مەن سىلەرگە دەپ بىرەي ، بۇ نىمە قېتىقى دىسە نىمىشقا ئاچچىغى كىلدىغاندۇ دەۋاتامسىلا ، چۈنكى ئاقسۇ تەۋەسىدىكى كىشلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ . بايلىقلارنى ئىشىكەك قېتقى ئىچكەن سايراملىق دەپ قۇيمىز . بۇنداق دىسەم توردا بايلىقلار بۇلۇپ قالسا خاپا بولماڭلار ھە .
بۇرۇن مەن بىر كىتاپتا ئۇقۇغان . بۇنىڭ ئىشەك قېتقى دەپ ئاتىلىشدا مۇنداق سەۋەپ بار ئىكەن .
خېلى زامانلار ئىلگىرى باي - خوجاملار سايرامغا كىلىپ تۇرغاندا ،ئۇ يەردىكى دېھقانلار ئۇلارنى كۈندە دىگۈدەك قېتىق بىلەن تەمىنلەيدىكەن . شۇڭا ئۇ يەرنىڭ قېتىقى بەك تاتلىق بولغاچقا ، ئەمەلدارلار كۈندە دىگۈدەك دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قېتىق ئىچىدىكەن ، مۇشۇنداق قىلىۋەرگەچكە ئۇ يەردىكى دېھقانلار ئۆزى ئىچىدىغانغا قېتىق يىتىشمەي قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئەمەلدارلارنڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەر بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە قېتىق ئىچكىلى كىرىپتۇ . بىر نەچچە چىنە قېتىق ئىچىپ بۇلۇپ ، يەنە سوراپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەقىللىق ئايال بالىسغا ئىشەكنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ، غوجىللىرىم ئەمدى قېتىق قالمىدى دەپ ، بالىسىغا قاراپ ، ئىشەكتىن سۈت چىقۋاتامدۇ دەپ سوراپتۇ ، بالا ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال غوجىللىرىم خاپا بۇلۇشمىغايلا ، قېتىق تۈگەپ كەتتى ، بىز ئەمدى ئشەكنى سېغىپ قېتىق قىللايلى دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان ئەمەلدارلار ئاچچىغى كىلىپ بۇ نىمە ئىش دەپ سوراپتۇ ، ئۇ ئايال بولسا بىزنىڭ بۇ يەردە كالا بەك ئاز ، شۇڭا ئىشەكنى سېغىپ قېتىق قىلمىز ، تەمى شۇنداق تاتلىق دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاچچىقلاپ ھېلىقى دېھقان ئايالنى تىللاپ كىتىپ قاپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارمۇ قېتىق دەپ كەلمەيدىغان بوپتۇ . مانا بۇ ئشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقشى . بەزى جايلىرى ئېنىق ئىسمدە قالماپتۇ . چالا بولۇپ قالغان بولسا خاپا بولمىغايسىلەر .
دىمىسىمۇ باينىڭ قېتىقى شۇنداق تەملىك