سويگۈ قەبرىسى
ئۇ راستتىنلا مېنى سۆيەمدىغاندۇ؟
مەن تىرىكچىلىك قاينىمىدا پالىقى يوق قولۋاقتەك نىشانسىز لەيلەپ يۈرەتتىم.خۇددى ھايات-مامات دوقمۇشىدا ئەزرائىل ماڭا قاراپ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.پاناھى دۇنيادا خۇدا نامىدىن باشقىسىنى خىيال دەپ بىلەتتىم،شۇڭا بۇ دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلار ماڭا چۈشۈمدەك بىلىنەتتى.
شۇ كۈنلەردە بىرسى ماڭا<<سىزنى سويىمەن>>دەپ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى.شۇ چاغدا بەدىنىم لاغىلداپ تىترەپ،كۆزۈمگە يىغا ئولاشتى.بۇ سۆز ماڭا خۇددى ھاقارەت قىلىنىۋاتقاندەك،مەسخىرە ئارىلاش سۆزدەك،ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئېغىر كەلگەنىدى.مەن يىغلىغىنىمچە ئاۋازىمنى چىقىرالمىدىم،ئۇ ماڭا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ كۆڭلۈمدىكى پەرىشتە سۈپەت ئېسىل ئادەم ئىدى.<<سىزنى سويىمەن>>دېگەن گەپكە ئىشىنەيمۇ؟ ئويلاندىم.ئۇنىڭ سەمىمىي ئادەملىكىنى بىلەتتىم.ئەجەبا ئۇ مېنى سىناۋاتامدىغاندۇ؟ئىككىلىنىپ قالدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئۇ <<خاپا بولدىڭىزما؟راست سىزنى سويىمەن>>.بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈرىكىم بىردىنلا دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.شۇ چاغدا ئاغزىمدىن <<رەت>>دېگەن سۆزلا ئاران چىقتى،شۇنىڭدىن باشلاپ مەن قانداقتۇر بىر غايىۋى مەنزىلدىن سۆيۈنۈپ يۈرەتتىم،خۇشال ئىدىم.بۇ مەنزىرە ماڭا ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتتى.يۈرىكىمدە تاتلىق ھېسلار ھېلىدىن-ھېلىغا ئويناقشىپ يۈرەتتى،ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام-ئاڭلىغۇم كېلەتتى،ئۇنىڭ گەپلىرى يۈرىكىمنى غىدىقلايتتى. مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىمگە تاتلىق بىر سېزىم ئېقىپ كىرەتتى،لېۋىمگە ئىختىيارسىز كۈلكە يامرايتتى،مېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا ئاجايىپ تاتلىق، يېقىملىق ئاۋاز بار ئىدى،بۇ ئاۋاز يۈرىكىمنى لەرزىگە سالاتتى،ھەر بىر ھۈجەيلىرىمگىچە ھاياجانلاندۇراتتى،كۈلدۈرەتتى.
سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن .....ئاھ بۇ سۆزلەرنى تەمكىنلىك بىلەن ئاجايىپ ھېسلار ئىچىدە قىزىقىپ تۇرۇپ ئاڭلىدىم ،بەزىدە جىمىپ كەتتىم.ئاسمان قارامتۇل بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.خىياللىرىم باشقا بىر دۇنياغا ئۇچۇپ كېتەتتى.ئۇنىڭ <<سىزنى سويىمەن>>دېگەنلىرىنى يەنە ئاڭلىغىنىمدا بولسا يۈرىكىم يېڭى-يېڭى خىياللارغا،يېڭىچە ھېس تۇيغۇلارغا چۆمۈپ كېتەتتى.ئۇنىڭ يېقىملىق سۆزلىرىگە قۇلاق سالاتتىم،ئۇنىڭ سۆزلىرى گويا مۇقەددەس دەستۇر ماياك ياكى يول باشچىمىزنىڭ سۆزىدەك بىلىنەتتى،ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ ئويلىناتتىم.ئاخشىمى ئۇنى ئويلاپ ئۇخلىيالمىغان چاغلىرىمدا دېرىزىدىن ئاسمانغا قارايتتىم.ئاسمان سۈتتەك ئايدىڭ ،يۇلتۇزلار چىمىرلايتتى،ئاينىڭ يۈزىدىكى داغلارمۇ شۇنداق يارىشىملىق كۆرۈنەتتى.يۈرىكىم ھاياجاندا تىترەيتتى،بەزىدە ئۇپۇققا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تىكىلەتتىم.ئۆتمۈشۈم ئېسىمگە كېلەتتى، ئاندىن شېرىن جىمىغۇرلىشىپ كېتەتتىم.بەزى كۈنلىرى ياز ئاسمىنىدىكى قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرلىرىغا تىكىلىپ قارىغىنىمدا ئاشۇ نۇر ئىچىدە ئاجايىپ چىرايلىق مەنزىرىلەرنى كۆرەتتىم.يۈرىكىمدىكى ئۈمىدسىزلىك ئورنىنى يەنە تاتلىق خىياللار ئىگىلەيتتى.كائىناتنى يورۇتقۇچى قۇياش ھەر كۈنى شەرقتىن قىزارغىنىچە كۆتۈرۈلۈپ يەنە بىر چېتىگە قىزارغىنىچە پاتاتتى.
(داۋامى بار...ۋاقىت يەتمەي كەينىنى يېزىپ بولالمىدىم ،تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)
(مەنبەسى:دوستۇم بىلەن بىرگە يازغان .)
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-02-18 17:26دە قايتا ]