چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 933 قېتىم كۆرۈلدى
axkar
باشقىلارھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29393
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 956
شۆھرەت: 1356 نۇمۇر
پۇل: 1323 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 141 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 481(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 ھاراق سېتىپ باي بولدۇم < ئاشكار>

0
     ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن بېرى، ئۇ ئورگان، بۇ ئىدارە...... دېگەنلەرگە بىر دۆۋە دىپلوملىرىمنى كۆتۈرۈپ نەچچە قاتنىدىم ، بەزىلىرى ،بىزگە خادىم كېرەك ئەمەس، دېسە،يەنە بەزىلىرى، سىز 民考汉 ئەمەسكەنسىز، دەپ ،چىقىپ كېتىدىغان ئىشىكنى كۆرسىتىپ قويدى ، چوڭ بولۇپ قالغاندا ئۆيدە ئولتۇرۇش تەس كەلگەچكە بىرەر يول تېپىش ئويى بىلەن  رەستىلەرنى ، كوچا-كويلارنى ئارىلاپ باقتىم . تازا سەپسالسام  ماددىي بايلىققا تويۇنغان مىللىتىم، مەنىۋى بايلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋېتىپتۇ ، كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆزىنى ئۇنتۇپ ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشقا ئاتلىنىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاز تولا مەبلەغ توپلاپ شەھەرنىڭ چىتىدىن بىر كىچىك دۇكاننى ئىجارە ئالدىم . دۇكان ئېچىش رەسمىيەتلىرىنىمۇ ئاسانلا بېجىردىم( باشقا تىجارەتكە ئالالمىغان رەسمىيەت كىنىشكىلىرىنى ھاراق ساتىمەن دېسەم تىزلا بېجىرىپ بەردى) ، شۇنىڭ بىلەن مىللىتىمگە يات، ئەمما مىللىتىم ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ھاراق تىجارىتىنى باشلىۋەتتىم.
    مېنىڭ بۇ دۇكىنىم شەھەرنىڭ چېتىدە بولغان بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ ماڭا سودا قىلىپ بېرەتتى. دۇكىنىم ئاددىيلا بېزەلگەن بولۇپ 50 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كىچىككىنە دۇكان ئىچىگە مىلىچ ماللار بازىرىدىن 4-5 جوزا بىلەن ھەربىر جوزىغا 4 تالدىن ئورۇندۇق سېتىۋالغان ئىدىم . يەنە كەينى تەرىپىنى بوغۇپ ئىككى ئايرىمخانا قىلىپ قويدۇم ، ئىچىگە ئېشىپ كەتسە 4 ئادەم ئاران پاتاتتى.  ئىشىكتىن كىرگەن جايغا بىر ھاراق جازىسى قويغان بولۇپ ئۇ جازىغا كېلىشتۈرۈپ ئاق ھاراق ، قىزىل ھاراق ، پىۋا ، يەنە بىر نەچچە بوتۇلكا چەتئەل ھارىقى تېزىپ قويغان ئىدىم ( ئەلۋەتتە  چەتئەل ھارىقىنى ئىچىدىغانلار يۇق )
    كۈندىلىك سودام يامان ئەمەس بولۇپ كۈنلۈك ساپ پايدام 100 يۈەندىن چۈشمەيتتى ، باشقىلار ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا مەن ئالدىراش دۇكان ئىچىدىكى قۇسۇقلارنى تازىلايتتىم . بوتۇلكىلارنى يىغىپ دۇكان كەينىگە دۆۋىلەپ قوياتتىم . بەزىدە تېخى دۇكان ئىچىدە ئۇخلاپ قالغانلارنى (سىلىق) گەپلەر بىلەن ئويغىتىپ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قوياتتىم . شۇڭىمىغۇ خېرىدارلىرىم ماڭا تولىمۇ ئامراق ئىدى . بەزىلىرى قاق سەھەردىلا كېلىپ مېنىڭ دۇكاننى ئېچىشىمنى ساقلاپ تۇراتتى . يەنە بەزىلىرى مەخسۇس جوزىلارنى تاپىلاپ قويۇپ كېتىشەتتى . نىمىلا دېگەن بىلەن بۇ شەھەردە  ئاشكارنىڭ قاۋىقى دېسە  ياش بالىلاردىن ياشانغان كىشىلەرگىچە بىلىشەتتى. ھەتتا بەزى قىزچاقلارمۇ ئاندا-مۇندا كېلىپ دەردلىرىنى تۆكۈشۈپ كېتىشەتتى. يەنە بەزى خېرىدارلار مېنى سۆرەپ دېگۈدەك جوزىسىغا ئەركىلەپ بىرنەچچە قەدەھ ( ھۆرمەت) ھارىقى تەڭلەيتتى ، مەنمۇ شۇلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ كۆتۈرۈۋېتەتتىم . مانا مۇشۇ بىر قىسىم ( ئاقكۆڭۈل) كىشىلەر ماڭا نان بېرىۋاتاتتى.
    بۈگۈن يەنە سودامنى ئاۋۋالقىدەك باشلىدىم ، دۇكاننى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا كونا خېرىدارىم بولغان توختى ( ئۇنى ھەممىسى توختى مايماق دەپ ئاتىشاتتى چۈنكى ئۇ ھاراقنى جىق ئىچكەنلىكتىنمۇ ئىشقىلىپ ساق ۋاقىتلىرىدىمۇ يول ماڭسا بىر يانغا يانداپ كېتەتتى. ئادەتتە ئۇنى تونۇمايدىغانلار كۆرۈپ قالسا چوقۇملا غىق مەست ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى) بىرىنچى بولۇپ قاۋىقىمغا يېتىپ كەلدى . چىرايلىق سالام بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ:
    ـ ئۇكا ، بۇرۇنقىدەك بولسۇن،ـ  دەپ كونا جايىغا بېرىپ ئولتۇردى ، ئۇنىڭ ئىچىدىغىنى دۇكىنىمدىكى ئەڭ ئەرزان ھاراق بولۇپ  يەنە بىر تەخسە يەر ياڭىقى بىلەن گازىر ئالاتتى.  ھاپىلا-شاپىلا ئۇنىڭ بۈگۈنلۈك دورىسىنى توختىكامنىڭ ئالدىغا كەلتۈردۈم ، ھەم :
    ـ توختىكا، ئاخشام ساق قايتالىدىڭمۇ ؟ قارىسام بەك كۆپ ئىچىۋالغان ئىدىڭ،- كۈلۈپ تۇرۇپ سوراپ قويدۇم. توختىكام بىر رومكىنى لىقلاپ قۇيۇپ كۆتۈرۈۋەتكەندىن كىيىن تامىقىنى چاكىلدىتىپ قويۇپ:
    ـ ئۇكا ،  مېنى بىلىسەن ، مانا بۇ شەھەردە ئاشكارنىڭ قاۋىقى دېسە تونۇمايدىغانلار يوق . توختى دېسە ھەممىسى يا ھەزرەت دەپ ياقىسىنى چىشلىمەيدىغانلارمۇ يۇق ، مەن بىر كۈندە ئىچكەن ھاراقنى باشقىلار بىر يىل ئىچىدۇ . ئەگەر ئۆيگە كېتەلمىسەم توختى بولماي قالىمەن-دە،ـ دەپ ھىجاراپ قويدى ،  مەنمۇ قۇۋۋەتلىگەن ئاساستا:
    ـ ئۇغۇ شۇ توختىكا ، مانا مۇشۇ قاۋىقىمدا ساڭا قول قويىمەن،ـ  دەپ جوزىدىكى گازىرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدۇم.  
     مانا توختىكام بىرنەچچە قەدەھ ئىچكىچە دۇكىنىمغا خېرىدار توشۇپ كەتتى. ياشلارمۇ ، قېرىلارمۇ  ئىشقىلىپ ھەممىسى دېگۈدەك ھاراق بىلەن ئۆزىنى خوش قېلىپ ئولتۇرۇشىدۇ .  بەزى جوزىلاردا كۈلكە-چاقچاق بەزى جوزىلاردا تۆكۈلۈۋاتقان دەرد، يەنە بەزى جوزىلاردا قىزىرىشىپ تۇرۇپ تەگىشىۋاتقان گەپلەر . ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن باشقىلارغا ھۇزۇر ئاتا قىلىۋاتقان دۇكىنىمغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتۈم .  ئۆز -ئۆزۈمگە نېمىشقا بالدۇرراق ئاچمىغان بولغىيتتىم . بالدۇر ئاچقان بولسام بۇ چاققىچە ئاستىمدا ماشىنا بولۇپ بولاتتىكەن دەپ قالدىم .  ئاڭغىچە خىيالىمنى نېرىقى جوزىدا ئولتۇرغان ئەخمەت ئىسىملىك كونا خېرىدارىم بۇزۇپ قويدى . ئۇ قولىغا رومكىنى تۈتىۋېلىپ شېئىر ئوقۇۋاتاتتى:
  ئاز ئىدۇق ، ئاشكار قاۋىقىغا كىرگەندە بىز ،
  ئەمدى چوڭ مەستلەر ئاتالدۇق قالدۇرۇپ قاۋاقتا ئىز.
  ياش ئىدۇق ، مەستلىككە قەدەم باسقاندا بىز ،
  ئەمدى ھاراق ئىچكۈدەك بوپقالدى ئەنە نەۋرىمىز ،
  قالدى دەرد ،قالدى كۈلكە ھەممىسى  بۇ قاۋاقتا،
  شادلىقىمىز ، يىغىمىز بولغۇسى ئۇشبۇ ھاراقتا .
  بىزنى مەست دەپ ئالىيىپ ، ئىچىڭدە مىڭنى تىللىما،
  ئىچىپ، چېكىپ يايرايمىز ئالتە كۈنلۈك ھاياتتا.
   كۆتۈرەي رومكا بىلەن قايغۇ- ئەلەم ھەممىنى،
   ئۆلۈپ كەتسەك كولىنار مۇشۇ قاۋاقتا قەبرىمىز.
   بىر قەدەھ ئازلىق قىلۇر ، مىڭ قەدەھ ھەم كۆپ ئەمەس،
   تاپقۇسى قاۋاقنى بىر كۈن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز........   
    ـ خوشە! ،ـ ئەخمەتكام رومكىدىكى ھاراقنى چاۋاكلار ئىچىدە بىر ئوتلاپ ئىچىۋەتتى. دۇكان يەنە ئۆز پاراڭلار ئىچىدە جىمجىتلاشتى .....
   مانا ھاراق سېتىۋاتىمەن. ساتسام باشقىلار ساتقاننى، دۆلەت ئىشلەپ چىقارغاننى، ھۆكۈمەت ساتساڭ بولىدۇ دېگەن نەرسىنى سېتىۋاتىمەن.  مەن ئاق ساتمىدىم، ياكى تەن ساتمىدىم. ئەقەللىيسى ۋىجدان ساتمىدىم. ئەگەر بۇنىمۇ ساتمىسام قۇرۇق دىپلوملىرىمنى قۇچاقلاپ ئۆيدە ئولتۇرسام بولىدۇ. مەنمۇ پۇلغا موھتاج . پۇل ئۈچۈن، ياشاش ئۈچۈن بولسىمۇ ساتمىسام بولمايدۇ . مانا مۇشۇ سودام بىلەن ئەل ئىچىدە «يۈز» تاپتىم . يەنە پۇل تاپتىم . بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ «يۈكسەك» قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدىم . يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن دۇكىنىمنى كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن . شەھەرنىڭ بىر نەچچە يېرىدىن تارماق قاۋاقلارنى ئېچىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىمەن . ماشىنىدىن بىرنى ئىلىپ شەھەردە ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرىمەن . تېخى زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىش ئويۇممۇ بار ، ئامال بولسا ناھىيىلەردىمۇ تارماق دۇكان ئاچىمەن .  شۇ سەۋەب ھەرقايسى ناھىيىلەردىن ۋاكالەتچى تەكلىپ قىلىمەن . ھاراققا قىزغىن ئىشتىياقى بار ، ھاراق كۆتۈرەلەيدىغان، ھاراقكەشلەرگە ھال-مۇڭ بولالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى سورايمەن....
    - ئاشكار
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-02-18 20:23دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(.utkur.) ئىجادىيەت
  • شۆھرەت:+10(kunahun)
  • شۆھرەت:+20(negar) ئاچچىق تەپەك ..
  • پۇل:+20(totem)
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-18 05:42 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    沙漠花
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 431
    شۆھرەت: 431 نۇمۇر
    پۇل: 1381 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 412(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    پاھ قالتىس يېزىپسىزغۇ ئاشكارىجان مەن تىمىلىرىڭىزنى كۈرۈشكە بەك ئامراق ھارمىغايسىز
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۈزىنى جازالاشتۇر
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 05:51 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    uighuriya23
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29146
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 226
    شۆھرەت: 271 نۇمۇر
    پۇل: 809 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 417(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    يا ئاللا ، نەدىن كېلىدىغان  ئىلھامدۇ دەيمەن ؟!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 05:55 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    (Emrullah)
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18075
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 648
    شۆھرەت: 246 نۇمۇر
    پۇل: 719 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 404(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ياشاپ كىتىشسىلە!!! ئەمدى مۇشۇ (ئېز) دىگەن شىېرمۇ قالماپتۇدە بىز بۇزمىغان.
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 05:56 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2803
    شۆھرەت: 2402 نۇمۇر
    پۇل: 4215 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2375(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بىزنىڭ يۇرتتىمۇ تالاي خۇسوسى كىتاپخانىلار ئىچىلىپ تاقىلىپ كەتتى،ئەمما ھاراق-شاراپخانىلەر،رەڭلىك سورۇنغا مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدىغان جايلار بارغانچە رۇناق تىپىپ كەتتى. بۇ تېمىنى كۆرۇپ نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر كەچمىشىم يادىمغا گۇپپىدە كىلىپ قالدى.   ئاۋات رەستىدە تىجارەت قىلدىغان بىر سودىگەر ئاغىنەم بار ئىدى.بىر كۈنى دوكىنىغا ئازراق ئىش بىلەن ئىزدەپ كىرىپ پاراڭلىشىپ قالدىم.شۇ ۋاقىتتا بوكسورچىدەك يۇغان بەدەنلىك،چىشلېرى ئالتۇندىن يالتىلغان بىر 40 ياشلاردىكى خۇتۇن كەينىگە 4-5 يېرىم-يالىڭاچ،چاچلېرى ئىسىل-ساڭگۇل،كىيىملېرى ئالا چىپار كىيىنگەن قىزلارنى ئەگەشتۇرۇپ دۇكانغا كىرىپ كەلدى.ئۇ ئالۋاستى خۇتۇن قىلچە تەپتارتماي،بۇ يىل 150مىڭ سومدەك ساپ پايدا يارتىپتىمەن.قىزلېرىمغا ئىسىل كىيىم ئەپ بېرەي دەپ ماگىزىن ئارلىشىم،دىگەن ئىدى.يىرگىنىپ كەتكەن ئىدىم.كىچىك بىر پاھىشىخانە ئىچىپ شۇنچىلىك كىرىم قىلغان گەپ.ئەمما مەنىۋىيىتىمىزنى بىيىتىدىغان ئورۇنلار چۆلدەرەپ قالغان.ھازىرقى رىئاللىقىمىزدىن ئەركەكلېرىمىز قىمار،ھاراق،پاھىشە ئويناش ئىشلېرى بىلەن كۈنلېرىنى ئۈتكۈزۈشكە كۈنۈپ كەتكەن،يىگىتلېرىمىزگە قاراپ قىزلېرىمىزمۇ چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا غەرىق بۇلماقتا.بۇ مەرەز ئىشلارنىڭ سەۋەپچىسى زادى نىمە؟مەدەنيەت تاجاۋۇزچىلىقىمۇ ياكى ئۆزىمىزنىڭ روھىنىڭ زەئىپلىشىشىمۇ؟
    [ بۇ يازما totem تەرپىدىن2009-02-18 06:12 PMدە قايتا ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 05:57 PM |
    Yurtum Elani
    axkar
    باشقىلارھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29393
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 956
    شۆھرەت: 1356 نۇمۇر
    پۇل: 1323 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 141 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 481(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكى(Emrullah)نىڭ2009-02-18 05:56 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    ياشاپ كىتىشسىلە!!! ئەمدى مۇشۇ (ئېز) دىگەن شىېرمۇ قالماپتۇدە بىز بۇزمىغان.

    دوستۇم . سىز ئاشۇ شىئىرىنى نىمىشقا بۇزغىنىمنى ئويلاپ بىقىڭ . ئازىراق تەپەككۇر يۇرگۈزۈڭ ( بۇنداق دىسەم خاپا بولماڭ)
    تەتۇرسىگە ئويلاش ، قامچا دەپ چۈشۈنۈپ بىقىڭ .  
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:07 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    muallip
    مەن كىم؟
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 39518
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 603
    شۆھرەت: 771 نۇمۇر
    پۇل: 2320 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 947(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    كۆڭلۈمنى ئەجەپمۇ بىر ئاچچىق ھىسلار قاپلىۋالدى...   
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    لائىلاھە ئىللەللاھۇ ،مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:12 PM |
    Yurtum Elani
    kunahun
    لېۋىڭنى چىشلىگىچە،كۆزۈڭنى ئاچ
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29141
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 600
    شۆھرەت: 829 نۇمۇر
    پۇل: 2530 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 559 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1067(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    تىلىڭنىڭ تېگىدە ، تىلىڭ بار جۇمۇ سېنىڭ ، ئاشكار . . . 
       ئەلۋەتتە ، زەئىپلشكەن ۋە  چۈشكۈنلەشكەن روھ تەندىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . قۇتۇلدۇرۇشقا قادىر  بولالمىغان بىچارە تەن ، ئەنە شۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئۆز روھىيتىنى بەزلەيدۇ . . .
     ھەقىقەتەنمۇ روھ ساپلاشمىغىچە ، تەن مەڭگۈ ئۇنىڭ دەردىنى تارتىدۇ . . .
    قەلەملىرىڭگە قۇۋۋەت ، نەتىجە يار بولسۇن ! بۇرادەر . . .
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(negar) ياخشى ئىنكاس
  • ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    يانپاشقا چىققاننى ئاتمىساڭ ،ئۆلگۈچە نادامەت چېكىسەن
    617743071   QQ
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:18 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ayyamguri
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31422
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 161
    شۆھرەت: 161 نۇمۇر
    پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 318(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    رەسىم :
    ئاشكار تېمىلىرىڭىز ئادەمنى ئويغا سالىدۇ،مىللىتىمىز ئىچىدە سىزدەك ئويلىيالايدىغان ئەركەكلىرىمىز كۆپرەك بولسىدى بەلكىم تارىخىمىز باشقىچىرەك يېزىلار بولغىيتتى؟
    مەن سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن ،ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:20 PM |
    Yurtum Elani
    negar
    سەمىمىلىك مېنىڭ گۈزەللىكىم
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30094
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 484
    شۆھرەت: 980 نۇمۇر
    پۇل: 1958 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 15 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 491(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئاشكار،ئاچچىق ھىسلار قاينىمىدا تەپەككۇرلىرىڭىز بارا-بارا قاناتلىنىۋاتىدۇ جۇمۇ،..ئۆتكۈر قامچىلىرىڭىز روھى زەئىپلىشىۋاتقان كىشىلەرنى قامچىلاپ،ئۇيغۇنىشىغا  ئىرادە بولۇپ قالسا قانداق ياخشى بولاتتى....
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    مەن كۈلكىلىرىدىن قىپ-قىزىل گۈل ئېچىلغان دۇنياغا ئاشىق
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:23 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    mustapa222
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31282
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    پۇل: 233 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم ، مەن  مىللىتىمىز ئىچىدىكى مەيخۇمارلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ! ئاللا ھەممىمىز گە ئىنساپ-دىيانەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:31 PM |
    Yurtum Elani
    maysal
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29107
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    شۆھرەت: 46 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم .
    اللە ئاشۇ ئازغۇن يوللاردا كىتىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، دىلىغا ئىمان ئاتا قىلغىن . ئامىن !!!!!!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:48 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kawsar110
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39619
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 168 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بەك ئېسل يېزېپسېز  مەن بەك ياكتۇردېم   ئاشۇ ئادەملەرنڭ  ئاېلېرې  كانداق بۇلۇپ  كەتكندۇ
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:56 PM |
    Yurtum Elani
    (Emrullah)
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18075
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 648
    شۆھرەت: 246 نۇمۇر
    پۇل: 719 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 404(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىaxkarنىڭ2009-02-18 06:07 PM دە يوللىغان يازمىسى   :

    دوستۇم . سىز ئاشۇ شىئىرىنى نىمىشقا بۇزغىنىمنى ئويلاپ بىقىڭ . ئازىراق تەپەككۇر يۇرگۈزۈڭ ( بۇنداق دىسەم خاپا بولماڭ)
    تەتۇرسىگە ئويلاش ، قامچا دەپ چۈشۈنۈپ بىقىڭ .  


    ئاشكار: بۇرادەر مىنىڭ مەخسىتىمنى خاتا چۇشۇنۇپ قالماسلىغىڭىزنى ئۇمۇتقىلىمەن، ئوزىڭىزمۇ بىلىسىز (ئېز) بۇ شىېرنىڭ بىز ئۇيغۇرلار نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگى، سىزغۇ قامچا دەپ ئۆزگەرتىپسىز، لىكىن بەزەن ئەقلى كەمتۇك ھاماقەتلەرگە سىز نىڭ بۇ شىېرىڭىز باشقىچەرول ئويناپ بىرىدۇ، بۇنى ئاڭلىغانلار ئۇلارغا ئەمەس بەلكى قەلەم تەۋرەتكۇچىگە لەنەت ئوقۇيدۇ.
    كەچۇرۇڭ ئاق ساقاللىق قىلىپ قويدۇم.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:05 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    axkar
    باشقىلارھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29393
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 956
    شۆھرەت: 1356 نۇمۇر
    پۇل: 1323 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 141 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 481(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    Quote:
    بۇ مەزمون14قەۋەتتىكى(Emrullah)نىڭ2009-02-18 07:05 PM دە يوللىغان يازمىسى   :


    ئاشكار: بۇرادەر مىنىڭ مەخسىتىمنى خاتا چۇشۇنۇپ قالماسلىغىڭىزنى ئۇمۇتقىلىمەن، ئوزىڭىزمۇ بىلىسىز (ئېز) بۇ شىېرنىڭ بىز ئۇيغۇرلار نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگى، سىزغۇ قامچا دەپ ئۆزگەرتىپسىز، لىكىن بەزەن ئەقلى كەمتۇك ھاماقەتلەرگە سىز نىڭ بۇ شىېرىڭىز باشقىچەرول ئويناپ بىرىدۇ، بۇنى ئاڭلىغانلار ئۇلارغا ئەمەس بەلكى قەلەم تەۋرەتكۇچىگە لەنەت ئوقۇيدۇ.
    كەچۇرۇڭ ئاق ساقاللىق قىلىپ قويدۇم.

    سىزگە ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم .
    مۇنبەرگە بىلىملىك كىشلەر كىرىدۇ دەپ ئويلايمەن .  
    ئەلۋەتتە پىكىر-تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز .  
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:13 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.062926(s) query 7, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 08:31
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号