قان ياشلىق تەغدىر (ھىكايە )
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ » قان ياشلىق تەغدىر (ھىكايە )

« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: قان ياشلىق تەغدىر (ھىكايە ) پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 3545 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق mehrigiya
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 565
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 34
UID نۇمۇرى : 8104
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 517
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
پۇل: 1190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

قان ياشلىق تەغدىر (ھىكايە )

بۇ يازما Yeh_Ya تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-01-16)

تومۇز ئايلىرىنىڭ بىركۈنى .ئەتىگەندىن بىرى بەش ماشىنىغا ئەخلەت بېسىپ ھالى قالمىغان سالام قولىدىكى يوغان گۈرجەكنى ئىسكىلاتقا ئەكىرىپ تاشلاپ قويدى-دە،قورسىقىنىڭ ئاچقىنىغا قارىماي ، بىر ئاز ئارام ئېلىش مەخسىتىدە دەم ئېلىش ئۆيىگە كىردى .
بۇنى دەم ئېلىش ئۆيى دېگەندىن كۆرە ، ئەسكى -تۈسكىلەر ئامبىرى دېسە لايىق بولىدۇ. <غىچىر -غىچىر > ياغاچ كارىۋاتتىن تۆتى جۈپلەپ قويۇلغان، توپا ئۆرلەپ تۇرغان ئىككى پارچە كىگىز ئۈستىگە سوزىۋىلىش ، ماشىنىغا توختىماي ئەخلەت ئۇسسىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ كۆزىگە جەننەت ھوزۇرىدەك كۆرۈنۇپ كۈندە نەچچە قېتىم يادىدىن كېچىدۇ.
ھەركۈنى چۈشلۇكى ئەخلەت توشۇغۇچىلار بىردىن ناننى ئېلىپ يەنە مۇشۇ دەم ئېلىش ئۆيىگە يىغىلىدۇ. گۈزەتچى بوۋاي قاينىتىپ قويغان چايغا ناننى ئوبدان چىلاپ غىزالىنىشىدۇ. كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۇپ كىيىم يەڭگۇشلىگىلى يەنە بۇ ئۆيگە يىغىلىدۇ. ئەبجەق ۋىلسىپتلىرىنى مىنىشىپ ئۆيگە قايتىشىدۇ.
بۇ ئىدارىدە ئىشلەۋاتقان ئونغا يېقىن ئەخلەت توشۇش ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۇدەك شەھەرگە يېقىن -يېزىلاردىن كېلىپ ئىشلەيدىغان ئۆي - ئوچاقلىق ۋە ئەمدىلەتتىن بۇرىتىنى خەت تارتقان قول ئىلكىدە يوق يىگىتلەردىن ئىدى. سالام تاماكىسىنى كۈچلۈك -كۈچلۈك شورىغاچ خيال بىلەن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى. نېمىشقىدۇر ئارامسىزلىنىپ زادىلا ئۆيگە قايتقۇسى كەلمىدى. بىراق قايتمىسا بولمايتتى . ئۇ بەش كىلۇمىتىر يولنى بىسىپ چىللىققىدە
تەرگە چۆمۇلگىنىچە قورۇغا كىرىپ كەلدى.
-قايتىپ كەلدىڭمۇ بالام ، كەچ قالدىڭغۇ ؟-سورىدى ئانا ئوغلىنىڭ توپا باسقان، چاچلىرى پاخپايغان ئۈستى-بېشىغا ئىچ ئاغرتىپ قاراپ.
-ھەئە ، جابەر (ئىش قوشۇپ) ئىشلىدۇق .تازىلىق تەكشۈرىدىكەن .
-ئەجەپ تولا تەكشۈرۇشكەن ئۇ ، بەكلا جاپا تارتىۋاتىسەن بالام ، بۇ يىل بىر ئامال قىلىپ، ماشىنىنىڭ پىراۋىسىنى ئېلىۋالغىن ، ماشىنا ھەيدىسەڭ ئەخلەت توشىغاندىن ياخشى ئىدى...
سالام ئاپىسىنىڭ سۆزلىرىگە ئۈندىمەستىن ، يۈز- قولىنى يۇيۇپ، جوزىغا ئولتۇردى.
قورسىقى ئاچقان بولسىمۇ كۆڭلى پەرىشانلىقتا تاماقنى كۆپ يىمىدى.
ھوجرا ئۆيى ئازادە، رەتلىك ئىدى . ئۇ ئادىتى بويىچە كىرىپلا ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى قولىغا ئالدى. ئوغلى ئوماق ، بۇدرۇق قوللىرى بىلەن ئويۇنچۇق تاپانچىسىنى تۇتۇپ تاتلىق كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى شۇ دەم پىژژىدە كۆيگەندەك ھەم ئېچىشقاندەك بولدى. ئۇ ئۆزىنى سۇپىغا تاشلاپ ئوڭدىسىغا ياتتى. كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ئۆتكەن كۆڭۇلسىز ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ ئۇنى قينايتتى.
بىر ئاي ئىلگىرى ، ئۇ ئىشتىن كېلىشىگىلا :
-سەن بىلەن ئاجرىشىمەن ،-دېدى ئايالى ھېچ گەپتىن گەپ يوق چالۋاقاپ .
-نېمە بولدۇڭ ، ئاستىراق گەپ قىل ، ئاپام ئاڭلىسا سەت .....
-سەتنى بىلەمدۇ ، ئۇ جادىگەر ئاناڭ ، كۈن يويى ئىشقا سېلىشنىلا بىلىدۇ شۇ، كۈنۈم كالا سېغىش ، نان يېقىش، بالا بېقىپ ، ئاش ئېتىش ، كەچتە يەنە ئۈستۇڭدىن چۈشكەن مەينەتلرىڭنى يۇيۇش بىلەن ئۆتىدۇ. بىراق مۇئاشىڭ چىققاندا بولسا، سۇنۇق تىيىننىمۇ قالدۇرماي ئاپاڭغا ئەكىرىپ بىرىسەن ، توۋا دېگۇم كېلىدۇ. ئەخلەت باسسىمۇ ھەر ھالدا مۇئاشى بار ئىكەن . قولۇم پۇل كۆرەمدىكىن دەپ تېگىپتىكەنمەن ساڭا ، بولمىسا بىزنىڭ يېزىدىمۇ خېلى ئوبدان دېھقان يىگىتلەر بار ئىدى. شۇلاردىن بىرىگە تەگكەن بولساممۇ بۇنچە خورلۇق تارتماستىم ،-ئايالنىڭ ئاغزى ئېچىلدىمۇ بولدى ، توختىماي سۆزلەيتتى.
سالام ئۇنىڭ بۇنداق ئاچچىق چىقىرىشتىن خىجىل بولۇپ ئۆزىنى باساتتى. ئەمما ئايال تېخىمۇ ئەدەب كىتەتتى.
ئاخىرى سالامنىڭ ئاچچىقى كەلدى.
-نۇرىمان، گېىىڭ بولسا ئوچۇق قىل، بۇنداق ھازازۇللۇق قىلىۋرمە ،
-ئايرىم ئۆي تۇتىمىز ، ئوچۇق گىپىم شۇ، قوشۇلمىساڭ كېتىمەن.
-ئۇنداق دېمە ، ئاپام ياشىنىپ قالدى. يەنە كېلىپ مەن يالغۇز ئوغۇل تۇرسام ....
-يالغۇز ئوغۇلمىش تېخى ، قىز بالا ئەرگە نېمە دەپ تېگىدۇ ؟ئوبدانراق يىگۇزۇپ ، چىرايلىق كىيگۇزۇپ ، كۆڭلى خۇش بولغىدەك ئايرىم ئازادە جاھان بىرەمدىكىن دەپ، بىراق سەنچۇ؟...ئىسىت !
بۇ سۆزلەر سالامنىڭ بەكلا غۇرۇرىغا تەگدى. بىراق ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ، ئايالىغا كۆپ يالۋۇردى. ئايالى گپ يەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. <بىر ھارغانغا گەپ قىلما ، بىر ئاچقانغا >دەپ، سالامنىڭ ئەمدى زادىلا تاقىتى قالمىدى .
ئۇ ئاخىرى خوتونىنى نەچچە شاپىلاق ئۇرىۋەتتى. ئايال ھازازۇللۇق قىلىپ، قورۇنى بېشىغا كيىدى. بىر مەيدان جەڭ باشلىنىپ كەتتى. ئايالىنىڭ خۇي -پەيلى يامان ، گەپلىرى زەھەردەك ئاچچىق بولۇپ، بۇنداق جىدەللەرنىڭ بۇ چوڭ قورۇدا تەكرار -تەكرار يۈز بېرىشى ، ئۇلارنىڭ مەھەللە - كويىدىكى بۇز ئابرويىنى يەر قىلىۋىتىپ باراتتى.
ئانا بولسا ئۆزىنى ئۆزلۇكسىز بۇ ئائىلىدە ئارتۇقچە بىر ئادەمدەك قەدىرسىز، بۇ ئۆيدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان مېھماندەك بىئەپ ھېىس قىلاتتى. كېلىننىڭ ھەر قانچە يولسىزلىقىنى كۆرمەسكە ، ئاڭلىماسلىققا سالاتتى. ئوغلىنى ئاياپ سەۋىر قىلاتتى - يۇ، يالغۇز قالغان چاغلىرىدا بالدۇر كەتكەن قەدىناسىنى ئەسلەپ ھەسرەتلىك ياشلىرىنى تۆكەتتى.
شۇ ئىشتىن كېيىن ئايالى بالىسىنى ئېلىپ يامانلاپ كەتتى. سلام ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇمىدى. ئانا ئېتىزدىن قايتىپ كىرىۋىتىپ دەرۋازا ئالدىدا كېلىنى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئانا ئاغزىنى ئۆمەللەتكىنىچە ، كېلىن بوينىنى شاپتول قېقىپ، مومىسىغا تەلپۈنۇپ تۇرغان بىچارە بالىسىنى سەت سىلكىشلەپ ئېلىپ كەتتى. ئانىنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولۇپ، ئېسىنى يوقاتقاندەك داڭ قېتىپ قالدى. قولياغلىقىغا ئوراپ ئەكىرىگەن شاپتوللىرى يەرگە چۈشۈپ تەرەپ- تەرەپكە تېرىلىپ كەتتى.
ئايال كەتتى . ئانا ئارىغا ئادەم قويدى. بىر چىرايلىق بالىنى يېتىم قىلماسلىقنى ئۆتۈندى. بىراق بۇ قېتىم سالام ئۇنىمىدى.
- بالام ، ئۆيىمىز ، قورۇيىمىز خېلى كەڭرى ، تام سوقۇپ قورۇنى بۆلەيلى . ماڭا بىر ئېغىز ئۆي بولسىلا بولدى. سىلەر ئايرىم ئولتۇرۇڭلار . مۇئاشىڭنى ئۆزەڭلار ئىشلىتىڭلار . ئەسلى بۇرۇنلا شۇنداق قىلساق بولاتتى. بىراق زادى ئۇنىمىدىڭ . سېغىن كالىمىزمۇ بارغۇ؟مەن شۇنىڭ بىلەن يالغۇز جېنىمنى جان ئىتەلەيمەن ....تېزرەك نۇرىماننى ئەكىرىۋالايلى بالام....
سالامنىڭ يۈرىكى بەكلا ئېچىشتى .بىر تەرەپتە چاچلىرىغا روشەن ئاق كىرگەن . يۈزلىرىگە مەزگىلسىز قورۇق چۈشكەن ، تۆت بالىنى يالغۇز جېنى بىلەن بېقىپ قاتارغا قاتقان ھۆرمەتلىك ئانا ، يەنە بىر تەرەپتە چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئوماق پەرزەنتىنى كۆتۇرۇپ تۇرغان ئايالى تۇراتتى. ئۇ ئازاپ ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتقان يۈرىكىنى تەكرار تىڭشىدى. پەقەت - كۆز ئالدىدا مېھرىبان ئانىسىنىڭ دەرت- ئەلەم يىغىپ تۇرغان سىماسىلا گەۋدىلەندى . ئۇ ئەمدى پەقەتلا ئىككىلەنمىدى.
-ئاپا ، بولدى قىلايلى . ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكىدەك يېرىمىز قالمىدى.
-ياق ، ئۇنداق دىمە ، ئۈنىمۇ سەن ياخشى كۆرۆپ ئالغان .
-بولدى ، ئۇنىڭ گېپىنى قىلمىغىن ئاپا ، مەن ئاپامنى ياقتۇرمىغان ئايالنى ياخشى كۆرەلمەيمەن .چۈنكى سەن بولمىساڭ ، مەنمۇ بولمايتتىم .
ئۇ ئانىسىنىڭ ، ئەلە - مەھەللىنىڭ ئالدىدا يۈزى يوروق يۈرۈش ئۈچۇن ، بىر تال ئوغلىنى يىتىم قىلىشقا رازىدەك تۇراتتى.
سالام ئىككى قېتىم ئۆيلەندى . ئاۋۋالقى ئايالى بىلەن ئۈچ يىل ئۆي تۇتتى. بىراق ئايالى تۇغمىدى. سەھرا يېرىدە تۇغماسلقىنى كىشىلەر ئېغىر ئالاتتى. مەھەللە - كويدا سۆز - چۆچەك ، مەسخىرىلىك ھېكايىلەر پەيدا بولاتتى.
بۇ ئىشلار سالامدىن بەكرەك ئايالىنى قېينىدى. . نېمىشقىكىن ، ئۆزى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق كۆڭۇلسىز خۇشلاشقان بولدى. كىيىن دوستلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئىش - پەش تارتىىشىپ يۈرۇپ ، توي قىلىۋالدى. ئەپسۇس بۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ كۆڭۈلسىز بولدى.
بەزىدە سالام ئانىنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەسرەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۇپ يۈرىكى ئەلەمدىن بوغۇلۇپ كېتەتتى. تەڭقىسلىق ، ئۈمىدسىزلىك قۇچىقىدا ئۆرتىنەتتى . ئۆزىنى چەكسىز بىر ئوت قوينىغا تاشلىۋەتكۇسى ، بۇنداق ھەل قىلىش قېيىن بولغان قىيىن ئانا -كېلىن مۇناسىۋىتىدىن ، بولۇپمۇ ھەر ئىككى ئايالنىڭ كۈن بويى بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپ يۈرىدىغان ، سۆرۇن چىرايىدىن قەۋەتلا بىزار بولغانىدى. .
ئۇ تەقدىرگە ئىشىنىپ قالدى. بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ئاداشلىرى ، ساۋاقداشلىرى ئۇنى بوزەك قىلاتتى. قىزلار زاڭلىق قىلىشىپ كۈلەتتى. ئەمىليەتتە ئۇ ئانچىمۇ سەت ئەمەس ئىدى. پاقەت تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقى تۈپەيلى، پوزور ياسىنىپ ، كىىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرەلمەيتتى. تۇرمۇش قاتتىقچىلىقنىڭ ۋەزنى بەكمۇ ئېغىر . ئۇ سېنىڭ قامىتىنىڭنى ، بەھرىمان بولۇشقا تەلتۇكۇس ھەقلىق بولغان ھاياتىنىڭ لەززىتىنى رەھىمسزلىك بىلەن تارتىۋىلىپ ، جىمغۇرلۇقنى ، چۈشكۇنلۇكنى ، كەمستىلىشنى ، يەنچىلىپ - پۈكلىنىپ ، ياشلىق قۇۋۋىتىڭ ، ھاياتى كۈچۈڭنى ئۆزلۇكسىز خورىتىشنى ئايانماي يۈكلەيدۇ، تەغدىم قىلىدۇ. . گۇزەل - ئازرو ئ ارمانلىرىڭنى شەپقەتسىزلەرچە يوققا چىقىرىدۇ. ...
ئۇ تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپتە ئوقوۋاتقاندا دادسى ئالەمدىن ئۆتتى. . ئوقۇشىمۇ شۇ يەردە سۇغا چىلاشتى . ئانا تۆت بالىنى مۇشەققەت ئىچىدە قاتارغا قىتىپ ، ئۆز يولىغا سالدى .
ئۇلار ئېتىزدا بىر ياز دۈم يىتىپ ، دۈم قوپۇپ ئىشلىسىمۇ قولىغا بىر نېمە تەگمەيتتى.
<مەنمۇ ئوغۇل بالىغۇ ، ئىش تېپىپ ئىشلەپ ئانامنى ، ئۇكىلىرىمنى باقاي ، ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئېتىزنىڭ ئىشىنى قىلساقمۇ ، كەچكىچە ئىشلەپ پۇل تاپمايمەنمۇ ؟>
شۇ خىيال بىلەن ئۇ شەھەرگە كىرىپ كۆپ ئايلاندى. بېشى قىيىپ يۇرگەندە تەلىيىگە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئۇچراپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەھەللە ئىش باشقارمىسى تازلىق ئەترىتىىدە ئىشلەۋاتقانلىقنى ئېيتىپ، ئۇنى ئىدارىسىغا باشلاپ باردى.
دۈيجاڭ سالامنى ئىشلىتىپ باقايلى دەپ ئېلىپ قالدى.
مانا ھازىر بۇ باشقارما تازلىق ئەترىتىدىكى ئەڭ كونا ئىشچىلارنىڭ بىرى. ئون يىلدىن بېرى باش چۆكۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كەلگەنلەر بولسۇن نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ، ئورنىنى ئىشسىزلىق ، مۇھتاجلىق تېخىمۇ بەكرەك ئېزىۋاتقان سۇلتاندەك يىگىتلەر ئىگىلىدى.
ھۆكىمەتنىڭمۇ كۆزى بار ئىكەن . ئاخىر ئۇنى رەسمىي توختاملىق ئىشچى قىلىپ قوبۇل قىلدى.

