<ئاخىرقى تىنىق>تىن <دوختۇرخانا>غىچە
مەن كۇچا ناھىيىمىزدە يېڭىلا نەشىردىن چىققان «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى كۆرىۋاتقىنىمدا، ناھىيىمىزدىكى ئاخبارات ساھەسىدە تۇنۇلغان ياش مۇخبىر ئابلىمىت ئەبەيدۇللانىڭ «دوختۇرخانىدا» ناملىق ھىكايىسى ئىختىيارسىز دىققىتىمنى تارتتى. ھىكايىنى ئوقۇپ بولۇپ، بىر ھازاغىچە ھەيرانلىق ۋە ئاچچىق ئىزتىراپلىق خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم. مەن بىر تەرەپتىن بۇ ھىكايىنىڭ قانداق بولۇپ ئابلىمىت ئەبەيدۇللانىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىپ قالغانلىقىدىن ئەجەبلەنسەم ، يەنە بىر تەرەپتىن
« ئاخىرقى تىنىق» نىڭ قانداق بولۇپ «دوختۇرخانىدا» غا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىغا ھەيران قالدىم.
مەزكۇر ھېكايە مەن 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى «يۇلتۇز0997»دىگەن تەخەللۇسنى قوللىنىپ «ئاخىرقى تىنىق»دىگەن نام بىلەن كۇچار مۇنبىرى، چوغلان مۇنبىرى ، دىيارىم مۇنبىرى (كونا مۇنبەر)، ئاقىللار مۇنبىرى قاتارلىق مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلغان ئەسەرنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
(بۇنىڭغا يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ھەر قايسى تور بېكەتلەردىكى تورداشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرى ، بېكەت باشلىقلىرى ، باشقۇرغۇچىلىرى گۇۋاھ مانا بۇ كۇچار مۇنبىرىدىكى تور ئادىرىسى:
http://www.kuqar.cn/munber/ShowPost.asp?ThreadID=2943 )
بۇ چوغلان مۇنبىردىكى تور ئادىرسى :
http://choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=6792بۇنىڭدىنلا مىنىڭ بۇ ھېكايىنى قاچان يىزىپ مۇنبەرگە يوللىغانلىقىمنى بىلگىلى بولىدۇ .
ھالا بىر يىلدىن كىيىن يەنى 2008- يىلى 9- ئايدا ئابلىمىت ئەبەيدۇللا بۇ ھىكايىنىڭ « ئاخىرقى تىنىق» دوپپىسىنى ئېلىۋېتىپ « دوختۇرخانىدا » نامىدىكى بۇ قالپاقنى كىيگۈزۈپ« كۈسەن مەدەنىيىتى» نىڭ تۇنجى سانىدا ئېلان قىلغان. ھىكايىنىڭ ۋەقەلىكى ( بىر قىسمى ) كۇچا ناھىيىمىزدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىش. ھىكايىدىكى يىگىت ئاخىرقى تىنىقىدا ئۆزى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن قىزىغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. ھىكايىدىكى ئانىمۇ ئوغلىنىڭ جان ئۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ ئاخىرقى تىنىقىدىن قالىدۇ. مانا شۇ سەۋەپلىك مەن بۇ ھىكايىگە «ئاخىرقى تىنىق» دەپ ماۋزۇ قويغانمەن. مەن ئاشۇ ھېكايىدىكى بىر پىرسۇناژ.
مىنىڭ ئاتالمىش ئاپتۇرغا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: « ئەسەرنىڭ تېمىسىنى ئۆزگەرتىپلا ئېلان قىلىۋالسام سۈرۈشتىسى بولمايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ ؟ ياكى « توردا ئېلان قىلغان ئەسەرنىڭ ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقى بولمايدۇ» دەپ قالدىڭىزمۇ ؟ ۋە ياكى « بۇ ژورنال تېخى يېڭىلا نەشىر قىلىندى، كۆرىدىغانلار ئاز، چانمايدۇ » دەپ ئويلىدىڭىزمۇ ؟ بىلىڭكى، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەمگەك مىۋىسى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە، ئەقلى- ھوشى جايىدا بىر ۋىجدان ئىگىسى باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەيدۇ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا يۈزى ئۇيىلىدۇ.
رادىئو- تېلىۋىزۇرلاردا شۇ مۇبارەك نامىڭىزنى ئاڭلىغىنىمدا سىزنى بىر ئادەتتىكى ئادەم سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر كەسىپتە پىشقان تالانت ئىگىسى دەپ بىلەتتىم ۋە سىزگە غايىۋانە ھۆرمىتىم بار ئىدى. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس....
قەدىر- قىممىتىنى ساقلىغان ھالدا ئىرىشكەن يۈز – ئابروي ئەۋلادلىرىڭىزغىچە تىللاردا داستان بولغۇسى . ئەكسىچە ، مىھنەت ئوغىرلىقى بىلەن ئىرىشكەن يۈز – ئابروي ئەتىڭىزنى ۋەيران قىلغۇسى ....
مەتبۇئات زادى قانداق نەرسە ؟ ئۇ ھەرگىزمۇ ئاز بىر قىسىم شۆھرەت تاماسىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن چاكىنا، ئابرويپەرەس كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ساۋاق بىرىدىغان ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سۇرۇنى ئەمەس. بۇنچىلىك ئەقەللىي ساۋاتنى ئۇزاق يىللاردىن بىرى ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابلىمىت ئەبەيدۇللا چۇقۇم بىلىدۇ.
خەيرىيەت، نورمال فىزىئولوگىيىلىك گەۋدىگە ۋە پىسخىك ئۆلچەمگە ھەر قانداق بىر ئادەمدە شان- شەرەپ تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەجداتلىرىمىز « ئاتانمىغان ئەردىن ئاتانغان دۆڭ ياخشى » دەپ بىكار ئېيتمىغان. ئەمما، بۇنداق شان- شەرەپ، ئابروي تېپىش ئىرادىسى چۇقۇم توغرا يولغا قۇيۇلىشى ۋە توغرا ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرەك ئىدى. نىيەت، مەقسەت ئېنىق بولمىغان نام- ئاتاق ئاسانلا قولدىن كىتىدۇ ياكى ئۇزاققا بارمايدۇ. مەزكۇر ھۆرمەتلىك «ئاپتۇر» ئۆزى ئۇزاق يىللاردىن بىرى ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، بۇنداق ناتوغرا ئۇسۇل ئارقىلىق مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلمىسىمۇ چۇقۇم شۇنىڭدەك ۋە ياكى شۇنىڭدىن ياخشىراق يازالايتتى. بەلكىم مىنىڭ بۇ ھېكايىنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرماسلىقىم ، شۇ پېتىچە تور مۇنبەرلىرىدە ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. پەقەت سىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن مىنىڭ بۇ ھىكايەم پۈتۈن ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى. ماڭا يەتكۈزگەن بۇ ھىممىتىڭىزگە كۆپ رەھمەت!!!
ئەمما، مىنى ئەڭ ئازاپلايدىغىنى - يېڭىلا كۆز ئېچىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئەمدىلا يۈز كۆرۈشكەن « كۆسەن مەدەنىيىتى» نىڭ يۈزىنى بىر ساختا قول تۇتۇپ ھۆسىن- جامالىغا نوقسان يەتكۈزگىنى، داغ چۈشۈرگىنى بولدى.
سەمىمىي تىلىكىم شۇكى، « كۈسەن مەدەنىيىتى» نىڭ روياپقا چىقىشى بىز كۆسەنلىكلەرنىڭ خوشاللىقىمىز، پەخرىمىز. «كۈسەن مەدەنىيىتى» نىڭ بۇندىن كىيىنكى قەدەملىرى ھەقىقەت گۈللىرىگە پۈركەنسۇن! تىكەنلەر ئۆنۈپ قالمىسۇن! خەلق راستچىل، سەمىمىي. ئۇلار پاك، ساپ بولغان مەنىۋىي ئۇزۇققا مۇھتاج ، ئەدەبىياتىمىز پاك بولسۇن، بۇلغانمىسۇن!
قېنى ئابلىمىت ئەبەيدۇللا ، مانا مۇشۇ مۇنبەردىكلەرنىڭ ئالدىدا مەن بىلەن مۇنازىرىگە چۈشەلەمسىز ؟ ۋە ياكى بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى مەن ۋە مۇنبەردىكى ئەزالارغا چۈشەندۈرەلەمسىز ؟ مەن سىزنىڭ مۇشۇ تېمىنى ئۇقۇغان تۇنۇش بىلىشلىرىڭىزدىن ئاڭلاپ مۇنبەرگە كىرىشىڭىزنى ، ماڭا ۋە مۇنبەرداشلارغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بىرىشڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن