چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 354 قېتىم كۆرۈلدى
kunahun
لېۋىڭنى چىشلىگىچە،كۆزۈڭنى ئاچ
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29141
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 829 نۇمۇر
پۇل: 2530 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 559 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1067(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 (kunahun) بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز .

0
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ،  ئەزىز قېرىنداشلار !

   ھەممەيلەنگە مەلۈم بولغىنىدەك ، ئانا تىل خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلدى . بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ تىلىمىز ئەلۋەتتە بويۇن قىسىپ قالسا بولمايدۇ . . . چوقۇم ئۇنىڭغا تاپقىنىمىزچە سوۋغا تەقدىم قىلىشىمىز ،ئۇنى قەدىرلىشىمىز كېرەك . چۈنكى ئۆزى قەدىرلىمىگەن نەرسىنى باشىقىلارمۇ قەدىرلىمەيدۇ . . . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھەقتە بىر پارچە ئەسەر يېزىپ چىقاي دېگەن ئىدىم ، لېكىن كالتە كۆسەي يازمىلىرىمدىن يەنىلا ئارسلان ئابدۇللا ئاكىنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئەھمىيەتلىك بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم . تورداشلارنىڭ ئالدىرىماي ، تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن  .

( ئارسلان ئابدۇللا 1955 يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى . )  

                                                                              
                                                       ئانا تىل ۋەتەن . 

                                                        ئاناتىل --- ئىپپەت . 

  

                                                     بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز 
                                                                   
                                                             ئارسلان ئابدۇللا
 
     ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۈم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، سوغدى يېزىقى ، مانى يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، براھمى يېزىقى ، قارۇشتى يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى، كونا تىبەت يېزىقى ، ئەرەپ يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ، ئەرەب ئېلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ، سلاۋيان يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق 30 غا يېقىن يېزىق بار  .

    بۇ يېزىقلار ئىچىدە ، ئومۇمىيۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغىنى قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت .


1.      قەدىمكى تۈرك ( ئورخۇن )يېزىقى

    قەدىمكى تۈرك يېزىقى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى خەلقلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ھەم 6-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان ئېلىپبەلىك يېزىق . بۇ يېزىقتىكى بەلگىلەر تىك ، قىيپاش ، يايسىمان سىزىقچىلارنىڭ ھەرخىل شەكىلدە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ , ئۇنىڭ شەكلى ، قۇرۇلمىسى ۋە باشقا خاس ئالاھىدىلىكلىرىدىن قارىغاندا, تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تامغىلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكى قىياس قىلىنىدۇ . بۇ يېزىق تۈركىي قەۋملار تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن , قەدىمكى تۈرك يېزىقى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان   ؛ بۇ يېزىقتا خاتىرلەنگەن يادىكارلىقلار _مەڭگۈ تاشلار موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن دەرياسى ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا, ئورخۇن يېنسەي يېزىقى دېگەن نام بىلەن ؛ كۆكتۈرۈك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغانلىقى سەۋەبلىك ، كۆكتۈرۈك يېزىقى ياكى ئورخۇن يېزىقى دېگەن نام بىلەن ؛ شەكىل جەھەتتىن قەدىمكى گېرمانلار قوللانغان رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن ، تۈرك رونىك يېزىقى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن . بىز ئادەتتە قەدىمكى تۈرك يېزىقى , دەپ ئىستىمال قىلىشنى توغرا تاپىمىز .

    قەدىمكى تۈرك يېزىقى خاراكتېرى جەھەتتىن قارىغاندا تاۋۇشلۇق يېزىق . يەنى , ئۇنىڭدىكى بەلگىلەر تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلاتتى . ئورخۇن يېزىقىدا 40 بەلگە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە توت ھەرپ سوزۇق تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ . قالغان ھەرپلەر ئۈزۈك تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بەزى ھەرپلەر ئىككى خىل شەكىلگە ، بەزى ھەرپلەر ئۈچ خىل شەكىلگە ، بەزى ھەرپلەر بەش ئالتە خىل شەكىلگە ئىگە . بۇ يېزىق ، قوشۇلۇپ يېزىلمايدۇ . ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ . سۆزلەر يېزىلغاندا ، ئايرىم ئورۇنلاردا سوزۇق تاۋۇشلار يېزىلسا ، كۆپىنچە ئورۇنلاردا يېزىلمايدۇ . شۇڭا ، بۇ يېزىقتا ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . سۆز بىلەن سۆز ، سۆز بېرىكمىسى بىلەن سۆز بېرىكمىسى ۋە جۈملىلەر قوش چېكىت ئارقىلىق بىر بىرىدىن ئايرىلىدۇ .

     بۇ يېزىقتا خاتىرلەنگەن يادىكارلىقلار تاكى 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە , ئىلىم دۇنياسىغا سىر پېتى تۇرغان ئىدى . بۇ يېزىقتا يېزىلغان يادىكارلىقلار تاشقا ئويۇپ يېزىلغان تەزكىرىلەردىن ئىبارەت . بۇ تاشلار «ئابىدە» دەپ ئاتىلىدۇ . ئىلىم دۇنياسى تەزكىرىلەر پۈتۈلگەن بۇ خاتېرە تاشلارنى « مەڭگۈ تاش » دەپ ئاتايدۇ . بۇ مەڭگۈ تاشلار 1692 يىلى گوللاندىيىلىك   ن . ۋىنتسىن ، 1730 يىلى شىۋىتسىيلىك سترالېنبېرگ قاتارلىقلارنىڭ ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان . بىراق شۇنىڭدىن يەنە 100 يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ , « مەڭگۈ تاشلار » دىن ئىبارەت بۇ خاتىرە تاشلاردىكى يېزىقلار سىر پېتى تۇرىۋەرگەن . 1884 يىلى فىنلاندىيىلىك ئالىم ئاسپېلىن , مەڭگۈ تاش يېزىقىدىكى بارلىق ھەرپ بەلگىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن ، بۇ يېزىقنىڭ تەخمىنەن 38 40 بەلگىدىن تەركىب تاپقانلىقى ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان . بىراق ھەرپلەرنىڭ تاۋۇش قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلغان . ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ، 1893 يىلى 11- ئاينىڭ 25 كۈنى بۇ سىر دانىيىلىك ئالىم ۋ . تومسۇن تەرىپىدىن يېشىلدى .

    قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلار ئىچىدە ,« كۆل بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى » ، « تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى » ، « بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى » « توققۇز ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشى » قاتارلىق ئابىدىلەرگە ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تەزكىرىسى پۈتۈلگەن .


2.      قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى

     قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئشلەنگەن ئېلىپبەلىك يېزىق . ئىلىم ساھەسى ئۇنى بىردەك « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتايدۇ . خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە 回鹘文字 دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ يېزىق 8 ئەسىرىدىن 15 ئەسىرگىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قوۋملار تەرىپىدىن ئورتاق قوللىنىلغان .

    مىلادىيە 840 يىلى ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى جەھەتتە قەھەتچىلىك ئاپىتى ، تاشقى جەھەتتە قىرغىز قوۋملىرىنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئورخۇن ۋادىسىنى ۋە ئۆتۈكەن تاغلىرىنى تاشلاپ غەرپكە كۆچكەن . بىرىنچى تۈركۈم ئۇيغۇرلار بوغدا تېغى ئەتراپىدىكى  زېمىنلارغا كېلىپ ، شۇيەردىكى قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ؛ ئىككىنچى تۈركۈم ئۇيغۇرلار كۆكئارت تاغلىرى ئەتراپىغا كېلىپ قاراخانىيلار سۇلاسىنى قۇرغان ؛ يەنە بىر تۈركۈمى بولسا خېشى كارىدۇرىغا كېلىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان . ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ، ئۇيغۇر يېزىقىنى داۋاملىق ئىشلەتكەن . مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقەرى « تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق يازىدۇ : « قەدىمىدن تارتىپ قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ بارلىق خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن » . مەھمۇد قەشقەرى بۇ يېزىقنى « تۈرك يېزىقى » دەپ ئاتىغان . چىڭگىزخان دۇنيانى بويسۇندۇرۇشقا نىيەت باغلىغاندا بۇ يېزىقنى موڭغۇل دۆلىتىنىڭ يېزىقى قىلىپ قوبۇل قىلغان ھەمدە « ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتىغان . 16 ئەسىرگە كەلگەندە بۇ يېزىقنى مانجۇلار ، موڭغۇللار ئارقىلىق قوبۇل قىلغان . ئۇنىڭدىن سەل كېيىنرەك شىۋەلەر قۇبۇل قىلىپ ، ھازىرقى شىۋە يېزىقىنى شەكىللەندۇرگەن .

     قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى ئۇزاق قوللىنىلغان . ھەتتا 13 ئەسىردىن 15 ئەسىرگىچە ۋولگا دەريا ۋادىسىدىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا ئالاقىلەردە كەڭ قوللىنىلغان  . قىسقىىسى بۇ يېزىق 700 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلغان . ئوڭدىن سولغا قارىتىپ ، توغرىسىغا ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ يېزىلىدۇ . جۈملە ئاخىرىغا قوش چېكىت قويۇلىدۇ .

    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلاردىن « ئالتۇن يارۇق » ، « قۇتادغۇبىلىك » ، « ئوغۇزنامە » ، « قىسسەسۇل ئەنبىيا » ، « سامىتۇ ئاچارنىڭ تەرجىمھالى » قاتارلىق ئەسەرلەر بار .


3 . خاقانىيە يېزىقى

     قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ باشچىلىقىدا , 10 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر ئسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن دىنىي ئىتىقاد سەۋەبىدىن ئەرەب يېزىقى , بارا بارا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ « خاقانىيە تىلى » دەپ ئاتىلىپ ، ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەيدىغان ئاساسىي يېزىققا ئايلانغان . شۇ سەۋەبتىن بۇ يېزىق « خاقانىيە يېزىقى » دەپ ئاتالغان . بەزىلەر « ئەرەب يېزىقى » دەپمۇ ئاتايدۇ .

    خاقانىيە يېزىقى __ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھېچقانچە ئىسلاھ قىلىنمىغان ھالدا قوبۇل قىلىنغان يېزىق . بۇ يېزىقتا ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرپ ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن,« پ » ، « گ» ، « چ » ، « ژ » ھەرپلىرىنى پارس ئېلىپبەسىدىن قۇبۇل قىلغان . ئىملا جەھەتتىن پارس يېزىقلىرىنىىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئاساسەن ئەمەل قىلغان . . سوزۇق تاۋۇش ، ياردەمچى بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن . بۇ يېزىق 10 ئەسىرىدىن 14 ئەسىرگىچە قەشقەرنى مەركەز قىلغان كەڭ قاراخانىلار زېمىندا قوللىنىلغان . ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش ۋاستىسى قىلىنغان . 11 ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بۈيۈك ئەسەرلەردىن « تۈركىي تىللاردىۋانى » ، « قۇتادغۇبىلىك » ، « ئەتەبەتۇل ھەقايىق » قاتارلىق ئەسەرلەر مۇشۇ تىلدا يېزىلغان .


4 . چاغاتاي يېزىقى

     « چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتالغان بۇ يېزىقنىڭ ئاساسى ، ئەرەب ئېلپبەسى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقى . خاقانىيە يېزىقى بىر مەزگىل ئشلىتىلگەندىن كىيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ماسلاشماي قالغان . شۇنىڭ بىلەن خاقانىيە يېزىقى ئۈستىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلار يۈرگۈزۈلۈپ , ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن . بۇ يېزىق قوللىنىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى ، بولۇپمۇ ، بۇ يېزىقتا مەيدانغا كەلگەن زور ھەجىمدىكى كاتتا ، نادىر يادىكارلىقلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن باشقا ھەرقانداق يېزىقتىن ئېشىپ چۈشىدۇ .

    بۇ يېزىق 13 ئەسىرىدىن تارتىپ تاكى 20 ئەسىرنىڭ 30 يىللىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى بولغان . بۇ يېزىق چاغاتاي خانلىق دەۋرىدە ئشىلىتىلگەن يېزىق بولغاچقا ، بۇ يېزىقىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار ئۇنى « چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتىغان . 

    چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە ، يەنى شەرقتە قۇمۇلدىن ، غەربتە ئامۇ دەرياسىغىچە ،شىمالدا ئىلىدىن ، جەنۇپتا ھېندىستاننىڭ پايتەختى دېھلىنىڭ شىمالىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلاردا قوللىنىلغان ھاكىمىيەت يېزىقى ئىدى .

    بۇ يىزىق بىلەن سەككاكى ، لۇتفى ، نەۋائى ، خاراباتى ، زەلىلى ، ئەرشى ، گومنام ، نىزارى ، موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ ، موللا مۇسا سايرامى ، تەجەللىي ، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق ئالىم ئۆلىمالار مېڭلىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .

    چاغاتاي يېزىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىلمۇ خىل ھۆسنىخەت نۇسخىلىرى مەيدانغا كەلگەن ، خەتتاتلىق يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان . چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلىرى بۇنىڭغا ئوبدان مىسال بولالايدۇ .


5 . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى

     ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقىنىڭ بىۋاستە راۋاجى ، يېڭى دەۋردىكى شەكلى ھېساپلىنىدۇ . 20 ئەسىرنىڭ 20 ۋە 30 يىللىرىغا كەلگەندە دۇنيادا زور سىياسىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي ھادىسىلەر بارلىققا كەلدى . بۇ ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ زىلزىلىسى ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە بېكىنمىچىلىك ، خۇراپاتلىق ۋە قالاقلىقنىڭ قۇچىقىدا ئۈگدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاز تولا سەگىتتى . مىللىي ئويغۇنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ، زامانغا لايىقلىشىش سادالىرى بارلىققا كەلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئېھتىياجى , مىلىتارىست شېڭ شىسەينى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا پەن مەدەنىيەتكە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلدى . 30 يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى شىنجاڭنىڭ جاي جايلىرىدا تەسىس قىلىنغان « ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى » ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىغا يېپ يېڭى مەزمۇن قوشتى . جۈملىدىن زىيالىلارمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە جىددىي ئويلىنىپ 1937 يىلى يېڭى ئېلىپبە ۋە ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقتى .

      چۈنكى ، چاغاتاي يېزىقىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ھەرپ بەلگىلەنمىگەن بولغاچقا ، بۇ يېزىق ئىلمىي ئىزغا سېلىشقا موھتاج ئىدى . 1935 يىلدىن باشلاپ چىقىرىلغان « شىنجاڭ گېزىتى » مانا مۇشۇ يېڭى ئىملادا نەشىر قىلىنغان . « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ غەلبىسى بىلەن ، بۇ يېڭى ئېلىپبە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىنغان .

   1954  يىلىغا كەلگەندە ، بىز ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ئېلىپبەنىڭ ئاساسىي تۇرغۇزۇلدى. 1984 يىلى تۆت لەۋلەشكەن تاۋۇش ئۈچۈن ئايرىم ئايرىم تۆت ھەرپ بېكىتىلىپ ، ئۇيغۇر كونا يېزىقى 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ، تىلىمىزدىكى ھەربىر تاۋۇش ئۈچۈن , بىردىن ھەرپ بەلگىلەنگەن ئىلمىي بىر ئېلىپبە مەيدانغا كەلدى .
[ بۇ يازما kunahun تەرپىدىن2009-02-18 11:17 PMدە قاي ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(totem)
  • شۆھرەت:+10(axkar) ئەھمىيەتلىك ..
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    يانپاشقا چىققاننى ئاتمىساڭ ،ئۆلگۈچە نادامەت چېكىسەن
    617743071   QQ
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-18 05:52 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    uighuriya23
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29146
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 226
    شۆھرەت: 271 نۇمۇر
    پۇل: 809 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 417(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بىلمىگەننى بىلىۋالدىم مانا ، رەھمەت سىزگە !
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:02 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    ayjahan
    يۈرۈگۈم سەن ئۈچۈنلا سوقىدۇ!...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1092
    شۆھرەت: 1316 نۇمۇر
    پۇل: 681 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 571(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    قەدىمىي تۈرۈك(ئۇرخۇن)يېزىقىدا يېزىلغان ئۈچ پارچە مەڭگۈ تېشى توغرىسىدا:
    1) كۆلتىگىن مەڭگۈ تىشى 1889- يىلى موڭغۇلىيەنىڭ ئورقۇن دەرياسى بويىدىكى خوخۇت سايدام دىگەن جايدىن تىپىلغان ، 732- يىلى قەھرىمان كۆلتىگىننىڭ جىيەنى يوللۇغ تېگىن تەرىپىدىن ئورنىتىلغان.
      2) بىلگە قاغان مەڭگۈ تىشى 1889- يىلى موڭغۇۇلىيەنىڭ ئورقۇن دەرياسى بويىدىكى خوخۇت سايدام دىگەن جايدىن تىپىلغان. ھۆكۈمران بىلگە قاغان 734يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ نامىغايوللۇغ تېگىن تەرىپىدىن 735- يىلى ئورناتقان.
      3) تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تىشى 1897- يىلى ھازىرقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئولانباتۇر شەھرىدىن 60كلو مېتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوكتو دىگەن جايدىن تىپىلغان، كۆك تۈرۈك خانلىقىنىڭ سەركەردىسى تۇنيۇقۇق  ئۆزى تەرىپىدىن 712-يىلدىن 716- يىللارغا بولغان جەرياندا ئورناتقان. ئىككى پارچە كۆك مەرمەرگە 62 قۇر قىلىپ تۇرك -رونىك يېزىقى،خەنزۇتىلى يېزىقى بىلەن قۇرمۇ-قۇر قىلىپ يازغان.بۇ تەرجىمىھال خارەكتىردىكى ئەسەر.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunahun) ياخشى تولۇقل ..
  • يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئىچىملىك- ئاغزىغا كەلگەن گەپنى چىقىرۋەتمەي يۇتىۋېتىشتۇر!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:11 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2803
    شۆھرەت: 2402 نۇمۇر
    پۇل: 4215 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2375(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    قالتىس ئەھمىيەتلىك تېما بولدى. مىخ مەتبە تەتقىقاتچىسى خەلقارالىق ئالىم ياسىن ھۇشۇرنىڭ ئىلمى ئەمگىكىنىمۇ بۇ يەرگە چاپلاپ قويساق بۇلاتتى.ئۈيۈمدە ئامباردا قايسى بىر ژۇرنالدا دوكتۇر ياسىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ ئىش-ئىزلېرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغان ئىدى.تاپالسام يوللاپ قۇيىمەن.لىكىن ئامباردا كىتاپ-ژۇرنال بەك جىق.دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بۇلۇپ قالامدىكىنمۇ دەيمەن.     
    ناۋادا ئۇنى يوللىيالماي قالسام ئىجادى تېمام بىلەن ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەشكە مەن تەييار.
    Okyan
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:21 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    negar
    سەمىمىلىك مېنىڭ گۈزەللىكىم
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30094
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 484
    شۆھرەت: 980 نۇمۇر
    پۇل: 1958 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 15 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 491(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بىلمىگەننى بىلدۈرۈدىغان بەك ياخشى تېما يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!!!
    تىل-يېزىقىمىز توغرىلىق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    مەن كۈلكىلىرىدىن قىپ-قىزىل گۈل ئېچىلغان دۇنياغا ئاشىق
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:27 PM |
    Yurtum Elani
    uyhur-jan
    ئۇيغۇرجان
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8046
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1713
    شۆھرەت: 1600 نۇمۇر
    پۇل: 3967 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 205 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 357(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    يىزىق ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن ، ھارىز بىزنىڭ بىلدىغىنمىز پەقەت يىڭى ۋە كونا يىزىق !!
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:30 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ayyamguri
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31422
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 161
    شۆھرەت: 161 نۇمۇر
    پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 318(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:34 PM |
    Yurtum Elani
    danix1976
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4697
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 208
    شۆھرەت: 214 نۇمۇر
    پۇل: 1181 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 301(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئارسلان مۇئەللىم دەرسنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتىدۇ . ئۇنىڭ بىلىمى مول ئىدى . ھازىر ئاڭلىسام مەمۇرىيەت ئىشلىرى بىلەن بەك ئالدىراش دەيدىغۇ .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:56 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ayjahan
    يۈرۈگۈم سەن ئۈچۈنلا سوقىدۇ!...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1092
    شۆھرەت: 1316 نۇمۇر
    پۇل: 681 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 571(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    Quote:
    بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىmuallipنىڭ2009-02-18 06:49 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    قىسقىغىنا تولۇقلىما: << قۇتادغۇ بىلىك>> ئۈچ نۇسقا بولۇپ ،ئۇنىڭ ۋېينا نۇسقىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ،مىسىر ۋە سەمەرقەند نۇسقىسى بولسا  خاقانىيە يېزىقىدا يېزىلغان . ئۇندىن باشقا يەنە ،<<ئەتەبەتۇلھەقايىق>> ئا نۇسقىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ،س نۇسقىسى بولسا خاقانىيە يېزىقىدا يېزىلغان .(بۇ ماقالىدە گەرچە ئوخشاشلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ ئەمما زادى قايسى نۇسقىسى ئىكەنلىكى ئېنىق  ئەسكەرتىلمەپتۇ)

    ئەرەپ يېزىغى (خاقانىيە يېزىقى) دا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەر: ئەتەبەتۇل ھەقەيىق،قۇتادغۇبىلىك،تۈركىي تىللار دىۋانى.
    بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە ئۈچ خىل نۇسخىسى يېتىپ كەلدى. بىرىنچى خىل نۇسخا، يەنى ۋېنا نۇسخىسى، بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا بولۇپ، ئاۋىستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇ A نۇسخىدۇر.
          ئىككىنچى خىلى قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ، 5400 بېيىتتە پۈتۈلگەن مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى «ھىدىۋ» (ھازىرقى قىرال) كۈتۈبخانىسىدىن بايقالغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ B نۇسخىدۇر. ئۈچىنچى خىلى پەرغانە نۇسخىسى بولۇپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرغانە ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى نەمەنگاندىن (نەمەنگان نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغانلىقتىن پەرغانە نۇسخىسى دەپ ئاتالغان، 6095 بېيىتتە پۈتۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ C نۇسخىسىدۇر. ئەسەرنىڭB،C نۇسخىلىرى تۆمۈرىيلەر دەۋردىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان. ئەسەرنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە دەسلەپكى قېتىمقى ئاشكارىلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
          «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ۋېنا نۇسخىسى مىلادىيە 1439-يىلى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمسى دېگەن كىشى تەرپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرۈلگەن. شۇڭا، بۇ نۇسخا يەنە ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلدۇ. مىلادىيە 1474-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە كەلتۈرۈلگەن، كېيىن ئاۋىستىرىيىلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋېنا شەھىرىدىكى ئوردا كۈتۈبخانىسىغا قۇيۇلغان. مىلادىيە 1796-يىلى ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغان.
          پەرغانە نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىد مىلادىيە 1914-يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخشى كۈتۈبخانىسىدىن بايقاپ، بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرگەن. مىلادىيە 1224-يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئەسەر توغرىسىدا ماقالە يازغان.
        قاھىرە نۇسخىسىنى تۇنجى بولۇپ مەشھۇر رۇس ئالىمى رادلوف مىلادىيە 1910-يىلى بايقىغان. ئۇ ئەسەرنىڭ ۋېنا نۇسخىسى بىلەن قاھىرە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەسەرنىڭ ترانسىكرىپسيىسى بىلەن نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان.
    «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ياۋروپادا XIX- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ قىزىق تېمىغا ئايلانغان. مىلادىيە 1827-يىلى فىرانسىيىلىك ژانبىرت.ئامبىدى تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىدىن قىسمەن بۆلەكلەرنى نەشر قىلدۇرغان. 1870-يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبىرى «قۇتادغۇبىلىك»نى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ 1000 بېيىتىنى ترانسىكرىپسىيىلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» دېگەن نامدا نېمىسچە نەشر ئىشلىگەن ۋە مەخسۇس لۇغەت تۈزگەن. 1890-يىلى رۇس شەرقشۇناسى رادلوف ۋامبىرى تەتقىقاتنى راۋاجلاندۇرۇپ، 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلىدىكى نۇسخىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسىكرىپسىيە قىلىپ، ئىككى توملۇق كىتابچە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇ يەنە 1943-يىلى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مانجۇچە تەرجىمىسىنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرغان. 1928-يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت پەرغانە نۇسخىسىنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىنى زۆرۈر ئىزاھاتلىرى بىلەن تاشكەنتتە ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان.
          «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى 1947-يىلى مەشھۇر تۈرك ئالىمى، تىلشۇناس رەشىت رەھمىتى ئارات (1900-1964) داستاننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنى ئۈچ يىل سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تولۇقلاپ، 13 مىڭ 290 مىسرالىق تولۇق تېكىستىنى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. 1957-يىلى كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىلىرى ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم نەشر قىلدۇرۇلغان. 1972-يىلى ئۆزبېك ئالىمى قەيۇم كەرىموف داستاننىڭ پەرغانە نۇسخىسى بويىچە ئۆزبېكچە نەسرىي تەۋسىپىنى تاشكەنتتە نەشر قىلدۇرغان. 1979-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تۈركولوگ، ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن ۋېي سۈييى خانىملار بىرلىشىپ داستاننىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. 1983-يىلى ئامېرىكا چىكاگو دارىلفۇنۇننىڭ شەرقشۇناس پروفېسورى روبرىت.دانكوپ داستاننى سۆز بېشى ۋە ئىزاھاتلىرى بىلەن ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. كىتابنىڭ باھاسى ئامېرىكىدا 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. 1980-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوپ ھامۇت مەسئۇللۇقىدا «قۇتادغۇبىلىك» تەرجىمە تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى، مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى، مەرھۇم مەمتىمىن يۈسۈپ ئەپەندىلەرنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن 1985-يىلى 5-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىندى. 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن يەنە خاۋگۈەنجۇڭ، جاڭ خوڭچاۋ ۋە ليۇبىنلارنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى نەشر قىلىندى. 1991-يىلى ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەرلەر تەييارلىغان نەسرىي يەشمىسى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى.1992-يىلى تۇرغۇنباي قىلىچبىك، نۇرۇز ھۈسەن ئالىيلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىدىن قىرغىزچە نەسىرىي شەكىلىگە ئۆرۈگەن تەرجىمە نۇسخىلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.
        شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى تەرپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، مانجۇچە، قىرغىزچە، رۇسچە، نېمىسچە، ئىنگىلىزچە تىللاردىكى تولۇق تەرجىمىلىرى، ئوكرائىنچە، ياپونچە تولۇق بولمىغان تەرجىمىلىرى ئىشلىنىپ دۇنياغا كەڭ تارقالدى، شۇنىڭدەك بۇ داستان ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيەت تارىخىنى خەلقئارا ئورۇنغا كۆتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى.  
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى تولۇقل ..
  • شۆھرەت:+5(axkar) ياخشى تولۇقل ..
  • دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئىچىملىك- ئاغزىغا كەلگەن گەپنى چىقىرۋەتمەي يۇتىۋېتىشتۇر!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:13 PM |
    Yurtum Elani
    muallip
    مەن كىم؟
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 39518
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 603
    شۆھرەت: 771 نۇمۇر
    پۇل: 2320 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 947(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىملىرىنىڭ كاتالوگى

    قەدىمكى تۈرك ئورخۇن يېزىقىدىكىلرى :
    (1) ئونگىن مەڭگۈ تېشى (2)تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى (3)كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى (4) بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى (5)توققۇز ئۇيغۇر خاقان مەڭگۈ تېشى (6)مويۇنچۇر (بايانچۇر) مەڭگۈ تېشى (7)سۇجى مەڭگۈ تېشى(8)تىرخىن مەڭگۈ تېشى (9)ئېرىق بىتىگ (پالنامە) قاتارلىقلار.

    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكىلىرى :
    (1) قوچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى (2) ئالتۇن يارۇق (3)مايترى سىمىت (4)چاشتانى ئىلىك بەگ(5)ئوغۇزنامە (6)ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى (7)شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى(8) ئابدۇرېھىم كوشا ۋاردى شاستىر (9)ساددا خارماپۇ دارىكا سۇترا (10)سەككىز يۈكمەك (11)ئاۋاتامساكا سۇترا (12)ئامىتابا سۇترا(13)ئاربارا جاۋاۋادگا سۇترا  (14)گۇئەن شىيىن پۇسار (15) مانى مۇخلىسلىرىنىڭ  تۆۋەنامىسى (16) ئىككى يىلتىز نوم (17)ئېۋاڭېلوم(18)سەنت گېمورگىنىڭ شاھادىتى (19) ئېزوپ تەمسىللىرى قالدۇقى (20) قوچۇ شېئىر-قوشاقلىرى (21)سىدخاسارا (22)كۆپ ساندىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر (قوچۇ ئىدىقۇتلىقىغا تەۋە) (23) قۇتادغۇ بىلىك(ۋېنا نۇسخىسى)  (24) ئەتەبەتۇلھەقايىق (A نۇسخىسى )قاتارلىقلار.

    ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكىلىرى(خاقانىيە يېزىقى)  :
    (1) قۇتادغۇ بىلىك (مىسىر ،سەمەرقەند نۇسخىسى)  (2) دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك (3)ئەتەبەتۇلھەقايىق ( C نۇسخىسى) (4) ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر قاتارلىقلار.
    [ بۇ يازما muallip تەرپىدىن2009-02-18 07:33 PMدە قاي ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى تولۇقل ..
  • شۆھرەت:+5(axkar) ياخشى تولۇقل ..
  • يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    لائىلاھە ئىللەللاھۇ ،مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:20 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    orhun36
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 30152
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1021
    شۆھرەت: 1227 نۇمۇر
    پۇل: 3480 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1787(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان بىر -نەچچە خىل يېزىقنى قوللانغان بولسىمۇ ، بۇگۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ ھازىرقى مېھرى ئىسسىق كونا يىزىقىمىزنى بىزگە ساق-سالامەت تاپشۇردى ،بىزمۇ ئەۋلاتلارنىڭ قولىغا ساق-سالامەت تاپشۇرالامدۇق يوق .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    يۈز يىل دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ تىمساق بىلەن دوس بولالمايسەن .
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:24 PM |
    Yurtum Elani
    kalkvn117117
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29057
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 724
    شۆھرەت: 734 نۇمۇر
    پۇل: 454 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 557(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    تىلىمىز بۇيۇن قىسىشى بىزنىڭ بۇيۇن قىسشمىز بۇلۇپ قالدۇ ئەلۋەتتە.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    باشىقىلار بىلدىغان ئەڭ ئاددىنمۇ ، بىلمەسلكىمز مۇمكن .
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 08:35 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    zulhuma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29143
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 382
    شۆھرەت: 422 نۇمۇر
    پۇل: 1501 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 752(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، بىزنىڭ ئويغۇر تىل يېزىقىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ ، بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان يېزىقلار بارلىققا كەلدى . شۇڭا بىزمۇ ئۆز تىل يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ ، كىيىنكى ئەۋلاتلىرمىز ئۈچۈن نەمۇنە قالدۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچى .
    تېمىڭىزغا تەشەككۈر !
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 09:05 PM |
    Yurtum Elani
    jasos007
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 35524
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 701
    شۆھرەت: 744 نۇمۇر
    پۇل: 2315 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1132(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    دوستۇم قۇناخۇن بەكمۇ تىتىملىق تىمىنى يوللاپسەن، ئەجىرىڭگە تەشەككۇر.
    مىنىڭ دەيدىغىنىم : ئەجداتلىرىمىزدىن بىردىن-بىر بۇيۇك مىراس ھالىتىدە قالغان تىلىمىزنى جان-جەھلىمىز بىلەن قوغداش.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    مۇمكىن ئەمەس دىگەن سۆز پەقەت نادانلارنىڭ لوغىتىدىن تىپىلىدۇ.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 09:45 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1669
    شۆھرەت: 2379 نۇمۇر
    پۇل: 10025 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1733(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

        بۇ تېما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.
        مەن قايسى بىر ماتېرىيالدىن بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز ھەققىدە يۇقۇرىقىلاردىن باشقا يەنە توخرى يېزىقى، بىراھما يېزىقى، ساك يېزىقى،ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى....دېگەندەك يېزىق ناملىرىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئۇ ماتېرىيالنىڭ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ، ئەگەر خاتا دەپ قويغان بولسام، توغرىسىنى يېزىپ پىكىر بېرەرسىلەر جۇمۇ

        تۆۋەندە مەن باش تېمىدا قالدۇرغان يېزىقلاردىن بىر نەچچىنىڭ ھەرپ شەكلىنى قالدۇردۇم.( بۇ يېزىق شەكلىنى بىر -ئىككى يىل بۇرۇن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۆرگىنىمدە، كومپيوتېرىمدا ساقلىۋالغان ئىدىم، شۇڭا يوللاپ قويدۇم)
    قەدىمقى تۈرك(ئورخۇن) يېزىقى



    قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى




    مانا بۇ ئۇيغۇر سىلاۋيان يېزىقى

    سىز نىمە ئۈچۈن ۋەدە قىلىشقا بەك ئامراق؟!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 01:02 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻢ - ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻢ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.071732(s) query 7, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 08:26
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号