قۇتۇبلانغان نۇر (偏振光)
نۇر____ ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ،ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى توغرا دولقۇندۇر .دولقۇننىڭ تەۋرىنىش يۆلىنىشى بىلەن نۇرنىڭ ئىلگىرلەش يۆلىنىشى ھاسىل قىلغان تەكشىلىك تەۋرىنىش تەكشىلىكى بولىدۇ . نۇرنىڭ تەۋرىنىش تەكشىلىكى بىرلا يۆلۈنۈشتە (يەنى ھەرقايسى تەۋرىنىش تەكشىلىكى ئۆزئارا پاراللىل ) بولغان نۇر سىزىقلىق قۇتۇبلانغان نۇر ياكى تەكشى قۇتۇبلانغان نۇر دېيىلىدۇ .نۇرنىڭ قۇتۇبلىنىشى نۇرنىڭ توغرا دولقۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ بىۋاستە،ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىسپاتىدۇر.نۇر مەنبەدىن (قۇياش،چىراق...ۋە ھاكازالار)چىققاندا كۆپ خىل تەۋرىنىش تەكشىلىكىدە چىقىدۇ .ئەگەر نۇر مەنبەسىنىڭ ئالدىغا قۇتۇبلاش ئەينىكى ( ئەينەك يۈزىگە ئىنتايىن زىچ،ئىنچىكە،ئۆزئارا پاراللىل بولغان كىرىستال يالىتىلغان ئەينەك)دىن ئۆتكەندە پەقەت كىرىستال بىلەن پاراللىل يۆلىنىشتە تەۋرىنىۋاتقان نۇرلا بۇ ئەينەكتىن ئۆتەلەيدۇ . باشقا تەۋرىنىش يۆلىنىىشىدىكى نۇرلار توسۇلۇپ قالىدۇ . بۇ خۇددى ئۇزۇن بىر خادىنى تىك تۇتسا ئاندىن تار ئارلىقتىن ئۆتكىلى بولغانغا ئوخشايدۇ .چۈنكى ،ئۇزۇن خادىنى يەر يۇزى بىلەن پاراللىل تۇتۇپ ، تىك تار ئارلىقتىن ئۆتەلمەيسىز دە . مانا مۇشۇ ئەينەكتىن ئۆتكەندىن كېيىنكى نۇرلارنىڭ ھەممىسى بىر بىرى بىلەن پاراللىل تەۋرىنىش تەكشىلىكىدە بولۇپ ،سىزىلىق قۇتۇبلانغان نۇر دېيىلىدۇ .پىرىنسىپى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
[attachment=137]
ئەگەر قۇتۇبلانغان نۇرغا يەنە بىرتال قۇتۇبلاش ئەينىكىنى ئاۋالقى ئەينەككە 90ھالەتتە قويسا ھىچقانداق نۇر ئۆتەلمەيدۇ ،يەنى ، ئىككى قۇتۇبلاش ئەينىكىنى بىر -بىرگە 90 تىك قىلىپ قويسا ،ئىككىنجى ئەينەكتىن ئاۋالقى قۇتۇبلانغان نۇرلار ئۆتەلمەيدۇ .
پىرىنسىپى:
[attachment=138]
تۆۋەندىكى تور ئۇلىنىشىنى كۆرۈڭ
http://you.video.sina.com.cn/b/2585242-1292269295.html###ئۇنىڭدىن باشقا يۇمىلاق ياكى ئىلىپىس شەكىللىك قۇتۇبلانغان نۇر بار . ئۇنىڭ پىرىنسىپى ،ئەگەر نۇر دولقۇنى ۋىكتۇرى قەرەللىك ھالدا تەرتىپلىك ئۆزگىرىپ ،ئاخىرقى ئوربىتىسى نۇرنىڭ تەۋرىنىش تەكشىلىكىگە تىك ھالەتكە كېلىپ ، يۇمىلاق ياكى ئىلىپىس شەكىلگە كەلسە بۇ يۇمىلاق ياكى ئىلىپىس شەكلىدىكى قۇتۇبلانغان نۇر بولىدۇ .
رەسىمى :
[attachment=141]
[attachment=140]
قسمەن قۇتۇبلانغان نۇر ،نۇر دولقۇنىنىڭ ۋىكتۇرىنىڭ تەۋرىنىشى تارقىلىش جەريانىدا پەقەت مۇقىم بىر يۆلىنىشتىلا نىسپى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىسە ،بۇ قىسمەن قۇتۇبلانغان نۇر بولىدۇ .
پىرىنسىپى :
[attachment=142]
قۇتۇبلانغان نۇرنىڭ داۋالاش ،پەن -تەتقىقات ۋە تۇرمۇشتا بەلگىلىك رولى بار بولۇپ ، كۆپ قىسىم قۇياش نۇرى كۆزئەينەكلىرى مۇشۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن ياسالغان . چۈنكى ،قۇتۇبلانغان نۇر كۆزنى چاقمايدۇ . ئاپتۇمۇبولنىڭ ئالدى چىرىقىغا قۇتۇبلاش ئەينىكى ئورنىتىلسا ،كىچىدە قارشىسىدىكى ئاپتۇموبىل شوپۇرىنىڭ كۆزىنى چاقمىغاچقا ،ھادىسە چىقىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
مەنبە : ئىنتىرنىت تورى
(تەرجىمە قىلىش جەريانىدە بەزى ئىلمىي ئاتالغۇلار خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالغان بولسا ،ئەپۇ سورايمەن ھەم تۈزۈتۈپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈتۈنىمەن )
[ بۇ يازما tekin021 تەرپىدىن 2007-11-22 11:09 دە قاي ]