چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 3535 قېتىم كۆرۈلدى
arzu220
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15545
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2140
شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
پۇل: 5375 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 نەفىسەنىڭ سەرگۇزەشتىسى ....<ئارزۇ>

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2009-01-16)دە نادىرلاندى



نەفىسەنىڭ سەرگۇزەشتىسى



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قەدىرلىك دوسلار ئالدى بىلەن سىلەرگە چەكسىز بەخىت تىلەيمەن .ئۇزۇندىن بۇيان بىر ھىكايە يېزىپ سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى ئويلىغان ئىدىم .بىراق خىزمەت جىددىيلگى ۋە
ئاىلە ئىشلىرىى تۇپەيلىدىن يېزىشقا مۇيەسسەر بۇلالمىغان ئىدىم .ئەمما بۇگۇن قەتئى نىيەتكە كىلىپ كومپىئوتۇر ئالدىغا كەلدىم ھەمدە  بۇ ھىكايىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىنى مۇۋاپىق تاپتىم .قەدىرلىك دوسلار ،يېزىپ سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولغىنىم گەرچە بىر ھىكايە بولسىمۇ ئەمما ئۇ رىئاللىقتا ھەقىقەتەن يۇز بەرگەن ۋەقە .بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ساختىلىق ئارلاشتۇرغىنىم يوق .ئارزۇيۇم شۇ، كەڭ دوسلارنىڭ بۇ ھىكايەمنى ئەستايىدىل ئۇقۇپ ،توغرا باھا بىرشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن .
             1.تاساددبى ئۇچرشۇش
كەچكۇزنىڭ سوغوق شامىلى ،سارغايغان دەرەخ غازاڭلىرىنى ئۇياق-بۇياققا توختاۋسىز ئۇچىرىۋاتاتى.جىمجىت كىچە .ھەممە ئادەم شىرىن ئۇيقۇغا غەرىق بولغان .دەل مۇشۇ ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن چىراق نۇرى كۆرۇنۇپ تۇراتتى .ئۆي ئىچى تۇلىمۇ ھەشەمەتلىك بىزەلگەن بۇلۇپ ،بىر كۆرگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ناھايىتى باي ئىكەنلىگىنى بىلەتتى .ئوينىڭ بۇلۇڭىدا بىر كومپىئوتۇر قۇيۇلغان بۇلۇپ ،كومپىئوتۇر ئالدىدا بىر قىز ئولتۇراتتى .ئۇنىڭ نازۇك بارماقلىرى كۇنۇپكا تاختىسىدا چەبدەسلىك بىلەن ھەركەتلىنىۋاتاتتى . بۇ قىزنىڭ ئىسمى نەفىسە بۇلۇپ بۇ يىل 25 ياش ئىدى .ئۇنىڭ قاپ-قارا كۆزلىرىدىن ئەقىل نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى .ئاپپئاق ۋە يۇمۇلاق يۇزلىرىدىن بىر خىل نازاكەت ۋە گۇزەللىك چىقىپ تۇراتتى .ئۇ تۇرۇپ ئۇماققىنە كۇلۇپ قويسا يەنە تۇرۇپلا ئېغىزلىرىنى ئۆمچەيتىپ قۇياتتى .ئۇ تۇساتتىن چ چ چدا بىرنىڭ ئۆزىنى قۇشۇۋېلىش ئىلتىماسىنى كۆردى يۇ -قۇبۇل قىلمىدى .ئەمما ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن قۇشۇۋېلىش ئىلتىماسى نەفىسەدە بىر خىل قىزىقىش پەيدا قىلدى -دە شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چ چ سىغا قوشتى .
   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ياخشىمۇسىز ؟
   -ۋە ئەلەيكۇم ئەسسسالام ،ياخشى .
   -بۇ كىچىدە ئۇخلىماپسىزغۇ؟سىزمۇ ماڭا ئوخشاش دەرتمەنمۇ يا؟
يىگىتىنىڭ تۇساتتىن قىلغان بۇ گىپى نەفىسەدە بىر خىل ھەيرانلىق تۇيغۇسى شەكىللەندۇردى .
  -پەقەت دەرتمەن ئادەملەرلا تورغا كىرىپ ،بەخىتلىكلەر كىرمەيدىكەن دە؟
  -ياقەي ........مۇنداقلا دەپ قويدۇم .ئۆزۇمنى تۇنۇشتۇرۇشقا رۇخسات قىلىڭ .ئىسىمىم ئەخمەت .بۇ يىل 23 ياش.يۇرتۇم قەشقەر .
-ھە ،تۇنۇشقۇنۇمغا خۇشالمەن .ئەمما بۇ گەپلىرىڭىزنىڭ راسلىغىدىن گۇمانلىنىمەن .چۇنكى توردا راست سۆزلەيدىغانلار تۇلىمۇ كەم ئۇچرايدۇ .
-ھەي قىز ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ .مەن ئۇنداق يالغان گەپ قىلىدىغانلاردىن ئەمەس .مەن سىزگە سەمىمى گەپ قىلىۋاتىمەن .سىزنىڭمۇ ھەم ماڭا راسچىل بۇلۇشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن .چۇنكى بۇ دۇنيا سەمىمىلىك ۋە مۇھەببەت بىلەن گۇزەل ئەمەسمۇ؟
-قېنى خوش، سىزنى نەدىن سورايمەنكى ؟
-يىگىتنىڭ بۇ گىپى قىزنى سەل تەمتىرىتىپ قويدى .ئۇ دەسلەپتە يالغان گەپ قىلىپ ئالداپ قۇيايچۇ؟بۇنى كىم بىلەتتى دەپ ئويلىدىيۇ-بۇ نىيىتىدىن دەرھال ياندى .ئۇ يىگىتنىڭ خېلى سەمىمى كىشى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغان ئىدى .شۇڭا ئۇممۇ راست گەپ قىلش خىيالىغا كەلدى .
-ئىسمىم نەفىسە،بۇ يىل 25 ياش ،يۇرتۇم قەشقەر .
-ھە،سىزمۇ قەشقەردىنمۇ؟ئۇنداقتا بىر يۇرتلۇق ئىكەنمىز ،مەرھابا!
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ،نەفىسە بىلەن ئەخمەت تاساددىبى تۇنۇشۇپ قالدى .ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا قىزىقىش ،ئارزۇ-ئىستەكلىرى،كۆز قاراشلىرى ، بىر يەردىن چىقىپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى سىرداش دوسلاردىن بۇلۇپ قېلشنى ،ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلىپ بىر-بىرىنى ئالدىماسلىققا كىلىشتى .

      2.دەرت تۇكۇشۈش(1)

مانا شۇ كۇندىن باشلاپ ئەخمەت بىلەن  نەفىسە مۇڭداشقۇدا كۇندە مۇڭدۇشۇپ تۇرىدىغان بولدى .ئۇلارنىڭ پاراڭ تىمىسى خىلمۇ -خىل ئىدى .مانا مۇشۇنداق پاراڭلار ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى دوسلۇقنى ۋە ئىشەنچىنى بارا-بارا كۇچەيتتى .بۇ گۇنمۇ كۇندىكىگە ئوخشاش ،خۇپتەن  نامىزىدىن كىيىن نەفىسە كومپىئوتۇر ئالدىغا كەلدى .ئۇ مۇڭداشقۇنى ئېچىشىغىلا خۇددى ئۇنى ماراپ تۇرغاندەكلا ئەخمەت سالام قىلدى .ئىككىسى ئادەتتىكىدەك ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن بىراقلا تۇرمۇش تىمىسىغا يوتكۇلۇپ قالدى .قانداقتۇر بۇگۇن ئەخمەتنىڭ  كەيپىياتى باشقىچە ئىدى .ئۇنى خېلى چۇشۇنۇپ قالغان نەفىسە نىمە ئىش بولغانلىغىنى سۇرىغاندا ،ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرەك سىرلىرىنى تۆكۇشكە باشلىدى .
  -مەن بىر بەخىتسز يىگىتمەن ،ئەسىلىدە ھازىرقى ئەھۋالىمغا قارىغاندا مەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرگەن بولسام بۇلاتتى .ئەمما رىئاللىق ماڭا رەھىم قىلمىدى .مەن ھەمىشە ئۇلۇغ ئاللاھدىن خاتىرجەم تۇرمۇش  ئاتا قىلىشنى تىلىگەن بولساممۇ ،ئەمما ماڭا نىسىپ بولغىنى بەخىتسىز تۇرمۇش بولدى .نەفىسە سىزگە دىگۇم بار ،بىرىنىمۇ قالدۇرماي دىگۇم بار .مەن جىسمانى جەھەتتىن ساغلام ئەمەس .مەن تۇغۇلۇپ 3 ياشقا كىرگەن يىلى بىر قېتىملىق قاتتىق قىززىش سەۋەبىدىن ،پۇتۇمنىڭ پىيى تارتىشىپ قېلىپ ،مىيىپ بۇلۇپ قالغان ئىكەنمەن .بۇ ئىش ئاتا-ئانامغا قاتتىق تەسىر قىلىپ ،مىنى تېخدىنىمۇ ئاۋايلاپ ،پەپىلەپ چوڭ قىلىشقا باشلاپتۇ .مەكتەپ يېشىغا تۇشقان يىلىم ،ئانامنىڭ مىنى يۇدۇپ يېزىمىزدىكى مەكتەپكە ئاپپارغىنى ھېلىمۇ ئىسىمدە .بىچارە ئانام مىنى شۇندىن باشلاپ كۇندە 4 ۋاخ مەكتەپكە يۇدۇپ ئاپپىرىپ،يۇدۇپ ئەكىلەتتى .مەكتەپ ھاياتى نىمە دىگەن گۇزەل !مىنىڭ تەڭتۇشلۇرۇم شوخلۇق قىلىشىپ بىر-بىرىنى قوغلاشقانداھەم چوڭ مەيدانغا چىقىپ پۇتبۇل ئوينىغاندا ،مەن پەشتاقتا ئۇلارغا زوقلۇنۇپ قاراپ ئولتۇراتتىم .ئىچىمدە «ھەي ،مەنمۇ ساق بولغان بولسام ،ئۇلاردەك يۇگۇرۇپ توپ ئوينىغان ،سەكرىشىپ ئوينىغان بۇلاتتىم .....»دەپ بۇ كىچىككىنە كاللامدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلايتىم .ئۇلار سۇغا چۇمۇلگىلى بارغاندا ،قىر بېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى ساقلاپ بىرەتتىم ..............................
جىسمانى جەھەتتىن باشقا دوسلۇرۇمدىن ئاجىز بولغاچقىمىكىن ،مەندە بىر خىل ئۇزۇمنى كەمسىتىش پىسخىكىسى بار ئىدى .مەن ئۆزۇمنى تۇلىمۇ بىچارە،ۋە غەمكىن ھىس قىلاتتىم .ئەمما بۇ كىچىككىنە قەلبىمدىمۇ كۇچلۇك رىقابەت ئېڭى بار ئىدى .«ئۇگۇنۇشتە بولسىمۇ چۇقۇم ئۇلاردىن ئېشىپ چۇشۇمەن ...چۇقۇم »دەپ ئۆز-ئۇزۇمگە نىدا قىلاتتىم .شۇنداق بولغاچقىمىكىن مەندە كۇچلۇك بىر ئۇگۇنۇش ئىستىگى پەيدا بولدى .ھەر كۇنى مەكتەپتىن قايتىپ ،ئايرىم بىر ئۆيگە كىرىپ ھەرقايسى پەنلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكرار قىلاتتىم .ھەمدە بارىلىق دەرىسلىكلەرنى ئالدىدىن ئۇگۇنۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلايتىم .بۇ مىنڭ تۇرمۇش ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى .مۇشۇنداق ئىچىل تىرىشىپ ئۇگۇنۇش جەرياندا ،نەتىجەم ناھايىتى تىزلا سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى .بۇرۇن مىنى سەل كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان ساۋاقداشلىرىم ،ئەمدىلىكتە ماڭا ھەۋەس نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولدى .سۇيۇملۇك ئۇقۇتقۇچى -ئۇستازلىرىم ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ غەمخورلوق قىلىدىغان بولدى .ھەر ماۋسۇم «3تەياخشى»،«ئەلاچى»ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ باھالىناتتىم .بۇنىڭدىن كۆڭلۇم تەسەللى تاپىدىغان بولدى .مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملاپ ،يېزىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىتىم .ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىلىم ئىككى قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ تۇرۇپ ،مەكتەپكە بېرىپ كىلىدىغان بولدۇم .بۇ يەردە شۇنى دىمەي تۇرالمايمەنكى ،ئەشۇ مىھرىبان ،پەرىشتە سۇپەت جاپاكەش ئانام ،مىنى توپ-توغرا بەش يىل ،بىر كۇندە توت ۋاخ مەكتەپكە يۇدۇپ ئاپىرىپ ،يۇدۇپ ئەكەلگەن ئىدى .بىر كۇنمۇ مىننەت قىلىپ باققىنى يوق ئىدى .ئانامنىڭ مىنى ھەر قېتىم يۇدكەن ۋاختىنى ئويلىسام ،يۇرۇگۇم شۇنداق ئېچىشىپ كىتەتتى .
مانا ئەمدى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ،ئۇزۇممۇ خېلى چوڭ بولغاچقا تاياق بىلەن بېرىپ كىلىدىغان بولدۇم .بۇ يەردىمۇ جان تىكىپ تىرىشىپ ئۇگەندىم .ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۇستازلىرىمنىڭ ماختىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇم .ھەر قايسى پەنلەرنى ئىجتاھات بىلەن ئۇگەندىم .ئاخرى 8-يىللىقتىن ئىمتاھان بىرىپ ،يۇقۇرى نەتىجە بىلەن ئۇرۇمچىدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ كوپىئوتۇر كەسپىگە قۇبۇل قىلىندىم .بۇ ئىش پۇتۇن ئائىلەمدىكىلەرنى چەكسىز خۇشاللىققا ئىرىشتۇردى .ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ،ھىچقانداق ئۇيۇن تاماششاغا بىرىلمىدىم .ئۇزۇمدە بىر خىل كۇچلۇك غايە تۇرغۇزۇپ ،شۇ غايە تۇرتكۇسىدە تىرىشىپ ئۇگەندىم .مىنىڭ ئۇ غايەم ،ئۆز كەسپىمنى تىرىشىپ ئۇگۇنۇپ ،بىر كومپىئوتور مۇتەخەسىسگە ئايلىنىش ئىدى .شۇنىڭ ئۇچۇن باشقا دوسلۇرۇم تانسىخانىلارغا  ،تۇغۇلغان كۇن سورۇنلىرىغا ،باغچىلارغا ،كىنولارغا بارغاندا ،مەن سىنىپتا ئولتۇرۇپ باش چۇكۇرۇپ ئۇگۇنۇش قىلاتتىم .ئۆزۇمنى جىسمانى جەھەتتىن ئاجىز دەپ قارىغاچقا ،بىرەر قىزغىمۇ مۇھەببەت ئىزھار قىلشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .ئاخىرى ئالى مەكتەپنىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپ ،يۇرتۇم قەشقەرگە ،چوڭقۇر سېغىنىش ھىسىياتىم بىلەن قايتىپ كەلدىم .مەن ئەمدى ئۇزۇمنى بىر توكۇر دەپ كەمسىتمەيدىغان ،بىلىم بىلەن قۇراللانغان ،ئىسىل ئەخلاقى -پەزىلەتكە ،يۇكسەك گۇزەل ئارزۇ -ئارمانلارغا ئىگە ،بىر غايىلىك ياش سۇپىتىدە كەلدىم .يۇرتقا كەلگەندن كىيىم بىر مەزگىل خىزمەت كۇتتۇم .بىر يىلدىن كىيىن ئۇزۇم بىر كىچىككىنە «توي فىلىم ئىشلەش »شىركىتى قۇردۇم .ھەمدە چوڭ توي ۋە خەتنە تويلارنى سىنئالغۇغا ئېلىپ ،كومپىئوتۇردا رەتلەپ باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتىم .مەن 22 ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانام ،بىر قىز بىلەن توي قىلىشقا مەجىبۇرلىدى .مەندە ئۇ قىزغا نىسبەتەن ھىچقانداق مۇھەببەت يوق ئىدى .باشتا قۇبۇل كۆرمۇدۇم ،بىراق ئەشۇ جاپاكەش ،مىھرىبان ئانامنىڭ «سىنىڭ تۇيۇڭنى بالدۇراق كۆرگۇم بار »دەپ نالا قىلىشغا چىدىماي ،پەرىدە ئىسىملىك ئۇ قىز بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلدۇم ...................
   تويمۇ بولدى، نىكاھ ئىسسىق دەپ بىر-بىرىمىزگە خېلى مىھرىمىز چۇشۇپ قالدى .شۇڭا بىز خېلى ياخشى ئۆتتۇق .ئۇ ناھايىتى سۆزمەن ،ئۆزىنىڭكىنى راست دەيدىغان قىز ئىدى .شۇڭا كۆپ تەرەپلەردە مەن ئۇنىڭغا بويسۇناتتىم .ئۇ تۇرلۇك تەلەپلىرىگە قۇشۇلغۇم بولمىسىمۇ مەجىبۇرى قۇشۇلاتتىم .ئۇزاق ئۆتمەي ئايالىم  ھامىلدا بولدى.بۇنىڭدىن تۇلىمۇ خۇشاللىق ھىس قىلدىم .ئەمما پەرىدە دەل ئەكسىچە ئانچە خۇشال ئەمەس ئىدى .سەۋەبىنى سورىسام ماڭا جاھىللىق قىلىپ دىگىلى ئۇنىمايتى .بەلىكم ئۇ «مۇشۇ توكۇر بىلەن بىر ئۆمۇر ئۆتەرمەنمۇ ؟»دەپ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا كىرەك .بۇنى كۆڭلۇم تۇيغان بولسىمۇ ئەمما بىلمەسكە سالدىم .ئامال قىلىپ ئۇنى خۇشال قىلىشقا تىرىشتىم .ئۇزۇمنىڭ شىركىتى بولغاچقىمىكىن ،ئىختىسادى ئەھۋالىممۇ ياخشى ئىدى .ئۆزۇم بازارغا بېرىپ ئۇنىڭغا ھەر خىل كىيىم -كىچەكلەرنى ئېلىپ كەلدىم .بىراق ئۇ يەنىلا ماڭا نىبەتەن سۇس ئىدى .بۇنۇڭدىن ئازاپلاندىم .گەرچە جىسمانى جەھەتتىن بىر توكۇر بولساممۇ باشقا پەزىلەت جەھەتلەردە نورمال ئادەملەردىن نەرىم كام دەپ ئويلايتىم .ھەي....................شۇنداق مۇشۇنداق دىلغۇدۇلۇق ئىچىدە بالاممۇ تۇغۇلدى .مەن بىر قىزنىڭ دادىسى بولغان ئىدىم .ئۇزۇمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدىم .بىراق ئايالىم يەنىلا .........
دىمەك ،قىزىم بىر ياشقا كىرگەندە ،پەرىدە ئاخرى راست سۆزىنى ئېيتتى .ئۆزىنىڭ ساغلام ئادەم بىلەن ياشىغۇسى بارلىقنى ،مىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ،نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ماڭا ھىسداشلىق قىلىش يۇزسىدىن تۇرمۇش كەچۇرگەنلىگىنى ،ئەمدى بۇ نىكاھدىن ۋاز كىچىدىغانلىغىنى ئېيتتى .مەن نىمىمۇ دەي ؟؟؟
ئاخرى چوڭلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ،بىز كىلىشەلمىدۇق دەپ باھانە كۆرسۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتتۇق .........
    ئەخمەتىنڭ سەرگۇزەشتىسىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن نەفىسە كۆز-ياشلىرىنى توختۇتالمىدى .ئۇنۇڭغا قاتتىق ھىسداشلىق قىلدى .چۇنكى ئۇممۇ بىر دەرتمەن قىز ئىدى .........

داۋامىنى  بار.......
[ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2009-01-16 06:47 PMدە قايت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-16, 10:22
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئەجىر ....
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-16 06:21 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    arzu220
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15545
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2140
    شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
    پۇل: 5375 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     



         دەرت تۇكۇشۇش(2)

    ئەخمەتنىڭ سەرگۇزەشتىسىدىن تەسىرلەنگەن نەفىسە بىر قانچە كۇنگىچە كۆڭلى يېرىم ھالەتتە يۇردى .ئۇ بۇ دۇنيادا ئۆزىدىنمۇ بىر بەخىتسىز ئىنساننىڭ بارلىقىنى بىلگىنىدە ئېغىر بىر ئوھ تارتىپ قويدى .ھەمدە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق -سوغوقلارنى قالدۇرماي ئۇنىڭغا دىيىشنى مۇۋاپىق كۆردى .چۇنكى ئۇ ئەخمەتنىڭ خېلى ئېغىر -بېسىق ،تۇرمۇشتا  كۆپ كۆڭۇلسىزلىكلەرنى تارتىقان بىر مىسىكن ،ئىشەنچىلىك يىگىت ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدى .شۇنىڭ بىلەن بۇگۇن كەچتە ئۇلارنىڭ چ چ دىكى سۆھبىتى يەنە باشلاندى .
        -سالام نەفىسە ياخشىمۇ سىز؟
        -دەرتمەن يىگىت ،بۇگۇن قانداق قۇپۇپسىز ؟خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك تۇرامدۇق يا؟دەپ چاخچاق قىلدى نەفىسە .
       -شۇنداق ،يۇرۇگۇمدىكى دەرتلەرنى سىزگە دىگەندىن كىيىن ،خېلى يىنىك نەپەس ئېلىۋاتىمەن .ئادەمنىڭ زەھىرىنى ،ئادەم ئالىدۇ دىگەن شۇ دە؟نەفىسە ،سىزچۇ؟سىز بەخىتلىكمۇ؟سىزنىڭمۇ چۇقۇم مەلۇم بىر كەچۇرمىشلىرىڭىز باردۇ؟ماڭا دىيىشنى خالامسىز؟
        -نەفسىە خېلى ئۇزۇنغىچە سۇكۇتتە تۇردى -ئۆزىنىڭ دەرت-ھەسرەت بىلەن تولغان ھىكايىسىنى باشلىدى .

       مەن ئۆينىڭ 3-سى دەپ گىپىنى باشلىدى نەفىسە .مىنىڭ يەنە بىر ئىنىم بار .بىز 4 بالا ئىدۇق .ئىككى قىز ،ئىككى ئوغول .ئائىلە كىلىپ چىقىشىمنى دىسەم ،ئاتا-ئانام يۇز ئابرۇيلۇق ،ئىتقاتمەن ،ئىختسادى جەھەتتە يۇرتنىڭ ئالدى دىيىشكە بۇلىدۇ .دادام بىلىملىك ،سۇرلۇك ئادەم ئىدى .شۇنداق بولغاچقىمىكىن بىزنىڭ ئائىلىدە ،نىمە دىسە دادامنىڭ راست ،نىمە ئىش بولسا دادامنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن بۇلاتتى .ئانام بولسا تۇلىمۇ پاكىز ،مۇلايىم ،ئوڭلۇق ،ئىتقاتلىق ئايال ئىدى .ئۇ بىر ئۆمۇر دادامنىڭ ھەر قانداق بۇيرۇقىنى سۆزسىز ئۇرۇنلاپ كىلىۋاتاتتى .شۇنداق قىلىپ ،مەن مانا مۇشۇنداق ئاتىلىلق رۇلى ئىنتايىن كۇچلۇك بولغان بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم .مەن 17 ياشقا كىرگەن يىلى يەنە تۇلۇق 2-يىللىققا چىققان يىلى ،ئۆيگە ئەلچىلەر كىرىشكە باشلىدى .بىزنىڭ يۇرتتا بىر كۆزگە كۇرۇنگەن ،يېڭىدىن باي بۇلۇپ باش كۆتۇرگەن بىر كىشى  ئۆزىنىڭ ئوغلىغا دەپ ئەلچى كىرگۇزەپتۇ .دادام قىز بالا دىگەن كۆپ ئۇقۇمىسىمۇ بۇلىدۇ .ئائىلە شارائىتى ياخشى بىرسىگە ياتلىق بۇلۇش بىر قىزنىڭ بەختى دەپ قاراپ ،ئانامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي مۇقۇللۇق بىلدۇرۇپتۇ .مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ،بېشىمدىن بىر چىلەك سوغوق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك چۇچۇپ كەتتىم .ئانامغا ئارسىلىپ نالە قىلىپ يىغلىدىم .:جېنىم ئانا ،مىنى ئۇقۇغىلى قۇيۇڭلار ،ئۆتۇنۇپ قالاي مىنى مەجىبۇرى توي قىلماڭلار ..............»كۆز ياشلىرىم بىر-بىرىگە ئۇلاشماي چۇشەتتى .شۇنداق نالە قىلدىمكى ،ئانامنىڭ يۇرۇگى ئۆرتۇنۇپ كەتتى .«جېنىم قىزىم ،مەندە نىمە ئامال؟دادىڭىزنىڭ گىپىنى يىرامماسلىقمنى بىلىسىزغۇ؟بوپتۇ ماقۇل دەڭ ،ئايال كىشى دىگەن ھامىنى توي قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟»ئۇ ئاران مۇشۇ گەپلەرنىلا دىيەلەيتى .راست،ئانامدىمۇ نىمە چارە بولسۇن .دادامنىڭ گىپى بۇ ئۆيدە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى تۇرسا .نەچچە كۇن يىغلىدىم ،قاخشىدىم .دادام،ئانام ئىككىمىزنىڭ ئاھ -پەرياتىغا قارىماي ،مىنى مەكتەپتىن توختاتتى .ھەمدە ئەلچىلەر بىلەن دىيىشىپ توي ۋاختىنى بىكىتتى .مەن پۇت قۇلۇم بۇغۇچلانغان ئاجىز قۇشقا ئوخشاش قەپەزگە سۇلانغان ئىدىم .بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان سىنىپ مۇدىرىمىز ئۆيگە كىلىپ دادام بىلەن كۆرۇشۇپ ،مىنى داۋاملىق ئۇقۇتۇپ قېلىشنى ئۆتۇنگەن بولسىمۇ دادام بالا مىنىڭ تۇرسا ،سىزنىڭ نىمە كارىڭىز دەپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى .مىنىڭ ئۇگۇنۇش نەتىجەم سىنىپ بۇيىچە 2-ئۇرۇندا تۇراتتى .سىنىپىمىزنىڭ ئۇگۇنۇش باشلىغى ئىدىم .بىلىمگە شۇنداق ھىرىسمەن ئىدىمكى ،قۇلۇمدىن كىتاپ چۇشمەيتى .ھەممە دەرسلەردە ياخشى ئىدىم .تىرىشىپ ئۇگۇنۇپ بىر داڭلىق دوختۇر بۇلۇشتەك گۇزەل ئارزۇ-ئارمىنىممۇ بار ئىدى .ھەي................مانا بۇ گۇزەل ئارزۇلار ئۆز دادام تەرىپىدىن ۋەيران بولغان ئىدى .ئاخىرى توي كۇنىمىزمۇ يىتىپ كەلدى .ئۇنۇمىغىنمغا قارىماي بىر نەچچە ھەدىللىرىم مىنى ياساپ جابدۇندۇردى .ئۇلار بەس -بەس بىلەن ،نەفىسە سىز نىمە دىگەن بەخىتلىك،سىزگە ئون قىزنىڭ تويلۇقىنى ئاپتۇ ،تويدىن كىيىن سىزنى ئۇرۇمچىگە ئېلىپ كىتىدىكەن ،مۇنداق بەخىت بىزگە نىمىشقا كەلمەيدىغاندۇ ؟ دىيىشەتتى .ئۇلارنىڭ سۆزلىرى قۇلىقمغا ياقماي ،كۆزلۇرۇمدىن تارالاپ ياش ئاققۇزغان ھالەتتە ئولتۇراتتىم .شۇنداق ھەشەمەت بىلەن يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۇرۇلدۇم .قاتتىق ئازاپ ۋە پۇشايمان ئىلكىدە توي كىچىسىنى ئۆتكۇزدۇم .يولدۇشۇمنىڭ ئىسمى مەردان بۇلۇپ ،مەندىن ئىككى ياش چوڭ ئىدى .ئۆزى كىلىشكەن ،ئەمما تۇلىمۇ ھاكاۋۇر يىگىت ئىدى .تەقدىر قىسمەت مەندەك ئەمدىلا غۇنچە بولغان گۇدەك قىزنى بىر قۇرۇق سۆلەت يىگىتنىڭ ئايالى قىلىپ قويغان ئىدى .
    بۇنىڭغا نىمە ئامال ؟ئۇلۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق دە؟شۇنداق قىلپ قىزلىق ھاياتىم ئاخىرلاشتى .مەن بۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن كۇچۇمنىڭ يىتىشىچە تىرىشىچانلىق كۆرسەتتىم .قېينئاتام تۇلىمۇ باغرى يۇمشاق،كەڭ قۇرساق ئادەم ئىدى ،قېينىئانام بولسا ئۇششاق سۆز ،ھەددىدىن زىيادە كىيىمگە ئامراق ئايال ئىدى .يولدۇشۇم بولسا ئەتىگەندە سىرىتقا چىقىپ كەتسە كەچتە قايتىپ كىرەتتى .
    بىر كۇنى ئۇ ھوجرىغا كىرگەن ۋاقىتتا شۇنداق خۇش چىراي كىردىكى ،ئۇنىڭ ئۇنداق ئەپتىنى تۇنجى قېتىم كۆرۇشۇم ئىدى .ئەمما ئۇ ماڭا يېقىن كەلگەن ۋاقىتتا بىر خىل بەدبۇي ،سېسىق نەرسىنىڭ پۇرۇقىدىن كۆڭلۇم ئېلىشىپ ئۆزۇمنى ئەپ قاچتىم .ئەسلىدە بىلسەم ئۇ چوڭ چىكەرمەن ئىكەن .ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق نەسىھەت قىلسىمۇ تاشلىمغان ئىكەن .ئاھ خۇدا ،مەن قانداق گۇناھ ئۆتكۇزگەن بولغىيدىم .مۇشۇنداق ئەر بىلەن قانداقمۇ بىر ئۆمۇر ئۆتەرمەن ؟شۇندىن بۇيان ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدىم .ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدىم .ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ ئىللىق قەلبى ئارقىلىق ،تۇرمۇشنىڭ گۇزەللىگىىنى ھىس قىلدۇرماقچى بولدۇم .ئەمما ئۇ بۇنداق گەپلىرىمگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى .ھەتتا نەشىنى كۆز ئالدىمدا قانداق قىلاتتىڭ دىگەندەك چەكتى .مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا تۇلىمۇ خورلۇق ھىس قىلدىم .يىغلىدىم ،قاخشىدىم ،ئەمما ئۇ ئۆزگەرمىدى .مۇشۇنداق قىلپ 3 ئاي ئۆتكەندە بۇيۇمدا قالغانلىقىنى سەزدىم .بۇ بالىنى قانداق قىلىشىم كىرەك؟بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يولدۇشۇم قارىماققا خۇشال بولغاندەك   بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇشى بىلەن ئالدىراش ئىدى .بالام 4 ئايلىق بولغاندا يولدۇشۇم تۇساتتىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .ياكى ماڭا ،ياكى ئاتا-ئانىسىغا خوشمۇ دەپ قويمىدى .بارغان يىرىدىن تىلفۇنمۇ ئۇرمىدى .بۇ تەقدىر قىسمەتكە نىممۇ دەي؟بۇ چوڭ ئۆينىڭ بارىلىق خىزمەتلىرى ماڭا قاراشلىق ئىدى .يولدۇشۇم يوق تۇرسمۇ ،ئېغىر قات بولساممۇ ئۇن-تىنسىز ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتىم .لىكن قېينىئانام مەندىن يەنىلا رازى ئەمەس ئىدى .ھەمدە بىر ئوبدان بالىنى تۇزەيمەن دەپ چىشىغا تىگىپ ،ئۆزىڭىز ئۇرۇشۇپ ،ئۆيدىن چىقىپ كىتىشكە مەجىبۇر قىلدىڭىز ،ئەمدى تويغانسىز ؟چوڭ بولغانسىرى ئوڭلىنىپ قالاتتى ئەمەسمۇ؟دىگەن زەھەردەك گەپلىرى يۇرۇگۇمنى ئەزدى .كۇنبۇيى بىكار بۇلالماي ھاردۇق يەتتىمۇ يېتىپ قالدىم .ھەمدە ئانامنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلدىم .
      يولدۇشۇمدىن يەنىلا گەپ يوق ئىدى .باشقىلاردىن ئاڭلىسام ،ئۇ ئارقىسىغا بىر نەچچە دوستىنى ئەگەشتۇرۇۋېلىپ ،ئىچىپ ،چىكىپ ،گۇزەللەر بىلەن ئويناپ يۇرىۋاتقىدەك .....بۇلارنى ئاڭلىغىنىمدا قۇسۇقىمدىكى بالىنى سىيلاپ قۇياتتىم .يۇرۇگۇم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كىتەتتى .يولدۇشۇمنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بالىسىنى تېپىش ئۇچۇن ئانچە -مۇنچە ھەركەت قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆيگە قايتۇرۇپ كىلەلمىدى .مەن ئىككى ئارلىقتا ئۇيان -بۇيان مېڭىپ يۇردۇم .ئاخرى كۇنۇم تۇشۇپ تۇغدۇم .ئەمما بۇ چاغدا يولدۇشۇم بېشىمدا ئەمەس ئىدى .باشقىلار شۇنچە خۇشال بولغان بولسىمۇ كۆڭلۇم يەنىلا يېرىم ئىدى .كىنولاردا ئايالى ئوغول تۇغسا ،ئەرلىرىنىڭ خۇشاللىقىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانلىرىنى كۆرگەن ئىدىم .ماڭا ئۇ بەخىت نىسىپ بولمىسا كىرەك .كۆڭلۇم ئازاپلانغان بولسىمۇ ،يەنىلا ئەتىراپتىكىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ چاندۇرمۇدۇم .
      بالام بىر  ياشقا كىرگەندە ،مەردان قايتىپ كەلدى .ئۇ تېخمۇ ئۆزگۇرۇپ كەتكەن بۇلۇپ كۆزۇمگە يات ئادەمدەكلا كۆرۇندى .قايتىپ كەلگەن كۇنى ئۇ ماڭا مۇنداق دىدى«نەفىسە ،مىنى كەچۇر .سىنى باشقا ئاياللار بەھرىمان بولغان ئائىلە ئىللىقلىغىدىن بەھرىمان قىلالمىدىم .بۇنى ئۆزۇممۇ بىلىمەن .ئەمما مەن ئەركىن دۇنيادا ئويناپ كۇلۇشنى ياخشى كۆرىمەن .ھىچقانداق ئادەم منى باشقۇرمىسىكەن ،تۇسالغۇ بولمىسىكەن دەپ ئويلايمەن .بۇندىن كىيىنمۇ ياشاش نىشانىم شۇ .ئادەم بۇ دۇنياغا پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدۇ .شۇڭا راۋۇرۇس ئويناپ ياشاش كىرەك .ئەگەر خالىساڭ بالىمىز ئىككىڭلارنى ئېلىپ ،ئىچىكىرگە ئېلىپ كىتىمەن .ئۇ يەردە راھات -پىراغەتتىن تەڭ بەھرىمان بۇلىمىز .خالىمساڭ مەن ئۆزۇم ئاسماندىكى ئەركىن قۇشتەك ياشاۋىرىمەن .بۇنۇڭغا كۆنسەڭ كۆنگىن،بولمىسا خىتىڭىنى ئالساڭ مەيلى ....»بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق يىغلاپ كەتتىم .ئۇنۇڭغا بالىمىز ئىككىمزگە ياخشى مەسئۇل بۇلۇشنى ،ياخشى بېقىشنى ،ماڭا ھىچقانداق بايلىقنىڭ كىرەك ئەمەسلىكىنى ،پەقەت ياخشى ئەر ،خاتىرجەم تۇرمۇش كىرەك ئىكەنلىگىنى ئېيتتىم .ماڭا شۇنداق تۇرمۇش ئاتا قىلىشنى ئۆتۇندۇم .بىراق ھەيرانمەنكى ،ئۇنىڭ قۇلىقىغا گەپلىرىمنىڭ بىرىمۇ كىرمىگەن ئىدى .ئەكسىچە ئۆزىنىڭ شاڭخەي ،گۇۋاڭجۇلاردا قانداق ئوينىغانلىغى ،ئۇ يەردىكى كۆڭۇل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ خۇددى جەننەتنىڭ ئۆزى ئىكەنلىگى ،شۇڭا بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرماي قايتىپ كىتىدىغانلىغىنى،ئۆزى كۇنۇپ قالغان تۇرمۇشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى  ئېيتتى .بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇمۇتسىزلەندىم ،ئۇماق بالامغا قاراپ ئۇنسىز ياش تۆكتۇم .ئاخرى يولدۇشۇم بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ئاجىرىشىپ كىتىش قاراىغا كەلدۇق .ئۇنىڭ ئۆيىدىكىللىرى قەتئى قۇشۇلمدى .لىكىن ئوغىلى ئاجىرشىمەن ،بۇ ئايالغا كۆڭلۇم يوق دىسە بۇنۇڭغا نىمە دىگۇلۇك .......
    شۇنداق قىلىپ بالام بىر يېرىم ياشقا كىرگەن يىلى ئاجرىشىپ كەتتۇق .بالىنى ئۆزۇم بېقىشنى ئىلتىماس قىلغاچقا ،سۇتتىن بالىنى ماڭا بۇيرىدى .مىنىڭ 20 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا شۇنچە ئازاپ تارتقىنمغا چىدىيالمىغان دادام ،بۇ تويغا مەن سەۋەپچى بولغان دەپ قاتتىق ئازاپلىنىپ كىسەلچان بۇلۇپ قالدى .
    شۇندىن بۇيان بالامنى باغرىمغا بېسىپ چوڭ قىلىشقا باشلىدىم .بالام شۇنچىلىك ئۇماق ،تاتلىق ئىدىكى ئۇنىڭ كۇلكىسىگە قاراپ دەرتلىرىمنى ئۇنۇتقاندەك بۇلاتتىم .ئانام ،دادام ،بىر تۇققانلىرىم مىنىڭ بەخىتسىز بۇلۇپ قالغىنىمغا ئىچى سىيرىلىپ كىتەتتى .ھەم ماڭا تۇلىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى .شۇنداق قىلىپ بالام 6 ياشقا كىرىدى . بۇ جەرياندا ماڭا بىر نەچچە لايىقلار چىققان بولسىمۇ ،كۆزۇم قورقۇپ توي قىلىشقا رايىم بارمىدى .مۇشۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەي مەردان مەندىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن يەنە يۇقاپ كەتتى .دادىسى مىڭ بىر جاپادا تېپىپ كىلىپ قايتا ئۆيلىدى .ئەمما ئۇگەنگەن خۇي ئۆلگچەدىگەندەك ئۇ ،2-ئايالى بىلەنمۇ بىر يىل ئۆي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتتى .شۇندىن كىيىن يەنە يۇرتتىن چىقىپ كەتتى .
    مانا بالامنىڭ سۇننەت تۇيىنى قىلشقىمۇ ئاز قالغان .شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە ،مەردان خۇددى جىندەك بىر كىچىدىلا پەيدا بولدى .بۇ قېتىم ئۇ ئالدىنقى قېتمقىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتى .ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسىغا ،مىنى ئۇنتىيالمىغانلىقىنى ،بالىنى يىتىم قىلغۇسى يوق ئىكەنلىگىنى ،شۇڭا يارىشىپ بالنىڭ سۇننەت تۇينى تەڭ قىلىشنى ئۆتۇنۇپتۇ .بۇنىڭدىن ئۆيىدىكىللىرى شۇنچە خۇشال بۇلۇپ بىزنىڭ ئۆيگەئادەم كىرگۇزدى .مەردان ئۆزىمۇ ئارقا -ئارقىدىن تىلفۇن قىلىپ ،ئۆي تۇتۇپ قالايلى ،مىنى كەچۇرگىن ،ئەمدى تۇزۇلۇپ كەتتىم دەپ ۋەدە بەردى .ئادەم دىگەن كەم ئەقىل بۇلىدىكەن ،2-بىر ئەرگە تىگىپ بالامنى يىتىم قىلغۇچە ،ئويناپ ھارغان ئوخشايدۇ ،بوپتۇ دەي دىگەن خىيالغان كەلدىم .ئاتا-ئانام بۇ قېتىم ئىختىيارىمغا تاشلىغاندا ،بالامنى يىتىم قىلغۇم يوق دىدىم .شۇنداق قىلىپ مەردانغا 2-قېتىم نىكاھلىق بولدۇم .ئۇ راستىنلا ئۆزگەرگەندەك تۇراتتى .بۇرۇنقىدەك سۆرۇن ئەمەس بالا ئىككىمىزگە شۇنداق مىھرىبان ئىدى .بۇنىڭدىن ھەممىمىز شۇنچىلىك خۇشال بولدۇق .بىر ئائىلە كىشىللىرى جەم بۇلۇپ ،بەخىت نۇرىغا چۇمدۇق .بىز بىرلكتە بالىمىزنىڭ سۇننەت تۇيىنى قىلدۇق .بىراق بۇ خۇشاللىق ئۇزۇنغا بارمىدى .بىر كۇنى مەن كىچىدە ئويغۇنۇپ كىتىپ يېنىمغا قارىسام مەردان يوق ،شۇنداق چۇچۇپ كەتتىم .ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام ھاجەتخانىنىڭ چىرىغى يېنىغلىق ،پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دسسەپ ئاستا ئىشىكنى ئاچتىم .ئىشكنى ئېچىپلا قاتتىق چىقىراپ كەتتىم .ئۇ قۇلىدا ئۇكۇل يىڭنىسى تۇتۇپ ئۆزىگە خىوئىن ئۇرىۋاتاتتى .ئاھ .....خۇدا ..........بۇ ئىشلارنى كۆرىۋاتامسىز ؟بۇ نىمە ئىش ئەمدى دەپ ئۆزۇمنى تۇتالماييىغلاپ كەتتىم .ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ،مىنىڭ يىغىلىغىنىم ياكى كۇلگۇنۇم بىلەن كارى يوق ئىدى .ئۆزۇمنى كاچاتلىدىم ،چاچالىرىمنى يۇلدۇم. خۇددى ساراڭ بۇلۇپ قالغاندەك ،ھىلىلا جېنىم چىقىپ كىتىغاندەك بولدۇم .ئاڭغىچە بالام ئويغۇنۇپ كەتتى .ئۇنىڭغا يالغان گەپلەرنى قىلىپ ھوجرىسىغا كىرگۇزىۋەتتىم .ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۇشۇ ئەپتىنى كۆرۇپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ  خالىمايتىم .بىردەمدىن كىيىن ئۇ ئاستا -ئاستا ئەسلىگە كەلدى .ھەم قاتتىق چۇچۇپ كەتتى .بۇنى تاساددىبى قىلىپ سالغانلىقىنى ،بۇندىن كىيىن 2- قىلمايدىغانلىغىنى ،ئۆزىنى بىر قېتىم كەچۇرۇۋىتىشنى تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۆتۇندى ..........
    مىنىڭ خۇشاللىق كۇنلۇرۇم ئۇزاققا بارمىدى .مانا شۇندىن بۇيان قايغۇ ماڭا ھەمرا بۇلۇپ كەلدى .مەن قايتا -قايتا ئويلاندىم .بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ،چۇقۇم ئۇنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشىم كىرەك ،چىداملىق بۇلۇشۇم كىرەك دەپ ئويلۇدۇم .ھەمدە بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئېيتتىم .باشتا ئۇلار  يالغان دەپ قاتتىق چېچىلدى .كىيىن ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئېلىپ چىقىپ كۆرسەتتىم .ئاندىن ئۇلار جىمىپلا كەتتى .شۇنىڭ بىلەن بىز مەسلەھەتلىشىپ ئۇنى قەشقەردىكى «زەھەر تاشلاتقۇزۇش »ئورنىغا ئاپىرىپ بەردۇق .

