ئەبگاھلىق ۋە زەئىپلىك ئىماننى يوقىتىدۇ :
ئادەم گاھىدا كىشىلەر دىندا ئۆزلىرىگە تەبەررۇك - بۇزرۇكۋار بېلىدىغانلار ، ئۆزىنى دىننىڭ ماھىيىتى ۋە نېگىزىگە يەتكەن خېلى ياراملىق دىندارلاردىن سانايدىغانلار ئىچىدە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كۆرىدۇكى ، ئۇلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى ئەبگار - لەقۋالىق ، بىچارىلىك ، ئۆلۈمتۈك-ئېزىلەڭگۈلۈك ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ ، بەزىلەر خاتالاشقان ۋە ئېغىر ئالمىغان ھالدا ئۇلارنى مۆمىنلەرنىڭ ساغلام كۆرۈنۈشى دەپ ئويلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئىمان بۇنداق ساختا كۆرۈنۈش ۋە يالغان قىياپەتتىن بىزاردۇر ، ئىمان بولسا شۇنداق بىر كۈچكى ئۇ ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسى ، ئەخلاق - ئىستىلى ، ئىسمى ھەمدە جىسمى بىلەن بىردەكلىككە ئىگىدۇر . ئۆمەر بىر ئادەمنىڭ نامازدا ئۆلۈمتۈكلەرچە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ، تولىمۇ قورقۇمسىرىغان قىياپەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە شۇئان بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى ئۆز قولىدىكى قامچا بىلەن نوقۇپ كۆتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ، ئۇنۇڭغا : ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ دىنىمىزنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ سەن ؟ ئاللا جىنىڭنى ئالسۇن ، بېشىڭنى كۆتۈر ، قورقۇش دېگەن گەدەندە ئەمەس ، قەلبتە بولىدۇ ، دەيدۇ .
- ئاللا ساڭا مۇناپىقلارچە قورقۇش ئىزھار قىلىپ سېلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن - دېگەن دۇئا ئۇنۇڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن ئىدى . ئۇنۇڭغا مۇناپىقلارچە قورقۇش ئىزھار قىلىش دېگەن نېمە ؟ دېيىلگەندە ، ئۇ : قەلب قورقمىسىمۇ ، بەدەننىڭ قورققاندەك تۇرۇشى دېدى .ئابدۇللانىڭ قىزى بىر قىسىم ياشلارنىڭ يولدا ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن : ئۇلار نېمە قىلىدىغانلار ؟ دەپ سورىدى . ئۇنىڭغا : ئۇلار تەقۋادار زاھىتلار ، دەپ جاۋاب بېرىلدى . ئۇ: ئۆمەر ماڭغىنىدا ھەيۋەت بىلەن تىز ماڭاتتى ، كىشى گەپ قىلسا قۇلاق سالاتتى، ئۇرغاندا ئۆتكۈدەك ئۇراتتى ، مانا ئۇ ھەقىقىي زاھىت ئىدى ، دېدى .
شۇنچە تەمكىن ۋە سۈرلۈك روسۇلىللا ماڭسا ، گويا ئىگىزدىن چۈشۈۋاتقاندەك تېز ماڭاتتى . ئەبۇ ھۇرەيرە بۇنداق دەيدۇ : رەسۇلۇللاھدىن چىرايلىقراق ئادەمنى كۆرگىنىم يوق . قۇياش گويا ئۇنىڭ يۈزىدە كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى، ئۇنىڭدىن تىز ماڭىدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم ، ئۇ ماڭسا كىشىگە ئۇنىڭغا يەر قاتلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. بىز قىينىلىپ ماڭساق ، ئۇ ئېرەن قىلماي ماڭاتتى .
مەنبە:<< ئىمان ۋە ھايات >> دېگەن كىتابتىن ئېلىندى .
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-02-18 19:43دە قايتا ]