چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 1093 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئەمدى تىنىش بەلگىلىرىنى خاتا ئىشلىتىپ قېلىشتىن قورقماڭ! پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

muallip
مەن كىم؟
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 39518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 607
شۆھرەت: 775 نۇمۇر
پۇل: 2332 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 959(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 ئەمدى تىنىش بەلگىلىرىنى خاتا ئىشلىتىپ قېلىشتىن قورقماڭ!

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما MuzTagh تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-02-17)
تىل-يېزىقىمىزنى توغرا ئىشلىتىش ھەر  بىرىمىز ئۈچۈن بۇيرۇق!





    دوستلار، بەزى چاغلاردا سۆز- جۈملىلىرىمىزدە قايسى خىل تىنىش بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەي قالىدىغان  ئەھۋاللارغىمۇ يولۇقۇپ قالىمىز. مۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىپ، پىكرىڭلارنى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ياردىمىدە راۋان ئىپادىلەشنى  خالامسىلەر؟ ئۇنداقتا مۇئەللىپنىڭ« خەلقئارا  ئانا تىل كۈنى»كېلىش ئالدىدا سىزلەر ئۈچۈن تەييارلىغان بايراملىق سوۋغىسىغا مەرھەمەت قىلىڭ!

     تىنىش بەلگىلىرى دېگەن نىمە؟  
     ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،ئوي –پىكىرنى توغرا ،تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا ،يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر تىنىش بەلگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
     تىنىش بەلگىلىرىنىڭ يازما نۇتۇقتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ،ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى تۆۋەندىكىچە:

    1. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى .
     1. چېكىت (.)   2. سۇئال بەلگىسى (؟)   3.ئۈندەش بەلگىسى (!)  4.چېكىتلىك پەش(؛)  5.تىرناق (( )) (6) پەش (،)  7. قوش تىرناق («»)  8.يالاڭ تىرناق (‹›)   9. سىزىقچە (-)  10. سىزىق (ــ)   11. قوش چېكىت (:)   12.كۆپ چېكىت (.....)

   2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى.

   1.چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   بۇ بەلگە ئوي-پىكىرنىڭ بايان تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۆۋەندىكىچە قويۇلىدۇ.
   (1) بايان جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.  مەسىلەن: 
   گۈزەل خانىم بەك ئەستايىدىل.
   تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇم.
   (2)بۇيرۇق ۋە ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
   يۇقىرىغا ئۆتۈڭ .
   ئۆيگە ۋاقتىدا كېتەي.
   كىچىك بالا بولغاندىن كېيىن ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىپ كەتمەڭ.
   (3) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
   «1.»، «2.»، «3.»…
   (4)قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
   ز.قادىر
   ت.ئالماس 
   ئا.ئۆتكۈر
   (5)يىل ،ئاي ،كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
   1918.10.01 
   1987.02.27
   (6)ئونلۇق كەسردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسر سان ئارىسىغا ،سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
   1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)
   سائەت 8.00(سائەت سەككىز)

   2.سۇئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى.
   بۇ ئوي-پىكىرنىڭ سوراق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:
   (1) ھەر خىل سۇئالدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
   نېمە ئىش يۈز بەردى؟
   مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
   (2)كەينى–كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سۇئاللارنىڭ كەينىدىكىسىگە قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
   بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ-ئۇقمامدۇ؟
   سىز زادى دىيارىم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسىمۇ-ئەمەسمۇ؟
   (3)جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان، ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
   سەلەي چاققان (؟-1905)ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.
   (4)ئۈندەش ۋە سۇئال تەرىزىدە ئېيتىلغان جۈملىلەردە ئاۋال سۇئال بەلگىسى، ئاندىن ئۈندەش  بەلگىسى قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
   شەرۋان : ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ ؟!
   نېمە دېگەن تۈگىمىگەن ئۇزۇن ناخشا بۇ؟!

  3.ئۈندەش بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   بۇ بەلگە ئوي-پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەرنىڭ ئارقىسىغا قويۇلىدۇ.  ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە.
   (1)ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
   سىرداشىم، ئەسىرىڭىزنىڭ يېزىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ! (بۇيرۇق) 
   ياشىسۇن ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلار!(ئۈندەش) 
   دىيارىم ئەھلى ! ئاڭلىمىدىم، ئىشتمىدىم دېمەڭلار ! ھەر بىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن!(ئۈندەش ،بۇيرۇق) 
   (2) ئۈندەش ئاھاڭىدا  ئېيتىلغان ئىملىق سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن  كېيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
   توۋا ! سەن ئاتاماننىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ!
   نىگار ! ئاللاھقا ئامانەت .
   تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سۇئال ،ئۈندەش بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى بولمايدۇ.

  4.چېكىتلىك پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
   تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتا رولى پەشكە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسىدۇر.
تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىر قانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەندە بولسا ،ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
   ــ شاھىم، ئاي بىلەن كۈننىڭ ئۆلگىنى ئېڭىشىپ تاغ كەينىگە پاتقىنى ؛يەرنىڭ ئۆلگىنى قار ئاستىدا قالغىنى (ياتقىنى)؛سۇنىڭ ئۆلگىنى مۇز ئاستىدا قاتقىنى ،ــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . 
   ھاياتلىق بولمىسا ،ئۆلۈم بولمايدۇ؛ ئۆلۈم بولمىسا، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ.

   5.پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ،تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى، ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە :
   (1)جۈملە ئىچىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەش قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
   ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى ،تال-تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى ،چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ ،چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ياراشقان ئىدى.
   تاغلار ،باغلار ،دالالار...قىسقىسى بارچە ياپيىشىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
   (2)مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
   مېڭىۋەردىم ،كەينىمدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋەردى ،بۇرۇلۇپ قارىسام ،ھېلىقى چەتئەللىكلەردىن بىرى كېلىۋېتىپتۇ.
   (3)جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنى (قاراتما سۆز،قىستۇرما سۆز ۋە ئايرىم ئىملىق سۆز)جۈملىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
   ئۇنىڭدىن باشقا ،رەيھاننىڭ يەنە ئۆزىگە خاس بەزىبىر سىرلىرىمۇ بار ئىدى.
   بەختكە يارىشا، شۇكۈنى كەچقۇرۇن تۆمۈر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى .
   (4) جۈملىدە يېزىق بىلەن كەلگەن سانلاردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
   قايتىپ كېلىدىغانلا بولساڭ ،بىرىنچىدىن ،ئەمدى ئۇنى قايتا كۆرەلمەيسەن ،ئىككىنچىدىن ،...

   6. يالاڭ تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى. جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى  ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
   ــ ۋاي قوۋۇرغامەي،«چىراغپايدا چاي ئىچكەن ‹چېچەن›نى كۆردۈم» دېگەندەك ،ئەمدى كىتابلاردىن قۇسۇر قۇسۇر تاپقىلى تۇردۇڭمۇ ؟ئۇقۇپ قوي ئاشكار ،ئۇ دېگەن پەن ،دېدى كۈنقىز.

   7.قوش تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە.ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا نىسبەتەن چوڭ. جۈملىدە كەلگەن بارلىق بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر ،جۈملىدىن  كىتاب،گېزىت –ژۇرنال ناملىرى ،ماۋزۇ قاتارلىقلار  قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەكسى مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرمۇ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.مەسىلەن:
    ئايجاھان «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ. 
    قادىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى،شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئوۋچى» دەپ ئىسىم قويىۋالغان ئىدى. 
    «غالىبىيەت» كوچىسى .
    سېنىڭ «ئەقىللىق» قىزىڭ تاپقان پالاكەت بۇ.

   8.تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
    ئىزاھ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە تىرناق دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ .
   (1) جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش ،ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ .مەسىلەن :
   بىز دىيارىم  تور سىنىپىنىڭ (ھابابام سىنىپى)ئوقۇغۇچىسى . 
   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى  (نۇر بەكرى )يىغىندا سۆز قىلدى.
   (2)سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ھەركىتى  ،كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ . مەسىلەن :
   نۇرۇم: (غەزەپ بىلەن) ئادەم سۈرەتلىك بۆرىلەر! (غۇنچەمنىڭ چېچىنى سىلاپ) جېنىم تېنىمدە بولسا، مەن سىزنى بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئالدىدا خار قىلمايمەن .
   (3) نەقىل كەلتۈرگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە، ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
ژېننى ئامېرىكىدىكى بىر دوستىغا يازغان خېتىدە :«سوتنىڭ ئىككى ئىجراچىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ ،ئۆي جاھازلىرى، كارىۋات ياپقۇچ، كىيىم –كېچەك ۋە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى ...» (ئېلى راھىت :«شىنجاڭ گېزىتى»دىن) دەپ يازغان .