( داۋامى بار )

Atlan
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2007-11-22, 08:15
ئۆلۈم -كىشىگە يېتەرلىك پەندى - نەسىھەتتۇر .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 14:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1791
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3208
UID نۇمۇرى : 14310
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1549
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1549دانە
شۆھرەت: 1271 نۇمۇر
پۇل: 7714 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ھېكايىڭىزنى ياخشى باشلاپسىز ، ھەم نەتىجىلىك ئاياغلىشىغا ئىشىنىمەن .
ھېكايىڭىزنىڭ ئارقىسىنى كۈتىمەن !

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
ئىللەت تۈزەلمىگىچە
مىللەت تۈزەلمەس .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 16:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Suzuk~bulak

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 132
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 167
UID نۇمۇرى : 7297
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
پۇل: 406 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-14

بەلەن ھىكايىكەن داۋامى قاچان يوللىنىدۇ

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 16:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sirajil
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1009
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3990
UID نۇمۇرى : 3889
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 909
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە909دانە
شۆھرەت: 970 نۇمۇر
پۇل: 1949 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىھرىگىياھ،بۇ ھېكايىنى تولىمۇ ئوبدان باشلاپسىز.داۋامىغا ئىنتىزارمىز.

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
تېما كۆرۈپ ئىنكاس يازماي چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ تېلىفونىنىڭ ھاجەتخانىغا چۈشۈپ كېتىشىنى تىلەيمەن.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 16:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1851
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3148
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1712
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1712دانە
شۆھرەت: 1560 نۇمۇر
پۇل: 5361 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ئاپتور ئۆزىڭىزمۇ؟ مەن داۋامىنى ئوقۇپ بولۇپ بىر نىمە دېسەم قانداق؟

QiQan Uyghur Ulinix Tori
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 16:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kasigargizi

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 25
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 75
UID نۇمۇرى : 21248
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 25
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 189 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

بەك ياخشىكەن ،ئاخىرىنى تىزراق يوللىسىڭىز ،بەكلا ئوقۇغۇم كىلىپ كەتتى ،ئاخىرى قانداق بولار ؟.......

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 18:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق hoxqakqak

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 605
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 394
UID نۇمۇرى : 19426
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 598
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە598دانە
شۆھرەت: 493 نۇمۇر
پۇل: 1468 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 5 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ھېكايىڭىزنى ياخشى باشلاپسىز ، ھەم نەتىجىلىك ئاياغلىشىغا ئىشىنىمەن . رەخمەت سىزگە

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 19:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق mehrigiya
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 565
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 34
UID نۇمۇرى : 8104
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 517
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
پۇل: 1190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

(داۋامى )
مانا ھازىر سالام تازلىق ئەترىتىنىڭ غوللۇق ئىشچىسى ، ھەر يىلى ئىلغار تازلىق ئىشچىسى بولۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ.رەھبەرلەرمۇ ، خىزمەتداشلارمۇ ئورتا بوي ، بۇغداي ئۆڭ ، كەڭ پىشانىلىك ، مۇسكۇللىرى بۆرتۆپ چىققان ، مىجەزى ئېغىر - بېسىق بۇ يىگىتنى ياخشى كۆرىدۇ. پەقەت ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى خوتونلا رازى ئەمەس.
كۈنلەر ئۆتىۋەردى . قەھرىتان قىش پۈتۈن جاھاننى ئاق لىباسقا ئورىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ياز ئايلىرىدىكىدىن بىر ئاز يىنىك بولسىمۇ، ھەر كۈنى ئەتىگىنى كونا ماشىنىلارنى قوزغاپ مېڭىش بىر مۇشكۇل ئىش ئىدى. ئەخلەت باسقۇچىمۇ قول -پۈتلىرى توڭلاپ ، ئۇيۇشۇپ كىتەتتى . مېڭ قېتىملاپ تەشۋىق -تەربىيە قىلىنغان بولسىمۇ ، بۆشۆكىدىنلا تەلىم - تەربىيە بىلەن چوڭ بولغان ، ئامما مەنىۋى ئەمگەكلەرنىڭ ئەللەيلىشىدە ، پۇت - قوللىرى ھورونلىشىپ جىسمانىي ئەمگەكنىڭ گۈزەللىكى ، قەدىر - قىممىتى ، تونوشى ، يېزا -سەھرالاردىكى شۇنچە كۆپ غەلدە - غەشلەر ئارىسىدىمۇ ، ئائىلە ، ھويلا - ئاراملىرىنى چىنىدەك پارقىتىۋىتىدىغان بوۋاي - مومايلىرىمىزنىڭكىدىن بەسى تۆۋەن ئىدى. ...
ئەنە سالام ئەخلىتىنى بىر كۈن كەچكىچە توشۇپمۇ ، تازىلىتىپمۇ تۈگىتەلمەيدىغان ئىگىز بىنالاردا ئولتورىدىغان بۇ شەھەردىكى ئەڭ نوچى كاتتا باشلاردۇر . تېخى نەمۇنىچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر .....ئەجىبا كۆپ - كۆك چىملىقلاردا ، دەل -دەرەخلەرنىڭ ئۇچىلىرىدا ، ئېلىكتىر سىملىرىدا لەپەڭلشىپ ، سولياۋ خالتىلاردىن چېچىلىپ تۇرغان نەرسىلەر غەلدە - غەشلا ئەمەس ....سىز بۇ ھەقتە ئوبدان پىكىر - تەلەپلەرنى باستۇرۇپ ئاھالە - كومىتىت خادىملىرىنىڭ ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۆپ تۇرىسىز . بىراق كىشىلەر ئۆز ئېڭىدا :<مەن تازلىق پۇلى تۆلەۋاتىمەن ، مەن تاشلىسام بەرىبىر باشقىلار تاشلاۋىرىدۇ. ..>دېگەن ئويلاردا بولىشىدۇ.
سالام زەردە بىلەن جوتونى مۇزغا كۈچەپ ئۇراتتى . مۇز پارچىلىرى يۈزلىرىگە چاچراپ ، سېسىق يۈندا بولۇپ ئاقاتتى. ...
بىر چاغدا جوتونىڭ ؛ئۇچىغا بىر نەرسە ئىلىنىپ چىقتى . سەپسىلىپ قارىۋىدى . يوغان بىر قارا مۇشۇكنىڭ چىرىپ كەتكەن ئۆلۇكى بولۇپ، جوتۇ ئۇنىڭ قورسىقىنى چۇۋۇۋەتكەن ئىدى....
بۇنداق ئىشلار ئەخلەتچى بالىلارغا پات -پات ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزى ئىنسان قىلىپىدىن چىققانلار يېڭىلا تۇغۇلغان قىز بۇۋاقنى چاناپ ، سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىدۇ . بۇ ئىشلاردىن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقى ، قانداق ئويلارغا كەلگەنلىكىنى بىرسىگە سۆزلەپ تۈگىتىپ بولغىلى بولامدۇ . توغرىسى ئۇلار بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا دەرقەمدە سۆزلەپ ئولتوروشنىمۇ خالىمايدۇ.
باھار كەلدى . ئۇ ئۆز رەنالىقى بىلەن كۆڭۆللەرگە شادىيانىلىق ، تەبىئەتكە ناۋا ئاتا قىلماقتا ئىدى.
ياشلىق قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان سالام ئۆز تەۋەسىدىكى قېزىلكۆرۇك ئاھالە كومىتىتىنىڭ ئەخلەتخانىسىغا باردى. ئەخلەت مەيدانىنى پاكىز تازىلاپ ، ئەخلەتلەرنى قورودىن چىقارماسلىق ھەققىدە كۆپ تەشۋىقات يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ بۇ جايدا يەنىلا ئەگىز ئايلىرىدىكى پاتقاقچىلىق ۋە مەينەتچىلىكلەر تۈپەيلى پۇت - قويغىدەك پاكىز يەر تېپىلمايتتى .
سالام چۈشكىچە بۇ يەردە ئەخلەت باستى . بەللىرى ، قوللىرى تالدى. چارچىدى. قايتاشىدا ئۇسسۇزلۇق ئېچىۋىلىش ئۈچۈن ئاھالە كومىتىتىغا كىرىدى . ئىشخانا ئاددى ئەمما رەتلىك ، پاكىز ئىدى.
ئىشخانىغا ئىككى خىزمەت ئۈستىلى ، ئىشكاپ ، كىتاپ جازىسى ، بىر يۈرۈش كىرسلو ، گېزىت تاختىسى قاتارلىقلار قويۇلغان بولۇپ تاملارغا تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ، تەقدىرنامىلەر، لەۋھە ۋە ھۆكىمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇش جەدىۋىلى قاتارلىقلار چاپلانغان ئىدى.
ئاھالە كومىتىت مۇدىرى ۋە كاتىپى ياش ئاياللار بولۇپ، سالامنى كۆرۈپ ، ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ۋە ئۇسسۇزلۇق قۇيۇپ بەردى. شۇ ئەسنادا 21-22ياشلار چامىسىدىكى ئوماققىنە بىر قىز كىرىپ كەلدى . قىزنىڭ قولىدا بىر دەستە كىتاب تۇراتتى.
-گۈلنىھالدە ،-دېدى قىز كۈلۇمسىرەپ ،-تۈنۈگۇن مەدەنىيەت ئۆيۇڭلارغا كىتاب ئىئانە قىلىشنى تەشۋىق قىلغان ئىدىڭلار . سىلەر كەتكەندىن كىيىن ئۆزەمنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يىغقان بىر قىسىم ياخشى كىتابلىرىمنى ئىئانە قىلىشنى توغرا تاپتىم . ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلارسىلەر ....
-رەھمەت سىڭىلم ، بەك ياخشى قىلدىڭىز ....
ئاھالە كومېتىت مۇدىرى ۋە باشقىلارمۇ ھاياجانلاندى .قىز كۈلۇمسىرەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. بىراق قىزنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا ئالاھىدە ھۆسىن قوشۇپ تۇرغان چولپان كۆزلىرى ، يەلكىسىدە يىيىلىپ تۇرغان قاپقارا چاچلىرى ، بولۇپمۇ ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز تەبەسسۇمى سالامنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ قالدى.
مەن كىم، ئۇ كىم ؟ ئۇ - تىخى بىر ئېچىلمىغان غۇنچە . بىراق ئۇنىڭدا يەنىلا ئۆزىگە بويسۇنمىغان ھالدا ئۆزگۇرۇش يۈز بېرىۋەردى . ساقال -بۇرۇتىنى بۇرۇنقىدىن پاكىز ئېلىپ ، رەتلىك يۈرىدىغان ، ھېچكىم ئەخلىتىنى ئېلىشنى خالىمايدىغان بۇ كوچىلارغا ئۆزى تەلەپ قىلىپ كېلىدىغان ، بۇ كوچىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ گۈزەل ناخشىلىرى بىلەن كۈيلەيدىغان بولۇپ قالدى. نېمىشقىدۇر شۇ سىرلىق تەبەسسۇمنى كۆرۆش ئۈچۈن ئاھالە كومىتىتى ئىشخانىسىغا كۆپ كىرىدىغان بولدى.
قىز بۇ قتېىم باشقا جايدا يەنى ئەخلەت بېسىۋاتقان مەيداندا ئۇچراپ قالدى. قىز بىر قۇچاق پاخالنى كۆتۇرۇپ ماشىنىغا تاشلىدى. سالام قىزغا كۈلۇمسىرەپ قارىدى . قىزمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن كۈلۈپ قويدى. بۇ قاراش ۋە كۈلكىلەر شۇ قەدەر تەبىئى ۋە يېقىملىق ئىدىكى خۇددى ئۆز ئاكىسىدىن قېرىندىشىدىن زوقلىنىۋاتقاندەك مۇھەببەت تېمىپ تۇراتتى . سالام سەل جۈرئەتلىنىپ سورىدى.
- سىڭلىم ، ئۆيۇڭلار مۇشۇ ئەتراپتىمۇ ؟
- ھەئە ، ئاۋۇ قىزىل دەرۋازىلىق ھويلا .
قىز ئەخلەت مەيدانىدىن يۈز مېتىرچە يىراقتىكى كىچىك بىر دەرۋازىنى كۆرسەتتى . سالام دەم ئىلىش بانىسىدا قىز بىلەن خېلى پاراڭلىشىۋالدى.
-ئىسمىڭىز نېمىكىن ؟
- مېھرىگۇل ، ئۆزىڭىزنىڭچۇ ؟
- ئابدۇسالام ، بىراق خەقلەر سالام دەپ چاقىرىدۇ .
قىز كۈلدى .
-مەن سىزنى قانداق ئاتىسام بولار ؟
-سالام دەۋىرىڭ . ئۆزەممۇ كۆنۈپ قاپتىمەن .
- سالامكا ، ئىشڭىز جاپالىقكەن . ئەگەر بۇ يەرگىمۇ چوڭ كوچىلاردەك يوغان ئەخلەت تۇڭلىرىنى قويىۋەتكەن بولسا ، ئەخلەت توشۇش ئىشلىرىمۇ ماشىنلىشىپ كەتكەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى -ھە ؟
- ئۇغۇ شۇنداق بولاتتى ، بىراق بىزدەك قارا قورساقلار ئىشسىز قالىدىغان گەپ -تە ،
- قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز ئاكا ، مېنىڭچە سىزدەك بېجىرىم ئادەملەر باشقا ئىشلارنىمۇ قىلالايدۇ .
-رەھمەت ، مېھرىگۇل . شۈنچىلىك دەپ كۆڭلۇمنى كۆتۇرۇپ قويدىڭىز .
سالامكا ، سىز ئوقۇغانمۇ ؟
- تولۇقسىز ئوتتورىدا توختاپ قالغان .....سىزچۇ ؟
-مەن تولۇق ئوتتورىنى پۈتتۈرۇپ ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم . مانا ئۈچ يىل بولاي دېدى . ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىپ بىكار يۈرىمەن .....
سالام ھەر قېتىم ئەخلەت باسقىلى كەلگەندە قىزنىڭ يولىغا تەلمۈرەتتى . ئۇزۇن ئۆتمەي قىزمۇ سالامنىڭ ئەخلەت ماشىنىسى ئەتراپىدا پەيدا بولاتتى . سالامنىڭ قەلبى ھاياجان ۋە تەرەپبال ھودوقۇشتىن لەرزىگە كېلەتتى . بىراق ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرى يەنىلا شۇنچىلىك راۋان ، كۈلكە - چاقچاقلىرى يەنىلا شۇنچىلىك ئەركىن ۋە شادىيانە ئىدى.
ئاجايىپ كامالەت ۋە سۆيگۇ سېھرىگە تولغان كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ سۆھبىتى تولىمۇ نازۇك ۋە يۈكسەك پەللىگە چىقتى .
-مېھرىگۇل بىر ئىشنى سورىسام رەنجىپ قالماسسىز -ھە !
-ياق ، سوراۋىرىڭ ،-دېدى قىز پەرۋاسىز كۈلۈپ ،
-يۈرگەن يېگىتىڭىز يوقتو - ھە ؟
قىز بىردىنلا ھۆپپىدە قىزىرىپ ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ خېلىدىن كېيىن تەمكىن ھالدا جاۋاب بەردى.
- بۇرۇن بار ئىدى، ھازىر يوق .
سالام بىردىنلا قىزنىڭ يىگىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى پەملىدى . نېمىشقىدۇر قەلبىنى زەھەرخەندە خۇشلۇق لەرزىگە سالدى.
-مېھرىگۇل ،ئىككىمىز ئارىلىشىپ ئۆتسەك قانداق ؟
بۇ سۆز قىزغا تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك قىزىقارلىق تۇيۇلدى. قىز پىخىلداپ كۈلدى. كېيىن چاڭىلداپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى . سالام خىجىل بولۇپ، قاياققا قارىۋىلىشىنى بىلمەي ، قىزغا چەكچىيىپلا تۇرۇپ قالدى. بىراق قىزنىڭ بۇ شوخ كۈلكىسىگە بىر تۈرلۈك ئىلاجسىزلىق ۋە چىنلىقنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى سېزەلىدى.
-قىزىق جۇمۇ سىز سالامكا ، نەچچە ئۆيلەنگەن تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىڭىزنى . تولا چاقچاق قىلماڭە .
ئەمما بۇ سۆزلەر سالامنى خىجىللىقتىن ئازات قىلدى. ناۋادا قىز ئۇنىڭغا <ۋىيەي نىمە دەيدىغانسىز ؟مەن ئەمدى ئەخلەتچى بىلەن توي قىلىمەنمۇ ؟>دېگەن بولسا ، ئۇ راستىنلا ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي كىتىپ قالغان بولاتتى .
-چاقچاق قىلمىدىم مېھرىگۇل ،-دېدى سالام ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ھەم دۇدۇقلىغان ھەم كەسكىن ھالەتتە ،-سىزگە كۆڭلۇمدىكى گەپنى قىلىۋاتىمەن .
قىز ئۈندىمىدى .شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداق ھېس تۇيغۇلارنىڭ ئويغۇنۇپ ، قانداق ئىچكى توقونۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى پەملىمەك قېيىن ئىدى. بەلكى بۇرۇنقى تەجرىبە - ساۋاقلار يادىدىن كەچكەندۇ ....
سالامكا ،-دېدى قىز يەنە بىر كۈنى سالامنىڭ ئىلتىجالىق سۆزلىرىگە ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ، -ئەمدى بۇ ھەقتە سۆزلىمىسىڭىز ، بالىڭىز بارئىكەن . ئەڭ ياخشىسى ئايالىڭىز بىلەن يارىشىۋالغىنىڭىز تۈزۈك .
مېھرىگۇل ، مەن ئۆزەمنى چاغلىمايۋاتقانلىقىم ئېنىق . شۇنداقتىمۇ گېپىمگە بىر قۇلاق سالسىڭىز . سىزگە مۇشۇ كۈنلەرگىچە كۆرگەن كۈنلىرىم - تۇرمۇشۇم ھەققىدە سۆزلەپ بەرگۇم بار ئىدى. خالىسىڭىز ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن بىر نېمە دېسىڭىزمۇ بولىدۇ .ئىشقىلىپ نىكاھ بىلەن مۇھەببەت باشقا - باشقا گەپكەن ....
بەلكىم شۇ كۈنى سالامنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئەڭ كۆپ سۆزلىگەن ، تاساددىپى ھاياجانلانغان ، دەردى ، بارلىق ئازابلىرىنى ئېيتىپ بۆلەكچىلا يەڭگىللەپ قالغان ، ئۆزىنىڭ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان كۈنى بولسا كېرەك .
ئۇ ئايالى ئۈستىدىن ئارتوقچە دادلىمىدى . ئۇلارغا كۆپ گۇناھمۇ يۈكلىمىدى . پەقەت ھەممىنى پىشانىسىدىن كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتتى .
ئۇ بېشىنى كۆتۇرۇپ قىزنىڭ چولپاندەك كۆزلىرىدە شەبنەمدەك يالتىرىغان ياش تامچىسىنى كۆردى. قىزنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىدكىدىنمۇ بەكرەك باغرى يۇمشاقلىقىنى تونۇپ يېتىپ :«بۇ قىز ماڭا تاسادىبى ماقۇل دىگەن ھالەتتىمۇ ، مەندەك بىر ئەخلەتچىگە زايە كېتىدىكەن . بولدى سىڭگەن نېنىمنى يەي » دەپ ئويلىدى ھەم لاسسىدە بولۇپ قالدى .قەلبىنى ئېيتقۇسىز ئازاپ ۋە ئۆكۈنۈش تۇيغۇلىرى بۇرۇختۇرما قىلدى .
( داۋامى بار )

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
ئۆلۈم -كىشىگە يېتەرلىك پەندى - نەسىھەتتۇر .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 19:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق mehrigiya
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 565
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 34
UID نۇمۇرى : 8104
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 517
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
پۇل: 1190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

(داۋامى )
پەقەت قەلبىنىڭ ئىچىكىرىسىدە زادىلا ئۆچمەيۋاتقان بىر تال چوغنىڭ تەپتى بىلەن قىزغا ئاخىرقى قېتىم ئىلتىجالىق تەلمۇردى:
-مېھرىگۇل ، بىز توي قىلساق ، سىزنى ھەرگىز رەنجتىمەسلىككە ۋەدە بىرىمەن . چوقۇم بەختىلىك قىلىمەن. ...
قىز ئوڭايسىزلىنىپ يەرگە قارىدى . كېيىن ئېيتقۇسىز ئىلاجلىق ئىلكىدە شېۋىرلاشقا باشلىدى.
-سالامكا ، راستىمنى ئېيتىسام مېنىڭ توي قىلغۇم يوق .....
بىز تۆت قىز ، ئىككى ھەدەم ، بىر سىڭلىم بار. دادام كېسەلچان . ئازغىنە پىنسىيە پۇلى ئالىدۇ . ئەمما ئاپام بەك تىرىشچان . ئۆزى ئۇستا ماشىنىچى . شۇڭا بىز تۆت بالىنى چىرايلىق قاتارغا قاتتى . ئىككى ھەدەممۇ ياخشى ئوقۇپ خىزمەتكە چىقتى ....بىراق ، ئۇلار ئىشقا ئورونلىشىپلا توي قىلىشقا ئالدىرىدى . ئۆزلىرى مۇھەببەتلەشكەن ، ياخشى كۆرگەن يىگىتلىرىگە تەگدى . بىراق ، ئەرلىرىچۇ ؟ ئۇلارنى قەدىرلىمىدى. بەلكى ھەدىلىرىمنىڭ ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن ئوبدان پايدىلاندى ....ئۆيلىرىگە بېرىپ قالسام بەكمۇ ئىچىم سىقىلىدۇ .كەتكىچە ئالدىراپ كېتىمەن . ئائىلىدە ھەدەم خۇددى ئېرىنى كۈتۈشكىلا يارالغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇيرۇقۋازلىقى، كەچلىرى ئۆيگە قايتمايدىغىنىچۇ تېخى ؟....ھەدىلىرىمگە بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ . ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانامنى ئاياپ ئۈن - تۈنسىز يۈرۈشلىرىنى ئەمما ئېغىر تېنىشلىرىنى ، كۆزلىرىدە ئەكس ئەتكەن ھارغىنلىق ، چارىسىزلىق ، بەختسىزلىك ئىزنالىرىنى كۆرۇپ يۈرىكىم پىچاق بىلەن پىچاق تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتىدۇ. تېخى ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ئوخشاپ كەتكىنىچۇ ؟....
قىز بىردىنلا ئېسەدەپ يىغلىۋەتتى . كېيىن سۆزلىرىدىن خۇلاسە چىقارغاندەك دادلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-سالامكا ، كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي ...ماڭا ئەرلەر بەكمۇ كۆرەڭ ، رەھىمسىز ، شەخسىيەتچى كۆرىنىدىغۇ -تاڭ ؟سىزدىن يوشورمايمەن :تولۇق ئوتتورا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقوۋاتقان چاغلاردا بىر ساۋاقدىشىمنى ياخشى كۆرەتتىم . كېيىن ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى سېزىپ قالدىمۇ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي ئارىلىشىپلا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم .چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى بىلگەچكە ، نېمە دىسەم گېپىمدىن چىقمايدۇ . دەپ ئويلاپتۇ . بۇنداق ئادەم بىلەن ئارىلىشىش بەكمۇ ئازابلىق بولىدىكەن . ئۇنى رەنجىتىپ قويارمەنمۇ ؟ئۇ مېنى تاشلاپ كېتەرمۇ ؟دەپ بىسەرەمجانلىق ، تەشۋىشتە يۈرىدىكەن كىشى ...
كېيىن ئۇنىڭ ھەددىدىن ئاشقان يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلماي بولمىدى. ....كاللامنى سەگەك تۈتۇپ ئۇنىڭدىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتتىم . بىراق قەلبىمدە ئۆچمەس جاراھەت قالدى. ئەمما شۇ چاغدا ئايرىلىپ كەتكىنىم ئۇنىڭ ھەممە يولسىزلىقلىرىغا ھەدەپ بىر ئۆمۈر ياشىغاندىن تامامەن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئەمدىلىكتە چوڭقۇر ھېس قىلدىم . چۈنكى ....
قىز سۆزىنىڭ ئاخىرىنى قىلالماي ، بېشىنى كۆتۆرۇپ يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى. مەيىن شامال ئۇنىڭ يۇمران مايسىدەك قويۇق ، يۇمشاق چاچلىرىنى لەرزان يەلپۇيتتى.سۇس گىرىم قىلغان تەبىئىي ، سۈزۇك يۈزلىرىنى لەززەتلىك سۆيۇپ ئۆتەتتى. چوڭ - چوڭ كۆزلىرىدىن ئېيتىقۇسىز گۈزەللىك چاقناپ تۇراتتى. ئىلپتەك قاڭشىرى ، سەل قېلىن ، تولىمۇ تارتىمىلىق لالە لەۋلىرىدىن ياشلىق جىلۋىسى ئەكس ئېتەتتى. ...
گەرچە مېھرىگۇلنىڭ سۆزلىرى سالامنى ئۈمىدسىزلەندۇرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى جەزبىدار تۇرقى ، سالامنىڭ قەلبىدىكى خۇپىيانە ئىشىق ئوتلىرىنى يەنىلا يالقۇنجىتىپ ، دىلىغا پەقەتلا ئارام بەرمەيتتى. قەلبى توختىماي :<مېھرىگۇل ، مەيلى سىز نېمىلا دېمەڭ ، سىزنى ئەمرىمگە ئالماي قويمايمەن ،>دەپ سۆزلەپ تۇراتتى.
ئۇلارنىڭ بۇ قەدەر دەتالاشلىرى قىش كىرىپ ، تا باش باھار يېتىپ كەلگىچە داۋاملاشتى .ئۇ (سالام ) ئاخىرى دېگىنىنى قىلىپ ، قىزنىڭ ئۆيىگە ئارقا - ئارقىدىن بەش قېتىم ئەلچى كىرگۈزدى . قىزنىڭ ئاتا -ئانىسى بۇ ئىشنى قىزىنىڭ ئىختىيارىغا قويدى .ئاخىرى ھەقىقىي جاۋابنى يەنىلا مېھرىگۇل بەردى.
-سالامكا ،سىز مەڭگۇ مېنىلا سۆيۈشكە ، قەدىرلەشكە ۋەدە بېرەلەمسىز ....
-نېمىشقا ۋەدە بىرەلمىگۇدەكمەن ،-سالام ھاياجانلىنىپ مېھرىگۇلنىڭ سۆزلىرىنى تارتىۋالدى،-سىزگە خىيانەت قىلغىنىم ، بىزنى ياراتقان تەڭرىمىزگە خىيانەت قىلغانلىق بولۇپ كەتمەمدۇ؟
-بولدى ئاكا ، قەسەم ئىچمەڭ .
ھايات سالام ئۇچۇن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە گۈزەل تۇيۇلدى. قىز ئۇنىڭ ئىسسىق قۇچىقىدا ئىللىق ، تاتلىق سىزىمگە چۆمۈپ ، شەلپەردەك قىزىرىپ شېرىن ھېسلارغا تولدى.
تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۇلار ئاخىرى توي قىلىشقا مۇيەسسەر بولدى. ..
سالام ھالال مېھنىتى بىلەن ئانىسىنى ھەم يارىنى خۇش قىلىشنى ئىستەيتتى. قىز بولسا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك كۆيۇمچان ، پاكىز ، چىۋەر ئىدى. ئۆزى شەھەردە ئۆسكەن تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ، ئائىلىۋى مۇھىتقا سىڭىپ كەتتى. ئەسلىدە نۇرىمانمۇ چىۋەرلىكتە مېھرىگۇلدىن قېلىشمايتتى. ئەمما پەرقى شۇكى مىننەتلىك ئىش قىلاتتى. ئېغىزى يۈگۇرۇك ئىدى . مېھرىگۇل ئوچوق - يوروق سىپايە ئىدى. ھەرقاچان قولى ئىشتا ، ئېغىزى ناخشىدا بولۇپ تۇرمۇشقا بولغان ھېسياتى قايناپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە ، ئانىمۇ بۇنىڭدىن قەۋەتلا رازى ئىدى . پەقەت مېھرىگۇلنى ئاسرىغۇسى ، پەپىلگۇسى كېلىپلا تۇراتتى.
-مېھرى ، ئۆيدە زېرىكىپ قلىۋاتمايدىغانسەن -ھە!،-سورايتتى سالام كەچلىرى ماشىنىدا ئولتۇرپ ئۇنى - بۇنى تىكىۋاتقان ئايالىنىڭ تىنىمسىز ، تېتىك ھالىتىدىن زوقلۇنۇپ ،
-نېمىشقا زېرىكىمەن سالام ،-دەيتتى مېھرىگۇل كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى كۆڭۇللۇك تاراقشىتىپ ، -كۈندۇزلىرى ئاپام بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتورىمىز . ئاپام ماڭا بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ، تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. يۈرىكىم شۇنچىلىك ئېزىلىپ كەتتى. ...ئاپام يېزا ئايالى بولغان بىلەن ئوڭلۇق ، دىتى بار ئايال ئىكەن . ...يەنە ئانچە - مۇنچە ئىش تىكىمەن . قولۇم - قوشنىلار ماشىنچىكەنسىز دېيىشىپ ، ئىش بۇيرۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ. بازاردىكىدىن ئەرزان تىكىپ بەرسەم خۇش بولۇپ كېتىدىكەن ...كەچكە يېقىن سىزنىڭ كېلىشىڭىزگە ئۈلگۇرتۇپ تاماق ئېتىمەن شۇ .
ئايالىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سالامنىڭ يۈرىكىگە يىغا ياماشتى . ئاللانىڭ ئۆزىگە شۇنداق پاك ، ياخشى ئايال ئاتا قىلغىنىدىن ھېساپسىز رازىمەنلىككە تولاتتى....
قىز سالامغا ، ئانىغا كۆيەتتى . تاماققىمۇ ئۇستا ئىدى. گۈل ئۆستۇرۇشكىمۇ ، ئوسما قويۇشقا، ناخشا ئېيتىشقا ئىشقى بار ئىدى. ئورما ۋاقتىدا ئېتىزغا چىقىۋالاتتى. . بۇغداي ئورۇپ باقمىغان تۇرۇقلۇق ئورويمەن دەپ تۇرىۋالاتتى. سالام ئۇنىڭغا كايىتتى.
-مېھرى ، سەن ئورىما ، قولۇڭنى كېسىۋالىسەن .
-ياق ، بۇ ئادەم قىلالمايدىغان ئىش ئەمەس
-ئۇغۇ راسىت ....توغرا مەن بەك ئۇسساپ كەتتىم ، چاي ئەكىلىپ بەرگىنە .
مىھرىگۇل دەرھال سوغۇق چاي ئەكىلىپ ئۇنىڭغا سۇناتتى . سالام ئۇنىڭ چاي ئۇزاتقان قولىنى ئەپچىللىك بىلەن تۇتىۋىلىپ :<ئەمدى گەپ ئاڭلامسەن ،-يوق؟بولمىسا قولۇڭنى قايرىۋىتىمەن >دەپ ئوينىشىشقا باشلايتتى . قىز ئەتراپقا ئەلەڭ - سەلەڭ قاراپ ، دەرھال قولىنى تارتىۋالاتتى.
سالام بۇغداينى تېز، تەكشى ئورويتتى . قىز سايىدا ئۇنىڭغا زوقلىنىپ قاراپ ئولتوراتتى.
توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى مېھرىگۇل ھامىلدار بولدى. باھار ئاپتىپىدەك نۇرانە چېھرىدە ئانىلارغا خاس بەخىت ۋە يۈكسەكلىك پارلىدى.
سالام قىزنى بىر مىنۇتمۇ خىيالىدىن چىقارمايتتى . ئۇزۇندىن - ئۇزۇن تولىمۇ كۆڭۇللۇك پىلانلارنى كۆڭلىدىن تەكرا - تەكرار ئۆتكۇزۇۋەتتى . ھەر دائىم قانداق قىلىپ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنىلا ئويلايتتى . خىزمەتتىنمۇ بۇرۇنقىدىن جىق ئاكتىپ بولۇپ كەتكەنىدى،
كۈنلەر جىددى ئەمما قىزغىن ئۆتمەكتە
مېھرىگۇلنىڭ يەڭگىشىگە يەنە بىر ئايچە ۋاقىت قالدى.
- قىزىم ، ھاردۇق چېيىنى تېزرەك قىلىۋىتەيلى . قايسى كۈنىكى سالام چايدا ئاپىڭىز سىزنى تىلەپ ئېلىپ كېتىشىنى ئيېيقانىدى،- دېدى ئانا تەييارلىق قىلىشقا ئالدىراپ ،
- تېخى بالدۇرغۇ ئاپا ، يەنە قىلىدىغان بىر مۇنچە ئىشلىرىم بار .
مېھرىگۇل ئاپىسىنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۆيلەرنى ، ھويلا - ئارامنى پاكىزە تازىلاپ ئاقارتىپ چىقتى . يوتقان - كۆرپىلەرنى تىكتى .
ئانا ھەدېسە مېھرىگۇلدىن ئەندىشە قىلىپلا يۈرەتتى :- بالام ، ئەجەپ تازىلاپ كەتتىڭىزا ، ئۆينىڭ ئىشى دېگەن تۈگىمەيدۇ . بالا قوزغىلىپ كەتمىسۇن .
ئانىنىڭ ئاۋازىدا يېلىنىشمۇ ، ئۆتۇنۇشىمۇ بار ئىدى.
مېھرىگۇل كۈلۇپ قويۇپ ئۇندىمىدى. ئەمما ئەنسىرىگەن ئىش كېچىسى يۈز بەردى . قىزنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز ئاغرىپ كەتتى . قىز خېلى بىر كەمگىچە چىداپ ئۈنىنى چىقارماي يېتىۋەردى . ئاغرىق - كۈچىيىشكە باشلىدى. قىز چىدىماي ئۇياق - بۇياق ئۆرۇلۇپ ياتالمىدى . - مېھرى ، بىئارام بولىۋاتقان ئوخشايسەن -ھە ، جۈر ، ھازىرلا دوختورغا ئاپىرايلى .
- بولدىلا ، ھېلىغىچە ئوڭشۇلۇپ قالارمەن .
- ياق ، ئۇنداق سۇ س قارىما ، تۇغۇت دىگەن ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس .
- ئەجەپ تۇغۇپ باققاندەك گەپ قىلىسىزغۇ ؟....
قىز شۇ ھالەتتە يېتىپمۇ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىۋاتاتتى . سالام ئىختىيارسىز كۈلدى. بىراق جىدىيلىك بېسقمىدى.
-مېھرى ، بول تېز ، ئاپامنى چاقىرايلى ...
سالام ئايالىنىڭ توسقىنىغا قارىماي ، چىقىپ ئاپىسىنى ئويغاتتى .
-مەن دېمىدىممۇ قىزىم . مانا ئەمدى بالا قوزغىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ . مەن ھازىر جەننەتبۇۋىنى چاقىراي . تەكشۇرۇپ باقسۇن .
ئانا چىقىپ كېتىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي تۇغۇت ئانىسىنى باشلاپ كىردى،
سالام سىرىتتا تىت - تىت بولغىنىچە ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭاتتى . ئۇ بەكمۇ ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتى . سەلدىن كېيىن جەننەت ھەدە ئالدىراپ چىقىپ كەلدى.
ئۇكام تېز بول ، ماشىنا تاپ ، شەھەرگە ئەكىرىڭلار . سالام نېمېنىدۇر سورىماقچى بولىۋىدى . ئانا ئۇنى ئالدىرىتىپ ماڭغۇزدى . سالام چوڭ يولغا چىقىپ ، ماشىنا ئىزدىدى. ئېسىت شەھەر كوچىلىرى بولسا كېچە - كۈندۇز تاكسى ئۈزۇلمەي ئۆتۇپ تۇراتتى.
يولنىڭ يىراقلىقىدىن كۆرە كاتاڭ ۋە ئەسكىلىك تۈپەيلى كۈندۇزلىرى ئانچە - مۇنچە ئۆتۇپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ مەھەللىلەرگە كېچىسى تاكسى يولىمايتتى .
ئاخىرى سالام ئۇدۇل خوشنىسى قۇناخۇن ئاكىنى ئويغۇتۇپ ئۆزلىرىنى خادىك ھارۋىسىدا شەھەرگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۇندى.
- مەن ئاپىرىپ قويسامغۇ ياخشى بولاتتى ئۇكام . بىراق نەچچە كۈن بولدى. چورتلا مىجەزىم يوق . كىرامۇ قىلمىدىم . شۇڭا خاپا بولما . ئەنە خادىك تۇرۇپتۇ . ئۆزەڭ ئاپىرالارسەنمۇ ؟
-رەخمەت ئاكا ، خادىكنى بېرىپ تۇرغىنىڭىزنىڭ ئۆزى چوڭ ياردەم بولدى. ئۆزەم ئاپىرالايمەن .
سالام ئاپىسى بىلەن بىللە مېھرىگۇلنى مىڭ بالالىقتا ھارۋىغا جايلاشتۇردى.
(داۋامى بار )

QiQan Uyghur Ulinix Tori
ئۆلۈم -كىشىگە يېتەرلىك پەندى - نەسىھەتتۇر .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 19:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق mehrigiya
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 565
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 34
UID نۇمۇرى : 8104
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 517
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
پۇل: 1190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

( داۋامى )
شاش ئات باشقۇرۇشقا بوي سۇنماي تاراقشتىىپ كېتىۋاتاتتى.
سالام قىزنىڭ ھەربىر تولغىقى تۇتقاندا يۈرىكى چايان چاققاندەك قىينىلاتتى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە دوختورخانىغا يېتىپ بېرىشنى توختىماي تىلەيتتى.
مېھرىگۇل بارا- بارا ھالسىراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۇپ ، ئاغرىق دەستىدىن بوش ، ئەمما ئۇزۇندىن - ئۇزۇن ئڭرايتتى. پىشانىسىدىن ، چېكە چاچلىرىدىن توختىماي تەر قۇيۇلاتتى. لەۋلىرىنى چىشلەپ قانىتىۋەتكەن ئىدى.
تۈن يىرىمدا بەش كېلومىتىرلىق يول. ئۇلار ئۈچۇن 500كىلومىتىردىنمۇ ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى . سالام ئۆزىنى شۇ چاغ توىمۇ يارىماس ھېس قىلىپ چەكسىز ئازاپلاندى .
قىز ئاچچىق چىرقىراپ جىمىپ قالدى.
سالام ھودۇققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمىدى.
<بالا تۇغۇلۇپ كەتكەنمدۇ -ھە ! قانداق قىلارمەن ؟ئۇلۇغ خۇدا ! .... ئاپام بىللە باراي دەپ شۇنچە يالۋۇرسا نېمشقا ئۇنىمغاندىمەن !
-مېھىرى ، نېمە بولدۇڭ ، كۆزۇڭنى تېزرەك ئاچساڭچۇ ؟مېنى قورقاتمىغىن جېنىم ...
قىزدىن جاۋاب كەلمىدى. ئەتراپتا كېچە جىمجتىلىقى دەھشەتلىك ھۆكۇم سۈرەتتى .
ئۇ قىزنىڭ كۆكسىگە بېشىنى قويۇپ تىڭشاپ بېقىۋىدى. يۈرىكىنىڭ سۇس سوقوۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.
ئۇ مىڭ بالالىقتا شەھەرلىك دوختورخانىغا يېتىپ كەلدى.
ئۇ مېھرىگۇلنى كۆتۇرۇپ ئالغاندا ، دوختورخانا چىرىقى يوروقىدا كۆردىكى :قىزنىڭ ئاياغ تەرىپى كۆرپە - يوتقانلار پۈتۇنلەي قان بىلەن بۇلغانغان ، قىزنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ چۇۋۇلغان چاچلىرى چېكىسىگە ، بويۇنلىرىغا چاپلىشىپ قالغان ئىدى.
ئۇ ئېسى - يادىنى يوقاتقان ھالدا دوختورخانىنىڭ تۇغۇت بۆلىمىگە يۈگۈردى.
ئۇ بۇ جەرياندا قانداق رەسمىيەت ئۆتىگەنلىكىنى ، سىرىتتا قانچىلىك ساقلىغانلىقىنى ، ئاللاغا يالۋۇرۇپ قانداق نىدالارنى قىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ بولمايتتى. ئېسىدە قالغنىنى دوختورنىڭ ئېچىنىش ۋە نارازىلىق بىلەن تولغان تاشتەك ئېغىر سۆزلىرى بولدى :
- نېمە ئانچە بىپەرۋالىق قىلدىڭلار ؟ بىچار ەبەك قېينلىپ كېتىپتۇ . بالىنىڭ ئوقى يۆگۇشۇپ ھەم بالا تۇنجۇقۇپ قاپتو .
ئايالىڭىزدىن بەك كۆپ قان چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ، پەقەت ئامال بولمىدى. ....
ئاھ، مېھىرى ، ئاھ، مېنىڭ بارلىقىم !....
- دوختور ، دوختور ، مېھرى ئۆلۇپ كەتسە بولمايدۇ . ئۆتۇنۇپ قالاي ، ئۇنىڭغا بىر ئامال قىلىڭلار ......
ئۇنىڭ ئاۋازى سىرىتقا چىققاندەك قىلمايتتى . بەلكىم دوختورلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا قادىر بولالمىغان بولسا كېرەك.
دوختور ، سېستىرالار سالام بىلەن مېھرىگۇلنى كېسەل كارۋىتىدا يالغۇز قالدۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىشتى .
ئۇ كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغىنىچە ئۈن - تىنسىز ياتقان مېھرىگۇلگە نۇرغۇن - نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى. بارلىق كۆڭۇللۇك كۈنلەرنى ئەسلەپ چىقتى . بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ، ئوماق ئوغلىغا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئىسىمنى قويىدىغانلىقى كېيىن تېخىمۇ بەختىلىك ياشايدىغانلىقىنى ...ھېلىلا مېھرىگۇلنىڭ ساق - سالامەت تۇققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئاتا - ئانىلىرى ئالدىراپ يېتىپ كېلىشىدىغانلىقىنى ، ئاجايىپ كۆڭۇللۇك بەزمىلەرنى قۇرۇق گۇزەل ئائىلىسىنى شات - خورام ھالدا تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ، بەئەينى چۈشتەك گۈزەل ، قوۋناق كۈنلەردە ئۇ بەرپا قىلغان ، پەقەت مېھرىگۇل ئۈچۈنلا بەرپا قىلغان ئالما ، ئۈرۈكلەر مەي بولۇپ كەتكەن چوڭ باغدا خوشال يايرىشىدىغانلىقىنى ، دەل - دەرەخلەر سايىسىدا ئولتورۇپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇن سىردىشىدىغانلىقىنى ، ئۇ قۇندۇزدەك قاپقارا ، يۇمشاق چاچلىرىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە يېيىپ ، يىراقلارغا نەزەر سالىدىغانلىقىنى ، كۆڭۇللۇك ئاھاڭغا غىڭشىپ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى .....
مېھرىبان ئاپىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئوماق بالىلىرىنى پەپىلەپ ئۆستۇرىدىغانلىقىنى ، يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان تۈن كېچىلىرى ئۇلارنىڭ بەختىنى تىلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىدى.
مېھرىگۇل ئۇنىڭ كۆڭۇللۇك ئارزۇ - ئارمانلىرىدىن مەسىت بولغاندەك جىمجىت ياتاتتى. ئەمما كۆزلىرىنى پاللىدە ئېچىپ ئۇنىڭغا جاۋاب بىرەلمەيتتى .
بالنىست دېرىزىدىن ماراپ تۇرغان ئون تۆت كۈنلۇك تولۇن ئاي مۇھەببەتنىڭ ئۆلمەس شاھىدى بولۇپ بۇ ئىككى ئاشىق - مەشۇققا ئاداققى نۇرلىرىنى سېپىۋاتاتتى. .....
(تۈگىدى )
ئاپتورى :مېھرىگىيا
ئىلى دەرياسى ژورنىلى 2000-يىلى 5-سان

6xahar
ئۆلۈم -كىشىگە يېتەرلىك پەندى - نەسىھەتتۇر .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 19:49 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق malika707

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1113
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3886
UID نۇمۇرى : 18048
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 984
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە984دانە
شۆھرەت: 936 نۇمۇر
پۇل: 190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

تەقدىر رەھمىسز . ھاياتىلىقىمىزدا ئىرشىكەن نەرسىدىن يۇقاتىنقىنىمىز كوپ بۇلۇدىكەن . رەخمەت مھىرگىياھ ،مەن بۇ ئەسىرىڭىزىدن چىنىلىقىنى كورگەندەك بولدۇم !

Atlan
يۈرۈكۈمدە بىر ئوت بار ،ئۇ ئوت سەن ئۈچۈن كۈيىدۇ !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 22:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1867
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3132
UID نۇمۇرى : 18503
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1774
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1774دانە
شۆھرەت: 1576 نۇمۇر
پۇل: 4083 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

مانا ھازىر سالام تازلىق ئەترىتىنىڭ غوللۇق ئىشچىسى ، ھەر يىلى ئىلغار تازلىق ئىشچىسى بولۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ.رەھبەرلەرمۇ ، خىزمەتداشلارمۇ ئورتا بوي ، بۇغداي ئۆڭ ، كەڭ پىشانىلىك ، مۇسكۇللىرى بۆرتۆپ چىققان ، مىجەزى ئېغىر - بېسىق بۇ يىگىتنى ياخشى كۆرىدۇ. پەقەت ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى خوتونلا رازى ئەمەس.

بۇ ھېكايىڭىزدىن مۇشۇ سۇزلا ماڭا تەسىر قىلدى،
ئاخرىنى ئوقۇمىسام بوپتىكەن ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
مەنزىل يىراق.ئاتلار ئۇرۇق،گىپىمىز چوڭ ئىچىمىز قۇرۇق.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-22 23:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق princesse520

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 95
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4
UID نۇمۇرى : 20371
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرەت: 92 نۇمۇر
پۇل: 383 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-19

ھەي !!! تولىمۇ ئوبدان يىزىلىپتىكەن  .كۆپ رەھمەت !

6xahar
ئىللەت تۈزەلمىسە ، مىللەت تۈزەلمەس !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-23 00:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1791
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3208
UID نۇمۇرى : 14310
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1549
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1549دانە
شۆھرەت: 1271 نۇمۇر
پۇل: 7714 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

بۇ ئەسەرنى ئوڭۈشلۇق رويابقا چىقارغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن ، بىراق كۆڭلۈم شۈنداق يېرىم بولدى .  بۇنى مېھرىگۈلنىڭ كۆڭۈلچەكلىكىتىن دىققەت قىلمىغانلىقى دەيمۇ ياكى ، سالامنى لاياقەتسىز ئەر دەيمۇ ؟  !! يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەغسە ، بۇرنى تاشقا تېگىپتۇ  دەيلا بولدى ...

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
ئىللەت تۈزەلمىگىچە
مىللەت تۈزەلمەس .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-25 11:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق tan-roh
دىيارىم ئەلچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1037
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3962
UID نۇمۇرى : 20711
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 877
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە877دانە
شۆھرەت: 907 نۇمۇر
پۇل: 8400 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

بەك ياخشى چىققان ئەسەركەن بۇ. راستىنى دىسەم بۇگۇن بىسمىللا دەپ ئۇرۇمچىگە چۇشۇپ ئۆيگە كىرىپ قىلغان ئىشىم بىرى چاي ئىچىش بىلەن كومپىيوتۇرنى ئېچىپ سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇش بولدى. ئادەمنى بىر قىسمىلا قىلىپ قويدى ،ياخشىغا كۇن يوق دىگەن راس ئوخشايدۇ جۇمۇ. ئەتتىگەندە چاي مىنى ئىچتىمۇ ياكى مەن چاينى ئىچتىممۇ تاڭ ئىشقىلىپ ئوقۇپ ئارانلا تۇگەتتىم. مۇشۇنچىلىك ياخشى ئەسەرنى ئوقۇشقا مۇشتىرەك قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن!

Atlan
تامچە سۇ تاشنى تىشەر ،ئارتۇقچە گەپ باشنى![/glow]
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-25 12:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5450
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4549
UID نۇمۇرى : 14159
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5306
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5306دانە
شۆھرەت: 2025 نۇمۇر
پۇل: 9831 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-25 12:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق yultuzumsan

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 290
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 9
UID نۇمۇرى : 13878
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 250
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە250دانە
شۆھرەت: 223 نۇمۇر
پۇل: 691 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-29

كۆرلىرىمگە ياش ئولاشتى.يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە ،بۇرنى قاناپتۇ دىگەن شۇدە.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-25 12:58 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق mehrigiya
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 565
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 34
UID نۇمۇرى : 8104
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 517
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
پۇل: 1190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئەسىرىمنى كۆرگەن ۋە ياقتۇرغان قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت .

Atlan
ئۆلۈم -كىشىگە يېتەرلىك پەندى - نەسىھەتتۇر .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-25 14:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق xiannv

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 18
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 23458
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-01

بۇ ئەسىرىڭىز بەكمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ، مەن ئوقۇپ بولغۇچە ئاخىرى قانداق چىقارقىن دەپ يۈرەكلىرىم تېزلىكتە سۇقۇپ ئوقۇپ بولدۇم، ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بولغۇچە تەسىرلەنگىنىمدىن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۈكۈلۈشكە باشلىدى.
ئاللا سىزگە بەخت ئاتا قىلسۇن
ياخشىغا كۈن يامانغا ئۆلۈم يوق دېگەن مانا شۇدە.
سىزگە خۇشاللىق، بەخت ئامەت يار بولسۇن.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-16 18:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق mehrigiya
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 565
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 34
UID نۇمۇرى : 8104
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 517
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
پۇل: 1190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

يۇقۇرىدىكى ئىككى تورداشنىڭ ئەسەرگە مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىماسلىغىنى ، ئەسەر ياقمىغان بولسا ئوچۇق - ئاشكارە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى ،كىشىنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
ئۆلۈم -كىشىگە يېتەرلىك پەندى - نەسىھەتتۇر .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-18 21:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق qumak

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 38
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 61
UID نۇمۇرى : 17865
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 35
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 126 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ھەي مۇخەببەتنىڭ  قەدىرگە  يېتىدىغان  بىر جۈپ  يۈرەك  پارە پارە  بوپتۇ  ئەمەسمۇ  ؟؟؟
بۇ  جاھان زادى  تەڭسىز  جاھان  ...

تېما  ئىگىسىگە  رەخمەت ....

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-19 10:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق yarimas

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 231
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 68
UID نۇمۇرى : 21858
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 180
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە180دانە
شۆھرەت: 180 نۇمۇر
پۇل: 647 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن لىكىن ئاخىرى راسلا

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-21 00:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق pomqik

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 18
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 22452
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 150 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

بىردەمدىلا ئىككى ھىكايە ئوقۇدۇم ،ئككىلىسى تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ، ئچىم ھەجەپ بىر خىل بۇلۇپ قالدى.

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-21 16:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [22 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق janu123

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 267
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 32
UID نۇمۇرى : 10753
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 178
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە178دانە
شۆھرەت: 241 نۇمۇر
پۇل: 922 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

بەك ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن، كۆڭلۈم ئەجەب بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى دىسە. ھەي بۇ ھاياتقا نېمە دەيمىز ئەمدى...............

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
ۋاپا ۋىجداننىڭ دەلىلى!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-21 17:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [23 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sejda

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 242
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 57
UID نۇمۇرى : 20812
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 188
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە188دانە
شۆھرەت: 203 نۇمۇر
پۇل: 720 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-02

تىراگىدىيە بەلەن ئاخىرلىشىدىغىنىنى بىلسەم ئوقىمسام بوپتىكەن،راسلا...ياخشى يېزىلغانكەن....

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-21 18:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [24 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ziba902

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 37
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 62
UID نۇمۇرى : 22048
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 33
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 213 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-25

تەقدىر نىمە ئۈچۈن دائىما ئادەمنىڭ يۈرىكىنى خۇن قىلىدىغاندۇ؟

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
بارلىقىم مىللىتىمىز مائارىپى ئۈچۈن!.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-23 18:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [25 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق halkiz

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 193
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 106
UID نۇمۇرى : 9616
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 175
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە175دانە
شۆھرەت: 94 نۇمۇر
پۇل: 447 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-03

ئىچىم بەكمۇ ئاغرىدى،سالامنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ئۈمۈت بىلەن كۈتۈپ بۇ ھىلايىنى ئوقۇغان،بىراق بۇنداق بولۇشىنى ئويىلىماپتىمەن.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-26 00:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [26 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق {karwan}?

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 122
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 177
UID نۇمۇرى : 6638
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 114
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە114دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 242 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-22

دۇنيادا ئالتە نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ؛بۇلۇتنىڭ سايىسى،ئەخمەقنىڭ دوستلىقى،ۋاپاسىزنىڭ مۇھەببىتى،ئۆتۇپ كەتكەن بايلق،مۇستەبىت ھاكىم،ساختاشان-شەرەپ...

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-28 17:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [27 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق {karwan}?

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 122
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 177
UID نۇمۇرى : 6638
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 114
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە114دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 242 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-22

ئككى يېرىم مىنۇت ئۆمۇر كۆرەر ئنسان؛    بىر مىنۇتى كۇلكە بىلەن،      بىر مىنۇتى ھەسرەت بىلەن،  يېرىم مىنۇتى كېتەر سۆيگۇ بىلەن............

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-28 18:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [28 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق bambuk426

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 96
UID نۇمۇرى : 21777
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-24

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-29 14:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [29 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-08 08:52
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation