تەنتەنە ئىچىدە يۈز بەرگەن بەخىتكە قارشى ۋەقە
بۇرھان شەھىدى
يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە مەملىكەت بويىچە تەنتەنە قىلىنىۋاتقان خوشاللىق كۈنلەردە ، بىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قازا بولغانلىق خەۋىرىنى شىجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق .
بۇ 8 - ئايدا بولغان ۋەقە ئىدى . ئۇ چاغدا ، يولداش دېڭ لىچۈن ئەمدىلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غولجىغا كېلىپ ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنى بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك 1 - نۆۋەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەييارلىق يېغىنىغا قاتنىشىشىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى . ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال بۇلۇپ ، ئەخمەتجان قاسىمى ، ئىسھاقبەگ ، ئابدۇكېرەم ئابباسوۋ ، دەلىلخانلارنى بېيجىڭغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچىدىن لوزى شىنجاڭنىڭ باشقا رايۇنلىرىغا ۋەكىل بۇلۇپ شۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . شۇ چاغدا ، ئەخمەتجان قاسىمىدىن ماڭا بىر پارچە خەت كەلدى . ھۆرمەتلىك بۇرھان ئەپەندى :
سىزدىن ئىككى پارچە خەت تاپشۇرىۋالدىم ، بىراق جاۋاپ خەت يازالمىدىم ، ئەپۇ قىلىڭ !
بىز سالامەت تۇردۇق ، سىزگە سالاماتلىك ، شات - خوراملىق تىلەيمەن .
سىزنىڭ تاغدا دەم ئېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم ، شۇڭا ھېلىقى <<لۇشۇنكۇ>> (پورت ئاتور) دېگەن كىتاپ ئېسىمگە كەلدى . مەن تاققا بارمىدىم . ھازىر ئىچكىرىنىڭ مەسىلىسى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغاۋاتسا كېرەك . خەۋەرلەردىن قارىغاندا ، مەركەزدىكى ئىشلار ئىنتايىن تېز تەرەققى قىلىۋىتىپتۇ . ئەھۋالدىن قارىغاندا ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى بىزنى پات ئارىدا يۈز كۆرۈشتۈرىدىغاندەك قىلىدۇ ، قىسقىسى مەن پات ئارىدا ياخشى شارائىتتا سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن .
مەن سىلەرنىڭ يېقىنقى گېزىتلىرىڭلارنى كۆردۈم . تېچ ئوكيان گورۇھى ھەققىدىكى باش ماقالە ناھايىتى ياخشى بۇلۇپتۇ . ئومۇمەن ئېيتقاندا ، سىلەرنىڭ يېقىنقى ( 7 - ئايدىكى ) گېزىتلىرىڭلار يامان ئەمەس . لېكىن ، مەن بەزى ئىشلاردا << كونا ئەبلەخەر >> دىن ئەجەپلەنمەي تۇرالمايمەن . مەن " ۋەتەن ساتقۇچ " لۇق ھەركەتلەرگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك ، دەپ قارايمەن .
خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلىشىنى تىلەيمەن . ئۆي ئىچىدىكىلەرگە ۋە دوستلارغا سالام ئېيتارسىز .
ھۆرمەت بىلەن :
دوستىڭىز ئەخمەتجان قاسىمى
1949 - يىل 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى . 8 - ئاي دەل ھەقىقەتكە قايتقۇچى ۋە قايتىشقا قارشى تۇرغۇچى ئىككى زور كۈچ ئوتتۇرىسىدا كۈرەش ئەڭ جىددى بۇلىۋاتقان پەيت ئىدى . مەن ئەخمەتجان قاسىمىدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرىۋىلىپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم . ئۇنىڭ خېتىدە كونكىرت ئېيتىش ئەپسىز بولغان ئىشلار توغرىسىدىكى بەزى گپلەرنى مەنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم . ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز ئىدى ، مەن ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم .
28 - كۈنى ، سوۋىت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىدىن يېۋسېيۋ ئۇشتۇمتۇت ماڭا موسكۋادىن تېلېگىرامما تاپشۇرىۋالغانلىقىنى ، 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى چۈشكەن ئايرۇپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ ، ھەممەيلەن قۇربان بولغانلىقىنى ئېيتتى . مەن ئۆز قۇلۇقۇمغا زادى ئىشەنمەي ، بۇ گەپنى يەنە بىر تەكرارلاتتىم . شۇم خەۋەر ! شۇم خەۋەر ! شۇم خەۋەر ! شۇ ھامان بىشىم قېيىپ ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ ، پۇت - قوللىرىمدا جان قالمىدى . مەن ئېسىمگە كەلگەندىن كېيىن ، يېۋسېيۋ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئەخمەتجان قاسىملارنىڭ قازا بولغانلىق خەۋىرى ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىنچە مەخپى تۇتۇلسا ، خەلق ئاممىسىغا ۋە قازا بولغۇچىلارنىڭ ئائىلە - تەۋەلىرىگە ئۇقتۇرۇلمىسا ؛ ھازىر ئىلىدىن بېيجىڭغا سەيپىىدىن ئەزىزىنىڭ بېرىشىنى قارار قىلىپتۇ ، ئۇلار ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭ ئىنستىتوتىدىكى تۇجىمۇ بارسا دېگەن پىكىردە ئىكەن ، دېدى . تۇنجى ئەتىسى ئەتىگەندە ئىلىغا بېرىش ئۈچۈن شۇ كېچىسى مەخپى ھالدا ئايرۇدۇرۇمغا يەتكۈزۈپ قۇيۇلدى .
كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقى تەرەپتىكىلەرنى ئېيتىشىچە : ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالمۇتىغا بارغاندىن كىيىن ، ئەسلىدە مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن مانجۇرىيىگە بېرىپ ، پويىزغا ئالمىشىپ بېيجىڭغا بېرىش پىلانلانغان ئىكەن . ئىركۇتىسكىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ھاۋا بەك بۇزۇلۇپ ، ئايرۇپىلان بىر نەچچە كۈن ئۇچالماي قاپتۇ . ئەخمەتجان قاسىمى سەپەرگە ئالدىراپ ، ئۇچۇشنى قەتئى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋاپتۇ . ئايرۇدۇرۇم مەسئولى ئامالسىز ، ئۇچسۇن ، دەپ ئىمزا قۇيۇپ بېرىپتۇ . ئايرۇپىلان ئۇچۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ، بايقال كۆلى بويىدىكى ئىگىز تاققا سوقۇلۇپ كېتىپتۇ . مەنبە : << شىنجاڭنىڭ 50 يىللىقى >> ... بۇرھان شەھىدى .
داۋامى بار .....