چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ تېما 1729 قېتىم كۆرۈلدى
Ataman
ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 11
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 674
شۆھرەت: 1430 نۇمۇر
پۇل: 3836 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1189(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 دىيارىم ئەھلىگە جاكار ( ئاتامان )

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saba7911 تەرپىدىن (2009-02-13)دە نادىرلاندى
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيارىم مۇنبىرىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە مۆھتەرەم تورداشلار، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تېنىڭلارغا سالامەتلىك، تۇرمۇشۇڭلارغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ دىيارىم تورىغا بولغان ئوتتەك مېھرىڭلار تۈرتكىسىدە مۇنبەرنى قوللاپ،قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭلارغا كۆپلەپ تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن. دىيارىم مۇنبىرى ھەر بىرىڭلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە پىكىر-تەكلىپ بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ئەلۋەتتە .
دىيارىم تورى قۇرۇلغىنىغا 6 يىل بولغان مۇشۇ پەيتلەردە بىز زور بىر تۈركۈم يېڭى سەھىپىلەرنى ۋە ئۆزگىچە بولغان تور مۇھىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئولتۇرۇپتىمىز . كاللىدا ھەر خىل ئوي - خىياللار ۋە پىلانلار بىزنى تورداشلارغا تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ . شۇنىڭ تۈرتكىسىدە دىيارىم شىركىتى ۋە دىيارىم تور بېكىتىدىكى خىزمەتچىلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . 6 ياشقا كىرگەن ئۇشبۇ دەقىقىلەردە بىز دىيارىم تورىنى تېخىمۇ راۋان تېخىمۇ تېز قىلىش مەقسىتىدە تور مۇلازىمېتىرنى كۆپەيتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز . بۇندىن كېيىن تور ئېچىلمايدىغان ئىشلارغا ئىمكانقەدەر خاتىمە بېرىلىدۇ .
    بۇ بىر ھەپتىدىن بېرى، مۇنبەر سەھىپىلىرىنى تەڭشەش ۋە سەھىپىلەردىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزەش شۇنداقلا مۇنبەردىكى ئالىي ئەزالار(قوش مېداللىقلار)نىڭ مۇنبەردىكى ئىمتىيازىغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

    1. سەھىپىلەر تەڭشىلىپ، بەزىلىرى ئايرىۋېتىلدى. مەسىلەن: رەسساملىق بىلەن رەسىملەر سەھىپىسى ئايرىۋېتىلدى. رەسساملىق سەھىپىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى سەھىپىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. تەپسىلاتىنى مۇنبەر سەھىپىسىدىن كۆرۈپ باققايسىز.
    2. تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ئىسلامىي سەھىپە قۇرۇلدى. بۇ سەھىپىگە مۇنبىرىمىزنىڭ ۋە ئىسلامىي سەھىپىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا تېما ۋە ئىنكاسلىرىڭىزنى يوللىغايسىز.
    3. تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن،مەخسۇس لاتارىيە سەھىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. لاتارىيىگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، دىيارىم باش بېتىدىكى لاتارىيە مەخسۇس سەھىپىسىگە نەزەر سالغايسىز.
    4. مۇنبەردىكى ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ خەت سانىغا چەك قويۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تورداشلار قىسقا ئۇچۇر يېزىش كۆزنىكىدە خىلى زور ھەجىمدىكى ئۇچۇرلارنى بىرلا قېتىمدا يوللىيالايدۇ . تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلدى .
    5.ئالىي ئەزا(قوش مېداللىق)لارنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان تېمىلىرى تەستىقسىز چىقىدىغان ھوقۇق بېرىلدى.
    6.ئالىي ئەزا(قوش مېداللىق)لارنىڭ مۇنبەردىكى تېما ۋە ئىنكاسلارغا باھا بېرىش يەنى شۆھرەت ۋە مۇنبەر تەڭگىسى بىلەن مۇكاپاتلاش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۆلچىمى 1-30 .
    7.باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېما باھالاشتىكى شۆھرەت ۋە مۇنبەر تەڭگىسىنىڭ ئۆلچىمى 1040 گە تەڭشەلدى.
    8. مۇنبەردە ئىزچىل نادىر تېمىلارنى يوللاپ كېلىۋاتقان ۋە مۇنبەردە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان ئەزالار «ئەڭ ئالىي ئەزالار » قىلىپ تەڭشەلدى . بۇلارنىڭمۇ تېمىلىرى تەستىقسىز ئېلان قىلىنىدۇ . يازمىلارغا باھا شۆھرەت بېرىش ھوقۇقى بېرىلدى .


    ئەمدى يېقىندىن بېرى مۇنبىرىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار ۋە مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار ساپاسى ۋە تېما ساپاسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكىدەك قائىدە-تۈزۈملەر تۈزۈلدى.
    باشقۇرغۇچىلارغا:
    1.تېما تەستىقلىغاندا باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈلگەن تېمىلارنى بىردەك تەستىقلىماڭ. ئەگەر ئالاھىدە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار بولغان تېمىلار، ئىسلامىي تېمىلار، جىددىي خەۋەرلەر، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرى قاتارلىق ئالاھىدە تېمىلار بولسا، سانىغا چەك قويغان ئاساستا تەستىقلىسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، چوقۇم تېما ئاستىغا كۆچۈرۈلمە تېمىنى تەستىقلاشتىكى ئالاھىدە سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن، باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنداق كۆچۈرۈلمە تېمىنى تەھرىرخانىغا يۆتكىۋېتىش ھوقۇقى بار.
    2. سىياسىي سەزگۈرلۈكى يۇقىرى قۇتراتقۇلۇق تۈسى ئالغان ، شۇنداقلا بىراۋنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تېمىلارنى تەستىقلاشتىن ساقلىنىڭ . زىيادە سەزگۈر بولۇڭ .
    3. تېما ئاپتورى ياكى مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار ئەگەر ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بولسا، تېما ئىگىسىگە ئۇچۇر قىلىپ، 24سائەتكىچە خەۋىرى بولمىسا ئوخشاشلا تەھرىرخانىغا يۆتكىۋېتىڭ.
    4. تەھرىرخانىغا كىرگەن بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ يېقىنلىرىنىڭ تېمىسىنىلا تەستىقلاپ چىقىرىپ قويۇپلا چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ھەممە ئەزاغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭ. سىزنىڭ تەھرىرخانىغا كىرگەن ۋاقتىڭىزدىكى ھەممە پائالىيەتلىرىڭىزنى خاتىرىلىنىپ ماڭىدىغىنىنى ئۇنتۇماڭ.
    5. تەھرىرخانىدىكى بەزى مەخپىي تېمىلارنى كۆچۈرۈپ ياكى كېسىپ ئېلىپ چىقىپ، كوت-كوت QQ ياكى ئۇچۇرلاردا باشقا ئەزالارغا كۆرسىتىشىڭىزگە رۇخسەت يوق. ئەگەر شۇنداق قىلغىنىڭىز بۇ قېتىم بايقىلىپ قالسا، باشقۇرغۇچىلىقىڭىز ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئىشپىيونلۇق مېدالى تارقىتىپ بېرىلىدۇ .
    6. ئەزالارنى يېزىشتىن چەكلىگەندە، مۇنبەر مەسئۇلىغا چوقۇم خەۋەر قىلىڭ. باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ چەكلەنگەن ئەزالارنى خالىغانچە قويۇۋېتىشىگە رۇخسەت يوق. بايقىلىپ قالسا، باشقۇرغۇچىلىقىڭىز ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئەگەر قويۇۋېتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، ئەسلى قامىغان باشقۇرغۇچى بىلەن پىكىرلىشىڭ. يېزىشتىن چەكلەنگەن ئەزالارنى قويۇۋېتىشتە مۇنبەر مەسئۇلى ۋە قامىغان باشقۇرغۇچىنىڭلا ھوقۇقى بار. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ پائالىيىتىڭىز تەھرىرخانىدا ئۆزىڭىزگە كۆرۈنمىگەن بىلەن، مۇنبەر مەسئۇللىرى كۆرەلەيدۇ.
    7.تېما تەستىقلىغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ تەستىقلاڭ. ئەگەر ئىملانى تەھرىرلىمەي تەستىقلىغان تېمىڭىز ئوندىن ئېشىپ كەتسە، باشقۇرغۇچىلىقتىن ئۆزىڭىز ئىستېپا بېرىڭ.
   8. تېمىلاردىكى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ۋاقتىدا ئۆچۈرمىگەن ۋە ئاشۇ ئىنكاسچىغا تەدبىر قوللانمىغان، لېكىن ئۆزى ئاشۇ تېمىغا ئىنكاس يازغان باشقۇرغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۆزىڭىز تەستىقلىغان تېمىغا كۆز-قۇلاق بولۇشنى ئۇنتۇماڭ.
   9. دىيارىم مۇنبىرىدە زىيارەت قىلىنغان ۋە ياكى دىيارىم مۇنبىرىدە ئەسەر ئېلان قىلغان ھەر قانداق بىر ئاپتور ۋە شەخسنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى قاتتىق قوغدىشىمىز كېرەك . ئۇلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا زىت ھەر قانداق ئىنكاسنى ۋە ئۇچۇرنى بىر سېكۇنتمۇ دىيارىمدا تۇرغۇزماسلىق لازىم .

    ئەزالارغا:
   1. تېمىڭىزدىكى ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. تېمىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ بولسا، تېمىڭىز تەستىقلانمايدۇ.
   2. تېمىلاردا باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى يېزىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر شۇنداق قىلغىنىڭىز بايقىلىپ قالسا، يېزىشتىن چەكلىنىسىز.
   3. تېمىلاردا بايقىغان ئىملا خاتالىقلىرى ۋە تەكرار تېمىلار توغرىلىق ھەر قانداق مۇنبەر ئەزاسىنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر ئىملا خاتالىقى ۋە تەكرار تېمىلار توغرىلىق ئەسكەرتىش بەرگەنلەرگە قارىتىپ قاتتىق، سوغۇق ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ.
   4. مۇنبەر ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ، كۈچ چىقىرىۋاتقان باشقۇرغۇچىلار بىلەن قالايمىقان قېرىشىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئىنكاس، ئۇچۇرلارنى يازغانلار يېنىك بولغاندا يېزىشتىن مەڭگۈلۈك چەكلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئارخىپى ئۆچۈرۈلىدۇ.
   5. باشقىلارنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان باش سۈرىتىنى خالىغانچە قويۇۋالماڭ. ئەگەر شۇنداق قىلغىنىڭىز بايقىلىپ قالسا، باش سۈرىتىڭىز مەجبۇرىي ئالماشتۇرۇلىدۇ.
   6. مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقنى ساقلاڭ. ئەگەر مۇنبەر ئەزالىرىنى QQ توپلىرىدا مەسخىرە قىلىپ ياكى كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان پاراڭلارنى سالغىنىڭىز بايقىلىپ قالسا، مۇنبەردىكى ئەزالىق سالاھىيىتىڭىز ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
   7. مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق بىر تېما ۋە ئەسەرگە ئىنكاس يازغاندا سەگەكلىك بىلەن يېزىڭ . قۇرۇق شوئار ۋە كالتە سۆز ئىبارىلەرنى يوللىماڭ . بىر قۇرمۇ كەلمەيدىغان ئىنكاسىڭىزغا قوشۇپ تور ئادرېسلىرىڭىزنى يوللىماڭ . ئەگەر ئۆز تورىڭىزنى تەشۋىق قىلىش نىيىتىڭىز بولسا ئۆز ئىمزايىڭىزغا مۇۋاپىق شەكىلدە قوشۇپ تەشۋىق قىلسىڭىز بولىدۇ . مۇنبەر كۆرۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا . قۇرۇق شوئار ۋە كالتە سۆزلەرنى ئىنكاس قىلىپ يوللىغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرۈلىدۇ ۋە دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ مۇنبەر ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ .


    ھۆرمەتلىك تورداشلار، دىيارىم تورىنىڭ مۆھتەرەم كۆرۈرمەنلىرى: يۇقىرىدا بىز ئېيتىپ ئۆتكەن چارە مىزانلارغا بىردەك ئەمەل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .
بىزگە تېخىمۇ يېقىندىن ماسلىشىپ « دىيارىم » تورىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ زورايتىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا ھەقىقىي ۋەكىل بولالايدىغان بايراقدار ئۇيغۇر تور بېكىتىنى ھەممىمىز بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى . ئېسىڭىزدە بولسۇن، دىيارىم تورى ئۆزىمىزنىڭ تورى . ئۇيغۇرنىڭ تورى . دىيارىمنى قوللاش ئۆزىمىزنى قوللاشقا باراۋەر . دىيارىم مۇھىتىنى بۇلغاش ئۆز ئۆيىمىزنى بۇلغاش بىلەن باراۋەردۇر .
    دىيارىمنى سۆيىدىغان بارلىق ئەقلى ئويغاق قېرىنداشلىرىمىزغا ئامانلىق ۋە ئېسەنلىك تىلەيمەن .

    يىلتىزىمىز دىيارىمدا - ئۈمىدىمىز دىيارىمدا
www.Diyarim.com

    ئېھتىرام بىلەن : دىيارىم شىركىتى « دىيارىم » مۇنبەر ئىشخانىسى
    2009- يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(nawa717) توغرا قارار
  • شۆھرەت:+10(tayanqimbar) يۈكسىلىش
  • شۆھرەت:+10(kunahun) كۆڭۈلدىكى گە ..
  • شۆھرەت:+20(Yulduzay) ھىممىزنىڭ يۈ ..
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-13 04:10 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6498
    شۆھرەت: 3606 نۇمۇر
    پۇل: 42251 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    باشقۇرغۇچىلارمۇ  ، ئەزالارمۇ ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ،   دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىۋەرمەيلى  لېكىن  مۇنبەر مەسئۇللىرى بىر  نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلسىلەر مۇمكىن بولسا  مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان  باشقۇرغۇچىلارنى تېزراق ئويلۇشۇپ كۆرۈپ مۇۋاپىق دەپ قارساڭلار ئۇلارنىڭ ئىسىملىكلىرىنىمۇ مۇنبەرداشلارغا ئېلان قىلىۋەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:20 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    Hush_Puraq
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 30
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 3405
    شۆھرەت: 4114 نۇمۇر
    پۇل: 2874 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1520 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1192(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئاتامان ئەپەندىمنىڭ بۇ جاكارى بەكمۇ جايىدا بوپتۇ. بىز باشقۇرغۇچىلارمۇ  بۇنىڭدىن كېيىن دىيارىم ئۈچۈن شۇنداقلا تورداشلارنىڭ مۇنبەردىكى ئەركىن زىيارىتى ئۈچۈن ئەستايىدىللىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تىرىشىپ ئىشلەيمىز.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:22 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    xinjiangkizi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29598
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 256
    شۆھرەت: 266 نۇمۇر
    پۇل: 901 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    مىنىڭ باش سۈرىتىم «ئەتتىرگۈل»ئىسىملىك ئەزانىڭ باش سۈرئىتى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، ئىككىمىزنىڭ بىرسى بۇ سۈرەتتىن ۋاز كەچسەك بولىدىكەن،بىراق،مەن بۇ سۈرەتكە ئىنتايىن ئامراق ئېدىم،قانداق قىلارمەن؟
    Okyan
    ھايات ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:23 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    jasos007
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 35524
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 701
    شۆھرەت: 744 نۇمۇر
    پۇل: 2315 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1132(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ھۆرمەتلىك ئاتامان ئەپەندى ، سىزنىڭ بۇ تەدبىرلىرىڭىزدىن تولىمۇ رازى بولدۇم، بولۇپمۇ ئىسلامى سەھىپىنى يولغا قويۇپ، لاتارىيە سەھىپىسىنى يۆتكىۋەتكىنىڭىز بەكمۇ ياخشى بوپتۇ. دىيارىمنىڭ يول باشچىسى بولغان ئاتامان بۇنداق ياخشى ئىشلارنى يولغا قويغانكەن . دىيارىمنىڭ كەلگۇسىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئۈمۈد بار دېگەن گەپ.
    بىزمۇ دىيارىمنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز. ھەممىمىز بىرلىكتە دىيارىم ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلەيلى  !
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    مۇمكىن ئەمەس دىگەن سۆز پەقەت نادانلارنىڭ لوغىتىدىن تىپىلىدۇ.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:29 PM |
    Yurtum Elani
    negar
    سەمىمىلىك مېنىڭ گۈزەللىكىم
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30094
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 484
    شۆھرەت: 980 نۇمۇر
    پۇل: 1958 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 15 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 491(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئاتامان نىڭ بۇلاردىن بىزنى ۋاقىپلاندۇرغىنى بەكمۇ ياخشى بوپتۇ،مانا بىز ئەمدى ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان بولدۇق..
    مېنىڭ باش سۇرىتىمنىمۇ «نىگار»دىگەن ئىسىملىرى ئۈستىدە ھالەتتە دىلرۇس دىگەن قىزچاق ئىشلىتىۋاپتىكەن،بۇنى كۆرسە ئىھتىمال باشقا سۈرەت ئىشلىتەر دەيمەن.
    Okyan
    مەن كۈلكىلىرىدىن قىپ-قىزىل گۈل ئېچىلغان دۇنياغا ئاشىق
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:32 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    sirajil
    تۈندە پەقەت ئاي ماڭا ھەمراھ...
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3889
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1251
    شۆھرەت: 1736 نۇمۇر
    پۇل: 11711 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 294(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    چاۋاك!چاۋاك!چاۋاك!
    بولسا ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىكى خاتالىقلارنى يەكۈنلەپ،دىيارىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلى.
    يەنە دېسەم يەنە شۇ.دىيارىم ئاتاماننىڭ ئەمەس،ھەممىمىزنىڭ،ئۇيغۇرنىڭ دىيارى...
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئېسىڭدىمۇ ئېيتچۇ سەن تۇغۇلغاندا،
    ھەممە كۈلگەنىكەن،سەن يىغلىغان.
    شۇنداق ياشىغىنكى كېتەر چېغىڭدا،
    ھەممەيلەن يىغلىسۇن،سەن ماڭغىن خەندان.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:32 PM |
    Yurtum Elani
    ياۋا كەپتەر
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 19930
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 106
    شۆھرەت: 154 نۇمۇر
    پۇل: 821 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

      ھە ، ما ئىشىڭلار بولدى ئاداش .  
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:34 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    axkar
    باشقىلارھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29393
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 956
    شۆھرەت: 1356 نۇمۇر
    پۇل: 1323 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 141 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 481(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئاتاماننى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن .  راست  مەن بۇ تېمىنى باھالاپ باقتىم .

    مەن مۇشۇ تور بەتكە كىرگەندە تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بىر جۈملە بار ( يىلتىزىمىز دىيارىمدا-ئۈمىدىمىز دىيارىمدا).
    مۇنبەر مەسئۇلى، باشقۇرغۇچى  ھەم بىزدەك ئاددىي پۇقرالارنىڭ كۈچ قېتىشىمىز توختاپ قالمايدىكەن بۇ مۇنبەر تېخىمۇ گۈللىنىدۇ .
    ھەربىر ئەزاغا بولغان كۆز-قاراش بىردەك بولىدىكەن ھەممىمىزنىڭ ھاردۇقىمىز چىقىدۇ .
    ئاتاماندىن تىلەيدىغىنىم .  مۇنبەرگە قۇۋۋەت دورىلىرىنى جىقاراق ئىچكۈزسىڭىز ،  تولا ئاغرىپ قالسا بىز يىتىمسىراپ قالىمىزكەن.
    [ بۇ يازما axkar تەرپىدىن2009-02-13 04:54 PMدە قايتا ]
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:34 PM |
    Yurtum Elani
    saba7911
    تاڭ ساباسى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14272
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 4746
    شۆھرەت: 2429 نۇمۇر
    پۇل: 1737 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 797(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ھەممىمىز  ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ! دىيارىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىردەك كۈچ قوشايلى!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    مەھەللەم
                              
    ئۆزىنى بىلمىگەن كىلىدۇ تەنتەك ،
    تەمەننا كېبىردىن چاينايدۇ پەلەك .
    ئادەمنىڭ قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە ،
    كەمتەر بول ئەقىلدىن كۆرۇپ تۇر ئەينەك .

    گۈلنىڭ گۈزەللىكى ياپراق بىلەن ،
    ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ئەخلاق بىلەن،
      

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:35 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    سىرلار
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35998
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 175
    شۆھرەت: 205 نۇمۇر
    پۇل: 625 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    رەھمەت ئاتامان. بۇنىڭدىن كېيىن قورقمايلا باشقىلارغا ئىملا ياكى كۆچۈرۈلمە تېما توغرىسىدا پىكىر بېرەلەيدىكەنمىز ماڭىمۇ پىكىر بەرسەڭلار مەن خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن جۇما يەنە
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:39 PM |
    Yurtum Elani
    سىرلار
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35998
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 175
    شۆھرەت: 205 نۇمۇر
    پۇل: 625 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ھە راست . ئاتاماننى يۈتۈپ كەتتى دەۋاتقانتى،ئەسلىدە يۈتۈپ كەتمەي مۇشۇ ئىشلىنى قىلىۋاتىپتىكەندە ھېلىھەم بولسىمۇ ئاتاماننىڭ دېرىكىنى دەپ بەرسەك ھېساپمىدۇ يا؟
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:40 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ئاھۇ
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29693
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 460
    شۆھرەت: 530 نۇمۇر
    پۇل: 555 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1048(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بولىدۇ،ئاتامان ئەپەندىم پەرمان بەردارمىز.
    خېلى ئەتراپلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىپسىلەر،جاپا چېكىپسىلەر.دىيارىمنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش ھەممىمىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچى.
    مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:40 PM |
    Yurtum Elani
    MASTANI
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 3954
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    شۆھرەت: 99 نۇمۇر
    پۇل: 860 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    بۇ بەك بەلەن ئىش بوپتۇ .
    دىيارىمنىڭ كەلگۈسى شۇنداقلا ئۇيغۇر تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممەيلەن كۈچ چىقىرايلى .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:42 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17636
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2259
    شۆھرەت: 2326 نۇمۇر
    پۇل: 8142 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 637(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بىر تېما بىر ئەزا تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى مۇنبەرگە يوللانسا چاتاق يوقتۇ-ھە؟
    مۇنبەرنىڭ ساغلاملىقى ھەممىدىن مۇھىم. مەن مۇشۇنى ھەممىدىن ئەلا دەپ بىلىمەن.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:46 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﯩﻜﯩﺮ - ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.070648(s) query 7, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 08:26
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号