بىز بۇندىن بۇرۇن مۇنۇ تېمىمىزدا
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-58942.html كۆپ ئىقتىدارلىق ئىس -تۈتەكسىز تونۇرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تورداشلارغا سۇنغان ئىدۇق.
بىز كۆپچىلىكنىڭ مەھسۇلاتىمىزغا بولغان قىزغىنلىقى ھەم سەمىمىي ئىنكاسلىرىدىن روھىي ئوزۇق تاپتۇق. ھەم خۇشال بولدۇق.
تۆۋەندە بۇ مەھسۇلاتىمىزنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق.
كۆپ ئىقتىدارلىق ئاپتوماتىك ئىس ئىس-تۈتەكسىز تونۇرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇش.
1. گازلىق تونۇر: تونۇرنى توكقا چاتقاندىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاچقۇچىنى ئاچىمىز. ئاندىن بىز تونۇرنى گرادۇس ئارقىلىق ۋاقىت توغرىلاپ قويىمىز. تونۇرنى 0 گرادۇستىن 800 گرادۇس غىچە قىزىتقىلى بولىدۇ.
مەسىلەن: تونۇرنى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن 200 گرادۇس ياكى 300 گرادۇسقا توغرىلاپ قويغاندىن كېيىن بىز بەلگىلەپ قويغان گرادۇسقا يەتكەندە ئاپتوماتىك ھالدا توختايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تونۇر سوۋۇپ قالسا يەنە ئاپتوماتىك ئوت ئېلىپ بىز بەلگىلەپ قويغان گرادۇسقا يەتكەندە توختايدۇ. تونۇرنىڭ قىزىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئادەتتە كىچىك تونۇرنىڭ قىزىش ۋاقتى 5 مىنۇتتىن 10مىنۇت ئىچىدە قىزىپ بولىدۇ. چوڭ تونۇرنىڭ قىزىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە قىزىپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تونۇرنىڭ قىزىغان ۋاقتىنى مەلۇم قىلىدىغان قوڭغۇراق ئورنىتىلغان بولۇپ، قىزىغان ھامان بىزگە مەلۇم قىلىدۇ. بىز سالغان كاۋاپ پىشىش ۋاقتى 3 مىنۇتتىن 5 مىنۇت ئەتراپىدا پىشىپ بولىدۇ. چۈنكى بۇ تونۇرنىڭ ئەتراپىغا ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىيالى قويۇلغان بولۇپ.تونۇرنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن، بۇ تونۇرغا گاز ئىشلەتكۈچىلەر بولسا ئادەتتە ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان گاز ئوچاققا قارىغاندا گاز سەرپىياتى ئاز. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تونۇرغا بىخەتەرلىك جەھەتتە ئاپتوماتىك گاز ئېتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ تاسادىپىي چاقماق چېقىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ياكى بىزنىڭ ئېسىمىزدە يوق گاز ئېچىلىپ قالسا يەنە ئاپتوماتىك ھالدا گازنى ئېتىۋېتىدۇ. ئادەتتە نان پىشۇرىدىغانلار ئىشلەتكەندە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن گرادۇسنى تەڭشەپ ئىشلەتسە ئىنتايىن قۇلايلىق.
2.توك ئىشلىتىدىغان تونۇر: توكلۇق تونۇرنى ئىشلەتكەندە تونۇرنى توكقا چېتىپ ئاچقۇچنى ئاچقاندىن كېيىن ۋاقىت بەلگىلەپ قويىمىز. تونۇر قىزىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا توختاپ قالىدۇ. بىز تونۇرغا سالماقچى بولغان كاۋاپ ياكى نان تەييار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تونۇر سوۋۇپ قالسا يەنە ئاپتوماتىك ھالدا بىز بەلگىلەپ قويغان گرادۇسقا يېتىپ بېرىپ تونۇر يەنە قىزىشقا باشلايدۇ. تونۇرنىڭ قىزىش ۋاقتى 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە قىزىپ بولىدۇ. ۋاقىت تېجەيدۇ. توك تېجەيدۇ. بۇ تونۇرغا ئاپتوماتىك بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلسە ئاپتوماتىك توك ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.
3. كۆمۈر قالايدىغان تونۇر: كۆمۈر قالايدىغان تونۇرغىمۇ يۇقىرىقى ئىقتىدار قېتىلغان. بۇ نۇرنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاشخانىلاردا كاۋاپ، نان ،گۆشگىردە، سامسا، گىردە گۆش نان قاتارلىقلارنى پىشۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
ئادەتتە ئاشخانىلاردا خېرىدار كۆپ ۋاقىتلاردا 10 يۈەنلىك كۆمۈر بىلەن 1000.00 يۈەنلىك كاۋاپ پىشۇرۇشقا بولىدۇ. كاۋاپنىڭ پىشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز، 3 مىنۇتتىن 5 مىنۇت ئىچىدە كاۋاپ پىشىپ چىقىدۇ. ئىقتىسادى ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.
4.گاز،توك، كۆمۈر قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تونۇر بولسا ئاپتوماتىك ھالدا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئارتۇقچىلىقى بولسا گاز تۈگەپ قالسا توكقا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە، توك ئۆچۈپ قالسا گاز ئىشلىتىشكە ۋە كۆمۈر ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن قايسى يېقىلغۇنى ئىشلەتكۈڭىز كەلسە شۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز سىز ئىشلەتمەكچى بولغان يېقىلغۇ ئېچىلىدۇ.
5. بۇ مەھسۇلات دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن مەھسۇلات بولۇپ، خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان كۆپ ئىقتىدارلىق تونۇرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئىس-تۈتەكتىن خالى، مۇھىت ئاسرايدۇ، ۋاقىت تېجەيدۇ، ئىقتىسادى ئۈنۈمى يۇقىرى. كاۋاپ تۈرىگە كىرىدىغان ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى ۋە گۆشگىردە، سامسا، گىردە، گۆشنان ۋە باشقا نان تۈرىگە كېرىدىغان ھەر قانداق نانلارنى پۇشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
چوڭ كىچىكلىكى :
كىچىك تونۇرنىڭ كەڭلىكى 60 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 35 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى30 كىلودىن 40 كىلو ئەتراپىدا كېلىدۇ. يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ئىنتايىن مۇۋاپىق. چوڭ تونۇرنىڭ كەڭلىكى 100سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 120 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 100 كىلودىن 130 كىلو ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن چوڭ كىچىكلىكىنى تەلىپىڭىزگە ئاساسەن ياساپ بېرىشكە بولىدۇ.
كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلىتىپ كۆرۈشىنى ۋە سەمىمىي تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 15109031177 15009045288
تېمىڭىزدىكى ئىملا قايتا تەھرىرلەندى.ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز!
_ گۈزەل3.8[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-02-18 12:42دە قايتا ]