كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە بۈگۈن سىنىپقا يەنە كېچىكىپ باردىم ، چۈنكى كۈندە كېچىكىپ بىرىپ كۆنۈپ قاپتىمەن . سىنىپ دىرىزىسىدىن قارىسام ئاتامان دوسكىغا بىر نىمىلەرنى يىزىۋاتاتتى . بەلكىم يىڭى دەرىس ئۆتىۋاتقان ئوخشايدۇ ، ئىشىكنى تىتىرەپ تۇرۇپ ئاران چەكتىم.
- مەن كەلدىم ،
- ئۆھۆ ، ئاتامان مۇشۇنداق يۆتىلىپ قويسىلا كىرە دىگىنىنى بىلدۈرەتتى.
- مەن كەلدىم ، ئاتاماننى بىردەم تىرىكتۈرەي دەپ يەنە قايتىلدىم .
- ئۆھۆ ئۆھۆ ، ئاتاماننىڭ بۇ ئاۋازى بىلەن تەڭ سىنىپ قالايمىقانلاشتى .
نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇستازىمنى يەنە ئاۋارە قىلماي دەپ ئىشىكنى شۇنداق سىپايىلىق بىلەن ئىچىپ كىردىم ، بۈگۈن بالىلار شۇنداق رەتلىك ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ . ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇلارغا بىرقۇر كۆز يۈگۈرتۈپ قويدۇم ، ھەم كەينى ئىشىك يىنىدا تۇرغان بىر نەچچە (يىڭى) ساۋاقداشقا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.
- ئولتۇرە ، ئاتامان ئورونۇمنى كۆرسەتتى ، ئەمما مىنىڭ ئورونۇمدا تونىمايدىغانلا بىر بالا ھىجاراپ ئولتۇراتتى . ئامال يوق كىچىك ئۆتكۈرگە كۆز ئىشارىتى قىلدىم . كىچك ئۆتكۈرمۇ ماڭا ئۇنى تونىمايمەن دىگەندەك بوينىنى قىسىپ قويدى . بوپتۇلا دەپ كەينىدە تۇرغان يىڭى بالىلارنىڭ يىنىغا بىرىپ تۇردۇم .
- نىخاۋ ؟ يىنىمدا تۇرغان بىر قىز سالام قىلدى. توۋا! بۇ قىزنىڭ سالامىغا قانداق سالام قايتۇرۇشنى بىلەلمەي قالدىم.
-ۋىيەي ، ئاشكاركەنسىزغۇ؟ يەنە بىر چەتتە تۇرغان يەنە بىز قىز شۇنداق قىزغىن سالاملاشتى ، ئىچىمدە '' بۇ قىز نەلەردە يۈرۈپ مىنى تونىۋالغاندۇ '' دەپ غۇدۇڭشۇدۇم.
- ئەكىلە قولۇڭنى ، ئاشكارجان ، دەپلا تامغا يۆلەپ قويغان تاغاردەك كىلەڭسىز بىرسى قوللۇرۇمنى چىڭ سىقىمدىدى .
مانا ئاتامانننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ بۇ بىر نەچچە يىڭى ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم . ئاۋۇ خەنزۇچە سالام قىلغىنىنىڭ ئىسمى 沙漠花 ئىكەن . يەنە بىر قىزنىڭ بولسا زۇلخۇما ئىكەن ، يەنە ئاۋۇ قوللىرىمغا سۆيىگىدەك بولوپ تۇرۇپ سالاملاشقان ، تاغاردەك ئاداشنىڭ ئىسىمى ئويۇش بولىدىكەن . ئەمما مىنىڭ جايىمدا ئولتۇرغان ئىشپۇيۇنلاردەك كىيىنگەن بالىنىڭ ئىسمىنى بىلەلمىدىم . مىنى قىززىقتۇرغىنى ئۇنىڭ قولىدىكى ئۆزى ياسىۋالغان ياغاچ تاپانچا بولدى . ئۆرە تۇرۇپ پۇتلۇرۇم شۇنداق ئاغىردى . ئاتاماننى ئىچىمدە نەچچە مىڭنى تىللىۋەتتىم .
تۇرۇپ ئىسراجىلغا تۇرۇپ تۇتېم ، خىتابلارغا قاراپ قوياتتىم ، ئۇ خەق بولسا نودارنىڭ قىززىق گەپلىرىنى ئاڭلاۋاتسا كىرەك ماڭا قارايدىغانغا ۋاقتى يۇق ئىدى. ئەمدى نەزىرىمنى قىزلارغا يۆتكۈدۈم . بىرەر قىزنىڭ ئاتامانغا دەپ مىنى ئولتۇرغۇزۋىتىشىنى تىلەيتتىم . ئەمما ئۇ مايماقلارنىڭ نە دوسكىغا نە ماڭا قارايدىغان ھالى يوق ،
篮球美女بىلەن ئۇرخۇن بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ ئولتۇرشاتتى ، ئۇرخۇن تۇرۇپ-تۇرۇپ 篮球美女 نىڭ توپىغا قاراپ تاماقلىرنى چاكىلدىتاتتى .
كۈنقىز بولسا بىشنى پارتىغا قويۇپ بىر نىمىلەرنى ئويلاۋاتاتتى ( بەلكىم تۈنۈگۈنكى خىتابنىڭ خىتىگە قانداق جاۋاب بىرىشنى بىلەلمەي قالدىمىكىن)
گۈزەل بولسا دوسكىدىكى مەزمۇنلارنى بىرمۇ-بىر تىزىملاپ، كۆچۈرۈپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى .
جانان ، جانانقىز ، ئەتتىرگۈل دىگەن قىزلار يەنىلا شۇ تۈگىمەس غەيۋەت بىلەن ئاۋارە ئىدى.
تىخى تۈنۈگۈنلا كىرگەن ئاتىكەم بۈگۈن بىزنىڭ تامامەن دوراپ ، تۈنۈگۈنكى سىپايىلىقىلىرىنى تاشلاپ كۈلكە-چاقچاققا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئىدى.
يەنە ھىلىقى توپاق ، ئۇيۇر ، ئاشىقجان دىگەن يىڭى كەلداخۇنلارمۇ نەدە يۇق ئىشلار بىلەن بەنىد ئىدى . مۇشۇ ئىشلارغا قاراپ تۇرۇپ سەل ئۇيقۇم كەلدىمۇ يىنىمدىكى تاغارغا( ئويۇش) يۆلىنىپ ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن . چۈشۈمدە مۇنداق چۈش كۆرۈپتىمەن . چۈشۈمنى بايان قىلاي ھە!
ساۋاقداشلار ، ھەممىمىز ئۇرۇشقا ئاتلانمىساق بولمايدۇ . چۇقۇم ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ دۈشمەن بىلەن يەكمۇ-يەك قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ غەلبە ئارقىلىق ھابابام دىگەن ئاتنى تارىخ بىتىگە قالدۇرايلى ، ئاتامان شۇنداق ھەۋەس بىلەن سۆزلەۋاتتى ، ئۇنىڭ ھىلىقى ئۇزۇن بۆكى ئۇنىڭ كۆزىنى توسىۋىلىپ ئاۋارە قىلىۋاتاتتى.
- ماقۇل ئۇستاز ، قىزلار تەڭلا ۋاقىردى ،
- ماۋۇ ئاكتىبلارنى، ئۆتكۈر غۇدۇڭشۇپ قويدى ،
شۇ ئارلىقتا ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز ئۇخلاۋاتقان شەيىخ سۆز قاتتى.
- ئۇستاز ، جەڭگە قاتناشساق مەيلى ، ئەمما ماۋۇ چىچىمنىڭ پاسكىنا بولوپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالامسىز؟
- خاتىرجەم بولە، ھۇ ئاداش ،چىچىڭنى ئۆزۈم قوغدايمەن . يارقىن ئۇنىڭ چىچىنى سىلىغاچ شەيىخكە تەسەللى بەردى .
- ھىم ، بالىلار يىڭى كونا بولوپ ھەممىڭلار جەڭدە كۈچ چىقىرىڭلار ! بىر دۈشمەننى ئۆلىكىنى ماڭا كۆرسەتسەڭ 10 دىيارىم تەڭگىسى مۇكاپات بىرىمەن.
- ئۇستاز ، بىخللىق قىلماي 20دىن بىرىڭە ، 篮球美女 دىگەن پۇلغا تويمايدىغان قىزچاق ئاتامان بىلەن باھا تالاشقىلى تۇردى . ئۇيان تارتىپ بۇيان تارتىپ ئاخىرى بىر ئۆلۈككە 15 دىيارىم تەڭگىسىدىن بىرىدىغان بولوپ پۈتۈشتى .
- ئۇستاز ، كۆكتات سىتىۋاتامسىز؟ نودار يەنە چاقچاق ئارلاشتۇردى .
- توپ ئۆتكۈزسەك قانچىدىن بولار ؟ ئۆتكۈرمۇ سودىغا چۈشۈپ كەتكىلى تۇردى.
- ئۆتكۈركا ، مەندىن توپ ئىلىپ پارچە سات بولمىسا ، كىچىك ئۆتكۈر يەنە شوخلۇق قىلغىلى تۇردى.
باياتىن ياقى جىم تۇرغان خىتاب : -، بالىلار بۇ دىگەن جەڭ ، جەڭ دىگەن ئۇرۇش ، ئۇرۇش دىگەن قان تۆكۈش ، قان تۆكۈش دىگەن يارلىنىش ، يارلىنىش دىگەن قۇربان بولوش ، قۇربان بولوش دىگەن ...... مۇشۇنداق دەپ كىلىپ ئاخىرىغا مەن ئۆلۆپ كەتسەم ھىچقايسىڭ كۈنقىزغا يىقىن يۇللاشما ، دەپ ھەممىمىزگە ھەيۋە قىلىپ قويدى ، يىراقتا ئولتۇرغان كۈنقىزنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ خىجىللىق ئىچىدە كۈلىۋاتاتتى.
بالىلار ، ئەمدى ئۇرۇشقا ئاتلىنايلى . توتېم سەن بۇلارغا باشلىق بول . خىتاب ، نودار ، يارقىن ، ئۆتكۈر ،ئىسراجىل ، ئاشكار يەنە يىڭى كەلگەن ئوغۇللار راست ئاشىقجان سەندىن باشقىسى بىر گۇرۇپپا . ئەمدى يىڭى كەلگەن قىزلار ھەم كونا قىزلارغا سەن ئاشىقجان قېتىل ، شۇنداق دەپلا بىزنى ئۇرۇش سىپىگە ئۇزۇتۇپ قويدى.
ئەمما مىڭىۋىتىپ 篮球美女 بىلەن ئۇرخۇن بىر - بىرگە ھىجارىشىپ ئايرىم گۇرۇپپا بولىۋالدى . مانا مەن بۇ بالىلار بىلەن كىتىپ باراتتىم .
- يىتىڭلار! توتېم ئەنسىز ۋاقىردى .
- ئۇخلامدۇق؟ شەيىخ پەرۋاسىز سوراپ قويدى .
- ئىتىۋىتىمەن ھى! تاز ، قاپاق، ھىلىقى يالغان تاپانچىسى بار بالا بىزنىڭ كەينىمىزدىن ئۆمىلەپ كەلگەچ سۆزلىدى.
- سەن كىمۇ؟ نودار ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ، دۆشمەن ئەمەسسەن ، ئادەمنى قوقۇتما ئۇكامۇي ، دەپ سورىدى .
- ئۆز ئادەم ، ئۆز ئادەم ئۇ شۇنداق دىگەچ بىزگە يىقىنلاشتى . سەپسىلىپ قارىسام ئۇ ھىلىقى مىنىڭ جايىمدا ئولتۇرۋالغان جاسۇسكەن.
بىز ئاستا -ئاستا ئىلگىرلەۋاتىمىز . خىتاب تۇرۇپ -تۇرۇپ كەينىگە قاراپ قوياتتى . بەلكىم كىملەرگىدۇ تارتىشىۋاتسا كىرەك. مانا دۈشمەن ئىستىھكامىغا ئاز قالدۇق . يىقىنلاشقانسىرى بىزنى تىتىرەك باستى ، شەيىخنىڭ چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن ئىدى . ئىسراجىل يانچۇقىدىن قەلەم ئىلىپ پايپىقىغا بىر نىمىلەرنى يىزىۋاتاتتى . سەپسىلىپ قارىسام ئۇ :'' ئىسراجىل ، جەڭ قەھىرمانى ، ئۇلۇغ زات، ئالىم ، شائىر '' دىگەندەك سۆزلەر بىلەن پايپىقىنىڭ ھەممە يىرىنى بوياپ بولوپتۇ. ئۆتكۈر بىلەن كىچىك ئۆتكۈر ئالدىدا كاسسىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۆملەۋاتقان توپاققا قاراپ بىر -بىرگە كۈلكە -چاقچاق قىلىشۋاتاتتى . ئىچىمدە ( ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تىگىدە مانتا يەيدىغانلار) دەپ غۇدۇڭشۇدۇم .
چۇھ ، پىيا، گوم ، ۋايەي دىگەن ئاۋازلار ھەممىمىزنىڭ خىيالىنى بۇزىۋەتتى . قارىساق ئالدىمىزدا دۆشمەن پوتىيى .
- ھۇررا ! بالىلار ، دەپلا توتېم يۈگىرەپ چىقىپ كەتتى . بىز ئۇنىڭ يۈگىرىگەن ھالىتىغا قاراپ قىلىشتۇق . ھەم يەنە پاراڭنى داۋاملاشتۇرغاچ ئالدىرىماي ئىلگىرلىدۇق . بىر چاغ بولغاندا تۇتېم يەنە قايتىپ كەلدى.
- نەگە كەتتىڭلار . يۇگرەۋىتىپ كەينىمگە قارىسام بىرسىڭ يۇق . مەن تىخى سىلەرگە ئوق تەككەن چىغى دەپ قولومنى كۆتۈرۈپ دوئالارنى قىلىپ كىتىپتىمەن . ھى ھى ھى ساقمىتىڭلار ، سەت ھىجاراپ قويدى ئۇ .
- ھە! ھۇررا دەپ چىقىپ كىتىدىغان بىز ھەربى -دۈشمەن ئوينىمىدۇق . مۇنداق كاللا بىلەن قىلىمىز جەڭ دىگەننى . باياتىن ياقى جىم تۇرغان ئويۇش تۇتېمنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ سۆز قىتىپ قويدى.
- قانداق قانچە ئۆلۆك يىغدىڭ ، ماڭا 10 تەڭگىدىن بىرەمسەن ؟ ئۆتكۈر سودىسىنى باشلىۋەتتى.
- ماقۇل ئاداش بولىدۇ . پۇل كۆرمىگەن توتېم تىزلا قوشۇلدى .
- قەيەردە باركەن ، ھە ! ئاۋۇ پوتەينىڭ كەينىدە شۇنداقمۇ؟ شۇنداق دەپلا يارقىن ئۇچقاندەك يۈگىرەپ كەتتى .
بۇ يەردىكى ساراڭلارنىڭ جەڭ قىلماي سودا قىلىۋاتقىندىن ھەيران بولوپ تۇرسام ئاتامان يىنىمىزدا پەيدا بولدى .
ھە! خەۋەر كەلدى . بىز غەلبە قىلدۇق . بىزنىڭ ئايرۇپىلانلىرىمىز بومبا بىلەن بىر تەرەپ قىلىپتۇ . مەن ۋەدەمدە تۇرىمەن . قىنى يىققان ئۆلۆكلەرنى ئىلىپ چىقىڭلار .
- ئۇستاز ، مەن خىلى يىققان بىراق ماۋۇ ئۆتكۈرگە سىتىۋەتتىم . ھى ھى ،، تۇتېم خوشال ئىدى.
- ئۇستاز . يۇشۇرنۇش تىخنىكام ئىلغار بولغانلىق سەۋەبىدىن مەن تىخى دۈشمەننى بايقىمىدىم . نودار بىشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ھەربىيچە سالام بىلەن جاۋاب بەردى .
-قىنى قالغانلار ؟ يارقىن بىلەن شەيىخ يۇققۇ ؟ ئاتامان سورىمىغان بولسا شەيىخنىڭ يۇقاپ كەتكىننى ھىچىقايسىمىز بايقىماپتۇقكەن.
- يارقىن ئۆلۆل يىغىۋاتىدۇ . تۇتېم ئاتامانغا يەنە ھىجاراپ قويدى.
- شەيىخ ...... شۇنداق دەپ توختاپ قالدى نودار .
-يۇرۇڭلار ، ئۇلارنى ئىزدەيمىز ، ئاتامان ئالدىمىزدا ھىلىقى قاملاشمىغان كىيىملىرى بىلەن ئاۋايلاپ مىڭىۋاتاتتى . بىز بولساق ئۈنتىنسىز ئەگشىپ كىتىپ بارىمىز . بىر پارتىلاپ ھالى قالمىغان پوتەي ئىچىدىن شەيىخ بىلەن يارقىننى تاپتۇق . يارقىن ھە دەپ شەيخكە يال ئۇرۇۋاتتى.
- ئويغان ، جىنىم تىزىم ئويغان ، ماۋۇ ئۆلۆكنى بىسىۋالدىڭ دەيمەن . بولا قوپە ھۇ تاز ، ئۇ چىدىماي تىللىۋەتتى.
- توختا ، يارقىن بۇ ئۆلۆك شەيىخنىڭ ، ئاتامان شۇنداق دەپلا شەيىخكە تەڭگە بەرمەكچى بولدى . بىز يۈگىرەپ بىرىپ شەيىخنى ئويغاتتۇق . شۇنداق قىلىپ شەيىخ بۇ قىتىمقى جەڭدە تۆھپە كۆرسەتتى .
شۇ ئارىدا خىتاب ئاتاماندىن .
- ، قىزلار تەرەپ قانداق بولدى ، ئۇستاز ، ھەممىسى ساق- سالامەتمۇ؟ دەپ سورىدى . ئاتامان ئالدىرماي سۆزلەپ بەردى .
قىزلار تەرەپتىن : ئەتتىرگۈل ساراڭلىق قىلىپ بىر ئۆلەي دىگەن دۈشمەننى قۇتۇلدۇرۋاپتۇ .
ئاتىكەم تۇتۇلۇپ قىلىپ دۈشمەنگە بىر ۋاق تاماق ئىتىپ بىرىپ ئاران قۇتۇلۇپتۇ .
جانانقىز ، ئۆلۆك يىغماي دۈشمەن قوشۇنىدىن كۈلكە بىلەن ھال سوراپ دۈشمەن ئارمىيسىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئىرىشىپتۇ .
گۈزەل ئاكتىپلىق قىلىپ ئۆلگەن دۈشمەننى ئۆلمىدى دەپ تۇرىۋىلىپ بىر ئۆلۆكتىن يەنى 15 تەڭگىدىن قۇرۇق قاپتۇ .
沙漠花 دۈشمەن ئارمىيىسدە كاتىباتلىق خىزمىتىنى قىلىمەن دەپ كەتكەن پىتى قايتىپ كەلمەپتۇ .
زۇلخۇما ئاشىقجاننىڭ رەھبەرلىكىدە دۈشمەنلەرنى سىلىق سۆزلەر بىلەن ئالداپ گەپكە تۇتۇپتۇ ، ئاشىقجان كەينىدىن چىمداپ ئۆلتۈرۈپ دىگەندەك نەچچە ئون دۈشمەننى بىچچىت قىلىپتۇ.
كۈنقىز ! جەڭ قىلماي بىرسىگە خەت يىزىپ چىقىپتۇ . بەك يۇۋاش قىزدە بۇ .
ئەمما 篮球美女 ئۆلۆك سانىنى ئونغا يەتكۈزەلمەي ، بىچارە ئۇرخۇننى ئۇخلۇتۇپ ئاتامانغا ئۆلۆك ھىسابىدا ئۆتكۈزۋىتىپتۇ.
- ھى ! تىك تۇرە ، بىرسى قۇلاق تۈۋىمدە توختىماي سۆزلەپ مىنى ئويغىتىۋەتتى . قارىسام بالىلار ماڭا قاراپ كۈلىۋاتاتتى . مەن باياتىن ياقى قالايمىقان( گوم ، پىياڭ . ئىتىۋىتىمەن ) دەپ ۋاقىراپتىمەن . ئەمما سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ساق ئولتۇرغىننى كۆرۈپ كۈلۈپ قويدۇم . ھەم 篮球美女 گە قاراپ ئەندىشىگە چۈشتۈم . بىچارە ئۇرخۇننى سىتىۋەتمەس ھە!
- ئاشكار
ھابابام سىنىپى(1)
./read.php?tid=21916&keyword=
ھابابام سىنىپى(2)
./read.php?tid=22336&keyword=
ھابابام سىنىپى(3)
./read.php?tid=23266&keyword=
ھابابام سىنىپى(4)
./read.php?tid=28066&keyword=
ھابابام سىنىپى(5)
./read.php?tid=31329&keyword=
ھابابام سىنىپى (7)
./read.php?tid=34419[ بۇ يازما axkar تەرپىدىن2009-02-18 09:15 PMدە قايتا ]