چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 1385 قېتىم كۆرۈلدى
mehrigiya
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 8104
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 554
شۆھرەت: 344 نۇمۇر
پۇل: 2145 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 545(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 مېھرىگىيا شېئىرلار توپلىمى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saba7911 تەرپىدىن (2009-01-07)دە نادىرلاندى
( مېھرىگىيا )قىزنىڭ تەلىۋى

گۈل ئەمەسمەن گۈلگە ئوخشاتما مېنى ،
چۈنكى گۈللەر بىمەھەل توزۇپ كېتەر .
ئاي ئەمەسمەن ئايغا ئوخشاتما مېنى ،
ئاي قۇياشسىز يەرگە قانداق نۇر تۆكەر .

ئوت ئەمەسمەن چوغقا ئوخشاتما مېنى ،
بولمىساڭ ئۇندىن ئاگاھ زەخمەت يېتەر .
ئوخشىغۇم بار باغلارغا   بۇلاقلارغا ،
چۈنكى ئۇلار ئەل قەلبىنى شات ئېتەر .


( مېھرىگىيا )تۈزىلەرمۇ بۇ تەڭسىز جاھان

ئۆتەر كۈنلەر مەنادىن يىراق ،
مۇڭ تۆكىدۇ يېنىمدا ھەميان .
غەملىرىم كۆپ تىنىچسىز كۆڭۈل ،
ئىزگۈ تىلەك كۆتۈرەر غەليان .
تەڭسىزلىكتىن ئېزىلگەن يۈرەك ،
ئەجەپمۇ بىر قىينالدى بۇ جان .
يوقالغانتى بولمىسا ئەسلى ،
ھۇجۇدۇمدا قۇترىغان شەيتان .
يوللىرىمدا تالاي مۈشكۈلات ،
ئىشلىرىم ھەم يۈرۈشمەس راۋان .
ھەسرىتىمگە ھەسرەت قوشۇلۇپ ،
بۇ ھاياتىم قىلىدۇ داۋام .
ئىخلاس بىلەن تىلەپ كېتىمەن ،
يورۇسا دىل كۈچەيسە ئىمان .
ياشنار ئىدى ئۆمۈر بېغىمىز ،
رەزىللىكلەر يوقالسا تامام .
قاچانمۇ بىر كۈلەرمىز چىندىن ،
تۈزىلەرمۇ بۇ تەڭسىز جاھان ؟
ئەل بەختىنى كۆرۈش ئىستىگىم ،
چۈنكى خەلقىم بولغاچ مەن ئامان .
ئەسلىمىزنى ئىزلەپ تېپىشقا ،
بۇ ھاياتتا بارمىكىن ئىمكان ؟ ! .......


( مېھرىگىيا ) كۈزىتىش

قارىسام بەزىدە يۈرەك بېغىڭغا،
تىكەنمۇ تەپ تارتماي قالاركەن ئۈنۈپ .
گۈللەرنى سۆيۈشكە كۆنگەن يۈرۈگۈڭ،
قالاركەن بەزىدە ئۇنىمۇ سۆيۈپ .

بىمەنە ھىسلىرىڭ چەيلەنسە ئەگەر ،
ئىرادە گۈللىرىڭ قالاركەن ئۆلۈپ .
ھەيرانمەن پەرۋانە بولساڭمۇ ئۆزۈڭ ،
باقماپسەن بىر نۆۋەت ھەقىقى كۆيۈپ .

   ( مېھرىگىيا ) گۈل باھار

تەبىئەت ئەسىر ئەتتى كۆڭۈللەرنى ،
كۆرگىنە قىزىل گۈلدەك جۇلالايدۇ .
بولغاشقا ئاشىناسى مانا ئەمدى ،
نەزمىكەش غەزەلخانلار تۇرالمايدۇ .

ئالتۇن تەر تۆكۈلىدۇ   ئېتىزلارغا ،
ئەجىرسىز ھايات مەنا تاپالمايدۇ .
يۇرتۇمنىڭ ھەر بىر بېغى تۈمەن جەننەت ،
كىرگەنلەر شەيدا بولۇپ چىقالمايدۇ .

بۇلبۇللار مەستخۇش بولۇپ ناخشا ئېيتار ،
ناۋاسى بەك يېقىملىق جاراڭلايدۇ .
دەل -دەرەخ قاراپ ئاڭا شىۋىرلىشىپ ،
مۇھەببەت دەپتىرىنى ۋاراقلايدۇ .

ئاسماننىڭ دىلىنىمۇ ئۆرتەپ ئىشىق ،
ۋىسالغا تەلمۈرۈتۈپ يىغلاتتى ھەم ،
ئاھ ئۇرۇپ قايغۇرغانچە سورىدى ئۇ ،
بۇ جايغا گۈزەللىكنى كىم قىلدى جەم ؟

«گۈل باھار »بۇ زىمىننى گۈل قىلدى دەپ ،
خوش خەۋەر شوخ شامالدىن يەتتى سەھەر .
زىمىنمۇ كىيدى كۆركەم يېشىل لىباس ،
ھاياتلىق داۋام ئەتتى ئاقتى كەۋسەر .

( مېھرىگىيا ) قوغلىمىغىن باغرىڭدىن مېنى

ئانامنىڭ باغرىدەك تۇيۇلغاش ئىللىق ،
زىمىننىڭ باغرىغا ياقتىم يۈزۈمنى .
دىلىمغا كۆمۈگلۈك دەرتلىرىم شۇندا ،
تۆكۈلدى ياپراق بوپ سۆيۈپ زىمىننى .
ۋە لېكىن ئىتتەردى زىمىن باغرىدىن ،
ئۇلغايدى ھەسرىتىم ئىزلەپ ئىزىمنى .

دىدىممەن ئەلەمدە ئى ئانا تۇپراق ،
قوغلىما يېنىڭدىن زەئىپ روھىمنى .
سەنمۇ ھەم قوينۇڭغا ئالمىساڭ مېنى ،
ئېيت كىممۇ سورايدۇ مېنىڭ ھالىمنى .
ئايانغۇ ئۆزۈڭگە بارچە سىرلىرىم ،
تاپالماي ياشىدىم باھار - يازىمنى .

زىمىندىن ئەشۇ چاغ كەلدى بىر سادا ،
بىلەرمەن ئى ئىنسان ئاھۇ - زارىڭنى .
بىلىمەن شۇ قەدەر بەختى قارىسەن ،
بىلىمەن ئېزىقىپ سۆيگەن يارىڭنى .
قىلىسەن تىۋىنىپ باغرىمنى تاۋاپ ،
ئىزلەيسەن ئۆزۈڭنى جىمى بارىڭنى .

ددىممەن ئانامدەك ئەزىزسەن زىمىن ،
پەقەتلا باغرىڭدا يۇياي داغىمنى .
ئىلىمدىن چاچايمەن قوينۇڭغا ئۇرۇق ،
گۈللەرگە ئورايمەن ھايات باغىمنى .
ساڭىمۇ بىر كۈنى قالارمەن ياراپ ،
باغرىڭغا پۈتەرسەن ئۇلۇغ نامىمنى .............

  ( مېھرىگىيا )ئۇيغۇر تائاملىرى

بىر سەنئەتتۇر ھەر قەلبنىڭ ئىشقى بار ،
بىر ھىكمەتتۇر ئەجدادىمنىڭ مىراسى .
ئېيتىپ باققىن شۇ كارامەت كىمدە بار ،
ئۇ مۇقەددەس بۈيۈگلۈكنىڭ بىناسى .

ئۇ قولى گۈل چىۋەرلىكنىڭ جەۋھىرى ،
ئۇ ئەقىلنىڭ دۇردانىسى چاچقۇسى .
تائام دىگەن ھاياتلىقنىڭ تەلىۋى ،
ئۇسىز ئىنسان قانداق قۇۋۋەت تاپقۇسى .

قەدىرلەيمەن ئۇيغۇرۇمنىڭ تائامى ،
يىمەكلىكلەر شاھىسەن بەك تاتلىقسەن .
سەن خەلقىمنىڭ ئەڭگۈشتەرى تەۋەرۈك ،
مىليون مېھىر -مۇھەببەتكە تالىقسەن .


( مېھرىگىيا ) قەدىردانىڭ بولالماي ئۆتتۈم

ياشىساقمۇ بىر ئۆيدە ئۇزاق ،
سۆزۈڭ ئىللىق نىگاھىڭ سوغاق .
گاھى تۈنلەر ئويغۇنۇپ قېلىپ ،
كۆردۈم سېنى نەچچە رەت ئويغاق .

يۈرۈگۈڭدە جانانىڭ تۇرۇپ ،
سۆيسەڭ مېنى كۆزلۈرۈڭ ياشتا .
مەنمۇ شۇدەم قىلدەك تولغۇنۇپ ،
ھەسرىتىڭگە بولىمەن ئاشنا .
ئەجەپ ئىكەن ھايات قىسمىتى ،
ئارزۇ باشقا رىئاللىق باشقا .

كۆپ ئويلۇدۇم قىيىنكەن ئەجەپ ،
ھايات سىرى تەكتىگە يەتمەك .
ئارمىنىمتى بۇرۇن سەن ئۈچۈن ،
پەرۋانىغا ئايلىنىپ كەتمەك .

بىراق ھازىر تاۋلىدى تۇرمۇش ،
ھارارەتسىز قەلبىڭ نە كېرەك .
يۈرەك دىگەن بىرگە سوقمىسا ،
سۆيگۈ قانداق ئاچار گۈل چېچەك .
مەنمۇ ئىنسان ئارمانلىرىم كۆپ ،
خالىماسمەن بولۇشنى بېزەك .

ئاھ ئامرىغىم سۆيسەممۇ سېنى ،
كۆزلىرىڭدىن ئامالسىز يۈتتۈم .
چۈنكى ئۆزۈڭ بىلىسەن جېنىم ،
قەدىردانىڭ بولالماي ئۆتتۈم .


( مېھرىگىيا ) قېنىۋالسۇن سۈتۈڭگە بوۋاق

ئەجەپ تولا يىغلايدۇ بوۋاق ،
كېچە - كۈندۈز قىلىدۇ قەغىش .
قانالمىغاچ ئانا سۈتىگە ،
ئانچە ياخشى بولمىدى پەرۋىش .

گۈل ھۆسنۈمنى يوقاتمايمەن دەپ ،
ئېمىتمىدى بوۋاقنى ئايال .
شۇڭا تولا يىغلىدى بالا ،
قالمىدى ھىچ قىلمىغان ئامال .

ئۆتتى كۈنلەر چارچىدى بالا ،
ئاچلىق ئۇنى قىينىدى يامان .
كۆنۈپ قالدى كالا سۈتىگە ،
نىمىلەرگە كۆنمەيدۇ ئىنسان .

بەكمۇ تەستە يېتىلدى بوۋاق ،
ئانىسىمۇ كەتتى ھەم چارچاپ .
ئۆتتى كېچە ئۇيقۇدىن بىدار ،
كەتتى بەزەن ھەتتاكى قاخشاپ .

ئويلاپ قالدىم قاراپ بۇ ھالغا ،
ئانا بولماق ئەمەستۇر ئاسان .
تۇغۇشتىنمۇ ئادەم قىلماق تەس ،
يېتىلەمدۇ بەرمىسە قۇربان .

سۈت بەرمىسەڭ بالاڭغا ئاياپ ،
قەرزىڭ ئادا بولارمۇ تولۇق .
ھالال سۈتى مېھنىتى بىلەن ،
ئەلمىساقتىن ئانىلار ئۇلۇغ .

گۈزەللىكنى ساقلىماق مۈشكۈل ،
يىللار سېنى قالدۇرمايدۇ ياش .
باھارىڭنى كېتەر ئوغۇرلاپ ،
چۈشەر قورۇق ئاقىرىدۇ باش .

كېچە - كۈندۈز قىلىدۇ قەغىش ،
ئەجەپ تولا يىغلايدۇ بوۋاق .
ياش چىرايلىق ئايالدىن سوراي ،
ئەمەسمۇ سەن بالاڭغا ئامراق ؟

پەرزەنت دىگەن يۈرەك پارەڭغۇ ،
ئۇنىڭ بىلەن ئۆچمەيدۇ چىراق .
ھايۋان سۈتى ئېمىپ يېتىلسە ،
تەبىئىتى   بولىدۇ   قانداق ؟
ئايىمىغىن بەرگىن سۈتۈڭنى ،
قېنىۋالسۇن سۈتۈڭگە بوۋاق !

  ( مېھرىگىيا ) پاكلىق ئۆمرى شۇنداق قىسقىمۇ

ئاخشام كۆرگەن غۇنچىنىڭ ئەنە ،
لەۋلىرىگە سۆيۈپتۇ شەبنەم .
توۋا ، ئاشۇ پاكلىق ئەجەبا ،
بولالماپتۇ مەڭگۈگە ھەمدەم .

پاكلىق ئۆمرى شۇنداق قىسقىمۇ ؟
چىرمىۋالدى تۈمەنمىڭ سوئال .
چىرمىۋالدى يۈرەكنى ئەلەم ،
باستى ئەجەپ بىر غېرىپ خىيال .

پاكلىغى يوق گۈزەللىك ئىكەن ،
قاناتلىرى سۇندۇرۇلغان قۇش .
بارچە بالا - قازا مەنبىيى ،
شۇ پاجىئە شۇ بىر يوقۇتۇش .

شۇڭا يۈرسۇن كۆڭۈل ھەمىشە ،
پاكلىق نۇرى چاقنىغان جايدا .
ئۇۋا ياساپ ئۆتسۇن مەڭگۈلۈك ،
ئۆز قەدرىنى ساقلىغان يارغا .

  ( مېھرىگىيا ) پاكلىق ۋە گۈزەللىك

بولۇپ قاپتۇ ھەممىسى گۈزەل ،
سېلىپ باقساڭ ئەتراپقا نەزەر .
قايسى سۈنئى قايسى تەبىئى ،
پەرق ئەتمەك تەستۇر شۇقەدەر .

ناپاكلارمۇ پاكلىنىپ قاپتۇ ،
شەيتانلارمۇ قىستى گۈللەرنى .
توستى تۇمان كۆزلەرنى شۇڭا ،
كۆرۈش مۈشكۈل نۇرلۇق يۈزلەرنى .

شەيئى ھامان قايتار ئەسلىگە ،
لېكىن پاكلىق كەلمەس ئەسلىگە .
قىش كىيسىمۇ پاكىز ئاق لىباس ،
تەڭ ئەمەسقۇ باھار پەسلىگە .

گۈزەللىكنىڭ قەدرى پاكلىقتا ،
بۇ ھىكمەتنى ھەرگىز ئۇنۇتما .
يۈرۈگۈڭنى بەرمە ئالدىراپ ،
كۆرۈنسىلا گۈزەل دىلرەبا .

جاھاندىكى گۈزەل نەرسىلەر ،
تارتسىمۇ گەر ئىنسان مەيلىنى .
تېگىشمىگەن ھىچكىمگە مەجنۇن ،
قارا قۇمچاق ئوماق لەيلىنى .

گۈزەل دىمە كۆرۈنسە گۈلدەك ،
چۈشەنمىسەڭ قىلمىغىن ھەۋەس .
ھايات گۈزەل بولسىمۇ لېكىن ،
پاك ئۆتمىسە ئۇ گۈزەل ئەمەس .


( مېھرىگىيا )  يۈرەك

دانالاردىن ئاڭلىدىم بىر سۆز ،
تېنىمىزدە بىر پارچە گۆش بار .
ئۇ بۇزۇلسا بۇزۇلار ئىنسان ،
گۈزەللىكلەر تامام يوقۇلار .

ئۇ تۈزەلسە تۈزىلەر ئىنسان ،
قاراڭغۇلۇق تاشلىماس سايە .
ئۇزۇن ياشاي دىسەڭ ئالەمدە ،
قىلما ئۇنى بىھۇدە پارە .

سەن ئۇنىڭسىز رولسىز ماشىنا ،
ئۇندا جىسمىڭ نىمە قىممىتى .
ئۇ بولمىسا بولماس مۇھەببەت ،
يىمىرىلمەس شۇڭا خىسلىتى .

( مېھرىگىيا ) بىچارە سۆيگۈ

سۆيگۈمىز بىچارە بەكمۇ بىچارە ،
چۈنكى سەن بىۋاپا مەن ھەم بىۋاپا .
يۈرەكلەر بوپ كەتكەن بۇرۇنلا پارە ،
يۈرۈمىز بۇنىڭغا تاپالماي داۋا .

كۆرۈشۈپ كۈلۈشۈپ قىزغىن كۆيۈشۈپ ،
يۈرسەكمۇ لەززەتسىز بىلىنەر ھامان .
سۆيگۈگە خىيانەت تاشلىغان سايە ،
يوشۇرۇپ يۈرسەكمۇ كۆڭۈلگە ئايان .

ۋە لېكىن سەن مېنىڭ مەنمۇ ھەم سېنىڭ ،
ئىككى تەن بىر - بىرىن قىلىشقان قامال .
مۇھەببەت بېغىدا بولسىمۇ باھار ،
يوقالماس ئەبەدى بىر ئاچچىق شامال .


  ( مېھرىگىيا )ئۆچكەن ئوت

ئۇنتۇلغان چۈش ئىدىڭ ئەسلا كۆرگۈم يوق،
قاچساممۇ سېنىڭدىن بولمىدى ئامال .
نە ئۈچۈن خىلۋەتتە قالارسەن ئۇچراپ ،
سۆيگۈمىز بۇرۇنلا   تاپقانغۇ   زاۋال .

ئۇچرىشىپ ئامالسىز سورىدىم ئەھۋال ،
كۆزلىرىڭ بىر ئىشنى ئەسلەتتى دەرھال .
مىڭ ئەپسۇس سەن بىلەن ئۇچراشقىنىمغا ،
يۈرۈگۈم شۇ كۈندىن ھەسرەتكە قامال!


  ( مېھرىگىيا )باھار سەيلىسى

ﻳﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪﻥ ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﺎﮬ ﺗﺎﻣﺎﻡ ،
ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺳﺎﻳﯩﯟﻩﻥ ﭼﯚﭘﻠﻪﺭ ﭘﺎﻳﺎﻧﺪﺍﺯ .
ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ﻏﻪﺯﻩﻝ ﯞﻩ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ،
ﺷﻮﺥ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﭼﺎﻟﻐﯘﺯﯨﺪﯗ ﺳﺎﺯ .

ﺩﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﯘﺭﯨﻼﺭ ﮔﯜﻝ -ﭼﯧﭽﻪﻙ ﮬﯩﺪﻯ ،
ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺭﯨﺰﯞﺍﻥ .
ﯞﯨﻠﯩﻘﻼﭖ ﻛﯜﻟﯩﺪﯗ ﻛﯩﻴﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﺑﯘﻻﻕ ،
ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﺘﺎﻝ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﺗﯩﺴﻪ ﮬﯩﺠﺮﺍﻥ .

ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ،
ﺯﻩﭖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﺎﻛﺎﻥ .
ﺯﻭﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﺩﯨﻠﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ ،
ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﮬﯚﺳﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻥ .

ﭼﯩﻠﻼﻳﺪﯗ ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺷﻮﺥ ﻛﯜﻟﯜﭖ ،
ﺯﯗﻣﺮﻩﺕ ﺳﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ ﻗﻮﺷﺎﻕ .
ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻦ ﻗﯘﭼﺎﻏﻼﺭ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺑﯩﺘﯩﻨﯩﻢ ،
ﺋﯩﻜﻪﻥ ﮬﻪ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ؟

ﻛﻪﻝ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺳﯩﺮﺩﯨﺸﯩﭗ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺳﻪﻳﻠﻰ ،
ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻗﯘﻡ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﯩﻞ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﻳﻼﻕ .
ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻥ ﺯﻭﻗﻠﯘﻧﯘﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ،
ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺵ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯩﻨﺎﻕ .

ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﺮﺩﺍﺷﺴﺎﻕ ﻣﺎﻧﺎ ،
ﺳﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﭼﺎﺧﭽﺎﻕ .
ﻗﯘﻳﺎﺷﻤﯘ ﻣﯚﻛﯜﻧﺪﻯ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ،
ﺋﺎﻱ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺋﻮﻣﺎﻕ .

ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﭗ ﺷﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ﻳﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﺳﯘﯞﺍﺩﺍﻥ ﺗﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ .
ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﻛﯚﺯ ﻗﯩﺴﺎﺭ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ،
ﻣﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﺋﺎﻱ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ .

ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻏﻪﻡ -ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺋﺎﺯﺍﭘﻤﯘ ﺷﯘ ﺩﻩﻡ ،
ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﻳﯧﻠﯩﻨﺠﺎﭖ ﭼﺎﭼﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺯﯨﻴﺎ .
ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﻩﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ،
ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﺎﺭ ﻣﺎﯕﺎ .
........................................
ﻳﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪﻥ ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﺎﮬ ﺗﺎﻣﺎﻡ ،
ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭ ﺗﯧﭙﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﺩﯨﻠﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ .



( مېھرىگىيا ) ئاشار شۇندا سۆيگۆنىڭ قەدرى

شۇنچە يۇچۇن شۇنچىلىك سوغۇق ،
كۆزلىرىڭدىن تارالغان شۇ نۇر .
بىر چاغ مېھىر بەرگەن تىلىڭدىن ،
مانا ھازىر ئاھانەت توزۇر .

كۆڭۈل دىگەن تۇيغۇن شۇ قەدەر ،
تۇيۇپ تۇردۇم تىلەكلىرىڭنى .
مەندىمۇ بار تىلەك بىلەمسەن ،
يۇيغۇم كېلەر يۈرەكلىرىڭنى .

يېپىشقىنىم قىلسىمۇ بىزار ،
سولاشسىمۇ گۈلۈمنىڭ بەرگى .
مۆلدۈرلىگەن كۆزلەرگە قارا ،
ئۇ ئەمەسمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئەسلى ؟
سىناقلارغا بەرگىن بەرداشلىق ،
ئاشار شۇندا سۆيگۈنىڭ قەدرى .

(مېھرىگىيا ) ئەجەپ ئازغۇن بىلەن يار بولدۇڭ

ئەجەپ ئازغۇن بىلەن يار بولدۇڭ ،
سۆيۈپ تۇرسام سېنى قەلبىمدىن .
مانا ھازىر ئۆزۈڭ خار بولدۇڭ ،
يانغاچقىمۇ ئاۋال ئەھدىڭدىن .

ئەجەپ ئازغۇن بىلەن يار بولدۇڭ ،
يۈرۈگۈڭگە سېلىندى قۇلۇپ .
تاپالمىدىڭ ئېچىشقا ئىمكان ،
ئۆتمۈشۈڭمۇ كەتتى ئۇنتۇلۇپ .

ئەجەپ ئازغۇن بىلەن يار بولدۇڭ ،
كېتەلمىدىڭ ئۇندىن قۇتۇلۇپ .
روھىدىكى چىقماس ۋابانى ،
قويغاچ ساڭا تامام يۇقتۇرۇپ .

ئەجەپ ئازغۇن بىلەن يار بولدۇڭ ،
يۈرەكلىرىم تۇرار ئېزىلىپ .
تاپالمىدىم  دەردىڭگە چارە .
پەقەت مىسكىم كۆڭۈل قەسىرىمگە
ئۆتكەن كۈنلەر ئاچچىق كەچمىشلەر
مىسرا بولۇپ قالدى تىزىلىپ ........

( مېھرىگىيا ) شىرىن چۈشلەر بۆشۈگىمۇسەن

شىرىن چۈشلەر بۆشۈگىمۇسەن ئۆزۈڭ ،
خۇرسەن قىلىپ دىلنى تاتلىق كۈلدۈرگەن .
كۆرگەچكىمۇ سەندە مېھىر تالايلار ،
ئۇز كۆرسۈتۈپ ئۆزىنى ھەم سۆيدۈرگەن .

شىرىن چۈشلەر بۆشۈگىمۇ سەن ئۆزۈڭ ،
جۇت بىلەن قۇت بىر كۈندىلا يېتىلگەن .
ياتقاچقىمۇ ئۆزۈڭ نازلىق ئۇيقۇدا ،
تەغدىرىڭگە ھىجران گۈلى چېكىلگەن .

شىرىن چۈشلەر بۆشۈگىمۇ سەن ئۆزۈڭ ،
ئۆزگىلەرگە سوغا بولۇپ كېتىلگەن .
ئىنسانمەنغۇ سېنى سۆيۈش ئەركىم بار ،
بۇنداق ھوقۇق ئەسلى ئوخشاش بېرىلگەن  .


( مېھرىگىيا ) نە سەۋەب قالدۇق كېيىن

ھىچ ۋاپا كۆرمەس كىشى خىيانەدكار كىشىلەردىن ،
لەۋزىگە قەسەمىگە يۈزى قارا پىرىملەردىن .
بولمىغاچ ئۇندىن ئاگاھ تارتتۇق مۇشۇنچە كۆپ زۇلۇم ،
كەينىدە قالدۇق ئەجەپ ئۆزگىدىن جىمى ئەلدىن .

ئويلايمەن مۇشۇ ھەقتە باسىدۇ بەك كۆپ خىيال ،
بىر يولى كەتسەك سەگىپ ئاڭا بىر يوقمۇ ئامال .
ھاياتتا ئىستەك شۇدۇر ئەل بەختىنى كۆرسەم دىگەن ،
ئارزۇيۇم كۈلسە تىلەك پات يېقىن تاپساق كامال .

ۋە لېكىن غەپلەتتە بىز روھىمىز ئەمەس تازا ،
ھەر ۋاقىت قايغان بۇ باش ئۆتەر كۆپ بىزدىن گۇنا .
چېھرىمىز كۈلگەن بىلەن دىلىمىز غەمناك ، يارا ،
نېنىمىز پۈتۈن تۇرۇپ تىلەپ يەپ كۆندۇقمۇيا ؟

نەق گېپىم ئىلىم بىلەن بىر يولى كەتسەك ئوزۇپ ،
بەختىمىز ئاچاتتى گۈل يولىمىز راۋان ئوچۇق .
ھەر بالا كەلسە يېڭەتتۇق ئېتىقاد بولسا دۇرۇس ،
تىلىگىم بولغاي نىسىپ بىزگە بىر يېڭى ئۇتۇق .

( مېھرىگىيا ) راستلا ئەتە ياز

ئاچچىق شامال ئىسقىرتسىمۇ ،
مەۋجۇتلىغىدىن بىشارەت بېرىپ .
ئۇرۇنىدۇ يۇمران مايسىلار ،
ئۆسۈش ئۈچۈن توڭلارنى يېرىپ .

چۇلغۇنىدۇ قەلبىم ھىسلارغا ،
باھار ھىدى ،
            شىرىن تۇيغۇدىن .
پەپىلەشتە سەپرا قىش بوۋاي ،
بەرمەك ئۈچۈن زەئىپ ئۇيقۇدىن .

ھاياتلىققا ئىنتىلەر جانلار ،
ئەتە ياز دەپ ئۈمۈدلىك بېقىپ .
قۇياش كۈلدى سالپايدى جۇدۇن ،
يەر مېھرىدىن ئەگىزلەر ئېقىپ .

ئەتە ياز ،
          ئەتە ياز ،
                    راستلا ئەتە ياز ،
چىچەكلەيدۇ بوغۇن - بوغۇنلار .
ياسىنىدۇ جەننەتتەك زىمىن ،
لەۋ چىشلەيدۇ قەلبى جۇدۇنلار .


( مېھرىگىيا )بىر ئىزگۈ تىلەكتە يېنىپ ياشايمەن


يۈرسەممۇ تىڭىرقاپ تۇيغۇم ئىچىدە ،
ئەزسىمۇ يۈرەكنى بىر دەردۇ - پىراق .
ئۆتسەممۇ تۈگۈمەس خىيال ئىلكىدە ،
جىسمىمغا كۈچ بېرەر بۇ ئانا تۇپراق .
يازىمەن بارچىنى قەلبىم بېتىگە ،
بولسىمۇ بۇ ھايات ئىززەتتىن يىراق .

غەيرىتىم بار لېكىن ئۆزۈم بىقوۋۇل ،
ئارمانلار چىچەكسىز قالار ئۆز پېتى .
ھىسلارمۇ يۈرەكتە بولار كونتورۇل ،
كۈۋەجەپ ئېقىشچۈن كېرەك يول خېتى .
گاھى بىر ئامەتلەر كەلسىمۇ ئۇدۇل ،
پېقىرنى كۆرگەندە يىقىلار ئېتى .

ھىچكىمدىن ئاغرىنىپ يۈرمەيمەن لېكىن ،
ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ قىسمىتى شورى .
گۇناھلار ئېغىرلاپ كەتكەچكىمىكىن ،
تاقالغان بىلىمەن بەختنىڭ يولى .
شۇندىمۇ ياشايمەن خەلقىمگە يېقىن ،
يورۇتار دىلىمنى ئۈمۈدنىڭ نۇرى .

شۇڭىمۇ ھاياتنى سۆيۈمەن قەۋەت ،
ھاياتتىن نېسىۋە تىلەپ ياشايمەن .
باھارغا يۈرۈگۈم تەلپۈنۈر ئەبەت ،
باھارنى نەزمەمگە قېتىپ ياشايمەن .
ئېنىقتۇر يۈرەكتە سۆيگۈ ۋە نەپرەت ،
بىر ئىزگۈ تىلەكتە يېنىپ ياشايمەن .


( مېھرىگىيا )بىر ئوت بار قەلبىمدە ئەبەتكە كۆيگەن .


ھەر كېچە سەن ئۈچۈن تىلىسەم تىلەك ،
قىلساممۇ ھەمىشە باغرىڭنى تاۋاپ .
سۆيسەممۇ يۈرەكتىن يوق سەندە مېھىر ،
بىر مۇدھىش زىمىستان تۇرۇدۇ ماراپ .

ئويغۇتار بەزىدە گۇڭگا سادالار ،
بولسىمۇ ئۆتمۈشۈم شۇقەدەر غۇۋا .
ئۆلگەن بىر سىمادەك كۆرۈنەر ھەممە ،
ئاھ شۇنچە رەھىمسىز قىسمەتكە گۇۋا .

كۆڭۈللەر شۇندىمۇ ئىزدەيدۇ باھار ،
بىر ئوت بار دىلىمدا ئەبەتكە كۆيگەن .
ئۈمۈدنىڭ شامىنى ئۆچۈرمەي پەقەت ،
بۇ شورلۇق قىسمەتكە زەھەرلىك كۈلگەن .

( مېھرىگىيا ) ئۇزاتما مېنى

خەيرى -خوش ئەزىزىم ئۇزاتما مېنى ،
ئۇزاتساڭ قىيالماي چېكىمەن ھەسرەت .
قالمىسۇن دىللاردا زەررىچە تۈگۈن ،
بولسىمۇ سۆيگۈمىز ئاچچىق رىۋايەت .

خەيرى -خوش ئەزىزىم ئۇزاتما مېنى ،
قالمىسۇن كۆڭۈلدە ھىجراننىڭ دېغى .
گەرچە بىز ئايرىلىپ كەتسەكمۇ بۈگۈن ،
تىلەيمەن سۇلمىسۇن ئۆمرۈڭنىڭ بېغى .

خەيرى -خوش ئەزىزىم ئۇزاتما مېنى ،
يۈرۈگۈڭ ئەلەمدىن بولمىسۇن زىدە .
بارچە دىل ئاغرىغى مەن بىلەن كەتسۇن ،
ھىچكىمدىن بىھۇدە ئاغرىنىپ يۈرمە .

خەيرى -خوش ئەزىزىم ئۇزاتما مېنى ،
كۆزلىرىڭ مېنى دەپ تۆكمىسۇن يامغۇر .
گەرچەبىز ۋىسالسىز ئۆتسەكمۇ مەڭگۈ ،
پاك سۆيگۈم قەلبىمدە پارلىغان بىر نۇر .

خەيرى -خوش ئەزىزىم ئۇزاتما مېنى ،
ئۇزاتساڭ قىيالماي چېكىمەن ھەسرەت .
باھارنى سۆيگەندەك سۆيگەنتىم سېنى ،
ساقلىنار شۇ سۆيگۈم قەلبىمدە پەقەت .


   ( مېھرىگىيا )ئايال ئۈچۈن ئويلان ، تىللىما ......

ئازغۇنلۇقتا ئۆتتى باھارى ،
ﻛﯚﭖ ﺩﯨﻠﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺋﺎﺯﺍﺭﻯ .
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﮔﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﯩﻘﯘﯞﻩﺕ ،
ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﻣﺎﺩﺍﺭﻯ .
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﻟﻪﻧﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،
ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻐﺎ بولدى سازايى .

ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﭽﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻤﯘ ،
ﮬﻪﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﺱ ﺯﺍﺩﻯ .
ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺧﺎﺭ ﺯﻩﺑﯘﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﺪﻯ ﺗﺎﺭﻯ .
ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﮔﻪﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ،
ﺷﯘ ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﯚﺯ ﻳﺎﺭﻯ .

ﺋﯚﺗﺘﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﺪﻯ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺵ ،
ﻧﯩﺠﯩﺲ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﭼﯩﺮﻣﯩﺪﻯ ﻗﺎﺕ - ﻗﺎﺕ .
ﻧﻪﭼﭽﯩﻠﯩگەن ﺑﺎﮬﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ،
ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﺳﯘﻧﺪﯨﻐﯘ ﻗﺎﻧﺎﺕ .
ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﺧﺎﺯﺍﻥ ،
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭺ ﺋﺎﯞﺍﺕ .

ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪﺭ ﺗﯩﻞ ﺳﺎﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ .
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯘﻟﻐﯘﻧﯘﭖ ،
ﺋﺎﮬﺎﻧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳﯜﺭﻛﻪﻟﺪﻯ ﻳﯜﺯﮔﻪ .
ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻱ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ،
ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﮔﯚﺭﮔﻪ .

ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﭘﺎﻛﻼﻧﺴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،
ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ .
ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﯩﻼ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﮔﻪﺭ ،
ﺗﯜﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﯖﻰ .
ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ،
ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﮬﻪﻡ ﻳﯧﯖﻰ .

ﺩﯨﮕﯜﻡ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،
ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﻼﻧﺴﺎ ﻗﻪﺩﺩﻯ .
ﺑﻪلكىم ﺑﻪﺧﺖ ﭼﺎﭼﺎﺗﺘﻰ ﺯﯨﻴﺎ ،
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﺎﺗﺘﻰ ﻗﻪﺩﺭﻯ .
ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ،
ﺋﯘﺧﻠﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺩﺩﻯ ؟.....

ﺷﯘﯕﺎ ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﺑﺎﺳﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ،
ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ﺋﯘﺩﯗﻡ .
ﺗﯜﺯﯛﻟﻪﻳﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﮬﻪﻣﻤﻪ ،
ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ .
ﺋۆﭽﻪﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍ ،
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ .


( مېھرىگىيا )سېنىڭسىز


بەكمۇ گۈزەل خىيالدەك باغرىم ،
چاقىرىدۇ قەلبىڭنى ئۈنسىز.
سۈكۈتلەرگە مەھكۇم دىلىمدىن،
كۆزلىرىڭگەباقتىم ئۈمۈدسىز.

شېئىر  بولۇپ يىزىلغۇم كەلدى،
ناخشا بولۇپ ئىيتىلغۇم كەلدى.
بىرچاغ مېھىر بەرگەن قەلبىڭدە،
گۈللەر كەبى ئىچىلغۇم كەلدى.
بىراق بۆلدۈڭ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ،
يۈرۈگۈمنى تىلغاپ تىۋىشسىز.

باھار كېلىپ كۈلسىمۇ زىمىن،
كۈلمىدى بۇ قەلبىم بىر تېمىم.
يىدى ئۆيدە ھەتتا تۆت تېمىم،
سەبىلىرىڭ سورىسا سوئال،
تالاي قىتىم قويدۇم جاۋاپسىز.

تەبەسسۇمىڭ ئۆچكەن يۈزۈڭدىن،
ئوت چاچرىماس سىرلىق كۆزۈڭدىن.
سىزەلمەيدۇ ئۆزگىلەر ھەرگىز،
سىزەلمەيمەن  بەزىدە ھەتتا
تانغىنىڭنى سىلىق سۆزۈڭدىن.
ئىتائەتلىك قەلبىمنى ئاستا،
كۆمۈپ قويدۇڭ قىزىل تۇپراققا
مىڭ چۈمۈلە چاقتى تىنىمسىز.

كاھىش تاملىق ئايۋان-سارايلار،
يۈرۈگۈمنى باسار تاغ بولۇپ.
مەسخىرىلىك باقسا چىرايلار،
مەن يۈرىمەن يالغاننى توقۇپ.
سۆيسەممۇ گەر ھاياتنى دىلدىن
بەزدىم بەزەن ھەممە ھەممىدىن
ئۆزۈمدىنمۇ بولۇپ كۆڭۈلسىز.

سېخىي بولغۇم كەلدى بەزىدە،
بېرىۋىتەي دىدىم مەن سىنى.
بېرۋىتەي دىدىم بىراقلا،
يۈرۈگۈمنىڭ ئاقسىمۇ قېنى.
لىكىن بىر ئوت كۆيدى چاراسلاپ،
سەن چۈشۈمگە ئايلانغان كۈنى .
ئورتاق مۈلۈك بولساڭمۇ جېنىم ،
بەرگۈم كەلمىدى ھىچكىمگە سېنى .
باققىن شۇڭا ئوماقلىرىڭغا ،
بولمىغىن ئاھ ئۇنچە بىلىمسىز .

ئويلىسام
خىيالدىكى گۈزەل جەننىتىم ،
قۇرۇلمايدىكەن ھىدىڭ بولمىسا .
ئېچىلمايدىكەن گۈللەر مېھىرسىز ،
پەرۋىشىممۇ كار قىلماي ئەسلا .
يۈرۈگۈمنى تىڭشىسام تالاي ،
كۆزلىرىمگە تىقىلدى توپا .
شۇڭا قالدىم ئامالسىز
يۈرۈگۈڭگە تىلىدىم يامغۇر
ياشىغۇم يوق بىلەمسەن شۇنى ،
بۇ دۇنيادا پەقەت سېنىڭسىز !



( مېھرىگىيا ) قىلمىغىن يىراق

يۈرمىدىم تەڭرىم بىلىسەن تائەت - ئىبادەتتىن يىراق ،
ھەم بولمىدىم ھازىرغىچە جەبرى - مۇشەققەتتىن يىراق .

شۇنچە سادىق بولدۇم نىگارغا جان - پىدا قىلدىم ھامان ،
ۋە لېكىن كۆڭلۈم بولالماس دەشنۇ - ئاھانەتتىن يىراق .

شۇنچە مېھنەت شۇنچە ئەجرىم كەتتى نەلەرگە ئۇچۇپ ،
بۇ بېشىم ھىچ بولمىدى قايغۇ - نادامەتتىن يىراق .

زارىقىپ كۈتتۈم باھارنى ئۇنىڭدىن ھىچ ئۈزمەي ئۈمۈد ،
بولمىغاچ بۇ ھالىم پەقەت خارلىق - ئاسارەتتىن يىراق .

رەھمىتىڭدىن قوغلىنىش ھەم بولمىسۇن قىسمەتلىرىم ،
چۈنكى ئەمەسقۇ ئۆزۈڭ ئەدلۇ - ئادالەتتىن يىراق .

جىسمىمدە مەۋجۇت بىر ئىرادە كۈچ بېرىپ تۇرار ھامان ،
قىلمىغايسەن مېنى ھەرگىز بەخت - سائادەتتىن يىراق .

ئىلتىجارىم يەتكەي پەقەت ئى ئۇلۇغ رەببىم ساڭا ،
قىلمىغىن مېھرىنى ئەمدى مېھرى - مۇھەببەتتىن يىراق .


بۇلارنىڭ ھەممىسى راستمۇ ؟

ﺳﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﭘﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ ؟
ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ﺑﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﺎﯞﺍﺳﻰ ﻳﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ ؟

ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﭖ ﻧﯩﭽﯜﻥ ﻗﺎﺧﺸﺎﻝ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻯ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،
ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯚﻟﺪﯛﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ ؟

ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ،
ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﯨﻦ ﻳﺎﭘﻘﺎﻥ ﺳﻪﺗﻪﯕﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ ؟

ﺋﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻳﺎﺗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺩﻩﻙ ،
ﺑﯘﻻﻧﺴﺎ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯔ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺑﺎﻻﯕﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ ؟

ﺳﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﺩﯗ ﺳﯧﺰﯨﻤﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﺟﯩﺴﻤﯩﯔ ،
ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﻪﻙ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﮬﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ ؟

ﺋﯜﻣﯜﺩﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﻐﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﮬﻪﺗﺘﺎ ،
ﻳﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﭼﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ ، ﺩﯨﻠﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ ؟...........

  ( مېھرىگىيا ) مۈمكىن ئەمەس

جەزبىدارمەن ئۆتمۈشۈمگە ئوخشۇشۇم مۈمكىن ئەمەس ،
بولغاچ مەدەت ماڭا خەلقىم قورقۇشۇم مۈمكىن ئەمەس .

شۇنچە يارقىن بىر گۈزەل تاڭ بالقىتىپ چاچماقتا نۇر ،
ئاۋارە بوپ توسما يولۇم توختۇشۇم مۈمكىن ئەمەس ،

بولدى بەس بولدۇم بىزار ئەللەيلىرىڭنى نېرى تارت ،
بەزلىمە سىيلاپمۇ كەتمە ئۇخلىشىم مۈمكىن ئەمەس .

توۋلىغۇم كەلدى ئەجەپ بارچە ئاۋازىم ئەۋجىدە ،
خوشلۇغۇڭچۈن ئۆز - ئۆزەمنى بوغۇشۇم مۈمكىن ئەمەس .

سەن قىزىل كۆز كۈيلە مېنى دەپ ھەسەتتە يۈرمىگىن ،
بۇ بەختنىڭ قوشىغىغا قوشىشىم مۈمكىن ئەمەس .

«سەن مېنىڭدىن ئايرىلىپ يىغلايسە »دەپ قورقۇتمىغىن ،
سەن ۋاپاسىز يارىم بىلەن ياشىشىم مۈمكىن ئەمەس .


( مېھرىگىيا ) ئانا يۇرت سۆيگۈسى

غېرىپنىڭ قولىنى تۇتقان غېنىنىڭ قوللىرى باشقا ،
پېقىر-مىسكىن ئۈچۈن بەرگەن سېخىنىڭ پۇللىرى باشقا .

ئەنە كۆرگىن سۈرەن -شاۋقۇن ساياھەت بەزمىلەر بۇ دەم ،
ئاۋامنىڭ غېمىنى يىگەن ئەزىزنىڭ كۈنلىرى باشقا .

غېرىپ تاھىرنى كۆپ كۈيلەپ ئېغىزلارمۇ قۇرۇپ كەتتى ،
ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ماڭغان شېھىتنىڭ يوللىرى باشقا .

مېنىڭغۇ قۇت ، شەرەپ -شاندىن ئاتاقلاردىن تامايىم يوق ،
لېكىن خەلقىم ئۆزى تۇتقان سائادەت گۈللىرى باشقا .

مۇھەببەت ئىشقى دەۋاسى قىلىش مەندىن يىراق بولسۇن ،
ئانا يۇرتچۈن كۆيەر قەلبىم يۈرەكنىڭ كۈيلىرى باشقا .

ئېلىمچۈن خەستە باشىمنى قىلاي قۇربان تۈمەنمىڭ رەت ،
كۆيەي مەيلى ئاقاي مەيلى ۋەتەننىڭ سۇلىرى باشقا .


( مېھرىگىيا ) ئۆز ئۆزىنى بەزلەش

  ئېسىمدىن لالە باغىمنى خازان قىلغانلىرىڭ كەتمەس ،
ئاتەشلىك ئوت يۈرەگىمنى يېرىپ تىلغانلىرىڭ كەتمەس .

لېكىن كۆڭۈل ئەجەپ ئازغۇن گۈزەل چېھرىڭگە ئالدانغان ،
جۇلالىقسەن ئۆزۈڭ گۈلدەك بويۇڭ يىپەك خېنىم ئەتلەس .

ئاداۋەتنى يامان دەيدۇ ئەجەپ بۇ دىل كۆيەر ئوتتا ،
ئۆكۈنسەممۇ ساڭا بىلگىن مەندىن  پەقەت ئازار  يەتمەس .

جاھاندا بەلكى يوق سەندەك سۆيگۈسىگە خىيانەتكار  ،
ئۆزۈم ئاخماق ئۆزۈم ئازغۇن سېنىڭدەكتىن ئۈمۈد كۈتكەچ .

ئەجەب بىر رەنجىدە قالدىم يۈرەگىمگە تولۇپ ھەسرەت ،
بىراق بىر كۈن كۈلەر قەلبىم  كۈنۈم بۇنداق ئۆتۈۋەرمەس .

ئەزىز جانىم ئامان بولسا يېلىنماسمەن ساڭا ئەمدى ،
سېزىپ قالدىم بىلىپ قالدىم قىلىپ مىھرىڭ دىلىمنى غەش .

ئەزەلدىنلا گۈزەللەرنىڭ سىناغىدىن ئۆتۈش مۈشكۈل ،
لېكىن ئەمدى ئىگىزلەرگە ئانارىمغا قولۇڭ يەتمەس .


( مېھرىگىيا ) ساڭا نەپرىتىم كەلدى
( بىر قىزنىڭ بايانى )

كىشىنىڭ ھەققىگە سۇنغان قولۇڭغا نەپرىتىم كەلدى ،
ھەقىقەت ئىزىدىن تانغان يولۇڭغا نەپرىتىم كەلدى .

نېسىۋە تۇرسىمۇ ياندا قانائەت قىلمىدىڭ ئەسلا ،
ھالاللىق لەۋزىگە تۇزكور خۇيۇڭغا نەپرىتىم كەلدى .

باھارنى سۆيمىدىڭ دىلدىن ئۇنىڭسىز قاينىدى بەزمەڭ ،
تۇزى كام شۇ قەدەر تەمسىز كۈيۈڭگە نەپرىتىم كەلدى .

خىيانەت لوڭقىسى ئىچرە سولاشقان جىلۋىسىز گۈلنى ،
يۈرەكلىك گۈل قىلىپ قىسقان بويۇڭغا نەپرىتىم كەلدى .

يېنىڭدا تۇرسىمۇ گۈلدەك ئەقىدەڭ دىلبىرى مىسكىن ،
ئۇنى قان يىغلىتىپ قىلغان تويۇڭغا نەپرىتىم كەلدى  
[ بۇ يازما mehrigiya تەرپىدىن2009-01-09 10:01 PMدە ق ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-07, 13:43
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(sirajil) ئىجادىي
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئىجادىي مەزم ..
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئىجادىي مەزم ..
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    ئۆلۈم -كىشىگە يېتەرلىك پەندى - نەسىھەتتۇر .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-07 09:06 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ayjahan
    يۈرۈگۈم سەن ئۈچۈنلا سوقىدۇ!...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1100
    شۆھرەت: 1324 نۇمۇر
    پۇل: 710 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    مىھرىگىيا ھەدە،سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزئادەمنى بەكمۇ  ھۇزۇرلاندۇرىدۇ،بەدئىلكى بەكمۇ يۇقىرى،ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ.ئىلھاملىرىڭىزغا اللا ئېگەم بەرىكەت ئاتا قىلغاي،ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق،تىنىڭىزنىڭ سالامەت،ئائىلىڭىزنىڭ تىنىچ-بەخىتلىك،تۇرمىشىڭىزنىڭ خاتىرجەم بولىشىنى اللاھ ئېگەمدىندىن تىلەيمەن.
    [ بۇ يازما ayjahan تەرپىدىن2009-01-07 11:00 PMدە قاي ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئىچىملىك- ئاغزىغا كەلگەن گەپنى چىقىرۋەتمەي يۇتىۋېتىشتۇر!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-07 09:58 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    albeniluna
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27160
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

     

    بۇنچىۋالا كۆپ شېئىرنى نەدىن تاپتىڭىز       270256220 : QQ
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-07 10:32 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    ay-yultuz
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25677
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 79
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 410 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-11

     

    مىھرىگىيا ئاچا ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز  كىشىگە ئىستىتىك  زوق  بېغىشلايدۇ .
    ئەقلىڭىز  ۋە  قولىڭىزغا  دەرت  كەلمىگەي .  تېخىمۇ كۆپ  نادىر  ئەسەرلەرنى  روياپقا  چىقىرىشىڭىزغا  تىلەكداشمەن .
    تىنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىڭىزغا  ئۇتۇق ، ئائىلىڭىزگە  بەخىت  تىلەيمەن .

                  
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-07 10:38 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    ay-yultuz
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25677
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 79
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 410 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-11

     

    مىھرىگىيا  خانىم بۇ شېئىرلارنى  تاغ-دەريالاردىن ،  تۇرمۇشتىن  تېپىۋالغاندەك  قىلىدۇ .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-07 10:44 PM |
    Yurtum Elani
    mehrigiya
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8104
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 554
    شۆھرەت: 344 نۇمۇر
    پۇل: 2145 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 545(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئايجاھان ، ئاي يۇلتۇز سىڭلىللىرىم ، شېئىرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر . سىلەرگە خوشاللىق يار بولسۇن !
    Okyan
    ئۆلۈم -كىشىگە يېتەرلىك پەندى - نەسىھەتتۇر .
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-07 10:56 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ayjahan
    يۈرۈگۈم سەن ئۈچۈنلا سوقىدۇ!...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1100
    شۆھرەت: 1324 نۇمۇر
    پۇل: 710 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    Quote:
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىalbenilunaنىڭ2009-01-07 10:32 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    بۇنچىۋالا كۆپ شېئىرنى نەدىن تاپتىڭىز       270256220 : QQ

    مېھرىگىياھ ھەدەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرشائىرە،ھۆرمەتلەشكە ئەرزىگىدەك بىر ھەمشىرە،بىز خانىم -قىزلارنىڭ ئۈلگىسى.قالايمىقان ئىنكاس يېزىپ ،يا سىزنىڭ دىمەتلىكىڭىز ئەمەس چاقچاق قىلىدىغان،گەپ سۆزگە دىققەت قىلىڭ،قېرىندىشىم.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئىچىملىك- ئاغزىغا كەلگەن گەپنى چىقىرۋەتمەي يۇتىۋېتىشتۇر!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-07 10:58 PM |
    Yurtum Elani
    sabiha
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3964
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 231
    شۆھرەت: 181 نۇمۇر
    پۇل: 1293 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    مەن مۇنبەرگە  كېرىپ  ئۇزۇن ئۆتمەي مىھىرگىيانىڭ  شېرلىرىغا  مەھلىيا  بولدۇم ، مەن مىھىرگىيانىڭ  پەزىلىتىگە، ئېتىقادىغا ئادىمىيلىكىگە  قايىل، ئاخىردا  دوستۇمنىڭ   تېنىگە  سالامەتلىك  ،بارلىق ئىشلىرىغا  ئاسايىشلىق  تىلەيمەن.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-07 11:34 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    sutukbuhra
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29515
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 34
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    پۇل: 194 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-11

     

    ھەر بىر مىسراسى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالدىغان شىئىلار ئىكەن .،ئادىمىلىك نوختىنەزىردىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ياخشى يېزىپسى رەھمەت قۇلۇڭىزغا دەت كەلمىسۇن دەپلا ئىنكاس يازماي بىزگەھەقىقى تەسىر قىلغان يەرلىرنى ئايرىم دەلىلەپ .نوخسانلارنى كۆرسىتىپ بىرەلىگەندىلا ئاندىن ئۇ ئىنكاس بۇلدۇ.مۇنبەردىكى بىر قىسىم شىئىرلارنىمۇ ئانداق ياخشى -مۇنداق ياخشى چىقىپتۇ دەپ ماختاپ كىتىدىكەنمىز .بۇ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقمۇ ياكى ھىچ نەرسىنى چۈشەنمەي ماختىغانلىقمۇ.  كەچۈرۈڭلار قالايمىقان سۆزلەپ قويدۇم .مىھرىگىيانىڭ شىئرى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئىرلار ئىكەن.
    مۇنبەردە ھەقىقەتەن ياخشى شىئىر يازدىغانلار ئىنتايىن كۆپ ،لىكىن ھەممىنى داڭلاۋەرمەيلى. تىلنىڭمۇ سورىقى بار.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 12:10 AM |
    Yurtum Elani
    821
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-08

     

    مىھرىگىيا ھەدە  ياخشىمۇسىز؟ مەن مۇنبەرگەئەزابولغىلى بىرھەپتە بولدى .  مەن مۇنبەرگەكىرىپلا سىزنىڭ شىئىرىڭىزنى كورۇپ بەكمۇ ئامراق بولۇپ قالدىم. نىمىشقىكى مۇنبەرگە چىقساملا شىئىرىڭىزنى ئوقۇغۇم كىلىدۇ.سىزنىڭ بۇندىن كيىن تىخىمۇ ياخشى ، ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلمەن.سىزگەبەخىت ۋە ئامەت تىلەپ توردىشىڭىز :ئىرشات بۇيۇك  تىن.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 12:35 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kara_turk
    نۇمۇسچان ھۈجەيرىلىرىمىز ئۆلدىم
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34475
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 604
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    پۇل: 2284 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 67 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

              

    好听
    好写
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 01:00 AM |
    Yurtum Elani
    atirgul627
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1287
    شۆھرەت: 1529 نۇمۇر
    پۇل: 5090 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 250(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

       شېئىرلار توپلىمىڭىز بىر-بىرىدىن ئېسىل ئىكەن.رەھمەت سىزگە! مۇشۇ توپلاملارنى يېزىپ بولغىچىمۇ خېلىلا جاپا تارتقانسىز.
       سىزگە سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق يار بولسۇن!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 01:38 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    xjmmtj
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29666
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 86
    شۆھرەت: 86 نۇمۇر
    پۇل: 126 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 100(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ھەي -ھەي ،مۇھەببەت ئادەمنى شائىر قىلىدۇ،ھەر نىمە قىلىدۇ!!!!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 01:45 AM |
    Yurtum Elani
    Oyghan
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2091
    شۆھرەت: 340 نۇمۇر
    پۇل: 1417 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    مېھرىگىياھ ھەدىمىزگە سالام!!!
    ئۇزۇن بۇپتۇ سىزنى كۇرمىگىلى  مۇنبەردە.
    سالامەت بولۇڭ ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    Thee do we worship, and Thine aid we seek.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 04:01 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    parxta
    بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈپ كىتىدۇ.......
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6515
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2782
    شۆھرەت: 891 نۇمۇر
    پۇل: 210080 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 536(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04

     

    ئاھ ئامرىغىم سۆيسەممۇ سېنى،
    كۆزلىرڭىدىن ئامالسىز يۈتتۈم.
    چۈنكى ئۆزۈڭ بىلسەن جېنىم،
    قەدىردانىڭ بولالماي ئۆتتۈم.


    ھەدە بۇ شېئرىڭىزنى خاتىرەمگە كۆچۈرۋالغان ئىدىم، مۇشۇ ئاخرىقى بىر كۇپلىتنى بەك ياقتۇرمەن، دائىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇغۇم كىلىدۇ.
    ھايات سان ساناقسىز غەم غۇسسلەردىن تۈزۈلگەن تەسۋىيگە ئوخشايدۇ.ئەقىللىق كشلەر ئۇنى كۈلۈپ تۇرۇپ سىرىيدۇ...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 11:14 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.068799(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:17
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号