   9.سىزىقچە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسى سىزىقچە دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ .مەسىلەن:
  1)جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلانمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.مەسىلەن :
   دەپتەر-قەلەم ،بۈگۈن-ئەتە ،قىش –ياز
   بۇ نېمىدىگەن  ئەخمەق كىشى –ھە؟
   (2) سۆزلەر قۇردىن قۇرغا بوغۇم ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە، ئايرىلغان بوغۇمدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
   پرولې-    
 تارىيات
   ۋەتىنىمىز-
  دىكى
   (3) رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن تەرتىپ سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
   بىز 28-بىنادا تۇرىمىز.
   كۇرس مۇددىتى 12-ئايغىچە .
   (4) پېئىللارنىڭ ئۆزەك شەكىللىرىدىن كېيىن  سىزىقچە قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
ئولتۇر-،ماڭ-،كەت-،تۇر-يۈر-
   (5)سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئالدىغا  ،سۆز  ئالدى قوشۇمچىلىرىنىڭ  كەينىگە قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
   - ىچى ،-ىش ،-ۈش،-نىڭ ...
   بى -،نا-،بەت-،دەر-...

   10. سىزىق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   (1) ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى  دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ؛ ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ . ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
   ــ نىگار، بۈگۈن سېنى ھايۋانات  باغچىسىغا ئېلىپ باراي، دېدى ئۇ خۇش كەيىپ ھالدا، قىزى بېشىنى چايقاپ :
   ــ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولالمىدىم .
   ــ تۈنۈگۈن يېزىپ بولغانتىڭغۇ؟
   ــ ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئىدى، بۈگۈنكىسى سىنىپ باشلىقى  سراجىلنىڭ .
   (2) زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ( ياكى ساننىڭ) ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
   لەنجۇ ـــ شىنجاڭ تۆمۈر يولى .
   1990ــ 1995-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
بۇنداق كەلگەن سىزىق (ــ) «ۋە» ياكى «ھەم» مەنىلىرىنى ياكى «دىن» ،«-غىچە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. 
   (3) جۈملىدە بىرخىل مەنىدە كەلگەن (بىر خىل گرامماتىك شەكىلدە كەلگەن )ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
   تەنھەرىكەت  مۇسابىقىسىدە ھەرخىل پائالىيەتلەر ــــ يۈگۈرۈش ،سەكرەش ،گىمناستىكا ،پۇتبول ،ۋالىبول قاتارلىقلار بار .

   11. قوش چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   ئاساسەن بايان بەلگىسى قوش چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ .
   ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ :
   (1) مۇستەقىل سىنتاكسىسىلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ، شەرھلەپ  كەلسە، ئالدىنىقى قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن : 
   بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە :
   1.ئەلانۇر
   2.ھۆرىيەت
   3.ئەكبەر
.....
   (2) ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
   ھۆرمەتلىك گۈزەل ھەدە:
   ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە :
   بۇنداق قاراتما سۆزلەر كۆپىنچە خەت –ئالاقىدە، تەكلىپ قەغەزلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
   (3) سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇنداق قوش چېكىت يەنىلا بايان مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
   مۇئەللىم : ئۆتكەن دەرسلەرنى ئوقۇپ كەلدىڭلارمۇ ؟
   (4) بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ  ئالدىدا كەلگەن «مەسىلەن» سۆزىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
   بۈگۈن ھەممە ئادەم شادلىققا تولىدىغان بىر كۈن بولدى .
   (5) تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلەردىن كېيىن كەلگەن جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا ،ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىغان ھالدىمۇ ،قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا، مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
   ئەتراپىغا قاراپ :
   ــ مەن بۇ يەردىن كېتىمەن ،مەن بۇ يەردىن كېتىمەن ! دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى .
   (6) ئاپتورنىڭ ئىسىم- فامىلىسى بىلەن  ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە ،ئاپتورنىڭ ئىسىم فامىلىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
   مۇپاسسان :«مارجان»
   زوردۇن سابىر :« ئارچا ياپرىقى » 
   ئا.ئۆتكۈر : «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»

