ئەرەب ئۈچۈن " ئولۈپ بىرىشكە » ئەرزىمدۇ؟
دۇنيادىكى ھەممەمىللەتلەر ھۇقۇقتا باب –باراۋەر بولۇپ ، بىر بىرىنى " ئۆلگە ۋە ئۆلچەم " قىلىدىغان ئىش يوق . بولسىمۇ كوممۇنىزىمغا بارغاندا بولۇپ قالار . ئۇنداق قىلغىڭىز بولسا شۇ چاققىچە تەخىر قىلىپ ساقلاپ تۇرارسىز. شۇنداقلا ، سىياسىي ، ئاڭ – ئىدىئالوگىىيە جەھەتتە ئاۋۇ مىلەت ماۋۇ مىللەتتىن يۇقىرى تۇرىدىغان ، ئاۋۇ مىللەت ماۋۇ مىللەتكە ئۆگىتىدىغان ، ئاتىكاچىلىق قىلىدىغان ئىشمۇ يوق . ھەر مىللەتنىڭ ئەھۋالى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ . ئۇلار ئۆز ئارامەلۇم ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن ھەر قايسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن . ئۇ پەرىقلەرگە كۆز يۇمىۋىلىپ ، ھەممىنى بىر قېلىپقا چۈشۈرۈش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ، مەنتىقىگە خىلاپ بىر ئىش .
ئەلۋەتتە ، پەن – تېخنىكا باشقا نەرسە . كىمنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى بولسا شۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغان گەپ .
يەنە بىز ئەرەبلەر بىلەن دىنىداش بولغاندىن سىرت ھېچقانداق ئورتاقلىقىمىزيوق . مەيلى تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتىمىز بولسۇن ۋە ياكى تىلىمىز بولسۇن زوردەرىجىدە پەرقلىنىدۇ . ئۇلارنى " قېرىنداش " دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . چۈنكى ئۇلار تۈركىي مىللەتلەردىن ئەمەس . شۇڭا ، ھە دېگەندىلا " ئەرەب" دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا " دىڭڭىدە " تۇرۇپ قارا – قۇياق ئارىلىشىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز " ئەرەب" دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا قالسا ، ئاق - قارىنى ، ھەق ناھەقنى ئايرىمايلا ، كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئويلاپ باقمايلا ، قارىسىغىلا ، " ئەرەب " كە بولۇشۇپ ، " خەقلەرنىڭ ياقىسىغا ئىسىلىپ " ياقا يىرتىشىپ كېتىدۇ . چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ . سىز ئەرەب ئۈچۈن " ئولۈپ بېرىۋاتقان ، ئەرەبنىڭ دۈشمەنلىرىنى چىشلەپ - چايناپ ، ئۇستىخانلىرىنى چايناپ پۈركىۋاتقاندا ، ئەرەب سىزگە نېمە قىلىپ بەردى؟ ئەرەبلەرلا ئەمەس ، باشقا دىنىي قىرىنداشلىرىمىزمۇ نېمە قىلىپ بەردى ۋە نېمە قىلىپ بېرىۋاتىدۇ؟ توغرا، ئىلگىرى دىنى ھېسىسىياتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بەزى تۈركى مىلەتلەر ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر ، خەلقلەر بىزنى قوللاپ ، ياردەم بېرىپ كەلگەن ئىدى . ھازىرقى دۇنيادا ، قانداقتۇر "دىنىداشلار " ، " قېرىنداشلار " ئېڭى ئاللىقاچان يوقۇلۇپ ، تارىخنىڭ ئەخلەت چىلىكىگە چۆرىۋىتىلىپ ، ئۇنىڭ ئورنىنى " ھەممىدىن دۆلەت مەنپەئەتى ، مىللەت مەنپەئەتى ئەلا (ئۈستۈن تۇرىدۇ ) " دېگەن " دۆلەت " ۋە " مىللەت " ئېڭى ئىگىلىدى . ھازىر دۇنيادىكى ھەممە ئىشلار مانا مۇشۇ " باش پىرىنسىپ " ، " قانۇن " نى چۆرىدەپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ .
شۇنىسى مۇقەررەركى ، نۆۋەتتە ھەر قانداق دۆلەت ۋە ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ، پەيتى كەلگەندە، زۆزۈر بولغاندا، ئككىلىنىپ تۇرماي ، ھەر قانداق ئۆز " دىنىداشلىرى" ، " قېرىنداشلىرى " دىن دەرھال يۈز ئۆرۈپ ، " يېڭى دوستلار » بىلەن تېپىشىۋالىۋېرىدۇ . مانا بۇ ماددىي مەنپەئەت ئاساسىغا قورۇلغان يېڭىچە كۆز قاراش ، دۆلەت قارشى ، مىللەت قارىشى ھەمدە بۇ خىل قاراشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى .
ھازىرقىدەك ماددىي مەنپەئەتنى مەنبە قىلغان دۇنيادا بۇ قاراشنى ھەرگىزمۇ " خاتا " دېگىلى بولمايدۇ . قايسى دۆلەتنىڭ ئەلباشى ، مىللەتنىڭ يولباشچىسى ، ئۆز پۇقراسى ، ئۆز خەلقىنىڭ ياخشىراق كۈن كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ ؟؟ ھەممىلا ئادەم بىزنىڭ غۇجا - سوپى ، ئىشانلىرىمىزدەك كاللىسىنى ئىشلىتىپ، تىرىكچىلىك قىلىش ، ئاللاھ يولىدا نورمال تائەت - ئىبادەت بىلەن شوغۇللىنىشنىڭ ئەكسىچە " بەرسەڭ يەيمەن ، بەرمىسەڭ ئۆلىمەن " دەپ ، ھېچ ئىش قىلماي ، تىرىكتاپلىق قىلىپ ، " جۈجەم پىش ، ئاغزىمغا چۈش " دەپ ئەسكى پالازغا ئورۇلۇپ ئاسمانغا قاراپ يېتىپ ، ئاللاھ بەرگەن ئېزىز تەننى جايىدا ئىشلەتمەي بىر دۈۋە سىسىق گۆش قىلىپ قاراپ تۇرىدىغان كالۋالاردىن ئەمەس . دېمەكچى ، ئەقلى - ھۇشى جايىدا ھەر قانداق ئادەم 4 كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى خاتىرجەم كۆرۈپ باققىسى ، نازۇ - نېمەتلەرنى يەپ ، تېتىپ باققۇسى ، مەئىشەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ باققۇسى كىلىدۇ . ھېچكىمنىڭمۇ ياخشى نەرسىسىنى خەققە بىكارغىلا بېرىۋەتكىسى كەلمەيدۇ ئەكسىنچە كۈچى يەتسە خەقنىڭ قولىدىكى ياخشى نەرسىنى تارتىپ ئېلىپ " ئۆزىنىڭ " قىلىۋا لغۇسى كىلىدۇ . يەنە ، ھە دېگەندىلا ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ياكى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ، دۆلەت – مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان زور ئىشلاردا ، " دىنىداش " ، " قېرىنداش " لىرىنى دەپ ، " دوستلارنىڭ " چىشىغا تىگىپ ، ئۆزىگە ئارتۇقچە باش ئاغرىقى تېپىۋىلىشنى خالىمايدۇ . " مۇبارەك " نامى چىقسىلا ، سىز " ئۈلۈپ بېرىشتىن يانمايدىغان " ئەرەب " دىنىداشلىرىمىز " ، تۈرك قاتارلىق " قېرىنداشلىرىمىز " لىرىمىزمۇ شۇ . مانا بۇ ماددىي مەنپەئەتنى مەنبە قىلغان دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىسانلارنىڭ ھەقىقىي كىشىلىك ماھىيىتىدۇر .
شۇڭا ، ھەم " دىنداشلىمىز ، قېرىنداشلىرىمىز بىزگە كۆڭۈل بۆلمىدى " دەپ ئۈمىد كۈتۈپ ، ئاغرىنىپ يۈرمەي ، ھەم ھە دېسىلا " دىنىداشلىمىز ، قېرىنداشلىرىمىز " ئۈچۈن ئالدىراپ – سالدىراپ چاپان سېلىپ ، جانپىدا قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەي ، بىزمۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىپ ، باشقا " دىنىداشلىمىز ، قېرىنداشلىرىمىز " غا ئوخشاش ، تاللاپ دوست تۇتۇشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز لازىم .
