چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ تېما 5600 قېتىم كۆرۈلدى
jorji
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33297
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 368 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 ئىسلام دىنىدىن تېرورلۇققا نەزەر

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kuduratulla تەرپىدىن (2009-01-21)دە نادىرلاندى
                           ئىسلام دىنىدىن تېرورلۇققا نەزەر
                                ئەھمەتجان ھەسەن  
21- ئەسىر باشىلىننىش بىلەن، ئەسلىدىنلا خەلقارا سىياسى ۋەزىيەتتىكى قارشىلىشىش ۋە سۆزلىشىش، تۇقۇنۇش ۋە ھەمكارلىشىش، قالايمىقانچىلىق  ۋە مۇقۇملىق، زومىگەرلىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش ،دۇنيانىڭ كونا تەرتىپىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىشتەك ئوخشىمىغان كۈچلەر ۋە كۆز قاراشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن، تىنىچ بولماي كىلىۋاتقان دۇنيا تېخىمۇ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇلۇپمۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر گوروھ كىشىلەر تەرەپىدىن 2001-يىل 9-ئاينىڭ 11- كۈنى ئامرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون ۋە نيويورك شەھەرلىرىدە ئىشقا    ئاشۇرۇلغان                                    
تېرورلۇق ھەركىتى پۈتۈن يەرشارىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ئىنسانىيەت تېرورلۇقنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەركەت ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يىتىپ ، ئۇنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى چۈشۈنۈپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، خەلقارا جەمىيەت تېرورلۇققا بولغان ھۇشيارلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكتە تېرورلۇقنى ئەيىپلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملىشىنى مۇراجەت قىلدى.
تېرورلۇققا زەربە بىرىش ۋە ئۇنى يىلتىزىدىن يوقۇتىتىش، پۈتۈن دۇنيادىكى تىنىچلىق سۈيەر خەلىقلەرنىڭ ئاساسى نىشانىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تېرورلۇقنى پەيدا قىلغان بىر ئوچۇم ئەسەبىي كۈچلەر ئوخشىمىغان رايون ۋە دۆلەتلەردە ئاشكارا ياكى مەخپىي ھالدا تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرخىل شەكىلدىكى زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، ھاكىمىيەتكە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇلۇنۇپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. ئۇلار پەيدا قىلغان تېرورلۇق ۋەقەلىرى، تېرورلۇق يۈز بەرگەن دۆلەت ياكى رايوننىڭ سىياسى مۇقىملىقىغا، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل يەرشارىنىڭ تىنىچلىق ۋە تەرەققىياتىغا زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.
‹‹11-سىنتەبىر›› ۋەقەسىدىن كىيىن، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەرقايسى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى (تېلىۋىزور، رادىئو، گېزىت ژورناللار)دا، مەزكۇر ۋەقەنى ئومۇميۈزلۈك ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇدى. كۆپ سانلىق مەشھۇر ئىسلام ئالىملىرىمۇ ئىسلام دىنىي تەلىماتىنىڭ باشقا دىنلارغا ئوخشاش، ھەر قانداق شەكىلدىكى زورلۇق ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىغىنى ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ھەم «ئىسلام» ۋە «تېرور» سۆزلىرىنى بىر-بىرىگە باغلاپ ياكى تۈرلەپ ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئىسلامنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ۋە ئاللا تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم» ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي، كۆرسەتمىلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مەنىسنى چۈشەنمەيدىغان، چۈشەنسىمۇ ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدىغان ئاز ساندىكى يەنە بىر قىسىم كىشلەر. تېرورلۇقنى سادىر قىلغان ئاشۇ بىر گوروھ كىشلەرنىڭ دىنىي ئېتقادىنىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىگە قاراپلا، ئاشۇ ئۇرۇش، توقۇنۇش ۋە پارتىلتىشلارنى ئىسلام دىنى پەيدا قىلغان. ئىسلام دىنى، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇقنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلارئارىسدا، «ئىسلام دىننىڭ ھەقىقىي مۇقەددەس نامى»نى قايتىدىن تىكلەپ، ئۇنى دىننى سىياسىيلاشتۇرۇپ،تەشكىلنى ئاپراتلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە ۋە ئىدىيلەرنى ئەسەبىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق پەيدا قىلۋاتقان دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە تېرورچىلارنىڭ سەپسەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدىكى سادالار ھەممە يەرنى قاپلىدى ھەم ئۇلار ئىسلام دىنىنى ئاقلاش يولىدا ئاجايىپ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى .
دىنىي ئەسىبىيلىك ۋە تېرورلۇق بۈگۈنكى دۇنيادا بار بولغان دىنلارغا ئىتقاد قىلىپ كىلۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك كىشلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. لېكىن ئۇ قايسى دىننى يېپىنچا قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقرىشتىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز شۇ دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.چۈنكى مەيلى يەھۇدى، خرىستىئان، ئىسلام، بۇددا، ياكى باشقا دىنلاردا بولسۇن، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي دەستۇرلىرىدا ئەسەبىيلىك، جاھىللىق، مۇتەسىپلىك، قىزىققانلىق، زوراۋانلىق ياكى تېرورلۇقنى تەكىتلەيدىغان، ئۇنى قىلغانلارغا «مۇكاپات بېرىمىز» دەيدىغان سۆز-ئىبارىلەر يوق. مەيلى يەھۇدىي، خرىستىئان، ئىسلام، بۇددا، ھىندى ياكى باشقا دىنلاردا بولسۇن، ئۇلار بارلىققا كېلشى بىلەن تەڭ ئىنسانلار ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆز نىزامىغا ئايلاندۇرغان، شۇڭا، ئۇنداق ياكى مۇنداق قاتىللىق ۋە ۋەھشىيلىكلەرنى پەيدا قىلغان تېرورچىلارنىڭ يەھۇدىي، ناسارا ياكى مۇسۇلمان بۇلۇشىغا قاراپلا، شۇ دىنلار توغرىسىدا توغرا بولمىغان پىكىر ۋە خۇلاسىلەر چىقرىش تولىمۇ ئەقىلسىزلىق، يەنى مەلۇم بىر تېرورچىنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىگە قاراپلا، ئۇنىڭ جىنايىتىگە شۇ دىننىڭ نامى بىلەن ئات قۇيۇش توغرا ئەمەس. مەسلەن، تېرورچى ئۆزىنى يەھۇدىي دىنى مۇخلىسى دېسە، ئۇنىڭ جىنايىتىنى«يەھۇدىي تېرورچىلىقى» دېيىش؛ تېرورچى ئۆزىنى خىرىستىئان دىنى مۇخلىسى دېسە، ئۇنىڭ جىنايىتىنى «خرىستىئان تېرورچىلىق» دىيىش؛ تېرورچى ئۆزىنى مۇسۇلمان دېسە، ئۇنىڭ جىنايىتىنى «ئىسلام تېرورچىلىقى» دېيىش خاتا.
سىزگە مەلۇم، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇقنى ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرغان، ئەسەبىيلەشكەن ئەقىدىلەرنى دەستەك قىلغان دىنىي سىياسىي ئېتقادلار، پەقەت يۇقىرىقى دىنلارنىڭ مەيدانغا كېلىش ۋە تەرەققى قىلىش مۇساپىسىدە، سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەلۇم سىياسىي غەرەزنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دىننىڭ نامىنى سۈيئىستېىمال قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگىنى ۋە قىلغىنى دىن ئەمەس، شۇنداقلا دىندىكى ئاساسىى ئېقىممۇ ئەمەس.
تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇلارنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى دىنغا قىلىنغان ھاقارەت بۇلۇپ، مەقسىتى كىشلەرنى دىندىن چەتلەشتۈرۈش، باشقىلاردا ئىمان-ئېتقادلىق ئادەملەرگە نىسبەتەن ۋە غەزەپ پەيدا قىلىش، چۈنكى، تېرورلۇق ئىمان-ئېتقادنىڭ دەل ئەكسى بۇلۇپ، باشتىن-ئاخىر رەھىمسىزلىك، زۇلۇم ،قاتىللىقنى مەقسەت قىلدۇ. ئىمان-ئېتقاد بولسا رەھىم-شەپقەتلىك، مېھرى-مۇھەببەتلىك، كۆيۈمچان، ئەپۇچان بۇلۇشقا، تىنچلىق، ئاسايىشلىق بەرپا  قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
1.«قۇرئان كەرىم » دىن تېرورلىققا نەزەر
بىزگە مەلۇم، ئىسلامنىڭ ئاساسى «قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى رەھىم-شەپقەت، مېھرى-مۇھەببەت، كەمتەرلىك بىلەن ياشاشقا چاقىرىق قىلغان بۇلۇپ، «ئىسلام» دىگەن سۆز ئەسلىدىنلا «ئۇرۇش»،«ئۆچمەنلىك » دېگەن سۆزلەرگە قارىمۇ - قارىشى بولغان «تىنچلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى ئەرەب دەۋرى «جاھىلىيەت دەۋرى»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى دەۋر «ئىسلام دەۋرى» دەپ ئاتالغان.  مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ئەھمەد ئەمىنمۇ «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى» ناملىق ئەسىرىدە: «جاھىلىيەت» دېگەن سۆز، «بىلىم» دېگەن سۆزگە قارىمۇ-قارىشى ئېيتىلغان سۆز ئەمەس. بەلكى «ئۆچمەنلىك، چوڭچىلىق، يولسىزلىق، زوراۋانلىق» دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان سۆزدۇردەيدۇ، يەنە شۇ ئەسەردە تەبىرىنىڭ «قۇرئان تەفسىرى» دىن نەفىل ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللانىڭ بەندىلىرى رەھىمدىللىك بىلەن يولدا كىتۋاتقاندا باشقىلار ئۇلارغا زۇلۇم سېلىپ يولسىزلىق قىلسىمۇ، ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ»①. كۆرۈۋالايمىزكى«ئىسلام» دېگەن سۆز «كەمتەرلىك - ئەدەپلىك بۇلۇش، ئىتائەت قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللا«قۇرئان كەرىم» كىشلەرنى گۈزەل ئەخلاققا يۈزلىنىشكە، شەيتان ئىزىدىن يۈرمەسلىككە، زۇلۇم قىلماسلىققا چاقىرىق قىلغان:
«ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىننىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئېغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر»②. ئاللا كىشلەرنى يەر - يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا چاقىرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقانلارنى «شەيتاننىڭ ئىزىدىن ئەگەشكەنلەر» دەپ ئاتايدۇ.
قۇرئان تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمان كىشى ھەربىر ھەركىتى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئالدىدا جاۋاپكاردۇر. شۇڭا ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ھەققانىي، ئادالەتپەرۋەر، رەھىم-شەپقەتلىك بۇلۇشى، مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ياخشىلىق قىلشى، ئاجىز، مۇھتاج كىشلەرنى قوغدىشى ۋە ھىمايە قىلشى، باشقىلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسۇشى كېرەك.  «قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلارغا مۇنداق خىتاب قىلىنغان.
«ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كىيىن، زىمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللا بۇزغۇنچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ» ③.
ھىچقانداق گۇناھى يوق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى ھىسابلىنىدۇ. ئاللا «قۇرئان كەرىم»دە مۆمىنلەرنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان:
«كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بۇلىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بۇلىدۇ»④. بۇ ئايەتتىن، بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بۇلۇشنىڭ نەقەدەر ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلۋالايمىز
«ئاللاغا بەرگەن ۋەدىسنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللانىڭ سىلەر-رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمىرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار-ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بۇلىدۇ ۋە (ئولارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بۇلىدۇ»⑤. «ئالا بەرگەن رىزقدىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» ⑥. بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلەرگە ئاللا لەنەت ئوقۇيدۇ. «قۇران كەرىم» يەنە جىنايەت سادىر قىلىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن مۇناپىق قوۋمنىڭ  مەۋجۇتلۇقى، ئاللانىڭ ئۇنىڭغا لەنەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بىرىدە، ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش پىلانىنى تۈزگەن توققۇز كىشلىك بىر گۇرۇھ ھەققىدە مەلۇمات بىرىدۇ:
«شەھەردە (يەنى ھىجرىدە) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى. ئۇلار: ‹ئۆزئارا ئاللا بىلەن قەسەم قىلىڭلار› دىدى. ئۇلار ئېيتتى: ‹بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چۇقۇم
—————————— ̄
①}مىسسىرلىق} ئەھمەد ئەمىن «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى»، شىنجان خەلىق نەشىرياتى 2002-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى، 134~135- بەتلەر .
② «قۇئان كەرىم»،مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. سۆرە بەقەر 208-ئايەت.
③ «قۇئان كەرىم». سۆرە بەقەر 205-ئايەت.
④ «قۇئان كەرىم». سۆرە مائىدە 32- ئايەت.
⑤ «قۇئان كەرىم». سۆرە رەئىد 25- ئايەت.
⑥ «قۇئان كەرىم».سۆرە بەقەرە 60- ئايەت.
ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چۇقۇم ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنىڭ) ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راسچىلمىز دەيلى›. ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۈيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولىشىنى تىزلىتىش ئۈچۈن) سۈيقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق»① .
«قۇرئان كەرىم» ئىمان ئىگىلىرى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھەمىشە تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭ نامىدىن قەسەم ئىچىش، كىشىنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقىغا ئاساس بولالمايدۇ. ئېھتىمال بۇ ئادەملەر ئاللانىڭ نامىنى ئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ، كۇفرى، ۋەھشىيلىك ۋە ياۋۇزلۇقلار بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئاللانىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ۋە ئىسلام ئەخلاقلىرىغا تۈپتىن زىت بولغان نەرسىلەرنى شۇ قەسەملىرىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇنغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئاللا «قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلارنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ئاسايىشلىقى يولىدا كۆپلەپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا چاقىرىدۇ :
«ئاللا ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنۇتمىغىن، ئاللا ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، (سەن ئاللانىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللا ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»② . بۇنىڭدىن مەلۇمكى، «قۇرئان» ھەربىر ئىمان-ئېتقادلىق ئادەمدىن، بارلىق ئىنسانلارغا رەھىم -شەپقەت يەتكۈزۈشنى، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلدە بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . يەنە مۇنۇ قۇرئان ئايەتلىرىدە:
«... ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، يىتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا ، ياندىكى ھەمراھقا  (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا) مۇساپىرغا قول ئاستىڭلاردىكى قول-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبىھسىزكى، ئاللا مۇتەككەبىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ»③ .
  «... ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللادىن قورقۇڭلار، ئاللانىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق»④. يۇقىرقىلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، «قۇرئان» مۇسۇلمانلارنى، ھەممە ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشقا دەۋەت قىلغان بۇلۇپ، جېدەل- ماجىرا ۋە غوۋغالاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم ياخشىلىق قىلغانلارغا  «بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسەئارتۇق  ساۋابقا ئىگە بۇلىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»⑤. دېگەندەك مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلىدۇ. يەنە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى، مۇسۇلمانلارنى ئادالەتپەرۋەر، كەڭ قورساقلىق بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ :
«ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بېرىڭلار، ئاللا سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇزۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇزمىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، ئۇنداقتا ئاللا ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر»⑥.
يۇقىرقى ئايەتتە، يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق ئادەمگە، مەيلى ئۇ قايسى مىللەت، ئىرق ۋە دىنغا تەۋە بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈگى تەكىتلەنگەن. ئىسلام تەكىتلەۋاتقان ئادالەت ھەرگىز زامان،
  ——————————
① «قۇرئان كەرىم» ،سۆرە نەمىل 48-50-ئايەتلەر .
② «قۇرئان كەرىم»، سۆرە قەسەس، 77- ئايەت
③ «قۇرئان كەرىم» ،سۆرە نىسا 36- ئايەت .
④ «قۇرئان كەرىم» ، سۆرە مائىدە 2- ئايەت .
⑤ «قۇرئان كەرىم» ،سۆرە ئەنئام 160- ئايەت .
⑥«قۇرئان كەرىم» سۆرە نىسا 135- ئايەت .
ماكان ۋە ئادەمگە قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. يەنە كىلىپ ئاللا يەر يۈزىدىكى تۈرلۈك قوۋم ۋە ئىرقلارنى بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلەشسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئارا تۇنۇشۇپ، ئالاقە قىلىپ ياشىسۇن دەپ ياراتقان. دىمەك، ئاللا دۇنيانىڭ خىلمۇخىلىغى ۋە رەڭگارەڭلىگىنى ئىرادە قىلغان. ئەمما تېرورچىلار ئادىل ۋە كەڭ قورساقلىقتىن مەھرۇم بولغاچقا، ھەر قانداق بۇزغۇنچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنى ناھايىتى ئاسان، ۋىجدان ئازاب چەكمىگەن ھالدا قىلىۋېرىدۇ. لېكىن ئۆزلىرى يەنىلا بىر خىل ئەندىشە، قورقۇنچ ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ. چۈنكى، ئىچكى قىسىمدا بىر-بىرىگە ئىشەنچ بولمىغاچقا، باشقىلارنىڭ ساتقىنلىق قىلشىدىن قورقىدۇ. بۇھالەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بېلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى رەھىم-شەپقەتلىك بۇلۇش، ياخشىلىق قىلىش ، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشتەك ئېسىل گۈزەل ئەخلاقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىدىن باشقا بارچە ئادەمگە بىر خىل غەزەپ -نەپرەت بىلەن قارايدىغان بىنورمال ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
«ئى مۆمىنلەر! ئاللانىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھ بېرىڭلار، بىرەر قەۋمىگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن. (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بۇلۇڭلار، بۇ (يەنە ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بۇلۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللادىن قورقۇڭلار، ئاللا ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»①. مانا بۇئايەت بىزگە، قايسى دىن، ياكى مەزھەپتىكى قانداق ئادەم بولمىسۇن، ھەممىسىگە باراۋەرئادىل مۇئامىلە قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۇشەندۇرۈپ بېرىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹دىندا(ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمىرانلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى...››②. ‹‹سەن(ئۇلارغا) ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز-نەسھەت قىلغۇچىسىى سەن››③.
‹‹قۇرئان››مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلار‹‹قۇرئان كەرىم››دە بايان قىلىنغان ئەخلاقىي پىرىنىسىپلارنى ھاياتقا تەتبىقلاش توغرسىدا بىر- بىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشى، بىر-بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى سەمىگە سېلىپ قۇيۇشى كېرەك. ھەرگىز باشقىلارغا، مەن بەشۋاخ ناماز ئوقۇغانلىقىم، ئوتتۇز كۈن روزىنى ساق تۇتقانلىقىم، زاكاتنى تۇلۇق بەرگەنلىكم، ھەج قىلغانلىقىم ئۈچۈن مەن مۇسۇلمان، سەن كاپىر دېمەسلىكى، ياكى ئۆزىنىڭ قارشى ۋە چۈشەنچىسى بىلەن باشقىلارنى ئۆلچىمەسلىكى كېرەك.
‹‹قۇرئان كەرىم››دە يەنە: ‹‹بىز ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيىش كۇپپارلىرىنىڭ) ئەيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىمدىن قورقۇدىغانلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز نەسىھەت قىلغىن››④. دەپ تەكىتلىنىش ئارقىلىق، ئىسلام دىنىغا باشقىلارغا دىنىي ۋەز-نەسىھەت ئېلىپ بىرىشقا بۇلىدىغانلىقى، ئەمما ئىككىنچى بىر ئادەمنى دىنغا كىرشكە زورلاشقا ياكى مەججبۇرلاشقا قەتئي بولمايدىغانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ‹‹قۇرئان كەرىم››كىشىلەرنى سەۋر-تاقەتلىك ۋە كەڭ قورساق بۇلۇشقا چاقىرىق قىلغان بۇلۇپ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئايەت بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ:
‹‹ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرىغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىننى قىلماي)، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن››⑤. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئاساسىي تەلىماتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ،ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە)تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ)سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سرداش دوستۇڭدەك بۇلۇپ قالىدۇ››⑥. دېمەك يۇقىرقى ئايەتتە ئەپۇچان، كەڭ قورساق، رەھىم-شەپقەتلىك
——————————
  ① ‹‹قۇرئان كەرىم››،سۈرە مائىدە 8-ئايەت .
②‹‹قۇرئان كەرىم››،سۇرە ۋەقەرە 256-ئايەت .
③ ‹‹قۇرئان كەرىم ››،سۈرە غاشىيە 21-ئايەت .
④‹‹قۇرئان كەرىم ››،سۈرە قاف. 45-ئايەت.
⑤‹‹قۇرئان كەرىم ››،سۈرە ئەئراف 199-ئايەت .
⑥ ‹‹قۇرئان كەرىم ››،سۈرە فۇسسىلەت34-ئايەت.
بۇلۇشنىڭ ئىنساننىڭ ھەققىي خىسلتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ‹‹بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسنى)تۇزىسە،  ئۇنىڭ ئەجىرىنى ئاللا بېرىدۇ.ئاللا ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ››①. دىيىش ئارقىلىق، ئۆزىدە ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەخلاقىي سۇپەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۇرگەن كىشىنى پەرۋەر دىگارنىڭ ئالىي مۇكاپاتى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
‹‹قۇرئان كەرىم›› يەنى ئۇرۇش توغرسىدا توختىلىپ، ئۇرۇشنى ئامالسىز، ئىلاجىسىز قالغاندا ياكى زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا، يەنى دۆلەت تاشقى دۇشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچۇراپ، خەلىقنى دۆلەت زىمىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغاندا ئېلىپ بېرىشقا بۇلىدىغانلىقى، شۇنداق بولغاندىمۇ ئىنسانىي ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەممىدىن زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىىپ بەردى .
‹‹...ئۇلار ھەرقاچان (رەسۇلۇللاغا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللا ئۇنى ئۆچۇرىدۇ. ئۇلار بىر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيقەسىت قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارئارىسدا پىننە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىىپ يۇرىدۇ، ئاللا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ››②. قىسقىسى‹‹قۇرئان كەرىم››بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىقلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەن بۇلۇپ، يۇقىرقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن، ئىسلام دىنىڭ ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا تىنىچلىق تۇرۇشىنىڭ  ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
2.جىھادنىڭ ھەقىقي مەنىىسنى توغرا چۇشنەيلى
‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ نازىل بۇلۇشى توپتۇغرا 23 يىلدا تاماملانغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ئاۋۋالقى 13 يىلدا مۇسۇلمانلار ئاجىز ھالەتتە، مەككە مۇشىرىكلىرى كۇچلۈك ھالەتتە مۇسۇلمانلار ئاز سانلىقنى مەككە مۇشىرىكلىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغانىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى مەككە مۇشرىكلىرى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ھەرخىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار ھەممىشە مەككە مۇشىرىكلىرىنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغاندىن سىرىت، بىر قىسمى مۇشىرىكلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆيلىرى مال-مۇلۈكلىرى مۇسادىر قىلىنغان، ھەتتا ئۆز يۇرتىدىن قوغلانغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇسۇلمانلار مۇشىرىكلارغا قارشى زورلۇق كۈچ ئىشلەتمىگەن، ئەكسىچە ئۇلاربىلەن سۈلھى تۈزۈپ تىنچلىقتا بىرگە ياشاشقا تىرىشقان.
بۇتپەرەسلەرنىڭ زىيانكەشلىكى چەكتىن ئېشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۇلىكى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرى(مەككە)نى تەرك ئىتىپ، دەسلەپتە ھەبەشىستانغا، كىيىنچە يەسرىپ (كىيىنچە مەدىنە دەپ ئاتالغان) شەھرىگە بېرىپ ئورۇنلاشقان. كىيىنچە مۇسۇلمانلار مەدىنىدە سىياسى تەرتىپ ئورنىتىپ، ھەقىقىي كۈچ توپلىغاندىمۇ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ياكى كونا ھىساپ-كىتاپنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە ھۇجۇم قىلمىغان. پەقەت مۇنۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كىيىن، شۇنداقلا مەككە مۇشرىكلىرى مەككىدىن مەدىنىگە قۇشۇن تارتىپ بېرىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كىيىن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان.
«ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى.  ئاللا ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر» ③. «(ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللا دىگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ئاللا ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا
——————————
① «قۇرئان».سۆرە شۇرا 40-ئايەت.
②«قۇرئان».سۆرە مائىدە 64-ئايەت.
③«قۇرئان». سۆرە ھەج 39-ئايەت.
، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللانىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسچىتلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى...» ①. «قۇرئان كەرىمنىڭ»نىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، يۇقارقى ئايەتلەر نازىل بولغىنى بىلەن، ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇشلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ياكى مۇداپىئەلىنىش ئۇرۇشى بۇلۇشىنى ، ھەرگىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى بولماسلىقىنى قايتا - قايتا تەكرارلىغان .
«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللا يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللا ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» ②.يۇقىرقى ۋەھىيلەر نازىل بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلاربىلەن ئەرەبلەرنىڭ مۇشرىك قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە قېتىم جەڭ بولدى. لېكىن ئۇنىڭ بىرەر قېتىملىقىغىمۇ مۇسۇلمانلارسەۋەبچى بولمىدى ياكى مۇسۇلمانلار باشلامچى بۇلۇپ ئۇرۇش قوزغىمىدى. قىسقىسى، مۇسۇلمانلار تاجاۋۇزچى بولمىدى ياكى مۇسۇلمانلار باشلامچى بۇلۇپ ئۇرۇش قوزغىمىدى. قىسقىسى، مۇسۇلمانلار تاجاۋۇزچى بولمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، «مىلادىيە 628- يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يىلدا بىركىلدىغان ھەج مەۋسۇمىدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى باشلاپ مەككىگە كەلدى. لېكىن، مەككىلىكلەر ھەج قىلىشقا كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرگە كىرىشنى رەت قىلدى. مۇسۇلمانلار ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن كېڭەش ئارقىلىق كېلشىم تۈزۈلدى. بۇ «ھۇدەيبىيە سۈلھىسى» دەپ ئاتالدى. بۇ سۈلھىدە (ئىككى تەرەپ ئون يىلغىچە ئۇرۇشماسلىق) دېگەن بىر ماددىمۇ بار ئىدى. بۇ سۈلھىگە ئاساسەن، مەككىدىكى قۇرەيىشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ دىن تارقىتىش ۋە يېڭى ئىتقادچىلارنى قۇبۇل قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم مەككىگە كېلىپ ھەج قىلشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، مەككىلىكلەر سۈلھىگە خىلاپلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەككىگە بويسۇندۇرغۇچى سۈپىتىدە كىرىپ كەلدى. لېكىن دۈشمەنلىرىگە ئىنتايىن كەڭچىلىك قىلدى»③. دەرۋەقە،ئۇ كەئبنىڭ ئىچىدىكى بۇتلارنى چىقرىپ تاشلاپ، بۇمۇقەددەس جاينى بۇتپەرەسلىكتىن خالىي قىلغاندىن باشقا، مەككىلىكلەرگە چېقىلمىدى، بەلكى مەڭگۈلۈڭ تىنىچلىق ئورناتتى. شۇ ۋاقىتتا، ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالام خالىغان بولسا، بۇرۇن ئۆزلىرىگە چەكسىز ئازاب كۈلپەتلەرنى سالغان مەككىلىك مۇشرىك قەبىلە باشلىقلىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا پۈتۈنلەي قادىر ئىدى. ئۇ ھەتتا باشقا دىنلارغا ئېتقاد قىلدىغان كىشلەرگە ئۆز دىنغا ئېتقاد قىلش ھۇقۇقىنىمۇ ھەم بەرگەن .«ئۇ ھاياتنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلدا ،ئەرەبىستاننىڭ شىمالىدىكى يەھۇدىي قەبىلىلىرى ۋە خىرىستىئان دىنغا ئېتقاد قىلدىغان قەبىلىلەر بىلەنمۇ تىنىچلىق كېلشىمى ئىمزالىغان» ④  .
«(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بۇلۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىمايدۇ، شۈبىھسىزكى، ئاللا ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ»⑤. يۇقىرقى ئايەتتە، ئاللا مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئادىل، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ سەگەكلىك بىلەن تۇنۇشىمىز ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مەسلە «جىھاد» چۈشەنچىسى بۇلۇپ، ئىسلامنىڭ ئاساسىي بولغان قۇرئان كەرىم، ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە ساھابىلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى، ئىسلامدا تەكىتلەنگەن «جىھاد»نىڭ مەنىسنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمىگە قارىتا ئېيتىلغانلىقى، ئۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە دائىر بىر قاتار سۇئاللارغا ئاللىقاچان جاۋاب بېرىپ بولغان.
«جىھاد» دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى«ئىنتىلىش»،«ھەرىكەت قىلىش»،«تىرىشچانلىق كۆرسىتىش»،«جاپا چىكىش» دېگەندىن ئىبارەت. ئىسلام ئەقىدىسىدىن قارىغاندا، «جىھاد قىلىش»-«جۇھد جەھىد» يەنى«بىرەر ئىش قىلىش قارار قىلىش» دېگەنلىك بۇلۇپ، مىسىر دىن ئىشلىرى ۋەخىپە ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى ۋە ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ھەمدى زەقرۇق ئۆزىنىڭ«ئىسلام دىننى بۇرمىلايدىغان بىر تەرەپلىملىكلەرنى تۈزىتەيلى!» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «جىھاد سۆزنىڭ مەنىسى (شەخىس ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش) دېگەنلىك بۇلىدۇ، ئۇ يەنە ئىككى خىل مەنىگە ئىگە: بىرىنچى خىل مەنىسى، شەخىسنىڭ روھىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى  كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچى خىل مەنىسى، ھەققانىي ۋە توغرا ئۇرۇشتا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ بىرىنچى خىل مەنىدىكى غەيرەت بىلەن تىرىشىش«چوڭ جىھاد» دەپ
——————————
①«قۇرئان».سۆرە ھەج 40- ئايەت .
②«قۇرئان».سۆرە بەقەرە 190- ئايەت.
④③{پاكىستانلىق} سەئىد فەييازمەھمۇد:«ئىسلام دىننىڭ قىسقىچە تارىخى» 1-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996-يىل نەشىرى، 46-47بەتلەر.
⑤«قۇرئان كەرىم»، سۈرە مۇمتەھىنە 8- ئايەت.
ئاتىلدۇ، بۇ شەخىسنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە گۇناھ ۋە ئازغۇنلۇقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قەلبىنى پاكلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك گۇناھلاردىن بۇلۇپمۇ ھەسەتخورلۇق، گۇمانخورلۇق، ئۆچمەنلىكلەردىن يىراق بۇلۇپ، بۇئارقىلىق ئاللانىڭ ئىلتىپاتىغائېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. باشقا شەكىلدىكى جىھادلار «كىچىك جىھاد» دەپ ئاتىلدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى ھەققانىي، توغرا ئۇرۇشنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت»①.
دىمەك، ئىسلام ئەھكاملىرىدا ئوتتوۇرىغا قۇيۇلغان ھەقىقىي جىھاد-چوڭ جىھاد بۇلۇپ، كىشلەرنىڭ نەپسىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆز تېنىدىكى يامان خۇسۇسىيەتلەر(ئاچكۆزلۈك، ناپاكلىق، ئەخلاقسىزلىق، ۋەھشىيلىك، ۋە ياۋۇزلۇق)نى يوقىتىپ قەلبىنى پاكلاش، ئىش- ھەرىكىتى ۋە سۆزىنى گۈزەللەشتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئاللانىڭ سۆزى بىلەن«قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ چاقىرىقى ئىدى.
بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كىلىپ، يېنىدىكلەرگە :«بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتىپ كەلدۇق»②. دېگەن، يەنى ئۇ، چوڭ جىھاد ياكى ئۇلۇغ جىھاد-ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىگە قارشى ئېلىپ بارغان جىھادىدۇر، دەپ تەلىم بەرگەن.
3. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيىسى
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتى ياكى پۈتۈن ھاياتى بولسۇن، باشتىن- ئاخىر باشقىلارغا ياخشى نەسىھەت قىلىش، تەربىيە بېرىش بىلەن ئۆتكەن. ئۇ، دىنىي دەۋەت ئېلىپ بارغان دەسلەپكى چاغلاردا، قۇرەيىش ئاقسۆڭەكلىرى مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغان، رەسۇلۇللاغا ھۇجۇم قىلغان، رەسۇلۇللاھ قاتتىق خورلۇققا ئۇچرىغان. شۇ ۋەزىيەتكە قارتا نازىل بولغان «قۇرئان كەرىم» ئايىتىدە: «سەن بۇلاردىن يۈز ئۆرىگىن، سالام دىگىن، (يەنى ئۇلارغا بەددۇئامۇ قىلمىغىن، دىنغا دەۋەتمۇ قىلمىغىن)، ئۇلار كەلگۈسىدە (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ»③ دىيىلگەن. بۇ چاغدا ئاللا تائالا مۇھەممەت ئەلەھىسسالامنى «كىچىك جىھات»نى قوللىنىشقا بۇيرىمىغان، بەلكى سەۋىر-تاقەت قىلىشقا بۇيرىغان. ئون نەچچەيىل تىنىچلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىنمۇ، مۇسۇلمانلار يەنىلامەككەئاق سۆڭەكلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ۋە زۇلىمىغا ئۇچراۋەردى، ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھتدىت ئاستىدا قالدى،بۇ چاغقا كەلگەندە، ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى: ‹‹ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى  ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى›› ④. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى جىھاد قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان ئەھۋالدىمۇ، ئالدى بىلەن تىنىچلىقنى تاللىغان، ئامال بولمىغاندىلا ئۇرۇش ئېلىپ بارغان
——————————
①‹‹يىڭى ۋەز – تەبلىغلەر››1-توپلام، 39-، 40- بەتلەر، جۇڭگۇ ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تۈزگەن. دىن مەدىنىيىتى نەشىرىياتى 2001-يىل نەشىرى.
②‹‹يىڭى ۋەز - تەبلىغلەر››1- توپلام، 41- بەت، جۇڭگۇ ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تۈزگەن، دىن مەدەنىيىتى نەشرىياتى 2001- يىل نەشىرى.
③ ‹‹قۇرئان كەرىم ››، سۈرە زۇخرۇق 89-ئايەت .
④ ‹‹قۇرئان كەرىم››،  سۈرە ھەج 39-ئايەت..
مۇھەممەت ئەلەيھىسىسىلامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن مۇسۇلمانلارغا باش بولغان «خۇلەفائى راشىدىن» (يەنى توغرا يولدىكى خەلىپلەر) ۋە مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى، ئىستېلا قىلغان جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تىنچ، بىخەتەر ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. خەلىپىلەرنىڭ بىرىنچىسى ئەبۇبەكرى سىدىق سۈرىيىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ كېتىۋېتىپ، ئۆز قوشۇنلىرىغا ‹‹قۇرئان كەرىم›› مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇنۇ يوليۇرۇقنى بەرگەن:
‹‹ئەي ئىنسانلار!مەن سىلەرگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئون قائىدىنى مەلۇم قىلىمەن، ئۇنى پەقەت ئىسىڭلاردىن چىقارماڭلار ۋە توغرا يولدىن ئاداشماڭلار. بالىلارنى، ئاياللارنى، قېرى ،ئاجىز، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرمەڭلار، خورما دەرەخلىرىگە ئوت تىرىكچىلىك ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بۇلىۋاتقان ۋە ئاخىرەتلىكىنى تىلەپ تائەت-ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار››①.
ئەبۇبەكىرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن،  ئۇنىڭ خەلپىلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەزىرتى ئۆمەرمۇ، ئۆزىنىڭ باشقا دىندىكىلەرگە خەيرخاھلىقى، رەھىم-شەپقەتلىكى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكى بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسىدىلا ئەمەس، بەلكى غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ ناھايتى زۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلۇپ كەلگەن، مەسىلەن: مىلادىيە 637-يىلى ئەرەپ قۇشۇنلىرى پەلەستىنىىنى ئىستېلا قىلدى. ئەسىرلەر مابەينىدە يۈز بەرگەن بىھېساپ ئۇرۇش ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ شەپقەتسىزلىكىدىن يۈرەكزادە بۇلۇپ كەتكەن خەلىق، بىر ھۆكۈمران دىنىنىڭ باشقا بىر دىن بىلەن ئالمىشىشى، يەنە نۇرغۇن ۋەيرانچىلىقلارنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دەپ ئەندىشە قىلغانىدى، ئەمما خەلىپە ئۆمەر رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمانلار پەلەستىندە دىنى ئەركىنلىك، تىنىچلىق ۋە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئەنگىلىىيىلىك تارىخچى، يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرق تارىخى بويىچە مەشھۇر مۇتەخەسىس كەرېن ئارمىستىراڭ ‹‹ئىلاھىنىڭ تارىخى›› ناملىق ئەسىرىدە: ‹‹خەلىپە ئۆمەر قۇددۇسقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا شەھەر ھاكىمى ۋە قۇددۇسنىڭ ئالىي روھانىيىسى ھەمراھ بۇلۇپ، قۇددۇستىكى ئاساسىي ئىبادەتخانىلارنى كۆرسەتتى. «تەۋرات» (كونا ئەھدى)تا تىلغا ئېلىنغان سۇلايمان ئەلەيھىسىالام بىنا قىلغان بەيتۇلمۇقەددەسكە باشلاپ باردى. خەلىپە ئۆمەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسىالام  مىراجغا كۆتۈرۈلگەن جايىنى زىيارەت قىلدى ۋە شۇ جايدا ناماز ئوقۇدى. باش روھانىي بۇ ۋەقەلەرنى بىر ئاز قورقۇش ئىچىدە كۆزىتىپ تۇرۇپ، ئەمدى كۈنۇم تۈگىدى دەپ ئويلىغانىدى. ئاندىن  كېيىن، خەلىپە ئۆمەر ناسارالار ئىبادەت قىلىۋاتقان چېر كاۋنى ۋە ھەزىرتى ئەيسا زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان جاينى كۆرمەكچى بولدى. ئەمما ئۇ نارسارلار ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا ناماز ۋاقتى بۇلۇپ قالدى. پوپ ئەدەپ بىلەن خەلىپە ئۆمەرگە مۇشۇ ئىبادەتخانىدا ناماز ئوقۇش تەكلىپىنى بەردى، لىكىن خەلىپە ئۆزرە ئېيتىپ، تەكلىپنى رەت قىلدى.  ھەم ئەگەر مەن مۇشۇ ئىبادەتخانىدا ناماز ئوقۇغۇدەك بولسام، مۇسۇلمانلار بۇ ۋەقەنى تارىخ سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن. كىيىنچە ئىبادەتخانا ئورنىغا مەسچىت بىنا قىلىشى مۈمكىن، دىدى- دە، ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ناماز ئوقۇدى. كىيىنچە مۇشۇ جايغا ئۆمەرنىڭ نامى بىلەن بىر مەسچىت بىنا قىلىنغان بولۇپ، «مەسچىدىل ئۆمەر»(ئۆمەر مەسچىدى) دىگەن نام بىلەن ئاتالدى»② .خەلىپە  ئۆمەر قۇددۇس ناسارالىرى بىلەن تۈزگەن خەۋىپسىزلىك شەرتنامىسىدىمۇ: «ئۇشبۇ بىتىم، مەنكى ئاللانىڭ بەندىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى تەرىپىدىن قۇددۇس خەلقىگە بىرىلگەن ھامىيلىق ھەققىدىكى بىتىمدۇر. مۆمىنلەر ئەمىرى ساق ياكى كېسەل بولسۇن، پۈتۈن خەلىقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ ھىمايىچىسىدۇر. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، بۇتلىرى ۋە دىنلىرىنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقىغا. خەلىقنىڭ بۇتخانىلىرىنىڭ بۇزۇلماسلىقىغا، شۇنداق جايلارنىڭ تۇرار جايلارغا ئايلاندۇرۇلماسلىقىغا، ئۇلارنىڭ ئاۋالقى ھوقۇقلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىدىن ھېچنېمىگە چېقىلماسلىققا. دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىدە ھەركىمگە،ھەرقانداق جايدا بېسىم ئىشلەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك بېرىمەن. ئاللا، ئۇنىڭ رەسۇلى، رەسۇلىنىڭ ساھابىلىرى ۋە بارچە مۆمىنلەر ئۇشبۇ
  ——————————
① ھارۇن يەھيا «ئىسلام تېرورلۇققا لەنەت ئوقۇيدۇ»، 2002-يىل تۈركىيە نەشىرى، 49-بەت.
②كەرېن ئامىستىراڭ: «ئىلاھنىڭ تارىخى»، خەينەن خەلىق نەشىرياتىى 2001-يىل، 172-بەت.
بىتىمنى تەستىقلايدۇ. ئىمزا: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ» ①. دىمەك، مۇندىن مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى بىتىمدە، شەھەردىكى چېركاۋلارنىڭ بۇزۇپ تاشلانماسلىقى، مۇسۇلمانلار، ناسارالارنىڭ چېركاۋلىرىنى بېسىۋالماسلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىبادەتخانىلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى تىلغا ئېلىنغان.
دىمەك، ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ، ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغان ساھابىلەر ۋە تابىئىنلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ «قۇرئان»نىڭ مەزمۇنى ۋە مەنىسىگە ئەمەل قىلغان مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلىرى، كىشىلەرنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىش قىلىشتىن تۇسۇشنىڭ، ئىسلام ئەھكاملىرىدا تەكىتلەنگەن ھەقىقى جىھاد (چوڭ جىھاد)نىڭ ئۆزى ئىكەنلىگىنى تولۇق چۈشەنگەن ۋە شۇنىڭغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلغان. شۇ ئاساستا ئوخشىمىغان ئىرق، ئېتىقاد ۋە مەزھەپلەردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، تىنىچلىقتا بىللە ياشاشنىڭ يارقىن نامايەندىسىگە ئايلانغان.
ھەقىقەتەن، ئىسلام ئەھكاملىرىدا تەكىتلىگەن جىھاد، جاپالىق ئىشلەپ تاپقان مال-مۈلۈكنى تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا، جۈملىدىن ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش، خۇتۇن-بالىلىرىنى بېقىش، يىتىم-يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتاش، خەيىرلىك ئىشلارنى قىلىش، پاك-دىيانەتلىك، ئادىل بولۇش، ھەققانىيەتنى قوللاش ھەمدە گۈزەل ئەخلاق مىزانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆزىنى  بېغىشلاش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى، جۈملىدىن مۇشۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يامان ئادەم، يامان ئىشلار بىلەن كۈرەش قىلىش، ئىپپەت-نۇمۇسىنى ساتىدىغان، پاھىشىۋازلىق قىلىدىغان، شەھۋانى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە تارقىتىش بىلەن شۇغۇلىنىدىغان، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان،  زەھەر ساتىدىغان ۋە چىكىدىغان،  قىمار ئوينايدىغان، خۇراپاتلىقتىن پايدىلنىپ باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغانلار بىلەن كۈرەش قىلىشنى  كۆرسىتىدۇ.
يۇقۇرقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولۇدۇكى، «جىھاد دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «ئۇرۇش قىلىش» دىگەنلىك ئەمەس، ھەرگىز «ئادەم ئۆلتۈرۈش»دىگەنلىكمۇ ئەمەس. مۇھەممەد ئەلەيھسسالام دەۋرىدە مۇسۇلمانلار رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقتىن، مۇھەممەد ئەلەيھسسالام ساھابىلارنى ھەققانىيەت ۋە ئۆزلىرىنى قوغداش يۈزىسىدىن «كىچىك جىھاد» ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانىىدى.    
بۈگۈنكى كۈندە بولسا دەۋىر ئۆزگەردى، جەمىيەت تەرەققى قىلدى، ئېختىساد يۈكسەلدى، مەملىكىتىمىزدە مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق بولۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىگى بولۇش،  سىياسىتى يولغا قۇيۇلۇپ، بۇ نىشانلار ئەمەلگە ئاشتى ۋە ئاشماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، مۇسۇلمانلارنىڭ 56 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان،  مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە تىنچ ياشىشىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مانا مۇشۇنداق تىنىچلىق دەۋرىدە، ئىسلامنىڭ تىنچلىقىنى ئاساسى قىبلىنەمە قىلىپ مەيدانغا كەلگەنلىگىنى، ئاخىرقى نىشانىنىڭمۇ تىنچلىق ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يىتىشىمىز لازىم.
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى دىن تەتقىقات ئورنى
جاۋابكار مۇھەررىرى:  ئابدۇۋەلى مەخپۇللا
مەنبەسى
: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتتى ژورنىلى.
[ بۇ يازما jorji تەرپىدىن2009-02-15 10:31 PMدە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-20, 15:10
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-20 10:28 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
hotwind
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 37402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-28

 

ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم......مەن دائىم مۇشۇ مەسىلە تۇغرىسىدا خەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن مۇنازىرلىشىپ كىتىمەن.....
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 12:13 AM |
Adil Mijit Bilan sohbat
orhun36
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 30152
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1021
شۆھرەت: 1227 نۇمۇر
پۇل: 3480 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1787(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

مەن بۇنى ساقلىۋىلىپ كىيىن ئوقوي.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
يۈز يىل دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ تىمساق بىلەن دوس بولالمايسەن .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 12:23 AM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
@margan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 37633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 177 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

مەن ئىسلامغا قارشى چىققان كىشلەرگە قارشى تۇرۇشقا دائىم تەييارمەن،چۈنكى مەن ئىسلام پەرزەنتى.دۇستۇم تېمىڭىزغا رەھمەت.
Okyan
ئاللاھ،يولىدا بىر ئۆمۈر جەڭ قىلىمەن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 12:40 AM |
Adil Mijit Bilan sohbat
shungqar12
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24354
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 697(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

    تېرورلۇق دېگەن تەشكىللىك،زوراۋانلىق ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىندىكى خەلقنىڭ زېمىنىنى ئازاد قىلىش يولىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق كۆرىشى بىلەن تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ.
                  چىڭ جىياخۇ قاتارلىقلار يازغان«ھازىرقى زاماندىكى ئىسلامىزىم»       686-بەت
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 01:42 AM |
Yurtum Elani
uznar
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 30406
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 254
شۆھرەت: 254 نۇمۇر
پۇل: 862 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 819(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

      ئەپۇچان بولۇش؟ھازىرقى ئىسلام ئەللىرى ئەپۇچالىقنىڭ ئەق يۇقۇرى چېكىگە يەتتىمىكىن دەپ ئويلايمەن.جۈملىدىن  ئۇيغۇر قەۋمىمۇ  ئەزەلدىن ئەپۇچان، يۇۋاش،مېھماندوس بولۇشتەك «ئېسىل خىسلەت»لەرگە ئىگە.تېرورلۇق مەسىلىسىدەshungkarنىڭ مىسالى ئورۇنلۇق.
Okyan
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 10:48 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
EPSUS
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 13507
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 243
شۆھرەت: 180 نۇمۇر
پۇل: 1052 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

Quote:
بۇ مەزمونjorjiنىڭ2009-01-20 10:28 PMدە يوللىغان يازمىسى ئىسلام دىنىدىن تېرورلۇققا نەزەر :
                           ئىسلام دىنىدىن تېرورلۇققا نەزەر
                                ئەھمەتجان ھەسەن  
21- ئەسىر باشىلىننىش بىلەن، ئەسلىدىنلا خەلقارا سىياسى ۋەزىيەتتىكى قارشىلىشىش ۋە سۆزلىشىش، تۇقۇنۇش ۋە ھەمكارلىشىش، قالايمىقانچىلىق  ۋە مۇقۇملىق، زومىگەرلىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش ،دۇنيانىڭ كونا تەرتىپىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىشتەك ئوخشىمىغان كۈچلەر ۋە كۆز قاراشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن، تىنىچ بولماي كىلىۋاتقان دۇنيا تېخىمۇ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇلۇپمۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر گوروھ كىشىلەر تەرەپىدىن 2001-يىل 9-ئاينىڭ 11- كۈنى ئامرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون ۋە نيويورك شەھەرلىرىدە ..........................................................................................................
.......


دوستۇم تېمىنى بەك ياخشى يېزىپسىز، دەرۋەقە شۇنداق...
ئەمما سىزگە كەسكىن بىر تەكلىپ بىرەي:
قۇرئان ئايەتلىرىنى توغرا نەقىل ئېلىڭ،  «بۇزغۇنچىلىق»  دىگەن سۆزنى ھەممە يەردە « بۇزۇقچىلىق» دەپ ئاپسىز !
سىز نەقىل ئالغان قۇرئان بىز ئوقۇپ باقمىغان قۇرئانمۇ يا!

ئۇيغۇر تىلىدا بۇزۇقچىلىق دىگەن ئەر ئايال پاھىشىخورلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن زىنا-پاھىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇزغۇنچىلىق بولسا ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ياخشى ھالىتىنى بۇزۇپ ، ۋەيران قىلىپ گۇمران قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

دىمەك ، بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى ئاسمان زىمىن پەرقلىنىدۇ !!!   ئىشەنمىسىڭىز باشقا تورداشلاردىن سوراپ بېقىڭ...

ئالغان نەقىللىرىڭىزنىڭ باشقا يەرلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرمىدىم.. بەلكىم يەنە باشقا ئۆزگەرتىشلەر بولىشى مۇمكىن.

شۇڭا تەۋسىيەم:
قۇرئاندىن نەقىل يازغاندا ئىككى كۆزىڭىزنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئېچىپ ياخشى قاراپ ئوقۇڭ...
[ بۇ يازما EPSUS تەرپىدىن2009-01-21 11:24 AMدە قايتا ]
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 11:17 AM |
Yurtum Elani
tewilga
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24187
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 235 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 659(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

ھۆرماتلىك ئەخمەتجان ئەپەندى يازمىلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.
تېرورلۇق  بوزەك قىلىنغۇچىلارنىڭ ،بوزەك قىلغۇچىلارغا قىلغان ھەركىتى.
تېرورلۇق  سەممىيەتسىز ،دېمكۇراتىيەنى ئاياق-ئاستى قىلغانلارغا ئېتىلغان ئوق.
بۇ دىگىنىم تېرورلۇقنى ھىمايە قىلغىنىم ئەمەس،بىراق قوينىمۇ بوغۇزلايمان دىسە
تىپىرلايدىكەن ئەمەسمۇ؟...
ھەممە مىللەت باراۋەر،ئىناق -ئتتپاق بولسا  كىممۇ ئەززىز جاندىن،ئەزىز قېرىنىداشلىرىدىن كېچىشنى خالايدۇدەيسىز؟؟؟؟..............   
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 11:25 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
yanbulak
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 36595
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 72 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

                                                                                                                   ئىسلامىيەتتىن  گەپ  ئېچىلغاندا  ھېسسىياتقا  تايىنىپ  كېتىشكە  بولماۇدۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 11:25 AM |
Yurtum Elani
adi0710
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29482
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 170
شۆھرەت: 180 نۇمۇر
پۇل: 117 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-21

 

ئىسلام دىنى ۋە تېرورلۇق مەسىلىسىدە قۇرئاندا ئېنىق جاۋابلار تولۇقى بىلەن بار .باشقا سۆزلەر چۇشەندۇرۇلۇشلەر ئارتۇق ، پەقەت بىر قىسىم بۇرمۇلۇق چۇشەنچىلەرلا ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ . مەنچە مىللەت ساپاسىسىنى يوقۇرى كۆتۇرۇش ئاق بىلەن قارىنى ئايرىشتىكى ئاساسلىق كۆۋرۈك . ئۆزى ھەقىقەتەن چۈشىنىپ يەتكەندىلا ئاندىن ئەمىلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرالايدۇ .
ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھدۇر .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 12:13 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
555rikabatqi
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 30086
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 832
شۆھرەت: 832 نۇمۇر
پۇل: 1904 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1173 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1241(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

Quote:
بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىtewilgaنىڭ2009-01-21 11:25 AM دە يوللىغان يازمىسى   :
ھۆرماتلىك ئەخمەتجان ئەپەندى يازمىلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.
تېرورلۇق  بوزەك قىلىنغۇچىلارنىڭ ،بوزەك قىلغۇچىلارغا قىلغان ھەركىتى.
تېرورلۇق  سەممىيەتسىز ،دېمكۇراتىيەنى ئاياق-ئاستى قىلغانلارغا ئېتىلغان ئوق.
بۇ دىگىنىم تېرورلۇقنى ھىمايە قىلغىنىم ئەمەس،بىراق قوينىمۇ بوغۇزلايمان دىسە
تىپىرلايدىكەن ئەمەسمۇ؟...
.......

ماگەپلەر جايىدا ،نىمىشقا تىرورچىلارنى تىلغا ئالغاندا ئۇلارنىمىشقا تىرورلىق قىلدى دىگەن مەسىلىنى ئويلىمايمىز ؟كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆيىگەكىرىپ بوزەك ئەتسە بوزەك بولغىچى ئازىراق نارازى بولۇپ قويسىمۇ تىرورچى بولۇپ ھىساپلىنىساق بولامدۇ ؟11سىنتەبىر ۋەقەسىنى كىم پەيداقىلدى ؟نىمە ئۈچۈن ؟ئاقىۋىتىچۇ ؟كىم زىيان تارتتى ؟ كىم پايدا ئالدى ؟......ھەربىرىمىز ئويلۇنۇپ باقساق بولىدۇ !.........ھازىرقى دۇنيادا دولەتلەر ئارا ئۇرۇش يوق پەقەت ئىككى دىننىڭ ئۇرىشى بار ئۇ  بولسىمۇ ئىسلام بىلەن -خىرىستىئانلارنىڭ ئۇرىشى .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 12:17 PM |
Yurtum Elani
mootidil
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 35869
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 239 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

ھەممىدىن مۇھىمى بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچايلى،شۇ چاغدا ھەممە ئىش ئايان بولىدۇ.
ئوقۇتماي بالىلارنى خوپ ياخشى چوڭ قىلدۇق
ئىسىت بۇ بالىلار ئاخىر پۇچۇق ناننى تاپالغايمۇ؟
   ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 12:18 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
ziyaratqe
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 25103
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 191 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 537(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

سىز، بىز ئەيىپلەۋاتقان <<تىرورچى>> لارنىڭ ھىچقانداق دەللىلرى يوقمۇدۇ؟
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 01:56 PM |
Yurtum Elani
tim
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34999
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 158 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

تېرورلۇقنى ئىسلام دىنىغا باغلىۋىلىش تەپەككۇر قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى.شۇنداقلا ئىسلامغا قىلىنغان تۆھمەت.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 06:51 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
kax1
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 37508
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 130 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

ھۇرمەتلىك ئەخمەتجان ئەپەندى  سىز تارىخنى ياخشى ئوقۇپ بېقىڭ .
كىمنىڭ تىرورچى ئكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز        
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 07:06 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇﻗﺘﺎ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.067290(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 08:35
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号