ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيارىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
ھازىر تۇرمۇشىمىزدا نىمە كوپ توي - تۆكۈن ، ئولتۇرۇش ، چاي ، ھەر خىل شەكلى ئۆزگەرگەن مەشرەپلەر بەك كوپ ..سوزلەپ كەلسەم بۇ مىھماندارچىلىقلارنى ساناپمۇ تۆگىتەلمەيمەن . مەن تۆۋەندە سىلەرگە ئۆز بىشىمدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر كىچىكىنە ئىشنى سۆزلەپ بەرمەكچى .
مەن ئىشخانىدا ناھايتى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتىم ، تۇيۇقسىز تىلغۇن جىرىڭلاپ كەتتى ئالسام بىر تۇنۇشىمكەن
ۋەي قارا ئۈزۈممۇ سەن ؟ يوقاپ كەتتىڭغۇ ؟
ھە قانداق ئەھۋالىڭ ياخشى تۇردۇڭمۇ ؟
ياخشى ئاداش . بۇگۈن ساڭا بىر مۇھىم ئىشنى دەي دەپ تىلغۇن قىلغان .
مۇنداق ئىش بۇگۈن كەچتە بىزنىڭ باشلىقنىڭ مېھمانلىرى باركەن بىللە بېرىشىپ بەرگەن بولساڭ بولاتتى ؟
مەن ئامالنىڭ يوقلىغىدا ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم .
كەچتە مەن دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ ھېلىقى مېھماندارچىلققا ماڭدۇق قەيەردىكەن دىمەمسىز . ئۈرۈمچىدىكى 4 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ ئايرىم خانىسىكەن ۋاھ نىمىدىگەن ھەشەمەت بۇ مەن بىنا ئېچىگە كىرىپ سەل قورۇنۇپ قالدىم بىز ئۇدۇللا ھىلىقى ئايرىم خانىغا كىردۇق ۋاي تەڭرىم بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالامەتلەرنى كۆرۈڭ
ھەممىسى 40 تىن ھالقىغان جەمىيئەتتە خېلى يۈز ئابرويى بار ھەم خېلى نامى بار باشلىقلار .
بىز كىرىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن مەن بىر چەتتە ئوتۇرۇپ ئۇلارنى كۈزىتىشكە باشلىدىم ،
ھېلىقى ئاغىنەم كىرىپلا باشلىقىغا خوشەمەت قىلىپ تاماكا تۇتۇپ ھاراق ئىچىش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتتى .
ھېلىقى باشلىقنىڭ يىنىدا بەدەن تۇرقى ئىنتايىن زىلۋا .چاچلىرى ئالتۇن رەڭ . مۇشۇنداق قىش كۈنىدىمۇ قىسقا يوپكا بىلەن پاچاقلىرى يالىڭئاچ ئولتۇرپ ھىلىقى يوغان قوساق باشلىققا ئەركىلەپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قاپتۇ .
بۇ سورۇندا 5-6 يلەن ھەممسى ئۆزىنىڭ جورىسى بىلەن ئولتۇراتتى ئاغىنە تۇيۇقسىز يىنىمغا كېلىپ ، ۋاي ئاداش بەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭغۇ ؟ ساڭىمۇ قۇشقاچتىن بىر چاقىرايمۇ يا دىدى . مەن چىرايلىق رەت قىلىپ ئولتىرىۋەردىم بىر چاغدا ئاغىنەمدىن بەزى ئىشلارنى سورۇغۇم كەلدى .
ھەي ئاداش ئاۋۇ باشلىقىڭنىڭ ئايالىمۇ يا ؟ ئاغىنەم قاقاھلاپ كۆلۇپ كەتتى . ۋاي سەھرالىق بۇنداق سورۇنغا كىم ئايالىنى ئېلىپ كېلىدۇ . ھەممسى ئۆزلىرنىڭ ئاشنىلىرى ..ۋاي خۇدايىمەي نىمە دەيدىغانسەن ئاداش دىدىم مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ ،
بۇ دەل بىز تېلېۋىزورلاردا ، خەقنىڭ ئاغزىدا ،ئېقىپ يۇرگەن رەڭلىك سورۇن ئىدى ،
بۇ ئايرىم خانىنىڭ بىر سائەتلىكى 2000يۈەن ئىكەن بىر بوتۇلكا كىچىك پىۋىسى 50يۇەن جوزىدا ئاز دىگەندىمۇ 100بوتۇلكا پىۋا يەنە مەنمۇ ئىسمىنى بىلمەيدىغان نەچچە بوتۇلكا چەتئەلنىڭ ھاراقلىلىرى تىزىقلىق تۇراتتى بۇ سورۇن ئاز دىگەندىمۇ 5-6 مىڭ يۈەنلىك سورۇن ئىدى ..
تۇيۇقىسز يىنىمدىكى سالاپەتلىك ئەپەندىنىڭ تېلېغۇنى سايرىدى . ئۇ تېلېغۇن قولىغا ئېلىپلا ھەممەيلەنگە بىر ئىشارەت قىلىپ قويۇپ تېلغۇننى ئالدى چوقۇم ئايالىغۇ دەيمەن .. ۋەي مەن ھازىر ئاپامنىڭ قېشىدا ، ئاپامنىڭ بەك مىجەزى يوق شۇڭا مەن كەچرەك قايتىمەن مىنى ساقلىماڭلار . دەپلا تېلېغۇنى قويۋەتتى
مانا بۇ سورۇننى دەپ ماۋۇ ئەپەندى ئاپىسىنىمۇ ئاغىرىق قىلىپ قويدى .
مۇشۇنداق بولىۋارسە كېيىنچە ئاپىسىنى ئۆلتۇرۇشتىنمۇ يانمايدىغان ئوخشايدۇ بۇ خەق .
سائەت 1بولدى بايقى چىرايلىق قىز باشچىلىقىدىكى قالغان قىزلارھەممىسى ئاستا ئاستا تاراشتى
بىراق بۇ ئادەملەر تارقايدىغاندەك ئەمەس . بىر چاغدا ھېلىقى ئاغىنەم كۈتكۈچى قىزنى چاقىرىپ بىر نىمىلەرنى دىدى ، بىردەمنىڭ ئىچىدە يېرىم يالاڭاچ ئۇسۇل كىيىمى كەيگەن 5قىز پەيدا بولدى شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردكىلەر خۇددى تاللا بازىرىدىن مال تاللاۋاتقاندەك قىزلارنى بىر بىردىن تاللاپ يىنىدا ئوتۇرغۇزۋالدىى بۇ چاغدە مىنىڭ ھېلىقى ئىسىل ئاغىنەممۇ قۇرۇق قالمىدى .. بىر چاغدا تانسا مۇزىكىسى چېلىندى ھەممىسى يىنىدىكى قىزلارنى تارتىپ تانسىغا چۈشتى مەن راس گەپنى قىلسام بۇلارنىڭ ئويناۋاتقان تانسىلىغا قاراپ يەرگە كىرىپ كېتەي دىدىم . مەن بۇ سورۇننىڭ ئاخىرىنىڭ ياخشى چىقمايدىغانلىقىنى پەملەپ سىرتقا چىققان بولۇپ تىكۋەتتىم
ئۆيگە قايتىپ خېلى ۋاقىتقىچە ھېلىقى سورۇندىكىلەرنىڭ كۈلكە چاخچاقلىرى . خوشەمەت سوزلىرى خەجلىنىۋاتقان ئاشۇ پۇللار كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى .
ئاشۇ يېرىم يالاڭاچ ھەمرا بولغۇچى قىزلار بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇلارغا بىر سائەت ھەمىرا بولسا 500يۈەن بېرىدىكەن .. ئۇلار نىمىشقا پۇلنىلا ئويلاپ ئۆزنى غورۇرىنى مىللىتىنى ئاتا ئانىسىنى نىىمىشقا ئويلىمايدىغاندۇ ؟
يەنە سورۇننىڭ ئالدىكى ھېلىقى سۇمباتلىق خانىملار ئۇلارغا نىمە پايدا چىقىدۇ ؟ ئاشۇلارنىڭ ئائىلىسى باللىرى بار بولغىيتتى ؟ ئاشۇلارنى ئويلىمىغانمىدۇ . ھەمدە ھىلىقى باشلىقلارغا كەلسەك ئۇلار بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۆز ئاتا ئانىمىزدىنمۇ چوڭ كۆرىدىغان ئاتا ئانىمىزغۇمۇ قىلمىغان ياغلىما گەپلەرنى قىلىدىغان باشلىقلار ئەمەسمىدى ؟
سورۇندىكى ئىسراپچىلقلارنى دىمىسەممۇ تورداشلىرىم ئوبدان بىلىدۇ . مەن مۇشۇ يەرگىچە يازاي قالغاننى ئاستا ئاستا تۇلۇقلاپ يازاي . بەك ئاددى سۆزلەر بىلەن يېزىپ قويدۇم قېرىنداشلىرىمنىڭ تۈزۈتۈپ ئوقۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنىمۇ ئايىماي سۆزلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
داۋامى بار ..............
[ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2009-01-10 09:08 PMدە قايت ]