چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 279 قېتىم كۆرۈلدى
tekin0998
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 10175
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 167 نۇمۇر
پۇل: 1037 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 غەربىي جەنۇپتىكى يىڭى مەرۋايىت -يەكەن

0

غەربىي جەنۇپتىكى يىڭى مەرۋايىت -يەكەن

يەكەن يىڭشەھەر بۆلىكى مەركىزى يولى(2005-يىلى):



يەكەن ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شى؛مالىي ئېتىكىگە، پامىر ئېگىزلىكى باغرىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى يوپۇرغا، مارالبېشى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 56 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 7960.5 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 7 رايون، 7 بازار، 22 يېزا، 512 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە ئاپتون رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1449 كىلومېتىر. 1995 - يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 568 مىڭ 800 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 95.02% نى، خەنزۇلار 4.10% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى، تەشكىل قىلىدۇ.
يەركەن دىيارى ئۆزنىڭ قەدىمى، مىللىي پۇرىقىنىڭ كۈچلۇكىلىكى، يات مەدەنيەت تەسىرىدە بۇلغانمىغانلىقى،مۇھىمى تارىختىا بىر قانچە قېىمى ئاستانە بولغانقىدەك تارىخى رىياللىقى بىلەن باشقا ئۇيغۇر يۇرىتلىرىدىن پەرقىنىلىنىپ تۇرىدۇ، ئەزىم دەريا- يەكەن دەياسى بۇ مۇنبەت بوستانلىقنى سۇغىرىش ۋەزىپىسىنىى ئۈسىتگە ئالغان .
2005.يىلى مۇقام خەلقئارا مەدنىيەت مىراسى تىزنىملىكگە كىرگۇزۇلدى ، مۇقامنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغان يەكەن تۇنجى قېمىلىق مۇقام بايرىمىدا مۇتەخىەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئاماننىساخاننىڭ يەكەن قارا سۇدىكى تۇرالغىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى، ھەم پاكىتلارغا ئاساسەن ئاماننىساخاننىڭ يەركەن قارسۇ يىزا شاپتۇل كەنىتىدە تۇغۇلغانلىقى جاركارلانىدى،
1500-يىللاردايەكەننىڭ تارىختىكى«ساكرائول» دېگەن نامى «ياركەنىت»(دەيا بويىدىكى شەھەر دېگەن مەنىدە) دەپ ئۆزگەرتىلگەن، بۇندىن 2000يىل بۇرۇن يەركەن بىر شەھەر دۆلىتى-ساكرائولنىڭ پايتەختى ئىدى، بۇ ۋاقىتتا يەركەن ئەتراپىدا تېخى باشقا يۇرىتلار شەكىللەنمىگنلىكى تارىخى تەزكىرلەردە يىزىلغان،
يەكەن غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي دۆلەت. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جەنۋۇ 5 - يىلى (29 - يىلى) خېشى بۈيۈك سانغۇنى دۇروڭ يەكەن خانلىقىنىڭ تەيىنلىنىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، پەزىلەتلىك خان بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قارىخانىيلار خاندانلىقىغا قارىغان. كېيىن غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى ( 1883 - يىلى) يەكەن بىۋاستىە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ يەكەن مەھكىمىسى قىلىنىپ، سارىقول، مارالبېشى ئايمىقى ۋە قاغىلىق، گۇما ناھىيىلىرىنى باشقۇرغان. مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) يەكەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو 18 - يىلى (1929 - يىلى) يەكەن، زەرەپشان دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) يەنە قوشۇۋېلىپ، بىر ناھىيە قىلىنغان. يەكەندە 10 - مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىنىپ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت 4 ناھىيىنى باشقۇرغان. 1949 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 1956 - يىلى يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندى كېيىن، يەكەن ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان
. دەۋرىيلىك تارىخى:

1.يەكەن ئامباللىرىنىڭ يىلنامىسى

يەكەندە 1910 - يىلدىن 1949 - يىلغاچە جەمئى 21 نەپەر ئامبال ئۆتكەن . ئۇلارنىڭ يىلنامىسى تۆۋەندىكىچە:

ئامبال بولغان ۋاختى
1. ليۇ رىنشەن 1910 --------------- 1915 خەنزۇ مىللىتىدىن

2. لۇ چىچاڭ 1915 ------------- 1924 خەنزۇ مىللىتىدىن

3 . لى ...... 1924 ------------- 1926 خەنزۇ مىللىتىدىن

4 . دۈەن ..... 1926 ------------ 1927 خەنزۇ مىللىتىدىن

5 . چىڭ چىرىن 1927------------- 1929 خەنزۇ مىللىتىدىن

6. ليۇ شىڭۋۇ 1929--------------1931 خەنزۇ مىللىتىدىن

7.ياڭ ....... 1931--------------1933 خەنزۇ مىللىتىدىن

8.ئەلەم ئاخۇن 1933------------- 3 ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر

9.باي ئاخۇن ئېزىز 1933 ----------- 1934 كۇچادىن، ئۇيغۇر

10.ئابدۇكىرىمخان 1934 ------------4 ئاي قەشقەردىن، ئۇيغۇر

11.ئەھمەت رىھىم 1934 -----------1937 يېڭىساردىن،ئۇيغۇر

12.ئىمىن بەگھاجى 1937 -------- 1 ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر

13. سالىھ ئەلەم 1937 ----------- 4 ئاي يەكەندىن،ئۇيغۇر

14. ئىبراھىم 1937 --------- 1938 تۇرپاندىن، ئۇيغۇر

15.باقىرجان 1938 --------1940 قەشقەردىن،ئۆزبەك

16.ۋېن جىن 1940 ---------1942 شىبە مىللىتىدىن

17. چى ...... 1942-------- 1943 خەنزۇ مىللىتىدىن

18.دەي چىچىڭ 1943---------- 1947 خەنزۇ مىللىتىدىن

19. ئابلاجان 1947 ---------- 1ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر

20. ئابدۇرېشىت يۇسۇپ 1448 --------1949 يەكەندىن ،ئۇيغۇر

21. مۇھەممەت ھەسەن 1949 ----------1950 يەكەندىن، ئۇيغۇر
...........................................
پايدىلانما : شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى،39-قىسم

2.قوشۇمچە
يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى مۇنقەرىز بولغاندىن كىيىنكى ئۇزاق بىر مەزگىللىك مالىمانچىلىقتىن كىيىن ،يەكەنمۇ پۇتۇن شىنجاڭدىكى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاش ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلكىدە بولدى. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇي (1880- يىللار ) يىللىرىدىن باشلاپ ئەڭ بۇرۇن يەكەننى بىيجىڭغا (مەركەزگە ) بىۋاستە قارايدىغان ئۆلكە قىلىپ تەسىس قىلدى(ھازىرقى مەركەزگە بىۋاستە قارايدىغان 4 شەھەردەك) . 1911 - يىلى ئاخىرقى پادىشاھ پۇيى تەرىپىدىن پەرمان چۇشۇرىلىپ شىنجاڭ ئۆلكىسى قارىمىغىدىكى ۋىلايەتكە ئۆزگەرتىلدى ( چۇشۇرۇلدى ) .يەكەندە مەمۇرى مەھكىمە قۇرۇلۇپ ، يەكەن مەمۇرى مەھكىمە پوسكام ، قاغىلىق ، گۇما ، يەكەن ناھىيىلىرىنى باشقۇردىغان بولدى .بۇ خىل مەمۇرى تۇزۇلۇش مىنگو دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىپ 1918- يىلى ھۆكۇمەت دائىرلىرى ئاخىرى قاغىلىق بىلەن گۇمىنى خوتەن تەۋەسىگە ئايرىۋىتىپ ، يەكەننى ئۆلكىگە بىۋاستە قارايدىغان مەملىكەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك ناھىيە قىلىپ ئۆزگەرتتى ، پۇتۇن ناھىيە 18 بەگلىككە ئايرىلىپ ،ھەر بىر بەگلەكلەرگە بەگلەر تەيىنلەندى ، بۇ بەگلىكلەر ئۆز بەگلىكىنى يۈز بىشى ، ئونبېشى تەيىنلەپ باشقۇردىغان بولدى . 40 يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە يەكەن ئۆلكە دەرىجىسىدىن ناھىيە دەرىجىسىگە چۇشۇرۇلدى ، شۇ ئارقىلىق بۇ قەدىمىي ئاستانىنىڭ شانۇ - شاۋكىتى مەقسەتلىك يەرگە ئۇرۇلدى .لىكىن يەكەننىڭ زىمىنى كەڭ ،بۇرۇن دۆلەت قۇرۇلغان ئاستانە شەھەر بولغاچقا ئىجتىمائى مەسىللىرى كۆپ بولۇپ ،ئۇنى بىر ناھىيە سۇپىتىدە باشقۇرۇش قىيىن بولغاچقا ، 1927-يىلى يەكەننىڭ ئامبىلى لى ۋۇجۇ نىڭ ئىلتىماسى قىلىشى، ئۆلكە باشلىقى ياڭ زېڭشىننىڭ تەستىقلىشى بىلەن يەكەن< يىڭىشەھەر ناھىيىسى > ۋە < كوناشەھەر ناھىيىسى> دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلدى . يىڭىشەھەر ناھىيىسى 1- دەرىجىلىك ناھىيە ، كوناشەھەر ناھىيىسى 2- دەرىجىلىك ناھىيە قىلىپ بىكىتىلدى ، 18 بەگلىكنىڭ 9 ئى يىڭىشەھەر ناھىيىسىگە ، 9 ئى كوناشەھەر ناھىيىسىگە ئايرىپ بېرىلدى ؛ شۇندىن باشلاپ ھۆكۇمەت مەمۇرى ئاتالمىسىدا يىڭىشەھەر <ساچى>ۋە كوناشەھەر <يىئىرچاڭ> دېگەن ناھىيە ئاتالغۇلىرى پەيدا بولدى ،بۇ ئىككى سۆزنىڭ خەنزۇچىسىنىڭ ھەر ئىككىسى يەرلىكچە سۆز بولۇپ يەكەننىڭ قەدىمقى نامى ساكائۇل بىلەن يەكەن - دېگەننىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر .بۇ ئىككى ناھىيە تۇزۇمى 16 يىل داۋام قىلىپ 1942- يىلىغا كەلگەندە ، يەكەن يىڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى يۈ يۇەنچىڭنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ، ئۆلكە باشلىقى شېڭ شېسەينىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىككى ناھىيە بىرلىشتۇرلۇپ يەنە بىر ناھىيە قىلىنغان ؛ يىڭىشەھەر پوسكام بىلەن قوشۇلۇپ بىر بەگلىك ھېساپلىنىپ يەكەنگە تەۋە بولۇپ پۇتۇن ناھىيە 19 بەگلىك قىلىپ تۇزۇلگەن . 1943 - يىلى شىڭ شېسەي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرلۇپ گومىنداڭ شىنجاڭدا ھۆقوق تۇتقاندىن كىيىن يەكەن ناھىيىسى يەنە قايتىدىن ۋىلايەتكە ئۆزگەرتىلدى ؛ يەكەندە يەكەن، قاغىلىق، پوسكام ، مەكىت قاتارلىق تۆت ناھىيىنى باشقۇردىغان ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ پۇتۇن ۋىلايەت بويىچە گومىنداڭنىڭ < باۋ - جىيا > مەمۇرى تۇزۇمى يولغا قۇيۇلدى.بۇ خىل تۇزۇم 1949-يىلغىچە داۋام قىلدى ، لىكىن يەكەننىڭ مەمۇرى دەرىجىسى ساقلاپ قىلىنىپ ، 1956 - يىلىغا كىلگەندە يەكەن ۋىلايىتى ئۇنىڭغا قاراشلىق ناھىيىلەر بىلەن بىرگە قەشقەر ۋىلايىتىگە قوشۇۋىتىلدى ، مەمۇرى دەرىجىسىمۇ ناھىيىگە چۇشۇرۇلدى ، بۇ خىل مەمۇرى دەرىجە ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا .

يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدىغان يەلپۈگۈچسىمان تىنما بولۇپ، تاغلىق يەر 39.6% نى، تۈزلەڭلىك 60.4% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى 7 مىليارد 226 مىليون كۇب مېتىر (ئەمەلىيەتتە پايدىلىنلىۋاتقىنى 1 مىليارد 880 مىليون كۇب مېتىر). تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر؛ 21 سۇ ئامبىرى بولۇپ، يىللىق سۇ ساقلاش مىقدارى 175 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، سوغىگۈل، قانتېپەر، يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، فوسفور، گۈڭگۈرت، گەژ، تاش پاختا، كۋارتس، قاش تېشى، چىرىمتال، كۆمۈر قاتارلىقلار بار.
يەكەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2970.0 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4162.5℃، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 43.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2244.9 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 78 مىڭ 300 گېكتار ( 1 مىليون 174 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 48 مىڭ 600 گېكتار (728 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 16 مىڭ 600 گېكتار (249 مىڭ 300 مو) ئورما، 48 مىڭ 700 گېكتار (730 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق پاختا مەھسۇلاتى 50 مىڭ توننا ( 1 مىليون دەن) دىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئاشلىق، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بار. يەكەن كەپى تېخنكا تەربىيلەش مەكتىپى، يەكەن تىببى مەكىتىپى، ئىسلام دىننى مەكتىپى،ئۇقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا ئالىي تېخنىكوم بىلىم ئېلىش سورۇنلىرى بار.
يەكەننىڭ 2008-يىلىدىكى ئومومىي نۇپۇسى 726مىڭ143نەپەر بولوپ شەھەر نوپۇسى145مىڭ ،شەھەر رايۇنىدا 4يەسلى7باشلانغۇچ،8ئوتتۇرا مەكتەپ بار
ھازىر يەكەننىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە تاشيولى 215 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ.1992-يىلى يەكەندىكى 4000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلگەن بولوپ. 1996-يىلى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئىشلىتىلىشكە باشلىدىغان.
يەكەندە ھازىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن دۆلەت دەرىجلىك قوغدىلىدغان ئالتۇن جامەسى، ئالتۇن مازا، ئامننساخان مەقبەرىسى، ئاماننىساخان تۇرالغۇسى شۇنداقلاياقا ئېرىق كۆرەسى مىڭ تۇرا، يۇنۇس ۋاڭ مازىرى، ئازنا جامەسى،ئابدۇراھمان ۋاڭ مازىرى قاتارلىقلار بار.ساياھەت مەنزىلگاھلىرىدىن:يەكەن ماشبۇلاق ئىككى ئا دەرىجىلك سۇ ئۇستى ئىستىراھەتگاھى، قاراسۇ قۇملۇق باغچىسى،ئېلىشىقۇ سۇ ئامبىرى مەنزىرە رايۇنى،ئايبۇلۇڭ تاغىلىق مەنىزىرە رايۇنى، ئىپتىدائىي تۇغىراق مەنزىرە رايۇنى قاتارلىقلار بار .
ئومومەن يىراق قەدىمدەساكرائۇل، ئابباس، سەئىدىيلەرنىڭ پايتەختى بولغان شىاھانە دىيار . بۈگۈندە ناھيە تەۋەسى يەكەن،تىزناپ،قارسۇ،ئوپا، يېرىم دەريا ئېقىنلرنىڭ گىرەلەشمىسىدىن ھاسىل بولغان ئېلىمىزدىكى 2-چوڭ بوستانلىقنىڭ مەركىزى
بولۇش سۇپىتى بىلەن، مۇقام يۇتى، بادام يۇرتى. ئەتلەس ماكانى، دېگگندەك ناملارغا ئېرىشكەن،2007-2008-يىللىرى يەنە رايۇنىمزدىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى،ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى، يەكەن بادىمنىڭ ئەسىلىي يۇرتى قاتارلىق پەخرى ناملارغا ئېرىشتى،يەكەن ناھيىسىدە2002-يىلدىن بۇيان زور ئۆزگىرىشلەر بولماقتا ھازىر شەھەر كۆلىمى 24كۋادىرات كىلۇمېتىر، شەھەر نوپۇسى 134مىڭ 245نەپەرگە يەتتى، شەھەر ئوق يولى يىزا تۇتاشما تاشيولى ناھيە تەۋەسىدە تورلاشتى،2008-يىلى يىزا ئېشىنچا ئەمگەك كۇچىلرى سىرىتقا يۆتكلىپ، دېھقانلار كىرىمى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى. 2008-يىلدىكى يەكەن ناھيىسىنىڭ ئىچكى ئىشىلەپچىقىرش ئومومىي
قىممىتى 3مىليارىت 246مىليۇن يۇەنگە ، كىشى بېشى كىرىمى 3724يۈەنگە يەتتى.
2008.يىلى يەكەندە لېنتا كىسلگەن قەشقەر -خوتەن ئالىي تاشيولىنىڭ قەشقەر قاغىلىق قىسمغا ئىش باشلىنىپ 2009-يىلى يول يۇزى قۇرۇلىشى ئاخىرلاشتى.قەشقەر خوتەن تاشيولىنىڭ قەشقەر يەكەن 1.بۆلىكى قاتتقىلاشتۇرۇش قۇرلشى تاماملىنىش ئالدىدا.
2010-يىلى ئىش باشلايدىغان يەكەن-تاشقۇرغان ئوتتۇرائاسىيا تاشيولى يەكەندىن چەتئەلگە تۇتىشىدۇ.2012-يىلدىكى شىنجاڭنىڭ زور قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ -ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقئارا تۆمۇريولى قۇرۇلىۋاتقان يەكەن پويىزئىستانىسسىدىن تاشقۇرغان ئارقىلىق چەتئەلگە تۇشىشىدۇ، شۇڭا يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يەكەننى ئوتتۇرا ئاسياغا يۇزلەندۈرۈش ئىستىراتىگىيىسنى تۇزۇپ چقىتى، شۇنداقلا يەكەن مەركىزى سانائەت رايۇننى پىلانلاش، يەكەن ھاۋارايى باشقۇرۇش پونىكىتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۇرۇپ ناھيە دەرىجىلك ئايرۇدۇرۇم قۇرلۇشغا ئىلتىماس سۇنۇش، كەسپى تەربىيلەش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويدى. يۇقارقى پىلانلار يەكەننى قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى مەركىزى "شەھەر" بولۇش مۇساپىسىنى تىزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىغۇسى،


پايدىلانمىلار:
قەشقەر ئەدەبياتى:2007.يىل، سۇلتان مامۇت ماقالسى.
قەشقەر پىدا گىگوگكا ئىنىستتىتوتى گېزىتى 2006.يىل. ئابدۇقادىر داۋۇت ماقالسى
يەركەن تارىخى تەزكىرە ماتىرياللىرى.
قەشقەر ئەدەبىياتى2008.يىلى سۇلتان مامۇت ماقالىسى
2007-يىلىدىكى يەكەن مۇقام بايرىمى ئېچېلىش مۇراسىمى نوتىقى
يەكەن مائارىپ مۇنبىرى، ئۇرخۇن مۇنبىرى
*******يەكەننى چۇشىنىڭ******
مۇقام ۋارسىلرىنى تەربىلەش مەركىزى:






يۇقاردىكىسى يەكەن مەدەنيەت باغچىسىدىكى ئاماننىساخان ھەيكىلى:
2007-مۇقام بايرىمى:


خانلىق ئوردا قوۋىقى(تەقلدىي)




سۇلتان ئابدۇرەھىشىدخان مەقبەرىسى

ئالتۇن جامە:

ئاماننىساخان مەقبەرىسى


10مىڭ كىشلىك مەشرەپ:


يەكەن كىنۇ تېلىۋىزىيە تەرجىمە مەركىزى خادىملىرى:


ئارتىسلار

باشقا رەسىمەر:






تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-13, 06:25
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-13 01:41 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
guli88
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39215
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 149 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

يۇرتۇمنىڭ تارىخىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت!گەرچە بۇ يۇرتتا ئۆسۇپ چوڭ بولساممۇ بۇنچىلىك تارىخىنى ئىنچىكە بىلمەيدىكەنمەن.مۇشۇ يۇرتتا ئۆسۇپ چوڭ بولغىنىمدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!       
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:16 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
yucanjan
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14592
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 82 نۇمۇر
پۇل: 578 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

رەھمەت سىزگە ! مۇمكىن بولسا ئازىرقى نۇپۇس ئەھۋالىنى، نۇپۇس تەشكىلىنى بىلگىم بار. رەھمەت سىزگە!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:22 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
MASTANI
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 3954
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 62
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 860 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

شۇنداق ھازىر يۇرتۇمىزنىڭ تەرەققىياتى تىز بولۇپلا قالماستىن . خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىدىمۇ زور بۇرلۇش ياسالدى .
Okyan
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 04:54 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
yawagul521
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 34369
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

ئەي  ئەزىز يۇرتۇم  كىندىك قىنىم  تامغان ماكان         
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 06:44 PM |
Yurtum Elani
tekin0998
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 10175
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 167 نۇمۇر
پۇل: 1037 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

ھەممىسى  ئۇستىدە  بارغۇ
Okyan
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 12:11 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
tekin0998
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 10175
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 167 نۇمۇر
پۇل: 1037 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

دىققىەت قىلدىڭزمۇ
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-17 12:51 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻳﻪﺭ - ﺟﺎﻱ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.065591(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:41
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号