ھەقىقىي دوسلۇق – تەڭ باراۋەرلىك ، ، ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىغا قورۇلغان كىشلىك مۇناسىۋەت بولۇپ ، بىر ئادەم ياكى بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ، قەدىر - قىممىتىنى ساقلىماي ، ئۆزىنى پەس كۆرۈپ ، باشقىلارنى چوڭ كۆرسە ، باشقىلار ئۇنى چوڭ كۆرمەكتە يوق ، ئەكسىچە تىرناقچىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ ، باشقىلار ئالدىدا قىلچە قەدىر – قىممىتىمۇ بولمايدۇ .
.. چۈنكى ھەر قانداق نورمال كىشىدە بىر خىل ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان غۇرۇر ۋە كىشلىك قاراش بولىدۇ . شۇڭا ، ئۆز مىللىتىدىن يۇز ئۆرىگەنلەرنى كۆرگەندە ، تەبىئىيلا يىرگىنىش ھېس قىلىدۇ . كونىلاردا " كىشى مېنى كىشى دېسە ،يانچۇقۇمدا كىمىشىم . كىشى مېنى كىشى دېمىسە كىشى بىلەن نېمە ئىشىم " دېگەن ماقالا بارىكەن . دېمەك ، كىملا بولمىسۇن ، ياكى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ، سىزدىن بىرتال كىشمىشىنى ئايىماي ، سىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ ، ياردەم قىلغان ئىكەن ئۇ دۈشمىنىڭىز ئەمەس بەلكى دوستىڭىزدۇر. ئەكسىنچە ئېيتقاندا ،بىر تال ئۈزۈم ئۈچۈن سىزدىن كەچكەنلەر ، تاكى سىزنى بىر تال ئۈزۈم ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەنلەر مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن - ھەر قانچە " دىنىداش، قېرىنداش " بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر دوست ئەمەس . ئۇنداقلار ئۈچۈن " ئۆلۈپ بېرىش " كە تېخىمۇ ئەرزىمەيدۇ .
ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مەڭگۈلۈك دوستمۇ يوق ، مەڭگۈلۈك دۈشمەنمۇ يوق . بەلكىم بۈگۈنكى دوستىڭىز ئەتىكى دۈشمىنىڭىز بولۇشى ، بۈگۈنكى دۈشمىنىڭىز ئەتىكى دوستىڭىز بولۇشى ھەم مۇمكىن . ھەدېگەندىلا يۈگەنسىز ئاتتەك كۆزىمىزنى يۇمىۋىلىپ ، ھەرتەرەپكە قالايمىقان ئۈسۈپ ، دۇقۇرۇپ يۈرمەي ، ھەممىلا ئىشقا 1000 يىل بۇرۇنقى كونا مۇقامدا مۇئامىلە قىلىۋەرمەي ، بۈگۈنكى دۇنياغا بۈگۈنكى نەزەردە مۇئامىلە قلىپ، " دوست " تېپىشقا ماھىر بولۇشىمىز ، " ئۆلۈپ بەرگەن " ھالەتتىمۇ ، كۆزنى يۇمۇۋىلىپ ، قارىسىغىلا ھارام ئۆلۈپ بەرمەي ، جايىنى تېپىپ ، ئەھمىيەتلىك ، ئەرزىگىدەك ، جايىدا ئۆلۈپ بېرىش كېرەك . ھازىرقى شارائىتتا ، ھە دېگەندىلا " سادام ئۈچۈن ، پەلەستىن ئۈچۈن ، ئەھمەدىي نىجاد ئۈچۈن ، تالىبان ، بازا ئۈچۈن ، ئەرەب ئۈچۈن " ئالدىراپ مەيدانغا چۈشۈپ ، ياقا يىرتىشىپ ، كىشىلەرگە " يامان ئاتلىق " بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق . كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز بولۇشقان قېرىداشلىرىڭىز سىزنى بەش پۇلغا تىگىشىۋىتىپ ، سىز خەققە بولۇشۇپ ، ياقىسنى يىرتقان دۈشمەنلىرىڭىز دوستقا ئايلىنىپ قالسا ، خىجالەت بولۇپ قالىسىز .....
[ بۇ يازما تورغاي تەرپىدىن2009-03-31 03:58 PMدە قايت ]