چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
本页主题: [ئەركىن سىدىق] قوش تىللىق مائارىپ (2) 打印 | 加为IE收藏 | 复制链接 | 收藏主题 | 上一主题 | 下一主题

yawuz
ئىجاتچان ئەزا
级别: تەكلىپلىك ئەزا


精华: 3
发帖: 76
شۆھرەت: 196 نۇمۇر
پۇل: 851 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:153(小时)
注册时间:2006-05-20
最后登录:2009-01-27

 [ئەركىن سىدىق] قوش تىللىق مائارىپ (2)

0
管理提醒:
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2009-01-02)دە نادىرلاندى
قوش تىللىق مائارىپ (2):

«قوش تىللىق مائارىپ» قانداق بولۇشى كېرەك؟

ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

(بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.)

مەن ئالدىنقى «قوش تىللىق مائارىپ: باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى» دېگەن يازمامدا «Tove Skutnabb-Kangas» خانىمنىڭ 800 بەتلىك كىتابىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدا مۇۋاپىق ماتېرىيال تاپالىسام، ئۇنى قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى ئىككىنچى يازمام قىلىپ تەييارلايدىغانلىقىمنى تىلغا ئالغان ئىدىم. مەن ئۇ كىتابنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ كىتاب قولۇمغا تېخىچە تەگمىدى. مەن يېڭىدىن بۇيان كۆرگەن ماتېرىياللاردا ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى يازمامدىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلايدىغان مەزمۇنلار خېلى كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر دىيارىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئانچە ئايدىڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن، مەن ئۇ كىتابنى ساقلىمايلا، ئۇشبۇ يازمىنى يوللاپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

مەن ئالدىنقى يازمامدا چەت ئەلدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالى ۋە قوش تىللىق مائارىپ نەزەرىيىسىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى كۆپرەك ئېلىپ بارغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، كانادا ۋە شۋېتسىيە قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن مىللەتلەرنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە ھازىرمۇ قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كىرىدۇ. بۇ دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن بىر ئورتاق مەسىلە كۆچمەن خەلقنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، بۇ يېڭى دۆلەتلەرگە كېلىپ نەچچە ئەۋلاد ياشاپ بولغان بولسىمۇ، بۇ كۆچمەن خەلقنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى يەنىلا ئوي تازىلاش، كوچا سۈپۈرۈش، ئوت ئۇرۇش، زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇشتەك تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىرىدىن قۇتۇلالمىغان (ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىرقى مائارىپ سىياسىتى ئۆزگەرتىلمىسە، ئۇيغۇرلار قانداق بىر ئاقىۋەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ). شۇڭلاشقا يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، باشقا دۆلەتلەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا بىر ئىلمىي ئاساسقا ئېرىشىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان. مەن بۇ يازمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش - تەتقىقاتلار ھازىرغىچە بايقىغان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» ئەھۋالىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قىسىم پەننىي بىلىملەرنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۆتىمەن.


1. چەت ئەلدىكى قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە

[1] بالىلارنىڭ يات تىل (ياكى ئىككىنچى تىل) ئىقتىدارى ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرسى سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. يەنە بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. بۇ ئىككىنچى ئىقتىدار كۆپىنچە ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا «ئاكادېمىك تىل ئىقتىدارى» (ئىنگلىزچە «ئاكادېمىك language skills») دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بالىلارنىڭ سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش بىلەن ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ، بالىلار سۆزلىشىش جەھەتتە يەرلىك بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئىنتايىن تېزلا يېتىشۋالالايدۇ. لېكىن، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىدە يەرلىك بالىلارغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

[2] بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەردىكى بىلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئوخشاش.

[3] بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بالىلارغا بىر يات تىل ئۆگەتكەندە، ئۇنى بىر ئايرىم چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگەتمەي، ئۇ يات تىلنىڭ ئانا تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئۆگىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكىلى بولىدۇ.

[4] ئەگەر بالىلار باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىل ئۆگىنىدىكەن، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال خەلقئارادا «يېرىم ساۋاتلىق قوش تىللىق» («ئىنگلىزچىدا «semibilingualism») دەپ ئاتىلىدۇ.

[5] پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپنى ئىككىنچى تىلدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مەكتەپنى ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچار بولغان. «بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، يۇقىرىقىدەك بالىلارنىڭ ئانا تىلى كۆپىنچە ئەھۋالدا يا مەكتەپتە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، يا پەقەت بىر ئانچە مۇھىم ئەمەس تىل دەرسى سۈپىتىدىلا ئۆتۈلگەن.» («Skutnabb-Kngas» خانىم 1979-ئېلان قىلغان، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان بىر 22 بەتلىك دوكلاتتىن ئېلىندى. بۇ دوكلاتنى مەن meripet. com غا كىرگۈزۈپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادرېسى: http://www.meripet.com/Söhbet1/kangas/ ) باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپىدىن باشلاپ بىر يات تىلدا ئوقۇغان بالىلار مۇنداق ئىككى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىدۇ. بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. يەنە بىرسى تىلدىن باشقا ئۆتۈلگەن كەسپىي دەرسلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش. بۇنداق بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى ئاساسەن يوق ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەسپىي مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالىشى ئىنتايىن تەس. شۇڭلاشقا، ئەگەر بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل ئۆگىتىلمەي، بالىلارنىڭ ئانا تىلى ئىزچىل تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇلمايدىكەن، ھەمدە بالىلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن كەسپىي دەرسلەر بىر يات تىلدا ئۆتىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلدىكى تىل ئىقتىدارى بىلەن چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش (ياكى سەۋەبىنى تېپىش) ئىقتىدارلىرى (ئىنگلىزچە «cognitive ability») نىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدۇر. گرېتسىيىدە مۇنداق بىر ئەھۋال بايقالغان: گرېتسىيىدە تۇغۇلۇپ ياكى گرېتسىيىگە كىچىكىدىنلا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپ گرېتسىيىدە ئوقۇغان چەت ئەللىك بالىلارنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىكى ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆز دۆلىتىدە تۇغۇلۇپ ۋە ئۆز دۆلىتىدە بىر مەزگىل ئوقۇپ، گرېتسىيىگە كېيىنراق كۆچمەن بولۇپ كەلگەن چەت ئەللىك بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشىراق بولغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال گېرمانىيىدىمۇ بايقالغان.

[6] ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلدىكى تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بالىلارنىڭ بىلىم ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.

[7] بالىلارغا ئىككىنچى تىل باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن 6-سىنىپقىچە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆگىتىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشنى ئۇلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن باشلىسا، ئۇلار ئاشۇ يات تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان كىشىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ساۋاتلىق بولالايدۇ. بالىلارنىڭ بىر يات تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولۇشى ئۈچۈن 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

[8] بالىلارغا بىلىمنى ئۈنۈملۈك بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مۇنداق بىر مۇناسىۋەت بۆلىشى كېرەك: ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تولۇق يول قويۇش، بۇ ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن ئۆزلۈكنىمۇ تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئەگەر بالىلار ئۆزلىرى بىلىم ئېلىۋاتقان جەمئىيەتكە تەۋەدەك ھېس قىلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.


2. «قوش تىللىق مائارىپ» قانداق بولىدۇ؟

مەن ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى يازمىسىدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە بىر ئېنىق ئېنىقلىما بەرمەپتىمەن. ئالدىنقى يازمامغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن ئوقۇرمەنلەر ئىچىدىمۇ قوش تىللىق مائارىپنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلار ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا مۇشۇ قىسىمدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئوتىمەن. مەن بۇ قىسىمدىكى مەزمۇننى ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى (ئىنگلىزچە «U. S. Department of Education») نىڭ تارمىقىدىكى «مائارىپ بايلىق مەنبەسى ئۇچۇر مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئورۇننىڭ تور بېتىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەييارلىدىم. ئۇلارنىڭ تور بەت ئادرېسى: http://www.eric.ed.gov

مەكتەپ بالىلارنى ئانا تىلدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن تەمىنلىگەندە، ئۇلار بالىلارغا مۇنداق ئىككى نەرسىنى بېرىدۇ: بىلىم ۋە تىل ساۋاتى. بالىلار ئانا تىلى ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم ئۇلار ئاڭلىغان ۋە كىتابتا ئوقۇغان يات تىلنى يەنىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ بېرىدۇ. ئانا تىلدىكى تەرەققىيات ئىككىنچى تىلغا يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بىز كىتاب ئوقۇشنى پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆگىنىمىز. شۇڭلاشقا بىز ئۆزىمىز چۈشىنىدىغان تىلدا كىتاب ئوقۇشنى ئاسانراق ئۆگىنەلەيمىز. بىر تىلدا كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالساق، بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىككىنچى تىلغا ئاسانلا يۆتكىيەلەيمىز.

ئەڭ ياخشى قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى مۇنداق ئۈچ خىل خاراكتېرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىلدا ئۆتىلىدۇ، بىر يات تىل چەت ئەل تىلى دەرسى قىلىپ سىنىپتا ئۆتىلىدۇ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى تىلدا بىر ئوتتۇراھال سەۋىيىگە يەتكەندىن كېيىن، ماتېماتىكا ۋە باشقا بەزى تەبىئىي پەن دەرسلىرى بىۋاسىتە ئىككىنچى تىلدا، ھېچ قانداق رىقابىتى يوق تەرىقىدە ئۆتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «ھېچ قانداق رىقابىتى يوق تەرىقىدە» دېگەننىڭ مەنىسى، ئەگەر بۇ ئىككىنچى تىل ئۇيغۇرلارغا ئۆتىلىدىغان خەنزۇ تىلى بولۇپ قالسا، يۇقىرىقى كەسپىي دەرسلەر پەقەت ئۇيغۇر بالىلاردىن تەركىب تاپقان سىنىپقىلا ئۆتۈلۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈلمەيدۇ، دېگەندىن ئىبارەتتۇر. ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ تەرىقىدە تەدرىجىي ھالدا ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىنىپلىرىغا قوشۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىككىنچى تىلدا ئۆتۈلگەن رىقابەتسىز كەسپىي دەرسلەر ئانا تىلدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر بىلەن ئىككىنچى تىلدا ئۆتۈلىدىغان نورمال دەرسلەر ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ. ئوقۇش بالدىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا بولسا، پەقەت ئانا تىلنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىلەن ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى قاتارلىق تىلنى ئابستراكت شەكىلدە قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان دەرسلەرلا ئانا تىلدا ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى تىلدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا تولۇق كۆچۈپ بولغاندىمۇ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئانا تىل دەرسى «مەجبۇرى دەرسلەر» قاتارىدا ئەمەس، «ئىختىيارىي دەرسلەر» قاتارىدا ئۆتىلىدىغان بولۇپ، خالىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرسنى تاللاپ ئوقۇپ، ئۆز ئانا تىلىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرسا بولۇۋېرىدۇ. مۇشۇنداق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بالىلار ئانا تىلغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا ئۇلارنى ئانا تىلدا ئوقۇغىلى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن بەك بالدۇر، ئىككىنچى تىلدا دەرس ئاڭلاش سەۋىيىسىگە يەتمەي تۇرۇپلا ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ پروگرامما بالىلارنى ئۆز ئانا تىلدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگىچە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مانا بۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى» غا بەرگەن ئېنىقلىما بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا ھېچ قانداق شەخسىي كۆز-قاراشلىرىمنى ئارىلاشتۇرمىدىم. روشەنكى، يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن «قوش تىللىق مائارىپ» پروگراممىسى، بىر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تىل ۋە تەبىئىي پەن بىلەن سانائەت پەنلىرى ساھەسىدە يەنە بىر يات تىلنى ناھايىتى يۇقىرى پەللىگىچە ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىلمىي ئۇسۇلىدۇر.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئېنىقلىمىسى نېمە؟ مەن ھازىرغىچە تاپالىغان ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىي چۈشەندۈرۈشىدىن پەقەت بەرسىلا بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان، «شىنجاڭنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدا 8 سوئال» (http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=20694 ) دېگەن يازمىدىكى «شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار ئەربابلىرى» بەرگەن چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت. تۆۋەندە مەن بۇ ماتېرىيالنىڭ ئىسمىنى يىغىنچاقلاپ «8 سوئال»، دەپ ئالىمەن. ئاشۇ يازمىدىكى «قوش تىلدا ئوقۇتۇش دېگەن نېمە؟» دېگەن 1-سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتا مۇنداق دېيىلگەن: « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇشى – ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى تەشكىللەشتىكى بىر خىل ئوقۇتۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ ئاساسىي ۋە مۇھىت جەھەتتىكى پەرقلەر شىنجاڭنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنى بەلگىلىدى. ئۇ ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ تىپقا ئايرىلىدۇ: بىرىنچى، ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈش، ئۇنىڭغا خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قوشۇپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى؛ ئىككىنچى، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈش، ئۇنىڭغا ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قوشۇپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى؛ ئۈچىنچى، بىر قىسىم دەرسلەرنى ئانا تىلىدا ئۆتۈش، بىر قىسىم دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش، جۈملىدىن، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش، باشقا دەرسلەرنى ئانا تىلىدا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئەندىزىسى كۆپرەك.» لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان، باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا 3- ياكى 4-سىنىپقا چىقمىغۇچە ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ئۆگەتمەسلىك ئەندىزىسى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن 3 خىل ئەندىزىنىڭ ھېچ قايسىسىغا چۈشمەيدىغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنى «يەككە يات تىللىق مائارىپ» دېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىق بۆلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ ئەندىزە نەدىن كەلگەن؟ ئۇنى تۆۋەندىكىلەر ئۆزلىرى قانۇنسىز ھالدا يولغا قۇيۇۋالغانمۇ؟

ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپى توغرىسىدىكى يۇقىرىدىكى ئېنىقلىمىدا بىز ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەرسە شۇكى، ئۇنىڭدا بالىلار ئانا تىلدىكى ئوقۇشتىن ئىككىنچى تىلدىكى ئوقۇشقا قانچىنچى يىللىقتا كۆچۈشى كېرەكلىكى زادىلا كۆرسىتىلىپ بېرىلمىگەن. مېنىڭچە بۇ ئەقىلگە ئىنتايىن مۇۋاپىق. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنىڭ قاچان تولۇق يېتىلىپ بولىدىغانلىقى مىللەتكە، ياشاۋاتقان رايونغا، ياشاۋاتقان مۇھىتقا، ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇش سۈپىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنى ھەر بىر مەكتەپ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىنى ياخشى. ئەگەر ئۇنى مائارىپقا مەسئۇل تارماقلار بەلگىلەپ بېرىشكە توغرا كەلگەندىمۇ، ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىمۇ ئامېرىكىنىڭكى بىلەن ئوخشاش «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمىنى يولغا قويدى، دەپ پەرەز قىلساق، ئانا تىل ئوقۇشىدىن خەنزۇ تىلى ئوقۇشىغا كۆچۈش ۋاقتى ئۈرۈمچى، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوخشاش بولماسلىقى كېرەك.


3. ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ «نەزەرىيىۋى ئاساسى» توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

يۇقىرىقى «8 سوئال» ھەققىدىكى يازمىنىڭ «كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش» نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان 7-سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتا مۇنداق دېيىلگەن: «قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش – بىر سىستېما قۇرۇلۇش بولۇپ، ھەم قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكى، مۇشەققەتلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ، "باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش" روھىنى تىكلەش؛ ھەم مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا ئىزدىنىش لازىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جايلارنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگىنىمىزدە، بىز بارغانسېرى شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چوقۇم "كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش"، تىل ئۆگىنىدىغان ئالتۇن دەۋرىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. كۆپلىگەن جايلارنىڭ تەجرىبىلىرى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش - "توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش" سەۋىيىسىنى مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈش، ھەر خىل مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆمۈرلۈك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئاساسىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىق ۋە يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 60 - يىللاردىن بۇيان، مېڭە پېنى، پسىخولوگىيە، مائارىپ ئىلمى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى دەسلەپكى مەزگىلدە تەربىيىلەشنىڭ ئادەم ھاياتىدىكى مۇھىم رولى شۇنداقلا ئۇ زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىلمىي بولغان دەسلەپكى مەزگىللىك تەربىيىلەش بالىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سەرگە توشمىغان بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن كېيىنكى ئوقۇشقا بىر قەدەر ياخشى ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇشتىن قېلىش نىسبىتىنىڭ چۈشۈشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا، جەمئىيەتتە نامراتلىقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.»

مەن يۇقىرىدىكى قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ 1-سىنىپىدىن باشلاپلا ھەممە دەرسلەرنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىشى، ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەقەتلا ئۆتۈلمەسلىكى، «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش» روھى بىلەن «يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بىر پروگرامما ئوخشايدۇ، دېگەن تونۇشقا كەلدىم. ھەمدە يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي قالدىم. «ئۇيغۇر دىيارىدىكى "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار مۇشۇنداق كىشىلەرمىدۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورۇدۇم. كۆڭلۈمدىكى تۇيغۇنى ئىپادىلەيدىغان سۆز تاپالماي، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەي، قالايمىقان سۆزلەيدىغان ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان گەپلىرىنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلدىم. پەرىشان بولدۇم. ھەسرەتلەندىم. نەپرەتلەندىم. بالىلارنىڭ مېڭىسى كومپيۇتېرىنىڭ ئۇچۇر قاچىلايدىغان قاتتىق دېتالغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭغا نېمە ئۇچۇر قاچىلىسا بولۇۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۇچۇرنى قانداق قاچىلىسا بولۇۋەرمەيدۇ. بالىلارغا بىلىم بېرىشتە ئىنسان مېڭىسىنىڭ بىئولوگىيىلىك، پىسخولوگىيىلىك ۋە باشقا بىر قىسىم قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا بالىلار ئۆگەتكەن بىلىمنى قوبۇل قىلالمايلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىرىمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش» نى قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار بار. «يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» نى قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارمۇ بار. لېكىن، مېنىڭچە ئۇ ئىشلار ئەمدى مەكتەپ يېشىغا توشقان كىچىك بالىلارغا بىلىم بېرىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. روشەنكى، جۇڭگودا ئېرىشكەن «مېڭە پېنى، پسىخولوگىيە، مائارىپ ئىلمى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى» بىلەن دۇنيادىكى باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئېرىشكەن ئوخشاش ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرقلەر بار ئىكەن. بەزى جەھەتلەردە ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن بىچارە، تەلەيسىز ئۇيغۇر بالىلىرى جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئەمەس، بىلىم ئېلىپ، ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىشلاردىمۇ «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش» روھى بىلەن «يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» تەجرىبىسىنىڭ، مۇشۇنداق بىر ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئەسلىدە جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلغان ئاشۇ تەتقىقاتلار توغرىسىدا بىر قەدەر مۇكەممەل مەلۇماتقا ئېرىشەلىگەن بولساق ياخشى بولاتتى. لېكىن، كەم دېگەندە ئۇنىڭغا مېنىڭ ئىمكانىيىتىم يوق.

بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتۈشنى قارار قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بىر نەرسە، 60-يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقى ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 60-يىللاردىن 2000-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار بولغان:
(1) ئۇنداق قىلغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئوخشاش ياشتىكى ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن بولغان نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان.
(2) خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇ بالىلار ئاساسەن ئۈرۈمچى ۋە ۋىلايەتلىك شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ناھىيە، يېزا ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولغان.
(3) بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا سىرتتىن ياردەم قىلىش ئىمكانىيىتى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان.
(4) بۇ بالىلار ياشىغان مۇھىت خەنزۇ تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى خېلى كۆپ ياكى خېلى ئومۇملىشىپ قالغان مۇھىت بولۇپ، ئۇ بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ۋە مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىگە خېلى ئۇچراپ تۇرغان.

قىسقارتىپ ئېيتقاندا، بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالى پۈتۈن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا زادىلا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن جايلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچۇن تېخىمۇ شۇنداق. ھازىر ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 1-سىنىپتىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچىدا ئوقۇشقا مەجبۇرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خەنزۇ تىلى مۇھىتى بىلەن ئۇچراشقانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پۈتۈن ئۆمرىدە بىرەر خەنزۇ كىشىنى كۆرۈپ باقمىغان ياكى بىرەر خەنزۇ كىشىسى بىلەن سۆزلىشىپ باقمىغان بالىلارمۇ بار بۆلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇلار ئوقۇشتا ھەرگىزمۇ ۋىلايەتلىك شەھەرلەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلاردەك بولالمايدۇ. ھەرگىز ئۇلاردەك يېتىشىپ ئوقۇيالمايدۇ. مانا بۇ نۇرغۇن تورداشلار ئىنكاس شەكلىدە يازغان ئۇيغۇر بالىلىرى توغرىسىدىكى ئېچىنىشلىق ھېكايىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىدۇر. مەن ئوقۇغان بەزى ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىنگلىزچە مەكتەپتە ئوقۇپ ياخشى ئۈنۈم قازانغانلىقىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئىنگلىز تىلى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان مۇھىتتا چوڭ بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىنغان. يات تىلنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان جايلاردا تۇغۇلۇپ، ئاشۇ يات تىلنى ئانا تىل قىلغان كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ چوڭ بولغان بالىلار ئاشۇ يات تىل مەكتىپىدە بىۋاسىتە ئوقۇسا يېتىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قالغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى دۇچ كەلگەن ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مەن بۇ نۇقتىنى ۋەتەندىكى ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلار ھەرگىز ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى، مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرىنى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن.


4. ئاخىرقى سۆز

مەن ئالدى بىلەن مېنىڭ ئالدىنقى يازمامغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن بىر قانچىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمەن:

1-نەقىل: «قوش تىللىق ئوقۇتۇش بالىلارنىڭ تەبىئىي پەندە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ناھايىتى ئېغىر توسالغۇ بولىدىكەن. مەن ئۆتكەندە شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىللىق سىنىپىدىكى سىڭلىمنىڭ ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتناشقىلى بېرىپ، سىنىپىدىكى 54 نەپەر بالىنىڭ چارەكلىك ئىمتىھاندىن چىقىرىلغان يەككە پەنلەر نەتىجىسىنى كۆرۈپ، بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى، بالىلارنىڭ ئومۇمىي پەن نەتىجىسى يۇقىرىدەك قىلسىمۇ، ئەمما تەبىئىي پەن نەتىجىسى بەكلا تۆۋەن، خىمىيىدىن ئاران 7 بالا ئۆتۈپتۇ. ئەڭ يۇقىرىسىنىڭ نەتىجىسىمۇ 80 دىن يۇقىرى ئەمەس.»

2-نەقىل: «تولۇق ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مەسئۇلۇم كىچىك ئوغلىنى مەجبۇرى خەنزۇ مەكتەپكە بەردى. بالىسى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەي، "بىر سۇڭلۇق رەسىمىڭلارنى چاپلاپ كېلىڭلار" دېسە، "مۇئەللىم رەسىم سىزىپ كېلىڭلار دېدى"، دەپ كەلگەن. ئوقۇتقۇچىم ئەتىسى بالىسىنىڭ ئەسلى تاپشۇرۇقنى خاتا چۈشىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، بالىسىنى ئەيىبلەپ كېتىپتىكەن، ئوغلى: "ئەگەر سەن مېنى خەنزۇ قىلىپ تۇغۇپ قويغان بولساڭ، ھەممىنى بىلەتتىم!" دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئوقۇتقۇچىمنىڭ بالىسىغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى شۇ كۈنىلا ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكىۋەتتى.»

3-نەقىل: «مېنى بىر كۈنى بالام ئوقۇيدىغان ئىككىنچى يىللىق سىنىپتىن ئاتا-ئانىلارنىڭ يىغىنىغا چاقىرتىپتۇ. بارسام سىنىپ مۇدىرى سۆز باشلاپ، "سىلەرنى چاقىرتىشتىكى ئاساسىي مەقسەت بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى بالىلار خەنزۇچىنى پەقەت ئۆگىنەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدۇق" دېدى. ئاتا-ئانىلار بىر مۇنچە تالاش-تارتىش پىكىرلەرنى بەرگەندىن كېيىن، ئارىمىزدىن بىرسى قوپۇپ، "خەنزۇ تىل تىل ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇرمۇ يا خەنزۇمۇ؟" دەپ سورىدى. سىنىپ مۇدىرى "خەنزۇ" دېدى. ھېلىقى كىشى "ئۇنداقتا ئۇ ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلەمدۇ؟" دەپ سورىدى. سىنىپ مۇدىرى خانىم "ياق. ئۇيغۇرچىنى پەقەت بىلمەيدۇ" دېدى. ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇرچىنى بىلمىسە خەنزۇچىنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرمىسە قانداق ئۆگىتىدۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ قانداق ئۆگىنىدۇ ئوقۇتقۇچمۇ بىر گاچا ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر گاچا ئىككى گاچا بىر-بىرىگە شەرەت قىلسا خەنزۇچىنى قانداق ئۆگىنىدۇ دېدى شۇنىڭ بىلەن ئاتا ئانىلار ئىچىدە غۇلغۇلا گەپ باشلاندى ئەڭ ئاخىردا ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلەپ پىكرى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي تىل ئۆگىتەر بولسا خەنزۇچىنىمۇ ئۇيغۇرچىنىمۇ ياخشى بىلىدىغان قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى بەلگىلەپ بېرىشنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە تەلەپ قويدى، كېيىن ئۇقساق بۇ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىنى يىڭىدىن ئىچكىرىدىن يۆتكەپ ئەكەلگەن ئوقۇتقۇچىكەن شۇڭا ئۇيغۇرچىنى پەقەت بىلمەيدىكەن ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇچە سۆزلەۋېرىپتۇ شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلەلمەپتۇ.»

مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋاللارنى بايان قىلىدىغان يەنە بىر قىسىم ئىنكاسلارنى يىغىپ، ئۇلارنى http://www.meripet.com/Söhbet1/Erkinc6_QoshTil2.pdf گە قويۇپ قويدۇم. خالىغىنىڭلار ئۇلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئەمەل ئەھلىلىرىگە ۋە ئۆز مائارىپچىلىرىغا تۆۋەندىكىدەك تەلەپ-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:

[1] ھازىرقى باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچىدا ئۆتىدىغان، ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى 3- ياكى 4-يىللىققا چىقىمىغىچە ئۆتمەيدىغان تۇزۇمنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا 4-سىنىپقا كۆچكىچە ھەممە دەرسلەرنى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا ئۆتۈپ، خەنزۇ تىلى دەرسنى 4-سىنىپتىن باشلاپ ئۆتىدىغان تۇزۇمنى يولغا قويۇش. ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ مەقسىتى، تىل بىلەن تەبىئىي-پەن ۋە سانائەت پەنلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىش بولىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش كېرەك. تەرەققىيات جەھەتتە دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان دۆلەت يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقات ۋە سىناق نەتىجىسىدە بىر مۇكەممەل «قوش تىللىق مائارىپ» قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

[2] باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تىل، بىلىم ۋە ئەقىل جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش» روھى بىلەن «يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» ئۇسۇلى ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان ئۇسۇللار بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش. مېنىڭچە ھازىر مۇشۇنداق ئىلمىي ئاساسى يوق ئىدىيىلەرنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەقلىي تەرەققىيات جەھەتتىكى زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە (http://www.parenthood.com/article-topics/whats_the_right_a mount_of_homework.html گە قاراڭ)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەرەللىك ھالدا تاپشۇرۇق ئىشلىتىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ئۈچۈن ئانچە چوڭ پايدىسى يوق بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تاپشۇرۇق مىقدارى، 1-سىنىپتا ھەر كۈنى 10 مىنۇت، 2-سىنىپتا 20-مىنۇت، 3-سىنىپتا 30 مىنۇت ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەر يىلى 10 مىنۇتتىن قوشۇپ ماڭسا بولىدىكەن. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ھازىر ھەر كۈنى قانچىلىك ۋاقىت تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ؟ مەن بۇرۇنقى يازمىلىرىمدىمۇ تەسۋىرلەپ ئۆتكىنىمدەك، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە مەكتەپتىكى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن سىرتتا ئوينايدىغانلىرى كۆپ. ئاسىيالىقلارنىڭ بولسا ئۆيىدە ياكى كۇتۇپخانىدا ئۆگىنىش قىلىدىغانلىرى كۆپ. ئەمما، مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك كەسپىي خادىملارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارى، ئۆزى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى، ئۆزى مۇستەقىل مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى، ئۆزىنىڭ قۇلى بىلەن ئەمىلى ئىشلارنى قىلىش ئىقتىدارى ئاسىيالىق، جۈملىدىن خەنزۇ كەسپىي خادىملارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى. تەپەككۇر ۋە ئىجادچانلىق جەھەتتە ھازىر ئامېرىكا دۇنياغا باشلامچى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ئوقۇغۇچىلارنى كەلگۈسىدىكى ياخشىراق ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى يوق ئاشۇنداق تاپشۇرۇقلار بىلەن كۆمۈۋەتكەننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئامېرىكىلىقلارنىڭ «بالىلارنى بالىلاردەك ياشىغىلى قويۇش كېرەك» دېگەندەك بىر گېپى بار. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ بالىدەك ياشاش ھوقۇقى بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىدەك ياشاپ چوڭ بولۇشىغا يول قويۇلمىسا، ئۇلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدۇ. مەن مائارىپچىلارنىڭ بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىشى ۋە ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى سورايمەن.

[3] ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇشتىن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇشقا كۆچۈشتىكى ئۆتكۈنچى دەۋردە تىل ۋە تەبىئىي-پەن دەرسلىرىنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى قوش تىللىق بولۇش. ئامېرىكا دەل مانا مۇشۇنداق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوخشىمىغان دەرىجە بويىچە «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىسى» كىنىشكىسى بېرىش، ھەمدە مەكتەپلەردە رىقابەت ئاساسىدا تاللاپ خىزمەت بېرىش جەھەتتە بىر مۇنتىزىم قائىدە-تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان. ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان ھەم ئىنگلىزچە بىلىدىغانلار ماۋۇ تور بېتىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:
http://www.isbe.state.il.us/bilingual/htmls/biteacert.htm.
يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن بىر توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ھېچ قانداق ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان خەنزۇ مىللىتى كىشىلىرى ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئىلمىيلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى مەن ھەر قانچە تەكىتلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ.

مەن يۇقىرىدىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، كانادا ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەر «قوش تىللىق مائارىپ» ئىشلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈش، تەتقىقات ۋە سىناق ئېلىپ بېرىپ، بىر مۇنتىزىم «قوش تىللىق مائارىپ» پروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يولغا قويۇۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاز مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى بىر قانچە ئەۋلاتقىچىمۇ ئۆسمەي، شۇ سەۋەبتىن بۇ مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۆمۈر بۇيى قارا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. شۇڭلاشقا بۇ دۆلەتلەر مەن مۇشۇ يازمامنىڭ 2-قىسمىدا تەسۋىرلەپ ئۆتكەن «قوش تىللىق مائارىپ» پروگراممىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بىز يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. ئەگەر بۇ پەرقلەر تۈگىتىلمىسە، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارى، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان ئىختىساسلىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئانا تىل بىلەن خەنزۇ تىلى، بىلىم ۋە ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن، پەقەتلا قارا خىزمەت ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتكىلا يارايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ، ھەر بىر ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىنىڭ، ھەر بىر ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ھەر بىر ئۆزىنى ئۇيغۇر سانايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا 1-دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن مۇشۇ يازمامنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا تىلغا ئالغان «8 سوئال» غا جاۋاب بەرگەن ئەمەلدار 2-سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «شۇڭا، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇش، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇتۇش تىلىنى بېكىتىش كېرەك.» ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق يازمامغا قارىتا يازغان بەزى ئىنكاسلىرىدا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «خەلق ئاممىسى» ئۆزىنىڭ «ئارزۇسى» نى قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئىپادىلىسە، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن، ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر جان بېقىش ۋاسىتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش تەھدىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. جېنىنى ساقلاپ ياشاش ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەلەپ. خىزمەت تېپىش ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە قىيىنلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز خىزمىتىنى يوقىتىپ قويۇش ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، مۇشۇنداق تەھدىت ئاستىدا ياشاش «قورسىقىنى ئاچ قويۇپ كۆندۈرۈش» كە دۇچ كەلگەن ھايۋانلارنىڭ كۈنى بىلەن ئانچە پەرق قىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدۋار بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگونىڭ ئىمپورت سانائىتى 2-3 يىلنىڭ مابەينىدە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى چېكىنىشلەردىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرى بار. مەن جۇڭگودىكى يالغان ماللارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ، مۇشۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا پەرەز قىلغان ئىدىم. دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ئەگرى-توقاي مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى تەرەققىي قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى «قانۇنلۇق دۆلەت بولۇش» ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان. قانۇنلۇق دۆلەتلەردە قانۇن بىر يەردە بىر خىل، يەنە بىر يەردە يەنە بىر خىل بولمايدۇ. بىر مىللەتكە بىر خىل، يەنە بىر مىللەتكە بىر خىل بولمايدۇ. بىر گۇرۇپپا ئادەمگە بىر خىل، يەنە بىر خىل ئادەمگە بىر خىل بولمايدۇ. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم ھەممە يەردە باراۋەر بولىدۇ. جۇڭگو ھازىرقىدىنمۇ بەك تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئاشۇنداق بىر مۇنتىزىم قانۇنىي تۇزۇمنى ئورنىتىشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق. جۇڭگودا ئاشۇنداق بىر مۇنتىزىم قانۇنىي تۇزۇم يولغا قويۇلغاندا، قانۇنىي يوللار بىلەن ئۆز ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن، قانۇن-تۇزۇم بويىچە يۇقىرىغا ئۆزىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن ئۇيغۇرلار جازاغا ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار قوغدىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق كۈنلەرنىڭ كېلىشىدىن ئانچە ئۈمىد بولمىسا، قىيىن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بەزى «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ باققىنى ياخشى. ئەگەر جۇڭگونىڭ ئەھۋالىدا ھازىرقىدىن ياخشىراق تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەش بولمايدىكەن، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا قەتئىي قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى ئەنە شۇدۇر.

تەھرىرلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى ( http://www.orkhun.com ) دىن ياۋۇز.

مۇشۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان تور بەتلەرنىڭ تىزىملىكى:

Kangas خانىمنىڭ 22-بەتلىك دوكلاتىنىڭ JPEG شەكىلدىكى ھۆججىتى:
http://www.meripet.com/Söhbet1/kangas/
ئامېرىكا «مائارىپ بايلىق مەنبەسى ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ تور بەت ئادرېسى:
http://www.eric.ed.gov.
«شىنجاڭنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدا 8 سوئال»:
http://www. bilik.cn/bbs/viewthread. php?tid=20694
«باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلۈكنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى » دېگەن ماقالىغا چۈشكەن بىر قىسىم ئىنكاسلار: http://www.meripet.com/Söhbet1/Erkinc6_QoshTil2. pdf
ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش ۋە ئۇلارغا كىنىشكا بېرىش رەسمىيەتلىرى:
http://www.isbe.state.il.us/bilingual/htmls/biteacert.htm
ئامېرىكا: قانچىلىك تاپشۇرۇق ئەڭ مۇۋاپىق؟
http://www.parenthood.com/article-topics/whats_the_right_amount_of_homework.html
بۇ يازمىدىكى ئۇلانمىلار توغرا ئۇلانماي قالسا، مەرىپەت توربېتىدىكى ULY نۇسخىسىغا مۇراجەت قىلىڭ، ياكى ئۇلانما ئادرېسىنى كۆچۈرۈپ، بوشلۇق قويۇلۇپ قالغان ئورۇنلاردىكى بوشلۇقنى ئۆچۈرىۋېتىپ، تور كۆرگۈگە چاپلىسىڭىز نورمال ئېچىلىدۇ. ـــــ تەھرىردىن
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ
顶端 Posted: 2009-01-02 09:07 PM | [楼 主]
Zulpikar Barat Ozbax
arxang
级别: ئۈمىدلىك ئەزا


精华: 0
发帖: 185
شۆھرەت: 305 نۇمۇر
پۇل: 737 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:91(小时)
注册时间:2008-11-25
最后登录:2009-02-20

 


مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، رەخمەت ھارمىغايسىز.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
گەپنى قىلىش بەك ئاسان، گەپ ئىگە بولۇشتا.
顶端 Posted: 2009-01-02 10:37 PM | 1 楼
Adil Mijit Bilan sohbat
نالەن
级别: يېڭى ئەزا


精华: 0
发帖: 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:182(小时)
注册时间:2009-01-01
最后登录:2009-01-16

 

بۇ بىز  ئويلىنىپلا قويماي ، بەلكى چوقۇم دەرھال ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بىر ئىش دەپ قارايمەن. بىرلىكتە تىرىشايلى . ئانا تىلىمىزنىڭ ،ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىگە بىزدىن باشقا ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.شۇڭا ھەرىكەت ئەڭ مۇھىم!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
顶端 Posted: 2009-01-02 10:58 PM | 2 楼
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
jasos007
级别: تىما چولپىنى


精华: 1
发帖: 705
شۆھرەت: 775 نۇمۇر
پۇل: 2347 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:1144(小时)
注册时间:2008-12-22
最后登录:2009-02-20

 

ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۇچۇن تىرشايلى دوسلا.
تىمىڭىزگە رەخمەت.
Okyan
مۇمكىن ئەمەس دىگەن سۆز پەقەت نادانلارنىڭ لوغىتىدىن تىپىلىدۇ.
顶端 Posted: 2009-01-02 11:04 PM | 3 楼
Adil Mijit Bilan sohbat
UdunOhli
级别: تەجرىبىلىك ئەزا


精华: 0
发帖: 278
شۆھرەت: 139 نۇمۇر
پۇل: 960 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:653(小时)
注册时间:2006-06-03
最后登录:2009-02-18

 

نۇربەكرى خەلىقكە قارشى مۇقام ئېتسا ،بىز نىمە ئىش قىلالايتۇق ...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
顶端 Posted: 2009-01-02 11:04 PM | 4 楼
Yurtum Elani
baxtogragh
级别: تەجرىبىلىك ئەزا


精华: 1
发帖: 314
شۆھرەت: 371 نۇمۇر
پۇل: 240 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:262(小时)
注册时间:2008-09-23
最后登录:2009-02-20

 

  << ئا >> ئەپەندىم بىلەن << ب >> ئەپەندىمنىڭ قوش تىل ئۇستىدە ئېلىپ بارغان مۇنازىرسى .....
    << ب >> : قوش تىل مۇئارىپىنىڭ بىزگە ( ئۇيغۇرغا ) نىمە زىيىنى بار ؟ ھازىر ھەممە يەردە خەن_ تىل-يېزىقىنى بىلمىسە نان تېپىپ يىگىلى بولمىسا ، بالىلار مەكتەپ-سىنىپتا خەن -- تىلىنى ئۇگەنسە ، ئائىلىدە ئۆزىمىز ئانا تىلىمىزنى ئۆزلەشتۇرىۋالساق بولمىدىمۇ .........؟
  
   << ئا >> : دىگىنىڭىز توغرا ، ھازىرقى جەميەت رىقابەتكە ، شاللاش-شاللىنىشقا شۇنداقلام بىلىملىكلەرگە ئېھتىياجلىق ، بىز بۇرۇن نادانلىقنىڭ ، ساۋاتسىزلىقنىڭ دەردىنى بولۇشىغا تارتتۇق . ئەمما بىز ئۆزىمىزدىكى ئىمان-ئىتىقاد ، ئۆرۇپ-ئادەت ۋە ئىنساپ -غۇرۇر بىلەن بۇ دۇنيادا ، ئالتۇن تاۋاق ئۇستىدە غەمغۇسىز ياشاپ كەلگەن . قوش تىل مۇئارىپ تۇزۇلمىسى بولسا بىر مىللەت تىل-يېزىقىغا قىلىنغان خىرىس ، ئۇ بولسا بىزنىڭ تىل-يېزىغىمىزنى ، ئۆرۇپ-ئادىتىمىزنى ، ئىتقاد - غۇرۇرىمىزنى سۇسلاشتۇرغۇچى بىر ئەگەتمە ۋاستىدىن ئىبارەت . ئەگەر سىز مال-دۇنياغا ھەددى ھىساپسىز بايلىققا ئىگە بولسىڭىز ، باشقىلارنىڭ سىزگە زورلاپ تاڭغان چاكىنا ، بەدقىلىق ، چۇشۇنىكسىز ھەم ئەھمىيەتسىز خوجۇنلىرىنى كۆتۇرگۇڭىز كەلمەس ؟ دەل ئەكسىچە بىز بىر بىباھا ئالتۇن تاۋاقنى كۆتۇرىۋېلىپ باشقىلاردىن ئاش-نان تىلەپ يەۋاتقان ساھيىل كەبى يۇرمەكتىمىز .
   بالىلارغا كىچىگىدىن باشقا مىللەت تىل-يېزىقىنى ئۇگىتىش ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىگىمۇ ئۇدۇل تەسىر قىلىدۇ . سىز بىلەن بىز يانا 10-15 يىلغۇ ئۆيدە ئۆز تىلىمىزنى ( ئۇيغۇر ) بالىلىرىمىزغا ئوزلەشتۇرەرمىز ، بىزدىن كىيىنكىلەرچۇ ؟ ئۇلار ئاللا بۇرۇن قوش-تىل تەربىيسى بىلەن ئۆزىنى ھەم ئەقىل-ئىدىرىكىنى بۇرمىلاپ بولغان تۇرسا .............. بالىلىرىغا { بابا بىلەن ماما } نى ئۆزلەشتۇرەرمىكىن . بىزدە ھېلى ھەم مەيلى شەھەر بولسۇن مەيلى يېزا-قىشلاق ، ھازىرقى مۇشۇ قوش تىل ياكى ( مىن كاۋ خەنلىشىش ) سەۋەبىدىن ، بۇزۇلىۋاتقان ئانا تىلىمىز ، ئۆزگىرىۋاتقان ئۆرۇپ-ئادىتىمىز ، يوقىلىۋاتقان شەرمى-ھايارىمىز ، سۇسلىشىۋاتقان ئىتقاد - غۇرۇرىمىز ئازلىق قىلارمۇ ؟ .............
    بىز خۇددى بوغۇزلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئاجىز قويغا ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز ، بىزنى ئۇلار قۇربانلىق قىلىش تەپتىگە ئۆزىنىڭ نام-ئابروي ھەم مەنسەپ تاجىنى قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت خالاس .............
   دوستۇم << ب >> ئاخىردا دەيدىغېنىم تىل ئۇگەن ، بىلىم ئال ، ئىنتىل ، يۇكسەلگىن ئەمما سېنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىگىڭنى شەرھىلەيدىغان ئانا تىلىڭنى ئۇنۇتما ، قەدىرلە ، قوغدااااااااااااااااااااااااا !
    
Okyan
ئۇرۇمچى كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ... !
      
顶端 Posted: 2009-01-03 12:24 AM | 5 楼
Zulpikar Barat Ozbax
oguzogly
ئوزلۇكىمىزنى يۇقاتمايلى!
级别: ئالىي ئەزا


精华: 0
发帖: 283
شۆھرەت: 293 نۇمۇر
پۇل: 1029 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:2865(小时)
注册时间:2008-09-08
最后登录:2009-02-20

 

ئىككىنىچى قىسممۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ...........ئەركىن سىدىق ئاكىغا كۇپ تەشەككۇر....!~
تىما تۇغۇرلۇق كۇپ سۇزلىمەي.......ھەي.......بىزنىڭ مۇشۇنڭغا ئوخشاش مىللەتنىڭ كەلگۇسگە  ئائىت ئوز تەقدىرمىزنى بەلگليەلەيدىغان ئشلارغا نىسبەتەن باشقا ھەرقانداق مىللەت، دۇلەتلەردىكدەك   ھوقۇقلارنى  ،ئەركىنلىك ۋە دىمكۇراتىيەنى بىزگە  ھەققىي  بىرلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.......!~بۇنىڭغا قەتتئى گەپ كەتمەيدۇ قىرنداشلار...
نەچچە ھەپتىنىڭىزى تىلىۋىزور ،رادىئو ۋە گىزتلەردە  كەڭ كولەمدە 30يىللىق ئالەمشىمۇل ئسلاھات  ئوزگىرشلىرىنى ،مۇجىزلىرىنى،تەرەققىياتلارنى ،مىللتىمىز ئىتنك مەدەنىيتى ئۇچۇن قىلغانلىرنى ،بايىلىق ۋە جۇغراپىيەلىك  ئەۋزەنلىكىنى ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ ،ئەڭ ئاۋال بىز نىڭ ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىمىزنى ھەققى ھەل قىلۋاتقانلىغىنى،ئىچكىردىن بىز دۇت قالاقلارغا ياردەمگە كىلىپ رايۇنىمىزنى شۇنداق ياخشى باشقۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقىننى..............    بىرىپ كىلۋاتىدۇ.......قىلچە نۇقسانسىز ،ھەققىي خەۋەرلەر دەڭلار  بۇ........شۇنداق زوق ئىلكىدە كۇردۇم بۇلارنى............     بۇلارنىڭ دەلىلىرى شۇنداق  كۇپ.....
مۇشۇنداق تۇرسا ، ئوشۇق سۇزلىسەك ئالى ئىنئام ناملار شۇ ھامانلا  تەييار بىزلارغا....بۇلارنى ئويلىساملا كۇڭلۇم شۇنداق بىر قسما بۇلىدۇ........ مۇشۇنداق كىتىۋىرەرمىزمۇ ...ئاللا ئوزۇڭ مەدەتكار بولغايسەن...........!~
[ بۇ يازما oguzogly تەرپىدىن2009-01-03 02:04 AMدە قا ]
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
顶端 Posted: 2009-01-03 01:13 AM | 6 楼
Yurtum Elani
anwarjanomut
级别: دىيارىم ئەزاسى


精华: 0
发帖: 36
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:20(小时)
注册时间:2008-12-10
最后登录:2009-02-13

 

ئەركىن ئاكا سزگە كوپتىن -كوپ رەھمەت ، بارلىق ئشلرىڭزنڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن،مەن يىقىندا يازماقچى بولغان ماقالەمدە كوپرەك سىز ئۇستدە توختلمىەن.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
顶端 Posted: 2009-01-03 10:09 AM | 7 楼
Zulpikar Barat Ozbax
AZHAR36
级别: ئۈمىدلىك ئەزا


精华: 0
发帖: 174
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
پۇل: 903 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:104(小时)
注册时间:2007-05-23
最后登录:2009-02-14

 

ناھايتى ياخشى يوللاپسىز  
بۇ تېمىنى قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى بىلمەيۋاتقان رەھبەرلەر ئوقۇپ باقساق ياخشى بولاتتى
顶端 Posted: 2009-01-03 10:41 AM | 8 楼
Yurtum Elani
kalkvn117117
级别: كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


精华: 0
发帖: 724
شۆھرەت: 734 نۇمۇر
پۇل: 454 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:557(小时)
注册时间:2008-09-06
最后登录:2009-02-19

 

بۇ ماقالىنى بارلىق مائارىپچلار تەپسىلى ئوقۇپ چۈشنۋالسا بەك ياخىشى بولاركەن .چۈنىكى بۇ ئىدىيەدە تۇنۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلشقا تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينشى مۇمكىن.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
باشىقىلار بىلدىغان ئەڭ ئاددىنمۇ ، بىلمەسلكىمز مۇمكن .
顶端 Posted: 2009-01-03 02:31 PM | 9 楼
Zulpikar Barat Ozbax
tirishayli
级别: يېڭى ئەزا


精华: 0
发帖: 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 176 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:4(小时)
注册时间:2008-01-23
最后登录:2009-02-12

 

توغرا دوستلار،ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى خەلىقئارا جەمىيەتلەرگىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشى يۇرىتلماقتا،خەلىقئارا جەمىيەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا بارغانسىرى كۆڭۈل بۆلمەكتە،ئۈمىدۋار بۇلايلى!پاتماس قۇياش،يىمىرىلمەس ئىمپىريە بولمايدۇ،ۋاڭ بىلەن ئىنىسى ۋاڭ بەكرىمۇ بىركۈنى..........
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
顶端 Posted: 2009-01-03 06:13 PM | 10 楼
Yurtum Elani
nurbira
级别: يېڭى ئەزا


精华: 0
发帖: 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:15(小时)
注册时间:2009-01-03
最后登录:2009-01-04

 

مەن قوش تىللىق ئوقۇتۇشقا قارشى يۈزتۇرانە پىكىر بەرگەن تۇنجى قىز ئوقۇتقۇچى...شۇڭا مەن ھازىر ئوقۇتقۇچى ئەمەس !  مەن قىلغىنىمدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن... چۈنكى مەن ھەقىقەتنى قولۇمغا قوش قوللاپ ئالالىدىم،تەۋەككۈل قىلدىم،گەرچە ھەقىقەتنىڭ شامى قۇلۇمنى كۆيدۈرگەن بولسىمۇ !  
                                                                        نۇر بىرە
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
顶端 Posted: 2009-01-03 10:55 PM | 11 楼
Zulpikar Barat Ozbax
UdunOhli
级别: تەجرىبىلىك ئەزا


精华: 0
发帖: 278
شۆھرەت: 139 نۇمۇر
پۇل: 960 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:653(小时)
注册时间:2006-06-03
最后登录:2009-02-18

 

Quote:
بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىnurbiraنىڭ2009-01-03 10:55 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
مەن قوش تىللىق ئوقۇتۇشقا قارشى يۈزتۇرانە پىكىر بەرگەن تۇنجى قىز ئوقۇتقۇچى...شۇڭا مەن ھازىر ئوقۇتقۇچى ئەمەس !  مەن قىلغىنىمدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن... چۈنكى مەن ھەقىقەتنى قولۇمغا قوش قوللاپ ئالالىدىم،تەۋەككۈل قىلدىم،گەرچە ھەقىقەتنىڭ شامى قۇلۇمنى كۆيدۈرگەن بولسىمۇ !  
                                                                        نۇر بىرە


راستنى دىسەم سىز نى نى ئەركەكلەر قىلالمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز ،سىزگە چىن-دىلىمدىن چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ..
顶端 Posted: 2009-01-04 12:33 PM | 12 楼
Yurtum Elani
sirlik-ar
级别: تەجرىبىلىك ئەزا


精华: 0
发帖: 279
شۆھرەت: 479 نۇمۇر
پۇل: 740 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 58 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:225(小时)
注册时间:2007-10-21
最后登录:2009-02-18

 

مەنمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيمەن،بىزنىڭمۇ قوش تىللىق باللىرىمىز 2-يىللىققا چىقتى،ئەپسۇس ئىككى سىنىپتىكى 80نەچچە ئويغۇر پەرزەنتىنىڭ ھەر بىر كۇنلىرى شۇنچە مەنىسىز،ئەھمىيەتسىز ئوتمەكتە ،چۇنكى ئۇلار يا ئوز تىلنى ياكى باشقا تىلنى سوزلەش ئەمەس كۇچۇرۇشمۇ قۇلدىن كەلمىسە،بىچارە ئاتا-ئانىلار ئاز تۇغۇپ سۇپەتلىك چوڭ قىلىش سىياسىتىدىنمۇ بەھرىمان بۇلالماي ئوز پەرزەنتىنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالى ئۇستىدە باش قاتۇرۇپ گېلىدىن تاماقمۇ ئوتمەس ھالەتتە تېخى يۇقىردىكىلەر بۇنى ئۇقۇتقۇچىلاردىن كۇرۇپ ئۇقۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگىەن دەپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە،مىللى مائارىپ خۇددى جۇڭگۇ مائارىىپىنى ئىسلاھ قىلىش،باشقىلاردىن ئوگەنگەن ئەندىزنى سىناق قىلش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە،بۇ ئاتۇم سىېنىققا بەرداشلىق بىرەلمەي كاللىسى گاڭگىراپ قالغان ئويغۇر پەرزەنتىللىرى ئېغىر سومكىسىنى مۇرىسىگە ئارتىپ ئاتا-ئانىسنىڭ زورى،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تىنىمسىز ئائىلە سوھبىتى قىلىشى ئارقىسىدا خۇددى سېناق مەيدانىغا ماڭغان مەھبۇسلاردەك ماڭماقتا،،،ھەي بۇگۇنىمىز بۇزۇلدى،ئەتىمىز نىمە بۇلار......كەلگۇيسىگە كىم ئىگە.....................؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
顶端 Posted: 2009-01-04 12:35 PM | 13 楼
Zulpikar Barat Ozbax
shungqar12
级别: تەجرىبىلىك ئەزا


精华: 0
发帖: 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:707(小时)
注册时间:2008-01-30
最后登录:2009-02-20

 

ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار.
顶端 Posted: 2009-01-04 02:46 PM | 14 楼
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
帖子浏览记录 版块浏览记录
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

Total 0.088525(s) query 8, Time now is:02-20 15:06, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation