« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: سەككىز سۈرىتىم تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 2790 قېتىم كۆرۈلدى
nergiz
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 20162
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 209
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە209دانە
شۆھرەت: 339 نۇمۇر
پۇل: 275 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 سەككىز سۈرىتىم

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئاتا تەرپىدىن چوققىلاندى(2007-11-09)


سەككىز سۈرىتىم
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس
(ساتىرىك داستان)

ياشاش ئۈچۈن كۆنگەن شۇ ئىللىتىمنى،
بىر كۆرسىتەي يېرىپ يۈرەك قېتىمنى.
سورىماڭلار نامىمىم مىنىڭ ئىتىمنى
تەقدىم قىلدىم بۇ سەككىز سۆرىتىمنى،
مەن ئەشۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

1

ئېسى- يادىم ھوقۇقۇمنى ساقلاشتا،
چىڭ تۇرىمەن شۇڭا چوڭنى يوقلاشتا.
كۈنۈم ئۆتەر تازىم بىلەن ماختاشتا،
ئۇ ئاقمىسا داستىخاندا باپلاشتا،
ئىش توغرىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ھوقۇق ئۈچۈن مەن ھەممىنى گوللايمەن،
يۇقىرىغا ساننى يالغان يوللايمەن.
تەكشۈرسە گەر سومكىسىنى توملايمەن،
شۇنداق قىلىپ ئۆز- ئۆزۈمنى قوللايمەن،
مەن "قوللاپلا" كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

"پىچاق" بەرسە قورقماي دادىل كەسمەيمەن،
مۇزاكىرە قىپ بولالماي ئەسنەيمەن.
شۇنداق قىلىپ قوساقنى ھېچ ئەسمەيمەن،
ئىرادەم چىڭ بەلنى ھەرگىز يەشمەيمەن،
شۇ "ئۇسۇلغا" كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

پاكلىق دېسە سۆزلەپ- سۆزلەپ ھارمايمەن،
كەلسە- كەلمەس سوغا سالام ئالمايمەن.
نەپ چىقمىغان يەرگە ئەمما بارمايمەن،
يەڭ ئىچىدە بەرسە ھەرگىز يانمايمەن،
"سودىلىشىپ" كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بەزى ياتتىم بالنىستلاردا تەن ئۈچۈن،
خەق بىلمىسۇن ئىككى بولاق قەنت ئۈچۈن.
دېسەممۇ گەر ئاغزىمدا "ۋەتەن ئۈچۈن"،
ھوقۇق ئەلا مىللەتتىنمۇ مەن ئۈچۈن،
"ھوقۇققىلا" كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

نېمە؟ ساڭا مىڭلاپ لەنەت دەيلىغۇ؟
مەن بىر مەجنۇن ھوقۇق خۇددى لەيلىغۇ!
مەن ئۆسسەملا خەق نېمە بولسا مەيلىغۇ،
مانا بۇ سۆز مەندەكلەرنىڭ پەيلىغۇ،
"پەيلىم" شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ھېچ غېمىم يوق جاھاننى سۇ باسسىمۇ،
ئاپەتلەردىن ئەلنىڭ بېشى قاتسىمۇ.
كۆن ئالالماي يۇرتنى تاشلاپ قاچسىمۇ،
ماڭا ئۇلار قانچە گۇناھ ئارتسىمۇ،
"ھېچ غېمىم" يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

چۇجاڭ، ھاكىم، ۋالىيلىقتا تۇرغۇچە،
ئۆسسەم دەيمەن تاكى داھىي بولغۇچە،
ئۆتەرمەنمۇ شۇ ئارماندا ئۆلگۈچە،
"ئاھ چۈشۈمگە بىر كىرسىچۇ بۇ كېچە"
تەمە قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

2

چوڭ مەسچىتنىڭ بىقىنىدا ئۈيۈم بار،
كىشى كۆرسە ئەيمەنگۈدەك سەللەم بار.
شۇڭا دائىم قولتۇقۇمدا زەللەم بار،
چاپقۇزۇشقا ئاتلارنى ھەم چەنلەم بار،
"زەللىلەرگە" كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

قويىۋېلىپ كۆركەم ساقال- بۇرۇتنى،
كەم قىلماستىن تىلدا دائىم دۇرۇتنى.
مەن توپلىدىم كۆپ ئىخلاسمەن مۇرىتنى،
خەق بىلمىسۇن دىلىمدىكى قۇرۇتنى،
شۇ "قۇرۇت" قا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

سورۇن بولسا چىقسام دەيمەن تۆرىگە،
گۆش كەلمەيدۇ قۇرۇق ئايەت، سۈرىگە.
راست گەپ قىلسام نەپسىم ئوخشار بۆرىگە،
نىچۈن باغاق بەردىكىن پەس چۆرىگە،
قىزغىنىپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

"خۇدا" مېنىڭ مۇھاپىزەت قالقىنىم،
بىلىنمەيدۇ شۇڭا جەبرى سالغىنىم.
ماڭا لازىم شۇ باھانىدا ئالغىنىم،
ئېچىلمايدۇ سىرتقا ھېچبىر ئالقىنىم،
ئېلىشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

"يامان"، "گۇناھ" دەپ چىتلايمەن يوللارنى،
رام قىلىمەن شۇ ئۇسۇلدا گوللارنى.
چۆشۆرمەستىن دۇئادىن ھېچ قوللارنى،
يىغىۋالدىم "ھەجگە" دەپ كۆپ دوللارنى،
شۇ دوللارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

داۋالايمەن دەپ كېسەلنى، ئاپەتنى،
ساتتىم پۇلغا ئەرەبچە كۆپ ئايەتنى.
خەقلەر مېڭىپ ئۇ دۇنيانى "راھەتنى"،
سۆيدۈم ئۆزۈم پانىي نەق ھالاۋەتنى،
ھالاۋەتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

مەسچىتلەردە ساۋابلىقنى سۆزلەيمەن،
لېكىن ئۆزۈم "نەپ" بولسا دەپ كۆزلەيمەن.
بېرەر ئۆزى، "ھېچ كىشىنى ئەزمەيمەن"،
شۇڭا مۇشۇ يولدىن پەقەت بەزمەيمەن،
شۇ يولۇمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

3

چىن ئەركەكتەك مەي ئىچىمەن تاۋاقتا،
ئۆيدە ئەمەس كوچىلاردا، قاۋاقتا.
بەزى قونۇپ قالىمەن شۇ "راۋاق" تا،
كېتىپ بولاي ئەمدى ئۆيگە نەۋاقتا،
"راۋاق" لارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

خەق نېمە دېسە دەۋەرمەمدۇ كارىم يوق،
مەيدىن ئۆزگە ئامرىقىم يوق، يارىم يوق.
ئىچمىسەم ھېچ تۇرالمايمەن، چارەم يوق،
ئىچىۋېلىپ چالدىم گىتار، تارىم يوق،
مەن كارىم يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

كۈندە بېرىپ سەجدە قىلىپ تاۋاققا،
تېگىشىمەن ئىقبالىمنى ھاراققا.
ئۇرۇشىمەن ئۆيدە تارتسا سوراققا،
قورقمايمەن ئېلىنساممۇ قاماققا،
شۇنداق قورقماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

دەيدۇ تېخى "ئېسىت سېنىڭ مەستلىكىڭ"،
ھاراقتىندۇر بىلسەڭ سېنىڭ پەسلىكىڭ،
ئوڭشىلارمۇ شۇ ئادەم ئەمەسلىكىڭ،
قاچان تۆگەر بالا-قازا، نەسلىكىڭ،
مەستلىكىمگە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

مەن دەيمەنكى بەختىم مېنىڭ شارابتا،
نېمە لەززەت مەيسىز مىڭ جىڭ كاۋاپتا،
قەدەھ ياساپ چېلىپ تەمبۆر، راۋاپتا،
مەي ئىچىمەن بارسام ھەجگە، تاۋاپتا،
ئىچىشكىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بىر ئىجادىم ئويۇم بارتى، قېنى دەي،
تومۇرۇمدا قېنىم ئەمەس ئاقسا مەي.
ئەنە شۇ چاغ، قىلماس ئىدىم زادى قەي،
يېمەس ئىدىم زاكوسكىغا گۆشۇ-سەي،
مەن ئىجادكار كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

مەي دېگەنلىك مېنىڭ قېنىم، يىلىكىم،
مەي ئىچمىسەم مېنىڭ نېمە كېرىكىم.
ھېساب ئەمەس چىلاشمىسا يۈرىكىم،
شۇڭا مەستتۇر ھەتتا ئارزۇ-تىلىكىم،
مەست تىلەككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

مەي تۈپەيلى بولسام مەيلى ئۆيسىز، تۇل،
مەيلى بولسۇن كىيىم-كېچىكىم جۇل-جۇل،
قەرز ئېلىپ ئىچىمەن بولمىسا پۇل،
مەن ياشايمەن بولۇپ شۇنداق مەيگە قۇل،
قۇللۇقۇمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

4

جاھان ئاشۇ دەيمەن قۇدۇق ئاغزىنى،
چىڭ تاقايمەن شۇڭا ئىشىك داۋزىنى،
ئايرىمايمەن لەززەت بىلەن لاۋزىنى،
ياقتۇرمايمەن چىگىش بىلەن ھاۋزىنى،
قۇدۇققىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بەزىلەر تاڭ غايە-پايە دەيدىكەن،
ئۆزلىرىچە ئەل غېمىنى يەيدىكەن،
(ئىككى پۇتى بىر ئۆتۆكتە، خەيدىكەن)،
توۋا دەيمەن دۆت ئىكەن، بىلمەيدىكەن،
مەن ئەقىللىق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

پۆرسەت تاپسام تىرىكلەرنى قەستلەيمەن،
يىقىتسام گەر پاتىڭىغا دەسسەيمەن.
ئۆلگەنلەرنى رەھمەتلىك دەپ ئەسلەيمەن،
بەلدىن ئاقنى ئۇزۇنغىچە يەشمەيمەن،
قەستلەپ، ئەسلەپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئىشىم بەك كۆپ زادى بىكار ياتمايمەن،
يېغىر تاپسام كوچىلايمەن، تاتىلايمەن،
ئەل دېگەننىڭ گەجگىسىدىن ئاتلايمەن،
باشلىق كۆرسەم بەلنى پۈكلەپ قاتلايمەن،
قاتلىنىشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بەك ئاقلارغا قار-قۇرا چاپلايمەن،
"قارا" لارنى پات-پات ئوتقا قاقلايمەن،
"يېشىل"، "سېرىق" لارنىمۇ ھەم باپلايمەن،
شۇنداق قىلىپ بىر ئۆزۈملا چاقنايمەن،
ئۆزۈم چاقناپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ياراتمايمەن كىچىك ئىشقا زوقۇم يوق،
ئەنقا ئاتاي دېسەم، ئەمما ئوقۇم يوق.
مىنەي دېسەم ئېشىكىمدە توقۇم يوق،
ئىسمىم جاھان بازارىدا چوقۇم يوق،
مەن بازارسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئاقمۇ كىردى تولا ئويلاپ بېشىمگە،
شۇنچىلىك تار قىل پاتمايدۇ ئىچىمگە،
ئامەت كەلسە ئەگەر يېقىن كىشىمگە،
غۇچۇرلاشتىن ئاغرىق كىرەر چىشىمگە،
چىش ئاغرىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

كۆرمەيمەن ھېچقانداق ئىشنى ئۆزۈمدىن،
يامانلايمەن قانۇنىيەت، تۈزۈمدىن،
كىم ئۇ چاتاق تاپقان مېنىڭ سۆزۈمدىن،
سەت كۆرۈنمەي تېز يوقالسۇن كۆزۈمدىن،
يامانلاپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

چۈشتە دېسە كەچتە ئاران بارىمەن،
باھانە توقۇپ گۇناھىمدىن تانىمەن،
شۇ بىر ئەمەس تەكرارلايمەن يانىمەن،
شۇڭا جاھان ئالدىدا كۆپ چانىمەن،
چېنىۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ياتقا شاتۇر، ئۆزىمىزگە ئاقسايمەن،
ئۆزگە باتۇر، ياتقا سالسا ئاقمايمەن،
پەلسەپەم شۇ جان بېقىشنى ياقلايمەن،
ئاشۇ يولدا تىنىم تاپماي قاتنايمەن،
قاتناۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بىكار بولسام ھاڭۋاقتىمەن كوچىدا،
بولاي مەيلى قەشقەر، تۇرپان، غۇلجىدا،
بۇ پەقەتلا بولۇر مەندەك نوچىدا،
نېمىش قىلسۇن ئىشقا بەند پوچىدا،
نوچىلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ياراتمايمەن ئىلىلىقنى لاپچى دەپ،
خوتەنلىكنى دىۋانە، راۋابچى دەپ،
قەشقەرلىقنى ئالدامچى، ساپ-ساپچى دەپ،
كورلىلىقنى ئاغزى نەس، كاپ-كاپچى دەپ،
يۇرت ياراتماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

دەيمەن يەنە ئاقسۇلۇقنى كاۋىچى،
دولانلىقنى پوجاڭ تۇماق يامىچى،
ئالتاي، قۇمۇل، قىزىلسۇنى چارۋىچى،
ئۈرۈمچىلىك جىڭ قىزىل كۆز پىۋىچى،
تىللاۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

مەن تىللىماس بىرمۇ يۇرت يوق ئۆلكەمدە،
دېمەك شۇنداق ئېغىر يۆك بار يەلكەمدە،
ئۇنى ئادا قىپ بولارمەن نەكەمدە،
قورۇق تولا شۇڭا مېنىڭ چېكەمدە،
ئېغىر يۆككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئەجدادىمنى كۈندە مىڭ رەت داڭلايمەن،
ئەمما ئۆزۆم بىر غېرىچچە ماڭمايمەن،
ماختاش بولسا ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايمەن،
ئاڭلاپ-ئاڭلاپ سۆيۈنىمەن، قانمايمەن،
ماختاشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ماختاپ تۇرسا قىن-قىنىمغا پاتمايمەن،
ئۇچىمەنكى كۆكتە... يەردە ياتمايمەن،
(قانىتىم يوق) ئەمما موللاق ئاتمايمەن،
ھاي! دېگەننى يېنىمغا يولاتمايمەن،
مەن ئۇچۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

تەنقىد دېسە شۇ ھامانلا باتنايمەن،
ھېچ قاچاندا ئەينەككىمۇ باقمايمەن،
جەھلىم بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى ئاقلايمەن،
بۇ ئادەتتى تا مەڭگۈگە ساقلايمەن،
شۇ ئادەتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



داشۆگىمۇ ئۆتتۈم بولدى پۈتتى ئىش،
خىزمەت تەييار ئۆتسە ئەمدى تۆتلا قىش.
لازىم ئىكەن نېمىگە ئۇ ئۆگىنىش،
(بىلىم ئەمەس دىپلومغىلا قارارمىش)،
جان قىينىماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

قىزىقمايمەن دەرس دېگەن نېمىگە،
ئاھ! ئاشىقمەن ئولتۇرۇشقا، پىۋىگە،
تەگكۆزمىسەم ئىچمەيمەن قىز لېۋىگە،
ئىچىۋالسام ئايلىنىمەن دېۋىگە،
دېۋىلىككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئاتا-ئانا يۇرتتىن ئىزا تارتمايمەن،
ھەممە گۇناھ ئۆزۆڭدە دەپ ئارتىمەن،
ئاھ! نيۇ-يورك، پارىژلارنى يارىتىمەن،
سۆزلىسەم كۆپ ئادەملەرنى قارىتىمەن،
ئىلغارلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئۆيدىن كەلگەن پۇل پۇلغا ئۇلاشمايدۇ،
پۇل بولمىسا سورۇن قايناپ تاشمايدۇ،
يېڭى چىققان مودا مەندىن ئاشمايدۇ،
ئۆز كىيىمىم ماڭا ھېچ ياراشمايدۇ،
مودا قوغلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

داشۆسىڭلار ھەر چاغ ئۇلۇغ ئاتالغان،
مەدەنىيەت داشۆسىڭدىن تارالغان،
بىلىڭلاركى دۇنيا ماڭا يارالغان،
("تۆت توم" دىمۇ دەل ئاشۇنداق قارالغان)،
شۇ قاراشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئىسىت دەيمەن بەزى ئەخمەق بالىلارغا،
ئىشىنىدۇ ئەجدادىغا، ئاللاغا،
داغ چۈشۈرمەي غورۇرلۇق ساپ قانلارغا،
ئۇل قۇرارمىش كەلگۈسى ئىقباللارغا،
مەن ئەكسىچە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

قىينايدىكەن ئۇلار شۇنچە جېنىنى،
ئۇنتۇپ قالار ھەتتا ئاش ۋە نېنىنى،
ئويلار ئىمىش ئەل-يۇرتىنى، ۋەتىنىنى،
تۆكەر ئىمىش شۇ يولدا ھەم قېنىنى،
مەن قان تۆكمەي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بۇ دۇنيادا ۋەتەن دېگەن تولا گەپ،
مىللەتمۇ ھەم يۈرۈشمەمدۇ تۈركۈملەپ،
ۋەتىنىم شۇ چىقسا ماڭا نەدە نەپ،
(بۇ سۆزۈمنى خەق بىلمىسۇن بولدى خەپ)،
نەپ كۆزلەپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

6

پۇل تاپىمەن شەمۇ شەرنى ئارىلاپ،
يول-ياتاقتا قۇرۇق ناننى غاجىلاپ،
تىنىم تاپماي زاۋۇت، دۇكان ئارىلاپ،
بەزى چاغدا ھەمراھىمنى قارىلاپ،
دىل يارىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

جىڭ گېپىم شۇ پۇلدىن ئۆزگە دوستۇم يوق،
سىنت چاغلىق زىيان بىلەن خوشۇم يوق.
پۇلۇم مىڭ جىڭ، ئۇچامدا بىر كاستۇم يوق،
شۇڭىمىكىن ئابروي-يۆزۈم، پۇشۇم يوق،
ئابرويسىزراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

يۇرتداش، تۇغقان نېمە، پايدا ئالدىدا،
توغرىلايمەن ئىشنى تېزدىن دالدىدا،
مىڭ بىر ھىيلە-چارە باردۇر كاللىدا،
ئۇنىڭ بىرى بارمىكىن تاڭ داھىيدا،
شۇنداق دانا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

توۋا دەيمەن بەزى ئەخمەق بايلارغا،
قىپتۇ ياردەم يۇرتى نامرات جايلاغا،
مەكتەپ ساپتۇ مەرىپەت دەپ سايلارغا،
نېمە ياردەم ئۇ كۆكتۆش، گادايلارغا،
مەن ياردەمسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

پۇل تېپىشتا تارتقان تالاي جەبرەمگە،
قالدۇرغۇم يوق بىر سىنتمۇ نەۋرەمگە،
ئۆلسەم ئەگەر پۇلنى تېڭىپ مەيدەمگە،
ئەكېتىمەن جەزمەن ياتقان قەبرەمگە،
پۇلغا شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

نېمىشقا؟ دەپ سورىسا گەر كىمدە-كىم،
كېسىلگەندۇر پۇلدا مېنىڭ كىندىكىم،
دەپ بەرگىنىم چوڭ ئۇچۇر ھەم ئەمگىكىم،
بەرمىسە ھەق يوق مېنىڭ دەپ بەرمىكىم،
شۇ مىراسقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

7

ھەر يىل تۆلەپ ئوتتۇز بەش خىل سېلىقنى،
لەڭگە بەردىم بۇغداي، قوناق، تېرىقنى،
دېمەي قوياي تاپاندىكى يېرىقنى،
شۇ ھالەتتە قىلدىم دېھقانچىلىقنى،
سېلىقلارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

تۇغۇلغاندەك مەڭگۈ كەتمەن چاپارغا،
تولا باردىم قارا قىشتا ھاشارغا،
تولۇپ كەتتى ئالىقىنىمغا قاپارغا،
ئادەم دېگەن ئۆلمەيدىكەن جاپاغا،
جاپاغىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بىر نېنىم بار ئىككى گۆدەك تويۇشقا،
بىر قويۇم بار قۇربانلىققا سويۇشقا،
نەدە چولا بەدىنىمنى يۇيۇشقا،
مەن رازىمەن ئاشۇ مۇقىم تۇرمۇشقا،
شۇ تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

باش كۆتۆرمەي ھۆددە يەرنى تېرىيمەن،
ئېتىزلىقتىن چىقماي شۇنداق قېرىيمەن،
بۇ دەۋردىن نەچچە ئەسىر نېرىمەن،
ياۋاش، نادان، بىچارىلەر پىرىمەن،
شۇ "پىر" لىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ھەپتىدە تۆت جەرىمانە تۆلەيمەن،
شۇ پۇل بىلەن سېكرىتارنى يۆلەيمەن،
بالام يالىڭاچ... بۆشۈككىلا بۆلەيمەن،
ئىش ئالدىراش، نەدە يۈدۈپ يۈرىمەن،
بۆشۈككىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ياراتمايمەن ئۆز ئېتىمنى، ئىسمىمنى،
تونۇمايمەن ھەتتا ئۆلۈم خېتىمنى،
"ئۇرغۇي" دەيمەن سورىسا مىللىتىمنى،
چۈشەنمەيمەن دەۋردىكى رېتىمنى،
مەن رېتىمسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

سۆنئىي ئوغۇت مول ھوسۇل دەپ سانايمەن،
شۇ ھوسۇلدىن ئەمدى قانداق تانايمەن،
سۇ تالاشسام قوشنىلارنى چانايمەن،
دېمەيمەن ھېچ بۇ پەيلىمدىن يانايمەن،
مول ھوسۇلغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئىش دېگەننىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ سانى يوق،
مىدىرلايمەن پۇت-قولۇمنىڭ جانى يوق،
بەزى-بەزى بالىلىرىمنىڭ نانى يوق،
سېكرىتاردىن باشقا قەدىردانىم يوق،
قەدىردانغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

