ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﻯ
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﻮﻏﺎﺯ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ " ﺗﺎﺭ ﺑﻮﻏﺎﺯ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺑﻮﻏﺎﺯ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﻯ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯧﺮﯦﻘﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻳﯧﺰﺍ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ 25 كىلۇمېتىر ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
1870 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪﮒ ﻛﻮﺭﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ، ﭘﯩﭽﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﯩﭗ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﯜﯞﯛﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻳﻐﺎ، ﺋﻮﺭﯗﻕ ﺳﯜﯞﯛﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻦ ﺋﺎﻗﻴﻪﺭﮔﻪ، ﺗﺎﻟﯩﭗ، ﺑﯚﻛﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﻰ ﯞﻩ ﺑﯚﻛﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﺎﺟﯩﻼﺭ ﺑﻮﻏﺎﺯﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ. ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﯞﯛﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﯜﺳﯜﭘﻨﻰ ﺑﻮﻏﺎﺯﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﻟﯩﭙﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﺰﻯ ﺭﺍﮬﯩﻠﻪﮔﻪ ﺋﯚﻳﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺗﺎﻟﯩﭗ 2- ﻗﯩﺰﻯ ﺭﺍﺑﯩﺨﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﺎﻗﻴﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﯗﻕ ﺳﯜﯞﯛﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺮ 80 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ. ﻳﯧﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺗﺎﻟﯩﭗ ﺋﯩﺸﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﻮﻏﺎﺯﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯧﻨﻪﻡ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘﻍ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻟﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗ-ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﺎﻗﻴﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺳﯜﯞﯛﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﯜﺳﯜﭘﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ " ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ" ﺩﻩﭖ ﻟﻪﻗﻪﻡ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ. ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺭﺍﮬﯩﻠﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭼﻮﯕﯩﻨﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﺎﻛﯩﺮ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ 15- 16 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﯕﻼ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭ ﺩﻩﻝ ﺗﻮﺭﭘﺎﻗﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ، ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻏﺎﺯﻏﺎ ﭘﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﻳﺎﻏﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﮬﻪﻡ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺯﯨﻜﺮﻯ-ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺗﺎﻟﯩﭙﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺳﯘ ﺗﯜﮔﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺑﻮﻏﺎﺯﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ، ﭼﻮﯓ ﻗﯩﺰﻯ ﻧﯩﻴﺎﺯﺧﺎﻥ 4 ﻳﺎﺵ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ 2 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﻮﻏﺎﺯﺩﯨﻜﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﯚﻛﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﻰ ﯞﻩ ﺑﯚﻛﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﺎﺟﯩﻐﺎ 30 ﻗﻮﺷﻘﺎﺭﻏﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪﻧﻰ ﭼﻮﯕﮕﯘﺑﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯜﯞﯛﺭ ﻗﯘﺭﻣﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭼﻮﯓ ﻗﯩﺰﻯ ﻧﯩﻴﺎﺯﺧﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﺍﻳﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﻮﺭﺍﻳﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﺎﺳﯩﺖ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﺎﺳﯩﺖ 12 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﺎﯓ ﺯﻩﻳﺸﯜﻱ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﭘﻪﺗﯩﺶ ﻳﯜﻩﻥ ﺩﺍﺧﯘﺍ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﯞﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 500 ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 300 ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. 1- ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﻪﺷﺸﺎﺭ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2- ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ 12 ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻨﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻘﯘﻝ، ﺟﺎﻣﺎﻝ ﯞﻩ ﺳﺎﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻟﻮﺩﯗﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺯﻗﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻟﻮﺩﯗﯕﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﺕ ﻛﯚﺷﯜﺗﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻟﻰ ﺷﯘﻓﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﮬﻪﺭﺑﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﻴﻠﻪ-ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. << ﺗﯘﺗﺮﯗﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ، ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﯩﮕﯩﺖ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺋﺎﺧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﺭﺕ ﻛﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻟﻮﻣﻪﻧﭽﯩﯖﺪﯨﻜﻰ 3- ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺗﺎﻟﯩﻴﻮﻧﻐﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯦﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 1913- ﻳﯩﻠﻰ 9- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5- ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯧﺸﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﻮﯞﯗﻗﻰ ( ﻧﻪﻧﻤﯩﻦ ) ﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﺯﺍﻳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻛﻮﻧﺎﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺗﯚﻣﯜﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﮔﯘﭼﯘﯓ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺴﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ " ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﺸﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯩﯖﺸﯩﯖﺸﺎﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮔﻪﻧﺴﯘ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻛﯚﻣﯜﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺷﺎﻛﯩﺮ، ﺋﯩﻤﯩﻦ، ﺟﺎﻣﺎﻝ، ﺋﻪﻣﻪﺕ ﺳﯧﻴﯩﺖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﯞﺍﯓ: ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﺟﺎﺭ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺭﺍﮬﻪﺗﺒﺎﻍ ﻳﯧﺰﺍ ﭼﺎﯕﻐﯘ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﻳﺪﯗﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺍﻳﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺑﺎﺳﯩﺘﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ 7 - 8 ﻳﯩﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺮﻏﺎﻳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﯗﺕ ﺩﻭﺭﻏﺎ ﺳﯧﺰﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻣﻪﻟﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺑﺎﺳﯩﺘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻕ-ﻳﯜﻟﯜﻙ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﭼﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺳﯩﺖ ﺟﯩﻤﯩﺴﺎﺭ ﯞﻩ ﮔﯘﭼﯘﯕﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﻧﺎﻻﻧﻐﺎﭺ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺷﺎﻣﻪﯨﺴﯘﺕ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ، ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﺘﯘﺭ ﻳﯧﺰﺍ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ 1980- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯘﭖ، ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ، ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.
ﺑﻮﻏﺎﺯ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻡ ﺩﺍﯞﺍﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ "ﺳﺎﻱ ﭘﺎﺭﭼﺎ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﺗﻪﺭﻟﻪﺭ، ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘ ﺗﯜﮔﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ << ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ>> ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
`` ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ، ﺗﻮﻱ-ﺗﯚﻛﯜﻥ، ﻧﻪﻏﻤﻪ-ﻧﺎﯞﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺗﻪﻛﺮﻩﺭﻻﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﻗﻮﺭﺍﻱ ﻳﻮﻟﻰ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ.
ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ،
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﺟﯩﯖﺘﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺳﻪﭘﺘﯘ،
ﺋﺎﻗﭽﯘﻕ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺭ،
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ،
ﭼﻪﻧﺪﺍﺭﯨﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﺭ
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﯘﭖ، ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﺘﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ.
ئاپتورى: ئوسمان تۆمۈر
مەنبە: <شىنجاڭ تەزكىرسى> ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق 4-سانىدىن مەڭگۈتاش تەييارلىدى.