ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. تۆۋەندە مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇناسىۋەتلىك كىتاپ-ژورناللاردىن،ھەر قايسى تور بەتلەردىن يىغىپ توپلىغان مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى تەرجىمھال ۋە سۈرەتلەرنى يوللىدىم. مەقسىدىم:مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى بىر يەرگە جۇغلاش ئارقىلىق، مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى لازىم بولغانلار ياكى شۇ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغانلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش. شۇڭا مەن يىغىپ توپلىغان ماتىرىياللارنى مەنبەسى بىلەن يوللاپ بولغاندىن كېيىن،تورداشلارنىڭ يەنە قاراپ بېقىپ،يېزىلماي قالغانلار بولسا،داۋاملىق ئىنكاس سۈپىتىدە مۇشۇ تېمىغا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.(ۋاقىت مۇناسىۋىتى ۋە بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تېمىنىڭ داۋامىنى ئىنكاسقا يوللايمەن) ئەسكەرتىش: 1.تۆۋەندە يوللانغان مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىدە يوللانمىدى. ئۆزۈمنىڭ توپلىغانلىرىمنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن،ياشىغان يىلنامىسگە ئاساسەن ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە قايتا تەھرىرلىنىدۇ. 2.بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز يوللاشقا بولمايدۇ. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد خاقانى بولۇپ ئۇ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنى تارقاتقان بولغاچقا ،ئىسلام دىنى ئېتىقادچىلىرىنىڭ پېشىۋاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ،لىكىن بەزى تارىخىي ماتىرىياللار ئۇنىڭ 901- يلىدىن 956- يىلىغىچە ياشىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ . ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، يەرلىكنى دۆلەتنى قوغداش يولىدا ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەر قويۇلغان جايغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان ، ئۇ يەر « شىھىت ماكانى» يەنى «مەشھەد» دەپ ئاتالغان . ئۇ يەردە ھازىرمۇ «ھەز سۇلتان»، «ھەز سۇلتۇنۇم »دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرى بار . «ھەز سۇلتان» دىگەن سۆز «ھەزرەت سۇلتان»دېگەن سۆزنىڭ جانلىق تىلدا ئېيتىلىشى بولۇپ ، « ھەزرەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان» دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى . «سۇلتان» دىگەن سۆز ئەرەبچە «سەلتەنەت ئىگىسى» دىگەن مەنىدە بولۇپ ، سۇتۇق بۇغراخان نامىغا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كىيىنكى ۋاقتلىرىدا قۇشۇلغان بولۇشى مۇمكىن . تارىخى ماتىرىياللاردا بولسا «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇكېرىم» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. «ئابدۇكېرىم»ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قويۇلغان ئىسمى .
1990- يىلى دۆلەت ۋە شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىپ ئالدى دەرۋازا ۋە ئىككى ياندىكى ئىگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يېڭى مۇنارنى ياسىدى ، بۇ يەر «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى» دەپ ئاتىلىپ «جۇڭگو مەشھۇر ئاسارە – ئەتىقىلەر لۇغىتى» دىگەن كىتاپقا مەشھۇر ئاسار – ئەتىقىلەر سۈپىتىدە كىرگۈزۈلدى. ( سۇنتاغ تور بېكىتى.)
مەھمۇد كاشىغەرى
مەھمۇد كاشىغەرى 11-ئەسىرلەردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى،جۇغراپىيىسى،مىللىي ئۆرپ-ئادىتى،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان قامۇس «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» نىڭ ئاپتورى.«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»دىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشىغەرى مىلادىيە 1008-يىلى، ھازىرقى قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىخ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.96-97يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان.
مەھمۇد كاشىغەرى قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ خانزادىلىرىدىن بولۇپ،چوڭ دادىسى مۇھەممەد قاراخانىيلار خانلىرىدىن بولغان يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى. مەدرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ يېتىشكەن بىلىملىك زات بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان تەختكە چىققاندىن كېيىن،ئوردىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە قاراخانىيلار دۆلىتىنڭ ئېسىلزادىلىرىدىن بولغان خوجا سەيفىدىننىڭ قىزى. ئۇ ئېسىل تەبئىيەتلىك، ئەقىللىق، ئوقۇمۇشلۇق، مۇزىكىغا ھېرىسمەن ھەم پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ، ئېرى ھۈسەيىننىڭ قابىل ياردەمچىسى ئىدى.
مەھمۇد كاشىغەرى باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپالدىكى مەدرىسلەردە ئالغان.ئوتتۇرا ۋە ئالى مائارىپنى بولسا،قەشقەرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالى مەكتەپلەردىن بولغان«ھەمىدىيە»ۋە«مەدرىسەئى ساچىيە»لەردە ئالغان. مەزكۇر ئىلىم يۇرتلىرىدا ،زامانىسىنىڭ ئەللاملىرىدىن سانىلىدىغان ھۈسەيىن ئىبنى خەلەق كاشغەردەك كاتتا ئۆلىمالارنىڭ ھوزۇرىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان.ئۆز ئانا تىل-ئەدەبىياتىدىن باشقا،ئەرەب،پارس تىل-ئەدەبىياتلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئاندىن يەنە ،ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىي ئىنسانلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئىسلام تارىخى،ئىسلام پەلسەپىسى،تىلشۇناسلىق،مەنتىق ئىلمى،جۇغراپىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەر بويىچىمۇ ئوقۇپ،يېتىك بىلىمگە ئىگە بولغان.
مەھمۇد كاشىغەرى«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»دە: بۇ يەردە سۆزلەرنىڭ بىرلىك، كۆپلۈك، سېلىشتۇرۇش، كىچىكلىتىش، ئاشۇرۇش ۋە تۈرلىنىش ئۇقۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سۆزلەنمىدى. چۈنكى، بۇلار ئۈچۈن ئايرىم بىر كىتاپ يېزىپ، ئۇنىڭغا« كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغەتت تۈرك» دەپ ئات قويدۇم، دەپ مەلۇمات بەرگىنىگە ئاساسلانغاندا، بۇ زاتنىڭ « كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغەتت تۈرك»دىگەن يەنە بىر كىتابنى يازغانلىقى مەلۇم.( «تىل ۋە تەرجىمە»ژورنىلى)
« كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغەتت تۈرك»دېگەن بۇ كىتاپنى تاپقۇچىلارغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىڭ تىللا جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەھمۇد كاشىغەرى يازغان«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»نىڭ ئەسلى نۇسخىسى( تۈركىيە ئىستانبۇل مەركەز كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا) مەھمۇد كاشىغەرى يازغان«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»نىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»نىڭ تۈركچە نەشرى
مەھمۇد كاشىغەرى سىزغان تۇنجى دۇنيا خەرىتىسى
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئالىمنىڭ 900يىللىقىدا تارقاتقان(1972-يىلى)پوچتا ماركىسى
مەھمۇد كاشىغەرى قەبرىگاھى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
يۈسۈپ خاس ھاجىپ(20/1019_6/1085)ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر،شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى، جۈملىدىن ئېنسىكلوپېدىيىلىك داستان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئاپتورى.
«قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ قاراخانىيلارنىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى،كېيىنكى ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بىر ھېساپلانغان بالاساغۇندا دۇنياغا كەلگەن. داستاندا، مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بالاساغۇندا تۇغۇلغانلىقى ۋە ئەسىرىنى كاشغەردە تاماملىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلارنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەن دەۋرىنى، شۇنداقلا بىر مەزگىللىك تۇراقسىز بولغان دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن.
دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ۋە خەلقنىڭ غېمىنى ئويلايدىغان شائىر 1069-1070-يىللىرى ئارىلىقىدا، تەخمىنەن 50ياشلارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن غايەت زور ئۈمىد ۋە ئىلھام تۈرتكىسى بىلەن كاشغەردە «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ تاماملاپ، ئۇنى بىر قانچە يىل ساقلاپ، ئۆزگەرتىپ كېيىن تابقاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەن (5/1074-3/1102-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) يەنى ھەسەن بۇغرا خانغا تەقدىم قىلغان. بۇغراخان شائىرنىڭ داستانىنى كۆرۈپ،شائىرغا «خاس ھاجىپ»لىق مەرتىۋىسىنى بەرگەن ھەم ئۇنى ئوردا ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان. ئۇ ئوردىدا 18~20يىلغىچە ئىشلەپ،6/1085-يىلى كاشغەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى كاشغەر شەھىرىدىكى پايناپ دېگەن جايدا.(ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى)
ئەبۇ ناسىر فارابى
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺧﺎﻥ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﺎﺭﺍﺏ (ﺋﻮﺗﺮﺍﺭ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 257 - ﻳﯩﻠﻰ ( ﻣﯩﻼﺩﻯ 870 -ﻳﯩﻠﻰ ) ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﺳﯩﭻ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﺘﻰ ، ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﯨﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯜﮔﻪﻧﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻟﺘﯜﻧﯜﺷﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ، ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﭙﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ 18 - ﺧﻪﻟﭙﯩﺴﻰ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﻣﯘﻗﺘﻪﺩﯨﺮ ﺑﯩﻠﻼ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 908- 932- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ) ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ، ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻣﺎﯞﺯﯗﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﺩﻩﻙ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﭽﻰ (ﻟﻮﮔﯩﻜﺎﺷﯘﻧﺎﺱ) ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﺷﯩﺮ ﻣﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﮬﻮﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﻧﺘﯩﻖ (ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ) ﺋﯜﮔﻪﻧﺪﻯ .ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺳﺎﺭﺭﺍﺟﻐﺎ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺪﻯ .ﻛﺎﺗﯩﭗ ﭼﻪﻟﻪﺑﯩﻨﯩﯔ «ﻛﻪﺷﻔﯘﺭ ﺯﯗﻧﯘﻥ» ( ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻓﺎﺭﺍﺑﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺰﻟﻪﺵ ﮬﻪﯞﯨﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺭﺍﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯓ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﮬﺎﻧﻨﺎ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﮬﻪﻳﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ .(«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯩﺰﯨﺴﻠﯩﺮﻯ»)
ئىبن سىنا (980 - 1037) فارابى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە پەلسەپە، تىبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە ئۆزىگە خاس كاتتا تۆھپىلىرى ساھىبى بولدى.
ئىبن سىنا بىر تەرەپتىن، شەرقنىڭ يۈرەك - تومۇر تەلىماتىنى تەتقىق قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر ئىران ئالىمى ئەبۇلھەسەن تەبۇر (؟ - 923) نىڭ «فىردەۋسول ھېكمەت» ( ھېكمەت باغى)، باغداتلىق مەشھۇر دوختۇر ئەررازى (850 - 923) نىڭ «كىتابۇل ئەسرار»، «كىتابۇل تىب ئەل مەنسۇرى»، «ئەل ھاۋىي» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىبن ئابباسنىڭ «كامىلۇل سىنا ئەل تىببىيە»( تىبابەتچىلىك تولۇق دەستۇرى ) قاتارلىق ئەسەرلىرىنى كۆزدىن كەچۇردى.
ئىبن سىنا يىپەك يولى تىبابەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ «ئەششىفا»، «دانىشنامە»، «ئەلقانۇن فىت تىب»، «تىببىي داستان» قاتارلىق ئاجايىپ ئەسەرلىرى خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان ئالتۇن يۇلتۇز بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر قانچە ئەسىرگىچە شەرق ۋە غەربتە تىبابەتچىلىك قوللانمىسى ۋە دەرسلىكى قىلىندى، «شاھى تىبابەت»دەپ شوھرەتلەندى.(ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت پەھلىۋانى ئەبۇنەسىر فارابى مىلادى 950 - يىلى ماھى رەجەپ(دېكابىر ئېيى)نىڭ بىر كۈنى دەمەشقتىن بەلخكە كېتىۋاتقاندا، دەمەشققە يېقىن بىر جايدا مۇتەئەسسىپ روھانىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىرىنىڭ زور مال - دۇنيا ۋەدە قىلىپ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۆزىنى پايلاپ يۈرگەن قوراللىق باندىتلار تەرىپىدىن ۋاقىتسىز ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
شۇ كۈنى سەيپۇل دەۋلە رەسمىي ماتەم لىباسى كىيىپ، ئالىمنىڭ جەسىتىنى تېگىشلىك دەبدەبە بىلەن دەپنە قىلدى. فارابىنىڭ قەبرىسى دەمەشق شەھەر سېپىلىنىڭ «بەبەس سەغىر» دەرۋازىسى يېنىدىن ئورۇن ئالدى. ( باتۇر روزى)
ئەلشىر نەۋائى
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائى 1441-يىلى9-فېۋرالدا ھىراتتا تۇغۇلغان.ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . ئەلشىر نەۋائى بىر ئۆمۈر بالا-چاقىسىز ئۆتكەن.
بۇنىڭ شەخسى ۋە سىياسى سەۋەپلىرى بار ئىدى.ئۇ 7 ياش چېغىدا شاھرۇھ مىرزا ئۆلۈپ كېتىپ،شاھزادىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش جېدىلى كۆتۈرۈلۈپ،كىشىلەر ئامانلىق ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن ئىدى.غىياسىدىن(نەۋائىنىڭ ئاتىسى)ئائىلىسىمۇ ئىراققا كۆچۈپ بېرىپ 3 يىلچە ياشىغان.ئەلشىر نەۋائى 12 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى غىياسىدىن(بۇ چاغدا قايتىپ كېلىپ بىر ناھىيىگە ھاكىم بولغان ئىدى) ۋاپات بولۇپ،نەۋائى ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالغان.نەۋائى15 يېشىدا ھۆسەيىن بايقارا بىلەن بىرگە ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان.1458-يىلى پايتەخت سۇلتان ئەبۇ سەئىد تەرپىدىن ئىگەللەنگەندىن كېيىن ئوبۇلقاسىم بابورنىڭ ئەرباپلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.شۇ قاتاردا ئەلشىر نەۋائىنىڭمۇ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ،سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىراپ سەمەرقەنتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان.دېمەك ئەلشىر نەۋائى يىگىتلىك چېغىدا سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان.ئەلشىر ناۋائى ھىراتتا تۇرغان 18--19 ياش مەزگىللىرىدە دۆلەتمەن ئائىلىلەردىن بىر كىمنىڭ قىزىغا ئاشىق بولغان ۋە يىگىت -قىز ئوتتۇرسىدا ئىشىق مۇھەببەت رىشتى باغلانغان.بۇ ئاشىق-مەشۇق ئارىسىدا خەت ئالاقە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلگەن.بۇ ھەقتە ئەلشىر نەۋائىنىڭ غەزىلىدە ئېنىق بايانلار بار.
بىراق ئەلشىر ئىشىق كويىغا كىرگەن ۋاقىتلاردا ئۇ ھىراتتا ئىگە-چاقىسىز،باش پاناھسىز بولۇپ قالغانىدى.بۇ غۇربەت ئۇنىڭ ئىشىق ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا چوڭ توسقۇنلۇق قىلدى.باي-باينىڭ قاياشى بولغان ئۇ زاماندا،نەسەب مەرتىۋە سۈرۈشتۈرىدىغان ئائىلىدە ئۆسكەن بۇ قىز ناۋائىنىڭ مەشۇقى ۋاپاسىزلىق قىلىپ،ئۆزىگە ئوخشاش دۆلەتمەن ئائىلىگە ياتلىق بولۇشنى راۋا كۆرىدۇ.
نەۋائى بىرىنچى قېتىم ۋەدىلەشكەن مەشۇقى ۋاپاسىزلىق قىلغاندىن كېيىن ،ئۆزىگە «فەقىرلەر»(نامراتلار)دىن لايىق تاپىدۇ.ئەپسۇسكى نىكاھلىنىشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ.بۇ لايىقى تۇيۇقسىز تەگكەن كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
دېمەك ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر شائىر،بۈيۈك تىل ئۇستىسى ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئۆمرىنى بويتاق ئۆتكۈزىۋېتىشىنىڭ شەخسى سەۋەپلىرى مۇشۇلار بولسا كېرەك. ( ھاجى ئىمىن تۇرسۇننىڭ«ئەلشىر ناۋائى ھەققىدە» )
تۈركىيە تىل قورۇمى(ئاكادېمىيىسى)تەييارلىغان «مىزانۇل ئەۋزان» نىڭ كىرىش سۆزىدە ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى مۇنداق كۆرسەتكەن:
①دىۋانلار(«خەزائىنۇلمەئانى») ؛
1) «غەرەيبۇسسىغەر» (بالىلىق غارايىباتلىرى)؛
2) «نەۋادىرۇششەباب»(يىگىتلىك نادىرلىقلىرى)؛
3) «بەدائئۇلۋەسەت»(ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى)؛
4)«فەۋائىدۇلكىبەر»(قېرىلىق پايدىلىقلىرى)؛
5) «دىۋان فانى» (پارسچە توپلام) ؛
②«خەمىسە»(«خەمىسە نەۋائى»)؛ 6) «ھەيراتۇلئەبرار»؛
7) «پەرھاد ۋە شېرىن»؛
8) «لەيلى ۋە مەجنۇن»؛
9) «سەبئىئىي سەييارە»؛
10) «سەددى ئىسكەندەر»؛
③تەزكىرىلەر؛
11) «مەجالىسۇننەفائىس»؛
12) «نەسائىمۇل مۇھەببەت» (مۇھەببەت خۇشپۇراقلىرى) ؛
13) «رىسالەئى مۇئەمما» ؛
14) «مىزانۇلئەۋزان» ؛
15)«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»؛
④تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر؛
16) «مۇناجات»؛
17) «چېھىل ھەدىس» (ئەربەئىن)؛
18) «نەزمۇل جەۋاھىر»؛
⑤دىنىي،ئەخلاقىي،پەلسەپىۋى ئەسەرلەر؛
19) «لىسانۇتتەيىر»؛
20) «سىراجۇل مۇسلىمىن»؛
21) «مەھبۇبۇل قۇلۇب»؛تارىخي ئەسەرلەر؛
⑥ تارىخىي ئەسەرلەر؛
22) «تارىخي ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما»؛
23) «تارىخي مۈلكى ئەجەم»؛
24) «زۇبدەتۇل تەۋارىخ»؛
⑦تەرجىمىھال ئەسەرلىرى؛
25) «ھالاتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر»؛
26) «خەمسەتۇلمۇتەييىرىن»؛
27) «ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد»؛
⑧ۋەسىقىلەر؛
28) «ۋەقفىنامە»؛
29) «مۇنشەئات» ؛
بۇلاردىن باشقا، بەزى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەلشىر نەۋائى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆز قەسىدىلىرىنى توپلاپ، «فۇسۇلى ئەربەئە» (تۆت فاسىل) ۋە «لىستەئى زەرۈرىيە» (ئالتە زۆرۈرىيەت) ناملىق ئىككى توپلام تۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلاردىن باشقا «رىسالەئى مۇفرەدات دەرفاننى مۇئەمما» دېگەن ئەسىرى بولغان. «نەسىرۇل لەئالى» نى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئەلشىر نەۋائى قانچە پارچە ئەسەر يازغانلىقى توغرىلىق ئوخشىمىغان قاراش بار. 19-ئەسىردە ياشىغان خوتەنلىك ئالىم مۆجىزى 1854-1855-يىللىرى يازغان كىتابىدا 63پارچە كىتاب يازغان، دېگەن ئۇچۇرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەلشىر نەۋائى ئۇلۇغ تىل ئۇستىسى ئىدى، چەتئەل ئالىملىرى نەۋائى ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن تىل بىلەن دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارغا قارىغاندا نەۋائى ئىشلەتكەن سۆزلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. (ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى)
غازىباي
غازىباي خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېۋىپ بولۇپ، ئۇنىڭ «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى » ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. دەسلەپكى ئىگە بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشىر قىلىنغان «ھەدىقەتۇل ئەقالىم » (ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى ) دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە مۇنداق مەزمۇندىكى مۇھىم مەنبەلەر قەيت قىلىنغان : تېرىم (تارىم ) يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتۇن ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن، ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ- دەريالارنى كېزىپ غازىباينى تاپقان. غازىباينىڭ يۇرتىدا ھەر خىل مېۋە- چېۋىلەرنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقىنى، بىنەپشە، بادىيان، سانا، يۇمغاقسۈت، ئوغرى تىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز ... قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل ئوت- چۆپ دورىلارنىڭ تارىم ۋادىسنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن، غازىباينىڭ 312 ماددىلىق دورىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇغان ھەمدە ئەپلاتۇننىڭ ھەر خىل ئىلىملەر تەھسىل قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى، ئەگەر ئەپلاتۇن بۇ ئەسەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىسا، غازىباي ۋە تارىم خەلقىگە ھەر جەھەتتىن زور ياردەملەر بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. غازىباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم- پەن ئالماشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى 40 ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، كەلگەنلەر بىلەن بىللە ئەپلاتۇننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتۇن بارىينى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن قارىشى ئالغان، غازىباينىڭ ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كېچە- كۈندۈز ئوقۇپ چىقىپ، غازىباينىڭ تىببىي ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بارىي بىلەن ئەنفىيالۇس تارىمغا قايتماقچى بولغاندا، ئەپلاتۇن غازىباينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە جاۋابەن ھازىرقى خوتەن رايونىغا قاراشلىق شەھەرلەرنى تېخمۇ ھەيۋەت- گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەرنى قوشۇپ ئەۋەتكەن، بۇ ھۈنەرۋەنلەر بارىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن دىيارى خەلقى بىلەن بىللە ھازىرقى كىرىيە، خوتەن، قاراقاش، گۇما شەھەرلىرنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، بىنالار سالغان. يەرلىك خەلق خاتىرە ئۈچۈن كىرىيەنى سېھراب، خوتەننى زىھراب، قارقاشنى فاراب، گۇمىنى داراب دەپ يۇنانچە ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان..
ئەسەرنى ئاز دىگەندىمۇ مىلادىىدىن ئىلگىرى 350-يىل بۇرۇن يېزىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايانكى ئەپلاتۇن مىلادىدىن بۇرۇن 427-يىلى تۇغۇلۇپ 347يىلى ۋاپات بولغان . دۇنياغا مەشھۇر يۇنان ئالىمى .
شۈبھىسىزكى , ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى غازىباينىڭ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەرنى ئالغان . مەزكۈر <<قامۇس>>نىڭ قايسى يېزىقتا يېزىلغانلىقى بىزگە ھازىرچە نامەلوم . لېكىن , يېزىقشۇناس ئالىملىرىنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسلانغاندا , شىنجاڭدا مۇقەددەم زامانلاردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 26خىل يېزىق قوللانغانلىقى مەلوم . ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇن 300-400يىللار ئىلگىرى كارۇشتى ۋە بىراھمى يېزىقلىرىنى قوللانغان , خوتەن ئۇيغۇرلىرى كارۇشتى يېزىقىنى ئىشلەتكەن . «شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىسىدىكى ئاقسېپىل قەدىمكى شەھەر خارابىسىدا ساقلىنىپ قالغان سېپىل تاملىرىنىڭ كېسەكلىرىدىمۇ ...كارۇشتى ھەرىپلىرى تېپىلدى ...ۋە خوتەن رايونىدىن مىلادى 3~4ئەسىردىن بۇرۇنقى تارشا , تېرە ۋە قەغەزگە يېزىلغان ئىجتىمائىي - مەمۇرىي ۋەسىقىلەر كۆپ تېپىلدى ...», «ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرىدىن تېپىلغان يېزىقلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەرگە مەنسۇپ , كارۇشتى يېزىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ماددى پاكىت ... ئەينى زامانلاردا خوتەن رايونىدا كۆپ ساننى ئىگىللىگەن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كارۇشتى يېزىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى»نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا , مەزكۈر «قامۇس»نىڭ كارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغانلىق ئېھتىمالى چوڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ .
يۇقىرىقىلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 3,4ئەسىرلەردىلا تىببىي ئىلىم جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قازانغانلىقى , يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يەكۈنلىرىنى ئۇرخۇن - يىنسەي يېزىقى بىلەن مەنبەداش بولغان كاروشتى يېزىقى بىلەن كىتاپ قىلىپ يازغانلىقى , قەدىمكى يۇنان تىبابەت ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە شۇلار ئارقىلىق ئەنگۈشتەر قاتارىدا پۈتۈن دۇنياغا تارقاپ , ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .(داۋايى تور بېتى)
داۋامى بار............. [ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-01-21 13:25دە قايتا ]