چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 188 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: مۇسۇلمانلار نەپسى خاھىش بىلەن كۈرەش قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ahgul914
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29861
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 174
شۆھرەت: 234 نۇمۇر
پۇل: 1370 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 242(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 مۇسۇلمانلار نەپسى خاھىش بىلەن كۈرەش قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى gvzal3.8 بۇ تېمىنى ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-02-18)
مۇسۇلمانلار نەپسى خاھىش بىلەن كۈرەش قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك

                                                                      بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت!
ھەق سۇنھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك <<قۇرئان كەرىم>>دە ئېيتىدۇركى:
ئېيتقىنكى،'مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن،بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولماي قالىمەن'.
-سۈرە<<ئەنئام>>(6 سۈرە)،56-ئايەت
ئۇنداق ئەمەس،(ئۆزلىرىگە)زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكىتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى.
- سۈرە<<رۇم>>(30-سۈرە)،29-ئايەت
نەپسى خاھىش ئەرەبچىدىكى"ھوى النفس" (ھەۋايى نەفسى)نىڭ تەرجىمە مەنىسى بولۇپ،ئۇ كىشىنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قارىتىلغان،ئۇ ئاللاھ يولىغا خىلاپ كېلىدىغان،باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتكە زىيان - زەخمىتى بولىدىغان سەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشلاردىن ئىبارەت.نەپسى خاھىش كىشىلەرنى ھەققانىي يولدىن ئازدۇرۇپ،ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. نەپسى خاھىشقا يەنە ئاچكۆزلۈل،ھەسەتخورلۇق،گۇمانخورلۇق،ئۆچمەنلىك،ئىغۋاگەرچىلىك قاتارلىق ھەر خىل غەيرى ساغلام مەنىۋى ۋە ئىدىيىۋى ئىللەتلەرمۇ كىرىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر سەخسىنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرىپى بولۇپ،ئۇ كىشىنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا زىيان -زەخمەت يەتكۈزۈپلا قالماستىن،يەنە باشقىلارغىمۇ زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ،شۇڭا نەپسى خاھىش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر.ئىسلام دىنى نەپسى خاھىشقا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە نەپسى خاھىش بىلەن كۈرەش قىلىشنى چوڭ جىھاد دەپ قارايدۇ.
نەپسى خاھىش ھەممە كىشىدە بولىدىغان خاسلىق بولۇپ ھېچكىم ئۇنىڭدىن خالىي بولالمايدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۆز پاناھىدا ساقلىغان ۋەئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرالايدىغان بەندىلەر نەپسى خاھىشنىڭ ئازدۇرۇشىدىن خالاس بولالايدۇ .
شۇڭا ،نەپسى خاھىشنى بەزى ئادەملەر يېڭەلەيدۇ،بەزىلەر يېڭەلمەيدۇ.
ئىنسانلارنىڭ پىر بوۋىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قابىل ۋە ھابىل دېگەن ئىككى ئوغلى بولغان،ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا قانىلنىڭ ئىنىسى ھابىل تەقدىم قىلغان قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىپ،قابىلنىڭكىنى قوبۇل قىلمىغان ،شۇ سەۋەبتىن،قابىل ئىنىسىغا بولغان ھەسەتخورلۇق ۋە ئۆچمەنلىك تۈپەيلىدىن ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۈنجى قېتىملىق قانلىق دېلونى سادىر قىلغان.
بۇ ھەقتە<<قۇرئان كەرىم>>دە مۇنداق دېيىلگەن:
ئۇ(قابىل)نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (ھابىلنى)ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى،شۇنىڭ بىلەن،ئۇنى ئۆلتۈرۈپ(دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى.
- سۈرە<<مائىدە>> (5-سۈرە)،30-ئايەت
<<قۇرئان كەرىم>>نىڭ"يۈسۈف"سۈرىسىدە يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئايال كىشىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنغان.
رىۋايەت قىلىنىشىچە،يۈسۈف ئالەيھىسسالام ناھايىتى كېلىشكەن چىرايلىق زات بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ نەپسى خاھىشنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغان،ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغانلىقى ئۈچۈن،ئۇ زات ئابرۇيلۇق ئەمەلدارنىڭ ئايالىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن يىراق تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى تىزگىنلىگەن ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئازدۇرۇشىنى قەتئىي رەت قىلغان،چۈنكى ئۇ زات زىنا-مەئسىيەت گوناھىنى سادىر قىلىشتىن ،ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە جازاسىغا دۇچار بولۇشتىن قۇرقاتتى،
ئۆز خوجايىنىنىڭ ياخشىلىقلىرىغا ۋاپاسىزلىق قىلىشنى ياقتۇرمايتتى،شۇڭا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى ئازغۇنلۇقنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلاپ قالالىدى.
خۇددى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى ئېيتقىنىدەك:
مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن،نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ،پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ
(ساقلىغان)ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا.مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر،ناھايىتى مېھرىباندۇر.
- سۈرە <<يۈسۈف>>(12 -سۈرە)،53-ئايەت
ئاللاھ تائالا بىزنى نەپسى خاھىش ۋە شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن يىراق قىلغاي ،ئاللاھ تائالا بىزگە ئىككى ئالەملىك بەخت-سائەدەت ئاتا قىلغاي.ئامىن!

مەنبە:<<يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر>>دىن ئىلىندى
تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-18, 10:12
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-18 05:01 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
(Emrullah)
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 18075
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 648
شۆھرەت: 246 نۇمۇر
پۇل: 719 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 405(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

ھەربىر مۇسۇلمان بولغۇچى ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدىغان ئىش.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:22 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
dubay
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28983
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 229
شۆھرەت: 333 نۇمۇر
پۇل: 1247 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 708(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن اللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 08:27 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
pariay
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 25481
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 367
شۆھرەت: 377 نۇمۇر
پۇل: 1253 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

نەپسى دىگەن بالادۇر ، جاننى ئوتقا سالادۇر !!! كونىلار بىكار ئېيتمىغانىكەن !! يوللانمىڭىزغا تەشەككۈر !!!
Okyan
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 12:40 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ئىسلامىي بىلىملەر ۋە سىياسەت


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.054687(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:18
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号