چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 1874 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ھىلارى: ئامېرىكا تەيۋەنگە داۋاملىق قۇرال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ، دېدى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

adem118
تەلمۈرگەن كۆزلەر
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 29328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 390 نۇمۇر
پۇل: 1129 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1001(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 ھىلارى: ئامېرىكا تەيۋەنگە داۋاملىق قۇرال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ، دېدى

0
ھىلارى: ئامېرىكا تەيۋەنگە داۋاملىق قۇرال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ، دېدى

    يەرشارى گېزىتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى خەۋىرى: تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ياپونىيەنى زىيارەت قىلىش سەپىرىدە، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانۇنى» غا ئاساسەن، تەيۋەننىڭ  مۇداپىئەلىنىش-قوغدىنىش ئىشلىرىغا داۋاملىق ياردەملىشىپ، تەيۋەنگە  مۇداپىئەلىنىش-قوغدىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 17-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھىلارىنىڭ ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە بولغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇپ، سەپەر جەريانىدا ھىلارى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن« ئامېرىكا تەيۋەنگە داۋاملىق قۇرال-ياراق سېتىپ بېرىشنى خالامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ھىلارى: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى «بىر جۇڭگۇ سىياسىتى»، «جۇڭگۇ-ئامېرىكا 3بىرلەشمە ئاخباراتى» ۋە «تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانۇنى» غا ئاساسلىنىدۇ، لېكىن «تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانۇنى» بۇنىڭ ئاساسى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇداپىئەلىنىش-قوغدىنىش ئىھتىياجىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكا تەيۋەنگە ھەربىي قۇرال-ياراق سېتىپ بېرىپ كەلدى، دېدى.

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى رۇمىنىيەدىكى جۇڭگۇلۇق ئىشچىلار ۋەقەسىگە دىققەت قىلماقتا

    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە رۇمىنىيە بىناكارلىق شىركىتى جۇڭگۇلۇق ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەنلىكتىن، بۇ ئىشچىلار دۈشەنبە كۈنى جۇڭگۇ ئەلچىخانىسىدىن ئۆزلىرىگە ياردەملىشىپ بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى» دىمۇ «ياۋروپا بىرلەشمە ھەپتىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئەلچىخانا ئالدىغا كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان 700دىن ئارتۇق ئىشچى جۇڭگۇدىكى مەلۇم بىر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن رۇمىنىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار رۇمىنىيەدە ئىشلىگەن مەزگىلدىكى تەمىنات، مائاش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ  ئىلگىرى  پۈتۈشكىنى بىلەن بىردەك بولمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. كانادا خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن رۇمىنىيەدىكى بىر كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئىشلىگەن ئىكەن.
    جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان بىر مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسىنى  ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن رۇمىنىيەگە ئەۋەتكەن. بەزى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋەقەنى مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولۇپ، جۇڭگۇ ئەلچىخانىسى ئىشچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى يەرلىك قانۇنغا خىلاپ بولغان چەكتىن ئاشقان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇنللانماسلىققا دەۋەت قىلغان.

ئامېرىكىلىق قۇش تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق لادىننىڭ يوشۇرۇنغان يېرىنى تاپقانلىقىنى جاكارلىدى

    خەلق تورىنىڭ 18-فېۋرال خەۋىرى: يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكىلىق ئالىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئالاقىدار جۇغراپىيىلىك ماتىرىياللارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق لادىننىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چىگرا رايونىدىكى مەلۇم بىر ئىمارەتكە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى جەزم قىلغان. ئىگەللىنىشىچە، ئۇ لادىننىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى بېكىتىشكە ئىشلەتكەن سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرىنىڭ ھەممىسى كېچىدە تارتىلغان ئىكەن.
    توماس ئىسىملىك بۇ ئالىمنىڭ لادىننىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى بېكىتىشتە «ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار مودىلى» ئاساسىدىكى چارىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ « مەلۇم ئادەم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پەيدا بولغان جاينىڭ ئەتراپىغا يوشۇرۇنىدۇ» دېگەننى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. ئۇنىڭدىن قالسا، لادىننىڭ سالاھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سۇ ۋە توك بولمىغان جايدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەسكەن. توماس يۇقىرىدىكى نەزىرىيەگە ئاساسلىنىپ، لادىننىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى پاكىستان چېگرىسىدىكى 26 بازارنىڭ ئىچىدىكى پاراچىنا بازىرى(帕拉齐纳镇) دەپ بېكىتكەن.

         مەنبە: يەرشارى تورىhttp://world.huanqiu.com/

  
تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-18, 09:27
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
ياشا ھەم ياشاشقا يول قوي!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-18 12:40 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
ketmenbay
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23047
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 150
شۆھرەت: 294 نۇمۇر
پۇل: 1933 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 91(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

ھىلارى خانىم سىياسىئونلارغا لايىق زىرەكلىك بىلەن بۇ گەپنى دەپتۇ-دە؟
«سىياسىئونلارنىڭ زىرەكلىكى»نى بۇ مەنزىلدىن كۆرۈڭ:
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34640413.html
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 05:34 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
خەستە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 35497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 130 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

قارىغاندا ئوبامامۇ بۇرۇن گېزىتلەردە دىيىلگەندەك جۇڭگو غا مايىل زۇڭتۇڭ ئەمەسكەندە ، يەنىلا ئەمىلىيىتىنى كۆرسەك بۇلىدىغان ئوخشايدۇ
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 05:36 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
NURUZ828
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 15226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
شۆھرەت: 291 نۇمۇر
پۇل: 51 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

پاكىستان شۇنچە قىلسىمۇ ئاكىسى تەرپىدىن دەشنام يەپلا كىلۋاتىدۇ، يۇقارقى خەۋەر راسىت بولسا ئۇزاق قالماي پاكىستان يەنە بىر پەشۋا يەۋالغۇدەك
Okyan
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:17 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
guzalnilka
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 39762
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

خەۋەرلەندۇرگىنىڭېزگە رەخمەت!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:21 PM |
Yurtum Elani
guzalnilka
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 39762
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار.مەن مۇنبەرگە بۈگۈن ئەزا بولدۇم .يېتەكلەپ كېتىشىڭلارنى ئۈمۈت كېلىمەن.
Okyan
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:34 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
guzalnilka
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 39762
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

كېلىمەن ئەمەس.قېلىمەن.كەچۈرۈڭلار.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:36 PM |
Yurtum Elani
yelpez3333
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 39754
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 116 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

لادىن كام جۇڭگۇغا كەلسە بولمامتىغاندۇ؟
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 07:59 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
jasos007
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 35524
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 701
شۆھرەت: 744 نۇمۇر
پۇل: 2315 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىguzalnilkaنىڭ2009-02-18 07:34 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار.مەن مۇنبەرگە بۈگۈن ئەزا بولدۇم .يېتەكلەپ كېتىشىڭلارنى ئۈمۈت كېلىمەن.


ۋائەلەيكۇم ئەسسالام. يىڭى ئەزا بولغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز. دىيارىم ئۇچۇن كۆپىرەك تىرششىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.
مۇمكىن ئەمەس دىگەن سۆز پەقەت نادانلارنىڭ لوغىتىدىن تىپىلىدۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 10:03 PM |
Yurtum Elani
halmurat0416
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39587
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 98
شۆھرەت: 98 نۇمۇر
پۇل: 513 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

نىمە ئىش قىلسا قىلمامدۇ بىزگە بەك جىق تەسىرى يوق.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 10:19 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
barquk8
ياشا شىنجاڭ،ياشا بارچۇق .
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29067
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 318
شۆھرەت: 318 نۇمۇر
پۇل: 1227 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 267(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

Quote:
بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىyelpez3333نىڭ2009-02-18 07:59 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
لادىن كام جۇڭگۇغا كەلسە بولمامتىغاندۇ؟

نىمە با ئۇنىڭغا بۇ يەدە قارشى ئالمايمىز ئۇنى كەپ قالسا سىزگە ئادەم
  ئالغاچ كىلەمىكىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 04:01 AM |
Yurtum Elani
xair
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 27285
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
پۇل: 479 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

ئامېرىكا  پاكىستانغا ئەسكەر  كىرگىزۇشكە  ياخشى بانا بولغىدەك ..
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 10:51 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
ABDULLA-204
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6578
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 629 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

  
    
           ياخشى خەۋەر
.................................
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 11:18 AM |
Yurtum Elani
xirzat0909
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 35723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 114 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

ئۇنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى ئاشكارە تورغا چىقارغىنىغا قارىغاندا << تېزىراق باشقا يەرگە مۆكىۋال بىز بىلىپ قالدۇق >>  دىمەكچىما ...؟  ئامىرىكا   ئافغانىستاندىن 5 مىنۇتتا  كىپ بولاتتىغۇ ...؟  ياكى بولمىسا مۆكە -مۈكىلەڭ تۈگىمىدى قايتا مۈكىۋال بىز يەنە ئىزلەپ تاپايلى دىمەكچىمىدۇ ....؟    ئىشقىلىپ بىن لادىننى   تۇتمايدۇ  پەقەت مۆكە-مۈكىلەڭ ئوينايدۇ  .....................
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 11:22 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.062304(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 08:28
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号