    داۋامى بار .....
    [ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2009-01-16 06:49 PMدە قايت ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئەجىر
  • ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 06:24 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    arzu220
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15545
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2140
    شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
    پۇل: 5375 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    داۋامى

    بىز يولدۇشۇمنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ بەرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ تۇزۇلۇپ چىقىشىغا تەشنا بولدۇق .بۇ دۇنيادا ئادەم پەقەت ئۇمۇت بولغانلىغى ئۇچۇنلا بېشىغا قانچىلىك ئېغىر دەرت-ئەلەملەر كەلسىمۇ كۆتۇرۇپ كىتەلەيدىكەن .ئايلار ،كۇنلەر بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلۇشۇپ ئۆتەۋاتاتتى .بىز 15 كۇندە بىر ئۇنى يوقلاپ تۇراتتۇق .ئىپادىسى خېلى يامان ئەمەس ئىدى .شۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ،ئۇ زەھەر تاشلاش جەريانىدا تۇلىمۇ قىينىلىپتۇ .ھەر قېتىم خۇمارى تۇتقاندا بىر ئۆلۇپ بىر تىرىلىپتۇ .ئەمما شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ھازىر خۇمارى ئۇنداق بۇرۇنقىدەك تىز ھەم كۆپ تۇتمايدىغان بوپتۇ .ئۇنىڭ تاشلاپ كىتەلىشىدىن ئۇمۇت بارلىقنى ئاڭلىغىنىمدا مەندە يېڭىچە بىر ئۇمۇت پەيدا بولغان ئىدى .ئۇ يەردە مەردان 6 ئاي تۇردى .ئاندىن قايتىپ چىقتى .ئۇ ھەقىقەتەن خېلىلا ئۆزگەرگەن ئىدى .كۇنبۇيى دادىسى ۋە مىنىڭ نازارىتىمدا ئۆيدىن سىرىتقا چىقمايتى .شۇنداق گەپ ئاڭلايدىغان ،كەم سۆز ،رايىش بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .بۇنىڭدىن بىر ئائىلە كىشىللرى شۇنداق خۇشال بولغان ئىدۇق .قېينىئاتام ھەممىزنى ئېلىپ ئۈرۇمچىگە ياندۇرۇپ كەلدى .چۇنكى تىجارەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇمچىگە مەركەزلەشكەن ئىدى .ھەم مەرداننىڭ بۇ قېتىمقى ئۆزگۇرۇشىدىن چەكسىز خۇشال بولغان قېينىئاتام ئۇنۇڭغا تىجارەت يوللىرىنى كۆرسۇتۇپ ،تەربىيلەشنىمۇ مەخسەت قىلغان ئىدى .
    شۇنداق قىلىپ ،ھەمىمىز قايناق ۋە گۇزەل شەھەر ئۇرۇمچىگە كەلدۇق .قەلبىمدە بىر خىل خۇشاللىق بار ئىدى .بىر-بىرىگە ئۇلۇشۇپ مېڭىۋاتقان چوڭ -كىچىك ماشىنىلا ،رەڭگارەڭ چىراقلار ،كەڭرى كەتكەن ئاسفالىت يوللار ،ئىگىز -ئىگىز قەدى كۆتۇرۇپ تۇرغان بىنالار ............بۇلارنى كۆرۇپ كۆزۇم ئېچىلىپ قالغان ئىدى .چۇنكى مۇشۇ يېشىمغىچە مەن تېخىچە قەشقەردىن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدىم .بالاممۇ شۇنچىلىك خۇشال بۇلۇپ ،كەپسىزلىك بىلەن سەكرەپ كەتكەن ئىدى .بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ،قېينىئاتام ئاللىبۇرۇن ئېلىپ ،جابدۇپ قويغان بىنا ئۆيگە بۆلەك بۇلۇپ كىردۇق .مەن خۇددى چۇش كۆرىۋاتقاندەك بۇلۇۋاتاتتىم .مەرداننىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى بەكمۇ ياخشى ئىدى .دىگەن گىپىمدىن چىقمايتى .
    ئەمما بۇ خاتىرجەم كۇنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى .بىز ئۇرۇمچىگە كىلىپ ئىككى ئايدىن كىيىن ،مەن ئۇنىڭ يەنە خىروئىن دىگەن نىجىسىنى چىكىۋاتقانلىغىنى سىزىپ قالغان ئىدىم .ھەتتا بىر قېتىم ئۇخلاۋاتقان ۋاختىمدا يۇشۇرۇنچە نەرسە كىرەكلىرىمنى ئاختۇرۇپ ،بوينۇمغا تاقايدىغان ئالتۇن زەنجىرىمنى ئېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ زادىلا تاقەت قىلالمىدىم .ئۇنىڭغا تىزلىنىپ يالۋۇردۇم .ماڭا قانداق ۋەدىلەرنى بەرگەنلىگىنى ،ئەشۇ سەبئى ئوغىلىمىزنى ئويلاش كىرەكلىگىنى دەپ ئۇنۇڭغا نەسىھەت قىلدىم .ئەمما ئۇ ئاڭلىمىدى .ئۇ مىنى مەيدەمدىن ئىتتىرىۋىتپ ،سىرىتقا ئۆزىنى ئاتتى .ئۇ يەنە ئەشۇ تۇمانلىق دۇنيانى ،ھازىرقى تۇرمۇشىدىن نەچچە ھەسسە ئەۋزەل كۆرگەن ئىدى .پۇت -قۇلۇمدا جان قالمىغان ئىدى .يىغلاشقا ماغدۇرۇممۇ يەتمەيتى .قانداقمۇ قىلارمەن؟يەنە قانداق قىسمەتلەرنى كۆرەرمەن ؟مەندەك شور پىشانە ئايالدىن بۇ دۇنيادا يەنە بىرى بارمىدۇ ؟ئىھ ...ئۇلۇغ خۇدا ،مەندىن ئۆتكەن سەۋەنلىكلەر بولسا ئەپۇ قىلىڭ .ئۇنىڭ دىلىغا ئىنساپ -ئىمان ئاتا قىلىڭ .شۇنداق شىۋىرلايتىم .بەش ۋاخ نامىزىمدا قادىر ئاللاھدىن مۇشۇنى تىلەيتىم .......
        بۇ ئىش بۇلۇپ ئەتىسى ،ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ قېينئاپاملارنىڭ ئۆيىگە كەلدىم -دە ،گىپىمنى ئۆرىيەلمەي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم .بىر ئازدىن كىيىن ئۇلارغا بولغان ئەھۋاللارنى ئېيتتىم .بۇ قېتىم قېينىئاتام قاتتىق غەزەپلەنگەن ئىدى .ئۇ بالا بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن ،سىلەر ئىككىڭلار تۇرۇڭلار دىدى .ھەمدە مەرداننى سۇرۇشتۇرۇپ تېپىپ كەلدى .ماشىنىسىغا بىزنى سېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدۇق .ئۇ بىزنى ئۆيگە ئەكەلگەندىن كىيىن ،ئۆزى يەنە چىقىپ كىتىپ كىرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يىمەك -ئىچمەكلەردىن ئېلىپ كىرىپ كەلدى .ھەم ئوغىلىغا قاتتىق تەلەپۇزدا«ئەگەر مۇشۇ قېتىم يەنە تۇزەلمىسەڭ ،سەندەك ئوغلۇم يوق ،بىزنى ئويلىمىساڭمۇ ئايالىڭ بىلەن ،ئوغىلڭنى ئويلا ،بۇگۇندىن باشلاپ ھەر ئىككىڭلار سىرىتقا چىقمايسىلەر ،نىمە لازىم بولسا ئۆزۇم ئەكىلىمەن» دەپ تۆمۇر ئىشىككە چوڭ قۇلۇپتىن بىرنى سېلىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .بىز ئەر -ئايال ئىككىمىز تۇرمىگە سۇلانغان ئىدۇق .بۇنىڭغىمۇ خاپا بۇلۇپ كەتىمىدىم .چۇنكى مەردان تۇزۇلىدىغانلا ئىش بولسا قانداق بەدەل تۆلىسەم مەيلى ئىدى.شۇ كۇنى كەچتە ئۇنىڭ خۇمارى قاتتىق تۇتتى .ئۇ توختىماي بەزگەكتەك تىترەۋاتاتتى .ئالدىمغا كىلىپ پۇتلىرىمنى قۇچاقلاپ ،ئۆزىگە پەقەت بىرلا قېتىم ئەكىلىپ بىرىشىمنى تىلەۋاتاتتى .يالۋۇرىۋاتاتتى .كۆزۇمدىن ئاققان ياشنىڭ كۆپلىكىگە ، تۇگەپ كەتمىگىنىگە ھەيرانمەن . ئۇ ئاخرى ماڭا تەھدىت سېلىپ ،پىچاقنى قۇلىغا ئالدى .ئەگەر ماڭا ھازىر تېپىپ  بەرمىسەڭ ياكى سىنى ئۆلتۇرىۋىتىمەن ،ياكى ئۆزۇمنى ئۆلتۇرىۋالىمەن .بۇ چاغدا مەنمۇ جاندىن تويغان ئىدىم .شۇڭا قورقۇپمۇ كەتمىدىم .ئۇنىڭدىن مىنىلا ئۆلتۇرىۋىتىشنى ئۆتۇندۇم .كىم بىلسۇن ،كۆزىگە قان تولغان مەردان مانا ئەمسە دەپ پىچاقنى ئۆزىنىڭ ئوڭ يۇتىسىغا تىقتى .قىپ-قىزىل قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى .نىمە قىلارمنى بىلەلمەي ،شۇنداق قورقۇپ كەتكەن ئىدىم .لۇڭگىلەرنى ئەكىلپ پىچاق سانجىلغان يەرگە تۇتۇپ تاڭاي دىسەممۇ قان توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .شۇ كىچىدە قېينىئاتاملارغا يىغلاپ تۇرۇپ  تىل قىلدىم .ئۇ بىچارىلەرمۇ يىتىپ كىلىپ ئۇنى دەرھار دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق .مەن نىمە دىگەن بىتەلەي ؟ئۆزۇم ئەمدى 24 ياشقا كىرگەن بولساممۇ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ باقسام خۇددى 70 ياشلىق مۇمايدەك ھىس قىلدىم .شۇنچىلىك سۇلغۇن بۇلۇپ كەتتىمكى ،ھىلىلا يىقىلىپ چۇشىدىغاندەك ،ئۆزۇمنىڭ كونتۇرۇللىقىنى يۇقاتقان ئىدىم .مەن ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن قورقىماي قانداقمۇ بىر ئۆيدە تۇرىمەن ؟شۇ تاپتا ئۆزۇمنىڭ ھاياتىغىمۇ ئىشەنچ قىلالمايۋاقان ئىدىم .ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ قورقۇپ قالغان ئىدى .ئۇرۇمچىگە كىلىپ بۇ يەردىمۇ بىر قان ياشلىق سەرگۇزەشتىنى باشتىن كەچۇردۇم .بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئۇيۇمدىكىلەرگە بىلدۇگۇم كەلمىدى .ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىگىنى بۇزغۇم كەلمىدى .بوپتۇ مەنلا تارتىپ كىتەي ،نىمە ئىش بولسا مەنلا كۆرەي .
    قېينىئاتام ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ئامالنىڭمۇ بىخەتەر ئەمەسلىگىنى تۇنۇپ يىتىپ ،ئۇنى تۇرپاندىكى مەلۇم بىر «زەھەر تاشلاتقۇزۇش »ئورنىغا ئاپىرىپ بەردى .ھەمدە ماڭا بۇ گەپنى ئۆيدىكىلەرگە دىمەي تۇرۇڭ قىزىم دەپ ئۆتۇندى .شۇنىڭ بىلەن مەن بالام بىلەن بۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا باشلىدىم .ئۇزاق ۋاقىت ئازاپ تارتقاچقىمىكىن ،يۇرۇگۇم ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم .ئۇماق بالامغا قارىسام ئىچىم سىيرىلىپ كىتەتتى .ئۇممۇ بۇ ئىشلارنى كۆرۇپ بىلىپ قالغان ئىدى .چۇنىكى پاختىنىڭ ئىچىدە چوغنى ساقلىغىلى بولمايدۇ- دە؟مەن بالامغا بۇ گەپلەرنى ساۋاقداشلىرىغا دىمەسلىكنى ،دادىسىنىڭ چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدىغانلىغىنى دەپ ئۇنى بەزلەيتىم .ئۇ بۇلاقتەك قارا كۆزلىرىگە ،لىققىدە ياش ئېلىپ تۇرۇپ :«ئاپا ،مىنىڭ نىمىشقا چۇمۇچ باش دادىدەك ئوبدان دادام يوق؟»دىگەن چېغىدا بالامنى قۇچاقلاپ ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلاپ كىتىپ ،دەمالى نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشىمنى بىلەلمىگەن ئىدىم .
    مانا مۇشۇ تەرىقىدە 4 ئاي ۋاقىت ئۆتتى .مەردان ئۇ يەردىن چىقتى .بىر مەزگىل ئەتىراپىمىزدا يۇرگەندەك  قىلدى .ئەمما ئۇنىڭدا نە بالىغا ،نە ماڭا ،نە ئاتا-ئانىغا قىلچىلىكمۇ مىھرى-مۇھەببەت يوق ئىدى .ئۇ تۇرپاندىن كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا دادىسىنىڭ كىنىشكىسىدىن 100 مىڭ يۇۋەن ئوغۇرلاپ ،بىزنى تاشلاپ يەنە ئىچىكىرگە قېچىپ كىرىپ كەتتى .بۇ ئىش مىنىڭ بارىلىق ئۇمۇت -ئارزۇلىرىمنى يوققا چىقاردى .بۇ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمنى پۇتۇنلەي يوق قىلدى .بۇ ئىش پۇتۇن ئۇرۇمچىگە يېيىلىپ ،كونا يېڭى ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىشلەرنىڭ ئاغزىدا  سۆز چۆچەككە ئايلاندى .مەن يەنە بۇ ئۆيدە قانداقمۇ تۇراي ؟بۇ ئۆينى قانداقمۇ تۇتاي ؟
    قېينىئاتا-قېينىئاناملارغا ،ئەمدى بالىنى ئېلىپ ئۆيگە كىتىپ تۇرۇشنى ئېيتتىم .ئۇلار نىمىمۇ دىيەلىسۇن ؟ئۇلارغىمۇ ئۇۋال دە ؟بىر ئەسكى بالىنىڭ دەردىدە ،بۇ ئاتا-ئانىنىڭمۇ يۇرۇگى كاۋاپ بولغان ئىدى .شۇنداق قىلپ يۇك تاقىللرىمىنى يىغۇشتۇردۇم .بالامنى ئېلىپ چەكسىز ئازاپ ئىچىدە يۇرتۇمغا ،ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم .

    نەفىسە بۇ گەپلەرنى ئەخمەتكە دىگۇچە بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى .ئەخمەتمۇ ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنى ،نىمە دەپ بەزلەشنى بىلەلمەيۋاتاتتى .ھەي تۇرمۇش ....سەن نىمە دىگەن رەھىمسىز ؟قىزىل گۇلدەك بىر چىرايلىق قىزنى ،باشقلار تەرىپىدىن دەسسىتىپ  چەيلەپسەنغۇ؟ئۇنىڭ كىچىككىنە قەلبىگە ئۆچمەس داغلارنى ساپسەنغۇ؟ئۇنىڭ كۆرگەن خۇشاللىقدىن ،خاپىلىقلىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ كىتىپتىغۇ؟.........................

    نەفىسە گىپىنى داۋاملاشتۇردى .ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بارىلىق دەرت -ھەسرەتلىرىمىنى ئانامغا ۋە ئاچامغا تۆكۇلۇپ تۇرۇپ بايان قىلدىم .ھەمدە بۇ قاباھەتلىك تۇرمۇشنى ئەمدى ئاخىرلاشتۇرمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىتىم .ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكەندە مەن مەرداندىن رەسمى ئاجرىشىپ كەتتىم .

    داۋامى بار ........
    [ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2009-01-16 06:50 PMدە قايت ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 06:25 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    arzu220
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15545
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2140
    شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
    پۇل: 5375 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئۈممد شولىسى (1)


    بۇ ئۇزۇن كىچە سىرلىق قىسمەتلەرگە تولغان ئەشۇ ئىزگۈ كۆڭۈللەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان كۆڭۈل سرلىرىغا بىر تامچە بولسىمۇ ئابىي كەبىي ھايات ئاتا قىلىدىغان بۇ سىرداشلىق بۇ كىچىدە كۆڭۈلەرگە شۇنچىكى ياققان ئىدىكى ئەخمەت بىلەن نەفىسەنىڭ بۇ دەرىد ھەسىرەتلىرى ئۇزۇن كىچىلەردە تۈگەيدىغاندەك قىلمايتى ..
    ئەخمەت ئۇنىڭ بۇ سەزگۈرەشتىلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قانداق تەسەللىي بىرىشىنى بىلسىمۇ بىراق ئۇنىڭ بۇ ئازاپلىرىغا قايسى يوسۇندا دورا بولىشىنى بىلەلمىگەن ئىدى ..

    - ئاھ خۇدا ، سىنىڭ ئاتا قىلغانلىرىڭ كۆپ نىمىشكە ياخشى كىشىلەرنى بۇنچە ئۇزۇن سىنايدىغانسەن ...........
      ئەخمەت كومپيۇتېر ئالدىدا قىتىپلا قالدى . نەقىلسۇن نەفىسەنىڭ ياشلىرى تىخى تاراملاشتىن توختىمىغان ئىدى . ئىغىر ئىلىنغان بارماقلار يەنە ئاستا كونۇپكا ئالدىغا كىلىپ ، تاراس  - تاراس قىلغان ئاۋازلار بىلەن ئەخمەتنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى داۋاملاشماقتا ئىدى ..
    - نەفىسە .
    ئەخمەت بىر ئاز ساقلىغاندىن كىيىن نەفىسە ياشلىرىنى ئاران سۈرتۈپ ئەشۇ ئىغىرلاپ كەتكەن سول قولىنى ئاستا ئىلىپ ، پەقەت ،« مەن بار»  دىگەن خەتنىلا چالا - پۇچۇق يازالىغان ئىدى .
    - نەفىسە ... مەن سىزنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىڭىزنى شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم . مىنى ئۆز بىلىپ كۆڭۈل سىرلىرىڭىزنى بايان ئەتكەنلىكىڭىزدىن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك قەدىرلىك ھىس قىلىۋاتىمەن .. سىز بىلمەيسىز ئەمەس كۆپ ئىشلاردا بىر تەقدىر قىسمەتلەرھە ھەرخىل ئامال ۋە ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەشلەر بىلەن ئۆزىمىزگە تەسەللىي تاپىمىز ھەم ئۆز يولىمىزنى ئۆزىمىز ئاچىمىز .
    خىلى كۈنلەر بوپتۇ سىز بىلەن چ چ دا پاراڭلىشىپ ، راستىنى ئىيتسام پاراڭلاشمىسام بىر قىسىم بولۇپ قالىدىكەنمەن ..
    ئەخمەت بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ توغرا ياكى خاتا دىگەنلىكىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالغان ئىدى. -ئەمدى نىمىمۇ دەرمەن .
    توساتتىن چ چ تىزلا سايرىدى .
    - مەنمۇ ھەم ،
    نەفىسە تىزلا جاۋاپ قايتۇرغان ئىدى .
    ئەخمەت بىر كىچىك تىنىۋەتكەندىن كىيىن سۆزلىرىنى داۋام قىلماقتا ئىدى . ئەخمەت ئۆز كۆڭلىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىسقىغىنە ۋاقىتتا ئويلاپ بولغان ئىدى ، ئۇ ئاۋال ئۇنىڭ بۇ پەرىشان كۆڭلىنى يورتىشى كىرەك ئىدى .
    - نەفىسە كۆڭۈل - كۆڭۈلنىڭ قاياشى ، ياھاتلىقتا  كىشلەر نۇرغۇن ئىشلارنى مۇمكىن بولمايدۇ دەيدۇ ، بىراق مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ھازىر جەمىئيەتتە مۇمكىن بولمايدۇ ئەمەس . سىزگە كەلگەن دەردۇ ھەسىرەت ۋە قايغۇلار پەقەت سىزگىلا ئەمەس ، مەن ۋە جۈملىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ بشىغا كەلگەن . بەلكىم تۇمۇرش  ئەگرى - توقاي بولمىسا مەنىسىز بولسا كىرەك . سىزگە كەلگەن بۇ مۇشەقەتلەرنى سىز قانداق يىڭىشنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ ؟
    ئەخمەت بۇ سۇئالنى قويۇپ قانداق جاۋاپ چىقىشىغا شۇنچىلىك تەشنا ئىدىكى ، تىتتىت بولۇپ مائوس كونۇپكىسىنى توختاپسىز چىكىپ ئولتۇراتتى ..
    - ئەخمەت دەردىڭىز ئازدەڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى پەرىشان قىلغانلىقىمدىن خىجىلمەن . مەن راستىنى ئىيتسام پەقەت بالامنى بىقىلاپ ئاتا - ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق يەكە يىگانە ئۆتۈپ كەتسەم دەيمەن .
    بۇ جاۋاپتىن ئەخمەت سەل تەشۋىشلەندى يۇ بىراق ، ئۇنىڭ بۇنچىلىك زىرەكلىكىنى ئالى بۇرۇن سىزىپ بولغان ئەخمەت ، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدى . ھەم داۋاملىق تەسەللىي بىرىش نىيىتىدە سۆزىنى داۋام قىلدى .
    - سىز ماڭا قىلچىلىك يەتمەيدىكەنسىز .
    - نىمە ؟ نەفىسە ھەيرانلىق بىلەن سورىدى .
    - قاراڭ . ئادەم يىنىدا بار نەرسىنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدۇ . ئەگەر ساڭا قانداق بەخىت كىرەك دەپ ئاللا مەندىن سورىسا مەن پەقەت - ئىھ ئاللا ماڭا ساغلام بولغان بىر جۈپ پۇت بەرگەن بولساڭ ئىدى مەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشلەردىن بولغان بولاتتتىم دەيتىم .
    - ياق ئەخمەت ئۇنداق دىمەڭ . ئۆزىڭىزنى كەمسىتىۋاتامسىز .
    ياق نەفىسە ، مەن ئۆزۈمنى كەمسىتكەن بولسام سىزدەك يىقىن سىرداش دوستۇمغا ھەرگىزمۇ ئۆزمىنىڭ بۇ ئاجىزلىقىمنى دىمىگەن بولاتتىم چۇنكى ئادەمنى كەينىگە چىكىندۈرىدىغان نەرسە بولسا سۈلغۇنلۇق ھەم چۈشكۈنلۇك . مەن مۇشۇ ھالىتىمدە بەخىتكە ئىنتىلىۋاتسام سىزدە نۇرغۇن پۇرسەتلەر تۇرۇپ ئەشۇ ياشلىق جۇشقۇن ھاياتىڭىزنى ئەرزىمەس كىشىلەر ئۈچۈن نابۇت قىلسىڭىز بۇ بىر ئەخمەقلىق بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئەگەر ئۇ سىز ئۈچۈن ئەرزۈگىدەك ئىش بولسا ئىدى . ئۇنىڭ يولى بۆلەك ئىدى .
    ئەخمەت ئۆزىنىڭ سەل قاتتىقراق گەپ سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئەشۇ ئۈممىدسىزلىكىنى ۋە قايغۇسىنى يەڭگىلىتىشنىلا ئويلايتى .
    - نىمە دىسەم بولار ئەخمەت ، سىز سىرلىرىمنى بىلىدىڭىز  بەلكىم مىنىڭ ئورنۇمدا تۇرۇپمۇ ئويلاپ كۆردىڭىز . سىزچە مەن قانداق قىلىشىم كىرەك ..
    نەفىسە ئۆز كۆڭلۈدە ئۇنىڭدىن مەسلھەت سوراۋاتقىنى بىلەن ئۇ ئۆز كۆڭلۈدە تۇرمۇشتىن ئۆلگۈدەك بىزار ئىدى . چۈنكى ئۇ نەچچە ئەلچىلەرنى سوغۇق مۇئامىلىدە قىلچە ئىمكانىيەت قويماستىنلا ئۆيدىكىلىرىنىمۇ قايرىپ تۇرۇپ رەت قىلغان ئىدى .
    - نەفىسە سىزدىن بىر سۇئال سوراي .
    - قىنى سوراڭ .
    - سىز مۇھەببەتنى چۈشۈنەمسىز .
    ئەخمەت بۇ سوئالنى بىكاردىن بىكار توكىدە سورىمىغان ئىدى . چۇنكى ئۇ مىھىرىبانلىق ۋە مۇھەببەتنىڭلا ئەشۇ غۇبارسىز ، ئىچىلماي توزىغان گۈلنىڭ قايتىدىن ئىچىلىشىغا ئىشىنەتتى ، ھەم بۇنىڭ بىر دىنبىر ئامال ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ئۆمىرىدە بۇنداق بىر سەمىمىي ئەقىللىق ، بىر قىزنىڭ ئۆزىگە سىرداش بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . بۇ سىرداشلىق ئۇنىغا ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى .
    - مەن راستىمنى ئىيتسام قىز ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى چۈشەنمەيمەن . مەن پەقەت مۇھەببەتنىڭ ھىكايە داستانلاردا ۋە كىنو فىلىملاردىلا بارلىقىغا ئىشىنىمەن . مۇھەببەتنىڭ ھەممىسى ساختا ، پەقەت بىر - بىرىنى ئالداشلا خالاس.
    بۇ كەسكىن ئىيتىلغان گەپ سۆزلەر ئۇنىڭ يۈرەك سۆزلىرى ئىدى . چۈنكى ئۇ مۇھەببەت دىگۈل نۇرمال بىر تۇرمۇشقىمۇ ئىرىشەلمىگەن ئىدى .
    - سىز مۇھەببەتىن بىزار ئەمەس ، بۇ سىزنىڭ يۈزەكى قارىشىڭىز . مۇھەببەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا سىز چوقۇم بۇ قارىشىڭىزدىن ۋاز كىچىسىز .
    - ئەخمەت مىنىڭ بۇنداق مۇھەببەتكە ئىرىشكىممۇ يوق ھەم بۇ ئىشلارنى مەن كەچۈرۈپمۇ بىلەلمەيمەن .
    ھەي ئۈممىد سىزلىك . ئەخمەت  بۇ سۆزلەردىن نەفىسەنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىنى ، قانچىلىك دەرىت تارىتقانلىقىنى ئۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ ئىچى سىقىلىپ ئەگەر ئۇ قىزنىڭ يىندا بولسا ئۇنىغا قاراپ تۇرۇپ تەسەللىي بىرىشنى شۇنچىلىك ئويلاپ ئولتۇرغان ئىدى .
    - نەفىسە مەن دە نۇرغۈن كەمچىلىكلەر مەۋجۇت بىراق مەندە شۇنچىلىك كەمچىلىكلەرنى ياڭالايدىغان بىر ئارتۇقچىلىق بار ئۇ بولسىمۇ ئۈممۈدۋالىق . مەنمۇ تۇرمۇشتىن شۇچنلىك ئازار يىدىم يەنىلا باشقىلارمىنى تاشلاپ كەتتى . سىقتال تۇرمۇشقا رازى بولغان بولساممۇ قىزىمنى يىتىم قلىشقا مەجبۇر بولدۇم . ھەتتاكى مەن مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشتىن شۇنچىلىك بىزار بولدۇم ، بىراق مۇشۇنداق ئۆتۈپ كىتىش ئاقىلانىلىكمۇ . مىنىڭ سىز بىلەن نىمىشكە ئۇزۇندىن بىرى سىرداش دوسىت بولۇ پ كىلىۋاتقانلىقىمىنى بىلەمسىز . سىزنىڭ ئەقىلىقلىقىڭىز ، ئوڭلۇقلىقىڭىز. سىزنىڭ ئەشۇ خۇش چىراي تەبەسسۇملىرىڭىز مىنى سىز بىلەن داۋاملىق سىرداش دوسىت بولۇشقا ئۈندىدى . بىراق سىز مەن بىلەن دوسىت بولۇشنى خالىسىڭىز مىنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە قۇلاق سىلىڭ ..
    ئەخمەت ھاياجانلانغان ئىدى . ئۇ خوش بولۇشنى ياكى ئۇنى خوش قىلىغانلىقىنى ئىنىق بىلەلمىگەن بولسىمۇ ، داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن سىرداش بولۇپ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەشۇ ئىزىلگەن يۈرىكىگە بىر باھار ئىلىپ كىلىشنى ئۈممىد قىلاتتى .
    نەفىسە بۇ سۆزلەرنى ئوقۇغاچ نۇرغۇن نەرسىلەرى ئويلىغان ئىدى . قارىماققا ئەخمەتنىڭ گەپلىرى شۇنچە ئورۇنلۇق ، بىراق ئۇ گۇمان قىلاتتى . شۇنداق ياشاش ئاسانمۇ . مەن بىر ئايال كىشى تۇرسام مەن قانداقسىگە ئۆز تۇرمۇشۇمنى تالىيالايمەن . مەن قانداقمۇ ئۆز تۇرمۇش يولۇمنى تاپالايمەن .  بىراق ئۇنىڭ ئۈممىد ۋارلىقىغا قايىلمەن . راسىت ئۇ مىيىپ تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك ئۈممىد ۋارلىق بىلەن ياشايدىكەن .  مەنمۇ بىر ئۈممىدۋار  بولۇپ باقسام ، ياق ياق ، يەن شۇ ئازاپلارغا قالارمەنمۇ . بولدىلا نەدە تۇرۇپتۇ ئۇنداق بەخىتلەر ، مەن ھەم چوڭ بولۇپ قالدىم ھەم يەنى بىر ئوغلۇم تۇرسا .
    - دىگەنلىرىڭىز توغرا بىراق مەن قىرىدىم .
    بۇ چاقچاق ئەخمەتنى سەل خوش قىلغان ئىدى . چۈنكى نەفىسەدىكى قايغۇ ئەلەم ئازىراق بولسىمۇ  چاقچاق سەۋەبىدىن خۇشاللىققا يۈزلىنىۋاتاتتى .
    - كىم سىزنى قىرىدى دەيدۇ . سىز قىرى بولسىڭىز مەن سىزدىن قىرى جۇمۇ .
    - توۋۋا دەڭە سىز مەندىن بىر نەچچە ياش كىچىك تۇرسىڭىز .
    - ئۇنداق دەپ تۇرىۋالماڭ . قاراڭ ئادەم قىرىسا نەچچە ھاسا تۇتىدۇ .
    - ئەلۋەتتە بىر ھاسا تۇتىدۇ دە ..
    - ئۇنداقتا مەندە ئىككى ھاسا بار  ئۇنداقتا مەن قىرىلاردىن ئىككى ھەسسە قىرى بولمامدىم .
    - ھا ھا ھا
    ئۇ راستىنلا ھەقىقەتەن چىن دىلىدىن بىر قىتىم كۈلگەن ئىدى .
    بۇ ئۇزۇن كىچە ئەشۇنداق قىزىق ۋە تەسىرلىك پاراڭلار بىلەن تاڭ ئىتىشقىمۇ ئاز قالغان ئىدى . ئۇلار قىزغىن پاراڭلار بىلەن بۇ كىچىنى شۇنداق مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ئىدى .
    ئۇلار شۇنچىلىك ياخشى تىلەكلەر بىلەن خوشلىشىپ قىسقىغىنە ئارام ئىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆز - ئارا تەكەللۇپ قىلىشىپ خىلى ئارام تىپىپ قالغاندەك خوشلاشتى .
    - خوش نەفىسە ، ئاللاھ سىزگە خۇشاللىق ۋە بەخىت ئاتا قىلسۇن .
    - ئەخمەت سىزگىمۇ ئاللا خۇشاللىق ۋە ساغلاملىق ئاتا قىلسۇن ، بەختىڭىز زىيادە بولسۇن .
    - خوش ياخشى چۈش كۆرۈڭ .
    - سىزمۇ ھەم . ئالاھقا ئامانەت ، چ چ نى ئۆچۈردۈم ئەمدە . ئازىراق بولسىمۇ ئارام ئىلىۋىلىڭ ئەتە يەنە ئىشلەيسىز .
    - بولىدۇ . خوش ئەمسە ..
    ئەخمەت كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ  ئەتىدىكى كۈنىنىڭ بۇندىنمۇ گۈزەل بولىشىنى ئۈممىد قىلىپ كۈلىمسىرىگەن ھالەتتە ، ئۈممىدۋار كەيپىياتتا ئۇيقۇسىغا ماڭغان ئىدى .


    داۋامىنى بار......
    [ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2009-01-16 06:51 PMدە قايت ]
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 06:27 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    arzu220
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15545
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2140
    شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
    پۇل: 5375 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئۈممىد شولىسى (2)

    تىت - تىت

    نەفىسە چ چ سىنى ئىچىپ ھىچ نىمىگە پەرۋا قىلماستىن ئەخمەت قالدۇرغان خەتلەرنى ئوقىۋاتاتتى . ئۇ شۇنچىكى قىزغىن ئوقىغانسىرى ئوڭ قولى بىلەن دائىم يۇزىنى سىلاپ قوياتتى . ئۇنىڭ بۇ تۇرىقىدىن بىر نىمىلەردىن تاسادىبىيلىق ھىس قىلىۋاتقاندەك تۇراتتى .
    ئۇ مۇنداق ئويلىدى . بۇ بىر ئامەتمۇ ياكى بىر ئاپەتمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى زادىلا ئالدىغۇسى يوق ئىدى .
    ئەخمەت قالدۇرغان خەتلەرنى ئۇ ئوقۇغان چىغىدا ئەخمەت توردا يوق ئىدى .
    - ئۇھ  خۇداغا شۇكرى .
    ئىختىيارسىز بوش ئاۋازدا ئىيتىلغان بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ شۇنچىلىك خىجىل بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۇرۈپ بىرەتتى .
    ئۇ كومپيۇتېرنى ئوپۇل توپۇل ئۆچۈرۈپلا ، سىرىتقا چىقىپ كىتىپ داۋاملىق ئۆزى ياخشى كۆرۈپ بۇ دۇنيانىڭ ئاچىق - تاتلىق ھىسلىرىنى ئەسلەيدىغان باققا كىرىپ يەنىلا خياللىرىنى داۋام قىلماقتا ئىدى .
    ئۇ خۇددى يادىلىۋالغاندەكلا ئەخمەت قالدۇرغان خەتلەرنى ئىسىگە ئالماقتا ئىدى .

    سۆيگۈ مەكتۇبى

    ئەسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئۈچۈن قەدىرلىك سانىلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى بولغان دوستۇم.
    ياخشىمۇ سىز ، سالامەتمۇ سىز ، ھاجەت ئەمەسكى سىزنى ئاللاھدىن باشقا بىرىگە ئامانلىققا تاپشۇرۇش.
    دوستۇم كۈنلەر سىزگە مەنىلىك ۋە مەنىسىز ھىسىلىرى بىلەن سىزنى داۋاملىق قىيناپ كىلۋاتامدۇ . بۇ قىيناشلار سىزنى زىرىكتۈرمىدىمۇ ، ياق - ياق ، زىرىكتۈرسىمۇ سىز زىرىكىشكە رازى ، سىز خارلىنىشقا رازى ، سىز كۈتۈشكە رازى .
    ئاھ خۇدا سىنىڭ ئەشۇ ، ئاتا قىلىشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي ، بىرىشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي . بەزىدە مەن ئاللاھقا مۇنداق دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپىمەن . ئاللاھ ئۆزى ئامراق بەندىلىرىگە ئىغىر كۈلپەتلەرنى سالىدۇ .
    بىراق دوستۇم ، يىيىش نازۇ نىممەت بىراق كىشىمىز جەندە ئەمەس. تارىتقىنمىز دەردۇ پىراق ئىرىشكىنىمىز بەخىت ئەمەس.
    بىراۋلار ئىيىتقاندەك مۇرات مەقسەت شۇنچە يىراقتا ئىكەن . ئالاھمۇ ئادەم ئۆزى ئەڭ ئىھتياجىلىق نەرسىنى تەستە بىرىدىكەن ، قانچە تەس بولسىمۇ رازى ئىدىم ، ئەگەر مۇشۇ رازىلىقتىنلا بولسا ئىدى ، ئەپسۇس ئادەم - ئادەمنى چۈشۈنىدىغان زامان كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ.
    ئەزەلدىن ئۆزۈمدىن زارلانمىغان ئىدىم ، ئەزەلدىن ئىرادەمنى داۋاملىق تاۋلاشنىلا ئويلايتىم ، ئەپسۇس تۇرۇمۇش بوسۇغۇسىدىكى ئەشۇ بەخىتنىڭ كاپالىتى ۋە سەۋەپچىسى بولىدىغان نىكاھقا ، جىسمانىي جەھەتتىكى كەمچىلىكىمنىڭ ئۇنچە تاقشىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن .
    ئاتا - ئانا بىر تۇققانلىرىم  ماڭا شۇنچە كۆيسە مەن ئۆزۈمنى بىر مۇھەببەتكە ئىرىشكۈچى ۋە ئىرىشەلىگۈچى دەپ ئويلاپتىمەن. ئەمدى بۇنى تەقدىرىمدىن كۆرەيمۇ ، ياكى ئۆزۈمنىڭ ئەشۇ ناكەسلىكىمدىن كۆرەيمۇ ؟ .
    زار - زار ياش تۆكەيمۇ ، قاقاقلاپ ئاچچىق كۈلەيمۇ ، لاغايلاپ يولغا يۈرەيمۇ ، تۈنلەر بويى ئۈنسىز كۈتەيمۇ.
    ئەگەر ئەقىدە ۋە چىن سادەقەت چىن تۇرۇپ خارلانسا ، ئىسانغا ئوچۇق گۆر ياخشىكەن .
    نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشىش ئاسان ، رىئال تۇرمۇشتىكى بىر جۈپ يۈرەكنىڭ تەڭلا سوقۇشىغا ھەم چىن ساداقەت بىلەن بىرگە ئۆتۈشىگە ئىرىشىش ئاسان ئەمەس ئىكەن .
    بەزىدە چىن ئەقىدە ۋە ساداقىتىڭىزگە قاراپ ، شۇنداق بىر زاماندا تۇغۇلۇشنىمۇ ئويلاپ كىتىمەن ، بىر تەرەققىي قىلغان زامان بولسا ئىدى ئادەم ساداقىتى ۋە ئەقىدىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر قۇرال بولسا . ئەپسۇس مەن تۇغۇلۇپ بولغىنى نەۋاخ .
    مەن داۋاملىق ئويلايتىم ، ئۆمۈر مەنزىلىمنىڭ دەسلىۋىدە شۇنداق بىر گۈلنى ئۈزسەم ، بىر ئۆمۈر پۇراپ ئۆتۈپ كەتسەم .
    ئادەم ئويلىغىنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلا ئىش بولسا بەلكىم ئويلىغىنىم رىياللىق بولاتتى بىراق ئەپسۇس.
    بەزىدە مەن ئۆزۈمنى ۋاپاسىز دەپ ئاتا - ئانامغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتىم يۇ ، بىراق ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك ۋاپادارلىقىنى بىلەتتىم بىراق سىزنىڭ مەندىمۇ ۋاپادارلىقىڭىزنى بىلگەن چىغىمدا سىزدىن پەخىرلەندىم ھەم تەشۋىشلەندىم .
    بىراق يەنىلا ئاخىرىدا سىزدىن پەخىرلىنىمەن .  ئاللا ئاتا قىلسىمۇ ئەشۇنىڭدىن ئارتۇغىنى بىرەرمىدى .
    بۇ دۇنيادا ئادەم باشقىلاردىن ئاغرىسا بولمايدۇ . بولۇپمۇ مەن ئاغرىنسام بولمايدۇ. ھايات مۇساپەمدىكى تەڭسىزلىكلەر مىنى شۇنچىكى ياش تۆكۈشكە مەجىبۇل قىلغان بولسىمۇ يەنىلا رىيالىقنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىگىم ئۈچۈن ، مەن باشقىلار ئالدىدا بىچارىمەن ، بىراق مەن ئۆزۈم ئالدىدا مەڭگۈ غالىپ كەلگۈچى .
    قەدىرلىك دوستۇم سىرلىق قىسمەتلەرگە تولغان بۇ ئالەمدە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق ئىكەن . بىر كۈنى كۈلۈپ بىر كۈنى يىغلاپ قىسقىغىنە بۇ سىناق دۇنيادىن ئەرزىمەس ئىشلارغا مەغۇل بولۇپ ئۇ ئالەمگە كىتىدىكەنمىز.
    بەزىلەر ئۆزىگە تەسەللىي بىرىپلا ئۆتۈپ كىتىدىكەن بىراق مەن ئويلاپ باقسام ، مەن بۇ دۇنيادا ئەنسىرىشىم ئۇدۇنيا ئۈچۈنمۇ ھەم . ئىنىقكى ئەشۇ ئۇزۇن دۇنيادا كىملەر بىلەن ئاداققىچە ياشارمەن ، بۇ ئىشلارنى ئويلىسام ، بەزىدە ماڭا دەۋزەك خوپ مىكىن دەپمۇ قالىمەن .
    ئىشىنىش ۋە چۈشۈنىش تەس بولغان بۇ دۇنيادە ئۆزۈمنىڭ چىن ساداقىتىم ھەم سىزنىڭ چىن ساداقىتىڭىز بىلەنمۇ يەنىلا قۇربانلىق بولۇپ قىلىشمدىن بەك ئەنسىرەيمەن .
    ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە. بۇ كۈنلەرمۇ كىتىپ ھەممىمىز قىرىيمىز. ھىچكىم - ھىچكىمگە ئەسقاتالمايدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. مەن شۇنچە نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ئۆتىنەتتىم .قەدىردانلار بىزنى بىر قىتىم چۈشەنسە مىڭ قىتىم ئۆلۈشكە رازى ئىدىم . ئەگەر مۇمكىن  بولسىلا .
    ئەپسۇس ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ ئەپسۇس.
    خەيىر دوستۇم سىزنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم . پەقەت شۇلا سىزنى مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك ساقلىغۇسى دۇئاسىم ھەر ۋاقىت سىز بىلەن بىرگە.
    ئەخمەت بۇ سۆزلەرنى نەفىسەگە ئىشىنىپ يازغان ئىدى . چۇنكى خىلى داۋاملاشقان پىكىرلىشىش ۋە بىر دەم بولمىسلا زىرىكىپ قىلىش ، توردا ھەر ئىككىسى بولمىسا تور مەنىسىز  تۇيۇلۇش .... قاتارلىق بىر قاتار سىگىناللار ئەخمەت بىلەن نەفىسەنىڭ ئۇممىدۋار بولۇپ قايتىدىن ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ ئۈممىد ئىچىدە ياشاپ بىر ئۆمۈر ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇش نىيىتىدە دادىللىق بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قويماي ئويلاپ بۇ خەتنى قالدۇرغان ئىدى . ئۇ نەفىسەگە چۇڭقۇر ئىشىنەتتى .
    نەفىسە  بۇ خەتكە ئەمدى نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشىنى بىلمىگەن ئىدى . ئۇ پەقەت ئەخمەتنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئادەم بولىشىنى خالىسىمۇ بىراق ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئەنسىرەيتى .
    نەفىسە دادىل پاراڭ قىلىشتىن ئەنسىرىسىمۇ ئۇ ۋاقىتقا قويۇپ بەرگەن ئىدى . چۈنكى ئەخمەتمۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئۈممىدۋار ياشاشقا ماھىر ئۆزىنىڭ قايغۇلىرىنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغان يىگىت ئىدى .
    ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەخمەتنى قۇبۇل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . چۈنكى بىرىنجى قىتىملىق تۇرمۇشى ئۇلارنىڭ خالىشى بىلەن بولغان . ھەتتا ئوقۇشتۇنمۇ توخىتغان ئىدى ئەمدى ئۇ ئۇلارنىڭ بۇ بىتەلەي قىزىنىڭ زارىنى ئاڭلىشىغا ئىشىنەتتى . بىراق يەنىلا ئەنسىرەيتى چۇنكى بۇ ئائىلىدە ئاياللارنىڭ گىپى ئۆتمەيى ئۇ ئەنسىرىدى يۇ بىراق ئۇ قىرىنداشلىرىغا ئاپىسىغا ئىشىنەتتى .
    ئۇ قايتا چ چ نى ئېچىپ جاۋاپ بەرمەيلا يەنىلا ئۆزىنڭ نۇرمال پارىڭىنى باشلىغان ئىدى .
    - ئەخمەت ياخشىمۇ سىز . سالامەتمۇ سىز .
    ئەخمەتنىڭ چ چ سى جىمجىت تۇراتتى ئۇ يەنىلا يوق ئىدى . ئۇ ھەم ئەنسىرەيتى ھەم ئۆزىگە تەسەللىي بىرەتتى .
    ئەخمەت سىز كىرگەندە ماڭا خەت قالدۇرۇڭ . مەن سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم ......

    داۋامى بار.......


    بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن داۋامنى  مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچدە تولۇقلاپ يوللايمەن .
    [ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2009-01-16 06:52 PMدە قايت ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 06:29 PM |
    Yurtum Elani
    kara_turk
    نۇمۇسچان ھۈجەيرىلىرىمىز ئۆلدىم
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34475
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 604
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    پۇل: 2284 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 67 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    سەل تۇرۇپ ئوقۇي-ھە  ئارزۇ ھەدە....

      
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 06:34 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6500
    شۆھرەت: 3608 نۇمۇر
    پۇل: 42253 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئارزۇ    ھىكايىڭىزنىڭ ھازىرغىچە يىزىلغان  قىسىملىرنى ئاتايتىن باشقا يەردىن ئىزدەپ  ئوقۇپ چىققان ئىدىم  مانا بۈگۈن دىيارىمدا ئاخىرقى بىر بۆلگىنى ئوقۇپ چىقىپتىمەن  .ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇڭ .  ئىنسان  تەن قۇرلىشى مىيىپ بولغىنى ھەقىقى مىيىپ ئەمەس ، ئۆزى ساغلام ساغلام تۇرۇپ  ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ، مەسئۇلىيىتىنى تونۇمىغان ،ئىنسانى قەدىر قىممىتىنى يوقاتقانلار  مىيىپلاردىن ئۆتە مىيىپتۇر .
    ھايات يولى  شۇنداق ئەگرى- توقاي بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل بىلنىدۇ  ،  بۇ يولدا بەزلىرمىز كۈلمىز  بەزلىرمىز يىغلايمىز  ھەتتا بەزلىرمىز ھىچ بىر نىشانسىزلا  ياشايمىز قىنى تېمىڭىزنىڭ داۋامنى كۈتمەن .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 06:38 PM |
    Yurtum Elani
    gohar
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18349
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1912
    شۆھرەت: 1945 نۇمۇر
    پۇل: 6095 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بۈگۈن ھىكايىڭىزنىڭ يېزىلغان قىسمىنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم .
    ھاياتلىق قىسمىتىنىڭ ھەر كىشىگە ئاتا قىلغىنى ئوخشاش بولمايدىكەن .مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ياشىغان ئىكەنمىز باشقا كەلگەننى كۆرمەي ئىلاجىمىز يوق ...ھاياتلىقنىڭ ئەگرى -توقاي يوللىرىدا بىردە مۆدۈرۈپ ،بىردە قوپۇپ يۈگۈرۈپ دىگەندەك مەنزىل ئۈچۈن تىرىشىپ -تىرمىشىپ ئىلگىرلىمەكچى بولىدىكەنمىز ...
    بىز شۇ ئوخشىمىغان قىسمەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ياشايدىغانلا بولساق چوقۇم ئەتىكى تاڭ بىزگە بەخىتلىك قوينىنى كەڭ ئاچىدۇ ...
    ئادەم جىسمانى جەھەتتە مېيىپ بولغىنىنىدىن قورۇقماسلىق كىرەك ،ئەڭ قورقۇنۇشلۇق بولغىنى روھى جەھەتتىكى مېيىپلىقتۇر ...
    ھىكايىڭىز بەك تەسىرلىك يېزىلغان ئىكەن كۆڭلۇم بەك يېرىم بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىمنى بېسىپ تۇرۇپ ئاخىرى ئوقۇپ تۈگەتتىم .گەر خالىسىڭىز ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە  تەپسىلىيرەك  پىكىرلىشەرمىز ...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 07:58 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    yarimas
    كوكلە ئۇيغۇر !!!
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21858
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 422
    شۆھرەت: 472 نۇمۇر
    پۇل: 1896 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 53 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 266(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    يامان كەنمەن جۇما ئۇقۇپ بوپتىمەن ھەممىنى

    ئاخىرىنى تىزىراق ~!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 08:28 PM |
    Yurtum Elani
    تىگىن
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36091
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 88 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.ياخشى ئادەملەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىسمەتلەرگە كۆپ دۇچار بولىدىغاندۇ ؟ تەقدىرنىڭ داۋاملىق بۇنداق رەھىمسىز بولۇپ كەتمەيدىغىنىغا ئىشىنىمەن . قىسمەتلەر سىزدەك بىر ئاقكۆڭۈلگىمۇ كۈلۈپ باققاي... داۋامىنى چوقۇم يېزىڭ .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 09:34 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kakkukbalisi
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36917
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 191
    شۆھرەت: 191 نۇمۇر
    پۇل: 729 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئاخىرى ئۇقۇپ تۈگەتتىم ~~ئاخىرىغا تەشنامەن ~~سىزمۇ باشقىلاردەك بېشىنى باشلاپ قۇيۇپ قېچىپ كەتمەيدىغانسىز ؟
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    كاككۇك نالىسىنى ئاڭلاپ باققانمۇ ~~رەھىمسىز تەقدىر
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-16 10:18 PM |
    Yurtum Elani
    pariay
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25481
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 367
    شۆھرەت: 377 نۇمۇر
    پۇل: 1253 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ھايات يولى ئەگرى توقاي ،، بۇ يوللارنى بېسىپ ئۆتكىچە ئادەم نۇرغۇن سىناقلارغا ، قىسمەتلەرگە دۇچار بولىشى مۇمكىن ،،، تولىمۇ ياىشى يېزىلغان ئەسەركەن !!!   دىيارىمدا مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !!!
    داۋامىنى ساقلايمەن ،،،،،،   
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 12:21 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    hebibulla
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30993
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 215
    شۆھرەت: 215 نۇمۇر
    پۇل: 743 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 100(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

     

    بەك  ياخشى  يېزىپسىز   داۋامىنى  تېزراق  يېزىڭ  
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 03:18 PM |
    Yurtum Elani
    rana0031
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35399
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 292
    شۆھرەت: 292 نۇمۇر
    پۇل: 939 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 310(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    رەھمەت
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-18 05:04 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ertugrul
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21397
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 171
    شۆھرەت: 365 نۇمۇر
    پۇل: 1746 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 418(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    پۇتۇن قىسىملىرىنى ئوقۇپ چىقتىم . ياخشى تەسىرلىك يىزىلىپتۇ .  داۋاملاشتۇرۇڭ ..........
    قەلەم تۇلپارىڭىز  ھىرىپ قالمىسۇن . ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-18 06:14 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.077265(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:17
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号