   12.كۆپ چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
   قىسقارتىش بەلگىسى كۆپ چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ . مەسىلەن :
   (1) جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا ،نوتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
   مەن نەگە بارىمەن ،نىمە ئىش قىلىمەن ؟! ... 
   ... «تەڭرى» ،«يوق نەرسە»، «نۆل» دېگەندەك غەلىتە گەپلەرنى قىلدى . 
    سىز تارتىنماڭ، تېزدىن ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ!...
   (2) نوتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ –ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياكى قورقۇش، دۇدۇقلاش، جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ .مەسىلەن :
   سەن ... سەن ...بۇ يەردىن تېز كەت ...ئىش چاتاق ... 
   نې... مە دەپ يۈرىسەن ؟ ۋاي ئەخمەق!
   كۆر...دۈڭلار...مۇ،گې...  زىتكە بېسىپتۇ .
   ئې...ىسمدە قالماپتۇ.
...
مەنبە : مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى  ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتى دوتسېنتى زەينەپ نىياز خانىم تۈزۈپ چىققان «ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر تىلىدىن ئومۇمىي ساۋات» ـــــ فونېتىكا ۋە سىنتاكسىس قىسىمى .
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-02-17 19:03دە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-16, 17:35
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(Yulduzay) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • شۆھرەت:+30(atabora) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • پۇل:+10(totem)
  • شۆھرەت:+10(kunahun) بارىكاللا !
  • شۆھرەت:+20(Hush_Puraq) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    لائىلاھە ئىللەللاھۇ ،مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-17 12:12 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    nabimijit
    نىمىشقا؟؟؟
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32285
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 321
    شۆھرەت: 331 نۇمۇر
    پۇل: 1162 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1088(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ناھايتتىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.
    رەھمەت سىزگە
    خۇدايىم ساقلىسۇن ما تىمىغا ئىنكاس يازغاندا تىنىچ بەلگىسىنى خاتا قويۇشتىن...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 01:42 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1675
    شۆھرەت: 2385 نۇمۇر
    پۇل: 10041 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1737(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

       ئەجرىڭىزگە رەھمەت سىڭلىم. مۇشۇ تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولىنى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى، مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا ئۆگەنگەن بولساقمۇ، لېكىن، كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جايىغا ئىشلىتەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇۋاتقان ئىدى. سىزنىڭ ئەجرىڭىزدە بۇ مەسىلىلەرمۇ ئاخىرلىشىدىغان بولدى.
       تورداشلارنىڭ بۇ تېمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شۇ ئارقىلىق دېمەكچى بولغان ئوي-پىكرىمىزنى ئانا تىل-يېزىقىمىزدا ئېنىق، چۈشىنىشلىك، راۋان قىلىپ ئىپادىلەشكە دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
       ئەجرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    سىز نېمە ئۈچۈن، ۋەدە قىلىشقا بەك ئامراق؟!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 01:46 AM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    Oyghan
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2091
    شۆھرەت: 340 نۇمۇر
    پۇل: 1417 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    مەن ساقلىۋىلىپ  قاتتىق ياد ئىلۋىتەي ما گەپلەرنى........
    Okyan
    Thee do we worship, and Thine aid we seek.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 03:05 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    rana0031
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35399
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 292
    شۆھرەت: 292 نۇمۇر
    پۇل: 939 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 310(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    مەنمۇ ساقلىۋالدىم.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 04:42 AM |
    Yurtum Elani
    adil-ahtam
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18907
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 65
    شۆھرەت: 123 نۇمۇر
    پۇل: 765 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش - ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى .
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 05:50 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    mug0903
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34901
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 160
    شۆھرەت: 190 نۇمۇر
    پۇل: 1227 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 883(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    نادىرلاشقا تىگىشلىك ئېسىل تىمىكەن ، تىنىش بەلگىلىرىنى ئىلگىرىكى كونا كىتاپلاردىن تېپىپ ياخشى ئۈگىنىۋالمىساق ، ھازىر ئۇيغۇرتىلىنى يوقىتىۋەتتى -پۈتۈن دەرسلىكتىن.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 09:29 AM |
    Yurtum Elani
    ئاھۇ
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29693
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 460
    شۆھرەت: 530 نۇمۇر
    پۇل: 555 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1048(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز.گۈزەل ئىككىڭلاردىن بەكلا تەسىرلەندىم ھەم مىننەتدار بولدۇم.بۇ تېمىڭىزنى كۆرىۋېتىپ خۇددى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئاڭلاۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم:
    سىنىپ ئىچى جىمجىت،دەرىزىدىن قۇياش نۇرلىرى چۈشۈپ تۇرىدۇ،ئوقۇتقۇچىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى جاراڭلىماقتا:
    ـــ ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىش-ھەركىتىنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەرنى... ... ...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 10:40 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    zulpiya5.31
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25575
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 89
    شۆھرەت: 94 نۇمۇر
    پۇل: 447 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 435(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

           بولۇپمۇ ھازىرقىدەك «قوش تىل» لىق مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز-ھەرپلەرنى  ۋە تىنىش بەلگىلىرىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتقانلار ئۈچۈن  ناھايىتى ياخشى بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولغىدەك. بىز مەكتەپتە ئوقۇغاندا «گرامماتىكا» (ئۇيغۇر تىلى)  دېگەن مەخسۇس بىر كىتاب بار ئىدى. ئەسلى بىلسە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ناھايىتى مۇككەممەل بىر پەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ جېنى ئىدى. ھازىر گرامماتىكا ئەمەس، ئەدەبىيات دەرسلىكىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا ئۆتۈلىدىغان بولۇپ قالدى. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى نېمە بولار - ھە ؟ ؟ ؟ ! ! !
           گۈزەل ئىككىڭلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دىيارىم مۇنبىرى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولدى.           تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە مىڭلارچە تەشەككۇر ! ! !

        
    [ بۇ يازما zulpiya5.31 تەرپىدىن2009-02-17 10:46 AMدە ]
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 10:40 AM |
    Yurtum Elani
    emran0908
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 8507
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1596
    شۆھرەت: 492 نۇمۇر
    پۇل: 3255 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    (تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش پەرز) بۇ قانداق گەپ؟ ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسڭىز،،، <<پەرز>> دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئۆزچۈشەنچىڭىز بويىچە بىر بايان قىلىپ باقسىڭىز......
    جاۋابىڭىزغا تەشنا مەن....
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 11:20 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    orhun36
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 30152
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1028
    شۆھرەت: 1265 نۇمۇر
    پۇل: 3501 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1798(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    رەخمەت سىزگە مۇئەللەپ . بۇ ماڭا ئىنتايىن كىرەك ئىدى ، گۈزەل ھەدەمنىڭ تىمىسىدىمۇ مۇشۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم ، بۈگۈن مۇنبەردە كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم ، مەن بۇنى ساقلىۋىلىپ ياخشى ئۈگۈنىمەن .
    ئەسلى مەن سىزنى دوستۇم دەپ چاقىراي دېگەن ئىدىم ،بولدى ئەمدى ئۇستاز   دەپ چاقىراي .

    ھە راس تورداشلار ،ماڭا بىر يارىدەم قىلساڭلار .
    مىنىڭ كومپىيۇتىرىمنىڭ خەتلىرى ئۇششاق چىقىدىغان بولىۋالدى ، ئادەتتىكىدەك يازسسام شۇ پىتى چىقىدۇ ، ئەمما خەتنى چوڭايتسام قانچە چوڭايتقانسىرى شۇنچە كىچىك چىقىدۇ. باشقىلىرنىڭمۇ چوڭايتىپ يوللىغان تىمىلىرى مىنىڭكىدە ئۇششاق چىقىدۇ . مەن بۇنى قەيەردىن ئوڭشاشنى بىلەلمىدىم ،قارغۇلارچە بىر يەرلىرىنى بىسىپ باقاي دىسەم باشقا يەرلىرىنى بۇزۇپ قويماي دېدىم ، شۇڭا بىلىدىغانلار ئوماق ئۇكاڭلارغا بىر يارىدەم قىلىپ ئىيتىپ بەرسەڭلار كەمىنە ئورخۇن بۇ ياخشىلىقىڭلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمايمەن .

    يۇقارقى ئىنكاسىمغا پەش، چىكىتنى جايىغا قويغاندىمەن ھە !
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    يۈز يىل دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ تىمساق بىلەن دوس بولالمايسەن .
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 12:11 PM |
    Yurtum Elani
    沙漠花
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 436
    شۆھرەت: 436 نۇمۇر
    پۇل: 1394 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 416(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    رەھمەت جاپا چىكىپسىز
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۈزىنى جازالاشتۇر
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 12:13 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    atirgul627
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1287
    شۆھرەت: 1529 نۇمۇر
    پۇل: 5090 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 250(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

      ئەھمىيەتلىك تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.مەنمۇ ساقلىۋالدىم.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 12:15 PM |
    Yurtum Elani
    ayjahan
    يۈرۈگۈم سەن ئۈچۈنلا سوقىدۇ!...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1100
    شۆھرەت: 1324 نۇمۇر
    پۇل: 710 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    تىنىش بەلگىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ.بىر پەش ياكى بىر چىكىت پۈتۈن جۈملىنىڭ مەنىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.خۇددى ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئۆگەنگەندەك«ئوغلۇم ياخشى ئوقى داداڭغا ئوخشاش،ئىشەك بولما»
    «ئوغلۇم ياخشى ئۇقى،داداڭغا ئوخشاش ئىشەك بولما»
    بۇ ھېكايىنى مىنىڭچە ھەممەيلەن ياخشى بىلىدىغۇ ،دەيمەن.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئىچىملىك- ئاغزىغا كەلگەن گەپنى چىقىرۋەتمەي يۇتىۋېتىشتۇر!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 01:11 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    gulfira7
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31992
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 65
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    پۇل: 295 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ، ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى !
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 01:15 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻢ - ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻢ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.087297(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:22
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号