چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 700 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ماتېماتىكا قەھەتچىلىكى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ikin
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 9277
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
پۇل: 628 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 233(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ماتېماتىكا قەھەتچىلىكى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2009-02-15)دە نادىرلاندى
    نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنيادىكى بۈگۈنكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىيات مېۋىسى ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپتۇ. كۈندىن -كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ جەمئىيىتىمىزدە بىز نىمىنىڭ تەرەققىيات ۋە نىمىنىڭ ھەقىقىي كۈچ ئىكەنلىكىنى خېلى ئوبدانلا چۈشىنىپ قالدۇق. ھەر قايسى تەرەپلەردىن بولسۇن بىزنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىمىز بىزگە يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى بىر نۆۋەت كۆرسىتىپ قايتا ئويلىنىپ بىزدىكى نىمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ساھە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى پاكىتلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىۋاتىدۇ.
    كۆز ئالدىمىزدىكى كۆزگە مىختەك قادالغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىزدىكى تەپەككۇر گادايلىقىنى ۋە مەنىۋى نامراتلىقنى مەسخىرە بىلەن ئىپادىلەپ بېرىۋاتىدۇ.
    نۇرغۇنلىغان ئاڭ بوھرانىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئادەملىرىمىز تۇرمۇش قانۇنىيىتىنى ئىنتايىن ئاددىي ۋە يۈزەكى سۈپەتلەپ ھايات قىممىتىنى سۇسلاشتۇرىۋاتىدۇ.
    ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيە بولسا شۇنچىلىك بىمەنە تۈسكە كىرگەنكى، ھاياتتىكى بەخت چۈشەنچىسى پەقەت تەن بىلەنلا خۇلاسىلىنىپ ئۇنىڭ تاشقىرىسىدىكى يەنە بىر مۇكەممەل روھى بەخت  چۈشەنچىسى غۇۋالىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
    ھاياتتىكى ئاساسى قەدەمنى پەقەت پۇل تاپسام ،ياخشى يېسەم، ياخشى كىيسەم، ياخشى ئۆيلەرنى سېتىۋالسام ئىنتايىن بەختلىك بولىمەن دەپ قاراپ، تەن ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭ ياشاش ئىنتىلىشى قىلىپ تەسۋىرلىۋاتىدۇ.
    مەن بۇ يەردە تەننىڭ بۇ خىل فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. ئەلۋەتتە ساغلام ئەقىل ۋە ھايات ئۈچۈن يۇقىرىقى ئېھتىياج ئىنتايىن مۇھىم . لېكىن ئېھتىياجنىلا ياشاش مىزانى قىلىۋىلىش پەقەت ئاقىلانىلىك ئەمەس.
    سۇبيېكتىپ ھېس-تۇيغۇنىڭ قالايمىقان جۆيلۈپ كېتىشى ،ھەقىقىي تەپەككۇرىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز ئېھتىياجنى كاللىمىزغا تۇماق قىلىپ كىيىۋېلىپ تەپەككۇرنى بوغۇۋېتىشىمىز كېرەك ئەمەستىغۇ؟
    بۈگۈنكى ھەقىقىي ئەھۋالىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان . لېكىن تاشلىۋېتىلگەن . قەھەتچىلىك يۈز بېرىۋاتقان بىر خىل ئەڭ مۇھىم ساھە بولۇپ ،ئۇ دەل ماتېماتىكا ساھەسىدۇر. بەلكىم بۇنداق دېسەم ئارىمىزدىكى بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يىتىپ بولغان ، خاسلا قۇسۇر سۈتىدە ناشتا قىلىۋالغان بىر قىسىم مىللىتىمىزنىڭ قەھرىمانلىرى تەئەججۈپلىنىپ كېتىشى مۇمكىن . بىراق مەن شۇنچىلىك يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاب بېرىمەنكى . ئىلىمنىڭ بىر خىل قائىدىسى بولۇپ ھەقىقەت ئالدىدا ھەر قانچە قاۋىغان بىلەن ئۇنىڭ ھېچقانداق تەرىپىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان بىر خىل نەتىجە چىقىدۇ.
    ياشاش يولىمىزدىكى ،تۇرمۇش كارتىنىلىرى قاتتىق چىرقىراپ يىغلىمىغاچقا بۇ ھاياتىمىز ناھايىتى خاتىرجەم بىلىنىۋاتىدۇ.
بۇ توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەشنىڭ ئۆزىمۇ ھازىر باشقىچە بىر خىل ئىشتەك ھېسابلىنىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردە ئىلىمنىڭ قەدىر قىممىتىنى ھېس قىلغان دوستلىرىمىز بىلەن مەزكۇر تېما ئۈستىدە پىكىر قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ،  ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتمەكچى . دوستلارنىڭ تەڭ تەپەككۇر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
   1- ماتېماتىكا ئىلمى ۋە ئۇنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
    بىز ئاۋۋال بۇ تېما ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن دەسلەپكى قەدەمدە  ماتېماتىكا ئىلمى توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتۈش مۇھىم. ماتېماتىكا ئىلمى ئالەم بىنا بولغاندىن تارتىپ، ئادەملەرنىڭ تەبىئەت بىلىملىرىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئېراسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ۋە ئىنتايىن مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
بۇ ئىلىم قانداقتۇر بىرەر شەخس . مىللەت. دۆلەت. سىياسەت، تەشكىلاتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ، ھەرقانداق ئىزىم-پىزىم،ئېيتىملارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان ، پەقەت پاكىتنى ئاساس قىلغان ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك . بىر قەدەر قىيىن بولغان پەن. بۇ پەننىڭ ھازىرقى پۈتكۈل دۇنيادا تۇتقان ئورنىمۇ ئەڭ يۇقىرى ۋە تەخىرسىز.
    ماتېماتىكا ئىلمى ئۆز ئالدىغا بىر خىل پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا پەنلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ۋە مۇئەييەن باغلىنىشى مەۋجۇت.
    ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ تەبىئىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مەن دېمىسەممۇ ئۆزىنى نورمال چاغلايدىغان ئەقىل ئىگىلىرى ھېس قىلالايدۇ. ماتېماتىكا ئىلمىي تەبىئىي پەننىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن سىرت يەنە ھەممە تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئاساسى ۋە ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. تەبىئىي پەن ساھەسىنى ماتېماتىكىدىن ئايرىپ قاراش مۇمكىنچىلىكى قەتئىي يوق . ۋە پەقەت مۇمكىن بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر خىل تەبىئىي پەن نەتىجىلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. قىسقىسى تەبىئىي پەن ئىلمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە زور باغلىنىشقا ئىگە.
    ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى : ماتېماتىكا ئىلمى ئۆز نۆۋىتىدە ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشقا ۋە قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە . يەنى بىز ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا قارىماققا ماتېماتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە ياشىغاندەك قىلمىساقمۇ . يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش قارىشىمىز بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولساقمۇ . ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا ماتېماتىكىلىق قانۇنىيەتكە كىرىمىز.
    مەسىلەن ،مەن ئاددىي بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەي: بىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش قانۇنىيىتىمىزدە مۇنداق بىر ھېكمەت بار . يەنى -
گاچىمۇ چۆچۈرە يېسە ساناپ يەيدۇ. بىز بۇ ھېكمەتكە قارايدىغان بولساق بۇنىڭدىن يەنە ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرغىنىنى ھېس قىلالايمىز . بۇنداق مىساللاردىن ئىزدىسەك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ماتېماتىكا ئىلمى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئورتاق ئۆگىنىدىغان چوڭ تۈرى . بۇنىسى ھەممىمىزگە ئېنىق.
    2- ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋرىدىكى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئورنى.
    دەۋرىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ماتېماتىكا ئىلمىدە تۇتقان ئورنىمىز  خەلقئارانى دېمەي قويايلى. مەملىكەت ئىچىدىمۇ پەقەت ياخشى ئەمەس. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ. بۇ ساھەدە زادى ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە بىرەر نەتىجە پەقەت يوق دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. بۇ يەردە بەلكىم بەزى بالىلار ئالىم ئەركىن سىدىق ۋە شۆھرەت مۇتەللىپ ھەمدە  شۇنىڭغا مۇناسىپ نۇرغۇن ئىزدىنىۋاتقان  ئوغلانلىرىمىزنى مىسال قىلىشى مۇمكىن . توغرا بۇلارغا كۆز يۇممايمىز .لېكىن مىليون نوپۇسقا ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خەلق توپىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئىنتايىن ساناقلىقلا بولىشى بىزنى قايتا ئويغا سالغىنى تۈزۈك.
     بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزدە پارتلاش خاراكتېرلىك ئىنقىلاب يۈز بەرمىگەچكە ئىدىيىمىزدىكى مەنىۋى گادايلىق ، تەپەككۇر نامراتچىلىقى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى. قىسقىسى ئىلىمنى تونۇماسلىقتىن ئىبارەت ئەڭ يىرگىنچلىك ئەھۋال بىزدىن يىراقلاپ كەتمىدى .
    شۇ سەۋەبتىن ئىلىمنىڭ سەرخىلى بولغان ماتېماتىكا ساھەسىدىمۇ بىزنىڭ ئورنىمىز تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
مەسىلەن، ئاددىي بىر مىسال ئېلىپ ئۆتسەم : بىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئۆلچەم ئىككى خىل . يەنى ئومۇمى نومۇردىن سىرت ماتېماتىكا پېنىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ بۇ پەننىڭ يىللاردىن بىرى ئۆلچىمى 30بىلەن 40 ئارىسىدا بولۇۋاتىدۇ.
ھەممەيلەنگە ئايان، بۇ پەننىڭ ئومۇمى نومۇرى 150 بولۇپ چىقىۋاتقان ئۆلچىمى ئاران 5دىن 1ىگە توغرا كېلىدۇ.
بۇنداق دېسەم بەلكى ئىمتىھان سۇئالى بەك قىيىن ياكى ئىمتىھان ئادەمنىڭ ھەقىقىي سەۋىيىسىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ . دەيدىغان قاراش چىقىش مۇمكىن . بۇ تەرىپىمۇ قىسمەن سەۋەب . ئەمما مەيلى ئىمتىھان مائارىپى بولسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق سىناق بولسۇن ياكى ھەر قانچە قىيىن سوئال بولسۇن ئەگەر ھەقىقىي سەۋىيە بولسا چوقۇم ھەر قانداق جايدا ئۆز ئورنىنى تېپىشىمۇ ناھايىتى ئېنىق ھەقىقەت .
    يۇقىرىقىدەك نەتىجە چىققان بولغاچقا بىزنىڭ مەركەزدىكى تەتقىقاتچىلىرىمىز مىللىي رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ماتېماتىكا سەۋىيىسى تۆۋەن دېگەن قاراشنى بىزگە سوۋغا سۈپىتىدە ھەدىيە قىلدى . بىز بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تونۇشنى بىزگە سوۋغا بەرگۈچىلەرنىڭ چېھرىدىن ئىزدىدۇق. ئادەمنىڭ ئەڭ نومۇسىنى كەلتۈرىدىغان يەنە بىر خىل قاراش ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ياخشى چارىسى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش. خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلگەن بالا ماتېماتىكىنى ياخشى بىلىدۇ دەيدىغان ئېچىنىشلىق خاتا ھۆكۈمنى چىقىرىپ قويدۇق.  خەنزۇ تىلى بىر قورال . ماتېماتىكا بولسا بىر پەن . ئويلاپ باقايلى قورال بىلەن پەننى مۇشۇنداق باغلامدۇق؟
ئەگەر بەك خەنزۇ تىلىغا باغلىغۇمىز كەلسە خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە يەنە بىر خىل شارائىت چىقىدۇ .
يەنە خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن پايدىلانغىلى بولىدۇ . شۇڭلاشقا تىلنىمۇ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك دەپ چۈشەندۈرسەك بولىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىنى پەقەت ئۇيغۇرچە تەپەككۇر بىلەن گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ . بۇ تەرەپ ئېنىق بولۇش كېرەك.
    مەن ئادەتتە نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئۆلچەپ خۇلاسىلىگەن قاراشلىرىنى كۆرىمەن. يەنى ئۇيغۇرلار ئەقىللىقمۇ ؟ دېگەن سوئال بولۇپ . ئۇنىڭ يەكۈنىنى ئەربابلىرىمىز ئەقىللىق دەپ خۇلاسە چىقىرىپ بولدى.
بۇنى مەنمۇ ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن بۇ ساھەگە كەلگەندە بىزنىڭ ئەقلىمىز نەگە كەتتى؟ بىزنىڭ ئەقلىمىزنى نېمە لال قىلىۋالدى.؟
ھەدىسىلا بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويغان باشقىلار دەپ يۈرەمدۇق ؟  ئەجەبا سىياسىيغا ياتمايدىغان بۇ تۈردىكى نەتىجىنىڭ بولماسلىقىنىمۇ باشقىلاردىن كۆرەمدۇق؟
    دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەھۋالى ئادەمنى خېلى ئويغا سالىدۇ.
    3- ئۇيغۇرلار يۈزلىنەلمەيۋاتقان ماتېماتىكا ساھەسى :
    بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئەزەلدىن ئىلىمنىڭ كۇرسى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ھەم ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىلىمخۇمار پەرزەنتلەر ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىپ نام قازانغان. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىشقىكىن بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلىم ساھەيىمىز ئېتىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىرياقتىن ئىزدىنىپ نەتىجە يارىتىش ئۇقۇمى بىزدىن ئايرىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك بولغان ئىلىم بولسا تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ نۇرغۇن كۆپچىلىكى بۇرۇندىن ئۇششاق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ياشاپ كەلگەن خەلق توپى كۆپ قىسمى يىپەك يولىنىڭ خاراب بولىشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكى بېكىنمىچىلىك ھالەتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى بىلەن جاھان رەپتارىدىكى ئەڭ يىڭى ئۇچۇردىن مەھرۇم بولغان تارقاق ياشاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن بىر توپ . يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى قاششاقلىقمۇ بىر قەدەر يۇقىرى پەللىگە چىقىپ پەقەت يەپ -ئىچىپ ياشاش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەي كېلىۋاتىدۇ.
   بىرەر ئىلىمنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭدىن نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن  ئاۋۋال ئۇنىڭغا يۈزلىنىش ئىنتايىن مۇھىم لېكىن بىز دەل مۇشۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە ئىلمىي بولغان ، توغرا يۈزلىنىش ئەندىزىسىنى تاپالمىدۇق. بۇ خىل ھادىسە ئاساسى مائارىپ ، جەمئىيەت، ئالىي مائارىپ ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇت. ئىشەنمىسىڭىز ئوبدان نەزەر سېلىپ بېقىڭ . بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ماتېماتىكا ئىلمىنى ياقتۇرىدىغان ۋە تەھسىل قىلىدىغان 20 پىرسەنت ئادەم چىقامدىكەن . قەتئىي چىقمايدۇ.
مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ ئىچكى قىزىقىشىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق ماتېماتىكىغا ئىشتىراك ئەتكەن ئوقۇغۇچىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بايقىيالايمىز.
بۇ سەۋەب شۇ بالىدىمۇ؟ بۇ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . بۇ شۇ بالا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ سۆز تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت .
ئەگەر بىز ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ پۈتۈن تەرەققىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولساق بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىز باسارلارمۇ مۇشۇ تۈرگە ياخشى يۈزلەنگەن بۇلاتتى. قىسقىسى بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز تېخى بۇ خىل يۈزلىنىشتىن مۇستەسنا.
    4- ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن ۋە كۆرۈلۈۋاتقان ماتېماتىكا قەھەتچىلىكى
    بۇ يەردە قەھەتچىلىك دەپ ئاتىساق بەزىلەر بەلكى تازا قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ مەسىلىدە بىز قوبۇل قىلمىغان بىلەن ئەمەلىيىتىمىز بۇنى راست دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ .
مەلۇم بىر مەكتەپتە 100نەپەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەسلەپكى قارارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان ئىمتىھانغا 26 نەپەر ئوقۇتقۇچى تىزىملاتقان . بىراق ئىمتىھانغا قاتناشقاندىن كىيىن نەتىجىسى چىققان ئوقۇتقۇچىلار پەقەت 4نەپەر بولغان . يەنى 4نەپەر ئوقۇتقۇچى لاياقەتلىك بولغان . شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئىمتىھانىدا بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن 21 نەپىرى ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئەدەبىيات ، ئەخلاققا ئۆزگەرتكەن .
بىر قېتىملىق ئىمتىھان سىنىقى شۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ماتېماتىكا پېنىدىن ۋاز كەچتۈرگەن. سىزنىڭچە بۇ قانداق كەسىپ تاللاش؟

    مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى چۈشىنەلمىگەن ھېسابتىن بىرنى ئوقۇتقۇچىغا كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلغان . بىراق ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىغا بۇ دېگەن تاللاپ ئۆگىنىش دەرسى، ئىمتىھانغا چۈشمەيدۇ، سەن ئۆگەنمىسەڭمۇ بولىدۇ دەپ جاۋاب بەرگەن . بۇ قانداق جاۋاب؟

   مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر نەپەر مودا ئوقۇغۇچى سىنىپقا كىرگەندە بىر قانچە ساۋاقداشلىرى ماتېماتىكا تاپشۇرۇقى ئىشلەپ تۇرۇۋاتقان يەرگە كېلىپ قالىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىنى كۆرگەن بۇ ئوقۇغۇچى شۇنچىلىك زەردە بىلەن مەن تېخى بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ كېلىپ قاراپتىمەن،نېمانچە قالاق نېمىلەر، جاھاندا ئىككى ئۆچ ئىشىمنىڭ بىرىنچىسىمۇ ماتېماتىكا . ئىككىنچىسىمۇ ماتېماتىكا . بۇ پەنگە خۇشۇمنىڭ يوقلۇقى! ھۇ،بىر توپ ساراڭلار....دەپ بۇ يەردىن ئايرىلغان.
بۇ قانداق ئۆچ بولۇپ قېلىش ھادىسىسى ؟

    مەلۇم بىر زىيالىي ئائىلىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىر پەرزەنت تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا چۈشىنەلمىگەن تەرىپىنى تېلېۋىزور كۆرۈپ تۇرغان ئاتا-ئانىسىدىن سورايدۇ. بىراق كىنوغا كىرىپ كەتكەن ئاتا-ئانا ،ۋاي بۇ سوئالىڭنى مۇئەللىمىڭدىن سورا،بېشىمنى ئاغرىتماي.... دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ نېمە سەۋەبتىن ئاغرىغان باش؟

    مەلۇم بىر ئىتوت چولپىنى مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنىم ماتېماتىكىغا ئائىت تېپىشماق، شۇڭا سەن سورىما،  دەپ ئۆز ئىتوتىنىڭ قىزىقارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغان . بۇ قانداق ئۇسۇلدىكى چاقچاق ياكى ئىتوت؟

     مەلۇم ئابرۇيلۇق بىر شەخس ئادەم كۆپ يىغىلغان سورۇندا ئۆزىنىڭ ماتېماتىكىدىن قورقىدىغانلىقىنى ئىختىيارسىز نۇرغۇن ئادەملەر ئالدىدا ئاشكارىلىۋەتكەن . بۇ قانداق قورقۇش ھادىسىسى؟

     ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ . ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھەم ئىز قوغلاپ چولپانلارنى زىيارەت قىلىۋاتقان تور مۇنبەرلىرىنىڭ ھېچقانداق سانىدا بۇ خىل ئىلىمنىڭ ئىشتىراكچىلىرى مەۋجۇت ئەمەس . پەقەت يوق . بۇ خىل ھادىسە نېمە مەۋقەنى چىقىش قىلغان ؟

     ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلىۋاتقان 10نەپەر ستۇدېنتنىڭ 9 نەپىرى ئىجتىمائىي پەننى تاللاپ تەييارلىق قىلغان . بۇ خىل رېئاللىق نېمە سەۋەبتىن؟

     ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەر قانداق بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياكى ئادىمىدىن بۇ ئىلىمگە ئىشتىراك قىلىدىغىنى قىزىقىدىغىنى 20 پىرسەنتىمۇ يەتمەيدۇ . ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ بېقىڭ . بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تۈپ نېگىزى نەدە؟

     يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى مەن ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىپ توقۇپ چىققان مەسىلىلەر بولماستىن بەلكى ئۆز كۈزۈم بىلەن ئەمەلىي كۆرگەن پاكىت ۋە ھەقىقەت . يۇقىرىقىدەك پاكىتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
مۇشۇ ئەھۋاللار يۈز بەرسە بۇ قەھەتچىلىك بولىدۇ دەپ قارايمەن . ھەم يۈز بېرىدۇ.
     شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئارمانلىرىمىزغا بىۋاسىتە يول ئېچىپ بېرەلەيدىغان پەننىمۇ ئويلاپ قويايلى . ھەممەيلەننى تونۇشتىكى ھەقىقىي بىر خىل تۈسنى يارىتايلى.
     بۇ ماقالە مۇنبىرىمىزدىكى ئىنتايىن بىلىملىك، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئويلىشىۋاتقان، ئىززەت-ئىكرامغا ئىگە ھۆرمەتلىك زاتلارنىڭ تەلىپىگە ئانچە ئۇيغۇن كېلەلمەسلىكى مۇمكىن . لېكىن ئىلىمنىڭ بىر خىل قائىدىسى بولۇپ ھەقىقىي نەرسىلەر  قاۋاشنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن جەسۇر كۈچ . شۇڭلاشقا بۇ خىل تونۇشقا ئىشتىراك ئەتكەن دوستلارنىڭ ئۆز تەپەككۇرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: ئىكىن
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-02-15 22:13دە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-15, 11:36
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunahun) ئەھمىيەتلىك ..
  • شۆھرەت:+30(gvzal3.8) ياخشى ماقالە.
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    ??? ????????? ?????????.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-15 06:12 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    uyhur-jan
    ئۇيغۇرجان
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8046
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1726
    شۆھرەت: 1613 نۇمۇر
    پۇل: 4006 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 211 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 360(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    توۋا شۇنداق ياخشى بىر ماقالىنىڭ كۆرۇش نىسبىتى ئاران 37 بوپتۇ . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم .  بىلىم ئالايلى ، ئىزدىنەيلى دوسلار !!
    ك
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 08:31 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    barquk8
    ياشا شىنجاڭ،ياشا بارچۇق .
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29067
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 318
    شۆھرەت: 318 نۇمۇر
    پۇل: 1227 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 267(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    شۇنچىلا جىق خەتلەرنى ئۇرۇپ بولغىچە قوللىرىڭىزمۇ تېلىپ كەتكەندۇ،
    ھېرىپمۇ قالغانسىز رەھمەت ئەجرىڭىزگە قېنى چايغا بېقىڭ    
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 08:38 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    GULEMXIWA
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15315
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 421
    شۆھرەت: 304 نۇمۇر
    پۇل: 1544 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ بىزدىكى قەھەتچىلىكى ھەققىدە بۇنداق جېنى بار گەپلەرنىڭمۇ چىقىدىغان ۋاقتى بۇلۇپ قالغانىدى ....يازمىدا دىيىلگەن رىئال مەسىلىلەرنىڭ ھەمىمىسى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ پىكىر ئۇسۇلى ، ياشاش ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى .......مانا مەن قورقماي دىسەم ، ئۆزەمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ماتىماتىكا نەتىجەمدىن بەكلا ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم  ، «مىنىڭ ماتىماتىكىغا ئىشلەيدىغان كاللام يوق ، ماتىماتىكىغا سەزگۈر ھۈجەيرىلىرىم ئاجىز ..» دەپ خۇرسىناتتىم  ، ئەمەلىيەتتە ئالى مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ماتىماتىكىنىڭ يوغىنى بولغان ئالى ماتىماتىكا ئىلمىنى ئەلا ئوقۇدۇم ، شۇندىن كىيىن ئۆزەمنىڭ ماتىماتىكا كاللام ھەققىدە قايتا ئويلاندىم ، ئەسلى كاللام ماتىماتىكىغا سۇس ئەمەس ئىكەن ، مەسىلە باشقا يەردە ئىكەن ، ماتىماتىكا -ھەقىقەتەن پەنلەرنىڭ ئاتىسى بۇلۇشقا مۇناسىپ ، چۇنكى ماتىماتىكا چۈشۈنىكسىز ئىلىم ئەمەس  بەلكى تىرىك پىكىر قىلىش ، ھەقىقەتنىڭ سۆڭىكى  ...
    مەن  بىز خەقنىڭ ماتىماتىكىغا غۇربەت ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئەمەلى ئىسپاتىنى ئويلاپ ، كۆڭلۈم دەھشەت يىرىم بولغان ، ئۇ بولسىمۇ يىلنامە قوللىنىشتىكى بىچارىلىك .......بىزنىڭ ئەسلىدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ  جاي-جايلاردا ياشىغان قەدىم جايىدىن تېپىلغان  قەدىمى  قۇرىغان جەسەت  ، بۇغداي دېنى  ، سايمان  ، تۇقۇلما بۇيۇم  ، قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تارىخى مەزگىللىرىنى ئالىملار  خېمىيىلىك ئىلمىي ئانالىزدىن كىيىن 5000يىلدىن 7000يىلغىچە دەپ چىقىرىپ بەردى ، ھەتتا ھازىرقى شىئەننىڭ ئەتىراپىدىن بايقالغان ئۇيغۇر پىرامىدالىرىنىڭ ئەڭ ئۇزۇنلىرىنىڭ تارىخىنى ياۋرۇپا ئالىملىرى 10000يىلدىن ئاشىدۇ  دەپ يەكۈنلىگەن ...........
    ئەجداتلىرىمىز كۆك تەڭرىگە چۇقۇنىدىغان زامانلاردىن تارتىپلا ئاسمان قانۇنىيەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ، يىل ئاي كۈن پەسىللەرنىڭ ئالمىشىىشى  يۇلتۇزلارنىڭ ئورنى ئارقىلىق ۋاقىت خاتىرىلەشنى ئاللابۇرۇن بىلگەن ، لىكىن بۇ تۇغرىسىدا ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلمىي نۇجۇمغا ئائىت خاتىرىلىگەنلىرىدىن باشقا قەدىمىيلىككە ئىگە يىلنامىگە مۇناسىۋەتلىك قەدىم خاتىرە كۆرمىدىم  .
    ئىسلام تارىخىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئاتا بوۋىلىرىمىز ھىجىرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشنى بىلگەن ،ئەمما قاچانلاردىن باشلاپ مىلادىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقنى ھىچكىم خاتىرىلەپمۇ قويمىغان ........ئىچىمنىڭ تارلىقىنى كەلتۈرىدىغىنى (سىلەر ئۇقۇغان بولساڭلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر ) يەھۇدىلارنىڭ ئىلمدان -ئۆلىمالىرى يەھۇدى يىلنامىسىنى بۇيىل 5870-يىللىرى ئەتىراپىدا دەپ ھىساپلاپ چىقىرىپ بىرىدىكەن ، مانا شۇنىڭ ئۆزىلا كىمنىڭ ماتىماتىكىغا پىششىق ئېسىلسا شۇنىڭ رىسقىنىڭ چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ ، دۇنيانىڭ يىرىم ئىقتىسادىنى چۆرىۋاتقانمۇ شۇلار  ، 5000يىل بۇرۇنقى بوۋىسىنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنىمۇ ئەشۇلار دەپ بىرىدۇ ....
    ئەرەپلەرنىڭ سان سىفىر ئىجاد قىلىشتا تارىختا ئىزى قالغان .
    پۇللا ساناشقا ماتىماتىكىنى ئىشلەتمەي ، باشقا ئىشلارغىمۇ تەدبىقلاپ قويغۇلۇق ، مەسىلەن : ھەر يىلى ئۇيغۇرلاردىن قانچىسى ئىلىم-پەن سەھەسىگە قۇشۇلدى، 2009 -يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەقنىڭ ئانا تىلدىكى ساۋادلىق بۇلۇش نىسبىتى قانچىلىك ، خەنزۇ تىلىنى ئىگەللىشى قانچە پىرسەنت ،  يېزىلاردىكى قىز ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ساغلاملىق نىسبىتى قانچە ؟ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھىچ بولمىغاندا تۇلۇق ئوتتۇرىغىچە ئۇقۇش سانى قانچە بولىۋاتىدۇ  ، ئەرلەرنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇش دىئاگىراممىسى 30يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن قانچىلىك يۇقۇرى سىلجىدى ؟  رايۇننىڭ ساپ ئىقتىسادى كىرىدىتى قانچە ؟ جانلىقلار ياشاشقا بولىدىغان يىشىللىق قانچىلىك كۆلەمدە قالدى  ، رايۇنىمىزدىكى يېقىلغۇ قانچە يىل يېتىدۇ ، بىلىم ئېلىشقا كېرەكلىك كومپىيۇتىر قايسى شەھەردە كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغىنى قانچىلىكتىن ، ئايلىق كىتاپ ئۇقۇش ئوتتۇرىچەسانى قانچىدىن بولىۋاتىدۇ دىگەننىڭ ھەممىسىگە ماتىماتىكا كېتىدۇ .......
    مۇشۇنچىلىك قاينىسام بولار ، ئۇنىڭدىن باشقىسى ئارتۇق .....
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئەستايىدىل ئ ..
  • Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 09:00 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    GULEMXIWA
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15315
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 421
    شۆھرەت: 304 نۇمۇر
    پۇل: 1544 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بۇ تېمىنى نادىرلاپ ، مۇنبەرگە ئۇزۇن مۇددەت  ، ياق بىر ئايلا قۇيۇپ كۆرۈپ باقىدىغان بولساق ، كۆرۈش قېتىم سانىنىڭ ئۆزىدىنمۇ مەلۇم يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ ، قانداق دىدىم تېما ئىگىسى ئەپەندىم ؟
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 09:06 PM |
    Yurtum Elani
    kunahun
    لېۋىڭنى چىشلىگىچە،كۆزۈڭنى ئاچ
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم تۆھپىكارى
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29141
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 609
    شۆھرەت: 878 نۇمۇر
    پۇل: 2557 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 559 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1082(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

       غەرب دۇنياسىدىكى كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر دەپ قارىلىدىغان گېگىل :« سەنئەت ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ ، چۈنكى سانائەت دەۋرىنىڭ روھى ئۇنى چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىدۇ » دېگەن ئىكەن .
    غەرب دۇنياسى ئىزچىل تەبىئي پەنگە ھۆرمەت قىلىپ كەلدى ، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھازىر ھەممىگە مەلۈم بولۇپ تۇرۇپتۇ . قۇرئان كەرىمدىمۇ تەبىئىي پەنگە ئىشارە قىلىنغان ئايەتلەر بەك كۆپ ئىكەن . . . ئەپسۇس ، بۇ ئىشارىلەرمۇ ئىجرا بولماي قالدى . . . شۇنداقلا بەزى پەيلاسۇپلىرىمىز ئۇيغۇرلار ھېسسىياتنى ئەقلىيلىكنىڭ دۈمبىسىگە مېندۇرىۋالغان ، ھېسسىيلىق ئۇلارنىڭ تەپەككۈر دۇلدۇلىنىڭ چۇلۋۇرىنى چىڭ تۇتۇۋالغان . . . دېگەن يەكۈنلەرنىمۇ بەردى. . . مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھېسسىيلىقنى مەركەز قىلغان بارلىق پائالىيەتلەر ياشاش كۈنتەرتىپىمىزنىڭ ئاخىرىغا تىزىلىشى كېرەك . . .
    مەزكۈر تېما نادىرلانسا بولغىدەك . . .
    Okyan
    يانپاشقا چىققاننى ئاتمىساڭ ،ئۆلگۈچە نادامەت چېكىسەن
    617743071   QQ
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 09:30 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1675
    شۆھرەت: 2385 نۇمۇر
    پۇل: 10041 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1737(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

       ھەر يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى كۆرگىنىمدە ئىختىيارسىزلا كاللامغا بىرىنچى بولۇپ ، ئەجىبا، مەكتەپلەردە تەبىئىي پەن بولۇپمۇ مۇشۇ ماتېماتىكا دەرسلىكى تولۇق ئۆتۈلمەمدىغاندۇ؟ ....دېگەن خىيال كېلىدۇ.
       بىزدىكى ماتېماتىكا قەھەتچىلىكىنىڭ مەن ھېس قىلغان سەۋەبلىرى:
      1.مۇشۇ ساھەدىكى ھەقىقى بىلىملىك ۋە ساپالىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يېتەرلىك بولماسلىقى،  
      2. بىزدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگىتىپ قويۇپلا، ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان شارائىت،ئاڭنىڭ تولۇق بولماسلىقى.
       قالغان سەۋەبلىرىنى تېما ئىگىسى ئەستايىدىل تەھلىل قىپتۇ.
       تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.
      
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    سىز نېمە ئۈچۈن، ۋەدە قىلىشقا بەك ئامراق؟!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 09:45 PM |
    Yurtum Elani
    qalamas
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25453
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 125 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     Re:ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ماتىماتىكا قەھەتچىلىكى

    ماتىماتېكا  ساخەسى  بارلىق  تەبئىي  پەنلەرنىڭ ئاساسى، تەبئىي پەن بولسا دۆلەت ۋە مىللەتنى دۇنيا  سەھنىسىدە  كۆكرىكىنى  كېرىپ تۇرغۇزىدىغان قورال، شۇڭا  ماتىماتكىسى ۋە تەبىئي  پېنى  بولمىغان  مىللەت قورالسىز  ئەسكەردۇر،،،،،،!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!  
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:33 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2803
    شۆھرەت: 2402 نۇمۇر
    پۇل: 4215 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2384(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مۇشۇ سان-سىفىر دىسىلا بىشىم بەك ئاغرىيتتى.كىيىنچە ماتېماتىكىنىڭ رولىنى ھەقىقى چۈشەندىم دىسەممۇ بۇلىدۇ.
    2-دۇنيا ۋاقتىدا تېنىچ ئوكياندىكى ياپۇنيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلېرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئامىركا نۇرغۇن ئۇرۇنۇپ كۆرگەن،لىكىن ئۆزلېرى تالاپەتكە جىق ئۇچىراپ كەتكەن.ئاخىرى ئامىركا تەتقىقاتچىلېرى ماتېماتىكا ئالىملېرىنىڭ پىكرىنى ئالغاندا،ئالىملار ئېھتىماللىق نەزەريىسى بۇيىچە ياپۇن پاراخوتلېرىنىڭ جەڭ ھالىتىنى تەھلىل قىلغان.ئاخىرى ئېھتىماللىق نەزەريىسىنىڭ كۈچى بىلەن ياپۇن پاراخوتلېرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.
    ئەمدى سىز ئويلاپ بېقىڭ؟ئۆيىڭىزنى ئاقارتقاندا(سىرلىغاندا)ياكى تورۇسنى زىننەتلىگەندە ئۆينىڭ كۇۋادىرات مېتىر سانىنى ھېساپلاپ چىقالامسىز-يوق؟
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 12:21 AM |
    Yurtum Elani
    MIRAYID
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9571
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3730
    شۆھرەت: 1536 نۇمۇر
    پۇل: 2131 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2092(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئەمدى ھېس قىلدىمكى ، ماتېماتېكا ۋە ئەدەبىياتنى ياخش ئوقۇغان ئوقۇغۇچى باشقا پەنلەردە قىلچە قىينالمايدىكەن .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 01:59 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    yawagul0997
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 363 نۇمۇر
    پۇل: 1272 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1336(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

         توغرا، بىز ماتېماتىكىغا  ئەدەبىيات-سەنئەتكە  كۆڭۈل بۆلگەندەك  كۆڭۈل 
    بۆلۈپ كېتەلمەيۋاتىمىز، ئۆزىمىزدىكى  بۇ ئاجىزلىقنى ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ   مىراس
    قالدۇرۇپ، بالىلىرىمىز  يەسلى  يېشىغا  يېتىشى  بىلەنلا  ئۇسسۇل،  مۇزىكا 
    ئۆگىتىشكە  ئالدىرايمىز،  ماتېماتىكا  كۇرسلىرىغا  قاتناشتۇرۇپ  ياكى  ئائىلىدە
    كۆپرەك  ماتېماتىكىلىق  تەپەككۈر  قىلدۇرۇپ  پەرزەنتلىرىمىزنىڭ  ئەقىل
    بۇلىقىنى  ئېچىش  خىيالىمىزغا  كەلمەيدۇ.
        ماتېماتىكا  ماھىيىتىنى چۈشىنىپ ئۆگەنسە  ناھايىتى  قىزىقارلىق بىر  پەن، 
    بىزگە  ئەمەلىي  نەپ  بېرىدىغان،  پەن-تېخنىكا،  ئۇچۇر  دەۋرىدە بىزگە 
    نان  بېرىدىغان  پەن.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 12:49 PM |
    Yurtum Elani
    seher
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 3870
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 80
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    پۇل: 871 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    مىنىڭ ئۇكام ئالى مەكتەپنىڭ ماتىماتىكا كەسپىگە ئۆز ئارزۇسى بىلەن ئوقۇشقا كىرگەن .بۇ يىل ئوقۇش پۇتتۇرىدۇ ،قوش تىللىق سىنىپلارغىمۇ دەرس بىرەلەيدۇ ،ئوقۇشى ياخشى ،ئوقۇتقۇچىلىق گوۋانامەسىىنى ئاپتۇ ،ئەمدى مەمۇرلىققا ئىمتىھان بىرىمەن دەيدۇ ،كومپىيوتۇر ،ئىنگىلىسچە سەۋىيە ،خەنزۇچە HSKبىر مۇنچە سناقلارغا قاتناشمىسام بولمايدۇ دەيدۇ ،لىكىن خىزمەت تاپالارمۇ دەپ بىشىمىز غەمدە ؟
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 11:14 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    mug0903
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34901
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 160
    شۆھرەت: 190 نۇمۇر
    پۇل: 1227 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 883(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ماتىماتىكا ھېچقانداق سىنىپىيلىققا ئىگە بولمىغان پاكىزە پەن ، ماتىماتىكا بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ . تىما ئىگىسىنىڭ تەپەككۇرىغا رەھمەت . ھازىر بىزنىڭ ماتىماتىكا ئاساسىمىز بەك بوش ، بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپنىڭ ئۇل تېشى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپلا ماتىماتىكىنى خەنزۇتىلىغا ئوخشاشلا ئالدىن تەرەققى قىلدۇرىلىدىغان نۇقتىلىق پەنلەر قاتارىغا كىرگۈزمىسەك بولمايدۇ.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 11:27 PM |
    Yurtum Elani
    yulgunbalisi
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 39472
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 10 نۇمۇر
    پۇل: 126 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز، رەخمەت سىزگە.ماتىماتىكىنى ياخشى ئۈگەنمىسە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ھەقىقى ئۈگەنگىلى بولمايدۇ ،ھەقىقى بىلىملىك كىشىلەردىن  بولغىلى بولمايدۇ.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 01:34 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    allahalisa
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39607
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    تىرىشايلى  قېرىنداشلار ئەۋلاتلارغا يول ئاچايلى  ئەجدادلاربىزدىن پەخىرلەنسۇن«»«»«»«»«»«»«»«»  
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 08:26 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.070088(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:13
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号