چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ تېما 2294 قېتىم كۆرۈلدى
axkar
باشقىلارھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29393
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 956
شۆھرەت: 1356 نۇمۇر
پۇل: 1323 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 141 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 481(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 ئۇنىڭ -بۇنىڭدىن يازغىم كەلدى < ئاشكار>

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2009-01-09)دە نادىرلاندى
    


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  تورداشلار. 2008 دەپ ئۆگۈنۈپ قاپتىمەنكەن.  2009 دېيىشكە تازا كۆنەلمىدىم . ۋاقىت مېنى كەينىڭگە قايت دەۋاتامدۇ ياكى مېنىڭ كەينىمگە قايتقۇم كەلدىمۇ ھېچ بىلمىدىم.  ئەتراپىمغا قارىسام ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقتەكلا . خۇددى مەن تۈنۈگۈن تۇغۇلغاندەك ،كىچىك ۋاقىتلاردىكى ئىشلار كۆز ئالدىمدىن ھېچ كېتەي دېمەيدۇ .  بولدى، جىق سۆزلىمەي تېمىغا كىلەيلى. يەنە شۇ پارچە-پارچە مەزمۇنلار بىلەن قۇملۇقتىن سۇ ئىزدەي....

  
   ھېيت -بايراملاردا خۇيزۇلار بېشىدىن ئاق دوپپىسىنى ئايرىمايدىكەن . خەنزۇلار گۈل چۈشۈرۈلگەن كىيىملەر بىلەن كىيىنىدىكەن ، ئەمما مەن بېشىمغا دوپپا كەيمىدىم ، ئۇچامغا بوۋام كىيگەن چەكمەنلەرنىمۇ كەيمىدىم ، بازاردىن تاللاپ تۇرۇپ غەرپنىڭ يارىشىملىق كىيىملىردىن كەيدىم . ھىچكىم ماڭا سەن ئۇيغۇر بولساڭ مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە بولسىمۇ مىللىتىمىزنىڭ كىيمىنى كەي دىمىدى . چۈنكى ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ياسانغان ئىدى...

   بۈگۈن جۈمەگە تەييارلىق قىلىۋاتسام بىر ياشانغان ئانا ئىشىكىمىزنى چەكتى . ھەم مەندىن ھاجەتخاناڭلارغا كىرىۋالاي دىدى . ئەلۋەتتە بولىدۇ دەپ ھاجەتخانىنى كۆرسىتىپ قويدۇم . ئۇ ئانا چىقىپ مەندىن:'' يەنە يىقىن ئەتراپتا مەسچىد بارمۇ؟''دەپ سورىدى. مەن تەپسىلىي قىلىپ مەھەللىمىزدىكى مەسچىدنىڭ ئورنىنى دەپ بەردىم . ھەم ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن مەسچىتكە بارىدىغىننى سورىدىم . ئەسلى ئۇ ئانىنىڭ بالىسى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا ئىكەن . بۇ ئايال مەسچىت ئالدىدا ئازراق بولسىمۇ پۇل يىغاي دەپ ئويلاپتۇ . ئۇ يەنە : ''ئوغلۇم ياتقان دوختۇرخانىنىڭ يېنىدا بىر مەسچىد باركەن.ئۇ يەردە ئولتۇراي دېسەم ئوغلۇم كۆرۈپ قالمىسۇن'' دېدىم دەپلا كۆزىگە ياش ئالدى . ھەي! بۇ ئانا ئەنە شۇ ئوغلىنىڭ يۈزىنى دەپ ناتونۇش كوچىلاردا مەسچىد ئىزدەپ يۈرۈپتۇ ، مۇشۇ قىشنىڭ سوغۇقلىرىدا مەسچىد ئالدىدا ئولتۇرۇپ بالىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتاي دەپتۇ.....
ئوقۇرمەن ، يەنە قايسىڭىز ئانىڭىزدىن يامانلايسىز؟

   تېلىۋىزۇردا بۇ يىل دېھقانلارغا قوش خوشاللىق بولدى ، دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋالسا 30پىرسەنتىنى دۆلەت چىقىرىدۇ ، ئاشلىققا دۆلەت يىغىۋېلىش ھەققى قېتىپ بېرىدۇ دەيدۇ، ئاشۇ بىر نەچچە مو يېرىنى كەتمەن بىلەن ئاغدۇرىۋاتقان دېھقانلار قايسى پۇلىغا دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋالار ، كۈزدە يىغىپ ئاران نەچچە تاغار چىقىدىغان ئاشلىقىغا قانچىلىك پۇل قېتىلپ كېتەر . قەرزگە بوغۇلۇپ قالمىساڭلا بولاتتىغۇ دېھقان ئاكا.

   تاغام تۈگەپ كەتكەندە،ئۇنىڭ تېخى ئالتە ياشقا تولمىغان ئىككى بالىسى نېرىقى ئۆيدە ئويناۋاتاتتى ، ئايالى تاغامنىڭ بېشىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى . ئانىسى يىغىدا باللىرى ھېچنىمىنى بىلمەي ( كۈلكىدە) ، نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى . نەۋرە ئىنىم بىزدىن يېتىرقايدىغان بولۇپ قالدى ، ئۇنى قاچانلا كۆرسەم شۇنداق سۇلغۇن ، چۈنكى بۇ سەبىينىڭ ''دادا'' دەپ ئەركىلەيدىغان دادىسى ئاللىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى . جېنىم ساقام ،داداڭ چۈشلىرىڭگە ئانچە-مۇنچە كىرىپ قالامدۇ ؟ دادا دەپ كېچىلەردە ئويغۇنۇپ كېتەمسەن ؟ ئىي پەرزەنتلەر! بىزگە تاغ كەبى ھەيۋەت بىلىنىدىغان دادىلارنى قەدىرلەيلى...

   كۈندە ئەتتىگەن ئورنومدىن تۇرۇپ كۈلۈپ كېتىمەن ، چۈنكى مەن ھايات ئىدىم ، يەنە بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەلەيتتىم ، ئەمما كېسەل ئازابى تارتىۋاتقانلار ، ئۆزىنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىدىغانلار ئەتتىگەن تۇرۇپ كۈلەلەرمۇ؟ پەرزەنت ، ئاتا -ئانا ئاياللىرىنىڭ مېھرىگە چىدالارمۇ؟ ئېھ! ھايات بىزنى نىمە كويلارغا سالمىدىڭ ، پۇل ، دۇنيا ، ھەۋەس مانا مۇشۇلار ئۈچۈن قانچە رەت ياش تۆكتۇق ، قانچە رەت كاپىر بولدۇق ،، ئويلاپ قالىمەن ، مېنىمۇ بىر كۈنلەردە ۋىجدان دىگەن نەرسە سەكرەپ چىقىپ گېلىمدىن بوغارمۇ؟

   غۇلجىنىڭ خەنزۇ بازىرى دەپ ئاتىلدىغان بىر يېرى بار (بۇ بازاردا سودا قىلدىغانلار ئۈرۈمچى خەلىقئارا چۇڭ بازاردىكى يايما ئاچىدىغان كىشلەرگە ئوخشاپ كىتىدۇ) ،  بەزى چاغلاردا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىمەن ، ئون تىيىنلىق نەرسىدىن تارتىپ نەچچە مىڭ سوملۇق نەرسىگىچە بولغان ماللارنى تاپقىلى بولىدىغان يەر بۇ . ئۇ يەردە كۆزۈمگە دائىم ئۇچرايدىغان بىر نەچچە ياشانغان كىشىلەر بار . بەزىلىرى بىر سوملۇق سومكا، بەزىلىرى نەچچە تىيىنلىك يىپ-يىڭنە.....دىگەنلەرنى ساتىدۇ ، ئويلاپ قالىمەن ، ئەگەر مۇشۇ ماللىرىدىن كۈنىگە نەچچە ئوننى ساتسىمۇ تاپقان پۇلىغا بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن گۆش سېتىۋالالمايدۇ ، مانا مۇشۇ سوغۇقلاردا ئاشۇ كوچىدا كۈن - كۈنلەپ تۇرىدىغان بەندىلەر، ئەمگىكىڭلارغا رازىمۇسىلەر؟ ئېھ، خۇدا ! بەرگەن كۈنلىرىڭگە شۈكرى.....

   مەن تونۇيدىغان بىر كىشىنىڭ ( مەلۇم ناھىيىنىڭ باشلىقى) ئىنىسىنى يېقىندا ماشىنا سوقۇۋەتتى ، نەچچە كۈنگە قالمايلا ئۇ كىشى تۆلەم پۇلى ئۈچۇن نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشتى . يەنە مەن تونۇيدىغان بىر بالىنىڭ دادىسىنى ئۆتكەن يىلى ماشىنا سوقۇۋەتكەن ،مانا مۇشۇ كەمگىچە بىر تىيىنمۇ تۆلەم پۇلىغا ئېرىشەلمىدى ، ئەرز قىلىپ بارمىغان يىرى قالمىدى ، ئاڭلىسام ھازىر ئۇ بالا ئەرز قىلمايدىغان بوپتۇ . چارچاپ قاپتۇ ، سۇ سايغا ئاقىدۇ ، پۇل بايغا .. راسىتلا شۇنداقمۇ ؟ پۇقرا بولغان گۇناھمۇ؟

    قايسى كۈنى توربەتتىن مۇنداق بىر پارچە رەسىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم . بىر خەنزۇ ئانا دۈمبىسىگە بالىسىنى تېڭىۋىلىپ ئاياق مايلاۋاتىدۇ ، ئاياق مايلىتىۋاتقىنى بولسا 4ياشلاردىكى بىر كىچىك بالا. ئۇنىڭ يېنىدا ئانسى ئۆرە تۇرىدۇ . ئويلاپ قالدىم، كېيىن مۇشۇ ئىككى بالا چوڭ بولغاندا تەغدىرى يەنە شۇنداق بولارمۇ؟ ياقىلار ئىتەك بولۇپ، ئىتەكلار ياقا بولوپتۇ دىگەندەك بولۇپ قالسىچۇ ؟

    مۇنبەرگە قانداق تېما يازسام نادىرلىنار؟ چوقۇم ئۇزۇن بىرەر ئەسەرنى ياكى بىرەر مەشھۇر شەخسنىڭ تەرجىمھالىنى يېزىش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا بۇ ئاسان. پەقەت كومپيۇتېر ئالدىدا بىر نەچچە سائەت ئۇزۇن ئولتۇرۇپ بىرەر كىتابتىن كۆچۈرسەملا بولىدۇ ، ياق بۇ ئويلىغىنىم خاتامۇ قانداق؟ شۇ ئۇزۇن تېمىلارنى يېزىشقىمۇ ئەجىر كېتىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ئەمدى گەپنى تېمىدىن ئىنكاسقا يۆتكەي: ئوقۇپ بولۇش ئۈچۈن نەچچە ئون مىنۇت كېتىدىغان ئەسەر توربەت يۈزىگە چىقىپ بىر مىنۇت بولمايلا ئىنكاس چۈشۈپ بولۇپتۇ . توۋا! مۇنبەر دىگەن بۇ يەردە كاللىسى شەمەردەك ئىشلەيدىغان ، مىنۇتىغا نەچچە مىڭ خەت ئوقۇيدىغان دانىشلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟

    قىزىمنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتمايمەن . ئوقۇيمەن دەپ تۇرىۋالسىمۇ ئۆز شەھىرىمدىن چىقارمايمەن ، بالامغا چوقۇم ئۇلۇغلارنى تونۇشتۇرىمەن ، ئايالىمغا نازاكەتلىك بولۇشنى تەكىتلەيمەن . خام خىيال ؟ ئىنسانلار بىر -بىرى بىلەن قېرىشماقتا ، ئامال بار ئۆز رەقىبىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلۋەتكۈسى بار ، قويۇپ بەرسەك تۇغۇلمىغان ئەۋلادلارنىمۇ ساق قويمايدۇ . ( داداڭمۇ بازار، ئاناڭمۇ بازار) راستلا مۇشۇ كۈنلەر كېلىپ، بالىلىرىم مېنى سېتىۋىتەرمۇ؟ مىللىتىم تەرەققى قىلىپ مېنى تۇپراققا كۆممەي كۆيدۈرۋېتەرمۇ؟ ئالىي مەكتەپنى ئوقۇپ كەلدىم ، كەتمەن تۇتۇپ كۆكتات تېرىپ جان باقايمىكىن ....


 
  ئۇھ، دۇنيا مېنى چارچىتىپ قويدۇڭ ، كۈندە كاللامدا پىقىرايدىغىنى نەچچە مىڭ خىل خىيال ،تۇنجى مۇھەببىتىمنى ئۇنتۇپ قالغىلى خېلى بولدى،لېكىن تۇنجى ئىشلەپ تاپقان پۇلۇمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم . باشقىلاردىن يىگەن تۇنجى تاياقنى ئۇنتۇپ قالدىم، ئەمما مەن تازا ئۇرغان ھېلىقى گۇينى ئۇنتۇپ قالمىدىم . مانا مۇشۇ نەتىجىلىرىم بىلەن يۈزۈمگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ كەلمەكتىمەن . كوچىلارنى مۇز تۇتۇپ كېتىپتۇ ، بىر نەچچە ئىشلەمچى سوغۇقتا ( تەرلەپ) تۇرۇپ قار تازىلاۋاتىدۇ ، شۇنچە ئالدىراش ماڭساممۇ مۇزلاپ تۇرىمەن ، مەنمۇ شۇلاردەك تەرلەپ كەتكەن بولسام ھە! ... ئاشلىق تېرىشتىن قورقمىغان دېھقانلار دۆلەتكە ئاشلىق تاپشۇرسا ، ئاشلىق مەھكىمىسىدىكى باشلىقلار بۇ ئاشلىقلارنى قانداق ساقلاشتىن ئەنسىرەيدىكەن ، قىززىق ئىشتە بۇ ....

تۈنۈگۈن تېلىۋىزوردا يەنە بىر قەدىمىي قەبرىنى تاپقانلىقىنى كۆرسەتتى ، ھەي! بىچارە ئىنسانلار ئۆلۆپ سۆڭىكى توپىغا ئايلىنالمىغانلىقتىن يەر تېگىدىمۇ جىمجىت ياتالمىدى ، مانا ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئارخېلوگلار چوتكىلاپ پاك-پاكىزە قىلىپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ ، يەنە قانداق تاتقۇلۇقلارنى تارتار، ئەي بىچارە ئىنسان! ئەي بىچارە جەسەت!.

    مانا ئالدىراش كېتىپ باراتتىم ، تۇيۇقسىز كۆزۈم يول بويىدا ساڭزا سېتىپ ئولتۇرغان خەنزۇ مومايغا چۇشتى ، توۋا! نەلەردە يۈرۈپ بىزنىڭ نېمەتلىرىمىزنى پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغاندۇ ، ھەي جاھاندارچىلىق ، ھەي جاھاندارچىلىق......

    «تۇنجى قار» بۇ ئىتوتنى قانچە قېتىم كۆرگىنىمنى ساناپ بېرەلمەيمەن ، ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە ئابدۇللانىڭ ''ئىي ئانا'' دېگەن گېپى بىلەن تەڭ كۆزۈمگە ياش تولىدۇ ، بەك ئاجىزلاپ كەتتىممۇ قانداق ؟ يەنە نەچچە كۈن ئىلگىرى ھېلىقى ئانىسىنى ئۇرغان نائەھلىنى كۆردۈم . ئەتە -ئۆگۈن يەنە قانداق ئىشلارنى كۆرەرمەن . ئاتا بولماي تۇرۇپ كەلگۈسى باللىرىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم.

    ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ ، نۇرغۇن بىگۇناھ بالىلار ئۆلۈپ كېتىپ بارىدۇ ، ئەسكەرلەر ئۆلسە قەھرىمان بولىدۇ ، دانالار ئۆلسە ئۇلار ئۈچۈن ئابىدىلەر قاتۇرۇلدۇ ، ئەمما بۇ سەبىلەرگىچۇ؟ يىغا - پىغان ، تېنىغا لايىق كېپەنلىك ...... يەنە ئويلاپ قالىمەن ، بۇ جاھاندا قېرىغىچە ياشاپ، ھارغۇچە گۇناھ بىلەن كەتكەندىن كۆرە مۇشۇنداق ئۆلگەن ياخشىمۇ ؟ تەغدىر -قىسمەت دىگەن شۇ ...

    تېلىۋىزوردا بىر ئەما كىشىنى تونۇشتۇردى ، ئۇ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ناخشا ئېيتقانىكەن . يەنە ئۇ نەق مەيداندا ئىسپان ، ئىتالىيە، كورىيە تىللىرىدا ناخشا ئېيتىپ بەردى . رىياسەتچى ئۇنىڭدىن:«ئەگەر سىزنىڭ كۆزىڭىز بىر كۈن كۆرگەن بولسا، قانداق ئارزۇلىرىڭىز بار؟» دېسە، ئۇ : «مېنى باققان ئاتا-ئانامنى قانغۇچە كۆرىۋالاتتىم» دەپ جاۋاب بەردى . ئۇھ،،، ئاتا-ئانا دىگەن ھە ، مانا مۇشۇ پەيتتە ئۆزۈمنىڭ ساق-سالامەت تۇرۇپ ئاشۇ ئەما كىشىدەك نەتىجە قازانمىغىنىمدىن خىجىل بولدۇم . ھەم يۈگرەپ چىقىپ ئاتا-ئانامغا زەڭ سېلىپ قارىۋالدىم . چۇنكى بالا-قازا دىگەن ھەش-پەش دېگۈچە كېلىدۇ ،


   قۇربان ھېيتمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى بولدى . ئەنە ئاشۇ ھېيتتا ئىچىۋالغان دادىلارنى كۆردۈم ، بەزىلىرى يول بويىدا ياتاتتى ،بەزىلىرى قاۋاقلاردا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇداغا مىڭ شۇكرى دېدىم ، چۈنكى مېنىڭ دادام مېنى ئېلىپ ئايەم كۈنىلا قەبرىلەرنى يوقلىغان ، شۇ كېچىسى چوڭلارنى يوقلىغان، ئەتىسى قۇربانلىق سويۇپ ھېيتنى چىرايلىق ئۆتكۈزگەن .

   مۇنبەردە ھەر قىسىم ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن ، قايسى كۈنى بىر تورداش «ئۇيغۇرلۇقۇمدىن تاندىم» دېدى. بوپتۇ ، تانسا تانسۇن، ئۆزىنىڭ ئىشى، دېدىم . يەنە، بەلكىم بۇ بىر قامچا، بىزگە بىرىلگەن سىگنال، دەپ ئويلىدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنكاسلاردىكى ئەخلاق بېتىدىن تاپقىلى بولمايدىغان سۆزلەرنىمۇ كۆردۈم.ھەممە ئادەمنىڭ قىممەت قارىشى،ساپاسى ئوخشىمايدۇ . شۇنداق ،ھەممىمىز ئۆزىمىز قۇرغان رامكا ئىچىدە ياشايمىز.بۇمۇ توغرا،مېنىڭ ئويلىغىنىم سىزنىڭكىگە ئوخشاش بولسا،بۇ جاھاندا يەنە نىمە رەڭگا-رەڭلىك قىلىدۇ.

   بىر بالا ئەيدىز بولۇپ ئۆلەي دەپ قالغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كۆز گۆھىرىنى ھەقسىز تەقدىم قىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىككى ياش قايتا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ. خۇدا پۈتۈن ياراتقان تەننى خەق قانداقمۇ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىپ،ئۇ دۇنياغا گۇناھ بىلەن كېتىشنى خالايدۇ دەيسىز،نىمىلا دېگەن بىلەن باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ نەپ قالدۇرۇپتۇ.

    نەچچە يىللار ئىلگىرى< قىزلارنىڭ يېشى مەيدە يانچۇقىدا، ئوغۇللارنىڭ قەسىمى كەينى يانچۇقىدا > دەپ يازغىنىم ئېسىمدە،مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئىشلار بولۇۋاتىدۇ. نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلار بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا ئاجرىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەي،بىچارە بالىلار،ئەمدى كىمنى دادا،كىمنى ئاپا دەرسىلەر ، تىرىك ئايرىلىش ئازاب ، بوپتۇ بۇنىڭغىمۇ مەيلى ، نۇرتاي ھاجىم بار ، ساخاۋەتلىك ئاتىلار ، مىھرىبان ئانىلار بار ، شۇلار بېشىڭلارنى سىلار، كۆزۈڭلاردىن ياش ئاقمايدۇ ، بەلكى قان ئاقىدۇ ، شۇ قېنىڭلار بىلەن ئىنساپسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىنى يۇيۇڭلار.

    بىر ئۇخلاپ قوپسام 2009-يىلى بولۇپ كېتىپتۇ،كەينىمگە قاراپ باقتىم،نۇرغۇن ئارمانلار بىچارە قوللىرىنى سۇنۇپ يىغلاپ ياتىدۇ.كۆزۈمدە ھەم بىر قانچە تامچە ياش ،،،،، بەلكىم مەن كۆرمىگەن نۇرغۇن گۈللەر باغچىلاردا ، تاغ باغرىلىرىدا قار ئاستىدا قالغاندۇ،«ھايات قىممەت،30يۈەنگە بىر».....تۇغۇلۇپ قانچە قېتىم ئاھ ئۇردۇم،بۇنى ساناپ باقمىدىم.ھەر يىلى شۇنداق تىرىشىمەن،باشقىلار نىمە دېسە مەيلى،ئۆز يولۇمدا ياشايمەن دەپ تۇرىمەن.يىگىتلىكىم پايخان بولغاندا،قېرىنداشلىرىم قۇربان بولغاندا بېشىمنى تۆۋەن قىلىمەن،نومۇس ئىچىدە< كۈلىمەن >، ھەر قىسىم چېچىلاڭغۇ خىياللار مېنى قوينىغا تارتىدۇ. خۇددى نەشىكەش قاپاق تارتقاندەك،يالىڭاچ قىز ئەركەكلەرنى ئۆزىگە تارتقاندەك، كەمىرىمنى بېلىمگە چىڭ باغلاپ قورساقلىرىمغا ئىز چىقىپ كېتىدۇ. چارچاپ قالدىم. مانا يەنە قار يېغىۋاتىدۇ، ئۈن-تىنسىز ئاسماندىن چۈشىۋاتقان بۇ پەرىگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ ، تېخىمۇ كۆپرەك ياغقىن،ئۇلار سوغۇقتىن قورقۇپ بولسىمۇ،بەدەنلىرىنى ياپقۇدەك كىيىم كىيسۇن. مۇز تۇتقان كوچىلاردا يۈرگەندە يىقىلىپ كىتىپ بىرەر يېرىم ئاغرىپ كەتمىسۇن دەپ بولسىمۇ بىسسمىللاھ دەپ قەدەم باسسۇن ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتىۋالسۇن.مەڭگۈگە قويۇپ بەرمىگۈدەك تۇتسۇن . سىرتلاردا < ئاشنا > تۇتقانلار ئىسسىق ئۆيىگە كىرگەندە تالانىڭ سوغۇقلىقىنى ھىس قىلسۇن
.


- ئاشكار
[ بۇ يازما axkar تەرپىدىن2009-01-10 06:11 AMدە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-09, 12:44
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئىجادىي مەزم ..
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-09 08:13 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6500
    شۆھرەت: 3608 نۇمۇر
    پۇل: 42253 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    مەنمۇ  ياز كۈنلىرى  باريام بولامدۇ ياكى دەم ئىلىش كۈنلىرى بولامدۇ  بىر نەچچە قۇر ئەتلەس كۆينىگىم بار شۇلارنى كىيىپ  كىتاپخانلارغا ياكى ئۇرۇق -تۇققانلارنىڭ ئۆيگە ياكى دوسلۇرۇم بىلەن كۆرۈشكىلى بارمەن ، ئۆزمىزنىڭ ئەن -ئەنۋى كىيىم -كىچەكلىرنى ئۆزمىز  ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ باشقىلار بىزنى ھەرگىز كەي دىمەيدۇ .
    يەنە مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزى دوسلۇرۇمغا ھەيران بوپ قالمەن  تەھرىرخاندا ئاران يىرىم سائەر ئولتۇرۇپ كۆرۇپ تەستىقلاپ چىققان تېمغا مۇنبەرگە چىققىلى بەش مىنۇت بولماستىنلا بىر مۇنچە ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپ بولدۇ ھەر قانچە  خەت ئوقۇش سۈرتى تىز بولسىمۇ ئۇ تېملارنى  شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا ئوقۇپ بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس  ، ئادەم ئارتۇق گەپ قىلاي دىسە تېخى بولمىغان بەزى ئىشلارغا ............. ھەي بولدىلا مەنمۇ قايناپ كەتمەي بۇ تېمدا ، ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ ئەجرىڭىزگە رەخمەت ئاشكار .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 09:02 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    kunahun
    لېۋىڭنى چىشلىگىچە،كۆزۈڭنى ئاچ
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم تۆھپىكارى
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29141
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 609
    شۆھرەت: 878 نۇمۇر
    پۇل: 2557 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 559 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1082(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئۆزگىچە ژانىرغا ئىگە ئەسەر بولۇپلا قالماي ، كىشىدە بىلىپ بولمايدىغان ، دەرھال ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان ھىس - تۇيغۇ ھاسىل قىلىدىغان ئەسەر بوپتۇ . . . قەلەم قۇۋۋىتىڭىز  ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ئىكەن . تۇرمۇشتىكى ئەنە شۇنداق كىچىك ھادىسلەر ئىچىگە ئاجايىپ چوڭقۇر مەنالار يوشۇرۇنغان بولىدۇ . . . ئاشۇ مەنالار ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنى  تەپەككۈر دۇنياسىغا سۇنۇش كىشىگە بەختىيارلىق ئاتا قىلىدۇ . . .
    ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ تور ئەھلىنىڭ مەنىۋىيىتىگە يامغۇر بولۇپ ياققايسىز !!!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    يانپاشقا چىققاننى ئاتمىساڭ ،ئۆلگۈچە نادامەت چېكىسەن
    617743071   QQ
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 09:14 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    qunduzay
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29192
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 199
    شۆھرەت: 229 نۇمۇر
    پۇل: 816 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 257(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    تەپەككۈر ئۈنچىلىرىڭىزگە ئاپىرىن ئاشكار!

    كىشىنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان نەرسىلەرنى يېزىپسىز. فىليەتونلار دەپ قويساق بولامدۇ بۇلارنى؟
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 09:15 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    مىسران
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31338
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 230
    شۆھرەت: 250 نۇمۇر
    پۇل: 753 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1719(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ھەممەيلەن كاللىمىزدىكى ئاشۇ «ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن»لارنى ھىس قىلساق، ھېس قىپلا قالماي  ئاشۇلار توغرىىسدا چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باقالىساق ئىشنىمەنكى ھايات يولىمىزدىكى بىر قېتىملىق ئۇھسىنىش بولسىمۇ ئازلايدۇ.
    تىما ئىگىسى رەھمەت. ئاشكارىجان يېقىندىن بۇيان تاللا بازىرىدىكى سەرخىل ماللاردەك رەڭدار تىمىلىرىڭىز كۆپىيىپ قالدى. كۆز تەگمىسۇن.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 09:30 PM |
    Yurtum Elani
    jasos007
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 35524
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 705
    شۆھرەت: 775 نۇمۇر
    پۇل: 2347 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1144(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئاشكارا دوستۇم تەپەككۇرىڭنىڭ ئۆتكۆرلىكىگە قايىل بولدۇم .
    يىزىش ماھارىتىڭمۇ بەك ياخشى كەن .
    مۇنبەر باشقۇر غۇچىلىرى بوسا بۇ تىماڭنى نادىرلىسا بوغىدەك.
    دىيارىمدا قەلىمى كۇچلۇكلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
    Okyan
    مۇمكىن ئەمەس دىگەن سۆز پەقەت نادانلارنىڭ لوغىتىدىن تىپىلىدۇ.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 09:40 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    bislan
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34543
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 72
    شۆھرەت: 87 نۇمۇر
    پۇل: 437 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئىنىم ئاشكار سىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئوزگۇچە ئۇسۇلۇبتا يازغان تىمىللىرىڭىزنى  ياقتۇرمەن تەپەككۇرڭىز
    ئۇزۇلۇپ قالمۇسۇن  سىزگە رەخمەت .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 11:08 PM |
    Yurtum Elani
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1675
    شۆھرەت: 2385 نۇمۇر
    پۇل: 10041 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1737(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

       خۇددى قۇناخۇننىڭ ئىنكاسىدا ئېيتىلغاندەك،تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىمۇ ئەڭ چوڭقۇر مەنالار يوشۇرۇلغان بولىدۇ.ئادەم بەزىدە ئۆزى بىلىپ-بىلمەي ئاشۇ ئىشلاردىن ئۆزىنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىق ياكى غالىپلىقنى كۆرۈپ قالىدۇ. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ روھى دۇنياسىنى چۈشىنىپ قالىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنداق چۈشۈنۈۋېلىشمۇ بىر خىل ماھارەت بولسا كېرەك......
       قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە بارىكاللا،ئاشكار. ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

      
       ھە،راس. دەسلەپكى تېمىڭىزدىكى بايانلارنىمۇ ئۇشبۇ تېمىغا قوشۇپ تەھرىرلەپ قويدۇم.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    سىز نېمە ئۈچۈن، ۋەدە قىلىشقا بەك ئامراق؟!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 11:20 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    axkar
    باشقىلارھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29393
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 956
    شۆھرەت: 1356 نۇمۇر
    پۇل: 1323 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 141 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 481(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    گۈزەل ھەدە  مەنمۇ بۇ پارچىلارنى ھىلىقى بۇگۈن ئاشكارنىڭ دىگىنى ھىساب دىگەنگە ئۇلاپ قۇياي دىگەن .  ئويلىغىنىمدەك قىلىپسىز .  رەھمەت سىزگە .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 11:22 PM |
    Yurtum Elani
    mira
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35233
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    شۆھرەت: 96 نۇمۇر
    پۇل: 373 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    پىكىر قىلمىغان مىڭىنىڭ قىممىتى يوق............
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
      UY_SPY
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 11:31 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    aklaqin
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24268
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 557
    شۆھرەت: 692 نۇمۇر
    پۇل: 2989 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1079(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئۇكام ئاشكار ئۇنىڭدىن-  بۇنىڭدىن دەپ شۇنداق  ياخشى ئەمىلى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، قەلەم كۇچىڭىزگە بارىكاللا . بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق تېمىلارنى كۈرۇپ تۇرۇشقا نىسىپ قىلغايسىز .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 11:58 PM |
    Yurtum Elani
    zulhuma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29143
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 386
    شۆھرەت: 426 نۇمۇر
    پۇل: 1513 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 763(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بۇ تېمىنى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا يېزىپسىز ، مەزمۇنى شۇنداق مەنىلىك ، سىزنىڭ يازغان تېمىلىرڭىز ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ ئاشكار ، ئوقىغان كىشىگە بىر خىل زوق بېغىشلايدۇ
    قەلەم قۇۋىتىڭىزگە ئاپىرىن
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-09 11:59 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    manzilim.cn
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30035
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    شۆھرەت: 70 نۇمۇر
    پۇل: 302 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02

     

    سىزنى بىر مۇكاپاتلىۋاتاي دىسەم .
    لىكىن بۇ يەردە مۇكاپاتلايدىغان بىرەر نەرسە يوق.
    لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇ گۈل ئارقىلىق كۆڭلۈمنى ئىپادىلەي.
    قۇبۇل قىلىڭ!



    http://www.qqrim.cn/bbs
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-10 12:40 AM |
    Yurtum Elani
    koinlon
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31671
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 145
    شۆھرەت: 145 نۇمۇر
    پۇل: 475 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

      خېلى مەزمۇنلۇق نەسىرلەر ئىكەن، رەھمەت.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-10 01:41 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    arkam82
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8925
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 34
    شۆھرەت: 104 نۇمۇر
    پۇل: 832 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 358(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12

     

      ئۆز ئۇسلۇبىڭىزدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ، كەلگۈسىدە ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز «مەمتىمىن ھۇشۇر»دەك، ئۇسلۇبلۇق يازغۇچى بولۇشىڭىزغا تېلەكداشمەن.
    ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىق ئىشلىرى مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىسۇن!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-10 02:24 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.077245(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:17
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号