چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 226 قېتىم كۆرۈلدى
bendora
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 30756
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 448
شۆھرەت: 463 نۇمۇر
پۇل: 1428 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1350(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 ئەڭ ئاخىرقى دەرس

0
(فرانسۇز تىلى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بۈگۈنكى دەرسكە ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدىت(doudit)نىڭ «ئەڭ ئاخىرقى دەرس»ى چىشىمنىڭ ئاغرىقىنى نەلەرگىدۇر غايىپ قىلدى،ئەمما قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن كۈچلۈك بىر يىغا چىقالمايۋاتاتتى.بۇ ئەسەرنى بۇرۇن گەرچە نۇرغۇن قېتىم ئۆتكۈزگەن بولساممۇ،بۈگۈنكىدەك غەلىتە بىر خىل تۇيغۇدا بولۇپ باقمىغانىدىم.بەلكىم بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ شەكىللىنىشى ھېكايە ۋەقەلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە،كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك؟شۇ خىياللىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ئەسەرنى مۇنبەرگە يوللاپ،ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلەشكە،قوغداپ قېلىشقا كۈچىمەيۋاتقان،كۈچىيەلمەيۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئويلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلسام دەپ ئويلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.ۋاقىت كېتىدۇ،بىز قالىمىز،ئەمما ۋاقىت ئۆزى بىلەن بىللە بىزنىڭ نېمىلىرىمىزنى تەڭ ئېلىپ ماڭدى؟ ئويلاپ باقايلى دوستلۇرۇم،ئويلىنايلى....)

     ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەكتەپكە ناھايىتى كېچىكىپ باردىم، كۆڭلۈمدە خەنمەير ئەپەندى تىللايدىغان بولدى، دەپ ناھايىتى قورقتۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىزدىن پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنى سورايدىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى، لېكىن مەن ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيتتىم. شۇڭا مەكتەپكە بارماي، دالاغا چىقىپ ئويناپ كېلەيچۇ، دېگەن نىيەتكە كەلدىم.
ھاۋا شۇ قەدەر ئىللىق، شۇ قەدەر سۈزۈك ئىدى!
    بۇلبۇللار ئورمان چېتىدە يېقىملىق، چاك- چاك سايرايتتى؛ تاختاي تىلىش زاۋۇتىنىڭ كەينىدىكى چىملىقتا پرۇسىيە ئەسكەرلىرى مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرىلەر پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىغاندا خېلىلا قىزىقارلىق ئىدى؛ لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇپ، شۇ ھامان مەكتەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.
      بازار مەھكىمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېلان تاختىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇرۇستىكى مەغلۇبىيەت، سېلىنغان ئالۋان- ھاشارلار، قوماندانلىق شىتابىنىڭ ھەر خىل بۇيرۇقلىرى قاتارلىق يامان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەردىن تارقىلاتتى. مەن توختىماي يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئىچىمدە: «يەنە نېمە ئىش بولغاندۇ» دەپ ئويلىدىم.  
      تۆمۈرچى خۇاشىتمۇ شاگىرتى بىلەن بىللە كىشىلەر ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئېلاننى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ مەيداندا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا ۋارقىرىدى:
      ــ ئۇنچىۋالا تېز يۈگۈرۈشۈڭنىڭ ھاجىتى يوق ئوغلۇم، سەن مەكتەپكە بەرىبىر ھامان ناھايىتى بالدۇر بارىسەن!
      مەن، ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، ھاسىرىغىنىمچە يۈگۈرۈپ خەنمەير ئەپەندىنىڭ كىچىككىنە ھويلىسىغا يېتىپ كەلدىم.
      ئادەتتىكى كۈنلەردە، مەكتەپتە دەرس باشلاش ۋاقتىدا ھامان بىر پەس ۋاراڭ- چۇرۇڭ بولاتتى، بۇ كوچىغىمۇ ئاڭلىناتتى. پارتىنى ئاچقان ۋە ياپقان ئاۋازلار، ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن قۇلقىنى ئېتىۋېلىپ كۆپچىلىكنىڭ ۋارقىراپ دەرس يادلاشلىرى... ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمنىڭ قولىغا تۆمۈر پالاقنى ئېلىپ، پارتىغا تاقىلدىتىپ ئۇرۇپ: «تىنچ ئولتۇرۇڭلار، پەسرەك ئاۋازدا ئوقۇڭلار...» دەپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
      مەن ئاشۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز جايىمغا غىپپىدە ئۆتۈۋالارمەن، دەپ خىيال قىلغاندىم؛ لېكىن ئاشۇ كۈنى ھەممە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكىدەك جىمجىتلىققا چۆككەنىدى. مەن ئوچۇق دېرىزىدىن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم؛ خەنمەير ئەپەندى بولسا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، قولتۇقىدا قىشىنى چۆچۈتىدىغان ھېلىقى تۆمۈر پالاق بار ئىدى. مەن نائىلاج ئىشىكنى ئېچىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆزىچىلا جىمجىتلىققا چۆككەن سىنىپقا كىردىم. سىلەر شۇ چاغدا مېنىڭ يۈزۈمنىڭ قانچىلىك دۈپۈلدەپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭلار مۇمكىن!
      لېكىن ھېچقانداق ئىش بولمىدى. خەنمەير ئەپەندى مېنى كۆرۈپ، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:  
      ــ تېز جايىڭغا ئولتۇر شاكىچىك فرانىس، سېنى كۈتمەيلا دەرسنى باشلاۋەردۇق.- دېدى.
مەن ئورۇندۇقنى ئاتلاپلا جايىمغا ئولتۇردۇم. يۈرىكىم بىرئاز جايىغا چۈشۈپ تىنچلانغاندىن كېيىنلا، مۇئەللىمىمىزنىڭ بۈگۈن ھېلىقى ناھايىتى چىرايلىق بايراملىق مايسىرەڭ كىيمىنى كىيىپ، بوينىغا گىرۋەك چىقىرىلغان گالىستۇك تاقاپ، بېشىغا چۆرىسى كەشتىلەنگەن كىچىككىنە قارا يىپەك شىلەپە كېيىۋالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ بۇ كېيىملىرىنى مۇپەتتىش مەكتەپكە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەن ياكى مۇكاپات تارقاتقان كۈنلەردىلا كېيەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن پۈتكۈل سىنىپنى ئادەتتە كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ جىددىيلىك قاپلىغانىدى. مېنى ھەممدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، ئارقا تەرەپتىكى ھامان بوش تۇرىدىغان بىر نەچچە قاتار ئورۇندۇقلاردا بازاردىكى بىر مۇنچە ئادەملەر ئولتۇراتتى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش سۈكۈتكە چۆككەنىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ قىرلىق قالپىقىنى كىيىۋالغان خاۋسۇ بوۋاي، ئىلگىرىكى بازار باشلىقى، ئىلگىرىكى پوچتىكەش يەنە بەزى باشقا ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن غەم- قايغۇ چىقىپ تۇراتتى. خاۋسۇ بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بىر ئوقۇش كىتابىنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى. ئۇ كىتابنى ئېچىپ تىزىغا قويۇۋالغان، كىتابنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ چوڭ كۆزەينىكى توغرىسىغا ياتاتتى.
مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغىنىمدا خەنمەير ئەپەندى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، بايا ماڭا سۆزلىگەندىكىدەك، مۇلايىملىق ۋە جىددىيلىك بىلەن بىزگە سۆزلەشكە باشلىدى:
      ــ بالىلىرىم، بۇ سىلەرگە ئۆتىۋاتقان ئاخىرقى دەرسىم. بېرلىندىن ئىلزاس ۋە لوتارنگىيدىكى مەكتەپلەردە نېمىس تىلىنى ئۆتۈشكىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى. يېڭى ئوقۇتقۇچى ئەتىلا يېتىپ كېلىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىنى ئۆتىمەن، سىلەرنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
      بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئاھ، ھېلىقى ئەبلەخلەرنىڭ بازار مەھكىمىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا چاپلىغىنى مۇشۇ گەپ ئىكەن- دە!
      مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىم ئىكەن بۇ! مەن تېخى ماقالە يېزىشنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايمەن! ئەمدى مېنىڭ فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىمگە ئىمكانىيەتمۇ يوق ئىكەن- دە! بۇنىڭغا بوپتىلا دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بۇرۇن ئوبدان ئۆگەنمەي، دەرستىن قېچىپ قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن، سائار دەرياسىغا بېرىپ سۇ ئۈزگەنىدىم... مۇشۇلارنى ئەسلەپ، قاتتىق پۇشايمان قىلدىم! مەن تېخى ھېلىلا گرامماتىكا، تارىخ قاتارلىق دەرسلىكلىرىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ئېغىر كۆرۈپ، بىزار بولغانىدىم. ئەمدىلىكتە، بۇلار خۇددى قەدىناس دوستلىرىمدەك بۇلاردىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، خەنمەير ئەپەندىگىمۇ شۇنداق. ئۇ كېتىدىغان بولدى، ئۇنى يەنە قايتا كۆرەلمەيمەن! مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جازالىرىنى، پالاقتا يىگەن تاياقلىرىمنى ئۇنتۇدۇم.
      بىچارە ــ بايقۇش!
      ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى دەرسنى خاتىرلەش ئۈچۈن بايراملىق چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپتىكەن! بازاردىكى بوۋايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سىنىپقا كېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم. بۇ ماڭا ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپكە پات- پات كېلىپ تۇرمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندەك بولدى. ئۇلار گويا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مۇئەللىمىمىزنىڭ سەمىمىي- ساداقەتلىك بىلەن 40 نەچچە يىل ئىشلىگەن خىزمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىۋاتقاندەك، قولدىن كېتىش ئالدىدا تۇرغان زېمىنىمىزغا بولغان ئىززەت- ئېھتىرامىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
      مۇشۇلار خىيالىمدىن كېچىۋاتقاندا بىردىنلا مۇئەللىم مېنى چاقىرىپ قالدى. يادلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى. ئاھ خۇدا، ئەگەر قېيىنلىقتا داڭق چىقارغان پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ قوللىنىلىشىنى جاراڭلىق، ئېنىق ۋە قىلچە خاتاسىز ھالدا باشتىن- ئاخىر ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولسام، بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر قانداق نەرسىنى قۇربان بېرەتتىم، لېكىن باشتىلا بىر نەچچە سۆزنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇپ گاڭگىراپ قالدىم، مەن نائىلاج ئۇياقتىن- بۇياققا ئىرغاڭلاپ، كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇپ، بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمىدىم. خەنمەير ئەپەندىنىڭ ماڭا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:  
        ــ مەن سېنىمۇ ئەيبلىمەيمەن، شاكىچىك فرانىس، ئۆزۈڭمىغۇ خېلىلا بىئارام بولۇۋاتىسەن، شۇمۇ كۇپايە. ھەممەيلەن ھەر كۈنى: « ۋاي بولدىلا، ۋاقىت بارغۇ، ئەتە ئۆگەنسەممۇ كەچ ئەمەس» دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمدى نەتىجىمىزگە قاراپ باقايلىچۇ. ھەي، ئۆگىنىشنى دائىم ئەتىگە قالدۇرۇش ئىلزاسلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى. ئەمدى ھېلىقى ئەبلەخلەر بىزگە: « قانداق؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فرانسۇز دەيسىلەر، ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۇقمايسىلەر! ...» دېسە، ھەقلىق. بىراق، بىچارە شاكىچىك فرانىس، بۇ سېنىڭلا سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بىز ھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جايلىرىمىز بار.
      ــ سىلەرنىڭ ئاتا- ئاناڭلار ئۆگىنىشىڭلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى كىتابىڭلارنى تاشلاپ، ئېتىزغا، يىپ ئىگىرىش فابرىكىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ. مەنچۇ، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك جايلىرىم يوقمۇ؟ مەن سىلەرنى پات- پاتلا دەرسىڭلارنى تاشلاپ گۈللىرىمنى سۇغىرىشقا سالمىدىممۇ؟ مەن بېلىق تۇتۇشقا چىققان چاغدا، سىلەرنى بىراقلا بىر كۈن قويۇۋەتمىدىممۇ؟...
      ئارقىدىن، خەنمەير ئەپەندى ئۇ ئىش- بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، فرانسۇز تىلى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيىتتى: بىز ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ. ئۇ مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ، كىتابىنى ئېچىپ گرامماتىكىنى ئۆتتى. ئاجايىپ ئىش، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى تولۇق چۈشەندىم. ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ناھايىتى ئاسان، بەكمۇ ئاساندەك تۇيۇلدى. مەن ئۆزۈمنى دەرسنى ھېچقاچان مۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىغاندەك، ئۇمۇ ھېچقاچان مۇنچىلىك سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمىگەندەك ھېس قىلدىم. بۇ بىچارە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلىدىغان بەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بىزگە ئۆگىتىپ قويغۇسى، مېڭىمىزگە بىراقلا قۇيۇپ قويغۇسى كېلەتتى.
      گىرامماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، بىزگە خەت يېزىش مەشىقى دەرسىمۇ ئۆتۈلدى، شۇ كۈنى، خەنمەير ئەپەندى بىزگە يېڭى خۇش خەت ئۈلگىسى تارقىتىپ بەردى، ئۈلگىدە «فرانسىيە»، «ئىلزاس»، دېگەن چىرايلىق دۈگىلەك شەكىللىك خەتلار بار ئىدى. بۇ خەت ئۈلگىلىرى پاترىمىزنىڭ تۆمۈر دەستىسىگە ئېسىلغان بولۇپ، خۇددى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كىچىك بايراقلىرى سىنىپتا لەپىلدەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ھەممەيلەن شۇنچىلى دېققەت بىلەن بېرىلىپ خەت مەشىقى قىلاتتى، سىنىپ ئاجايىپ جىمجىتلىققا چۆككەن! قەلەمنىڭ قەغەز ئۈستىدە شىتىرلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. بەزىدە ئالتۇن قوڭغۇزلار ئۇچۇپ كىرسىمۇ، ئۇلارغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى، ئەڭ كىچىك بالىلارمۇ دېققىتىنى بۇزمايىتتى، ئۇلار تاياق سىزىقلارنىمۇ خۇددى بۇلار فرانسۇز خېتى ھېسابلىنىدىغاندەك ئىخلاس بىلەن زېھىن قويۇپ سىزاتتى. ئۆگزىدىكى كەپتەرلەر گۇ- گۇلاپ پەس ئاۋازدا سايرايتتى. «ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.  
      مەن ھەر قېتىم بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىساملا، خەنمەير ئەپەندىنىڭ ھامان ئورۇندۇقتا قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ، بۇ كىچىككىنە سىنىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆزى قىيماي، ئۇلارنى ئېلىپ كەتكۈسى كېلىۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشەتتى. 40 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل ھالا مەشەدە ياشىدى، دېرىزە سىرتىدا ئۇنىڭ كىچىككىنە ھويلىسى، كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئۇزۇن يىللار ئىشلىتىلگەن پارتا- ئورۇندۇقلار سۈركىلىپ پارقىراپ ۋە ئۇپراپ كەتكەن؛ ھويلىدىكى ياڭاق دەرىخى ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن پىچەك گۈلى بۈگۈنكى كۈلدە دېرىزىنى ئايلىنىپ ئۆگزىگىچە ياماشقانىدى. بىچارە ئادەم مانا مۇشۇلارنىدا ئويلىغاندا، ئەمدى مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغاندا قانداقمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈك- تاقىلارنى يىغۇشتۇرىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى! ئۇلار ئەتە بۇ يەردىن مەڭگۈگە ئايرىلاتتى.
لېكىن، ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەرسلەرنى ئاخىرىغىچە ئۆتۈپ بولۇشقا چىدايدىغان غەيرىتى بار ئىدى. خەت مەشىقى دەرسى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر سائەت تارىخ ئۆتتى. ئارقىدىن باشلانغۇچ سىنپلارغا «با، بې، بى، بو، بۇ» بوغۇملىرىنى قوشۇپ ئوقۇشنىمۇ ئۆگەتتى. سىنپنىڭ ئارقا قاتارىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان خاۋسۇ بوۋاي كۆزەينىكىنى تاقاپ، ئىككى قولىدۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش كىتابىنى تۇتۇپ، بۇ ھەرپلەرنى ئۇلارغا ئەگىشىپ قوشۇپ ئوقۇيتتى. ئۇ ھاياجانلانغانلىقتىن ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقاتتى. ئۇنىڭ غەلىتە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھەم كۈلگىمىز كېلەتتى، ھەم كۆڭلىمىز يېرىم بولاتتى. ئاھ! بۇ ئاخىرقى دەرسنى مەن ھەقىقەتەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن!
      بىردىندا چىركاۋنىڭ سائىتى 12 قېتىم سوقتى، ئىبادەت قىلىش ۋاقتىنىڭ قوڭغۇرىقىمۇ جاراڭلىدى. تاشقىرىدىن پىرۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كاناي ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى ــ ئۇلار مەشىقتىن چۈشكەنىدى. خەنمەير ئەپەندى ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۇ ماڭا ھېچقاچان مۇنداق بەستلىك- گىگانت كۆرۈنمىگەنىدى.
      ــ مېنىڭ دوستلىرىم،- دېدى ئۇ،- مەن... مەن... ،- لېكىن ئۇ دېمى سىقىلىپ سۆزلىيەلمەي قالدى.  
      ئۇ بۇرۇلۇپ قارا تاختىغا قاراپ، قولىغا بور ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن چوڭ- چوڭ قىلىپ:
      ــ ياشىسۇن فرانسىيە! ــ دېگەن خەتلەرنى يازدى.  
      شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېشىنى تامغا يۆلەپ، شۇ جايىدا تۇرۇپ قالدى، لام- جىم دېمەي، بىزگە قول ئىشارىسىلا قىلدى:  
      ــ دەرس تۈگىدى، سىلەر قايتىڭلار!
[ بۇ يازما bendora تەرپىدىن2009-02-17 04:11 PMدە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ay-turan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-17, 07:58
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+40(gvzal3.8) ياخشى ماقالە.
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-17 02:58 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    est
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35639
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 154 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

          سىزگە كۆپتىن كۆپتىن كۆپتىن كۆپ رەھمەت .بىر ئوقۇيمەن دەپ ئوقۇيالماي يۈرگەنىدىم.باشلانغۇچ ۋاقتىمىزدا ئوقۇغانغۇ دەيمەن ،يېقىندىن بۇيان مۇشۇ ئەسەرنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئاخىر ئوقۇۋالدىم.

    <دۆلىتى مۇنقەرىز بولۇپ ،قۇل قىلىنغان خەلىق ئۆزلىرىنىڭ  ئانا تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا ،تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ.>

       مۇشۇ جۈملىسى ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغان.بولسا ھەممەيلەن بىردەك ئۇيۇشۇپ مۇشۇ ئاچقۇچ بولغان ئۇيغۇر تىلىمىزنى  قوغدىساق.  
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 04:43 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    سىرلار
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35998
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 175
    شۆھرەت: 205 نۇمۇر
    پۇل: 625 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بۇ تىمىنى ئوقۇپ، كۈڭلۈم بەك يېرىم بولدى. لېكىن، ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار دەپ ، ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا تىرىشىمىز.
    تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 05:32 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    Oyghan
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2091
    شۆھرەت: 340 نۇمۇر
    پۇل: 1417 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    Bendora مۇ تىما يوللايدىكەن ھە.
    Okyan
    Thee do we worship, and Thine aid we seek.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 06:11 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    yawagul0997
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 363 نۇمۇر
    پۇل: 1272 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1336(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بۇ  ھىكايىنى باشلانغۇچ  مەكتەپتە  تىل-ئەدەبىيات  دەرسلىكىمىزدە  ئوقۇغان،  
    بەلكىم  كىچىكلىكىمىزدە  ھىكايىدىكى  چوڭقۇر  مەنالارنى  ھېس  قىلىپ 
     يېتەلمىگەن  بولساق  كېرەك،  ھازىر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە  باشقىچە  تەسىر 
    قىلىدىكەن.
    [ بۇ يازما yawagul0997 تەرپىدىن2009-02-17 06:52 PMدە ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 06:38 PM |
    Yurtum Elani
    bendora
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 30756
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 448
    شۆھرەت: 463 نۇمۇر
    پۇل: 1428 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1350(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىyawagul0997نىڭ2009-02-17 06:38 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    بۇ  ھىكايىنى  باشلانغۇچ  مەكتەپتە  تىل-ئەدەبىيات  دەرسلىكىمىزدە  ئوقۇغان،  بەلكىم  كىچىكلىكىمىزدە  ھىكايىدىكى  چوڭقۇر  مەنالارنى  ھېس  قىلىپ  يېتەلمىگەن  بولساق  كېرەك، ھازىر  ھەقىقەتەنمۇ  ئادەمگە  باشقىچە  تەسىر  قىلىدىكەن.

    ھەممىڭلار باشلانغۇچ دەيسىلەر،تولۇقسىزدا ئوقۇغانمىز؟مەنمۇ كىچىكلىكتە چۈشەنمەپتىكەنمەن، بۈگۈن فرانسۇزچىسىنى قولۇمغا ئېلىپ تاس قالدىم يىغلىۋەتكىلى،كومپىيۇتېرنى ئېچىپلا بىرىنجى بولۇپ مۇشۇ تېمىنى يوللاشنى ئويلۇدۇم.
    ئويغانجان،مەن تېما يوللىسام مۇنبەر پاخال بولۇپ كېتەرمىكى دەپ ئەنسىرەيمەن،شۇڭا ئىنكاسلا يوللايتىم،بۈگۈن ئالاھىدە ئىش بولۇپ قالدى.....
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 06:42 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    yawagul0997
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 363 نۇمۇر
    پۇل: 1272 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1336(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    شۇنداقمۇ؟  باشلانغۇچ  مەكتەپنىڭ  يۇقىرى  يىللىقىدا  ئوقۇغاندەك  ئېسىمدە.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 06:56 PM |
    Yurtum Elani
    saba520
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35679
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 51 نۇمۇر
    پۇل: 177 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    1   ئابدۇبەسىر  مۇئەللىم بۇ مۇشۇ دەر ئىستىدە توختىلىپ بىزنى يىغلىتىۋەتكەن ئىدى.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 07:19 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    bendora
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 30756
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 448
    شۆھرەت: 463 نۇمۇر
    پۇل: 1428 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1350(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    قوش تىل مائارىپى رەسمىي يولغا قويۇلغاندا،بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئانا تىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى دەرسنى قانداق ئۆتكەن بولغىيتى؟
    ئېرەنسىزلىك؟
    خوشاللىق؟
    ۋە ياكى ئەلەم؟
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 07:51 PM |
    Yurtum Elani
    sirajil
    تۈندە پەقەت ئاي ماڭا ھەمراھ...
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3889
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1252
    شۆھرەت: 1737 نۇمۇر
    پۇل: 11714 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 294(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بۇ ئەسەرنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىكى ئىكەنلىكى ئېنىق...
    باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغىنىڭلار قىززىقتە...
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئېسىڭدىمۇ ئېيتچۇ سەن تۇغۇلغاندا،
    ھەممە كۈلگەنىكەن،سەن يىغلىغان.
    شۇنداق ياشىغىنكى كېتەر چېغىڭدا،
    ھەممەيلەن يىغلىسۇن،سەن ماڭغىن خەندان.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 08:11 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    arkaksu66
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20449
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 237
    شۆھرەت: 372 نۇمۇر
    پۇل: 1636 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1012(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    مەن ھەر قېتىم مۇشۇ ھېكايىنى ئۆتكەن چېغىمدا شۇنداق ياخشى تەييارلىق قىلىمەن-يۇ ، لېكىن دەرسنى نىمىشقىدۇر  كۆڭلۈمدىكىدەك سۆزلىيەلمىگەن تۇيغۇدا سىنىپتىن چىقىمەن.
       ساددا، غەمسىز،سەبىي ، ئويۇن خۇمار بالىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك،ئانا تىلىغا بولغان پارتلاش خاراكتىرلىك چەكسىز ھۆرمەت ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالىدۇ.
       دائۇدېت ئەشۇ يىللاردىكى فىرانسىيە خەلقىنىڭ مۇنقەرزلىككە بولغان غەزىپى ئارقىلىق يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىددىيىسىنى ئىپادىلەپ، ھىكايە سەنئىتىدە نەمۇنە خاراكتىرلىك ئۈلگە ياراتقان بۇ ئەسەر ئارقىلىق ۋەتەننى، ۋەتەن تىلىنى سۆيۈشنىڭ سىگنالىنى ياڭرىتىدۇ.
    بىز ئەسەردىكى« خەنمەير ئەپەندى مۇلايىملىق ۋە جىددىيلىك بىلەن بىزگە:
    ــــ بالىلىرىم، بۇ سىلەرگە ئۆتۈۋاتقان ئاخىرقى دەرسىم.... بۈگۈن سىلەرگە ئاخىرقى دەرسىمنى ئۆتىمەن...سىلەرنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈممىد قىلىمەن...» دىگەن جۈلىلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق خەنمەير ئەپەندىنىڭ مۇلايىملىقىغا ۋەتىنىگە، قېرىنداشلىرىغا، ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان چەكسىز مېھرى-مۇھببەتنىڭ سىڭگەنلىكىنى،جىددىيلىكىگە بولسا مۇنقەرزلىككە بولغان غەزەپ-نەپرەتنىڭ سىڭگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. ...
        بۇنداق مىساللار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. فىرانىسنىڭ ئىددىيىۋىي ھالىتى ، خەنمەير ئەپەندىنىڭ روھىي ھالىتى، بازاردىكىلەرنىڭ جىددىيلىكى، ئەسەردىكى ھەر خىل مۇھىت تەسۋىرلىرىمۇ كىشى ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدۇ.
      « فىرانزۇس تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا،دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل»  مانا بۇ خەنمەير ئەپەندىنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بەرگەن باھاسى، مەدھىيىسى، شۇنداقلا  ۋەتەنگە، ئانا تىلغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى. ئۇ ئاخىرقى دەرسنى چەكسىز مەغلۇبىيەت ،ئازاپ ئىلكىدە تاماملايدۇ. لېكىن ئوقۇغۇچىلىرىغا، ۋەتەننىڭ مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلىشىغا بولغان  ئۈممىد باشتىن ئاخىر يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ.
    ئۇ شۇنداق دەيدۇ: « دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ ، ئۆزى قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ!!!»
    بۇ ئوخشىتىشنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر.تۈرمە ــ پىروسىيىنىڭ فىرانسىيەخەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقى ۋە قامال قىلىشىغا،ئاچقۇچ فىرانسۇز تىلىغا ئوخشىتىلغان. تۈرمە ئادەملەرنى ھۈرلۈكتىن مەھرۇم قىلىپ، خالىغانچە تالان تاراج قىلىدۇ.
    مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتقىنىمدا مۇنبەر  باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەزالىرىدىكى ئىملا خاتالىقىغا يول قويۇش ياكى دىققەت قىلماسلىق، ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلەرگە زەھەردەك ئاچچىق تېگىش... تەك   ئەھۋاللار كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدى. چۈنكى دىيارىم مۇنبىرى خەلقئارالىق مۇنبەر . ئۇنىڭدىكى يوللانمىلارنى ، تېمىلارنى خەلقئارادىكى  ھەممە ئادەم كۆرىشى مۈمكىن. تىل مىللەتنىڭ بەلگىسى ۋە سىمىۋولى. ئۇ خەلقنىڭ ئىددىيىسىنى باغلايدىغان رىشتە.ئۇ خەلققە ۋەتىنىنى ئۇنتۇلدۇرمايدۇ. تىل ـــ مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى. تىل بولمايدىكەن مىللەتمۇ، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىمۇ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگۈسىمۇ مەۋجۇد بولمايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئۆز تىلىمىزنى، يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلىشىمىز ، قەدىرلىشىمىز كېرەك ،ئەلۋەتتە.
    توغرا ھەممە ئادەم  بۇ جەھەتتە خاتالىشىپ قېلىشى مۈمكىن، لېكىن خاتالىشىشنىڭمۇ چېكى، سەۋەبى، يولى بولىدۇ-دە. ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمىزنى، تىلىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلمىساق بىر ئادەم كېلىپ:« ماۋۇ سېنىڭ يېزىقىڭ، ماۋۇ سېنىڭ تىلىڭ،بۇنى سەن مۇنداق، مۇنداق قىلىپ قەدىرلىشىڭ كېرەك ، مۇنداق قىلغان بولساڭ قەدىرلىگەن بولاتتىڭ... سەن مۇنداق مۇنداق قىلىپ ئۆز تىلىڭغا ھاقارەت قىلىۋاتىسەن ... »دەپ كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ .
       ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك ئەسەردىكى خەنمەير ئەپەندى بىلەن فىرانسنىڭ روھىي ھالىتى، ئىددىيىسى ... دىكى ئۆزگىرىشلەر  ھەر بىرىمىزنىڭ سەگەكلىك بىلەن  ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 09:45 PM |
    Yurtum Elani
    arkaksu66
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20449
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 237
    شۆھرەت: 372 نۇمۇر
    پۇل: 1636 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1012(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بۇ دەرس ھەممەيلەنگە شۇنداق قاتتىق تەسىر قىپتۇ-يۇ، قاچان، قايسى يىللىقتا ئوقۇغىنى ئېسىدە يوقكەن...
    ئەپسۇسسسسسس
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 10:01 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kara_turk
    نۇمۇسچان ھۈجەيرىلىرىمىز ئۆلدىم
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34475
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 604
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    پۇل: 2284 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 67 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    بىزنىڭ بەزى ئوقۇتقىچىلىرىمىز بىزگە قاراپ قايغۇرغان ھالدا:«سىلەر ئەڭ ئاخىرقى دەرس»دېگەن ھېكايىنى ئوقۇغانمۇ ؟ ۋاقتىڭلار چىقسا ئوقۇپ قويۇڭلار.      ھامىنى بىر كۈنى شۇنىڭ قەدرىگە يېتىسلەر، ئۇ ۋاقىتتا ئېنتايىن كېچىككەن بولسىلەر~!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 10:02 PM |
    Yurtum Elani
    tabassum1971
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36635
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 123 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بۇ  تولۇقسىزنڭ دەرسى ، ئىلگىرى ئانچە چوڭقۇر  چۇشەنمەپتىكەنمەن.ھەر  قانداق  مىللەت  ئۈچۈن ئانا  تىل مۇھىم.بىز  ئۈچۈن تېخىمۇ .....
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-18 12:59 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.089775(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:41
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号