدۇ . بۇنداقلار نۇرغۇن خەلىقنىڭ ياخشى مۇئامىلسىگە ئىرشىدۇ . تۇرمۇشىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتەۋاتقىندىن خوش بولدى .ئاياللىرى بۇلسا ئۆيدە ئىپپىتىبىلەن ئىرىنى-قىينى ئاتا-ئانىسىنى. باللىرنى .ياخشى كۈتىدۇ . ئىرى ئۆيدە بولسۇن. سىرىتتا بولسۇن بۇتۇرمۇشتا بىرەر  ئىشتىن ئاھ ئۇرۇپ-ھەسرەت چەكمەيدۇ . ھىيىت-ئايەمدە تۇققانلىربىلەن جەمبولدۇ ...............ئىشقىلىپ بۇتۇرمۇش بەك بەخىتلىك ئۆتىدۇ !!!!!!!!!!!.
.قىنى ئامرىكىلىقتەك باي بولۇشنىلام ئويىلساق .قانداق قىلىشكىرەك ؟. پۇلتىپىشنىلام ئويلاش. باشقىلارنى قىلتاققا چۈشرۈش. باشقىلارنىڭ رىسقىنى يەۋىلىش . ئاجىزلارنىڭ -بىلىمسىز لەرنىڭ كۈچدىن پايدىلنىش . يالغان سۆزلەش .!!!  پۇلتاپقاندىن كىيىنچۇ ؟  نوچىلىق قىلىش.رىقابەتلىشىش . ئارتۇق گۇمان قىلىش.باشقىلارنىڭ بىيىپ كىتشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش . كۈچىنى سىناببىقىش. ئاياللارنى كۆڭەل ئاچدىغان ئويۇنچۇق كۆرۈش.بىرتىيىننىمۇ. خاتا چىقىم قىلماسلىق . بىلەرمەنلىك قىلىش.!!!!!!!!!!!!!!!!    بىزچوقۇم غەرىبنى دورىمايمۇ باي بوللالايمىز . بۇنىڭدا 1 چىدىن تەرەققىياتنى.كۈچەيتىشكىتىدۇ قانداققىلغاندا تارەققىياتنى كۈچەيتىمىز . ئالدى بىلەن ئىلمى مەدنىيەتلىك بولۇش كىرەك. ھەربىر قىلغان ھەركىتمىزنى باشقىلارنىڭ نەزەر سىلۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشقىلىش .ھەرقانداق ئىشتا باشقىلاربىلەن ئۆزنى سىلىشتۇرۇش. يىڭى تەتقىقاتقا ئىنتىلىش.باشقىلارغا ياخشى تەسۈر قالدۇرۇش. كۆب بىلىم ئىگەللەش. مىللەتچىلىك قىلماسلىق.ھەرئىشنىڭ ياخشى-يامان تەرپىنى ئويلاش .يۇقارقى ئىشلاردا بەلقويۋەتمەي مىڭىش. 2 دىن . 10 سوم تاپساق 1 سومنى تىجەپقىلىش. ۋاقىتنى چىڭتۇتۇش. ئارتۇقچە پالىيەتكە بارماسلىق. سودىدا ئادىلبولۇش- باشقىلارغا قىزغىن مۇئامىلەقىلىش.بۈلەرمەنلىك قىلماي تەپەككۇر قىلىش.ياتلا بىلەن شىرىك ئىش قىلماسلىق .تىجارەت دائىرسىنى كەڭەيتىش.پايدىنى ئەمەس خىرىدارلانى 1 ئورۇنغا قويۇش .ئىلىم-بىرىمنى ۋاختىدا قىلىش. ئىشچىلارغا.ياخشى مۇئامىلە قىلىش . پايدىنىڭ بىرقىسمىنى ئىستىمالچىلارغا سوۋغا قىلىش.مالنىڭ ياخشى تەرپىنى تەشۋىق قىلىش .تىجارەت خاتىرسى قالدۇرۇش .خەلىققە-ۋە ئوزگە تىخمۇ پايدىلىق تەرپىنى ئىزدىنىش . !!!!!!!!!! بۇنداق يولبىلەن تىجارەتقىلسا ياكى خىزمەت قەلسا ئىشنىمەن چوقۇم بۇدۇنيانىڭلام ئەمەس .ئۇدۇنيانىڭمۇ لەززىتىنى كۆرەلەيدۇ . غەرىبنىڭ پۇخرالىرى مەڭگۇ تۇرمۇشىدىن رازى بولمايدۇ .چۇنكى ئۇلار قورقونۇچ ئىچدە ياشايدۇ . ئۆلۈمنى ھەربىرئويلىغاندا  تەنلىرى تىترەيدۇ .

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-26 03:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [24 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2395
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2604
UID نۇمۇرى : 13600
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 2070
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2070دانە
شۆھرەت: 1295 نۇمۇر
پۇل: 1110 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ئۇيغۇر يىگىت بۇرەدەر!يازمامدىكى قايسى ئىدىيەمنى غەرىپنىڭ ئىدىيىسى بىلەن سۇغۇرۇلغان دەپ قارايسىز؟كۆز قاراشلېرىڭىزنى بىلىپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ.بۇ يەردە ھەدىس ۋە قۇرئان كەرىمدىن مەنمۇ نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۇرەلىشىم مومكىن.قۇرئان كەرىم ۋە تەفسىرى،ئىشەنچىلىك ھەدىسلەر توپلىمىدىن مەندىمۇ بار.مۇنازىرلىشىش روھىڭىزغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن،لىكىن دەلىل-ئىسپات ۋە پاكىت بىلەن مەيدانغا چۇشىشىڭىزگە تەشنامەن.

