مىكرو ئوزوقلۇق ئېلىمىنت ئوغۇتىنىڭ ئىشلىتىلىش
ئۇسۇلى ھەققىدە
بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئوسۇملۇكلەرگە زورۇر بولغان ئوزوقلۇقلارنىڭ قايسى خىل ئوزوقلۇق ئېلىمىنتلار ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ،شۇنىڭدىمۇ تور زىيارەت قىلغۇچىلارغا قىسقىچە چۇشەندۇرۇپ ئوتۇشكە توغرا كىلىدۇ.
ئوسۇملۇكلەرنىڭ ئوسۇپ يىتىلىشىدە زورۇر بولغان ئوزوقلۇق ئېلىمىنتلار بولسا : كاربون(C) ،ھىدروگىن(H)،ئوكسىگېن(O)،ئازوت(N)،فوسفور(P)،كالى(K)،كالىتسىي(Ca)،ماگىنىي(Mg)،گۇڭگۇرىت(S)،تومۇر(Fe)،مانگان(Mn)،مىس(Cu)،سىنىك(Zn)،بور(B)،مولبىدىن(Mo)،خىلور(Cl) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ(ھازىر پەن تېخنىكا تەجىربىللىرى بەزى زىرائەتلاردە بۇنىڭدىن بولەك ئوزوقلۇقلارنىڭمۇ زورۇر ئوزۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ چىقىۋاتىدۇ) بۇلار ئوسۇملۇكلەرنىڭ ئېھتىياجلىق مىقتارىنىڭ ئاز -كوپلىگىگە قاراپ تۇرۇپ ئىككى تۇرگە بولۇنىدۇ. بىرى ماكرو ئوزوقلۇق ئېلىمىنتلار ،بۇلارغا كاربون(C) ،ھىدروگىن(H)،ئوكسىگېن(O)،ئازوت(N)،فوسفور(P)،كالى(K)،كالىتسىي(Ca)،ماگىنىي(Mg)،گۇڭگۇرىت(S) قاتارلىقلار كىرىدۇ. يەنە بىرى بولسا مىكرو ئوزوقلۇق ئېلىمىنتلار، بۇلارغا تومۇر(Fe)،مانگان(Mn)،مىس(Cu)،سىنىك(Zn)،بور(B)،مولپىدىن(Mo)،خىلور(Cl) قاتارلىقلار كىرىدۇ.
ھازىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتا گەرچە يىشىل يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، مەھسۇلات قوغلۇشۇپ يەنىلا خىميىۋى ئوغۇتلارنى زور مىقتاردا ئىشلىتىپ كەلمەكتە ، ئىشلەتكەندىمۇ قارغۇلارچە ئىشلىتىش بىرقەدەر ئېغىر ، بۇ خىل قارغۇلارچە ئىشلىتىش زىرائەت مەھسۇلات سۇپىتىگە تەسىر كورسىتىپ قالماستىن، بىۋاستە ئىنسانلار ساغلاملىغىغا ، مۇھىتقا تەسىر كورسىتىۋاتىدۇ ، دولىتىمىزنىڭ يىشىل يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشقا قويغان ئولچىمى بىلەن تەرەققى تاپقان ئەللەرنىڭ يىشىل يىمەكلىككە قويغان ئولچىمى ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ناھايىتىمۇ چوڭ بولغاچقا، بىز خىميەۋى ئوغۇتنى تۇپراقتا پىششىقلاپ ئورگانىك ھالەتتىكى ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش سەۋيىسىگە تېخى يەتمىدۇق ، شۇڭا يەنىلا بۇ خىميەۋى ئوغۇتلارنى بىۋاستە ئوغۇت سۇپىتىدە زىرائەتلەرنى يەملاۋاتىمىز. مىكرو ئوزوقلۇق ئىلىمنتلارنىڭ ئوسۇملۇكلەرنىڭ مەھسۇلاتى ۋە سۇپىتىگە كورسىتىدىغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ ،ھەمدە بۇ خىل ئوغۇتلارنىڭ ئوسۇملۇكلەر ئېھتىياجلىق مىقدارى بىلەن زەھەرلىنىش مىقدارى ئوتتۇرسىدىكى بىخەتەر مىقدار دائىرسى ناھايىتى تار بولۇپ ،ئىشلىتىشتە،ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات سۇپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۇزدۇ،شۇ سەۋەبدىن بۇ خىل ئوزوقلۇق ئېلىمنتلار ئوغۇتىنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىش مىقتارى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىپ ئوتىمىز.
تەپسىلاتىنى كورمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز توۋەندىكى ئۇلانمىدا بولسۇن
http://agranum.cn/bbs/viewthread.php?tid=61