18–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: توكيو ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
مىڭجى باغچىسى ئولىمپىك مەركىزىنىڭ بىرى، باغچا ئىچىدە ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى، گوۋزې ئونۋىرسال تەنھەركەت مەيدانى، ئەگرى پالاق توپ مەيدانى، كۆپ خىل ئىشلىتىلىدىغان دەي دەي مۇ تەنھەركەت مەيدانى ۋە سۈ ئۈزۈش مەيدانى بار بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈ ئۈستى تۈرلىرى، قارىغا ئېتىش، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش، رۇداۋ، قېلىچۋازلىق ۋە باشقا تەنھەركەت تۈرلىرى مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىقلار بار.
1964–يىلى 10–ئاينىڭ 10–كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى بۇلۇپ، بۇ كۈنى ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولدى. چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى، يىغىنغا ياپۇنىيە پادىشاھى گۈرىن ۋە ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى، خەلىقئارا ئولىمپىك كومتىتى رەئىسى بولۇندىچ قاتارلىقلار قاتناشتى. ئامرىكا «شىنكېم» ناملىق سۈنئى ھەمرانى قويۇپ بېرىپ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق تارقاتتى، بۇ ئولىمپىك تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. 1964–يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ 70 يىللىقى بۇلۇپ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ يولغا قويغۇچىسى گۇبەيدەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئونىڭ 1936–يىلىدىكى سۆزىنىڭ فىرانسوسچە ئۈنئالغۇ لېنتىسى قويۇلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغلۇق بۇلۇپ، ياپۇنىيە پادىشاھى گۈرىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى، ياپۇنىيەنىڭ تۇنجى بەدەن گۈزەللىكى گىلماستىكا چىمپىيونى شىياۋ يې چىياۋ تەنھەركەتچىلەرگە ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلدى. << شىنجاڭ ئوتتۇرا _ باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كومپىيۇتۇر سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى>> نىڭ ماتىريال ئامبىرىدىن ئېلىندى.