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-26 18:38 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [25 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uygur-yigiti

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 229
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 22544
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 206
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 753 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

بەزىبىر ئىسلامغا ئائىت گەپلەرنى ئاشكارە يىزىش ۋەزيەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ . مەن باشقا تالاشلارنى قىلمايمەن تۇتىم قىرىندىشىم مەن سىزنىڭ يازمىڭىزنى خاتا دەب يەكۈن چىقارمىدىم پەقەت بەزەن يەرلىرنىڭ كەملىكىنى ھىسقىلىپ  شۇڭا بۇئىنكاسنى يازدىم . 2 قەۋەتتىكى ahi تورداشنىڭ .<<بىزدىمۇ يەھۇدىيلاردەك ئاڭ بولغان بولسا>> 23 قەۋەتتىكى  281151976  تورداشنىڭ << يەھودىلار نىڭ  ئەينى ۋاقتتىكى خولاسنى ئۆزمىزگە تەدبىقلاش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش>> يەنە 18 قەۋەتتىكى تورداشنىڭ ئىنكاسىدىن تورداشلارنىڭ بۇتىمىڭىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغان لىقىدىن ئەنسىردىم شۇنداقلام كىيىن بۇتىما باشقا يۆلنۈشكە بۇرلۇپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتتۇم .

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-27 03:54 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [26 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق owqe
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 881
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 118
UID نۇمۇرى : 9693
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
شۆھرەت: 718 نۇمۇر
پۇل: 2331 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

Quote:
بۇ مەزمون 26 - قەۋەتتىكى uygur-yigiti نىڭ 2007-12-27 03:54 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بەزىبىر ئىسلامغا ئائىت گەپلەرنى ئاشكارە يىزىش ۋەزيەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ . مەن باشقا تالاشلارنى قىلمايمەن تۇتىم قىرىندىشىم مەن سىزنىڭ يازمىڭىزنى خاتا دەب يەكۈن چىقارمىدىم پەقەت بەزەن يەرلىرنىڭ كەملىكىنى ھىسقىلىپ  شۇڭا بۇئىنكاسنى يازدىم . 2 قەۋەتتىكى ahi تورداشنىڭ .<<بىزدىمۇ يەھۇدىيلاردەك ئاڭ بولغان بولسا>> 23 قەۋەتتىكى  281151976   تورداشنىڭ << يەھودىلار نىڭ  ئەينى ۋاقتتىكى خولاسنى ئۆزمىزگە تەدبىقلاش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش>> يەنە 18 قەۋەتتىكى تورداشنىڭ ئىنكاسىدىن تورداشلارنىڭ بۇتىمىڭىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغان لىقىدىن ئەنسىردىم شۇنداقلام كىيىن بۇتىما باشقا يۆلنۈشكە بۇرلۇپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتتۇم .

سىز دائىم بەزى نەرسىلەرنى خاتا ھەزىم قىلىۋالىدىكەنسىز.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-27 05:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [27 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق 2kulkam

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 12
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 87
UID نۇمۇرى : 22990
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-31
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-12

مەنىڭ قارىشىمچە ئاتىلارنىمۇ خىلى مىسىكىنىلىك باستى .مەسىلەن شۇنداق مودا كىيىم كىيگەن
بىر قىز ئۆيىگە كىردى دەيلى ئاتا بولغىچى قىزىغا قاراپ سەل بى نورمال ھىس قىلىپ ،ئانىسى قىزىمىزغا دەپ قويساڭ بىر تۈزگەرەك  ....
ئوھوش  نېمە كىيدۇ .ئۆزى بىلەن تەڭتۇش قىزلارمۇ كىيۋاتسا ھەم بازاردىكى ياش قىزلار كىيمىمۇ مۇشۇنداق تۇرسا قانداق  قىلىدۇ.بولدى ئارلاشمىڭە سىز ئەركىشى بولغاندى  كىيىن...
ئاتا ئۇھ سىنغان ھالدا ئۆزى كۈرۋاتقان تىلىۋۇزرغا قادىلىدۇ.چۈنكى ئايال  كىشىمۇ بىركىشىلىك مائاش ئىلىپ ئۆينىڭ ئىغىرنى كۆتىرۋاتسا.
يۈرگىنىمۇ يولدا  بىلە كىتىۋىتىپ زامانىۋى قىزلارغا ئىشتياق بىلەن قاراۋاتسا .
سەنمۇ  بىر مەتۇ  يۈرمەي تۈزگەرەك كىيىنە.

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-04 04:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [28 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق lakqin

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 533
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 66
UID نۇمۇرى : 23132
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 496
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە496دانە
شۆھرەت: 521 نۇمۇر
پۇل: 1693 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

«تۇتېم» دۇستۇم يازغانلىرىڭىزغا بارىكاللا ، كۆزقاراشلىرىڭىزنى قوللايمەن .

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-11 19:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [29 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-08 08:53
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation