Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىkulturukنىڭ2009-01-21 07:09 PM دە يوللىغان يازمىسى :
نېمە دېگەن تۇلا كۆپ چېكىت بۇ ، گاچىدەك.
ھەي،بۇرادەر! بۇ نىمە گەپ ئۆزى ؟! سىز نىمانداق <<تام تۈۋىدىن ھوشۇر قوپقاندەك>> گەپ قىلىسىز ؟ سىز ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسىنى ئۆگەنگەنمۇ ؟ ئەدەبىيات كىتابىنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ باققانمۇ؟لىرىك ،قايناق ،چىن تۇيغۇلار تۈرتكىسىدە بىرەر ئەسەرنى قولىڭىزغا ئېلىپ ،داۋاملاشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملىسىنىڭ ئاخىرىغا چىكىت قويۇپ باققانمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ توغرا دەيسىز ،ئادەم دەل <<گاچا>> بولۇپ قالغاندا كىكەچلەيدۇ،ئەمما ،،ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولۇپ قېلىنغان<< كىكەچلىك >> نىڭ سەۋەبىنى بىلىش كىشىدىن بىر تۈرلۈك بىلىم تەلەپ قىلىدۇ . مۇشۇ<< ئىسىل>> جەمئىتىمىزدە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلسىڭىز ئېغىزىڭىزغا ھونناق چىقىدۇ ،بۇنى شائىر بىلىدۇ ،يازغۇچى بىلىدۇ ،شۇڭا<< گاچا>>بولىۋالمايمۇ بولمايدۇ. بەزى گەپلەرنى سىزگە بىۋاستە دەپ بەرمەستىن ئاشۇ يازغۇچىنى <<گاچا>>كۆرسىتىپ قويغان كۆپ چىكىتلەرنىڭ رولى ئارقىلىق ،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئىشلىتىلمەي كىلىۋاتقان << بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى>>ڭىزنى قوزغاتمايمۇ بولمايدۇ،بولمىسا سىز مۇشۇنداق <<..دەك.>> سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىسىز.ئۇندىن باشقا ئەگەر كۆپ چىكىت ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئالماقچى بولسىڭىز سۆيۈملۈك <<ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى>> كىتابىنى بىرەر رەت قولىڭىزغا ئېلىپ ،<<تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولى>>دىگەن سەھىپىنى كۆرۈپ چىقىڭ! بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىدىكى مەنىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھۆرمەتلىك ياش يازغۇچىمىز <<كۆكنۇر>> ئەپەندى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ بېقىڭ !ئۇسىزگە نىمە ئۈچۈن شۇنچە <<كىكەچ>>بولۇپ قالغىنىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۇجۇر- بۇجۇرىغىچە سۆزلەپ بىرەلەيدۇ.شۇڭا ھۆرمەتلىك دوستۇم ،ئويناپ سۆزلىسىڭىزمۇ، ئويلاپ سۆزلىگەيسىز!كىشىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلغايسىز! بولمىسا سىزگە << ئالدىغا كەلگەننى يىيىش ھايۋاننىڭ ئىشى،ئاغزىغا كەلگەننى دىيىش ...نىڭ ئىشى>>دىگەن تەمسىل لازىم بولۇپ قالىدۇ. خەيىر ،خۇشۋاق بولۇڭ!