يىل ئاخىرى پۇل ئالساممۇ تۇلۇمدا،
"قەرزىڭ تۆلە" دەيدۇ ئوڭۇ-سولۇمدا،
سىنت قالماي ئاخىرىدا قولۇمدا،
دېيەلمەيمەن شۇڭا ھەرگىز پۇلۇم بار،
پۇلغا ئامراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئېتىزلىقنىڭ نېرىسىنى كۆرمەيمەن،
بەختىم ئۆچۆن قىلچە خىيال سۆرمەيمەن،
تىل-دەشنامغا دەۋا قىلىپ يۈرمەيمەن،
رەنجىمەيمەن، ھەتتا قاپاق تۈرمەيمەن،
كۆتۈرۈشلۈك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ۋاز كەچكەنمەن ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن،
پەرقىم يوقتۇر ھېچ ماشىنا ئادەمدىن،
ھەممە ئىشنى كۆرىمەن پىشانەمدىن،
بولدى شۇنداق ئۆتۈپ كېتەي ئالەمدىن،
مەن نالىسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بۇ دۇنيادا بەلكىم مەندەك بىر كىم يوق،
تا ئۆلگۈچە ئىشلىمەك شۇ گېپىم يوق،
قاتتىق ئىشتىن باشقىغا كېرىكىم يوق،
تەنۇ-جىسمىم بارۇ لېكىن يۈرىكىم يوق،
مەن يۈرەكسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

8

تارتالمايدۇ ئات ھارۋىسى ھالىمنى،
كۆردىڭىزمۇ يارىشىملىق خالىمنى،
قويۇۋالغانمەن ساپ كۈمۈشتىن نالىمنى،
ياراتمايمەن شۇڭا ھەتتا ئالىمنى،
ھال تارتىشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

كىيىم دېسە "مىڭ تەسەددۇق" جان دەيمەن،
بۇ مەن ئۈچۈن كاتتا شەرەپ-شان دەيمەن،
كىيىم ھەتتا يۈرىكىمگە قان دەيمەن،
توشمايدىغۇ كەيگىنىمگە سان دەيمەن،
مەن سانىماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

پارقىرايدۇ ئۈستىبېشىم زىننەتتىن،
خەق ئەيمىنەر تۇرقۇمدىكى ھەيۋەتتىن،
ھېچ بىلمەيمەن بىر يوشۇرۇن غەيرەتتىن،
ئاغزىم بىكار بولماس سۆزدىن غەيۋەتتىن،
غەيۋەتخۇمار كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بىلىم دېگەن نېمىكىن تاڭ ئۇقمايمەن،
كىتاب-پىتاپ دېگەننىمۇ ئۇقمايمەن،
ۋاقىت تاپسام لەززەتلىنىپ ئۇخلايمەن،
مەندىن ئېسىللارنى كۆرسەم پۇتلايمەن،
پۇتلاۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

نېمە پايدا كەپتۇ قۇرۇق بىلىمدىن،
ھېچنېمەم يوق مېنىڭ ئارتۇق گېلىمدىن،
شۇڭا كۆركەم تۇرىمەن ئۆز خىلىمدىن،
ياقتۇرىمەن ئۆز ئىشىمنى دىلىمدىن،
كۆركەم يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

گۆش قاينايدۇ كەلسە ئەگەر ئاتا-ئانام،
دەيدۇ ئۇلار بەكمۇ باقتىڭ جان بالام،
ئاغرار بېشىم كېلىپ قالسا قېينانام،
"ۋاي بېشىم" دەپ ياتىمەن شۇ ئىش تامام،
باش ئاغرىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بەك ئاسرايمەن، گۈلدەك، ئالتۇن بويۇمنى،
ئۇپراتمايمەن ھەتتا بىر تال مويۇمنى،
ئويلىمايمەن بالىلىرىمنى، ئۆيۈمنى،
قىلسام دەيمەن قايتا ئىسىت! تويۇمنى،
تويغا ئامراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ياشىرىمەن يىگىرمە ياش، توي دېسە،
چۆشتى گىلەم، نەق پۇل يەنە قوي دېسە،
خەجلىنىپتۇ تويدا ئون مىڭ كوي دېسە،
قانچە ئابروي خەقلەر ئاڭلاپ ھوي دېسە،
مەن ئابرويلۇق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ياشاپ نېمە بار ئابروي-ئاتاق دېمىسەم،
بەرسە خۇدا خانىشلىقنى تىلىسەم،
ھېچكىشىنىڭ گېپىگىمۇ كىرمىسەم،
كۆڭلۆم نېمە تارتسا كىيسەم ھەم يېسەم،
گەپكە كىرمەي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

ئائىلىنى دەركەن مىكرو جەمئىيەت،
گۆللىنەرمىش بولسا بىر دىل، بىر نىيەت،
ماڭا لازىم ئەمەس سوكال تەربىيەت،
ئۆز يولۇم بار ماڭىدىغان تا ئەبەد،
تەربىيىسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

خاتىمە

يۈگەنلىنىپ مىنىلىدۇ كۆنسە ئات،
بۇ ئاز كېلىپ دەيدۇ تېخى ھارۋا تارت،
كۆنۈش شۇنداق چوڭقۇرلىشار قاتمۇ قات،
ئاقماس ھەرگىز كۆنۈپ بولۇپ دېسە دات،
ئەمما مەن بەك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

كۆنۈش شەيتان، كۆنۈش بەكمۇ خەتەرلىك،
پاكىت سانسىز شۇنچە قايىل ئېتەرلىك،
بولار ئەمدى شۇ كۆنگىنىم يېتەرلىك،
ئەڭ ئاخىر بىر ۋارقىراي جىگەرلىك،
كۆنمەسلىككە كۆنسەم ئاندىن ياشايمەن.
[ بۇ يازما nawa717 تەرپىدىن 2007-10-29 16:27 دە قايت ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى yolbaxqi-ksg تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2007-10-28 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئەھمىيەتلىك
  • « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2007-10-28 23:48 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    ئاتا
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19329
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1077
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1077دانە
    شۆھرەت: 1917 نۇمۇر
    پۇل: 5347 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :344(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت نەرگىز !
    بولسا مۇشۇ ئەسەرنى ئاۋازلىق ئەسەرقىلىپ ئىشلەيدىغان گەپكەن!
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىمىز

    روجەك مەرىپەت كۇلۇبىغا مەرھەمەت : http://www.rujek.com
    | ۋاقتى : 2007-10-29 00:05 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    abduwali503
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8559
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 963
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە963دانە
    شۆھرەت: 358 نۇمۇر
    پۇل: 1375 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-08
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مانا مانا ياخشى ئەسەر دىگەن ئالرىرماي ئوقۇي جىمۇ
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2007-10-29 00:07 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2922
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2922دانە
    شۆھرەت: 2371 نۇمۇر
    پۇل: 3936 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :890(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تايماسنىڭ جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەرگە تەنقىدى مۇئامىلە قىلدىغان تەپەككۈرى ماڭا بەك ياقىدۇ.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    | ۋاقتى : 2007-10-29 00:38 3 -قەۋەت
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2922
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2922دانە
    شۆھرەت: 2371 نۇمۇر
    پۇل: 3936 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :890(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆپەيدى  يىلسېرى  كۆكلەپ  پارىخور  ھەم  خىيانەتچى ،
    گۇگۇت ياقسا جىنايەتچى ، لېكىن ئوت ياقسا پاششاپ يوق ،

    شەھەر  -  بازار  بىنالاشتى  ،  بۇلۇت  بىرلە  دىدارلاشتى ،
    كېچە بولماس شەھەرلەردە ، لىكىن ئىللىشقا ئاپتاپ يوق .

    بازار ئاۋات ، راۋان  سودا ، چىقار  ھەر كۈن  يېڭى مودا ،
    بىراق ئىسراپخانالاردىن  بۆلەك ئىشلاردا چاپ - چاپ يوق .

    تەرەققى قىلدى تىل شۇنچە ، سۆزلىسە ھارماس مىڭ كۈنچە ،
    جىمى ئەللەرنى  ئاختۇرسا بۈگۈن  بىز كەبى كاپ - كاپ يوق ،

    گۇناھ يىتىمگە يۈكلەكلىك ، «ھېكىم» گە شۆھرەت تىكلەكلىك ،
    ئېغىزدا « مەن چاكار » دەيدۇ ، ئۇنىڭدەك  كۆرەڭ كاززاپ يوق .

    ئەجەب تاتلىق شېرىن سۆزلەر ، كىچە - كۈندۈز كۈلەر كۆزلەر ،
    بۈگۈن  تۇتىغا  ئايلانغان  تىرەن  ئاڭلاردا  ئازاب  يوق

    تۇرسۇنبەك ئىبراھىم تايماس
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    | ۋاقتى : 2007-10-29 00:47 4 -قەۋەت
    TILISKOP
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2761
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2761دانە
    شۆھرەت: 589 نۇمۇر
    پۇل: 442 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :164(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ داستاننىڭ ئاۋازلىق ئوقۇلغىنى بار ئىدى، يوللاشنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن چىقىرالمىدىم، بوسا شۇنى قوشۇپ تولۇقلىۋەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن، بەك ياخشى ئوقۇلغانكەن.
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    ئاجىزلارنىڭ چىقىش يولى باھانە - سەۋەب تېپىش بولسا، كۈچلۈكلەرنىڭ چىقىش يولى چارە - تەدبىر تېپىشتىن ئىبارەت.
    | ۋاقتى : 2007-10-29 09:07 5 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1515
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1515دانە
    شۆھرەت: 1165 نۇمۇر
    پۇل: 39 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ھەقىقەتەن ياخشى شېئېركەن .....
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-10-29 10:33 6 -قەۋەت
    otyak
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17978
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 3816
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3816دانە
    شۆھرەت: 3695 نۇمۇر
    پۇل: 11891 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :148(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ شېئىرنى بىر قىتىم ئوقۇغان ئىدىم. ئەمدى يەنە بىر كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. رەخمەت سىزگە!
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2007-10-29 11:41 7 -قەۋەت
    GudaK_BowaK*
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 17803
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 120
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە120دانە
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    پۇل: 138 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-19
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇتېمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز سىزگە كۆپرەخمەت.
    مەن بۇداستاننىڭ بىرىنجى بۆلىكىنى  <ئۆمەرجان ئالىم>نىڭ <كونا مىلتىق >ناملىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىدىن ئاڭلىغان ئىدىم.
    مەن تېخى شۇنىڭ بىلەن بۇداستان تۈگگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تىكەنمەن ئەسلىدە بۇمانداق مۇكەممەل بىر داستان كەن ئەمەسمۇ.
    مەن بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم رەخمەت سىزگە...
    قولىڭىزغا دەتبەرمىسۇن. داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنىڭ ئۈمۈتقىلىمەن.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2007-10-29 12:03 8 -قەۋەت
    Subhi
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 476
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 402
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە402دانە
    شۆھرەت: 115 نۇمۇر
    پۇل: 868 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون 5 - قەۋەتتىكى TILISKOP نىڭ 2007-10-29 09:07 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    بۇ داستاننىڭ ئاۋازلىق ئوقۇلغىنى بار ئىدى، يوللاشنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن چىقىرالمىدىم، بوسا شۇنى قوشۇپ تولۇقلىۋەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن، بەك ياخشى ئوقۇلغانكەن.


    مۈمكىن بولسا  ماڭا  ئۇنى ئەۋەتىپ  بېرىڭ  تېلىسكوپ ، مەن چىقىرىپ  قوياي .
    مۇڭداشقۇ نومۇرۇم : 348209596


    رەھمەت  سىزگە  نەرگىز .  بۇ دەل  مەن ئىزدەپ  يۈرگەن شېئىرلارنىڭ  بىرسى ئىدى . 
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ۋاقىت ھەممىدىن قىممەت~!
    | ۋاقتى : 2007-10-29 12:33 9 -قەۋەت
    sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17636
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2755
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2755دانە
    شۆھرەت: 2722 نۇمۇر
    پۇل: 8997 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :341(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىلغان داستان،مەن بۇرۇن بىرنەچچە قېتىم .ئوقۇغانىدىم، دىيارىمغا يوللاپ
    ياخشى قىپسىز.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
    | ۋاقتى : 2007-10-29 16:13 10 -قەۋەت
    ezilganyurak
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5136
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 67
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە67دانە
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    پۇل: 218 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئېسى- يادىم ھوقۇقۇمنى ساقلاشتا،
    چىڭ تۇرىمەن شۇڭا چوڭنى يوقلاشتا.
    كۈنۈم ئۆتەر تازىم بىلەن ماختاشتا،
    ئۇ ئاقمىسا داستىخاندا باپلاشتا،
    ئىش توغرىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن
    نېمىدىگەن ئوخشىتىلغان بىزنىڭ  ئىشخانىدىكى بىرسىگە  رەھمەت بەك ياخشى يېزىلغان ئىكەن
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2007-10-29 17:19 11 -قەۋەت
    بىھارە
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20361
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 517
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
    شۆھرەت: 637 نۇمۇر
    پۇل: 1765 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :240(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى ئىكەن ،نىمە دىگەن ئوخشىتىلغان دەيمەن ،سىزگە بەك رەھمەت جۇمۇ ،
    مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە ،8 رەسىم دىسە ،قانداق رەسىمدۇر دەپتىمەن ،
    كۆپ ئوقۇمىغاننىڭ پايدىسى
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    flash: http://www.56.com/p_5821201
    | ۋاقتى : 2007-10-29 18:05 12 -قەۋەت
    MIRAYID
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9571
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3556
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3556دانە
    شۆھرەت: 1252 نۇمۇر
    پۇل: 739 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :393(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەجەپ ياخشى چۈشۈپتىكەن بۇ رەسىملەرگە .
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
                                    . I am a student
    | ۋاقتى : 2007-10-29 18:38 13 -قەۋەت
    Ar-ohoz
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە*دانە
    شۆھرەت: * نۇمۇر
    پۇل: * دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: * نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەسىرلىككەن
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    Unknown | ۋاقتى : 2007-10-29 19:14 14 -قەۋەت
    xirin22
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20554
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشىكەن
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2007-10-29 21:40 15 -قەۋەت
    saba7911
    تاڭ ساباسى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 14272
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 4788
    ئۇنۋان:19 دەرىجە ھازىرغىچە4788دانە
    شۆھرەت: 2321 نۇمۇر
    پۇل: 20 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :262(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇ «ساترىك داستاننىڭ» بىر قىسىمىنى ئوقۇپتىكەنمەن . بۇ قېتىم تولۇق ئوقۇپ چىقتىم . قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    گۈلنىڭ گۈزەللىكى ياپراق بىلەن ، 
    ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ئەخلاق بىلەن،
    | ۋاقتى : 2007-10-29 21:43 16 -قەۋەت
    gohar
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18349
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2072
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2072دانە
    شۆھرەت: 2038 نۇمۇر
    پۇل: 6061 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :90(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ شېىرنى نەچچە قىتىم ئاڭلىغان ئوقۇغان بولساممۇ ،مۇنبەردە قايتا كۆرۇپ  يەنە نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم ،رەخمەت سىزگە ،ياخشى يوللاپسىز ،قايتا كۆرۇشكا مۇيەسسەر بولدۇم .شايىرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    ئەخلاق ئادەم زىننىتى ،ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ يوقتۇر قىمىتى .
    | ۋاقتى : 2007-10-29 21:57 17 -قەۋەت
    dolanzati
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20039
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە60دانە
    شۆھرەت: 51 نۇمۇر
    پۇل: 186 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون 1 - قەۋەتتىكى ئاتا نىڭ 2007-10-29 00:05 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    رەھمەت نەرگىز !
    بولسا مۇشۇ ئەسەرنى ئاۋازلىق ئەسەرقىلىپ ئىشلەيدىغان گەپكەن!


    بۇ ئەسەر 90-يىللاردىلا ئاۋازلىق قىلىپ (ئۈنئالغۇ لېنتىسى)ئىشلەنگەن .
    http://mtv.diyarim.com
    ??????
    | ۋاقتى : 2007-10-30 00:27 18 -قەۋەت
    dolanzati
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20039
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە60دانە
    شۆھرەت: 51 نۇمۇر
    پۇل: 186 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ شېئىرنى بىر ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان ،بۈگۈن ئاخىر ئوقۇدۇم.يوللىغۇچىغا كۆپ رەخمەت!
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ??????
    | ۋاقتى : 2007-10-30 00:33 19 -قەۋەت
    alga~nap
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11266
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    پۇل: 211 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-07
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن .ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.داۋاملىق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۇپ تۇرۇشقا نىسىپ قىلسۇن .
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2007-10-30 00:51 20 -قەۋەت
    urumqi101
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 19904
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 110
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە110دانە
    شۆھرەت: 98 نۇمۇر
    پۇل: 393 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماڭىمۇ ياقتى.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ALI.
    | ۋاقتى : 2007-10-30 01:39 21 -قەۋەت
    arkaksu66
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20449
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 373
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە373دانە
    شۆھرەت: 433 نۇمۇر
    پۇل: 501 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    يازمىلىرىمىزدا كۆپ قىسىملىرىمىز بۇ يوللانمىنى << شىئېر>> دەپ ئاتىۋاپتىمىز.  ئايان بولسۇنكى، ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر نادىر ساتىرىك داستان ، ئاندىن قالسا  ئەنە شۇنداق << كۆنۈپ>> قالغانلارغا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ <<  كۆنۈش شەيتان، كۆنۈش بەكمۇ خەتەرلىك،
                              پاكىت سانسىز شۇنچە قايىل ئېتەرلىك،
                              بولار ئەمدى شۇ كۆنگىنىم يېتەرلىك،
                              ئەڭ ئاخىر بىر ۋارقىراي جىگەرلىك،
                              كۆنمەسلىككە كۆنسەم ئاندىن ياشايمەن >>  دىگەن مىسرالىرى كىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. تېما ئىگىسىنىڭ قولىغا دەرد بەرمىسۇن !!!      
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    تەن ساقلىق --- زور بايلىق~!
    | ۋاقتى : 2007-10-30 21:02 22 -قەۋەت
    aybarna
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20594
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2007-10-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يېزىپسىز
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    | ۋاقتى : 2007-10-30 21:05 23 -قەۋەت
    manggutax
    ئىنكاس شاھى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 9
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 6023
    ئۇنۋان:22 دەرىجە ھازىرغىچە6023دانە
    شۆھرەت: 4266 نۇمۇر
    پۇل: 16429 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :591(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنداق ئۇزۇن شېئىرنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بولغانسىز-ھە؟
    تېخىمۇ تىرىشىڭ!
    http://mtv.diyarim.com
    يىلتىزىمىز «دىيارىم» دا، ئۈمىدىمىز «دىيارىم» دا.
    | ۋاقتى : 2007-10-31 16:46 24 -قەۋەت
    mamatjan520
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20614
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 499
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە499دانە
    شۆھرەت: 499 نۇمۇر
    پۇل: 1225 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2007-10-31 17:10 25 -قەۋەت
    awralohli
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18968
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 147
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە147دانە
    شۆھرەت: 115 نۇمۇر
    پۇل: 367 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :110(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-07
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ھەقىقى ياخشى يىزىلغان ساتىرىك داستان ،مەن ئىلگىرىمۇ ئىككى-ئۇچ قىتىم ئوقوپ چىققان ،ھەم ئاچچىق كۇلگەن ئىدىم ،ئادەمنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ،بولوپمۇ <<ئەركەكسۇ>>ئىيتقاندەك ئاخىرقى ئىككى كوبلىت،بىز ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان نەرىسىلەرگە كونوپ كەتتوق،ھەم ھازىرمۇ نۇرغۇنلىغان تەرەپلەرگە داۋاملىق كونوشكە مەجبۇر بولوپ كىلىۋاتىمىز،.....سزدە ۋە بىزدە ئاشۇ سۇرەتلەردىكى قىياپەتلەرنىڭ بىرەرسى يوقمىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ???????? ??? ?????? ?????????????.?????????? ?????????? ????? ??? ??? ?????????!
    | ۋاقتى : 2007-10-31 21:04 26 -قەۋەت
    ataxparixta
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9846
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 463
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە463دانە
    شۆھرەت: 49 نۇمۇر
    پۇل: 742 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھە.ئەسلىدە مۇنداق «رەسىم »ئىكەندە.بەكمۇ تىلغا باي يېزىلغان ئەسەر ئىكەن.تۇنجى رەت ئوقۇشۇم.نەچچە قېتىم قايتىللپ ئوقۇدۇم.شائىرنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن.يوللىغىچىمۇ رەخمەت.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2007-10-31 21:23 27 -قەۋەت
    sahra65
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19780
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 344
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە344دانە
    شۆھرەت: 349 نۇمۇر
    پۇل: 1224 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ يوللانمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق ھوزۇرلاندىم ھەمدە ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك بولدۇم .شايىرغا ھەمدە يوللۇغۇچىغا كۆپ رەخمەت !
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2007-10-31 21:27 28 -قەۋەت
    fakzat888
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4295
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    پۇل: 147 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئىلگىرى بىر قىسمىنى ئوقۇغان ، بۈگۈن تولوق ئوقۇپ بەك ھوزۇرلاندىم .سىزگىمۇ ئاپتۇرغىمۇ كۆپ رەھمەت .
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2007-11-01 18:45 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 05:14
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation