چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 2331 قېتىم كۆرۈلدى
yarken
دىيارىم مەشقاۋۇ ..
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى دىيارىم تۆھپىكارى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 300
شۆھرەت: 815 نۇمۇر
پۇل: 9116 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 962 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 952(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما yarken تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-01-05)
تەرەققىيات ئىھتىياجى بىلەن، شىنجاڭ ئوقيا ماركا– پاتېنت ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى ئىككى نەپەر ماركا– توربەت لايىھەلىگۈچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ.
شەرتى: تىزىملاتقۇچىلار كومپيۇتېردا ماركا، ئېلان، توربەت لايىھەلەش، ھۆسىنخەت يېزىش ھەم شۇنداقلا كومپيۇتېر، پىرىنتېر ۋە خىزمەت تورىنى ئاسراش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. تىل– يېزىق سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئاساسى ياخشى، مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى بار، ئېتىقاتلىق، سەمىمىي، تىرىشچان ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئالدىن تاللىنىدۇ.
قوبۇل قىلىش تەرتىپى: شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار 15 كۈن ئىچىدە شىركىتىمىزگە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك. يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر ئۈچ ئايلىق سىناقتا ئىشلەش تەرتىپىگە كىرىدۇ.
تەمىناتى: سىناقتىن ئۆتكەنلەر بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە مۇددەتلىك ئەمگەك توختىمى تۈزۈپ ئىشلەيدۇ، ھەر ئايلىق موقۇم ئىش ھەققى 1000 يۈەن بولىدۇ، تۆھپە– نەتىجە مۇكاپاتى ۋە ھېيىت– بايراملىق تەمىنات بۇنىڭ سىرتىدا. نورمال ئەھۋالدا ئىش ھەققى ھەر يىلى %10 كۆپەيتىلىدۇ. ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان خىزمەتچىلەرنىڭ مەرتىۋىسى، ئىش ھەققى ئۆستۈرىلىدۇ.  
ئەمگەك كاپالىتى: موقۇم ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ياشانغاندا كۈتۈنىش، تاساددىبىي ھادىسە سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرىلىدۇ. ئۆي سېتىۋېلىش، كىسەل داۋالىتىش قاتارلىق چوڭ مۈشكۈلاتلارغا يولۇققاندا، شىركەتنىڭ ئۆسۈمسىز قەرز ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار 1– ئاينىڭ 20– كۈنىدىن بۇرۇن شىركىتىمىزگە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرغاي. ئورنىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى دۆڭكۆۋرۈك بازىرى يېنىدىكى قىران بۈركۈت سارىيىنىڭ 6– قەۋىتىدە. تېلېفون : 0991-2864588

                    شىنجاڭ ئوقيا ماركا– پاتېنت ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى
                                            2009– يىل 1– ئاينىڭ 5– كۈنى  
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
ئويناڭ دەردى بار باللا
http://www.yarken.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-05 01:35 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﻯ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.048204(s) query 6, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:29
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号