چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 432 قېتىم كۆرۈلدى
jallat-henim
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 39749
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 120 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 سىز ئۇيغۇرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ؟

0
بىر چاغلاردا قايسىدۇر بىر مۇنبەردە «سىز مۇسۇلمانمۇ ئۇيغۇرمۇ؟» دىگەن بىر مۇنازىرە تىمىسىنى كۆرگەنلىكىم ئېسىمدە ،ئۇنىڭدىكى ھەرخىل ئىنكاسلارنى كۆرۈپ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسىم مەسىلىسىدە ئويلىغانلىرىغا مەسلىگىم كەلگەن ئىدى ،ئەلۋەتتە ئۇ پەقەت توردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇپ ئۇنىڭ رىئاللىقتىكى ئىپادىسىنى كۆرمىگەچكە ئانچە پەرۋا قلىپ كەتمىگەن ئىدىم. لىكىن بىر قىتىملىق سورۇندا يەنە شۇ سۇئالغا دۇچ كىلىپ قالدۇق،مۇنازىرىلەشكۈچىلەر ئۇدۇلمۇ –ئۇدۇل ئولتۇرغان بۇ مۇنازىرە سورۇننى بۇزۇپلا قالماستىن سورۇنداشلارنى ئىككىگە ئايرىدى،بىز ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان تەھدىتلەرگە قارشى سەپ تۈزدۇق،ئۇيەردە ئىلمي مۇنازىرە بولماي قالدى.

قارىسام بىر تۈركۈم كىشىلەر مىللىتىدىن ،بىر قىسىملىرىمىز ئىتقادىمىزدىن كىچىشكە تەييار بولۇپ قالدى.بىر قىسىم كىشىلەر بىر قىسىم كىشلەرنى مۇستاپا كامالنى دوراپ دېڭىزغا تاشلىماقچى بولسا ،يەنە بەزىلەر بەزىلەرنى كاللىسىنى ئالمىغۇچە ئوڭشالمايدىغانلار دېگەن يەكۇننىمۇ چىقىرىپ ئۈلگۈرۈشتى.ھەممىنىڭ مەقسىدى مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى بولسىمۇ لىكىن ئاشۇ مەنپەئەتكە قانداق ئېرىشىشتە نىشانى ئوخشىمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان غەۋغانى كۆرۈپ شۇ سۇئالنى سورۇنغا كۆتۈرۈپ چىققۇچىغا خىيالىمدا خەت يىزىشقا تۇتۇندۇم.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان "الله" نىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن.

سىز مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ؟

بۇ ئەجەپ بىر سۇئال. سىز بۇ سۇئالنى شۇنداق ئۇشتۇمتۇت قويدىڭىزكى مەن تەمتىرەپ قانداق جاۋاپ بىرىشىمنى بىلمەيلا قالدىم.ئېنىقىنى ئېيتسام دەرمەھەل تەڭقىسزلىقتا قالدىم.

كۆپ ئويلىنىشلار ئارقىلىق ئاران دىگەندە مەن ھەم مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇر دىگەن جاۋاپنى بىرەلىدىم- دە، ئۇھ دىدىم .لىكىن سىز،- كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسنى ماھىرلىق بىلەن يىتەكلىيەلەيدىغان ماھارەتلىك سوراقچى - بىر پاي ئوقنى ئىتىپ بولۇپ ئىككىنچى پاي ئوقنى بەتلەپ ئۈلگۈرگەن ئىكەنسىز،
دىمەكچىمەنكى سىز بىرىنچىدىن ئۇيغۇرمۇ بىرىنچىدىن مۇسۇلمانمۇ.؟
بۇ سۇئالىڭىز مىنى ئەمدى راستىنلا گاڭگىرىتىپ قويدى.

بۇ ئاددىلا سۇئال بولماستىن بەلكى سىزنىڭ بۇ سۇئال ئارقىلىق مىنىڭ ئىيمان ئىتقادىمنى تارازىغا سېلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىغىڭىز بىلىنىپلا تۇراتتى.

سىزنىڭ سىز بىرىنچىدىن مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ دەپ سورىشىڭىز پەقەت ئورۇن ياكى زامان جەھەتتىن رەتكە تۇرغۇزۇش بولسا ئاددى ئىش ئىدى. مەن ئەگەر بولدىلا مەن بىرىنچىدىن ئۇيغۇر ئىككىنچىدىن مۇسۇلمان دىسەم سۇئال ئاخىرلىشىدىغان بولسىا ئاددىلا سىز قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپنى بىرەتتىم دە كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋىتەتتۇق،لىكىن دىققەت قىلسام بۇ يەردە بىر گەپ ئويۇنى باردەك . مۇنازىرىمىزنىڭ داۋامىدىن مەقسەتنىڭ ئورۇن زامان جەھەتتىن رەتكە تۇرغۇزۇش ئەمەس قىممەت جەھەتتىن رەتكە تۇرغۇزۇش ئىكەنلىگى كۆرۈپ يەتتىم.

گىپىڭىزنىڭ ئورامىدىن قارىسام سىز ماڭا، سىز مىللىتىڭىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويامسىز ياكى ئىتقادىڭىزنىمۇ دىمەكچىدەك تۇرۇسىز.

ئەگەر مەن بىرىنچىدىن مۇسۇلمان دېسەم سىز ئۇ چاغدا .،ھەي كالۋا سەن تۇغۇلغاندا ئۇيغۇر تۇغۇلۇپ ئاندىن مۇسۇلمان بولغانسەن ،دەيسىز –دە زامان جەھەتتىكى تەرتىپ ئارقىلىق ئاغزىمنى تۇۋاقلىماقچى بولسىز، ھالبۇكى ھەر بىر جان تۇغۇلغاندا "الله"نى تونۇيدىغان ساپ قەلىب بىلەن تۇغۇلىدۇ،پەقەت ئەتراپتىكى مۇھىت( ئاتا-ئانا) ئۇنىڭ "الله"نى ئۇدۇل تونۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ ياكى "الله"نى تونۇشقا يىتەكلەيدۇ،(سىزنىڭ بۇنى ئىتراپ قىلشىڭىزدىن گۇمانلىنىمەن )

ئەگەر بىرىىنچىدىن ئۇيغۇر دېسەم (ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ مەندىن كۈتىدىغىنىڭىز) ئۇنداقتا تەبىئىلام ئۆز – ئۆزۈمگە، مەن بىرىنچىدىن ئۇيغۇر بولغانكەنمەن مەن ئۈچۈن ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىدىنمۇ مىللەت مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كىرەك دىگەن يەكۈننى چىقىرىشىم تەبىئى .

ئۇنداقتا ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئۈيغۇرنىڭ مەنپەئەتى توقۇنۇشۇپ قالسا قايسىغا تۇرىسەن ، ؟ سىنىڭ قەلبىڭدە ئەقىدەڭگە ("الله"قا )بولغان مۇھەببەت ئۈستۈن تۇرامدۇ ياكى مىللەتكە بولغان مۇھەببەتمۇ ،؟ ئەگەر ۋاختى كىلىپ ۋاز كىچىشكە توغرا كەلسە ئىيمانىڭغا تۇرامسەن ئۇيغۇرلۇقۇڭغىمۇ ؟ دىگەندەك قەلىب سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىشىم كىرەك. چۈنكى سىز سۇئالىڭىزنىڭ بىشىدىلا ئۇيغۇرلۇقنى ئايرىم كاتۇگۇرىيە سۈپىتىدە تىلغا ئالدىڭىز.

بۇ يەردە سىزنىڭ «سىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟» دىگەن سۇئالىڭزغا جاۋاپ بىرىشتىن بۇرۇن سىزگە بىر سۇئال قويغۇم كىلىدۇ. سىزنىڭ سۇئالىڭىزدا نەزەردە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلۇق پەقەت ناخشا سەنئەت ۋە بىر نەچچە خىل كىيىم تۇرلىرى ، ۋە تاماق تۈرى، تىل ئالاھىدىلىگى ياشاش مۇھىتى پەرقىمىزنىلا كۆزدە تۇتقان ئۇيغۇرلۇقمۇ ؟ياكى بولمىسا يۇقارقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دىن بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلۇقمۇ؟

ئەگەر دىمەكچى بولغىنىڭىز كىينكىسى بولسا سۇئالنى يۇقارقى تەرىزدە قويشىڭىز خاتا. ئەگەر ئالدىنقىسى بولسا مىنىڭ بۇ ماقالىنى يىزىپ ئولتۇرۇشۇم ئارتۇقچە ئىش بولىدۇ.بىز ئوخشاش قاراشتا ئىكەنمىز.

بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر بولىشى ئۇنىڭ كىيم كىچەك تىل سەنئەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىپ مىللەتنىڭ مەۋجۇت ئىتقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا ياكى ئىتقاددىن ئايرىم نەرسە دەپ  قارالسا ، بەلكى مىللەتنىڭ ئىتقادىغا زىت نەرسە دەپ قارالسا ئۇنداقتا بۇ بىزنى قايىل قىلالمايدۇ.

بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا ئىتقادىدىن قەدىرلىك نىمە بار ،؟ ئەگەر ئۇ ،قەلبىمدە شۇ مىللىتمىنى مىللەت قىلغان ، ئۇنىڭغا ئاستى كان ئۈستى بوستان مۇنبەت زىمىن ،ھاياتلىقتا مەۋجۇت بولۇش شارائىتىنى بەرگەن "الله"دىنمۇ ھۆرمەتلىك "الله"دىنمۇ ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىرى بار دەپ قارىسا ( ياراتقۇچى- خالىقتىن مەخلۇقنى ئۈستۈن بىلسە ياكى بەكرەك ياخشى كۆرسە) ئۇ ئۆزىنى يەنە مەن مۇسۇلمان دىيەلەمدۇ.؟

ئۆز دەۋرىدىكى مىللەتپەرۋەر ئوقومۇشلۇق زات، مىللەتنى ئويغىتىش ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان ئۇيغۇر ئوغلانى دىنى ئۆلىما مەرھەم ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ كىتاۋىنىڭ بىرىنجى جۈملىسىنى «ۋەكەلىمەتۇللاھى ھىيەل ئۇليا» يەنى "الله"تائالانىڭ سۆزى ھەممە سۆزدىن بەلەن ۋە ئۈستۈندۇر،دەپ باشلىمىغانمىدى.ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىغى مۇسۇلمانلىغىغا ، مۇسۇلمانلىغى ئۇيغۇرلىغىغا توسالغۇ بولمىغانغۇ.؟ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئىسلامنىڭ ھەم ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلغانغۇ.؟

چەك چىگرىنى چۇقۇم ئىنىق ئاجرىتىش كىرەك دىيىشىڭىز ،مىللىتىمنى ئىسلام پەرۋەر ، مىللەت پەرۋەر دەپ ئىككىگە ئايرىل دىگەنلىكمۇ قانداق.؟

مىللىتىم پەرزەنتلىرنىڭ قەلىبلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سىپىلى سوقمىسىڭىز قانداق.؟!!
بۇنى ئېنىقلاشنىڭ نىمە ئەھمىيتى ،بۇ بىر ئەھمىيەتسىز سۇئال،بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ياكى مىللەتنىڭ ئۆملۈك ئتتىپاقلىغىغا پايدىلىق ئەمەس ياكى سانائەت تەرەققىياتىغا تۈرۈتكىسى يوق، ياكى ھەق ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشمۇ ئەمەس.

مىللەتنىڭ ئىتقادىنى مىللەت بىلەن زىت ئورۇنغا تىزىش نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۈن تارىخدىن بىرى تىلغا ئىلىنماي بۈگۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى.بۇ مىللى مەنپەئەت نوقتىسىدىن ئەمەس ئاللىقانداق كەلگۈسدىكى قايما ئىددىيەلەرنىڭ زەھەرلىك تەسىرى ۋەسۋەسىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغانمۇ قانداق.؟!!!

مىللى مەدەنىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ مىللىتىمنى ئۆز ئالاھىدىلىگىگە ئىگە قىلغان.مىڭ يىللاردىن كۆپرەك تارىخىمىزدا مىللىتىمىز ئۈچۈن بولغان بارلىق كۆرەشلەردە مىللەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنىڭ شۇئارى، ئىگىز كۆتىىردىغان بايرىغى بولۇپ غالىپ بولغانلارغا ئىززەت ،شەھىد بولغانلارغا بەختىيارلىق ئاتا قىلغان .ئەسىرلەردىن بىرى زىنا ئارقىلىق نەسەبىنى بۇلغاشتىن ،ئىچىملىك چىكىملىك ئارقىلىق جىسمىنى ۋەيران قىلشتىن ، قىمار ئارقلىق ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشتىن .ئاشنا ئاداش ئويناش ئارقىلىق بالىلارنى يىتىم قىلشىتىن مىللىتىمنى توسۇپ كەلگەن ئىسلام دىينى بۈگۈنكى كۈندە قايسى جەھەتتىن مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كىلىپ قىلىشى مۇمكىن .؟ قايسى بىر ئىشلاردا مەن ئىككىدىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كىلەرمەن.؟ بۇ خۇددى يۈرۈگۈڭ بىلەن ھاياتىڭدىن بىرنى تاللاش توغرا كەلسە قايسىغا تۇرۇسەن دىگەندەك بىر سۇئالغۇ بۇ.؟!

