<<جۇڭگو ئامېرىكىدىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزى ئەمەس>>
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ،4- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان << يەر شارىلىشىش تەرەپدارلىرى >> ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىدا كۆتۈرۈلگەن جۇڭگوغا قارشى سادا ھۆكۈمەت پەيدا قىلغان تاشقى سودا كرىزىسىنىڭ بىۋاستە ئىنكاسى ، مۇددىئا جۇڭگونى قۇربان قىلىپ ، ئامېرىكىدىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى يېپىش .
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى جۇڭگو ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى بىر خىل ئۆز - ئۆزىدىن غەرەپلىنىش ئۇسۇلى ، تۈرلۈك ئامىللارنى نەزەرگە ئالغاندا ، ئامېرىكىنى قىيناۋاتقان نەرسە ئامېرىكىدىكى ئەمەلىيەتچىلىرىنىڭ ئەخلاقى جەھەتتە بۇزۇلغانلىقى .فايسال ئوراننى بىرلىشىپ قويۇلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، رىياد، 4- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى شاھزادە فايسال بۈگۈن مۇنداق دېدى: پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرىنى ئىران بىلەن بىرلىشىپ ئوران قويۇلدۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ ، ئوراننىڭ قورال ياساشقا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . ئىرانمۇ بۇ تەكلىپكە چوقۇم قوشۇلىدۇ .
قايسال يەنە مۇنداق دېدى: بۇ تەكلىپ ئىراننىڭ قاتماللاشقان يدرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ ، بۇ تەكلىپ ئارقىلىق ئىران ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىنى قويۇلدۇرۇلغان ئوران بىلەن تەمىنلەپ ، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ يادرو قورالى ياسىشىغا چەك قويىدۇ .مەنبە :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى