بىر كۆرمەككە مىڭ باھانە ئىزدەيمەن
(شىئېر)
ئاتاقلىق شىئېرىيەت يازغۇچىسى : مۇھەممەتجان راشىدىن شىئېرلىرىدىن
ئۇچراپ كالدۇك تالاي يىللار ئۆتكەندە،
كەتمە گۇلۇم بىردەم پاراڭ سالايلى.
بىزنىڭ گەپلەر چالا قالغان ئەمەسمۇ؟،
شۇڭا باشتىن باشلۇغۇم بار پاراڭنى.
ئاسان بولسۇن باردى-كەلدى قىلماققا،
بىر دىدارغا بىر باھانە ئىزدەيلى.
تارتقاندىكىن بىز ئىشقىنىڭ دەردىنى،
بۇ ئالەمدە ئاخىرغىچە تارتايلى.
ياكى قىز بەر،ياكى قىز ئال مېنىڭدىن،
ئەڭ بولمىسا قۇدا بولۇپ قالايلى.
ئۇچۇر بەرگىن سەپەرلەرگە چىققاندا،
نەگە بارساق يەنە بىللە بارايلى.
ئۇچراشماققا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم،
مەن ئوقۇتاي ماڭا بەرگىن بالاڭنى.
كۆرۇپ يۇرەي سېنى كۆرگەن كۆزۇمدە،
ماڭا قۆشقىن سېغىپ يۇرگەن كالاڭنى.
ئىش-كۇشلىرىڭ چىقىپ قالسا خەۋەر قىل!،
كىر يۇغاندا تارتىپ بېرەي تاناڭنى.
بىر كۆرمەككە مىڭ باھانە ئىزدەيمەن!،
سېنىڭ ئۇچۇن يوقلاپ باراي ئاناڭنى.
سېنىڭ ئۇچۇن جەرراھلىقتا ئوقۇيمەن،
ماڭا كەلگىن تېڭىپ قوياي ياراڭنى،
ئۈزۇم قويۇپ بېرەي دەيمەن ھۆيلاڭغا،
ئوز قولۇمدا ياساپ ھەتتا باراڭنى.
ئىككىلەنمە قانچە گۇناھ بولسىمۇ،
بىز قالدۇرغان كونا ئىزغا يانايلى.
قانداق قىلاي شۇ دەۋەتتىن سۆز ئاچماي،
چارەك ئەسىر كۆرمەي ئكتكەچ قاراڭنى.
مەن بۇ شىئېرنى 1999-يىلى 18 -فىبرالدا خاتىرەمگە كوچۇرۋاپتىكەنمەن، شۇ سەۋەپلىك بۇ شىئېرنىڭ خاتىرەمگە كوچۇرۇلگەنلىكىنىڭ ئون يىللىغىنى ئەسلەش يۇزسىدىن كەڭ تورداشلارغا سۇندۇم.