چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 207 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: مىللي مائارىپىمىزقانداق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا مۇھتاج؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

tawpik626
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 36492
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 216 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 مىللي مائارىپىمىزقانداق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا مۇھتاج؟

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ay-turan بۇ تېمىنى ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﻯ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-02-18)
                                 مىللي مائارىپىمىزقانداق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا مۇھتاج؟

                                                                                      ئابلىز ئابدۇقەييۇم تەۋفىق


.1  بىزدە ،ئۆزىمىزنى مىللى مائارىپقا بېغىشلاش روھى يېتەرسىز.
نۆۋەتتە،بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا، تۆۋەندىكى بىر قاتار مەسئۇليەتسىزلىكلەر كۆرۈلمەكتە.مەسىلەن: 》 كەسىپكە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ۋاقىتقا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى ، دەرىسخانىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ئەڭ ئاخىرىدا ئالدىدا  كۆزى مۆلدۈرلەپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى، مىللى مائارىپقا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى، مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى، جەمئىيەتكە بولغان  مەسئۇلىيەتسىزلىكى.《
ھەر قانداق بىر ئادەمدە، ئۆزىنىڭ ئىشلەۋاتقان كەسپىگە نىسبەتەن، ئاۋال، چەكسىز ئىشتىياق، ئوتتەك قىزغىنلىق، ھېچقانداق بىر زەررىچە شەخسىي مەنپەئەت مەۋجۈت بولمىغان ،پاك مۇھەببەت، ئىنسانىيەت ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ،ئالىي ۋە ئەڭ ئالىي بىرغايە، روھ يۇغۇرۇلغان چاغدا ، ئىشىنىمەنكى، شۇ ئادەم ئۆزىدە، ئۆز كەسپىدە، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا شانلىق ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى، ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھەربىرىنىڭ كەلگۈسى ئستىقبالىنى بەلگۈلىگۈچى بولغان، مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگۈچىلەر بولغان بىزدە ،مۇشۇنداق ئالىي غايە ۋە مۇشۇنداق يىمىرىلمەس روھ ، مۇشۇنداق بارلىق ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك پاك قەلىب ، چەكسىز مۇھەببەت بولۇشى كېرەكمۇ -يوق ؟؟؟، مىللى مائارىپ چېكىنىۋاتقان، بالىلىرىمىزنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى كۈندىن- كۈنگە روشەن ناچارلىشىۋاتقان مۇشۇنداق دەرۋىردە، بىزدە ھەم مۇشۇنداق ئالىي روھ ،يۈكسەك مەسئولىيەت تۇيغۇسى بۇلىشى كېرەكمۇ- يوق؟؟؟ ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىز ئۈنۈمسىز ، نەتىجىسىز، سۇپەتسىز بولىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە ،ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان روھىمىزنى، يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەسئولىيەت تۇيغۇمىزنى، قايتا تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۇنى قايتا تىكلەشكە بولامدۇ -يوق؟ ناۋاينىڭ ناۋايلىق، مىسكەرچىنىڭ مىسكەرلىك ، موزدوزنىڭ موزدوزلۇق كەسىپلىرىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مۇھەببىتى يۇغۇرۇلغان بولىدۇ، ئۇنداقتا، مېنڭ ۋەسىزنىڭ ،بىردۆلەتنڭ تەقدىرىنى،مىللەتنڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان،جەمىئيەت كەسىپلەرزەنخىرسىمان ھالقىسىنڭ بىرنچى ھالقىسى بولغان،ئەڭ شەرەپلىك،ئۇلۇغ كەسپىمىزگە قانچىلىك مۇھەببتىمىز بار؟مۇھەببتىمىز قانچىلىك؟ناۋاينڭ،مىسكەرچىنڭ ياكى بولمىسا،بىر موزدوزنڭ ئۆزكەسپىگە بولغان مۇھەببتى بىزدە بارمۇ-يوق؟ئاتالمىش،قاتارچاي،تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى،ئايىقى مەڭگۈ چىقماس،ئۈزۈلمەس شۇئادەمگەرچىلىك ۋەزىپىلېرىنى ئاداقىلىش ئۈچۈن،شۇئۈستەل ئۈستىدە،شۇبىمەنە سۆزلەربىلەن كىتۋاتقان سائەتلەپ،سائەتلەپ ۋاقتىڭىزنى،شۇسورۇنلارغا سەرىپ قىلىشنى خالىدىڭىزيۇ؟شۇنداق سائەتلەپ ۋاقىتلېرىڭىزنى ئۆزكەسپىڭىزگە سەرىپ قىلىشنى خالاپ باقتىڭىزمۇ؟خالىغان بولسىڭىز قانچىلىك سەرىپ قىلدىڭىز؟؟؟ سىز سورۇن تۇزەپ ساندۇق- ساندۇق ھاراقنى ئالدىڭىزغا تىكلەپ قويۇپ، قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىيلىقىڭىزنى يوقۇتۇشقا، روھىيىتىڭىزنىڭ بۇلغۇنۇپ ئۆلىشىگە، مەسئولىيەت تۇيۇغۇڭىزنىڭ گۈمۈرلۈپ چۈشىشىگە ، ئوبرازىڭىزنىڭ خۇنۇكلىشىشىگە ، قەدىرقىممەت دەرىجىڭىزنىڭ غۇلاپ چۈشىشىگە سەرىپ قلىۋاتقان تەپەككۈرۈڭىزنىڭ، سەرىپ بولۇپ كېتىۋاتقان ۋاقتىڭىزنىڭ قانچىلىگىنى ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىگە سەرىپ قىلالىدىڭىز؟ بېغىشلىيالىدىڭىز؟ بېغىشلىيالىدىڭىزمۇ- يوق؟
ھەرقايسىمىز شەخسى مەنپەئىتىمىزئاز-تولا زىيانغا ئۇچىرسا، ئۇخلىيالمايمىز. ئولتۇرالماي قالىمىز. ئەجىبا، سىزمىللەتنڭ تەقدىرى، ئالدىڭىزدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېتۋاتقان يۈزلىگەن،مىڭلىغان بالىلارنڭ ئستىقبالى نابۇت بۇلۋاتسا،پۇتكۇل ھاياتى ۋەيران بۇلۋاتسا،ئورننى ھېچقانداق بىرنەرسەبىلەن تولدۇرۇپ بولماس زىيانغا ئۇچىراۋاتسا،مەن ۋە سىزبۇنداق چوڭ زىيانلارئۈستىدە نەچچىلىك ھەسىرەت چېكەلىدۇق؟قانچىلىك قايغۇرالىدۇق؟بۇلارئۈستىدە بىز قانچىلىق ئويلىنالىدۇق؟بۇنداق چوڭ زىيانلارنى بىزقانچىلىك ھېس قىلالىدۇق؟ھېس قىلالىدۇقمۇ-يوق؟ئەكسىچە،بۇنداق چوڭ زىيانلار ئالدىدا،مەن ۋە سىزخاتىرجەم ياشاپ،خوشال-خورام ئويناپ-كۈلۈپ،راھەت ئۇخلاۋاتىمىز. بىزدە دەل مۇشۇنداق ئىنسانغا خاس روھنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانى ئالدىدا ، مىللەت ئالدىدا ، جەمئىيەت ئالدىدا  ۋە ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئالدىدا ،كەچۈرگىسىز ئەڭ ئېغىر بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى  . ئۇنداقتا، سىزئۆزىڭىزنىڭ جىنايەتچىگە ئايلانغانلىقىنڭنىزدىن پەخىرلىنىپ يۈرۋاتامسىز ؟ خوشال-خورام ئويناپ-كۈلۈپ ياشاۋاتامسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ جىنايەتچى بولغانلىقىڭزدىن بىخارامان،خاتىرجەم،راھەت ئوخلاۋاتامسىز؟
2. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۆيىنىشىمىز يىتەرسىز
ھازىرقى دەۋىردە،پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەقىقى قىلۋاتقان،كەسكىن رىقابەت كۇنسېرى كۈچۈيۋاتقان،كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىزيۇقۇرى كۆتۈرۈلۋاتقان دەۋىردە،بىزنىڭ باللېرىمىزنىڭ ئەخلاقى-پەزلىتى،ئەكسىچە كۇنسېرى ناچارلىشىپ ،ھورۇن،چۈشكۈن،دەرىس خوشاقماس ،  ئوقۇشتىن زېرىكىش ،بىزار بۇلۇش،ئاتا-ئانا ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۈرمەتلىمەسلىك،ئۆيىگەبارسا ئاتا-ئانىسىنى،مەكتەپكە كەلسە ئوقۇتقۇچىلارنى ئالداش،يالغانچىلىق،ساختىپەزلىك قىلىش ، ئوغىرلىق ،بۇلاڭچىلىق قىلىش،ئاخىرى تۇرمىلارگە تاشلىنىپ ئۆزىنىڭ پۈتكۇل ھاياتىنى نابۇت قىلىش............قاتارلىق ھالەتلەر شەكىللەندى .بۇنىڭ بىلەن مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ناھايتتى ئېغىربولغان توسالغۇلارنڭ ئېلىپ كەلدى.بۇلارنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟پەقەتلا،ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ؟؟؟بالىلارنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغان كىم؟بالىلارنى جىنايەتچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ،تۇرمىلەرنىڭ ئۆسمۇرلەربىلەن توشۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان كىم؟ ھەقىقى جىنايەتچىلەرزادى كىم؟بىزبالىلاردىن توختىماي  زارلىنمىز  . يۇچۇق، نوقسان،سەۋەب ئزدەيمىز.ھەقىقى زارلىنىشقا تېگشلىگى زادى كىم؟مېنىڭچە ، بالىلارنىڭ مۇنداق بۇلۇپ كېتىشىنى، تۆۋەندىكى تۆت ئامىلنىڭ بالىلارغا بولغان ھەققى مەسئۇليىتى ،كۆيۈنۈشى،مېرى-مۇھەببتى بولمىغانلىقتىن،ۋە ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى پۇتۈنلەي ئۆزگەرتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان دەپ-قارايمەن.
(1).ئائىلە(ئاتا-ئانا )
بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىۋى ئائىلە، تۇنجى ئۇستازى بولغان ئاتا-ئانىلار،ئۆزلېرىنىڭ پەرزەنتلەرئۈستىدىكى مەسئۇليىتىنى يۇقاتقان. بىرتۈپ شۇم بۇيىمۇئانا،بىرتال گۈلمۇئانا،يەردە ئۆملەپ كېتىۋاتقان چۈمۆلە،قۇرۇت-قۇڭغۇزمۇئانا ، قوي-كالىمۇئانا ،شېر ، يولۋاسمۇ ئانا   . ئۇنداقتا،بىزئىنسان دەپ ئاتالغان ئاتا-ئانا بىلەن، باشقا شەيئى،مەخلۇقاتلارئارسىدىكى ئاتا-ئانا ئوتتۇرسىدا پەرىق بارمۇ-يوق؟قانداق پەرىق بار؟بىزئاتا-ئانا ،باشقا مەخلۇقاتلارئارسىدىكى ئاتا-ئانابىلەن،ئىنسانىلىق ئەقىل-تەپەككۇرمىزبىلەن پەرىقلىنمىز-ئەمەسمۇ ؟ دۇنياغا        كۆز   ئاچتۇرغان   شۇپەرزەنتىمىز ئۈستىدىكى يۇكسەك مەسئۇليىتىمىز بىلەن پەرىقلىنىمىز ئەمەسمۇ؟شۇپەرزەنتلېرىمىزنى باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ باللېرىغا ئوخشاش ،يەپ-ئچېپ ،ئۇخلاپ-قوپۇپ،كۇن ئۆتكۇزىدىغان ئەمەس،بەلكى،مەقسەت،نىشان،غايەبىلەن ھەققى ئنساندەك ياشايدىغان،جەمىئيەت،مىللەت ئۈچۈن،ھەقىقى بىرئنسىان قىلىپ تەربىيلەپ،يېتۈشتۈرۈپ چىقىش جەھەتىدىن پەرىقلىنمىز-ئەمەسمۇ؟ھازىرقى بالىلىرىمىزنىڭ ھەقىقى ئنسانىيلىق تەبىئىتىنى يۇقىتىشى،بۇنېمىنىڭ نامايەندىسى؟نېمىنىڭ ئپادىسى؟
ئەنگىليەدە،يېقىندا 3ياشلىق 3000بالائۈستىدە بىرتەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتنىڭ تېمىسى،"ئاتا-ئاناڭلار ياخشىمۇ؟ياكى تېلۋېزورمۇ  ؟"دېگەن تېمىدا .3000بالائچىدە ،2000 بالاتېلۋېزورياخشى دېگەن.بۇتەتقىقات نەتىجىسى ئەنگىليە ھۆكۇمىتىنى قاتتىق چۆچۈتكەن.بۇنېمە ئۈچۈن؟نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىدىن ئىبارەت بىرجان ئىگىسى   ،  بىرجانسىزتۆمۇر-تېسەكنىڭ   ئورنىنى  باسالمىدى؟ چۈنكى،تەرەققى قىلغان دۆلەتتە،بىرئادەم بىرقانچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىسا بولمايدۇ.جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتى تېز،رىقابەت كەسكېن ،بېسىم ئېغىر. ئۆزىنى ئۈزلۇكسىزتەرەققى قىلدۇرۇپ ،قۇددىرەت تاپقۇزمىسا بولمايدۇ.شۇسەۋەبتىن،ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ،مھېرى-مۇھەببەتنى ،ئارلىقنى  ئنتايىن يىراقلاشتۈرۋەتكەن. شۇڭا بىر جانسىز تۆمۇر- تېسەك بالىلارنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلىنىپ، ئۇلارغا خوشاللىق، راھەت، ھوزۇر، ئازادىلىك، سىردىشىش ئاتا قىلالىغان. بۇ نەرسىلەرنى ئاتا- ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرگە بېرەلمىگەن، بۇ مەسىلىدىن بىزنىڭمۇ چۆچۈشىمىز كېرەكمۇ- يوق؟ ئۇنداقتا بىز نىمىگە يېتىشەلمەيۋاتىمىز؟ بىز نىمە بىلەن ئالدىراش؟ خەقنىڭ ئانىلىرى ئۆزىنى تەربىيلەش ھەم شۇ ئارقىلىق پەرزەنتىنى تەربىيلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتسا، تىرىشىۋاتسا، ئالدىراۋاتسا، ئۇنداقتا، مەن ۋە سىز نىمە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز؟ نىمىگە تىرىشىۋاتىمىز؟ ۋە نىمىگە ئالدىراۋاتىمىز.؟بىرئاتا-ئانا بولغۇچى،ئەڭ ئاۋۋال،ئۆزىنىڭ مىللىي پۇرىقى، بىلىمگە بولغان تىرىشچانلىقى ،بىلىمگە بولغان ئشتىياقى ،ئەخلاقى-پەزلىتى ،ئونۋىرسال بىلىم قۇرۇلمىسى،ئرادە-جاسارەتلىرىنى، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركەتلىرى ئارقىلىق، پەرزەنتىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ تەربىيلەش ئەمەسمۇ؟ ھەممە ئىشتا ،ئاۋال ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، تەربىيلەش ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، مەن ۋە سىز پەرزەنتلېرىمىزگە قايسى جەھەتتىن قانداق ئۈلگە بولىۋاتىمىز؟ رەڭگارەڭ قاتاچاي ئولتۇرۇشى ، رېستۇرانلىشىش جەھەتتىنمۇ؟ ياكى ھاراق- شاراپ ئىستىمال قىلىپ ،ھاراق تۇڭلېرىغا ئايلىنىش جەھەتتىنمۇ؟ قايسى جەھەتتىن؟؟؟ پەرزەنتلېرىمىزدىكى شۇ بۇلۇمسىز، ھورۇن ، ئۈلۈك، چۈشكۈن، ئىش خوشياقماس، بىلىم دىسە بېشى ئاغرىيدىغان، شۇ ھالەتلەر نەدىن كەلگەن؟ قەيەردىن، كىمدىن سىڭگەن؟ كىم شۇنداق تەربىيە بەرگەن؟ كىم شۇنداق تەربىيلەپ چىققان؟ بىر ئاددىي، نەچچە مىڭ بالا ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسى بىر دۆلەتنى چۈچۈتسە، ئەجىبا ،بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئوقۇشتىن بىزار بولۇپ مەكتەپتىن قېچىۋاتسا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ مۇھەببەت مەستانىلىرى‍گە ئايلىنىپ، مۇھەببەت چولپانلىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىۋاتسا، جەمئىيەت بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىلەن تولۇپ، ئۇرۇپ- سوقۇلۇپ، خارلىنىپ يۇرىۋاتسا، تۈرمىلەر بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىلەن تولۇپ كېتىۋاتسا، بىز چـۆچىمەمدۇق؟؟؟ چۆچۈش كېرەكمۇ يوق؟؟؟ چۆچۈشكە تېگىشلىك مەسىلىمۇ ئەمەسمۇ؟؟؟ ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئاتا- ئانا بولغۇچى بىز، ھەربىر پەرزەنتىمىز ئۈستىدىكى مەسئولىيىمىزنى تولۇق ئاداقىلىپ، پەرزەنتىمىزگە توغرا، ھەقىقى تۈردە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا ئاتا – ئانىلىق ھەقىقى ئىللى مىھرى- مۇھەببىتىمىزنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستىغا ئايلىنىپ، ئۇلار بىلەن كۈندە ھېچ بولمىغاندا، شۇ ئولتۇرۇشلار، شۇ ھاراق ئۈستىلىدە كېتىۋاتقان سائەتلەپ ۋاقتىمىز ئىچىدىن ئازغىنە يېرىم سائەت ۋاقتىمىزنىڭ چىقىرىپ، ئۇلار بىلەن دوستلارچە سىردىشىپ، ئۇلارغا مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى، يېمەك- ئىچمەك، كىيىنىش مەدەنىيىتى، مىڭ يىللار ئىلگىرىكى مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ھازىرقى ئەھۋالى ، ئۇنىڭ سەۋەبى، كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ قانداق قىلىش كېرەكلىگىنى، مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دۇنيانى لەرزىگە سالغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالەمشۇمۇل بىلىمى، ئەخلاقى پەزىلىتى، باتۇر قەيسىرانە روھى، شەمشادتەك ئىگىلمەس ئىرادە جاسارىتى، بىلىمگە بولغان چەكسىز ئىشتىياقى، يۈكسەك مەسئولىيەت تۇيغۇسى، پاك، ئالىي جاناپ روھىنى ،پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرىۋەتكەن بولساق، بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئىچىدىن تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئوغرى- قاراقچى، بۇلاڭچىلار ئەمەس، بەلـكى، تۈركۈم _ تۈركۈملەپ ئالىملار ، مىليونىرلار، يەرزىمىننى تىتىرەتكىدەك، دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك، باتۇر قەيسىرانە ئوغلانلار يېتىشىپ چىققان بولاتتى. شۇ ئەقىللىق بالىلىرىمىزنى ئوقۇش خوشياقمايدىغان ، ئوقۇشتىن بىزار بولۇپ قاچىدىغان، قىلىپ تەربىيلەپ چىققان كىم؟ ئۇلارنى مۇھەببەت چولپانلىرىغا ئايلاندۇرىۋەتكەن كىم؟ ئۇلارنى ساختىپەز ۋە قىزىل كۆز قىلىپ تەربىيلەپ چىققان كىم؟ ئۇلارنىڭ نە ئوقۇتقۇچى- ئۇستازىنى نە ئاتا- ئانىسىنى تۇنىمايدىغان، ھەم ئۇلارغا ئىتائەت قىلمايدىغان ،ئاخىرىغا كېلىپ ئاتا- ئانىسىغا قول ياندۇرىدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىققان كىم؟ ئۇلارنىڭ ئاخىرى جىنايەت يوللىرىغا كىرىپ، پۈتكۈل ھاياتىنى نابۇت قىلىپ، تۈرمىلەرنىڭ بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز بىلەن تۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى  بولغان زادى كىم؟ مىنىڭ ئۆزەمدىن ھەم ھازىرقى دەۋىردىكى ئاتا- ئانىلاردىن شۇنى سورىغىم كېلىۋاتىدۇ " بىز ئاتا- ئانىمۇ ياكى جىنايەتچىمۇ؟؟؟ ".
2) مائارىپ
مائارىپنىڭ ماھىيىتى نىمە؟؟؟مائارىپنىڭ ئوبىيكتىۋى، نىشانى، مەقسىدى نېمە؟؟؟
مېنىڭچە،مائارىپنىڭ ماھىيىتى پۇتۇنلەي ئۆزگەردى.ئۇ،ھازىرقى دەۋىرنىڭ تەرەقىقىيات يۆنىلىشگە،كەلگۈسى تەرەقىقىيات يۈزلىنىشىگە،ھازىرقى دەۋىر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇنۋىرسال بىلىم قۇرۇلمىسىغا،پىسخىكا ساپاسىغا،ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىش يۆنىلىشىگە ماسلىشالمىدى.بۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلىرىمىزىنى ،مەدەنيەت توسالغۇسىغا،تىل توسالغۇسىغا                                                           ،ئەقىل-تەپەككۈرتوسالغۇسىغا،ساغلام ئۆسۇپ-يېتىلىش توسالغۇسىغا،پىسخىكا توسالغۇسىغا،روھىيەت توسالغۇلىرى..............غائۇچۇرتىپ ،ئەقىللىق ،ساغلام پەرزەنتلىرمىزنى ،جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام،روھىيەت جەھەتتىن ئېغىر كېسەل بولغان بىمارلارغا ئايلاندۇرۋەتتى.مائارىپ ئۇلارغا ئەركىن،ئازادە،خوشال بىرسورۇن،مۇھىت ھازىرلاپ بېرەلمىدى. بۇۋەجىدىن  ،پەرزەنتلىرىمىزمەكتەپكە ئنتىلدىغان،مەكتەپكە چەكسىزئىشتىياق باغلايدىغا ئەمەس،بەلكى،مەكتەپتىن قاچىدىغان،بىزاربۇلدىغان،زېرىكىشلىك ھېس قىلدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ،مەكتەپنى،نۆۋۋەتتىكى پەرزەنتلىرىمىز نەەزىرىدە تۈرمىلەرگە ئايلاندۇرۋەتتى.مانابۇمائارىپنىڭ، نۆۋۋەتتىكى پەرزەنتلىرىمىز ئالدىدا، يەنە بىر جىنايەتچىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن ئپادىسى.

  

   3) ئوقۇتقۇچىلار
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازىغا، ئاتا-ئانىسىغا، قېرىندىشىغا ھەتتا ئەڭ يېقىن سىرداش دوستىغا ئايلىنالىشى كىرەك. ئوقۇغۇچىلارغا بىردەك مۇئامىلە، پوزىتسىيىدە بولۇپ، بولۇپمۇ دەرىستە كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش كىرەك. يېقىندا، مۇتەخەسىسلەر يېڭى بىر كۆز-قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى- يەنى》بىر سىنىپتىكى دەرىستە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن دەرىستە كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ھۆرمەتلىك،ئەڭ ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىن چىقىدۇ《 دىگەن كۆز-قاراشتىن ئىبارەت. ئۇلارنى ھاقارەتلەش، ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش، بولۇپمۇ ئۇلارنى كەمىستىش، ئۇلارنىڭ پاسىپلىق رولىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋېتسە ئاشۇرۋېتىدىكىن، ھەرگىزمۇ ئىجابى رول ئوينىيالمايدۇ. چۈنكى، بالىلاردا قارشىلىق ئىدىيىسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تىل-ھاقارەت بىلەن، قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىگىش ئەمەس(ھەم ئىگىلمەيدۇ)، بەلكى، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستىغا ئايلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى، ھۆرمىتىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە تىكلەپ، شۇ ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن شۇ قەلىبنىڭ مايللىقى، ئىختىيارلىقى بىلەن ئىگىلىشىنى، ھەمدە بىلىمىمىزنىڭ يېڭىلىقى، كەڭ دائىرلىقى بىلەن  بىزگە ھەقىقى قايىل بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرشىشىمىز كىرەك. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بىزگە نىسبەتەن،مەڭگۈلۇك يېمىرلمەس،گۈمۇرلۇپ چۈشمەس،نۇرچاقناپ تۇردىغان مەڭگۈئۆچمەس،بىرئابىدە تىكلىشىمىزكېرەك.مانا بۇئۇلارنىڭ قەلبىدە قەد كۈتۇرگەن ئابىدە،  مانا بۇ ھۆرمەت، مانا بۇ قەلبىدىن بىزگە قايىل بولۇش، ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىگە نىسبەتەن غايەت زور ئىجابى ھەركەتلەندۈرگۈچ رول ئوينايدۇ. ئاندىن ئوقۇغۇچى بىزنى كۆرسە ئۇرۇپ ئۈسسۈپ ئۆتۈپ كەتمەي، بەلكى، بىزگە يول بىرىدىغان، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار بىزبىلەن ئېيتىشماي، تاكاللاشماي بەلكى، بىزنى كۆرسە بىر خىل ئەيمىنىدىغان ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار تاكى بىزگە قول ياندرۇش باسقۇچىغا بارماي، بەلكى، بىزدىن، پۈتكۈل ئىشلىرىدىن بىر خىل خىجىللىق، ئۇياتلىق ھىس قىلىدىغان بىر خىل ھالەت ئوقۇغۇچىلاردا شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئۆزىمىز شەكىللىندۈرەلمەي، دەرىسخانىدا بىزگە بوي سۇنمىسا، دەرىسخانىنى باشقۇرالمىساق( سىنىپ باشلىقىغا ھاۋالە قىلساق)، ئوقۇغۇچى بىز بىلەن تاكاللاشسا، ئەڭ ئاخىرىدا كېلىپ بىزگە قول ياندۇرسا، بۇ ئىشلاردىن، بىز ئوقۇغۇچىدىن ۋە باشقا بىر كىمدىن رەنجىمەي، بەلكى، پەقەت ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ قابىليەتسىز، ئىقتىدارسىزلىقىمىزدىن رەنجىسەك بولىدۇ.(ئەخلاقى تەربىيەنىمۇ كۈچەيتىش كىرەك.) ئوقۇغۇچىنى ھاقارەتلەش ۋە تەن جازاسى بىېرىش، پەقەتلە، ھېچ قانداق تەدبىرى بولمىغان ساپاسىز ، بىچارە ۋە ئاجىز ئوقۇتقۇچىنىڭ باشقۇرۇش ۋاستىسى بولساكېرەك-دەپ ئويلايمەن .
  ئادەتتە، نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلېرىمىزنىڭ ناچار، ئەسكى، دۆت، بىشەم، ئەخلاقى پەزىلىتى ناچار دەپ، خىللمۇ- خىل تىللار بىلەن ھاقارەتلەۋاتقان، بىزار بولىۋاتقان، بالىلارنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشىگە قارايدىغان بولساق، ئائىلىسى ۋەيران بولغان ،ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلغان، نەبىر ئىللىق خاتىرجەم ئائىلىنى، نەبىر ئاتا- ئانىنىڭ مىھرى مۇھەببىتىنى، كۆيىنىشىنى، غەمخورلىقىنى، نە بىر ئاتا- ئانىنىڭ تەربىيىسىنى ھېس قىلالمىغان ، قۇبۇل قىلالمىغان بالىلار بولۇپ چىقىدۇ. شۇنداق ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىلىمىزيۇ شۇ بالىلارنى يەنە چەتكە قاقىمىز، ھاقارەتلەيمىز، ئەيىپلەيمىز، ئۇلاردىن نوقسان كەمچىلىك ئىزدەيمىز، ئۇلاردىن قاقشايمىز ۋە زارلىنىمىز، ئۇلارنىڭ سۇنۇپ كەتكەن نازۇك قەلبىنى تېخىمۇ سۇندۇرۇپ، روھىيىتىنى تېخىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئۈمۈد ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ يوقۇتۇشقا كۈچ چىقىرىمىز. ئۇلار ئائىلىسىدىن ئايرىلسا، جەمئىيەت ئۇلارغا رەھىم قىلمىسا، ئۇلار ئېرىشەلمىگەن ھېس قىلالمىغان نەرسىلەرگە مائارىپ ساھەسى ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى بىزدىنمۇ ھېس قىلالمىسا ۋە ئېرىشەلمىسە، ئۇلارنىڭ دۇنياغا كېلىپ قالغىنى گۇناھمۇ؟ ئۇلارنىڭ بىر پەرزەنت، ئىنسان بۇلۇپ قالغىنى گۇناھمۇ؟؟؟ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۇستاز بولغۇچى، پەقەت ئوقۇتقۇچى ئۇستاز ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئاتا- ئانىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، خۇددى ئۆز پەرزەنتىمىزگە ئوخشاش ئۇلارغىمۇ ئائىلىنىڭ، ئاتا- ئانىنىڭ ئىللىقلىقىنى، مىھرى مۇھەببىتىنى ،كۆيۈنۈش، غەمخورلىقىنى، يەتكۈزەلىگەن ۋە ھېس قىلدۇرالىغان بولساق، ئۇلارنىڭ سونۇپ كەتكەن قەلبىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ، ئۆلۈپ كەتكەن روھىيىتىنىڭ قايتا تىرىلىشىگە ، يوقاپ كېتىۋاتقان ئۈمۈد ئىشەنچىسىنىڭ قايتا تىكلىنىشىگە كۈچ چىقىرالىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىز ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا، بىزگە ئوخشاش ئاتا- ئانىلېرىنىڭ كۆپلىگىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرالىغان بولساق، ئەنە ئاشۇ پەرزەنتلىرىمىز ئىچىدىن تۈركۈم- تۈركۈملەپ مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار چىققان بولاتتى. چۈنكى ئۇلاردا ئىرادە ، جاسارەت ۋە تەۋەككۆللۈك ئىدىيىسى كۈچلۈك بولىدۇ.
4) جەمئىيەت
ھازىرقى دەۋىردە، بىزدە ئۇمۇملىشىپ كەتكەن بىر مەسىلە، بىز ئۆزىمىزنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىدىن، جەمئىيەتتىن ئاغرىنغاندىن باشقا، بالىلىرىمىزنىمۇ بۇزىۋەتكەن جەمئىيەت دەپ، پۈتكۈل مەسئولىيەتنى جەمئىيەتكە ئارتىپ قويوپ، ئۆزىمىزنى مەسئولىيەتتىن قاچۇرماقچى بولىۋاتىمىز، توغرا، ئىنسان جەمئىيەتتە ياشايدۇ .نۇرغۇنلىغان مىللەتلار ئارا ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، بۇ جەرياندا، غەيرى مىللەت مەدىنىيىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنداقتا، بىز ھىچقانداق مىللەت مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمىز، جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمىز دەيدىكەنمىز، بىز يەرشارىدىن ئايرىلىپ باشقا بىر دۇنيادا ، ئاي شارىدا،مارىستاياكى، باشقا بىر يۇلتۇزداماكانلىشىپ ياشىساق بولىدۇ.ئاندىن ،  بىزجەمئيەتنىڭ،غەيرى مىللەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرمايمىز .  لېكىن بىز ئۇنداق قىلالمايمىز. بىزدە ئۇنچىلىك قۇدرەت ۋە تەرەققىيات يوق، شۇڭا بىز مۇشۇ زىمىندا ، مۇشۇ مىللەت ئارسىدا ياشىشىمىز كېرەك، بۇ ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان رېئاللىق. جەمئىيەت ئۇ ئاڭسىز، تەپەككۈرسىز نەرسە، ئۇ بىر ماكان ۋە زاماندىن ئىبارەت- خالاس. ئۇنىڭدا قېرى ياشنى، ئەر ئايالنى ، بالىلارنى، ئىنسانلارنىڭ كۆز يېشىنى، كۆرىدىغان كۆز ۋە رەھىم مەۋجۈد ئەمەس، شۇڭا، ھەر بىر ئاتا- ئانا بولغۇچى، پەرزەنتلىرىمىزگە ،دۇنيادا قانداق ياشاش كېرەكلىگىنى،مىللىتىمىزنىڭ تارىخى ۋەمەدەنيىتىنى، جەمئىيەتتىكى قايسى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق، قايسى يولدا مېڭىش ماڭماسلىق ، قايسى ئاق قايسى قارا، قايسى ھەق قايسى ناھەق ، بۇلارنى تونۇتۇش تۇنۇتالماسلىق، شۇ ھەربىر ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگشلىك مەسئولىيىتى ۋە مەجبورىيىتى  دەپ  قارايمەن.     3 .بىلىم قۇرۇلمىمىزنىڭ يېڭىلانماسلىقى ئېغىر                  
10-20 يىل ئىلگىركى مائارىپنىڭ تەلىۋى-》 ئوقۇغۇچىغا بىرتامچە ياكى بىر ئىستاكان سۇ بىرىشى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىدا چوقۇم بىر چىلەك ياكى بىر كۆل سۇ بولىشى كىرەك دىگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويغان《. ھازىرقى دەۋىردە ، بىرئۇتلام،بىرئىستاكان ياكى بىر چىلەك سۇ بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قەتئى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. كۆلدىكى سۇ بولۇپ قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى باش-ئايىغى بولمىغان كۆلدىكى سۇ 10-20يىل ئەمەس، بەلكم نەچچە يىلدا، نەچچە ئايدا، ھەتتا نەچچە كۈندە سېسىپ قۇرۇتلاپ كىتىشى مومكىن. ھەر قايسىمىزدىكى بىلىم بەئەينى شۇ كۆلدىكى سۇ كەبى قەپقالغان . بۇنداق سۇنى ئىستىمال قىلغان ھەر  قانداق بىر شەيئى ياكى جان ئىگىسى كىسەل بولىدۇ ، ئاخىرى ئۆلىدۇ. بىز بۇ سۇ بىلەن كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى، مىللى مائارىپنى، مىللەتنى كىسەل قىلساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم ھازىرقى زامان  مائارىپىنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشىشىمىز كىرەك. 》ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ چاقىرقى، تەششەببۇسى، تەلىۋى-ئوقۇتقۇچىلاردىكى بىلىم بىر چىلەك سۇ ياكى باش ئايىغى بولمىغان بىر كۆلدىكى سۇ بولۇشىنى ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلاردىكى بىلىم -خۇددى ئاققان ئېقىن سۇدەك ئۈزلۈكسىز يېڭىلنىپ تۇرۇشىنى، شۇنچە پاك، شۇنچە ساپ، سۈزۈك بولىش كىرەكىلىكىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ 《. ئۇنى ئىچكەن كىشىنىڭ قەلبى چىرىمەي، بەلكى قەلبىنى ياشارتىشى، قەلىبكە بولغان بىر خىل راھەت، بىر خىل ھوزۇر، بىر خىل جانلىق تەپەككۇر ئاتا قىلالىشى كىرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ 21-ئەسىر مائارىپىنىڭ تەلىۋى ۋە چاقىرقى. مائارىپ ئادەم تەربىيلەيدىغان، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربيلەيدىغان، كەسكىن رىقابەت بازىرىنى، ئىقتىساس ئىگىلىلىرى بىلەن تەمىنلەپ بىرىدىغان ئورۇن. مانا مۇشۇنداق ئورۇندا دەۋىرنىڭ ئىلغارلىقى، دەۋىرنىڭ يېڭىلىقى، پەن- تېخنىكا، ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، تور-ئۇچۇر ئالاقىسى بولمىسا بولامدۇ؟بىز ئۇنداقتا دەۋىرگە قانداق ماسلىشىمىز؟ قانداق يىتىشىمىز؟ مائارىپنىڭ تەلىۋىدىن قانداق چىقىمىز؟ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قانداق قاندۇرىمىز؟ياكى بولمىسا》  بىز يەنە شۇ بىر تال كىتاپ، شۇ بىر تال ئاق بور، شۇ بىر پارچە سىمونىت دووسكا ئارقىلىق يەتمەكچىمۇ؟《ياكى بولمىسا ئۆزىمىزنىڭ قانچەيىللاردىن بۇيان ئۆزگەرمىگەن شۇئقتىدارى، شۇقابىليىتى، شۇئوبرازى، شۇماھارىتى ئارقىلىقمۇ؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ 》بۇ خۇددى ئاي شارىغا ياكى مارىسقا، پىيادە ياكى ئىشەكلىك چىقىمەن دىگەندىن ئىبارەت ئەخمىقانىلىق ئەمەسمۇ؟ 《ئالدىمىز 20-30يىل، كەينىمىز7-8يىل،10يىل مائارىپ ساھەسىدە ئشلىدۇق.مۇشۇجەرياندا مەن ۋە مەن قاتارلىقلارئۆزىمىزنى قانچىلىك ئوپىراتىسىيە قىلدۇق ۋەقىلالىدۇق؟ئۆزىمىزنى قانچىلىك تەكشۇردۇق؟ئۆزىمىزئۈستىدە قانچىلىك ئويلاندۇق؟ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقى-پەزلىتى،كەسپى ئقتىدارىنى،قابىليىتىنى،ماھارىتىنى قانچىلىك تەرەققى قىلدۇرالىدۇق؟ئۆزىمىزنىڭ سالاھىيىتىنى،ئوبرازىنى، مەسئۇليىتىنى قانچىلىك ھېس قىلالىدۇق؟
4. بىزدە يەنىلا ئەنئەنىۋى دەرىس ئۆتۈش ئۇسۇلى مەۋجۇت
.(1ھازىر بىزدە يەنىلا ئوقۇتقۇچى ئاساس ئورۇندا تۇردىغان، ئوقۇغۇچى قوشۇمچە ئورۇندا تۇردىغان
.2ئوقۇغۇچىلارغا ئويلىنىش ۋاختى، پىكىر قىلىش ۋاختى، سۆزلەش ۋاختى، قول سېلىپ ئىشلەش ۋاختى بېرىلمەسلىكتەك ئەنئەۋى دەرىس ئۆتۈش ئۇسۇلى مەۋجۈت.
ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تەلىۋى:
(1)    .ئوقۇغۇچى ئاساسى ئورۇندا، ئوقۇتقۇچى قوشۇنچە ئورۇندا تۇرۇشى
(2)    .ئوقۇغۇچىغا ئويلىنىش پۇرسىتى ، پىكىر قىلىش پۇرسىتى ، سۆزلەش پۇرسىتى ، قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتى  بىرىش
(3)    .بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىدا يېڭىلىق يارتىش روھى، يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە كۆز قاراش، يېڭىچە پىكىر،  يېڭىچە ئۇسۇل،  يېڭىچە شەكىل بولۇش كىرەكلىكى تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ.
(4)    .ئوقۇتقۇچى سەھنىدىكى بىر مۇنەۋۋەر ئارتىسنىڭ رولىنى ئالالىشى كىرەكلىكى تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. مائارىپنىڭ،  بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى، جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقى جانلىق، تىرىك تەپەككۈرگە ئىگە ئادەم ، ھەقىقى ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ بىرىشمۇ؟ ياكى تەپەككۇرى يوق، ئويلىنىشى يوق، قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى يوق، يېڭىلىق يارتىش روھى تېخىمۇ يوق بولغان تۈركۈم-تۈركۈم ماشىنا ئادەملەرنى يىتىشتۈرۈپ بىرىشمۇ؟
5. بىزدە ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىش سەنئىتى يېتەرسىز.
مىنىڭچە، ئوقۇتقۇچىلاردا چوقۇمكى ئوقۇغۇچىلارنى، ئۆزىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ئارقىلىق ئونۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسى ئارقىلىق، ئوبرازى ئارقىلىق، تاشقى قىياپىتى ئارقىلىق، مىللى پۇراققا تولغان روھى ئىدىيىسى ئارقىلىق، مۇككەممەل ۋايىغا يەتكەن ئەڭ ئېسىل ئەڭ گۈزەل، ئەڭ قايىل قىلارلىق تىل سەنئىتى ئارقىلىق جۇملىدىن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلالايدىغان، بىر خىل تىل سەنئىتىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئەڭ مۇھىم شەرتنى ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاۋال ئۆزىدە ھازىرلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىغا قايىل بولمىسا ئوقۇتقۇچىغا بوي سۇنىشى مۈمكىن ئەمەس، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، دەرىسخانىدىكى دەرىسنى ئۆزلەشتۈرۈشى ھەم مۇمكىن بولمايدۇ بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇش سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
ئەمدى ھەر قايسىمىز ئويلىنىپ باقايلى، يۇقارقى بىر قاتار مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر بىر قىسمىمىزدا بار ھەم ساقلىنىۋاتىدۇ ھەم كۈندىن-كۈنگە شاخلىنىۋاتىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئويلىنىپ باقايلى،- ھەر قايسىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى، سالاھىيتى نېمە؟》 ئوقۇتقۇچى-- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژنىرى《،》 ئوقۇتقۇچى- باغۋەن《،》 ئوقۇتقۇچى- شام-مەشئەل《،》 ئوقۇتقۇچى-   بۇلاق《-ئەمەسمىدى؟ ھازىرقى زامان مائارىپىدا》 ئوقۇتقۇچىنى- قوياشقا ئوخشىتىدۇ《. ئەمدى يەنىمۇ ئويلىنىپ باقايلى- ھەر قايسىمىزدا يۇقارقىدەك ئېغىر، كەچۈرگۈسىز مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر مەۋجۈت تۇرسا، بىز مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ- ئۇلۇغ تەرىپلەشلەرگە ئۇيغۇن كىلەرمىزمۇ؟ بىزنىڭ ئوبرازىمىز قېنى؟ سالاھىيتىمىز نېمە؟ بۇ مەسىلىنى ھەر بىرىمىز چوڭقۇر ئويلىنىپ ،مىللەتنىڭ كەلگۈسنى نابۇت قىلمايلى.
يۇقۇردىن- تۆۋەنگىچە چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە شەكىلۋازلىق يامىراپ كەتتى. مائارىپ تېخىمۇشۇنداق .دەرىس ۋاقتىغا بولغان مەسئوليەتسىزلىكىمىز،دەرىسكە كېچىكىپ كىرىش مەكتەپتە ئۇمۇملىشىپ كەتتى.مەن ۋە سىز دەرىس قۇڭغۇرىقى چېلىنغاندا ئىشخانىدىن چىقمىساقمۇ،ئككى مېنوت بۇرۇن سىنىپقا كىرسەك بىز ئۈچۈن گۇناھمۇ؟ياكى چەكلەنگەنمۇ؟ھەربىرىمىزبىرسائەتتەبىرمېنوت ۋاقىتتنى زايە قىلساق:50ئوقۇغۇچىنىڭ بىرسائەتتە 50مىنوت ۋاقتىنى زايا قىلمىز.بىر ھەپتىدە 10سائەت دەرىسمىز بولسا     ،500مىنوت، 8:30سائەت ۋاقتىنى،  بىرئايدا  33:33سائەت،بىر مەۋسۈمدە   133:33ۋاقتىنى زايا قىلغان بۇلمىز.  1h1mint50=50minot.1周=10h50=500minut=8:30h. =33 :33h 4 .一期=33:334=133:33h
سىز دەرىسخانىدىكى بىر مىنوت ۋاقىتنى زاياقىلسىڭىز مىللەت ئالدىدا جىنايەتچىسىز.ئۇنداقتا،مەن ۋە سىز قانچەئون سائەتلەپ، قانچەيۇزسائەتلەپ ۋاقىتنى زايا قىلۋاتساق،بىزنېمىگە ئايلاندۇق؟؟؟


ھازىرقى مىللىي مائارىپىمىز،ئۆزىنىڭ مەسئۇليەت ۋەمەجبۇريەت ئېڭنى يۇقاتقان ،ئەخلاقى-پەزلىتى زەئىپلەشكەن،مەنىۋى –روھىيەت قەلبىدىن مىللىي خاسلىقنى يۇقاتقان، ئوبرازى خۈنۈكلەشكەن، ئىللىق مىھرى مۇھەببەت تولغان باغرى قېتىشقا باشلىغان ،جەمئىيەتتە يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان تۈرلۈك غەيرى مۇراسىملارنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا تۆھپە قوشىدىغان ۋە كۈچ چىقىرىدىغان ،جەمئيەتتىكى ،ھەرساھە ،ھەركەسىپ كىشىلىردىن ھېچقانداق پەرقى بولمىغان ھالەتتە،جەمئيەتنىڭ ئېقىمىغا ،مودىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا، ھاراق شېركەتلىرىنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا تۆھپە قوشىدىغان ھاراق تۇڭلېرىغا ئەمەس، بەلكى، كۈچلۈك، يۈكسەك مەسئولىيەت ئېڭىغا، يىمىرىلمەس ئەخلاقى پەزىلەتكە، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان ئەتتىرگۈل كەبى، تولۇپ تاشقان مىللى پۇراققا، پەقەت مائارىپ ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، كۆپ ئويلىنىدىغان، كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان، پەقەت مىللى مائارىپ ئۈچۈن، ئۇنىڭ گۈللەپ، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان، كۈچ چىقىرىدىغان، ھەرقانداق ئوقۇغۇچىنى، خۇددى ئۆز پەرزەنتىگە ئوخشاش باغرىغا باسالايدىغان، قەلبى ئاتەشتەك ئىللىقلىققا، مىھرى- مۇھەببەتكە تولغان، مەنىۋى روھىيىتى ئۆزىنىڭ پاكلىك ۋە خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا مۇھتاج بولسا كېرەك دەپ -ئويلايمەن.مانا مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، مىللى مائارىپ ساھەسىدىن، دەرىس مۇنبەرلىرىمىزدىن، ئورۇن ئالغان چېغىدا، مىللەتنى، چالىقۇش ھالىتىدە قالغان مىللى مائارىپىمىزنى قۇتۇلدۇرۋالساق، جەمئىيەتكە ئېقىپ كېتىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنى قايتىدىن مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كىلەلىسەك، ھايات ھاڭلېرى گىردابىغا بېرىپ قالغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قوللېرىدىن تارتىۋالىساق، تۈرمە بۇسۇغىسىغا بېرىپ قالغان بالىلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالىساق، ئەجەب ئەمەس دەپ ئويلايمەن.

2008-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى



    
[ بۇ يازما ay-turan تەرپىدىن2009-02-18 08:51 PMدە قا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ay-turan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-18, 12:52
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-18 08:02 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
kalkvn117117
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 724
شۆھرەت: 734 نۇمۇر
پۇل: 454 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 557(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

بۇ دېگىنىڭز توغىرا بىراق ھازىر جەميتىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدىن قارغاندا يەنىلا تۆۋەن ساپالىق ئەمگەچلەر ئاساس قىلنىدۇ . ئۇنىدىن باشقا ئقتسادى شارائىتمىز ناچار بۇلۇش سەۋەبىدىن قورساق تويغانغا شۈكىرى قىلپ ئولتۇردىغانلارمۇ ئاز ئەمەس .ئەڭ ئالدى تۇرالغۇ، تاماق ،كيىم -كېچەك ..قاتارلىق تەبىئى خۇسۇسيتى قانائەتلەنگەندىلا ئاندىن ئجىتمائى خۇسۇيتى ئۇنى ئۈندەيدۇ . ھازىر مللى رايۇنمزدا ئۆزى ئاللقاچان ھازىرلاپ بولغان ئىقتدارنى ھېس قىلالمايدىغانلامۇ ئازمۇ . بار ئەقلىنى ئقتسادىقا ئايلاندۇرشىنى خالمايدىغان ياكى بىلمەيدىغانلارمۇ ئازمۇ .
ئوقۇغانلار بىلەن ئوقۇمغانلار ئوتتۇرسىدكى پەرىق قانچلىك ؟ ئوقۇغانلاردىكى ئشسىزلىق . ياكى ......قاتارلىقلار تۈپەيدىلىدىن .
مەسلەن سىلى بەلىكم بىر ئوقۇتقۇچى سلىنىڭ ئقتسادى تۇرمۇش شارائتىلىرى قانچلىك . توغىر بەلىكم ھەممسى پۇل ئۈچۈن ئەمەس دىيشمىز مۇمكىن .
بۇلانى كۆرگنلەر ئوقۇشقا قانچلىك قىزقىدۇ .
بىز ئۆگۈنۇپ بىر ئېرىققا بېتوندىن كۆۋرۈك سېلىپ باقتقمۇ ؟
بىز ئۆگۈنۈش ۋە ئۆگۈتۈشتە ئالدى بىلەن نىمىنى ئۆگۈتۈش .....
بۇ ھەرگىزمۇ سزنىڭ قىزغىن ھېسياتىڭزغا سۇغۇق سۇ سەپكەنلىكم ئەمەس بەلكىم ھەممىز ئازىراق ئويلانساق دىمەىكچى .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
باشىقىلار بىلدىغان ئەڭ ئاددىنمۇ ، بىلمەسلكىمز مۇمكن .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 09:22 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
GULEMXIWA
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 15315
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 421
شۆھرەت: 304 نۇمۇر
پۇل: 1544 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

بالىنى باشقۇرالمىغان ئاتا-ئانا ئۈمىدىنى ئۇقۇتقۇچىغا باغلايدۇ  ، بالىنى  سىنىپتىن ، مەكتەپتىن تىزىپ كىتىشكە  مەجبۇرلىغان ئۇقۇتقۇچىنى مىللەتنىڭ دۈشمىنى دىسە ئارتۇق كەتمەيدۇ  ، ھىچقانداق بالا تۇغما دۆت ، تۇغما ئەسكى بولمايدۇ  ، ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئوينايدىغان رولىغا سەل قاراش -بىر ئەۋلات جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ  ئىستىقبالى بىلەن ئويناشقانلىق ، بۇ جىنايەت .
بۇ تېمىنى نادىرلاش كېرەك ..........     
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 09:22 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
ankar528
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11139
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 123 نۇمۇر
پۇل: 968 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 926(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

ئەڭ مۇھىمى بالىنىڭ مەكتەپ يىشىغىچە بولغان ئائىلە تەربىيىسى، مۇشۇ مەزگىلنى ئۆتكۈزىۋەتسە ھەممىسى بىكار!  ئۆزى ياخشى تەربىيەلىمەي باشقىلارنى ئەۋلىيا چاغلىغاننىڭ نىمە پايدىسى.
Okyan
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 11:13 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
MIRAYID
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9571
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3730
شۆھرەت: 1536 نۇمۇر
پۇل: 2131 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2092(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

ئاقمايدىغان پاراڭ . نىمە ئۇ مىللىي مائارىپ دىگەن ؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 11:42 AM |
Yurtum Elani
jandosluk
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 39414
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 208 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

قارىغان  بۇ تېمىنىڭ  ئىگىسى ئوقۇتقۇچى بولمىسا كېرەك
بىزنى ئۇنداق قىلىش كېرەك مۇنداق قىلىشى كېرەك   ئوقۇتقۇچىلارغا قانداق  كۆڭۇل بۇلۇش كېرەك دېسىڭىز توغرا دىگەن بولىسىز
ھەممىل ئادەم ئوقۇتقۇچىلىقتىن بىزار بولغان بۇنداق دىسىڭىز  تازا ياخشى بولمايدۇ .
كىشىلەرنىڭ ھەمممىسى ئوقۇتقۇچى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغاندا  ئاندىن ئوقۇتۇش سۇپىتى ئاشىدۇ  رىقابەت كەسكىنلىشىدۇ  ئەمما ھازىر بۇنداق دىسىڭىز ...ئوقۇقۇچى بۇلىشنى خاليدىغان ئادە تاپالماي قالارسىزمىكىن
Okyan
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 02:45 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.057146(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:31
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号