چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 3444 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ھاجىلارنى بايراق بىلەن يېتەكلىدۇق (ئەرتۈرك) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

erturk
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 25069
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 102 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 ھاجىلارنى بايراق بىلەن يېتەكلىدۇق (ئەرتۈرك)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kuduratulla تەرپىدىن (2009-02-04)دە نادىرلاندى
زۇكام بولغاندا يازغانلىرىم

زۇكام تەگدى
ۋىرۇس تارقىدى
ئاچچىق ئەلەم ۋۇجۇدۇمنى ئەزدى
چېچىلىپ بىئاراملىقتا
قازماقتىمەن ئۆزەمنى مىنا تېغىدا
مەيدەمنى تىرەپ ياستۇققا.

ئادەملەر يالغان كۈلىدۇ
ئىشەنچ بىلەن گۇمانلىنىدۇ
سۆزۈم تاقىشىپ كۆڭۈلسىزلىككە
پۈتۈپ قالغان دىمىقىمدا توختاپ قالىدۇ.

دىدار غەنىمەت دەپ كۆرۈشكەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى
بىر سائەت ئىچىدە يوقايدۇ
قالىدۇ كەچمىشنىڭ ئامالسىزلىقى.

قىزغىن بويتاقلار
ئىش-مەيلىنى ھەۋەسكە قارىتىدۇ
توي قىلغانلار تۇرمۇشىدىن ئاھ ئۇرۇپ
خوتۇنىغا تەتۈر قاراپ ياتىدۇ.

بولمىغۇر ئىش
قاچان كۆڭۈللۈك ئىشقا ئايلىنىدۇ
ئۇلۇغ ئۆمۈردىكى ئۇششاق ئىشلار
ئادەت قوينىغا تاشلىنىدۇ
ھەر كۈنلۈك مەغلۇبىيەت ئارقىسىدىن
يېڭى ئۈمىد باشلىنىدۇ.

نېگىر بالىلار
شاماللار
قۇشلار
ئۇيقۇمنى بۇزۇپ بولۇپ جىمىپ قالدى.

سۆزلەش بەزىدە بىھاجەت

كۆپ سۆزلەپ كۆپ گۇناھ قىلدىم
تىلىم كالۋالاشقاندا تەن بېرىپ سۈكۈت قىلدىم.
ھېچكىم كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتمەيدۇ كەمچىلىكىنى
ھېچكىم داۋالىمايدۇ ئۆسمە گۆشتەك نۇقسانىنى
بەلكى ئاۋايلايدۇ كېسىلىنى.

قانمىغان كۆڭۈل
نەچچە رەت قاغجىراپ ئۆلۈپ كەتتى.

چۈشۈمدە يىغلاپ كەتتى
بىر ئايلىق ئۆمرى قالغان ئابدۇسالام
"بۇ تەقدىرگە رازى بول" دېدىم
ئۆزەم گويا ئۇنىڭغا ئايلاندىم.

قېينانام بىر يەرگە بارىمىز دېدى
قىزىم "دادام" دەپ يۈگۈرۈپ كەلدى
ھېچنەگە بارماستىن ئويغىنىپ كەتتىم .

جۈمە كۈنى

جۈمە كۈنى
ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان يوللار
ئېتىقاد ئەۋجىدە جۇش ئۇردى
قۇياش نۇرى ۋە سالقىن شاماللار
تىرىكلىك پەيزىگە جۇر بولدى.
ئارىلىشىپ كەتكەن ئەر ۋە ئاياللار
ۋىسالنى غايە بىلگەن ئەر-خوتۇنلار
بەيتۇللاھنى چۆرىدەپ
دۇنيانى مۇھەببەتكە تولدۇردى.
تۇرغان يېرىمدە چىداپ ئولتۇردۇم
ئاپتاپتىن پىقىراپ قاينىدى باشلار
بۇ ئەھۋالدا زۆرۈرىيەتكە باش ئەگدىم
مۇشەققەتنى يېنىكلەتتى رەڭدار خىياللار.
قىيامەت بېشارىتى غىل-پال كۆرۈندى
بۇنىڭدىن بىخەۋەر كۆپ ئىنسانلار
سايىگە قاچماقتا ئەرۋاھلار.
جەننەت ھۈرلىرى قانچە گۈزەلدۇ
ئۇ جايدا قېرىمايدۇ گۈزەل ئاياللار
قاراپ قالدىم، ئارماندا ياندىم
قۇمدەك يېپىشتى كىچىك گۇناھلار.

رەھمەت تېغى

مۇسۇلمانلار
ھەقىقەتەن ھۇزۇر ئىچىدە
بىرلىك، ئىناقلىق
ئاللاھنىڭ رەھمەت تېغى
تۇرىدۇ مەزمۇت مۇقەددەس جايدا
بۇ يەردە
ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋا ئانا ئۇچراشقان
زېمىندىكى چىن مۇھەببەت باشلانغان.

ئېرىگە ۋاقىرىغان خوتۇن
مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ
مۇھەببەتكە قايتىدۇ.

مەۋجۇتلۇقۇم

ئۇلۇغ، ئۇششاق ئادەم
ئۇلۇغ، ئۇششاق كەچمىشلەر
ئايرىماستىن بىر-بىرىنى ئارىلىشىپ كەتتى.
ياشاۋاتىمەن ئىنسان ۋاسىتىلىرىغا شېرىك بولۇپ،
مەۋجۇتلۇقۇمغا ھەيرەت بىلەن قاراپ قالىمەن.
سىناق
ئۆتۈشۈپ تۇرغاندەك نۇردەك
ماددا بىلەن روھىم ئارىسىدا قاتناپ تۇرىدۇ.
ياشاشنىڭ ئۆزى شېئىر ئەمەس
لېرىكا ھاياتنىڭ ھەسرىتى
دوست-دۈشمەنلەر غۇۋالىشىپ
تىنچ كەيپىيات ھاسىل قىلدى
ئۇخلىدىم شېئىرنى قاتلاپ قويۇپ.

قورساق ئاغرىقى

تۆمۈردەك قاتتىق، ئوتتەك قىززىق قورساق ئاغرىقى
ئازاب تىغلىرىنى سانچىدى.
ئاجىز ئىنسان
شۇنچىلىك ئاغرىق بىلەن تۈگىشىدۇ
باشقا ھەممە نەرسە خالىي قالىدۇ.
خالا ئالدىدا
ئۈچىيىگە ئېسىلىپ قالغان بوۋايلار
ئازادلىقنى سېغىنىپ
كىرىپ كەتتى خۇشاللىق بىلەن
كىچىككىنە ئارامگاھىغا.
چىدىدىم قورسىقىمنى چاڭگاللاپ
يەنە سەۋر قىلسام
قىينىلىمەن، بىراق رەسۋا بولمايمەن
قىستاپ كەلگەن ئازاب-ئەلەمنى
تاشلاش كېرەك بارار جايىغا.
كىچىككىنە زۇلۇمدىن قىستاققا چۈشۈپ
ئەجەپ قىينالدى بۇ جانلار
ئازابلار ئۆتۈپ كەتسە
بېسىقىدۇ سەپرالار.
تەن زۇلمىغا تاقەتسىز روھ پايلىمىغاندا
ئازابلار ئىچ-ئىچىڭگە يۆتكەلگەندە
ئۆز قىنىغا چۈشىدۇ ھېس-تۇيغۇلار
بۇنىڭدىن يېزىلىدۇ دەھشەت شېئىرلار.

غەپلەت

ئۆلگەن ئۇيقۇ
تىرىكلىككە قايتقاندا
ئۆزىگە ئىنتىلىپ
جىملىقنى خالاپ
قايتىپ كەتتى جايىغا.
تۇتۇپ قېلىنماي
ۋاقىتلىق قويۇۋېتىلگەن روھىم
ھايات بەتلىرىگە شېئىر يازماقتا.
قەبزى روھ پەيتى
ھەقىقىي سەھىپىلەرنى ئاچىدۇ
ھەقىقىي ھالىمىزنى كۆرىمىز
ئەسلى ھاياتلىق، ئەسلى ھەقىقەت
ئەسلى خاتىرە، ئەسلى باھا
دەھشەت ئەۋجىدە روشەن بولىدۇ.

ئەرافات كۈنى

بۇ كۈنى
شەيتاننىڭ شىددىتىگە قارشى كۈرەشتە
ئاجىزلىقىمنى تونۇدۇم
دۇئا قىلدىم، ناماز ئوقۇدۇم
تىرىكلىكىمدىن خۇرسەن بولدۇم.
ئۆتتى غەپلەتتە كۆپ ۋاقىتلار
تەسەللىيگە يېنىپ كەلدى ئارزۇلار
دۇئادا يىغلىشىپ كەتتى خۇيزۇلار
مەن قېتىپ قالدىم
باشقا چاغدا يىغلىشىم مۇمكىن.
ئېسىل ۋاقىت، قىممەتلىك پۇرسەت
دائىم ئەرزىمەس ئىشلارغا ئىسراپ بولىدۇ
ھاياتىمغا دۈشمەن ھورۇنلۇق
ئۇيقۇلۇق بېشىمنى دەسسەپ ئۆتىدۇ
ھەتتا ئەقلىمنى چەيلىۋېتىدۇ.

قۇلاق سالدىم روھىمنىڭ تىۋىشلىرىمغا :
شۈكۈر قىل، سەۋر قىل، ئارام تاپىسەن
بەك قېرىپ خارلىنىشتىن پاناھ تىلە
جۇشقۇن ياشلىقىڭدىن ئۈمىد تىلە
جايىڭنى تاپىسەن رەببىڭ ھۆكمىدە
جېنىڭ بارىدا رەھمەت تىلە.
ئىبادەت
تەكەببۇرلار ئۈچۈن تەكرار مۇشەققەت
تەقۋادارلار ئۈچۈن كۈندىلىك راھەت
بىلگەنلەر قورقىدۇ باشباشتاقلىقتىن
نادانلىق، دۆتلۈك ھەم ھاماقەتلىكتىن.
ئىنتىلمىسەڭ روھىڭ نۇرى، چىن ھەقىقەتكە
چىقالمايسەن بىر ئۆمۈر قاراڭغۇلۇقتىن.
رەببىم
رەھمىتىڭ بەختىم.

يۆتكىلىش

ئاللاھ ئىنساننى
بىر باسقۇچتىن بىر باسقۇچقا يۆتكەيدۇ.
ھەج ۋاقتىدا مىليون ھاجى
ئاللاھ ئۈچۈن يۆتكىلىدۇ
مىليون زۇۋان
ئاللاھ ئۈچۈن تەسبىھ ئېيتىدۇ
نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىلەر
ھاجىلاردەك تەرتىپتە
ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ.

قىيامەتتە بۇنچە كۆپ ئىنسان
نېمە كۈننى كۆرەر چەكچىيىپ
پەردىلەر كۆتۈرۈلۈپ
ھەممە سىرلار ئايان بولغاندا
ئادەملەرمۇ يالىڭاچ ھالدا
بىر-بىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەندە
ساختىلىق چاك-چېكىدىن بۆسۈلگەندە
ئەمەللەر ھەقىقەت مىزانىدا ئۆلچەنگەندە
يۈرەكلەر قېپىدىن چىقىپ كېتەرمۇ؟!

مۇزدەلىفە كېچىسى

ھاجىلار
نەپسى بىلەن جىھاد قىلمىسا
ئۆز روھىنى قورۇندۇرىدۇ.

چىرايلىق جۇۋان
ناماز باشلاپ قول كۆتۈرۈپ
سۈكۈتتە تۇرۇپ
ئايالىمنى ئەسلەتتى،
ئىككى جىنستىن قۇرۇلغان دۇنيا
بىر جىنسنى غەرق قىلىدۇ
توختىماستىن ئەلەم قىلىدۇ.

مۇزدەلىفە كېچىسى
مۇقەددەس تۇيغۇلاردىن كېچىپ ئۆتتى
تاقەت يەتكىچە ئىبادەت قىلدۇق
ئىنتىزارلىق ئىلكىدە تاڭ ئاتتى.

ھاجىلارنى بايراق بىلەن يېتەكلىدۇق

تەتۈر ئەسلىمە
تەتۈر تۇتۇلغان بايراقتەك
ئەسەبىي شامالدا لەپىلدەيدۇ
قاياقتىن قارىساڭ بىر خىل رەڭ.

كېلىشكەن ساقاللىقلار
چىرايلىق جۇۋانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ
بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق يېنىدىن ئۆتتى
"" CHINA دەپ توۋلاپ
يولدىن ئازغانلارنى توسۇۋالدۇق.
قاراپ قويدى توغرا يولنى تاپقانلار
بىر-بىرىدىن خۇشال بولغانلار
ھىجاب ئارتقان گۈزەل ئاياللار.
جاھان ئەھلى
ئالدىمىزدىن تىزىلىپ ئۆتتى
ئىچىمدىن ئۇرغۇدى گۈزەل ناخشىلار.
ھارماس بوۋايلار
چەبدەس مومايلار
مۇستەھكەم ئېتىقادىغا ئېسىلىشىپ
ماڭغان يولىغا ئىشەنچ قىلىشىپ
ئىمانىدىن قۇۋۋەت ئېلىشىپ
ھال-مۇڭ قىلىپ پاراڭ سېلىشىپ
يوللىرىنى داۋاملاشتۇردى.

قولىمىزدىكى بايراقنى كۆرۈپ
"ئۈرۈمچى!" دەپ توۋلاپ يۈگۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر بالا
ئۇيغۇرلۇقۇمنى بىلىپ خامۇش بولۇپ كېتىپ قالدى.

بۇمۇ بىر دەملىك

مەنىسىزلىك
چوڭ كۆرۈنىدۇ كەچمىشتىن
سۆزلەر
قوچۇيدۇ ئاڭنىڭ ئىچ-باغرىنى.

نېگىر تازلار
تۇڭگۇز-توپاق ئوينىشىپ
بالاغەتكە يەتمەكتە.
يىگىرمە يۈەنلىك ئۈنئالغۇ
لېرىك ئايال ناخشىچى
ئىنىمنىڭ تويى
قىزغىن رېستۇران
قىزلارنىڭ ھەۋەسخور كۆزى
قوپقورۇق ئىچىمگە
كۆل سۈيىدەك يىغىلدى.
ئەبجەشلىكتىن بوغۇلۇپ
ئىنتىلسەممۇ ساپلىققا
ساغلام پىكىر، ساغلام ۋۇجۇتقا
كېسىلىم زاتىمغا پۈتۈلگەن بولسا
قېلىشىم مۇقەررەر كونا ئازابقا
تېرىكىمەن ئىچىمدىكى قەبىھ ئىبلىسقا.

مىنادىن ھەرەمگىچە مېڭىپ باردىم

ئاللاھ ئاسان قىلدى تاۋابىمنى
بەلكىم ئەمەس، ھەقىقەتەن شۇنداق قىلدى
جاپاغا چۇشلۇق ئالدىم ساۋابىمنى
ئىمان بىزنى بۇ ساۋابقا تويماس قىلدى.
بەلكىم قىيامەتكىچە مۇشۇ يولدا
سانسىز ھاجى ئەخلەتنى دەسسەپ
ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مېڭىپ تۇرىدۇ،
يول ئازاب ئەمەس، ھورۇنلۇق ئازاب
تەقۋادارلار مۇشەققەتنى يېڭىپ تۇرىدۇ.

ھاجىلار تاغ تۇرانى ئەخلەت قىلىپ يېنىپ چۈشتى
ئۆزلىرىنى پاك قىلىپ ئۈمىدكە تولدى.

مېنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ

مېنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ
ئۆزەمنى پاك دەپ ھەرگىز ئېيتالمايمەن.

گۈزەللەر
ئىمان بىلەن تېخىمۇ گۈزەل
ئاياللار پىتنىگە يېقىن
ئۇلارنى كۈيلەپ
نەپسىم دائىم ئېيتىدۇ غەزەل.

غىڭشىيمەن
چوكان يارغا كېتىپ قالىمەن
ۋايىغا يېتەلمەي توختاپ قالىمەن؛
شەھۋەتنى ئويلىمىسام مەندەك ئاقىل يوق
ئويلاپ قالسام مەندەك جاھىل يوق.
سەپرالىق، قىتىغۇرلۇق تىغ تەڭلىگەندە
شۇ رەزىل ئىبلىستەك يامان قاتىل يوق.
قىزغىنلىق جىنلارنىڭ تەپتىمىدى؟
يامانلىققا چېپىلىپ قالدۇق
نۇردەك نۇرانە، ساپ بولىمىز دەپ
يەنە ناپاكلىققا قېتىلىپ قالدۇق.
بۇ كۈرەش بىر دەمدىلا تۈگىمەيدۇ
ئەتە كۆز ئېچىپ تۇرۇشقا نېسىپ بولسا
ئىبادەتتىن كېيىن تەۋبە قىلىمەن،
چۈنكى بىلدىم يا بىلمىدىم
بۈگۈن نە ئىشلارنى خاتا قىلدىم.
بىرسى نان تىلەپ كەلدى
قورسىقىمنى تەڭلىدىم
تىلەمچى نېگىرلارغا
قارا قۇمچاقتەك قىزلارغا
ئىنساپسىزلىقىمنى كۆرسەتتىم.
يانفون كۆتۈرگەن تىلەمچى قىز
گۇناھىمغا تەسەللىي بەردى.

شەيتانغا تاش ئېتىش

تۇيۇقسىز ئويغاندىم
ئۈندەرەپ تالاغا چىقتىم
ئىش تەرتىپى بۇزۇلدى، ئېلىشىپ قالدىم
كىملەرگىدۇر ئاچچىقلاندىم
باشقىلارنىڭ ھەممىسى يامان
بۇ ھالدا ئاجىزلىقتىن ئۆچ ئالدىم
ئازابلاندىم، ئەپسۇسلاندىم
ئىبلىسقا تاش ئاتتىم
لەنەتگەردى شەيتان
"قاراپ تۇر، مەن يەنە كېلىمەن" دەپ قېچىپ كەتتى.

ھاياتنىڭ ئېغىرلىقىدىن قېچىپ
نام-شۆھرەتتەك پۈچەك نەرسىلەرنى ئارتىۋالدىم
ئاندىن ئۇنى ساختىلىق ئارغامچىسىدا باغلىۋالدىم
ئۈزۈلۈپ كەتسە قايتا-قايتا ئۇلىۋالدىم.

نەپسىم يەڭگىل
ھەسرىتىم ئېغىر
ئىچىمگە چۆككەنچە چۆكىۋېرىدۇ،
ئۇنى تارتىپ چىقىپ
ھايات شاماللىرىدا سورۇيمەن
خىيال-پىكرىم چاڭ-توزاندەك چېچىلىدۇ.

(بۇ شېئىرلار مۇئەللىپنىڭ 2008-يىل 11-، 12-ئايدا مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە يازغان كۈندىلىك خاتىرە ھېسابىدىكى«ئىككى ھەرەم لېرىكىسى» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، باشقا شېئىرلارنىمۇ كۆرەي دېسىڭىز ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن كۆرۈڭ:
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=34945
http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=2468
http://www.ijadiyet.com/viewthread.php?tid=1503
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-92297-keyword-.html

مەنبە: قەلەم
[ بۇ يازما erturk تەرپىدىن2009-02-06 08:38 PMدە قايت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-03, 15:38
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • شۆھرەت:+10(MuzTagh) ئىجادىي مەزم ..
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-03 11:25 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    pariay
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25481
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 367
    شۆھرەت: 377 نۇمۇر
    پۇل: 1253 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    مۇقەددەس جايدا يازغان ئەسەرلىرىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ !! جاپا چىكىپسىز !!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 11:42 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    ziyaratqe
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25103
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    شۆھرەت: 27 نۇمۇر
    پۇل: 191 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 552(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    رەھمەت!  ھاجې_________________________م.
    ئاللاھ ئەقىللىرنى زىيادە قىلسۇن.(ئامىن)!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 11:52 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    uyhur-jan
    ئۇيغۇرجان
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8046
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1726
    شۆھرەت: 1613 نۇمۇر
    پۇل: 4006 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 211 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 360(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ھاجى ئاكا بەك ياخشى يىزىپلا ھارمىغايلا !!!
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 01:21 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    arzu220
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15545
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2140
    شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
    پۇل: 5375 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 04:16 AM |
    Yurtum Elani
    yawagul0997
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 363 نۇمۇر
    پۇل: 1272 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1336(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئەرتۈرك  ئەپەندىمنىڭ  ئېسىل  ئەسەرلىرى  بىلەن  مۇنبەرنى  ئاۋاتلاشتۇرۇشىنى  تىلەيمەن.
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 10:53 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ressam613
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33727
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 49
    شۆھرەت: 49 نۇمۇر
    پۇل: 366 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 507(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ياخشى يىزىپلا ھاجىم.ئاللا قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    مەن تىخى ھاجىملارنى  مەجۈن يەپ،مۇسەللەس ئىچىپلا يۈرەمدىكى دىسەم.................................................
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 10:56 AM |
    Yurtum Elani
    kuduratulla
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8611
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 977
    شۆھرەت: 1157 نۇمۇر
    پۇل: 1318 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 744(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاجىم ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خوشال بولدۇم. كاللامدىن نۇرغۇن خىياللار چاقناپ ئۆتتى.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئادەم = بىلىم + ئەخلاق


    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 11:18 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    naprat731
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21487
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 58
    شۆھرەت: 108 نۇمۇر
    پۇل: 702 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزلپتۇ؟
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 12:25 PM |
    Yurtum Elani
    kurxat
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13028
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 558
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 241(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    مۇشۇنداق ئىسىل شېئىرلاردىن بەھرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 03:22 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kurxat
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13028
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 558
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 241(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    «مېنى پەقەت اللە بىلىدۇ
    ئۆزۈمنى پاك دەپ ئېيتالمايمەن.»
    ھەممىمىز شۇنداق، قېرىندىشىم.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 03:25 PM |
    Yurtum Elani
    sirlik-ar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 279
    شۆھرەت: 479 نۇمۇر
    پۇل: 740 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 58 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 225(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزلىغان شىئېركەن خۇددى ئادىل تۇنيازنىڭ تەپەككۇر قاتلىمىنى كورگەندەك بولدۇم،باشقۇرغۇچىلار مۇمكىن بولسا مىنىڭ مۇنبەردىكى بارلىق شوھرەت،پۇل،توھپىللىرىمنى مۇشۇ شىئېرغا يوتكەپ قويغان بولساڭلار ،كوپ رەخمەت
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 03:45 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    atirgul627
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1287
    شۆھرەت: 1529 نۇمۇر
    پۇل: 5090 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 250(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  ئەرتۈرك ،مۇشۇنداق ئېسىل ،تېتىملىق شېئىرلارنى  داۋاملىق يوللاپ يوللاپ تۇرارسىز.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 04:54 PM |
    Yurtum Elani
    xihab
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38682
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاجىم، سىلى پىروزېچى بولۇپلا قالماي، شائىر ئىكەنلا. شئىېرلىرى ماڭا خېلى تېتىدى. قەلەملىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن!.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 10:35 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    uy-native
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36279
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ھاجىلارنى باشلاپ ماڭغان بايراق بىلەن ،
    كىچىلىرىم بەكمۇ گۈزەل قۇياش تۇغدى .
    شۇ كۈنلەرگە يىتەمدىمكىن مەنمۇ بىر ، ئېھ !
    ئوقۇپ ئوقۇپ شېئرلاردىن ، رەھمەت بىلەن
    قۇرلار ئارا تېتىغىنى « بايراق » بولدى ...

      بارلىق مۇسۇلمانلىرىمىز شۇ بايراقنى روشەن كۆرەلىگەن بولسا ، تامام شۇنىڭغا يىقىنلاشقان بولاتتى . ھەممىىزنىڭ يولىغا ، گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىغا ئاللاھ يار بولسۇن !
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 12:02 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.066245(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:41
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号