چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 452 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: جەنۇبىي شىنجاڭ مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەر پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

tawpik626
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 36492
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 218 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 جەنۇبىي شىنجاڭ مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەر

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ay-turan بۇ تېمىنى ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﻯ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-02-18)
                            جەنۇبىي شىنجاڭ مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەر

                                
                                                                                         ئابلىزئابدۇقەييۇم تەۋفىق


مەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مائارىپ نازەرىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شەھىرىمىزدىن جەمئىي  28نەپەر ئوقۇتقۇچى، 2006 يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە، مائارىپ ساھەسىگە ياردەمگە باردۇق. بارغاندىن كېيىن ھەر قايسى ناھىيەلىرىگە تەقسىم قىلىندۇق. مەن يېڭى شەھەر ناھىيىسىگە تەقسىم قىلىندىم. بىر يىللىق خىزمەت جەريانىدا ئنتايىن ئەپسۇسلاندىم. كۆزئالدىمدا يۈز بېرۋاتقان ئشلارغا، ئەتىراپىمدىكى مەنزىرلەرگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بىراق، مەن ئۆزەم شۇ مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتاتتىم. بىلىم بۇلىقى بولغان مائارىپ ساھەسى، ئۇ،ئەڭ ئالدى بىلەن دەۋىرنىڭ ئىلغارلىقىنى، ئىلمىيلىكىنى، تەررەققىياتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن، مىللىي مائارىپىمىزدا،تا بۈگۈنكى قەدەر بىر خىل كونىلىق،ئپتىدائىلىق، دېكتاتۇرا تۈزۈم ناھايتتى ئىغىر تۈستە ھۈكۈم سۈرمەكتە. مىللىي مائارىپنى تەررەققى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، بىز ئاۋۋال مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. مىللىي مائارىپنىڭ تەقدىرى، سىزنىڭ ۋە مىنىڭ قۇلۇمدا. شۇڭا،مەن جەنوبى شىنجاڭ مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلىدىم. ۋە ئۇنى كەڭ قېرىنداشلېرىمىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.
1.    مەكتەپ رەھبەرلىرىدە باشقۇرۇش سەنئىتى يېتەرسىز  
         بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشى، يەنىلا ئىپتىدائى، قالاق جەمئىيەتتىكى ‹‹ئېغىر دىكتاتۇرا تۈزۈمىنى ۋە تۈسى›› نى ئالغان مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى ئوموملاشقان ۋە كۈندىن-كۈنگە ئەۋىج ئالغان ھەم بۇ تۈزۈم تۈسى، شەكلى ھەر قايسى بۆلۈم مەسئۇللىرىغىچە, ھەتتا ھەر قايسى گوروپپا مەسئۇللىرىغىچە كېڭەيگەن.
ھەممىزىگە مەلۇم ، مەكتەپ- ئالى بىلىم يۇرتى، ئادەم تەربىيلەيدىغان ئورۇن. مەكتەپ- جەمئىيەتتىكى پۈتكۈل كەسىپلەر زەنجەرسىمان ھالقىسىنىڭ بىرىنچى ھالقىسى. مەكتەپ- دۆلەت،مىللەت، جەمئىيەتىنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەيدۇ. مەكتەپ- مەدەنىيەتنى، پەن-تېخنىكىنى پۈتكۈل ئىلغارلىقىنى، يېڭىلىقىنى، ئىلمىيلىكنى تارقاتقۇچى مۇقەددەس ئورۇن. مانا مۇشۇنداق ئورۇندا تاكى بۈگۈنگە قەدەر كونىلىق، ئىپتىدائىيلىق، قالاقلىق،  دىكتاتورىلق ھۆكۈم سۈرسە بولامدۇ؟؟؟
مۇنداق كونىلىقنى، زورلۇقنى، بېسىمنى، تۈزۈمنى دەۋىر قوبۇل قىلالامدۇ؟ دەۋىرگە ماسلىشامدۇ؟ھازىر قانداق دەۋىر؟ دەۋىر ھەر قايسىمىزدىن نىمىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؟ ھەر قايسىمىز دەۋىرگە قانداق ماسلىشىشىمىز كىرەك؟بەلكى بۇ ساھە دەۋىر بىلەن تە ڭ مېڭىشى ۋە دەۋىرگە ماسلىشىشى كىرەك.مۇنداق بولىشى ئۈچۈن دەۋىر تەلەپ قىلغان پۈتكۈل ئىلغارلىقنى، يېڭىلىقنى، ئىلمىيلىكنى ۋە مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆزىدە ھازىرلىشى كىرەك. ئەڭ مۇھىمى يۇقرى تەلەپ، يۇقرى مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئىنتايىن يۈكسەك ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ(ئوقۇتقۇچىلارنىڭ) كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپمۇ قەلبى، روھىيىتى ئىنتايىن ئازادىلىكىنى ۋە ئەركىنلىكنى ھېس قىلالىشى كىرەك. ھەم مۇشۇنداق مۇھىت ۋە شارائىت ھازىرلنىشى كىرەك.
مەكتەپ رەھبىرى بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئوقۇتقۇچى ، ئىشىچى – خىزمەتچىلەرنى ئېغىر بىسم، تۈزۈم ئاستىدا، پۈتكۈل ئىشىنى، خىزمەتنى ئىقتىساتقا تاقاپ, جەرىمانە قۇيۇپ, بۇرۇنقى, كونا ئىپتىدائى باشقۇرۇش شەكلى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشى، بۇ مەكتەپ رەھبىرى بولغۇچىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىقتىدارلىق، قابىليەتلكنىڭ نامايەندىسى بولماستىن، بەلكى، ھىچقانداق ئۇسۇلى، چارىسى ،تەدبىرى ، ئامالى قالمىغان چاغدا قوللانغان بىر خىل ئەڭ ئىپتىدائى ئۇسۇلى . بۇ، شۇ رەھبەر بولغۇچىنىڭ ئەڭ ئىقتىدارسىز ، قابىليەتسىزلىكنىڭ يارقىن ئىپادىسى . ئەڭ ئاددىسى بىر ئوقۇتقۇچمۇ ھىچقانداق بىر ۋاستىسىز 50-200 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۆزىگە بۇسۇندۇرىدۇ ۋە قايىل قىلىدۇ . رەھبەر بولغۇچىدا تىخمۇ شۇنداق، زامانغا ماسلاشقان ناھايىتى ئىلمى شەكلىدىكى باشقۇرۇش سەنئىتى ، تاكتىكىسى ۋە تەدبىرى بۇلۇش تىخمۇ زۆرۆر.
مەكتەپ رەھبىرى بولغۇچىنىڭ ئىقتىدارى، قابلىيىتى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان ھەيۋىسىدە ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىت، شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدە. ھەيۋىسىدە ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك ئالى مۇلازىمەت قىلغانلىقىدا. ھەيۋىسىدە ئەمەس،بەلكى پۈتكۈل مەكتەپتە قانچىلىك ئۆزگىرىش، يېڭىلىق، تەرەققىيات يارىتالغانلىقىدا ئىپادىلەنسە كىرەك – دەپ ئويلايمەن. قىسقىسى مەكتەپ پەرزەنتلەرنى تەربىيلەيدىغان ئورۇن، ئۇ ھوقۇق بايرىقىنىڭ خادىسى ئەمەس. شۇڭا رەھبەرلىك كۆپرەك زېھنىنى مەكتەپنى دېمۇكراتىك باشقۇرۇش ۋە تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاش ئىشلېرىغا سەرىپ قىلىشى كېرەك.
  دۆلىتىمىز ھازىرقى ھەر قايسى ساھە بىرىنچى سەپتىكى ياش كادىرلاردىن》ئىلمىي باشقۇرۇش سەنئىتىگە ئىگە بولۇشنى، يېڭىلىق يارتىىش روھىغا باي بولۇشنى، ئىددىيسى ئازاد بولغان، تونۇشى ئازاد بولغان، كۆز-قارشى ئازاد بولغان، پىكىرى ئازاد بولغان، يېڭىلىق، ئىلغارلىق، ئىلمىيلىكنى ئۆزلىكىدىن قوبۇل قىلالايدىغان›› بىر تۈركۈم ياش كادىرلار بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىش-ھەركىتىدە، سۆزىدە، پېئىل- خاراكتىرىدە، ئىلغارلىق، يېڭىلىق، ئىلمىيلىكنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئۆزىنى يۇقارقى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللى مائارىپى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن.  
.2رەھبەر لەرنىڭ خوجايىنلىق ئىددىيىسى گەۋدىلىك بولۇشتەك  مەسىلە ئېغىر.  
مەكتەپ رەھبەرلىرى ھەمىمىمىز پارتىيە ئەزاسىمىز.پارتىيە ئەزاسى، پارتىيەنىڭ ۋەكلى.  ئۇنىڭدا ھىچقانداق بىر شەخسى مەنپەت مەۋجۇت بولماسلىقى، پۈتكۈل ئىشتا ئامما ، خەلقنىڭ مەنپەتنى ئويلىشى ۋە ئۇنى بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇشى كىرەك . پارتىىينىڭ ۋەكىلى ، دۆلەتنىڭ كادىرى بولغان بىر رەھبەر بولغۇچى،ئۆزنىڭ ئاشۇ ھاكىمىيەت ئورنىنى،خەلققە ھاكىميەت يۈرگۈزىدىغان ، دىكتاتۇر يۈرگۈزىدىغان ، خۇشامەتچىلك ، تەخسىكەشلىكىنى ئەۋىج ئالدۇرىدىغان ، شەكلىۋازلىق ، ساختىپەزلىكىنى ئەۋىج ئالدۇرىدىغان بىر ۋاسىتگە ئايلاندۇرۋالماي،》بۇلارئېنىقكى،چېرىكلىشكەنلىكنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى،شۇنداقلا ئەڭ دەسلەپكى- قەدىمى.《 بەلكى ئاشۇ ھاكىمىيەت ئورنىدىن پايىدلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ تۈپ مەنپەتىگە ۋەكلىك قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئەملى ئىش قىلىپ بىرىشى، كەڭ دائىرىلىك، ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى كىرەك . يولداش جىياڭزىمىن تەكىتلگەن« ئۈچكە ۋەكللىك قىلىش ئىدىدىيىسى » ،يولداش خۇجنىتاۋ تەكتىلگەن « سەككىز شەرەپ ، سەككىز نۇمۇس » قارشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئەملى خىزمىتىگە زىچ بىرىلەشتۈرۈپ، پارتىينىڭ ئستىل پاكلىقىنى ساقلاپ،  پارخورلىقىغا ، چىرىكلىكگە قەتىئى قارىشى تۇرۇپ، مەيدانىمىز ئېنىق ، بايرىقمىز روشەن ھالدا كەڭ خەلق ئاممىىسى ئۈچۈن ئادىل ، ھەققانى ، ئەملى ئىىش قىلىپ بىىرشىمىز كىرەك .
بىز پارتىيەگە كىرىشتىن ئىلگىرى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئالدىدا ‹‹جاپا-مۇشەققەتتە ئالدىدا بولىمەن، ۋەتەن-خەلىق ئۈچۈن قان-تەر تۆكۈشتىن يانمايمەن. ئامما-خەلىق ئۈچۈن ئالى مۇلازىمەت قىلىمەن››دىگەن شۇئارلارنى، ئۇلۇغ قەسەملەرنى بىرىپ كىرگەنمىز. ئەمدى ئەستىن چىقرىپ قويساق بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ چاكىرىمىز. رەھبەر بولغۇچى بىز، پارتىيەنىڭ ۋەكىلى، خەلىقنىڭ چاكىرىمىز. بىز ئۆزىمىزنى ھەرگىزمۇ خەلىقنىڭ خوجايىنى ئەمەس، ھەرگىزمۇ خەلىق ئۈچۈن دىكتاتورا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ چاكىرى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقرىپ قويماي، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن كەڭ دائىرلىك ئەلا مۇلازىمەت قىلىشىمىز كىرەك.
3.بىر قىسىم باھالاشلاردا دىموكراتىيە تۈزۈمى بولماسلىق مەسلىسى ئېغىر.  
ئۆتۈلگەن ئوچۇق دەرىسلەرنى باھالاش، ئىلغارلارنى باھالاش، ئەڭ مۇھىمى ئۇنۋان باھالاش قاتارلىق باھالاشلاردا ئاممىنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى ئاڭلاپ، دىموكراتىيە تۈزۈمىنى جانلىق قوللۇنۇپ،كىمنىڭ كەسپي ئىقدىدارى ئاجىز، مەسئۇليەتچانلىقى تۈۋەن بولسا، شۇ مىۋىسىنى كۆردىغان،كىم تەخىسىكەشلىكنى،خوشامەتچىلىكنى قاملاشتۇرالسا شۇ مىۋىسىنى كۆردىغان،كىم شەكىلۋازلىق،ساختىپەزلىكنى قاملاشتۇرالساشۇمىۋىسىنى كۆردىغان ئەمەس،بەلكى، كىم جاپالىق،ھەقىقي ئىشلىسە شۇ مىۋىسىنى كۆرىدىغان، كىم ئەستايدىل، مەسئۇلىيەتچانلىقى يۇقىرى بولسا، شۇ نەتىجىسىنى كۆرىدىغان، كىمنىڭ كەسپى ئىقتىدارى،كەسىپكەئۆزىنى بېغىشلاش روھى يۇقىرى بولسا ، شۇ مىۋىسىنى كۆرىدىغاندىن ئىبارەت  ئادىل، ھەققانىي باھالاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كىرەك.
ھەممىمىز ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى: مائارىپ ساھەسىدىن بۇ ساھەدە بىر دەكلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئورتاق نىشان ۋە مەقسەت دىگەن نەرسىلەر بولمىسا بولامدۇ؟
بىر- بىرىمىزنىڭ غەيۋەت-شىكايىتىنى،سۇخەنچىلىك، تەخسىكەشلىك قىلىپ، بىر-بىرىمىزدىن مەسىلە ئىزدەپ‹‹تۇخۇم ئۈستىدىن تۈك ئىزدەپ››،‹‹گۆھەر ئارسىدىن ئەخلەت ئىزدەپ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ››زىددىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ  چوڭقۇرلىشىشىغا شارائىت ھازىرلىساق بولامدۇ؟ بولۇشقا تىگىشلىك بولغان نەرسىلەر بىزدە بولماي، بولۇشقا تىگىشلىك بولمىغان نەرسىلەر بىزدە بولسا ھەم ئەۋىج ئالسا بىزنىڭ ھەر قانداق بىر  ئىشىمىز قانداق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ؟ ئۇنىڭدا ئۈنۈم، نەتىجە ۋە سۈپەت بولامدۇ؟
مائارىپ ساھەسى مىللەتكە، جەمئىيەتكە  مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنمۇ ياكى ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ئاداۋىتىنى زىددىيتىنى سۆرەپ كىرىدىغان ئورۇنمۇ؟ ھەل قىلىدىغان ئورۇنمۇ؟بۇ ئارقىلىق زىددىيەتنى كۈندىن-كۈنگە ئەۋىج ئالدۇردىغان، چوڭقۇرلاشتۇردىغان ئورۇنمۇ؟ ھەر قايسىمىزنىڭ سالاھىيتى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيتى نىمە؟ يۇقارقى  ناچار، چاكىنا ئىللەتلەر بىزدە بولۇشقا تىگىشلىكمۇ؟ بىزنىڭ مەجبۇريتىمىز ھەقىقى بىر ئادەم تەربىيلەپ چىقىشمۇ ياكى يۇقارقى ئۆزىمىزدىكى چىرىك كىسەللىك باكتىرىيىسى ۋە ۋىروسلىرىنى، پاك-سەبى ئەۋلاتلارغىمۇ يۇقتۇرۇپ، تۈركۈم-تۈركۈم ئەنە شۇنداق كىسەللىك ۋىروسلىرىنى تەربىيلەپ چىقىشمۇ؟
   4. مائارىپنىڭ ئوبىيكتىۋى، نىشانى، مەقسىدى نېمە؟
  مائارىپنىڭ ئوبىيكتىۋى- ئوقۇغۇچى(ئادەم)، نىشانى- ئوقۇتۇش(ئەخلاقى تەربىيە ۋە كىتاۋى بىلىم) ئېلىپ بېرىش. مەقسىدى-جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقى ئادەم(ئىىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ) چىقىشمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ ئوبىيكتىۋى، نىشانى، مەقسىدى باشقا بىر نەرسىمۇ؟ زادى نېمە؟؟؟ياكى مائارىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈم، سىياسەت-پەرمانلېرىنى ئىجىرا قىلدىغان كوزورىمۇ؟؟؟
5. ئۆتۈلىۋاتقان تۈرلۈك ئوچۇق دەرىسلەرنىڭ مەقسىدى نېمە؟
ئۇنىڭ مەقسىدى》 ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، كەمچىلىكىنى تۈزتىش، ئىلھاملاندۇرۇش《بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى كونا ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن، 》 يېڭىچە شەكىل، يېڭىچە ئۇسۇل، يېڭىچە كۆز-قاراش، يېڭىچە ئىددىيە، يېڭىچە تەپەككۇرىنى《 تەلەپ قىلىۋاتقان ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تەلىۋى، ساپا مائارىپىغا يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق مىللى مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشمۇ؟ ۋە ياكى دەرىس باھالاش ئارقىلىق شەخسى ئۆچ-ئاداۋەتنى ئېلىش،  پۈتكۈل يىتەرسىزلىكىنى ئېچىپ تاشلاش، پۈتكۈل ئوقۇتقۇچى بىردەك شۇ ئوقۇتقۇچىغا قاخشاتقۇچ زەربە بىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ خىزمەتكە، كەسىپكە، مىللى مائارىپقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى، ئۇلۇغ روھىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۇجۇقتۇرۋېتىشمۇ؟ئومومەن ئوچۇق دەرىسنىڭ مەقسىدى كىشىگە زەربە بىرشنىڭ ۋاستىسىمۇ؟ ئۇچۇق دەرىسنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرىش ھوقوقى بار ئەلۋەتتە ، بىراق پىكىر بايان قىلىشنىڭمۇ ئىلمى ئۇسۇللىرى كۆپ ، ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە شۇ ئوقۇتقۇچى ئۆز خاتالىقىنى كۆرىۋىلىشقا پۇرسەت بېرەيلى، تىل دىگەن نەيزە ياكى نەشتەر ئەمەس ئۇ ئەسلى جىسمىدىلا يۇمشاق بىر پارچە گۆش شۇڭا بىزنىڭ تىنىمىز بىلەن بىرگەۋدە بۇلۇپ تۇرالىغان ياخشى سۆز بىلەن بىزگە ئىللق يەتكۈزەلىگەن ، تىلنىڭ جىسمىنى قاتتىق قىلىش قولىمىزدىن كەلمىگەن بىلەن نەشتەردەك ئاچچىق رەدىيە ۋە سۈپەتسىز سۆزلەر تىلنىڭ رولىنى پۇلاتتىن قاتتىق ، زەھەردىن ئاچچىق قىلىۋىتىدۇ. تىلنى توغرا ئىشلىتىش بىزنى خىزمەتلەردە ئالغا باستۇرالايدۇ. « ئادەم كۆركى يۈزدۇر ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ئول تىل كۆركى سۆز ».
6. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ناھايتتى ئېغىر.
بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ》 كەسىپكە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ۋاقىتقا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى ، دەرىسخانىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى،  كومۇسسسىيەدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ئەڭ ئاخىرىدا ئالدىدا  كۆزى مۆلدۈرلەپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى، مىللى مائارىپقا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى، مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى، جەمئىيەتكە بولغان  مەسئۇلىيەتسىزلى.《
ئەمدى ھەر قايسىمىز ئويلىنىپ باقايلى يۇقارقى بىر قاتار مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر بىر قىسمىمىزدا بار ھەم ساقلىنىۋاتىدۇ ھەم كۈندىن-كۈنگە شاخلىنىۋاتىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئويلىنىپ باقايلى- ھەر قايسىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى، سالاھىيتىنى نېمە؟》 ئوقۇتقۇچى-- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژنىرى《،》 ئوقۇتقۇچى- باغۋەن《،》 ئوقۇتقۇچى- شام-مەشئەل《،》 ئوقۇتقۇچى-   بۇلاق《-ئەمەسمىدى؟ ھازىرقى زامان مائارىپىدا》 ئوقۇتقۇچىنى- قوياشقا ئوخشىتىدۇ《. ئەمدى يەنىمۇ ئويلىنىپ باقايلى- ھەر قايسىمىزدا يۇقارقىدەك ئېغىر، كەچۈرگۈسىز مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر مەۋجۈت تۇرسا، بىز مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ- ئۇلۇغ تەرىپلەشلەرگە ئۇيغۇن كىلەرمىزمۇ؟ بىزنىڭ ئوبرازىمىز قېنى؟ سالاھىيتىمىز نېمە؟ بۇ مەسىلىنى ھەر بىرىمىز چوڭقۇر ئويلىنىپ مىللەتنىڭ كەلگۈسى نابۇت قىلمايلى. سىز دەرىسخانىدىكى بىر مىنوت ۋاقىتنى زاياقىلسىڭىز مىللەت ئالدىدا جىنايەتچىسىز.
7. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۆيىنىشىنىڭ يىتەرسىزلىكى
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازىغا، ئاتا-ئانىسىغا، قېرىندىشىغا ھەتتا ئەڭ يېقىن سىرداش دوستىغا ئايلىنالىشى كىرەك. ئوقۇغۇچىلارغا بىردەك مۇئامىلە، پوزىتسىيىدە بولۇپ، بولۇپمۇ دەرىستە كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش كىرەك. يېقىندا، مۇتەخەسىسلەر يېڭى بىر كۆز-قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى- يەنى》بىر سىنىپتىكى دەرىستە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن دەرىستە كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ھۆرمەتلىك،ئەڭ ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىن چىقىدۇ《 دىگەن كۆز-قاراشتىن ئىبارەت. ئۇلارنى ھاقارەتلەش، ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش بولۇپمۇ ئۇلارنى كەمىستىش، ئۇلارنىڭ پاسىپلىق رولىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋېتسە ئاشۇرۋېتىدىكىن ھەرگىزمۇ ئىجابى رول ئوينىيالمايدۇ چۈنكى بالىلاردا قارشىلىق ئىدىيىسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ شۇڭا بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولىشىمىز كېرەك شۇڭا ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تىل-ھاقارەت بىلەن، قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىگىش ئەمەس(ھەم ئىگىلمەيدۇ)، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستىغا ئايلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى، ھۆرمىتىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە تىكلەپ، شۇ ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن شۇ قەلىبنىڭ مايللىقى، ئىختىيارلىقى بىلەن ئىگىلىشىنى ھەمدە بىلىمىمىزنىڭ يېڭىلىقى، كەڭ دائىرلىقى بىلەن  بىزگە ھەقىقى قايىل بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرشىشىمىز كىرەك. ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىزگە نىسبەتەن مەڭگۇلۇك يېمىرىلمەس ،گۇمۇرلۇپ چۇشمەس ،مەڭگۇلۇك ئۆچمەس ،بەلكى نۇرچاقناپ تۇردىغان بىر ئابىدە تىكلىشىمىز كېرەك .بۇئابىدە ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىگە نىسبەتەن غايەت زور ئىجابى ھەركەتلەندۈرگۈچ رول ئوينايدۇ.بۇئابىدىنى قانداق تىكلەيمىز؟ ھازىرقى زامان مائارىپىدا》ئوقۇتقۇچىنى- قوياشقا ئوخشىتىدۇ《. قۇياش قانداق نەرسە؟قۇياش پۇتكۇل كائىناتكا ۋە كائىناتتىكى بارلىق شەئىلەرگە يورۇقلۇق ،ئسىقلىق ئاتا قىلدۇ.شۇڭا بىزنەئسىقلىق نەيورۇقلۇق ئاتا قىلالمايدىغان شامغا ئەمەس ،بەلكى قۇياشقا ئوخشاش، بىز ئوقۇغۇچىنىڭ مەنىۋى روھىيىتىگە ئۆزىمىزنىڭ مېرى-مۇھەببىتى ئارقىلىق تەسىرقىلىشىمىز،ئېرىتىشىمىز،يورۇتالىشىمىزكېرەك. ئاندىن ئوقۇغۇچى بىزنى كۆرسە ئۇرۇپ ئۈسسۈپ ئۆتۈپ كەتمەي، بەلكى بىزگە يول بىرىدىغان، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار بىزبىلەن ئېيتىشماي، تاكاللاشماي بەلكى بىزنى كۆرسە بىر خىل ئەيمىنىدىغان ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار تاكى بىزگە قول ياندرۇش باسقۇچىغا بارماي بەلكى بىزدىن، پۈتكۈل ئىشلىرىدىن بىر خىل خىجىللىق، ئۇياتلىق ھىس قىلىدىغان بىر خىل ھالەت ئوقۇغۇچىلاردا شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئۆزىمىز شەكىللىندۈرەلمەي، دەرىسخانىدا بىزگە بوي سۇنمىسا، دەرىسخانىنى باشقۇرالمىساق( سىنىپ باشلىقىغا ھاۋالە قىلساق)، ئوقۇغۇچى بىز بىلەن تاكاللاشسا، ئەڭ ئاخىرىدا كېلىپ بىزگە قول ياندۇرسا، بۇ ئىشلاردىن، بىز ئوقۇغۇچىدىن ۋە باشقا بىر كىمدىن رەنجىمەي، بەلكى پەقەت ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ قابىليەتسىز، ئىقتىدارسىزلىقىمىزدىن رەنجىسەك بولىدۇ(ئەخلاقى تەربىيەنىمۇ كۈچەيتىش كىرەك.) ئوقۇغۇچىنى ھاقارەتلەش ۋە تەن جازاسى بىېرىش پەقەتلە ھېچ قانداق تەدبىرى بولمىغان ساپاسىز ، بىچارە ۋە ئاجىز ئوقۇتقۇچىنىڭ باشقۇرۇش ۋاستىسى دەپ ئويلايمەن.
8. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمىنىڭ يېڭىلانماسلىق مەسلىسى ئېغىر.    
        :سەۋەبى
1)    ئوقۇتقۇچىلارغا شارائىت ھازىرلانمىغان.
2)    شەكىلۋازلىق،ساختىپەزلىكنىڭ ئەۋىج ئېلىشى
3)    تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولىشى
4)    بۇ رەسمىيەتلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپيىپ بېرىش مەسلىسى، ئوقۇتقۇچىلاردا ۋاقىتنىڭ يوق بولىشىنى، پۇرسەتنىڭ يوق بولىشىنى ۋە ئوقۇتۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ كىرەلمەسلىكتەك بىر قاتار مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 10-20 يىل ئىلگىركى مائارىپنىڭ تەلىۋى-》 ئوقۇغۇچىغا بىرتامچە ياكى بىر ئىستاكان سۇ بىرىشى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا چوقۇم بىر چىلەك ياكى بىر كۆل سۇ بولىشى كىرەك دىگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويغان《. ھازىرقى دەۋىردە  بىرئۇتلام،بىرئىستاكان ياكى بىر چىلەك سۇ بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قەتئى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. كۆلدىكى سۇ بولۇپ قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى باش-ئايىغى بولمىغان كۆلدىكى سۇ 10-20يىل ئەمەس بەلكم نەچچە يىلدا، نەچچە ئايدا، ھەتتا نەچچە كۈندە سېسىپ قۇرۇتلاپ كىتىشى مومكىن. ھەر قايسىمىزدىكى بىلىم بەئەينى شۇ كۆلدىكى سۇ كەبى قەپقالغان . بۇنداق سۇنى ئىستىمال قىلغان ھەر  قانداق بىر شەيئى ياكى جان ئىگىسى كىسەل بولىدۇ ، ئاخىرى ئۆلىدۇ. بىز بۇ سۇ بىلەن كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى، مىللى مائارىپنى، مىللەتنى كىسەل قىلساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم ھازىرقى زامان  مائارىپىنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشىشىمىز كىرەك. 》ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ چاقىرقى، تەششەببۇسى، تەلىۋى-ئوقۇتقۇچىلاردىكى بىلىم بىر چىلەك سۇ ياكى باش ئايىغى بولمىغان بىر كۆلدىكى سۇ بولۇشىنى ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلاردىكى بىلىم -خۇددى ئاققان ئېقىن سۇدەك ئۈزلۈكسىز يېڭىلنىپ تۇرۇشىنى، شۇنچە پاك، شۇنچە ساپ، سۈزۈك بولىش كىرەكىلىكىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ 《. ئۇنى ئىچكەن كىشىنىڭ قەلبى چىرىمەي، بەلكى قەلبىنى ياشارتىشى، قەلىبكە بولغان بىر خىل راھەت، بىر خىل ھوزۇر، بىر خىل جانلىق تەپەككۇر ئاتا قىلالىشى كىرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ 21-ئەسىر مائارىپىنىڭ تەلىۋى ۋە چاقىرقى. مائارىپ ئادەم تەربىيلەيدىغان، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربيلەيدىغان، كەسكىن رىقابەت بازىرىنى، ئىقتىساس ئىگىلىلىرى بىلەن تەمىنلەپ بىرىدىغان ئورۇن. مانا مۇشۇنداق ئورۇندا دەۋىرنىڭ ئىلغارلىقى، دەۋىرنىڭ يېڭىلىقى، پەن- تېخنىكا، ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، تور-ئۇچۇر ئالاقىسى بولمىسا بولامدۇ؟بىز ئۇنداقتا دەۋىرگە قانداق ماسلىشىمىز؟ قانداق يىتىشىمىز؟ مائارىپنىڭ تەلىۋىدىن قانداق چىقىمىز؟ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قانداق قاندۇرىمىز؟ياكى بولمىسا》  بىز يەنە شۇ بىر تال كىتاپ، شۇ بىر تال ئاق بور، شۇ بىر پارچە سىمونىت دووسكا ئارقىلىق يەتمەكچىمۇ؟《 بۇ مۇمكىنمۇ؟ 》بۇ خۇددى ئاي شارىغا ياكى مارىسقا، پىيادە ياكى ئىشەكلىك چىقىمەن دىگەندىن ئىبارەت ئەخمىقانىلىق ئەمەسمۇ؟《
9. ئوقۇتقۇچىلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋى دەرىس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئېغىر .
.(1يەنىلا ئوقۇتقۇچى ئاساس ئورۇندا تۇردىغان، ئوقۇغۇچى قوشۇمچە ئورۇندا تۇردىغان
       .(2 ئوقۇغۇچىلارغا ئويلىنىش ۋاختى، پىكىر قىلىش ۋاختى، سۆزلەش ۋاختى، قول سېلىپ ئىشلەش ۋاختى بېرىلمەسلىك :ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تەلىۋى:
(1)    ئوقۇغۇچى ئاساسى ئورۇندا، ئوقۇتقۇچى قوشۇنچە ئورۇندا تۇرۇشى
(2)    ئوقۇغۇچىغا ئويلىنىش پۇرسىتى ، پىكىر قىلىش پۇرسىتى ، سۆزلەش پۇرسىتى ، قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتى  بىرىش
(3)    بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىدا يېڭىلىق يارتىش روھى، يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە كۆز قاراش، يېڭىچە پىكىر،  يېڭىچە ئۇسۇل،  يېڭىچە شەكىل بولۇش كىرەكلىكى تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ.
(4)    ئوقۇتقۇچى سەھنىدىكى بىر مۇنەۋۋەر ئارتىسنىڭ رولىنى ئالالىشى كىرەكلىكى تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. مائارىپنىڭ  بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقى جانلىق، تىرىك تەپەككۈرگە ئىگە ئادەم ، ھەقىقى ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ بىرىشمۇ؟ ياكى تەپەككۇرى يوق، ئويلىنىشى يوق، قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى يوق، يېڭىلىق يارتىش روھى تېخىمۇ يوق بولغان تۈركۈم-تۈركۈم ماشىنا ئادەملەرنى يىتىشتۈرۈپ بىرىشمۇ؟
ھازىر مائارىپنىڭ بىز ئوقۇتقۇچىلاردىن كۈتىۋاتقىنى دەرىسلىكنى ۋاستە قىلىپ دەرىسلىك پايدىلانغان ئاساستا بالىلارغا يېڭى بىلىم بېرىش. ھەرگىزمۇ دەرىسلىكنى بالىلارغا ئۇدۇللا يەتكۈزۈپ قويماسلىق .
   ئىلىكتىرونلۇق مائارىپ ئۈسكىنىلىرىدن پايدىلانغاندا دەرىسنىڭ ئۈنىمىنى ئويلىشىش ھەرگىزمۇ ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلىتىشنى مانۋېر قىلىپ بېرىش ئەمەس.
10. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە دىققەت قىلماسلىق مەسلىسى ئېغىر.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاشقى قىياپىتى ئوقۇغۇچىلارغا بىرىنچى بولۇپ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىزدە نەچچە ئون مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ، تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى كىيىم-كېچەكنى ئۇزۇن، بەدەن روشەن ھالدا گەۋدىلىنىپ، تەسۋىرلىنىپ قالمايدىغان ھالەتتە كەڭ-كۇشادە، ئاددى-ساددا، بەك رەڭدار كىيمەسلىكتىن ئىبارەت مەدىنىيتىمىز، ئېسىل پەزىلىتىمىز بار،  بۇ مەدەنىيتىمىز، بۇ ئېسىل بەزىلىتىمىزگە مۇشۇ مەدەنىيەت ۋە ئېسىل پەزىلەتنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا تارقاتقۇچى-ئوقۇتقۇچى(خانىم – قىزلىرىمىز)ۋارىسلىق قىلىشى كىرەك ۋە ئۆزدە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كىرەك.
ئوقۇتقۇچىلار كىينىشتە، يۈرۈش-تۇرۇشتا، گىرىم قىلىشتا(بولۇپمۇ خانىملار)ئىش ھەركەتتە، گەپ-سۆزدە، پېئىل خاراكتىدە ناھايىتى مەدەنىيەتلىك بولۇشقا دىققەت قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى، سالاھىيتىنى ۋە ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە يېمىرىلمەس، مە ڭگۇلۇك غۇلاپ چۇشمەيدىغان بىر ئابىدە تىكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەكلىكىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى ئوقۇتقۇچىنىڭ، ئوقۇغۇچىدا، ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئېلىش ۋە ئالالماسلىقى، ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ پۇتكۇل ئىستقبا لىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
11. مەدەنىيەتسىز گەپ-سۆزلەرنىڭ، ئىش -ھەركەتنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىللىرىمىزدا يامراپ كىتىش ئەھۋالى ئېغىر.
بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىللىرىمىز مەدەنىيەتسىز گەپ-سۆزلەرنى، چاخچاقنىڭ، قىززىقچىلىقنىڭ، خوشاللىقنىڭ، كۆڭۈل خوشلىغىنىڭ بەلگىسى قىلىۋالغان. ئىشخانىدا، يېنىدا، ئوقۇغۇچى بارمۇ- يوق ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق. ئېغىزدىن بىمالال تۆكۈلىۋاتقان گەپ-سۆزلەرنىڭ دەرىدىدە ئولتۇرغىلى، تۇرغىلى بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئەسلىدە قەلبى پاك، روھى ئۇلۇغ ئىنسان ئەمەسمىدى؟ ئۇ كەلگۈسىگە، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا، مەدەنىيەتنى، ئۆرىپ-ئادەتنى، پەن-تېخنىكىنى، ئىلغارلىقنى، يېڭلىقنى، روھى ۋە قەلىبدىكى پاكلىقنى، سۆز-ھەركەت، پېئىل-خاراكتىردىكى ئىلمىيلىكنى، مۇكەممەللىكنى، تاكاموللىقنى تارقاتقۇچى ئەمەسمىدى؟ ئەجىبا سىز ئېغىزىڭىزدىن ئاشۇنداق گەپ-سۆزلەر بىمالال تۆكۈلىۋاتقان چاغدا، ئۆزىڭىزنى، ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيتىڭىزنى، مەسئۇلىيەت-مەجبۇريتىڭىزنى ئەستىن چىقىرىپ قويدىڭىزمۇ؟  يۈزىڭىز قىزارمىدىمۇ؟يېنىڭىزدىكى بالىڭىز ئورنىدىكى شۇ ئوقۇغۇچىڭىزدىن ئۇياتلىق ھىس قىلمىدىڭىزمۇ؟ ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە يات ئىش. بىراق ،بۇ ئىش، ئەرلەردىن ھالقىپ مىللەتنىڭ ئانىسى بولىمىش خانىم قىزلىرىمىزدا كۆرۈلسە بۇنى نىمە دىگۈلۈك. بىز جەمئىيەتكە زابوي ۋە لۈكچەك تەربىيلەمدۇق؟ بالا دىگەن ئاق – قارىنى پەرىق ئەتكۈچە ئاۋال باشقىلارنى دورايدۇ ، بالىلارغا كۈندە نەچچە رەت ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيمىزيۇ  ئۆزىمىزگە نەچچىلىك تەربىيە ئىشلىيەلدۇق ؟؟؟
12. ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى تەربىيەنىڭ يىتەرسىزلىگى
ئەخلاقى تەربىيەنىڭ ۋە تۈزۈمنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلاردا بىرخىل چېچىلاڭغۇلۇق ھالەتنىڭ مەۋجۈت بولۇشى، يەنى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تاكاللىشىش ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارغا قول ياندۇرۇش،ئىشخانىلارغا بىمالال ئۈسسۈپ كىرىش، دەرىسخانا ئىنتىزامىنىڭمۇ ئىنتايىن ناچار بولۇشى، دەرىسكە كىچكىش، ، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش،(ھەتتاقىزلارنىڭ ھاراق ئىچىىشى)، رېستۇراندا كۆللىكتىپ يىغىلىش قىلىش،مۇھەببەتلىشىش، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقسىزلىق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەتتا دەرىسخانىلاردا بىر-بىرى بىلەن چاچلىشىپ ئۇرۇشىشى، ، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا ئاتالمىش قاتارلىق گوروھلارنىڭ تەشكىللىنىشى ھەم مەۋجۈت بولۇشى قاتارلىق............بىر قاتار ئېغىر مەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ساقلىنىشىدا ھەمدە ئەۋىج ئېلىشىغا بىۋاستە ھەمدە تۈپكى سەۋەب بولغان.  مەكتەپتە مەسىلە كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئىشلەشتە نوقۇل ھالدا بىر ئوقۇغۇچىغىلا قارىتىۋىلىش بىر تەرەپلىمىلىكتۇر، تەربىيە ئىشلەشتە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە باشلىقى ، قېرىندىشى، سىنىپ مەسئولى ۋە باشقا دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى بىردەك قاتنىشىشى زۆرۆ.ر بۇ تەربىيلەش يىغىنىغا قاتنىشىشى ئاڭلاش ۋە تەربىيىگە ياردەملىشىش ئەمەس ،بەلكى، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىدە شۇلارنىڭمۇ مەسئولىيىتى ۋە سەۋەبى بولىدۇ.
گەرچە 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ بولسىمۇ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى- ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە  نىسبەتەن تۈزۈم بولىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ھەم تۈزۈم بولىشى كىرەك. ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا كۆرۈلگەن ھەر قانداق چوڭ-كىچىك مەسلىلەرنى ئۆز ۋاختىدا، ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىر بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، بىر ئارقىلىق مىڭغا تەربىيە بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارنىڭ پۈتكۈل ئىش-ھەركىتىنى قېلىبلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپكە چۈشۈرۈش كىرەك.
مەكتەپ ئادەم تەربىيلەيدىغان ئورۇن. دۆلەتنى قانۇن- تۈزۈمدىن باشقا، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە، مەكتەپتە ئادەم تەربىيلەش ئۈچۈن كىتاۋى بىلىم ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا ئەخلاقى تەربىيىنى ئېلىپ بېرىش ۋە كۇچەيتىش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەكتەپتىن باشلاش كىرەك.
بىرىنچىدىن،  ئۇلارغا ھەر خىل ئۇسۇل ۋە شەكىلدىكى ئەمەلىيەتچانلىقى يۇقىرى بولغان  ئەخلاقى تەربىيىنى ئېلىپ بېرىش ۋە كۈچەيتىش ئارقىلىق، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەيدىغان، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنى قەدىرلەيدىغان، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغاندىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئېسىل پەزىلەتنى ئۇلاردا يىتىلدۈرۈش كىرەك.
ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك لىكسىيەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق,مۇھەببەت تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىنى ئېكىسكۇرسىىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە، قانۇنغا بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جىنايەت يولىغا كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاساس سېلىپ(چۈنكى تولۇقسىز ئوتتۇرا باسقۇچ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسان جىنايەت يولىغا كىرىپ قالىدىغان، ئاسان جىنايەت سادىر قىلىدىغان باسقۇچ) بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگتىش كىرەك.
13. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبئى پەنلەرگە بولغان قىزغىنلىقى تۆۋەن، ئاساسى ناچار.
   تەبىئي پەنلەر دۇنيا تەررەققىياتىنىڭ يادروسى. دۇنيانىڭ تەررەققىيات يۈزلىنىشى. نۆۋۋەتتە، مىللىي مائارىپىمىزدا، پەرزەنتلېرىمىزنىڭ تەبىئىي پەنلەرگە قىززقماسلىق مەسىلىسى ئېغىر.
بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەت، تۈرلۈك پەن-تېخنىكا لىكسىيىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پەن-تېخنىكا ئورۇنلىرىنى ئېكىسكۇرسىىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۇنيادىكى تەرەققىيات، كەشپىيات، يېڭىلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەبئى پەنلەرگە بولغان قىزغىنلىقىنى، ئىشتىياقىنى، ئۆگنىش روھىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك. بۇ ئارقىلىق تەبئي پەنلەردىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئاساس ھازىرلاش كىرەك.
14. ئوقۇغۇچىلاردا ئومومى يۈزلۈك دەرىس تەكرارلىماسلىق، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك مەسلىسى ئىنتايىن ئېغىر .
        ئەلۋەتتە، نۆۋۋەتتىكى مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ بالىلارغا ئۇيغۇن كەلمەسلىكى، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ نورمال ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرلىشىغا ۋە سۈپىتىگە ئىېغىر توسالغۇ بۇلۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى.
ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىسلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق، بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى مۇستەقىل ئىشلەش ئارقىلىق، شۇ كۈنلۈك دەرىسلەرنى ھەزىم قىلىپ مېڭىشى، ئوقۇتۇش سۈپىتىدىكى-يادرو. بەلكىم بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدە شۇنداق مۇھىت ۋە شارائىت ھەم بولۇشى ھەم بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۋېتىمىزمۇ؟ ئوقۇغۇچى دەرىس تەكرارلىمىسا، تاپشۇرۇق ئىشلىمىسە نەتىجە نەدىن كېلىدۇ؟ سۈپەت قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؟ بۇ مەسلىنى مەكتەپ ھەل قىلىشى كىرەك. ئوقۇغۇچىغا شۇنداق مۇھىت ۋە شارائىتنى مەكتەپ ھازىلاپ ۋە يارتىپ بىرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچى قىزغىنلىق بىلەن دەرىس ئوقۇيدىغان، قىزغىنلىق بىلەن دەرىس تەكرارلايدىغان، تاپشۇرۇقلارنى مۇستەقىل ئىشلەيدىغان ئادەتنى ئوقۇغۇچىلاردا يىتىلدۈرۈش كىرەك.  بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر بىر مەكتەپ ئۆزىنىڭ شارائىتىغا، ئەمىليىتىگە ئاساسەن، مە يلى قانداق چارە-تەدبىر قوللىنىشتىن قەتئى نەزەر، پۈتكۈل ئوقۇغۇچىدا بىردەك قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇيدىغان، بىردەك قىزغىنلىق بىلەن دەرىس تەكرارلايدىغان، يۇقىرى كۆرتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن كەيپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىشى كىرەك.
15. تەجرىبە سىنىپلار كىم ئۇچۇن ئېچىلغان؟نىمە مەقسەتتەئېچىلغا؟
تەجرىبە سىنىپلارغا تەجرىبە سىنىپلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە》 شارائىت، مۇھىتنىڭ ھازىرلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىلمىگەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بىرىلمىگەنلىكى، تەجرىبە سىنىپلارنىڭ جانلىق، ھەركەتچان بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىلمىگەنلىكى، ھەر قايسى دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ سەپلىنىشىگە ئەھمىيەت بىرىلمىگەنلىكى، ئەڭ مۇھىمى سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ سەپلىنىشىگە ئەھمىيەت بىرىلمىگەنلىكىدىن《 ئىبارەت بەش نەرسىگە ئەھمىيەت بىرىلمىگەن. تەجىرىبە سىنپلارنى ئېچىش، ئەملىيەتتە، مائارىپ قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىگە زىت . ھەتتا مائارىپنىڭ ماھىتىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .( 2007- يىللق مائارىپ ژورنىلىنىڭ 4- ساندا)، 》 جۇڭخۇاخەلىق جۇمھۇريىىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى《بېسىلىغان.2006-يىلى6-ئاينىڭ29-كۇنى
جۇڭخۇاخەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ22-يىغىنىدا تۈزىتىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن،رەئىس خۇجىنتاۋ، 2006- يىلى9-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ يولغاقويۇلسۇن دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. قانۇننىڭ 22- ماددسىدا: ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلىق ھۆكۇمىتى ۋەئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى،مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى پەرقىنى كىچىكلىتىشى،مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق ۋەئاددەتتىكى دەپ ئايرىماسلىقى، مەكتەپلەر، سىنىپلارنى نۇقتىلىق ۋەئاددەتتىكى دەپ ئايرىماسلىقى كېرەك دېيىلگەن.53-ماددسىدا:مەكتەپلەرنى،سىنىپلارنى نۇقتىلىق ۋەئاددەتتىكى دەپ ئايرىغانلىرىغا قانۇن بۇيىچەمەمۇرى چارە كۆرۈلدۇ دىېيىلگەن. چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنى ياخىشى ، ناچار دەپ ئايرىش، .(1ئۇلارغا ئېغىر روھى بىسىم ۋە ئۆزىگە كەمسىتىش ئىلىپ كىلدۇ.2).ئوقۇغۇچى ئوقۇغۇچىدىن ئۆگۈنۈش مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.3).رىقابەت ئېڭى مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.4).ئىدىيىسى ۋە كۆز-قارىشى ئۆزگۈرۈش مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.ئۇمۇمەن، ئۇلارغا نىسپەتەن ئىجابى رولىدىن، سەلبى رولى كۆپ . خوش ،تەجىربەسىنىپلارقانداق سىنىپلار؟ئاتالمىش،》قوش تىللىق-《 سىنىپلارمۇ؟ تەجىربىە سىنپلارنى ئېچىش ئارقلىق، نىمىنى تەجىرىبە قىلماقچى ؟ ئادەمنىمۇ ؟ ئوقۇتۇشىنمۇ ؟ياكى تىلنىمۇ؟ ئادەم بولسا ، ياخىشى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ياكى ناچار ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ؟ ناچار ئوقۇغۇچىلارنمىكىن دىسە ، تەجرىىبە سىنپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەمىمىسى تاللۋىلىنغان ئەڭ ياخىشى ئوقۇغۇچىلار . ئۇنداقتا ياخىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىمىسىنى تەجىرىبە ۋە تەتقىق قىلماقچى ؟ تەجىرىبە سنپلارنى ئېچىشتىكى مەخسەت زادى نىمە ؟ تەجىرىبە سىنپلارنى ئېچىش ۋە يىلدىن يىلغا كۆپەيتىش ئارقىلق نىمىنى تەجىرىبە قىلىپ قانداق بىر مەخسەت ، نىشانغا يەتمەكچى ؟ بۇ مەسلە يۇقىرىدىن ئېنىق يەتكۈزۈلگەنمۇ يوق ؟ ئەگەر يۇقىرىدىن ئېنىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، تۆۋەنگە چۈشكەندىن كىيىن بۇرۇملىنىپ كەتكەنمۇ- قانداق ؟ ئەسلى مىنىڭچە بولغاندا ، تەجىرىبە سىنپلارغا دەرىستە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەس، بەلكى دەرىستە ئەڭ كەيىنىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ،ئۇلارنىڭ ئۈنۋرىسال جەھەتتكى ئوموميۈزلۈك ساپاسىنى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ، سۈپتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، مۇشۇ جەرياندا قوللىنلغان پۈتكۈل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، مىتودى ، چارە – تەدبىر ۋە تەجىربىلەرنى  يەكۈنلەش ئارقىلق، مائارىپنى ، ئوقۇتۇشىنى ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ، مىتودىنى ۋە ئوقۇتۇشتىكى ساقلىنۋاتقان بارلىق ئاممللارنى تەتقىق قىلىش كىرەك . ئەملىيەتتە، ھازىرقى دەۋىردىكى تەجىرىبە سىنپلارنىڭ مەخسىتى ، نىشانى ، دەرىسىتە ئەڭ ياخىشى ئوقۇغۇچىلارنى بىر نەچچە سىنپقا تاللىۋىلىپ، شۇ تەجىرىبە سىنپلاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن نۇقتىلۇق 10-15 نى چىڭ تۇتۇپ، شۇلار ئىچىدىن يەنى 3-5 كىچە ئوقۇغۇچىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مەكتەپ رەھبىرى ئۆزنىڭ خىزمەت ئورننى ساقلاپ قىلىش ، ئۆزنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنىلكنىڭ ، ئۆزنىڭ ئىقتدارلىق ، قابىليەتلىك ئىكەنلكنىڭ ۋە شۇ مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپتنىىڭ يۇقىرى كۈتۈرلگەنلكىنىڭ شۇنداقلا شۇ مەكتەپنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستىسى ۋە ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلۋالغان . ئەملىيەتتە، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى تۇلۇق ئوتتورا سىنپلار، ئەمەلدارلانىڭ ، بايلارنىڭ باللىرى ئۈچۈن ئەمەس، شەھەردىكى ئوقۇش شارائىتى بولغان باللار ئۈچۈن ئېچىلغان ئەمەس، بەلىكى، يېزا- قىشلاقلاردىكى دەرىستە ئەڭ ياخىشى ، تىرىشچان ، ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى، لىكىن، ئوقۇش شارائىىتى يوق، تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىنچىلىق بولغان، يىتىم – يىسىر باللار ئۈچۈن ئېچلغان سىنپلار . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تەجىرىبە سىنپلارغا، قانچە يۈز ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىن، نەچچە يۈز ئۇقۇغۇچىنى ، 40-50 ياكى 20-30 ئوقۇغۇچىنى تاللىۋىلىپ، 20- 30 ئوقۇغۇچى ئارسىدىن يەنى 10- 15 ئوقۇغۇچىنى نۇقتىلۇق تەربىيلەپ، بۇلار ئىچىدىن يەنى 3- 5 ئوقۇغۇچىنى ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكۈزۈشىنى، پۈتكۈل خىزمتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلۋالساق بولامدۇ ؟ تەجىرىبە سىنپلار  مانا مۇشۇنداق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتلامۇ – قاتلام ، قاتلامۇ – قاتلام شاللىنشى ئۈچۈن ئېچلغانمۇ ؟ ئۇنىڭ مەخسىتى نىمە ؟ مائارىپنىڭ مەخسىتى ۋە ماھيىتىچۇ ؟ مائارپىنىڭ مەخسىتى ۋە ماھىيتى، پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارنى بىردەك، ئوخشاش تەربىيلەپ، بولۇپمۇ تەربىيە يىتەرسىز ، دەرستە كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارغا نۇقتىلۇق كۈچىنى ئاجىرىتىپ، ئۇلارنى نۇقىتلۇق تەربىيلەش ئارقىلق،پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۋىرسال ساپاسىنى بىردەك يۇقىرى كۆتۈرشىمۇ ؟ ياكى ئوقۇغۇچىلارنى قاتلامۇ – قاتلام شاللاش ئارقىلىق، پەقەت ياخشللىرىنى تەربىيلەپ، دەرسىتە كەينىدە قالغان ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يوق ئوقۇغۇچىلارنى تاشلىۋىتشمۇ ؟ زادى نىمە ؟ بۇ خۇددى« بىر باغۋەننىڭ  100 تۈپ مىۋىلىك دەرخى بار .بۇ 100 تۈپ مىۋىلىك دەرەخ ئىچىدىن پەقەت 20- 30 تۈپنى نۇقتىلۇق پەرۋىش قىلىپ، 20- 30 تۈپ ئىچىدىن، يەنى پەقەت 3- 5 تۈپ مىۋىلىك دەرەختىن مىۋە ئېلىشىنى كۆزلىسە بولامدۇ ؟ بۇ ئارقىلق مەن مول – ھوسول ئالدىم، ئىقتىسادى ئۈنۈم ۋە قىمممەتكە ئېرىشىتم دىسە بولامدۇ ؟ قالغان 70- 80 تۈپ مىۋىلىك دەرەخنى پەرۋىشىسز تاشلىۋەتتى ياكى كۆڭۈل بۆلمىدى . ئۇلار قانداق بولىدۇ ؟ 《ھازىرىقى تەجىرىبە سىنپلارنىڭ ماھىيىتى ۋە مەخسىتى، دەل مۇشۇبىر ئاددى مىسالغا ئوخشاپ قالغان . ئاتالمىش، تەجىربە سىنپلارنى ئېچىش ۋە يىلدىن يىلغا كۆپەيتتىشىتىكى مەخسدى ، نىشانى ۋە تەجىربە سىنپلارنىڭ ئوبىكتىۋى زادى نىمە ؟؟؟تەجىربەسىنىپ-زادى قانداق سىنىپ؟؟؟ بۇ  ئۇقۇم ھازىرغىچە كاللامدا ئېىنق ئەمەس . قانچە ئويلانغان بولساممۇ جاۋابىنى تاپالمىدىم.
ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسلىلەر بولسا چوقۇم ھەل قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىگىشلىك مەسلىلەر بولسا چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىمىزگە رەقىبلەردەك پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىدە بولماي، سۇخەنچىلىك، غەيۋەت-شىكايەت، تەخسىكەشلىك، شەكىلۋازلىق، ساختىپەزلىك.......قاتارلىق بىر قاتار چىركىن ئىللەتلەرنى ئۆزىمىزدىن تازىلاپ، قەلبىمىزنى، روھىيتىمىزنى پاكلاپ، ھەممىمىز ئورتاق نىشان، ئورتاق مەقسەت، ئورتاق نىيەتتە ۋىجدان-غۇرۇرىمىزنى، ئۆزىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بېغىشلاشتەك ئۇلۇغ روھىيمىزنى ئۆلچەم قىلىپ،تارازىغا سېلېپ، پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ مىللى مائارىپى ئۈچۈن كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىقتىساس ئېگىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلىشىنى تىزلىتىپ، مۇقۇم، تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى، روناق تېپىشى ، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى!!!

                 2009يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى
[ بۇ يازما ay-turan تەرپىدىن2009-02-18 08:58 PMدە قا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ay-turan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-18, 13:05
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-18 08:06 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
gulsima
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29110
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 157
شۆھرەت: 167 نۇمۇر
پۇل: 662 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 224(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

سىز ئاران بىر يىل ئىشلىدىڭىزمۇ؟ئىشلەش جەريانىدا سىز خېلى چۈشىنىپىسز،سىز يەنەبىر نەچچەيېل ئىشلىگەن بولسڭىز تېخمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن بولاتتىڭىز ،سىز جەنۇبى شىنجاڭغا مېھمان بولغاچقا رەھىبىرى كادىرلار               ھەرقايسى جەھەتلەردىن سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلىنى سىزگە قىلىمىغاندۇ ؟<باشلىق كېلىدۇ>تېمىدىكى ناخىشنى ئاڭىلىسڭىز تېخمۇ چۇڭقۇر چۇشىنىسز ھەمدە تىگىگە يىتەلەيسىز ؟سزنىڭ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئەھۋاللار بەكمۇ ئېغىر......ئوقوتۇش ئاساس ئورۇندا ئەمەس ئىككى ئاساسەن خىزمىتى.... بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە بۇ خىزمەت ئاساسى سالماقىنى ئىگەللەيىدۇ.ئەگەر بۇنداق بولىۋەرسە بىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنمىز قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن . ئۇقۇتقۇچىلاردا ياكى ئارام ئىلىش دىگەندىن سۆز ئاچىقىلى بولمايدۇ . شۇنداق جاپالىق ئىشلىسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئۈنىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ . ئەجەبا بۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇليىتىمۇ ؟ ھەتتا بەزى يەرلەردە ئۇقۇتقۇچىلارنى ھەر قايسى ئۇرۇنلاردا بۆلۈپ تەخسملەپ نۇپۇس ئىشلەش خىزمىتى بىلەن يەنە مەسچىت ساقلاش ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشى . پىلانلىق تۇغۇت ، پاختا تىيش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنى مەجبۇرى ھالدا ئۇقۇتقۇچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ . بۇ خىزمەتلەرنى قىلىش ئۇقۇتقۇچىلانىڭ خىزمەت دائىرىسىگە كىرەمدۇ . ئۇلارنىڭ بىر گىپى مۇئاشىڭنى بەرمەيمەن . دەپ تەھدىت سىلىش . ئۇنداق بولسا بىچچارە ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ مۇئاشىنى قانداق قىلغاندا تۇتۇلۇپ قالماسلىققا تىرىشىپ ئۆزىنمۇ بالا تەربىيلەردىغان بىر ئۇقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنمۇ  ئۇنتۇلۇپ قالدىغان گەپكەن .مۇشۇنداق كىتىۋەرسە بىزنىڭ مائارىپىمىز زادى قانداق بۇلۇپ  كىتەر ...............ئەجەبا ئەڭ مۇھىمى باشلانغۇچ مائارىپى ئەمەسمۇ ؟
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 11:00 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
dolanlikturk
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 35785
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 175 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 68(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

  سىزنىڭ بىر يىل جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنىڭىز ھەقىقەتەن كۆپكەن!!!
     سىز يەنە ھېس قىلدىڭىزمۇ -يوق،بىلمىدىم؟ يېزا مائارىپىدا ئەھۋال سىز دېگەندىنمۇ ئېغىر. دەرسلىكنىڭ ماس كەلمەسلىكى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى،ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى،تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل ۋە ئادىل بولماسلىقى، يەرلىك<<خاقان>>لارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە نەپسانىيەتچىلىكى ھەمدە <<يۈك ئېغىر،يول تېيىلغاق>> بولۇشى قاتارلىق بىرقاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئەۋلادلار ساۋادسىز ۋە چالا ساۋاد ھالدا مەكتەپ پۈتتۈرىۋاتىدۇ. مەكتەپتە پۇلنىڭ ئىگىسى جىق،لېكىن ئوقۇتۇش ۋە سۈپەتنىڭ ئىگىسى يوق!!!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 12:29 AM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
mihman910
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
شۆھرەت: 145 نۇمۇر
پۇل: 497 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

مەسىلىنىڭ 1- سى ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل ماتىرىيال كۆرۈپ دەرس تەييارلىغۇدەك ۋاقتى، ماجالى بارمۇ- يوق؟
Okyan
تەۋسىيە سورۇنى  www.yadimda.com
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 12:38 AM |
Adil Mijit Bilan sohbat
yulgunbalisi
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39472
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 126 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

خېلى جىق مەسىلىلەرنى بايقاپسىز، لىكىن  مەسىلىنى ھەل قىلىش  تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويماپسىز.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 12:44 AM |
Yurtum Elani
parwin
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
پۇل: 596 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 97(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

مەسىلە ھەقىقەتەن ئېغىركەن .
Okyan
?????? ????? ???????? !
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 12:58 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
bagwan1226
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 15727
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 200
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 819 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

ھەقىقەتەن ياخشى كۆزىتىپسىز، كۆپلەپ ئەجىر قىپسىز، كۆپ رەھمەت. لېكىن يەنە بىر نوقتا چۈشۈپ قاپتۇ. جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەن كەمچىل، تايانچ ئوقۇتقۇچىدىنغۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
بەزى مەكتەپلەردە بىر سىنىپقا پەقەت بىرلا ئوقۇتقۇچى توغرا كېلىدۇ. دىمەك ، بىر ئوقۇتقۇچى كۈنىگە ئەڭ ئاز دىگەندە 6 سائەت دەرس ئۆتىدۇ،  بىرە ھەپتغۇ ئۆتۈپ كېتەر، بىر ئايمۇ چىداپ كېتەر، بىر ماۋسۇممۇ  توشۇپ قالار ، ئۇندىن كىيىنچۇ ؟! ئۇ ئوقۇتقۇچى نىمە بۇلۇپ كېتەر ؟!
جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مائارىپ تۇزۈلمىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىزلە سۆزلىسەك ئاشۇرىۋېپتۇ دىگەندەك ئىنكاسلار يېزىلىدىكەن، تېخى تەپ تارتماي ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئۇنداق-مۇنداق دەپ تىل تەككۈزىۋاتقان..... ھەي، قېرىنداشلار  ، ئۇنتۇپ قالماڭلار، سىلەردە بار ۋىژدان بىزدىمۇ بار ئىدى، ئەپسۇس،  خىزمەت بېسىمى، خىزمەت جاپاسى....دىگەنلەر ئادەمنى بارا-بارا شۇنداق قىلىپ قويىدىكەن. ..........................................
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 01:25 AM |
Yurtum Elani
Bidar-Qutlan
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14570
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 109 نۇمۇر
پۇل: 558 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

دۇنياۋىي مەتبۇئاتتىكى Bashqilarning Uyghurlarning Hazirqi Zaman Maaripigha Nezeriدىكى يالغانچىلىقلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قويغۇلۇق.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 03:31 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
nida1974
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 30354
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 6 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 287(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

مائارىپتىكى شەكىلۋازلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىلا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە، ھەتتا مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىمۇ يامراپ كەتكىلى خېلى يىللار بولدى.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 09:24 AM |
Yurtum Elani
qot
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 36258
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 124 نۇمۇر
پۇل: 472 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 524(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

بىر يىلدا خېلى ئىشلارنى ، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى چۇشىنىپ يىتىپسىز.
3- ئاي كىلىشى بىلەن ئورمان قويمىز ، ئەمگەك دەپ زورلايدۇ .....باللارنى ھەپتە دەم ئېلىشقا قويۋېتىپ ئەمگەك قىلمىز.....ئاخىرى تۇگۇتۇپ بولالماي ، دېھقانلارغا ساتىمىز....ئاي ئاخىردا ئەمگەك پۇلى دەپ تۇتۇلدۇ 4-5 يۇز يۇەن مۇئاشتىن ........
كىپەز ئېچىلغاندا باللارنى پاختا تەرگىلى ئاپىرمىز 15-20 كۈن..........
پارنىككا مايسا كوچۇر دىگەن،مەسچىت باق دىگەن ،نوپۇس ئېنىقلا دىگەن ....
يىغىنچاقلىغاندا ئوقۇتقۇچى بولماق تەسسسسسسسسسسس  
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 11:03 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
muhammad00
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 30582
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 45 نۇمۇر
پۇل: 175 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 11:42 AM |
Yurtum Elani
MIRAYID
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9571
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3729
شۆھرەت: 1535 نۇمۇر
پۇل: 2128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2091(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

يوللاپ بولغان نەرسىڭىزنى يوللاۋېرىدىكەنسىز .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 11:45 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
taxnakalip
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33408
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
پۇل: 614 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

ئۇيغۇر مائارپىمز ھەقىقەتەن تۆۋەن ھالەتكە چۇشۇپ قالدى!بەزى كىشلىرىمىزنىڭ  ئىدىيىسى ھەقىقەتەن تىخى ئىچىلمىدى،ئۇلار نىمنىىڭ ھەقىقەت ئىكەنىلىكىنى ئۇنتۇپ قالدى...تىل چەكىلىمىسى بىزنى تىخىممۇ تەسۋىرلىگۇسىز دەرىجىدە ئازاپلىماقتا...
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 01:34 PM |
Yurtum Elani
jandosluk
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 39414
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 178 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

مەنن باشقا گەپ قىلماي  باشقىلار دەپ بوپتۇ ئۇرۇمچىلىك ئەپەندى مەن مۇ بىر ئوقۇتقۇچى مەن  بىر ھەتىدە ئـۆتكەن دەرىسنى  سىلەر 3 ئادەم ئۆتىسىلەر   ئۇنىڭدىن باشقا تاپشۇرۇق نىمۇ  ئۈچ ئادەم  تەشۇرىسىلەر  تېخى سىنىپ مەسئۇلى  تەنتەربىيە كۇرژىكى ،ماتىماتكا تەجىربىلىك دەرىسىنىىڭ ماتىريالىرىنى ،ئارىيەتكە بىرىشنى ،تەبىئەت دەرىسىنىڭ ئارىيەتكە بىرىش  ئەھۋالىنى ،تەخىربىلىك ئۆتۇش ئەھالى ماتىريالىنى ، ئا6 كۆرسەتكۇچ  سىىز تېخى بۇنى چۇشەنمەيسىز  بۇ كۆرسەتكۇچنى شەھەردە بولسا 7-10غىچە ئادەم تۇتىدۇ يەنىلا قاقشايدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا باشقا كۆرسەتكۇچلەر ...ھەي دىمەيلا قوياي دىگەن بىلەن سىز نىمە قىلىپ بىرەلەيسىز  بۇ ئىشنى بىز نازارەتنىڭ رەھپەرلىكىگە ئېتقان ..قۇرۇق  ئىىمزىك سېلىپ قويدى . گەپنىڭ قىسقى سىلەر 1000 يۇەن مائاش ئالساڭلار بىزدەك  يېزىلىق ئوقۇتقۇچى 10000 يۇەن مائاش ئالساقمۇ  ئازلىق قىلىدۇ  مانا مۇشۇنداق ئىشلر تۇسا  بىز گە نەدىكى  بىلىم ئاشۇرۇش  ئەستايىدىل  دەرىس تەييارلاش ،  بىزنىڭ شۇنداق قىلغۇسى يوق دەمسىلەر ، بىزنىڭ باشلنغۇچنىڭ 5-6 يىللىقلىرىغىچە ساۋاتسىز چىقىپ كەتكەن بالىلرغا ئىچ ئاغرىتمايدۇ دەسىلەر  بەلكى بىز ئالىي مەكتەپنى بىرگە ئوقۇغان  تېخى سىلەردى ياخشى ئوقۇغان بۇلىشىمىز مۇمكىن  مۇشۇندا خىزمەت بېسىمى ئاستىدا بىز بىلىمىزنى قانداق ئىشلىتەلەيمىز قانداق قىلىپ يېڭى بىلىملەرنى ئالالايمىز ، ئەگەر پۇرسەت بولسا بىز بىر قانچە يىل ئالمىشىپ ئىشلەپ باقايلى  مۇشۇ جەريانىدا سىز ئىككى كىشىلىك مائاش ئېلىپ مەن مائاشىمنى سىزگە بىرىشكە قۇشۇلىمەن شەتى مەن قىلغان ئۇستۇمگە ئالغان ۋەزىپىلەرنى سىزمۇ ئېلىشىڭىز كېرەك  قانداق پېتىلامسىز
دەردى كۆپ دەردى كۆپ ..يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەردى كۆپ
كەچۇرۇڭلار ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم
بۇ ئۇرۇمچىلىك ئەپەندى  باشقىلردىن پارە ئالغان ئوخشايدۇ  تۇلۇق  قېزىپ چىقىرالماپتۇ
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 02:38 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
jirjishaji
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 37664
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

بىزنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىچۇ؟!<<ئىككى ئاساسەن>>نىڭ دۆلەتكە ئۆتكۈزۈش باسقۇچى باشلاندى. ئەمدى  شەنبە، يەكشەنبە دېگەن گەپ يوق... ھۆرت- پۆرت قىلىشما... دەيدۇ، << پىچاق بەك ئىتتىك >>مىش... تېگىپ كەتسەك، كېسىپ تاشلايدىكەن... بۇ قانۇنمۇ، سىياسەتمۇ، ئۇقتۇرۇشمۇ... ئىشقىلىپ  بىلمىدۇق... ئادەم تىنالمىغۇدەك ئاچىدىغۇ  بۇ يىغىن  دېگەننى... ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا لاتا بولامدۇق ، چالما بولامدۇق  بەرىبىر....( ئەسلىمۇ ئىناۋەت دېگەن 90پىرسەنت يوق) بۇنداق  ئۇزۇن ماقالىنى قايسى  چوڭام  كۆرەر؟!
          بەرىبىر داق  قاراپ  قويار، تايىنلىق     
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 05:25 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.101511(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 08:35
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号