قەدىمقى ئۇيغۇر شېئىرلىردىن ئىككى پارچە
ئەسكەرتمە :
قەدىمقى ئۇيغۇرچە شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمى قوچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىگە ،يەنى 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەردە ئىجاد قىلىنغان.
مەدھىيە (پارچىسى)
ئەسلىسى :
كوك بورىتەگ سىنى بىرلە يورىيىن
قارا قوزغۇنتەگ توپراق ئۇزە قالايىن
ئىگگە كومۇرى
بىلەگۇكە يارىتەگ بولايىن
ئەرىكلىگ ئۇلۇغ ئىلگىمىز ئەرۇرسىز
ئالتۇنچا توممىش
توملۇنچا توممىش
قۇتلۇغ بلگە بەگۇمۇز ئەرۇرسىز
يىمە قالىن قارا بۇدۇنۇڭۇزىن
كىڭ قۇينۇڭىزدا
ئۇزۇن ئەتەكىڭىزتە
كۇيۇ كۇزەدۇ تۇتۇپ ئاچىنۇ ئىگدۇرسىز
تەرجىمىسى :
كۆك بۆرىدەك سەن بىلەن بىللە يۇرەي،
قاراقۇزغۇندەك تۇپراق ئۈستىدە قالاي
ئاغرىققا داۋا
بىلەي (بىلەيتاش)گە سۇ بولاي
قۇدرەتلىك ئۇلۇغ پادىشاھىمىزسىز
سىز ئالتۇندەك ساپ
مەرۋايىتتەك سۈزۈك
قۇتلۇق ،دانا بىگىمىز سىز .
سىز بارلىق پۇقرالىرىڭىزنى ،
كەڭ قوينىڭىزدا ،
ئۇزۇن ئىتىكىڭزىدە ،
كۆيۆنۇپ ئاسراپ مىھرىۋانلىق بىلەن باقىسىز .
(بۇ شېئىر تۈركىيىدە چىقىدىغان «تۇركۇلۇگىيە تەتقىقات يىللىغى»نىڭ 1968-يىللىق سانىدا ئىلان قىلىنغان)
بىلىم ئۈگىنىش ھەققىدە
ئەسلىسى :
بىلىگ بىلىڭ يا بەگىم ،
بىلىگ ساڭا ئەش بولور
بىلىگ بىلگەن ئول ئەركە
بىركۈن دەۋلەت تۇش بولور
تەرجىمىسى :
بىلىم ئۈگىنىڭ ،ئەي بىگىم ،
بىلىم سىزگە ھەمراھ بولور.
بىلىم ئۈگەنگەن ئەرگە،
بىركۈنى دۆلەت يار بولور
ئەسلىسى :
بىلىگلىگ ئەر بىلىڭە
تاش قۇرسانا قاش بولور،
بىلىگسىزنىڭ يانىغا
ئالتۇن قويسا تاش بولور
تەرجىمىسى :
بىلىملىك ئەرنىڭ بىلىگە،
تاش قىستۇرسا ،قاشتىشى بولور
بىلىمسىزنىڭ يىنىغا ،
ئالتۇن قويساڭ ،تاش بولور
(بۇ شېئىر1933 -يىلى ئەنگىلىيدىكى «بۇيۇك ئاسيا» ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان )
«قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى »(1983 -يىل. شىنجاڭ خەلق نەشېرىياتى)