پەقەت ..........كىشىلەرلا مۇشۇنداق سۇئالنى قويۇشى مۇمكىن.

كاللامغا بىر سۇئال كەلدى .

كىچىك بالىنى دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئارىسىدا تۇرغۇزۇپ سەن داداڭغا ئامراقمۇ ئاناڭغىمۇ دەپ سوراش پەقەت ئۇنى تەڭقىسلىقتا قالدۇرۇش ھىساپلىنىدۇ،ئۇنىڭ قەلبىدە ئاللىبۇرۇن بۇ توغرىدا خۇلاسە چىقىرىپ بولغان ( مەيلى ئۇ دادىسى ئەپ بەرگەن كەمپۇتكە ئاساسەن ، ياكى ئانىسىنىڭ مىھرى بىلەن قۇچاقلىشىغا ئاساسەن چىقىرىغان بولسۇن ).لېكىن ئۇنى ئىغىزدىن چىقىرىش باشقا گەپ.

بۇ سۇئالنى قويغۇچى پەقەت بالىنىڭ جاۋابى ئارقىلىق كۆڭۈل ئاچماقچى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا چاقچاق قىلماقچى بولسىمۇ بالىغا نسبەتەن ئۇ نۇرغۇن بىسملاردىن دېرەك بىرىدۇ،
ئەگەر ئۇ ئەقلى تولغان بالاغەتكە يەتكەن بالا بولسا ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى ئائىلىدىكى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ دىيەلمەيمىز.

كۆپىنچە ئەقىللىق بالىلار ھەر ئىككىسىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ قۇتۇلىدۇ،ئەمما سۇئال قويغۇچى بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلمايدۇ، ئاناڭنى بەكرەك ياخشى كۆرەمسەن داداڭنىمۇ،؟بۇ چاغدا بالا تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئۇنىڭ تاللىشى پەقەت چاقچاق بىلەن ئاخىرلاشسىغۇ بىز بۇ سۇئالنى قويغۇچىنى دوست بولغاچقا ئوينىشىپ قويدى دىسەك بولىدۇ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئائىلەردە بالىللارغا بۇنداق سۇئالنى قويۇش ئوت ئۈستىگە ياغ چىچىش بولۇپ بالىغا مەيدانىڭنى ئىنىقلا دىيىش پەقەت دۈشمەنلەرنىڭ قىلىدىغان قىلىغى خالاس.

قېرىندىشىم ،سۇئالىڭىزغا زادى جاۋاپ بەرمىسەم بولمامدۇ.؟

مىنىڭ ئىتقادىمىنى سۇرىسىڭىز مۇسۇلمان ،مىللىتىمنى سورۇسىڭىز مەن ئۇيغۇر.مەن مۇسۇلمان شۇنداقلا ئۇيغۇر، ھەم ئۇيغۇر بالىسى،ھەم ئىسلام پەرزەندى. ھەم ئاتا ، ھەم ئەر ،ھەم ئىتقادىمەن ھەم مىللەتپەرۋەر.ھەم شىنجاڭلىق ھەم قەشقەرلىك. بىرلا ۋاقتتا ھەم پالانى مەھەللە ،پالانى كوچا ، پالانى ئۆيلۈك.

سىز مەندىن سەن ئاۋال پالانى سائەتتە پالانى كارۋاتتا تۇغۇلغان ، ئۇنداق بولغاندىكىن سەن بىرىنچى بولۇپ كارۋاتلىق .ئىككىنچىدىن پالانى ئۆيلۈك . ئۈچنچدىن پالانى مەھەللىلىك ،توتىنچىدىن پالانى يۇرتلۇق،بەشىنچىدىن.......... دەپ رەتكە تۇرغۇزىشىڭ شۇنڭغا ئاساسەن پەرىقلىق مۇئامىلە قلىشىڭ كېرەك دىمەيدىغانسىز،؟.

ئەگەر ۋاختى كەلسە سەن قايسىغا تۇرۇسەن دىسىڭىز مەن ھەممىگە تۇرۇىمەن.چۈنكى ئۇلار مىنىڭ بارلىقىم ،ھاياتىمنىڭ تۇنجى سائەتلىرى بىلەن كىينكى سائەتلىرى مەن ئۈچۈن ئوخشاشلا قەدىرلىك.

