ئاۋات دېھقانلار رەسىملىرى 2004 -يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ پىلانلىشى ، ناھىيلىك پارتكوم ،ھۈكۈمەتنىڭ ماسلىشىشى بىلەن روياپقا چىققان بۇلۇپ ھازىرغىچە رەسساملار 50 نەچچىگە ئەسەر 200 نەچچە پارچىغا يەتكەن.
بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ پىلانلىشى بىلەن 2008 -يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 10 -كۈنىگىچە 50 پارچە ئۆلچەملىك ئەسەر تەييارلانغان بۇلۇپ بۇ رەسىملەر بۇيىلقى شىنجاڭ - گۇاڭجۇ دېھقانلار رەسىملىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ۋە ئامرىكىنىڭ نىيۇيۇرۇكتا كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىدى. ئاۋات ناھىيلىك پارتكوم، خەلق ھۈكۈمىتى ۋە ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ رەسىملەر << ئاۋات دېھقان رەسساملار ئەسەرلىرى>> توپلىمى نامى بىلەن 2008-يىلى 11-ئايدا نەشىرگە تەييالانغان بۇلۇپ يېقىندا بۇ توپلام رەسمىي نەشىردىن چىقتى. ( ئىچكى قىسىمدا تارقىىلىدۇ )
ھازىرغىچە شىنجاڭ بۇيىچە دېھقان رەسساملار بازىسىدىن ئالتىسى بۇلۇپ تەرتىپ بۇيىچە
1. قەشقەر مەكىت ناھىيىسى (رەسىملەر توپلىمى بار)
2. ئاقسۇ ئاۋات باھىيىسى (رەسىملەر توپلىمى بار)
3.ئاقسۇ كۇچار ناھىيىسى (رەسىملەر توپلىمى نەشىرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ)
4. ئاقسۇ ئونسۇناھىيىسى
5. قۇمۇل شەھىرى (رەسىملەر توپلىمى بار)
6. تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسى
قاتارلىق ئالتە رايۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھازىرغىچە جوڭگو ۋە چەتئەللەردە بۇلۇپ ئون نەچچە نۆۋەت كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ نۇرغۇنلىغان شانلىق نەتىجىلەرگە ئىرىشتى.
تۆۋەندىكىسى << ئاۋات دېھقان رەسساملار ئەسەرلىرى >> توپلىمىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەر:
دېھقانلار رەسىم ئەسەرلىرى ئەركىن تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى بۇلۇپ ئۇنىڭغا قۇيىلدىغان ئاساسلىق تەلەپ: رەڭلەر ساپ بۇلۇش ، شەكىل ئېلىشتا كومپىزوتسىيە ئۇرۇنلاشتۇرۇش، پىرىستىكىۋالىق قائىدە-يۇرۇق قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋەت ئايرىلمايدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: يۇقارقى ئەسەرلەرنى ھەرقانداق ئۇرۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ، كۆپەيتىشىگە قەتئى يول قۇيۇلمايدۇ. ئەگەر خىلاپلىق قىلىنسا << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھۇقۇقى قانۇنى >>دىكى مۇناسىۋەتلىك قائىدە- نىزاملىرىغا ئاساسەن قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىش بىلەن بىرگە ھەق-تەلەپ جاۋاپكارلىقىغا تارتىلىدۇ
مەقسەت: جاپاكەش دېھقانلىرىمىزمۇ راھەت كۆرسۇن.