ھەقسىز بۆرەك تەقدىم قىلىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك تورداشلار !
ئىسمىم باھارگۇل تۇرسۇن ،مەن بۇيىل 30 ياشقا كىردىم. مىللىتىم ئۇيغۇر ،يۇرتۇم قەشقەرشەھرى، سالامەتلىكىم ياخشى، قان تىپىم 0 تىپ. كىملىك نۇمۇرۇم (653101197906030028). بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا موھتاج بولىۋاتقان، بۆرەك تاپالمايۋاتقان ئەمما ھاياتلىققا ئۈمىت باغلاۋاتقان ھەرقانداق بىر ھاجەتمەنگە بۆرىكىمنى ھەقسىز تەقدىم قىلىش قارارىغا كەلدىم. كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرىم: مىنىڭ (باھارگۇل تۇرسۇن) 13119987568 ، دادام(تۇرسۇن ئەيسا) 13201195782
نېمە ئۈچۈن ھەقسىز بۆرەك تەقدىم قىلىش قارارىغا كېلىش سەۋەبىنى ۋاختىدا يازماي سىلەرنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويدۇم. سەۋەبىنى ئەمدى تەپسىلى ئېيتىپ بىرەي.
مەن 1979-يىلى باھاردا (3-ئاينىڭ 8-كۈنى) ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ ئاپام دادام تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسمىدا تۇغۇلغان ئىكەنمەن. بوۋاق ۋاقىتلىرىم ئاپام-داداملارنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ناھايىتى بەخىلىك ئۆتۈپ يېشىمغا تىگىشىم بىلەن ئايىقىم چىقىپ،ئىككىگە كىرە كىرمەيلا تىلىم چىقىپ ئاپام داداملارنىڭ ئارزۇلۇق گۆھىرى بوپتىكەنمەن. 1981-يىلى ئاپام داداملار كەسىپ ئالماشتۇرۇپ يۇرتىمىز قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىمۇ تاتلىق ،چۈچۈك تىلىم ،چاققان مېڭىپ يۈگۈرىشلىرىم بىلەن چوڭ ئانام،چوڭ دادام،تاغام ھاممىلىرىمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرۈپ ،مەسىتلىكىنى كەلتۈرۈپ شۇنداق گۈزەل چاغلارنى ئۆتكۈزۈپتىكەنمەن. ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس بۇگۈزەل چاغلار ئۇزۇنغا بارماپتۇ. شۇيىلى بىركىچىسى تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كەنكەنلىك سەۋەبى بىلەن قاتتىق قىزتىپ كىتىپ دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كىيىن بىرئوكۇل ئۇرۇشى بىلەن بالىلار پارالىچ كىسىلى (خەنزۇچە شىياۋ ئېر ما پى جېڭ دەيدىكەن) گە گىرىپتار بولۇپتىمەن . دەسلەپتە ئەھۋالىم بەك ئېغىر ھۇشسىز ئادەملەردەك ياتاتتىكەنمەن .دادام ئاپاملار شۇندىن تارتىپ قۇلىقى ئاڭلىغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئاپىرىپ داۋالىتىپ يۈرۈپ مىنى ھازىرقى خالىسام ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇيالايدىغان ، سالامەتلىكىم ياربەرگن شارائىتتا ناماز ئوقۇيالايدىغان، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالغاندا ناخشا ئېيتىپ ئانامنىڭ دادمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بىرەلەيدىغان، كەشتە گۈللەرنى تىكىپ ئۆزۈم خالىغان ئادەملىرىمگە سوۋغا قىلالايدىغان،ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە تىللاردىكى كىنولارنى كۆرەلەيدىغان، خالىسام قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يازالىغىنىمچە شئېرلارنى يازالايىغان، ئەتراپىمدىكى ئاتا-ئانا، ئىنى -سىڭىللىرىم، تۇغقانلىرىم ،ھەمدە سىلەردەك بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ چەكسىز مىھر-مۇھەببىتىدىن ئالامچە ھوزۇر ئېلىپ ياشىيالايدىغان روھلۇق،خۇشخۇي،ئۈمىتۋار قىز گۈلباھارغا ئايلىنىپتىمەن. دادام -ئاپام مۇشۇ 28 يىلدىن بۇيان مىنى نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرىپ مىنىڭ ماڭالمايدىغانلىقىمنى قىلچىمۇ ھېس قىلدۇرماي ياخشى باقتى، ھازىر ئىككىسىنىڭ پىنسىيە مۇئاشىدا تۇرمۇشىمىز ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. مىنىڭ كاللامدا باشقا ھېچقانداق غەيرى خىيال يوق.
پەقەت ئاشۇ كىسەل ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئىقتىسادى يىتىشمەيۋاتقان قېرىنداشلىرىم بولسا بىر بۆرىكىمنى ھەقسىز ھەدىيە قىلسام ،ئاللا سالامەتلىك يار قىلسا يەنە بىر بۆرىكىم بىلەن كيىنكى ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزسەم، مەن بەرىبىر ئېغىر ئىشلانى قىلمىغاندىكىن، ياكى بالا بېقىش دىگەندەك ۋەزىپەممۇ يوق بولمىغاندىكىن دىمەكچىمەن.
مۇشۇنداق قىلىساملا رەھمەتلىك ئىنىم مۇھەممەد جانغا بولغان سېغىنىش ھىسسىياتىمغا ئازراق تەسەللى بولامدىكىن،خەلقىم ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلەرمەنمىكىن دەپ ئويلايمەن.
ئەمدى تورداشلارنىڭ ئىنىمنىڭ تۈگەپ كىتىش سەۋەبىنى بىلگىسى كەپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىمۇ ئېيتىپ بىرەي. ئىنىم بەك ئوماق ،بەك ئەقىللىق،بەك كېلىشكەن ،بەك ئىخلاسمەن ،بەك ئوڭلۇق، بەك قانائەتچان،بەك ........... ئاشۇنداق بىر بالا ئىدى. مىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھىم ،دىلكىشىم، مۇڭدىشىم ئىدى. ئىنىم ئاز ئۇچرايدىغان بىرخىل كۈچ يىتىلدۈرۈش ماددىسى كەم، كۈچى يېشىغا ماسلىشىپ تەڭ تەرەققى قىلمايدىغان، لىكىن ئەقلى ئىقتىدارى تەن قۇرۇلۇشى تەڭ ياشتىكىلەرنىڭ ھەرقاندىقىدىن ئالاھىدە ياخشى تەرەققى قىلىدىغان ئاشۇنداق بىرخىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان. تولۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئۆيدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ ياخشى ئوقۇپ پۈتتۈر گەن . كىيىن ئاستا -ئاستا ئاجىلىشىپ بىر پىيالە چاينىمۇ تەستە كۆتۈرۈپ ئىچىدىغان ، چوڭ كىچىك ھاجىتىنىمۇ ئاپام (مىنىڭ ھاجىتىمدىن چىققاندەك ) راۋاقىلىپ بىردىغان ھالەتكە يەتتى. ئىنىمنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بۇخىل كىسەلگە داۋا يوق ، مۇشۇندا بارا-بارا ئاجىزلىشىپ ئاخىرى 20 ياشتىن سەل ھالقىغاندا تۈگەپ كىتىشى مۇمكىن دەپ بەرگەن ئىكەن. ئىنىم 2007-يىلى 8- ئايدا بۇدۇنيادا يەيدىغان رىسقى تۈگەپ ئۇ ئالەمگە كىتىپ قالدى. ئەسلىدە تىنىنىڭ ئاجىزلىشى بىلەن ئىچكى ئەزالىرىمۇ ئاجىزلاپ، بۆرىكىمۇ ئاجىزلاپ بىرتال يىڭنەسانچىشنىمۇ كۆتۈرەلمىگىدەك بولۇپ تۈگەپ كەتتى. ئەگەر ئىنىم مەن ياردەم قىلماقچى بولغان كىشىلەردەك ساق-سالامەت ئون يىگىرمە يىل ياشاپ ئاندىن بۆرىكى ئاجىزلاپ ئوپىراتسىيەنى كۆتۈرەلىگىدەك بولسىدى مەن ئۆز بۆرىكىم ئارقىلىق ئىنىمنى قۇتۇلدۇرغان بولاتتىم.
بۇ ئويغا كەپ قالغىلى بىرئايچە بولدى، ئاتا-ئانام لار قوشۇلماي ئۇلارنى قايىل قىلىش، ئۇلارغا ئۆز كۆڭلۈمنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرغا سوزۇلۇپ كەتتى.
مەن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۆيۈمدىكى كومپىيوتېردا تورغا كىرىپ مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ تۇراتتىم. ئىچىم پۇشسا ئويۇن ئوينايتىم. لىكىن شۇكومپىيوتىرنى ئىنى رەھمەتلىك ئۈچ يىل قولىنى مىدىرلىتالىغانغا قەدەر ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەردائىم كۆز ئالدىمغا ئولتۇرغان قىياپىتى كىلىۋېلىپ مىنى .........
مەن بىرەر مەزگىل تورغىمۇ چىقماي كومپىيوتېرنىمۇ ئىشلەتمەي ئاپام بىلەن مۇڭدىشىپ ئۆتەي مىنىڭ ئىنىم تۈگەپ كەتكەن بولسا دادام-ئاپامنىڭ 22يىل قىينىلىپ باققان ئوغلى تۈگەپ كەتتى مەن شۇڭا ئۇلارغا جىقراق ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچاي دىگەن مەقسەتتە كومپىيوتېرنى يىغىشتۇرۇپ قەغەز يىشىككە سالدۇرۋەتتىم. شۇڭا بۇ ئىلاننى نەچچە كۈن ئىلگىرى تورخانىدا باشقىلار ئارقىلىق ئېلان قىلدۇرغان ئىدىم تېلفۇن ئۇرغانلاردىن توردىكى ئىنكاسلار ھەققىدە ئاڭلىغاندىن كىيىن بۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ بۈگۈن نىسىپ بوپتۇ .
تورداشلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
دوستۇڭلار گۈلباھار خېنىم(قەشقەرچە ئاتىۋەتتىم) ئېمزايىم ئۈمىدۋارلىق ،جۇشقۇنلۇق مەڭگۈ ماڭا يار بولغاي!
بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تىما يوللۇشۇم،كەڭ تورداشلارنىڭ
بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مەنبە:رېتىم توردىن ئېلىندى.
http://bbs.retim.cn/[ بۇ يازما ئىسىم تەرپىدىن2009-02-18 05:13 AMدە قايتا ]