ئاخىرىدا مۇجىمەل سۇئالدىن مەنمۇ بىرنى سوراپ قوياي:

تاغىل ئات ئەسلى ئاق بولۇپ قارا سىزىقلار كىيىن سىزىلغانمۇ ياكى ئەسلى قارا بولۇپ ئاق سىزىقلار كىيىن سىزىلغانمۇ.؟
ئەسلى ئاپتورى :سابان.....تېما ئىگىسىنىڭ ماقۇللىغى بىلەن ،دىيارىمغا يوللاندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : ay-turan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-18, 09:52
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-18 04:06 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
ketmenbay
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23047
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 150
شۆھرەت: 294 نۇمۇر
پۇل: 1933 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 91(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

بۇ سۇئال يا «ئۇيغۇر تىلىم» دىگەن شېئىرنى ئوقۇ، ياكى «قۇرئان» دىگەن شېئىرنى ئوقۇ، دىگەندەك گەپ بولۇپتۇ.
«ئۇيغۇر تىلىم» دىگەن شېئىرنىمۇ ئوقۇساق، «قۇرئان» دىگەن شېئىرنىمۇ ئوقۇساق، بىر-بىرىگە زىت كېلىپ قالماس؟

«قۇرئان»نىڭ مەنزىلى: http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34642857.html
«ئۇيغۇر تىلىم»نىڭ مەنزىلى: http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34602550.html
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:10 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
naprat731
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21487
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 108 نۇمۇر
پۇل: 702 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ دۆت ئادەمنڭ سۇئالى بوپتۇ!!! بىرسى دىننى ئتقاد، يەنە بىرى مىللەت نامى.  ئەمسە سوراپ باقاي مۇھاممەد پەيغەمبەر   ئەرەپمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ بىر ئۇيغۇر ئاللاھنى ئىنكار قىلسا كاپىر يەنى مۇسۇلمان ئەمەس ، لېكىن ئۇنڭ دادسى ئۇيغۇر بولسا ئۇ مەڭگۈ ئۇيغۇر ، ئۇنڭ ئۇيغۇرلقى مۇتلەق مۇسۇلمانلقى نسپى.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:19 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
kalkvn117117
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 724
شۆھرەت: 734 نۇمۇر
پۇل: 454 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 557(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

مۇھىمى مەزمۇن .
Okyan
باشىقىلار بىلدىغان ئەڭ ئاددىنمۇ ، بىلمەسلكىمز مۇمكن .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 06:57 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
NURUZ828
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 15226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 291 نۇمۇر
پۇل: 51 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

مۇشۇ سۇئال قايسىلا مۇنبەردە پەيدا بولسا ئېنىقىكى بىر مەيدان جېدەلنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياقىدۇ. مۇشۇ سۇئالغا زادى ئېنىق جاۋاپ بىرىش شۇنچە زۈرۈرمىدۇ؟؟؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:19 PM |
Yurtum Elani
قۇرغۇي
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 33846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 142 نۇمۇر
پۇل: 664 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 323(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

يەنە شۇ گەپ،دىيارىمدىكى مۇشۇنداق نەرسىلەرنى باشقۇردىغانلارغا تورداشلارنىڭ بىر-بىرىنى تېللىشى ئويۇن بولىدىغان ئوخشايدۇ،
سىنىڭ نىمە كارىڭ،مەن مۇسۇلمانمۇ،ياكى ئۇيغۇرمۇ بۇنى ئىنىقلاش زۆرۈرمىدى!!!
Okyan
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:43 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
nure0999
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 39377
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 154 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

راستىنلا قىيىن سوئالكەن ؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:57 PM |
Yurtum Elani
karalaqin
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 35345
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 168
شۆھرەت: 178 نۇمۇر
پۇل: 548 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 718(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

ئۇيغۇر دىگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان دىگەن مۇسۇلمان بۇ ئككى ئش،بۇدىگەن مىللەت ئۇقۇمى بىلەن دىنى ئۇقۇم،بۇنى ئارلاشتۇرماڭلار ،ئۇيغۇر بۇلغانغىلا مۇسۇلمان بۇلمايدۇ ئەرەپ بۇلغانغىلامۇسۇلمان بۇلمايدۇ،
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 08:01 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
muallip
مەن كىم؟
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 39518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 607
شۆھرەت: 775 نۇمۇر
پۇل: 2332 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 959(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

توغرا، بۇ ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم بۇنى ئارىلاشتۇرىۋەتكىلى بولمايدۇ.
لائىلاھە ئىللەللاھۇ ،مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 08:11 PM |
Yurtum Elani
panasonic
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 32942
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 152 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 382(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

ئىككى لا دۇنيادا ئەڭ پايدا بىردىغىنى مۆمىن مۇسۇلمان بولماقتۇر !!!!!!!!!!!!!!!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 08:18 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
Oyghan
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 18
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2091
شۆھرەت: 340 نۇمۇر
پۇل: 1417 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

مۇشۇنداق قاملاشمىغان سۇئالنى ئۇتتۇرغا چىقارغانلار مۇسۇلمانلارنى پارچە پارچە قىلىش  بۇلىۋىتىش ئىتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش نىيتىدە ئۇتتۇرغا چىقارغان سۇئال.!!!!
بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە ئەمدى پايدا بولغان بولسا كىرەك بۇ گەپلەر.
لىكىن ئەرەب مىللىتى ۋە تۇرك مىللىتى ئارىسىدا خىلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان سۇئاللار.ئەرەب بىلەن تۇرۇك مىللىتىنى  بىر بىرىگە قارمۇ قارشى دوشمەن قىلىپ خۇددى ھازىرقىدەك.................
بىز قەتتى  ئىككىلىنىپ تۇرماسلىقىمىز كىرەك . بۇ دىن ئىسلام دۇشمەنلىرى ئۇتتۇرغا چىقارغان سۇئال.
بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان ئاندىن مىللەت.
دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان بىر مىللەت مۇسۇلمان مىللەت.شۇ بىر ئىسلام ئۇممىتى ئىچىدە ئۇيغۇر بار ئەرەب بار .پارىس بار.تۇرك بار.
قىسقىسى بىز كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ مۇشۇنداق ئادەم قايمۇقتۇردىغان گەپلەرنى ئۇتتۇرغا چىقارماسلىقىمىز كىرەك.
.....................................................
مەن بىر مۇسۇلمان ئاندىن ئۇيغۇر مىللىتى.
مەن بىرىنجى بولۇپ ئىسلامنى دىنىمنى سۇيمەن ئاندىن مىللىتىمنى سۇيمەن. ئىسلام كۆرسۇتۇپ بەرگەن يول بۇيچە سۇيمەن مىللىتىمنى.ھەرگىز مىللەتنى ئىسلامدىن ئۇستۇن ئەمەس.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
Thee do we worship, and Thine aid we seek.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 08:28 PM |
Yurtum Elani
dubay
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28983
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 229
شۆھرەت: 333 نۇمۇر
پۇل: 1247 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 708(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

توۋا...توۋا... كۆرگەنلا ئىشقا چات كېرىۋالغۇچى مەمەدانلار نەقەدەر قەدىرسىز ھە...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 08:42 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
atexxx
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 3543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 234
شۆھرەت: 143 نۇمۇر
پۇل: 961 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

قاملاشمىغان سۇئال بۇپتۇ.
بۇنداق ئىشلارغا باش قاتۇرماسلىق كىرەك.
بىر دوستۇڭ كۆپ بولسا بىر دۇشمىنىڭ ئاز بولۇر.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 10:06 PM |
Yurtum Elani
orhun36
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 30152
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
شۆھرەت: 1265 نۇمۇر
پۇل: 3501 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1798(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىOyghanنىڭ2009-02-18 08:28 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
مۇشۇنداق قاملاشمىغان سۇئالنى ئۇتتۇرغا چىقارغانلار مۇسۇلمانلارنى پارچە پارچە قىلىش  بۇلىۋىتىش ئىتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش نىيتىدە ئۇتتۇرغا چىقارغان سۇئال.!!!!
بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە ئەمدى پايدا بولغان بولسا كىرەك بۇ گەپلەر.
لىكىن ئەرەب مىللىتى ۋە تۇرك مىللىتى ئارىسىدا خىلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان سۇئاللار.ئەرەب بىلەن تۇرۇك مىللىتىنى  بىر بىرىگە قارمۇ قارشى دوشمەن قىلىپ خۇددى ھازىرقىدەك.................
بىز قەتتى  ئىككىلىنىپ تۇرماسلىقىمىز كىرەك . بۇ دىن ئىسلام دۇشمەنلىرى ئۇتتۇرغا چىقارغان سۇئال.
بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان ئاندىن مىللەت.
.......


ماۋۇ ئىنكاسنىڭ خىلى جىنى بار تۇرىدۇ .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
يۈز يىل دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ تىمساق بىلەن دوس بولالمايسەن .
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 10:47 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.065909(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:30
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号