ئانا تۇپراق تور بىكىتىنڭ مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش پائالىيىتى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تور دۇنيىاسىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار! بىز گەرچە بىر-بىرىمىز بىلەن يۈز تۇرانە كۈرۈشۈش شەرپىگەئېرىشەلمىسەكمۇ توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق ھەر ۋاقىت سىردىشىش شەرپىگە مۇيەسسەر بۇلۇپ كەلدۇق .
ئۇيغۇر تور بەتلىرى كۈنسىېرى كۆپىيىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە ھەر بىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىمىز ۋەزىھنىمىزنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئىشلىتىشىمىز تۇلىمۇ زۆرۈر بۇلىۋاتىدۇ، تورداشلارغا دۇنياۋى يېڭلىقلار ،دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلەر ،مىللىي ئەنئەنە ،مىللىي ئۆرۈپ - ئادەت ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل مەدىنىي مىراسلىرنى يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى سۈپىتىدە مۇلازىمەت نىشانى قىلغان ئانا تۇپراق ئۇنۋېرسال تور بېكىتى تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى . پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئەسەرلەرگە ژانېر چېكى قۇيۇلمايدۇ .
ئەسەرلەرگە قۇيلىدىغان تەلەپلەر :
1.دۆلەتنىڭ بىرلىكى ،مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقى ،ئاممىۋى ئەخلاق ۋە قانۇن -تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىنغان بۇلۇشى كېرەك .
2.ئەسەرلەر بىردەك ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسىرى بۇلۇشى ،باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە تەقلىد قىلىنغان ياكى كۈچۈرۈلگەن بولماسلىقى كېرەك .
3.يوللانغان ئەسەر بۇرۇن باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىنمىغان بۇلۇشى كېرەك .
4.ئەسەر يوللىغۇچى << مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە >> دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇشى كېرەك .
5.ئەسەرلەر بىردەك ئانا تۇپراق تور بېكىتگە يوللىنىشى كېرەك ،تور بىكىتمىزنىڭ ئادىرسى :
www.anatuprak.com مۇكاپات سوممىسى تۈۋەندىكىچە :
1-دەرىجىلىك مۇكاپات 200 يۈەن ، 1 نەپەر
2-دەرىجىلىك مۇكاپات 100 يۈەن ، 2 نەپەر
3-دەرىجىلىك مۇكاپات 50 يۈەن ، 3 نەپەر
مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش ۋاقتى :
5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن _ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگچە (يەنى 2 ئاي بۇلىدۇ)
7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن -7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئەسەرلەر باھالىنىپ ،8-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇكاپاتلانغۇچىلار تىزىملىكى ئېلان قىلىىندۇ ۋە مۇكاپات سوممىسى تارقىتىلدۇ .
ئانا تۇپراق تور بىكىتىمىز ھەر ۋاقىت قابىلىيىتڭىزنى جارى قىلدۇرۇشىڭىزغا تەييار ! قېنى مەرھەممەت !!!!
ئەگەر چۈشەنمىگەن يەر بولسا QQ-501352707 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بۇلىدۇ
ھەر قايسى مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرنىڭ مەزكۇر تىمامنى ئۈچۈرۋەتمەي تەستقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئانا تۇپراق تور بىىكىتى
2009 -يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى