چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ تېما 1527 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: [ ئاتا بۆرە ] قېنى يىگىتلىرىمىز مەرھەمەت . پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1506
شۆھرەت: 1401 نۇمۇر
پۇل: 1321 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 [ ئاتا بۆرە ] قېنى يىگىتلىرىمىز مەرھەمەت .

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2009-02-11)دە نادىرلاندى
يىگىت قىسىسى




ئەي يىگىت بارمۇ سەندە نۇمۇس ئوتى ؟
بولسا گەر يىگىت ئىسمى ھەقىقىي سۆي !
تىز پۈكەر گاھ ئۆزگىلەر گۈلىستاندا ،
يىگىتسەن گۈلخان ئارا مەردانە كۆي .
شان نىمە ؟ شەرەپ نىمە ؟ ئەركەك نىمە ؟
ئۇ ئەمەس قاۋاقلاردىن ياڭرىغان كۈي .

ياڭرىغان بىر قىسسەدە يىگىت كۈيى ،
تۇلپىرى جەڭگاھ ئارا قىلىپ شوخلۇق .
ساي تېشى كەم قالسۇن ئەي ! باش ئالدىدا
تۆكۈلگەن ۋەتەن ئۈچۈن تۈمەن ئوتلۇق .
ئۇ سۆيگەچ ۋەتەننى كۆر ۋەتەن سۆيدى ،
ھەر قەبرە ئارا ئۈندى ئۆچمەس چوغلۇق .

مىڭ گۈزەل شەيدا بولۇپ باش ئەيلەبان ،
يىگىتلىك شان ئاتالغان ئەل ئالدىدا .
شەرەپتۇر ئات چاپتۇرۇپ ۋەتەن ئۈچۈن ،
جان ئۈچۈن ، جانان ئۈچۈن سەپ ئالدىدا .
قىلىچى يارار ئىدى قىلنى قىرىق ،
شامال ھەم ئات ئاتالغان ياۋ ئاغزىدا .

ئاتىسەن مۇشنى ئەينى مەس بۆرىدەك ،
كۆز يۇمۇپ قەۋمىڭ تامام ، بار سۆز " يوللۇق "
نە سەۋەپ بولسۇن ئۇندا يوللۇق سۆزى !؟
بىلسەڭ بۇ ئۆزدىن چىققان تۇزى كورلۇق .
دوسىت نىمە ؟ غەزەپ نىمە ؟ دۈشمەن نىمە ؟
بىلمىسەڭ ياۋ ئالدىدا بولۇر قۇللۇق ...

ئايرىماي ھەقنى ھارامدىن بەخىت ئىزلەپ ،
قەدەھلەر تولدى شاراپقا ھۆرمەت دېدىڭ .
سۇنغىنى گۈل بولسىمۇ ، ئارا خەنجەر
دۈشمىنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۈلپەت دېدىڭ .
قىسمىتىڭ كېلەر كۈننىڭ بار تامغىسى
سىلىسا يات بېشىڭنى شەپقەت دېدىڭ ! ...

سىڭىللار ماڭدى قايان ، ئىنىلەرچۇ ؟
غۇنچىسى توزىماقتا تۈن قوينىدا …
ئانىلار كۆزلىرى ياش بەك غېرىبان ،
پارىسى ئەپسۇس كەيىپ جام بوينىدا .
يىگىتلىك كۆر ماتەمدار نام چەيلەبان ،
ئاھ ! غۇنچە شەيتان ئۈچۈن دار بويىدا .

جامغا جام ئۇرۇلغان بۇ قارا كۈندە ،
ئەينى چاغ نەيزە ئارا تۆكۈلگەن قان .
قان ئەمەس ئۇ بىر ئېغىز ، تۈمەنمىڭ كۈي
ئارمانسىز ئىسسىق تەندىن پۈتكەن قالقان .
قان نىمە ؟ ئۆلۈم نىمە ؟ جان ھەم نىمە ؟
ۋەتەنچۈن جەڭگاھ ئارا يېقىلغان نان ...

قان ئىدى ، قاينام ئىدى ، ئۆلۈم بولۇپ
رەتمۇ – رەت ئۈنەر ئىدى ياۋ چۈشىدە .
ئوت ئىدى ئۇلار شۇنداق ۋەتەن ئۈچۈن ،
قۇياشنىڭ تەپتى يانار ھەم نەيزىدە ...
ئەزرائېل تەسۋىرىدە ھەر بىر قەدەم
شۇ دەقىق ، ھەر بىر سايە ياۋ كۆزىدە .

ئات ! دېسە ئۇل بۆرىدۇر سەپ ئالدىدا ،
قايتۇرغان ئەر ئەمەستۇر ئاياغىنى .
چاپ ! دېسە شەمشەر ئىدى كۆر ئۆلۈمنىڭ
جان تىلەپ ئېگەر ئىدى مىڭ باشىنى .
قىسمىتى كەلگەندە گەر ئەل باشىگە
كېچەردى ۋەتەن ئۈچۈن مال ، جانىنى ...

ئۇ شۇنداق ئەركەك ئىدى كۆپ خىسلىتى ،
تۆت ئىقلىم چىن روھىدىن ھەيرانە لال .
ئۇ شۇنداق ئەركەك ئىدى ھەر نەرىدىن ،
زىمىنىڭ تەنلىرىنى ئالار غال – غال .
ھەق نىمە ؟ ۋىجدان نىمە ؟غۇرۇر نىمە ؟
ئۇ ئەمەس يەڭ ئىچىدە ساتارغا مال .

يىگىتلىك مۇقامىغا يەتمەك يىراق ،
قۇرۇق سۆز ئالالماستۇر بىل شەھەرنى .
چۆللەرنى بوستان قىلىش نە تۇرۇپتۇ !؟
باغلىماي بەلگە راۋرۇس چىڭ كەمەرنى .
تاغلاردىن ئېشىش ئۆزى ، ھايات – مامات
باشلىماي ئاداققى مۈشكۈل سەپەرنى ...

ھاياتنىڭ نە مەناسى ياشلا تۆكسەڭ ؟
سۈكۈتتە ئۆچۈش ئۈچۈن تۆرەلمىدىڭ ...
قان يۇتۇپ تۇرار مەغرۇر ئايال تېنى ،
گۈللەرنى توزۇش ئۈچۈن تۆرەلمىدىڭ .
ئانا ! دەپ ، ئاغزى قانار ! ... ھەر بۆشۈكنىڭ
پىغاننى قورۇش ئۈچۈن تۆرەلمىدىڭ ...


خاتىمە

1

ياشاپ باق سەنمۇ يىگىت مەردانە مەرد
باسقىنىڭ ئاتا ئىزى ، يىگىت سۈپەت .
كەلمىكىڭ ئەمدى يوقتۇر بۇ ھاياتقا ،
يىگىتلىك سېنىڭ ئۈچۈن ياخشى نىمەت .
قەۋمىڭدىن سوۋغا بولسۇن كۆز يۇمساڭ گەر
ئوردىن قىپ ئېسىپ ماڭغىن ،« ئۇ بىر ئەزمەت » ...

2

يىگىت دەپ ئاتالدىڭمۇ ؟ ، ۋەتەن نىمە ؟
ۋەتەنسىز قۇشلار ئۈچۈن ماتەم نىمە ؟
قۇملاردىن ئاڭلىدىڭمۇ بىر سادانى : -
« مەشرەبان ئاشىق ئۈچۈن قىسمەت نىمە ؟ »
بىر غېرىچ يەرلىك ئۈچۈن ياشار ئىنسان ،
ئۆلۈمنىڭ لەۋلىرىگە سۆيۈش نىمە ؟




ئاپتۇر : ئاتا بۆرە 2008 - نويابىر ( روخسەتسىز كۆچۈرمەڭ )
[ بۇ يازما atabora تەرپىدىن2009-02-11 09:29 AMدە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-11, 03:02
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(kunkiz) ئىجادىي مەزم ..
  • شۆھرەت:+10(sirajil) بارىكاللا!!!
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئىجادىي مەزم ..
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-11 09:22 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    murxidi
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13194
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 681
    شۆھرەت: 415 نۇمۇر
    پۇل: 2069 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 785(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

                                     بۇ ئەسىرىڭىز ماڭا  شۇنداق بەك ياقتى

    جان نىمە ، جانان نىمە ئارمان نىمە ،
    جان ئاسارەت ئىلكىدە  كان ، شان نىمە .
    بولمىسا ھەركىمدە ۋىژدانۇ -غۇرۇر ،
    پەرقىسىز يىگەن سامانۇ -نان  نىمە .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 11:59 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    atikam
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالاھىدە ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17183
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1826
    شۆھرەت: 1847 نۇمۇر
    پۇل: 6228 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3305(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بۇ داستانىڭىز ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىنى تىترەتكۇدەك يېزىلىپتۇ ئۇكام ،،،،،،،،
    يىگىتسەن ئاناڭ سېنى يىگىت دەپ تۇققان،
    ئاتاڭ ھەم   ۋەتەننى يار دەپ تۇنۇتقان.
    ئول ۋەتەن،خەلقىڭنىڭ ۋىساك كۇيىدا،
    ئازاپلىق ئېقىنلارغا جۇر بۇلۇپ ئاققان.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 12:24 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    negar
    سەمىمىلىك مېنىڭ گۈزەللىكىم
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30094
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 484
    شۆھرەت: 980 نۇمۇر
    پۇل: 1958 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 15 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 505(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئاتا بۆرە،سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى چېلىقتۇرۇپلا  قالسام يۈگۈرگىنىمچە كىرىپ كۆرىمەن جۇمۇ،(شۇڭا يىگىتلەر مەرھەمەت دىگىنىڭىزگە قارىماي كىردىم مانا)بەك ئېسىل...مەن شۇنداق دىيىشتىن باشقىنى دىيەلمەي قالىمەن بىراق..
    [ بۇ يازما negar تەرپىدىن2009-02-11 03:51 PMدە قايتا ]
    Okyan
    مەن كۈلكىلىرىدىن قىپ-قىزىل گۈل ئېچىلغان دۇنياغا ئاشىق
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 12:43 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    z...humar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38346
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

     

    ھەممە يىگىتلەر شۇنداق بولغان بولسىچۇ
    دىگىنىڭىز كەلسۇن
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 02:07 PM |
    Yurtum Elani
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1506
    شۆھرەت: 1401 نۇمۇر
    پۇل: 1321 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

      دوسلار ياقتۇرغان بولسا مەن خۇش ...  
    Okyan
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 03:28 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    .utkur.
    ئۆلۈم_يىتەرلىك پەند-نەسىھەت!
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29007
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 469
    شۆھرەت: 704 نۇمۇر
    پۇل: 1997 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن،خۇددى بىر ئىسىل رۇمان ئوقۇۋالغاندەك ھوزۇرلىنىپ  كەتتىم.رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم...ئىلھام تۇلپىرىڭىز ھارمىغاي!

    يىگىت دەپ ئاتالدىڭمۇ؟ۋەتەن نىمە؟
    ۋەتەنسىز قۇشلار ئۈچۈن ماتەم نىمە؟؟؟
    قۇملاردىن ئاڭلىدىڭمۇ بىر سادانى:
    «مەشرەبان ئاشىق ئۈچۈن قىسمەت نىمە؟»
    بىر غېرىچ يەرلىك ئۈچۈن ياشار ئىنسان،
    ئۆلۈمنىڭ لەۋلىرىگە سۆيۈش نىمە؟؟؟
    .................................................................

    بۇ مىسرالارنى ئوقۇپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى،ئىچىم باشقىچە ئاچچىق بولدى.....ئۆزۈمگە نەپرەتلەندىم.يارىماسلىقىمغا ئېچىندىم.......سۆزلىسەم گەپ تولا....بولدى............
        
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    كۆككە باقماي كۆپكە باق.بىر گۈل بىلەن باھار بولماس!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 03:29 PM |
    Yurtum Elani
    bislan
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34543
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 72
    شۆھرەت: 87 نۇمۇر
    پۇل: 437 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    سوزلىسەم گەپ تولا يىگىتلىكتىن،قىزىرىمەن ئوزەممۇ خىجىللىقتىن .
    ئىلھامىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن ئسىل يازمىڭىزغا رەخمەت
    [ بۇ يازما bislan تەرپىدىن2009-02-11 06:58 PMدە قايت ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 03:59 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1506
    شۆھرەت: 1401 نۇمۇر
    پۇل: 1321 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

      ھازىرقى جەمىيەتتە يىگىت سۆزىنىڭ ۋەزىنى بەك ئېغىر بوپ قالدى . مەن شۇنداق ئويلايمەن ، يىگىتلىك ئەلگىكىدە تاسقالساق قانچىمىز قالارمىز ؟
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 04:48 PM |
    Yurtum Elani
    uy-native
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36279
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئۆلۈمنىڭ لەۋلىرىگە سۆيۈش نىمە ؟

    ـــــــ ئۇ گۈلىستاندا كۆيۈشتۇر ...
              
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 10:07 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2803
    شۆھرەت: 2402 نۇمۇر
    پۇل: 4215 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2384(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 10:28 PM |
    Yurtum Elani
    tamkin35
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35261
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 135
    شۆھرەت: 135 نۇمۇر
    پۇل: 462 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ھەقىقەتەن يىگىتلەر كۆرىدىغان تىمىكەن ھەربىر مىسراسىنى ئۇقۇپ ئۈيقۇدىن ئۇيغانغاندەك بۈلدۇم  قەلەم قۇۋۋىتىڭىز كۈچلۇككەن ھارمىغايسىز.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 11:16 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    otunchi
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 20160
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 52
    شۆھرەت: 113 نۇمۇر
    پۇل: 729 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14

     

    بىر بوۋاي يۈرىدۇ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ،
    ئەسلەيدۇ ياشلىقنى، ئەسلەر ئەسلىنى.
    بۆرىنىڭ بالىسى بوپ قالدى مۈشۈك،
    كىملەرگە تىگشتى بارلىق ۋەسلىنى،
    يىگتلەر بارمىدۇ ...يەنە يىگىتلەر....
    بىچارە ئوتۇنچى ئۇ ئۆزى قېنى؟؟؟؟؟
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 01:20 AM |
    Yurtum Elani
    muallp
    مەن كىم؟
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19682
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 565
    شۆھرەت: 618 نۇمۇر
    پۇل: 2202 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 892(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    چۈشەندۈرۈشى : بۇ بىر دەستە گۈل سىزگە سوۋغام،قوبۇل قىلغايسىز!
    رەسىم :
    گەرچە يىگىت بولمىساممۇ يىگىتلەر كەبى ياشاشنى ئىستىگەچكە شىئېرىڭىزنى كۆرىۋالدىم ... ھەقىقەتەن بەك ياقتۇردۇم .بۇ شىئېرىڭىز  كىشىگە  ئۆتكۈر ئەپەندى يازغان  <<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك >> نىڭ خاتىمىسىدىكى مۇنۇ مىسرالارنى ئەسلىتىدىكەن.
    ...................................................
    جان نېمە ، جانان نېمە ، ۋەتەن نېمە ؟  
    ھەر كىشىنى ئادىمى ئەتكەن نېمە ؟
    يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ ،
    گۆش – تېرە ، سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە ؟
    ................................................
    ھارماڭ!  ئىلھام قىزى سىزگە دائىم كۈلۈپ باققاي!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چىن ئىنسانلاردىن بولسامكەن دەيمەن...
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 01:27 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1506
    شۆھرەت: 1401 نۇمۇر
    پۇل: 1321 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

      « ئوتۇنچى » .... ئەلۋەتتە ، تارىختىن ئۈگىنىدىغىنىمىز پەقەت ۋە پەقەت روھ بولىشى كېرەك . روھ بىلەن بىلىمنى بىرلەشتۇرەلىگەن مىللەتكە زاۋاللىق بۇ ئۇقۇم يات بولسا كېرەك . تارىختىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى تونىتىمىز دىگەن قاراشقا مەنمۇ قوشۇلمايمەن . بىر كىتابدا شۇنداق ئوقىغانلىقىم ھېلىھەم ئىسىمدە : « گۈزەل كەلگۈسى ھېسداشلىق ئارقىلىق قولغا كەلمەيدۇ » . بۇ سۆزنىڭ خىلمۇ _ خىل ۋارىيانىتلىرىنى تا ھازىرغىچە ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن .
      ھازىر مىللىتىمىز روھىنى يوقاتمىغان ئەركەكلەرگە يەنە ئانىلارغىمۇ مۇھتاج يەنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغان سەركىلەرگە . بۇ دەۋىر پەقەت بىلمنى تونۇيدۇ . بىز ئۆزىمىزنى پەقەت بىلىم ئارقىلىقلا تونىتالايمىز . كەلگۈسىمىزنى يارىتالايمىز . بۇنى بىزگە باشقىلار يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك . خەق تەرىپىدىن يارىتىلىپ بېرىلگەن كەلگۈسى كەچكۈزدىكى خازانغا ئوخشايدۇ ، بىمەزگىل توزۇيدۇ خالاس ! ... كەلگۈسى ئىنسان ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ . كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى تەغدىردىن كۆرۈپ ۋايسايدۇ . ئىنسان تەغدىرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك . خۇددى م.گوركىي ئېيىتقاندەك « كىشىلەرنىڭ تەغدىردىن نالە قىلىشىدىن ھەيرانمەن . تەغدىردە نىمە گۇناھ ؟! ... ھەركىم ئۆزىگە ئۆزى تەغدىر » ...
      بۇ تېما ئارقىلىق باشقا ئەركەكلىرىمىزنىڭمۇ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاپ باققۇم بار .  
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ئىنكاس
  • ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 09:02 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.062538(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:15
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号