يېشىپ بېرىڭلار
بارئىكەنۇ، يوق ئىكەن، تاق ئىكەنۇ، جۈپ ئىكەن، بىر شەھەردە بىر خوتۇن بار ئىكەن، ئۆزى گەپچىكەن، ھۈنىرى رەمچىكەن، ئۇنىڭ قولىدىن تۆت ياشلىق بىر ئوغۇل چۈشمەيدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ خوتۇن خالايىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بىر كىشى سوراپ قاپتۇ:
__ ئاچا،بۇ بالا نېمىڭىز؟
خوتۇن توپلانغان كىشىلەرگە قاراپ:
__ قىزىمنىڭ بالىسى، ئېرىمنىڭ ئىنىسى، مېنىڭ نەۋرەم بولىدۇ، __ دەپتۇ.
سورىغانلار ئويغا چۆكۈپتۇ،ئويلاپ تاپالماپتۇ، كېچىسى ياتالماپتۇ، ئەتىسى قوپالماپتۇ، قېنى بۇخوتۇننىڭ گېپىنى كىم يېشىپ بېرىدۇ؟