ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : دىيارىم تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى
يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
دىيارىم تورى بۇ يېڭى بىر يىلدا كەڭ كۆرۈرمەنلىرىمىز ۋە سادىق قوللۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ نادىر ئۇچۇر ۋە سۆھبەتلەرنى تەييارلايدۇ ۋە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ . دىيارىم تورىنى داۋاملىق قوللىشىڭلارنى ۋە مەدەت - ئېلھام بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
2008-يىلى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزىزانە يۇرت قەشقەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش رەسسام ، قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ، دىيارىم تورىمىزنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ئىلشات تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن قىسقىغىنە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئېدۇق .
مەقسىدىمىز يىقىنقى يىللاردىن بىرى ئاپتونۇم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك رەسساملىق ماي بوياق كۆرگەزمىلىرىدە قەشقەردىكى ياش رەسساملار زور تەسىر ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى داڭلىق رەسسام ۋە سەنئەتكارلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىجتىھادلىق رەسسام ئىلشات تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن قىسقىغىنە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق .
سۆھبەت تەپسىلاتى ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن .
خاتىرە سۈرەتلەر تېخىمۇ كۆپ پىروگىراممىلار دىيارىم TV قانىلىدا
~~~~~~~~~~~~~~
سەنئەت پەرۋانىسى، گۈزەللىك مەستانىسى
ئادالەت ئابدۇرېھىم
قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمىيتىنىڭ رەئىسى، گۈزەل سەنئەت پەرۋانىسى، ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەتقىقاتچىسى، گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى، تونۇلغان ياش رەسسام ئىلشات تۇرسۇننىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش .
بىر سەنئەتكارنىڭ غەلىبە پەلەمپەيلىرىنى دەسسەپ، مۇۋاپىقىيەت دەرۋازىلىرىنى قاقالىشىدا، ئۇنىڭ بىر قاتار پىلان - تەسسەۋۋۇرلىرى ئەمەس، رېئاللىقنىڭ قىقاس- چۇقانلىرى ئىچىدە مەيدانغا چىقارغان نەتىجىلىرى، غايىۋى فانتازىيىلىك ئوي- پىكىرلىرى ئەمەس، مۇئەييەن زامان- ماكان ئىچىدىكى ئەل- ئاۋامغا پايدىلىق بولغان ئىش ھەركەتلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئادەتتىكى كۆز، قۇلاق بىلەن ھېس قىلىش قىيىن بولغان بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىغا شۇڭغۇپ كىرىپ،كۆزنى چاقنىتىدىغان مەدەنىيەت ۋەسىقىلىرىنى ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلالىلايدىغان بىر سەنئەتكارنىڭ ھاياتلىق گېنىدا سەنئەت ئېلمېنتىنىڭ بار- يوقلۇقى ، بەدئى تالانتىنىڭ بار- يوقلۇقىدىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆز ئەتراپىدىكى رېئال دۇنيا ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ئويلىيالىغۇدەك ۋىجدانىي تۇيغۇنىڭ بار- يوقلۇقى، پىخسىق رېئاللىقنىڭ تار رامكىسى ئىچىدە ياشاش ۋە ئىجادىيەت قىلىش پۇرسىتى يارىتالىغانلىقى،ئەڭ ئادىل باھالىغۇچى بولغان ئەل- ئاۋامنىڭ سىناق نەزەرلىرىدىن بىمالال ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىق، مىللىيلىك، ئەنئەنىۋىيلىك، زامانىۋىيلىق، گۈزەللىك تۇيغۇلىرىنى ئورگانىك ھالدا مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ياراتقان ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن جامائەتنىڭ ھۆرمىتى، قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىگەنلىكى تېخىمۇ ئاللاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
سەنئەتكارلىق بىرخىل تۇرمۇش شەكلى، سەنئەت كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى ۋە روھ ئالماشتۇرۇشىدىكى ۋاسىتە،سەنئەت ئەسىرى ئىنسانىيەت ھېسسىياتى ۋە روھنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، رېئال دۇنيا ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۇك. سەنئەت كىشىلەرنىڭ دۇنيانى تونۇشىدىكى بىر خىل شەكىل، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ گۇزەل ھېسسىياتلىرىنىڭ ئۇرنتىلىشى ۋە ئىپادىلىنىشى… بۇ بۇگۇنكى سەنئەت نوقتىئىينەزىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتقان، بازار ئىگىلىكى سەنئەتكە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ۋە ئەتراپتىكى باشقا ئامىللار ئۆزلۇكسىز تۇردە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان دەۋردە سەنئەتكارلارنى كۆپ خىل تاللاشنىڭ مۇشەققەتلىرىگە دۇچار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇگۇنكى سەنئەتكارلارنىڭ قانداق يولنى تاللاشى؛ قانداق ئۆلچەم بېكىتىشى پۇتۇنلەي ئۇنىڭ شەخسىي ئىشى. رەسساملىق سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى سەنئەتكارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ مەلۇم بىر خىل ئېتىقاد، ئىدىيە تۇرغۇزۇشى ياكى مەلۇم بىر خىل ئېتىقاد ئىدىيىگە تايىنىشى، شۇ خىل ئىدىيە ۋە ئېتىقاد ئۆلچىمىگە شەكسىز ئىشىنىشى شەرت. چۇنكى ئۆلچەم بولمىغاندا تاللاشمۇ بولمايدۇ، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ سەۋەبىمۇ يوقىلىدۇ. تونۇلغان ياش رەسسام ئىلشات تۇرسۇن ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە سەنئەت يولىنى تاللاب ئۆز خەلقىنىڭ ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىنى يۈرىكىگە تېڭىپ، ھايات سىناقلىرىغا يېڭى، ئۆزگىچە ، ۋە مول نەتىجىلىرى بىلەن جاۋاب بېرىپ كەلگەن،يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتمائىي ئۈنۈم قوغلىشىش جەريانىدىكى تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرى بەدىلىگە كەسىپداشلىرىنىڭ قوللىشىغا، ھۈنەرۋەن ،كاسىپ، ئوقۇرمەن ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە نائىل بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ئۈمىدلىك ياش.
بىر سەنئەتكارنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا تەبئىي تالانىت قانچىلىك يۇقىرى بولمىسۇن ئوخچۇپ تۇرغان تەقدىم قىلىش روھى ، پارتلاش خاركتىرىدىكى يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى، ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن كۈچلۈك جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى بولمىسا ،ئۇ قانچىلىك كۆپ ئەسەر ئىجاد قىلمىسۇن،ھەممىسى ئۆزىنى كۆرسىتىش ، تەقلىدچىلىك ۋە دورامچىلىقتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ.
گۈزەللىك پەرۋانىسى
ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە بىباھا تۆھپىلەرنى قوشقان، دۇڭخۇاڭ، قىزىل، باي مىڭ ئۆيلىرىدىكى سەنئەت ئابىدىلىرى، ۋە ئىنسانىيەت مەدەىنىيىتىدىكى سىرلىق ئۆرنەكلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىق، رەسساملىق، نەققاشلىق، ئويمىچىلىق، بېزەكچىلىك....... قاتارلىق ساھەلەردە قانچىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىدىغان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىلمىي تارىىخىي پاكىت. ئەپسۇسلىنارلىقى زامانلاردىن زامانلارغىچە ياشاپ، ئىجاد قىلىپ كەلگەن سەنئەت پىشىۋالىرىمىزنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىنى ئېنىق يورڭتۇپ بېرىدىغان شۇ قەدەر بىباھا مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى تا ھازىرغىچە بايقالغىنى يوق. بۇ ھەقتە بىر قەدەر قائىل قىلارلىق نەزەرىيىۋى سېستىما بارلىققا كەلمىگەنمۇ ياكى بارلىققا كەلگەن نەزەرىيىۋى كىتاپلار يوقىلىپ كەتكەنمۇ بۇنىسى نامەلۇم. ئۇيغۇر مائارىپىدا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى گۈزەل سەنئەت، نەزەرىيە ئەمەلىيەت بىرىكىپ يېزىلغان پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى كەم بولۇشتەك بوشلۇق ئىدى. ئىلشات تۇرسۇن گۇزەل سەنئەت مائارىپ كەسپىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىدىدە 2000- يىلى «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن گۈزەل سەنئەت يېتەكچەىسىى »ناملىق كىتاپنى تۇزۇپ نەشر قىلدۇردى. بۇ ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت ئوقۇتىشىدا پايدىلىنىشچانلىقى كۇچلۇق، ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت مائارىپ ئىددىيلىرىمىزنىڭ جەۋھىرى يىغىنچاقلانغان كىتاپ بولۇپ، گۈزەل سەنئەتنىڭ تۈرلىرى، ئىپادىلەش ۋاستىلىرى، بەدئى ئوبرازلارنى قانداق روياپقا چىقىرىش، قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولغان بەدئى ئوبرازلارنى يارىتىش ئۇسۇلى، ھەيكەلتاراشلىق بىلەن رەسساملىقنىڭ ئۆز- ئارا باغلىنىشى، ئجادىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى ئوبرازلىق تەسسەۋۋۇرنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى، بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەشغۇلات تەلىۋى ۋە ئۆلچىمى ، رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدلىكى، رەسساملىقتىكى گېئومېتىرىك تۈس، سىۋىت بېرىش، سىدام سىزما، تىز سىزما، ماي بوياق رەسىم، جوڭگۇچە رەسىم، قىستۇرما رەسىم ، ھەجۋىي رەسىم، تام رەسىمى، چاتما رەسىم، تارىخى رەسىم، رەسىمدىكى يورۇقلۇق، گوڭگالىق، نۇر ۋە رەڭنىڭ تەڭشىلىشى، ئىسسىق سوغۇق رەڭنىڭ مۇناسىۋىتى، ئادەم رەسىمىنى سىزىش، ۋە ئادەم ئانوتومىيىسى، مەنزىرە رەسىمنى سىزىش ئۇسۇللىرى، قارا تاختاي گېزىتى لاھىلەش ئىشلەش ۋە بېزەش .....قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ ئىنچكە مەزمۇنلار ئەستايىدىل ھالدا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان . كىتابتا ئىلشات تۇرسۇن ئۆز ئوبىكتلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، ئمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ ، بالىلار دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئۆي ھايۋانلىرى، قۇشلار ھاشارەتلەر، دەل- دەرەخلەر، مىۋە- چىۋىلەر، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي جاھازلىرى ،ئۈگنىش،تۇرمۇش قوراللىرى، قاتناش ۋاستىلىرى، تەنتەربىيە مەشغۇلات ئۈسكۈنىلىرى... قاتارلىقلارنىڭ سىزىلىش ئۇسۇللىرىنى ئاددىي يول بىلەن سېستىمىلىق ھالدا چۈشەندۈرگەن. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى بەلگۈلىك نەزرىيۋى بىلىم ئاساسىغا ئگە قىلغان. كۆرسەتمىلىك خاراكتىرى كۈچلۈك بولۇپ ھەر-بىر شەيئىنىڭ سىزىلىش ئۇسۇلىنى قەدەم باسقۇچلار بويچە تونۇشتۇرغان. نۇرغۇنلىغان شەيئىلەرنىڭ سىزىلىش جەريانى ئاددىي چۈشىنىشلىك نەزرىيۋىچانلىققا ۋە ئەمىلىيەتچانلىققا ئىگە قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن. بالىلار مۇئەەييەن شەيئىنىڭ رەسىمىنى سىزىش قائىدىلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىگەلىۋالالايدىغان بولۇپ بۇ خىل ئۇسۇل ئۆسمۈر بالىلارنى ئىختىيارسىز ھالدا گۈزەل سەنئەت دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسگىچە گۈزەل سەنئەت تۇيغۇلىرىنى سىڭدۈرىدۇ.
پۈتكۈل كىتاپتا باشتىن- ئاخىر قويۇق مىللىي ئەنئەنە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ پورتىرىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇلىرى، ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۆرنەكلىرى، مىس چۆگۈن، ساپال چۆگۈنلەر....رەسىم سىزىش ئىشتىياقىدا ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان ھەر- بىر بالىغا ئۆزى ،ئۆزىنىڭ يىلتىزى ۋە ئۆزى ئەتراپىدىكى دۇنيا ھەققىدە ئويلىنىش بوشلىقى يارىتىپ بېرىدۇ.
ئېلشات تۇرسۇن 2006- يىلى «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن ھۈنەر- سەنئەت قوللانمىسى ‹قەغەز قاتلاش ئويۇنى›(1) »ناملىق بالىلارنى پەن تېخنىكىغا ھۈنەر سەنئەتكە يېتەكلەيدىغان كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى. بۇ كىتابنى مەكتەپلەردە ئۆتۇلۇۋاتقان ئەمگەك –تېخنىكا دەرسىنىڭ نەزرىيىۋى ئاساسى ۋە ئەمىلىي يېتەكلەش خاراكتېىرى كۈچلۈك قوللانمىسى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. مەزكۇر كىتابنى بالىلارنىڭ ھۈنەر تېخنىكا ئىگىلىشىنى مەخسەت قىلغان بولۇپ بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ تەپەككۈرىنى جانلاندۇرۇپ، روھىي دۇنياسىنى قېزىقش، ئەقىل پاراسىتىنى نۇرلاندۇرۇپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە ئىجابىي پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇشتا تەربىيۋى قىممىتى ئىنتايىن زور. ئاپتور تۈز سىزىق، ئۈزۈك سىزىق، قارا سىزىق، تەكرار سىزىق توچكا، ئىستىرىلكا قاتارلىق قەغەز قاتلاشتا ئىشلىتىلدىغان بەلگۈلەر ئارقىلىق ئۈچبۇلۇڭ، كىۋادىرات، رومبا،ئەگرى يۈز، سۇنۇق سىزىق، كونۇس، كېسىك كونۇس، يۇلتۇز ، قېيىق، ھايۋاناتلا، قۇشلار، ھاشاراتلار، تۈرلۈك جانلىقلار ، گۈل- گىياھلار ...نىڭ قەغەز ئارقىلىق ئەينى شەكىلدە كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولۇش جەريانلىرىنى نەزرىيىۋى جەھەتتىن ۋە ئەمىلىي كۆرسەتمىلەر بىلەن ئەتراپلىق چۈشەندۈرگەن. قاش، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، يۈز، چاچ، پاچاق، قول ،قاتارلىقلارنى تۈرلۈك شەكىللەردە سىزىش، بوياش، رەڭ- سىۋىت بېرىش ئارقىلىق ئوخشىمىغان تۇيغۇ قىياپەت شەكىللەرنى يارىتىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان. خانقىز، ،پىرقىرىغۇچ،سېرىكچى، ھەركەتچان قونچاق، ئۇسسۇلچى قۇرۇت، كۈچۈك ماراقچى ،ھارۋا، تىمساق، گىلدىڭباش، دىلفىن ، شامالدۇرغۇچ، پىقىرىغۇچ، قالىغاچ، ياپراقسىمان قونچاق ،لېنتىسىمان قونچاق ، قاتارلىق شەيئىلەرنىڭ ھەركەتلىنىش ئالاھىدلىكىنى قەغەز كېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. كونۋېرت، مەنزىرە، كارتا، سومكا، كالېندار، سوۋغا قۇتىسى ،قاتارلىق بىر قەدەر مۇرەككەپ شەككىلەرنى ياساش، رەڭ ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلى ئۈگەتكەن.
بۇ ئويۇنلار قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگىنى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلقىنى ئېچىش، ئۇنۋرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشتە ناھايىتى ئوبدان نەزەرىيۋى قورال بولۇپ، كىتاپتىكى نەزەرىيە ئەمىلىيەت بىلەن زىچ ياندىشىپ ماڭغان. نەزرىيۋى بىلىملەر ۋە كۆرسەتمىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلات جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىي نەپكە ئېرىشىشىدە، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىۋېلىشىدا ۋە يېڭى شەيئىلەرنى ئىجات قىلىشىدا تېپىلغۇسىز پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە .
ئىلشات تۇرسۇن يەنە بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلقىنى ئېچىش تەپەككۈرۈنى قاناتلاندۇرۇش ئۈستىدە كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق « ئۇيغۇر بالىلار لاي ئويۇنى»،«ئۇيغۇر بالىلار ياغاچ ئويۇنى »، قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتابلارنى ئىشلەپ نەشرگە سۇندى.
سەنئەت قاناتلىرىدا بالقىغان پەرۋاز
رېئاللىق ئۆزىنىڭ پاكىتلىرى ئارقىلىق سېنىڭ بارلىق گۈزەل تەسسەۋۋۇرلىرىڭ ، خام خىياللىرىڭ، شەخسى ئارزۇ- ھەۋەسلىرىڭگە ئۆز ئالدىغا يولخېتى كېسىپ بېرىدۇ . رېئاللىق ۋاقتى كەلگەندە ساخاۋەتكە باي ۋە مەردانە . ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ رەھىمسىز ۋە قاتتىق قول. رېئاللىقنىڭ مۇرەككەپ جىلغىلىرىدىن يېڭى- يېڭى يوللارنى تېپىپ يول ئېچىپ ئىلگىرلىيەلىگەنلەرلا ھەقىقى مۇۋاپىقىيەت ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ.
ئىلشات تۇرسۇن سەنئەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە جۈملىدىن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ساھەسىدە ئىزچىل، ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق« ئۇيغۇر ئۆي بېزەكچىلىكى (2005-يىلى) »، « ئۇيغۇر چالغۇلىرى (2006يىلى) »، «ئۇيغۇر تامچىلىق ھۈنەر –سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر(2007يىلى)»، «ئۇيغۇر ياغاچچىلىق سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر(2007يىلى)»، « ئۇيغۇر سىرچىلىق سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر(2007يىلى)»،… قاتارلىق بىر يۇرۇش كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى. بۇ كىتاپلار ئۇزۇن تارىخني دەۋرىدىن بۇيان مۇكەممەللىشىپ ، تەرەققىي قىلىپ ،ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنى نامايان قىلغان ۋە دەۋىرگە ماس ھالدا تەرەققى قىلىپ ، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ھۈنەر- سەنئىتى جەھىتىدىكى ئەقىل- پاراسىتىنى نامايەن قىلىغان ۋە ئەلگەكلىرىدىن بىمالال ئۆتۈپ ھازىرغچە ساقلىنىپ كەلىگەن. بىراق، ئۇچۇر يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ئۆتكۈر خىرىسىغا دۇچ كېلىپ بىر قىسىم ھۈنەر- سەنئىتىمىز يوقىلىپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى نامايەندى ئۆرنەكلەرنى ئىلشات تۇرسۇن مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى، ھېرىپ چارچىماس روھى، جاپا مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىشتەك گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئۇزۇن يىللار ئىزدىنىش ئارقىسىدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بارلىق شەھەر يېزا قىشلاقلارغىچە بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلپ،ئەجدادلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپچىقارغان، بىنا قىلغان ۋە ياسىغان ئالاھىدە بويۇم، ئالاھىدە ئەسۋاب، ئااھىدە كۆرىنىشلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، توپلاپ، ئۆز سېستىمىسى بويىچە رەتلەپ يىزىپ چىققان.
گۈزەل سەنئەت مائارىپىنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلىپ تاللىغان ۋە بۇ جەھەتتە ئەتراپلىق بىلىم ئالغان ئىلشات تۇرسۇن كىچىگىدىنلا رەسساملىقنىڭ ماي بوياق رەسىم سىزىش كەسپىگە ئالاھىدە قىزىققاندىن تاشقىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆز ئەينىدە جۇلالاندۇرۇپ تۇرغۇچى قول ھۈنەر سەنئىتى كەسپىگىمۇ ھەۋەس ۋە ئىشتىياق باغلىغان ئىدى. ئۇ ئۇچراتقانلىكى گۈزەل، چىرايلىق نەرسىلەرنى، ئالايلى، كاتتا بىنا- ئىمارەتلەرنى، ياسىداق قورۇ- جايلارنى، نەپىس گېلەم- شىرداقلارنى بۇلبۇللار سايراپ تۇرغان باغ - ۋارانلارنى، ئاپپاق قار- مۇز قاپلىغان چوققىلارنى، كۈۋەجەپ ئۆركەشلەپ دولقۇن ياساپ ئېقىۋاتقان دەريالارنى ....ئومۇمەن كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلىكى نەرسىلەرنى بىر ئۆمۈر قەلپ ئېكرانىدا قالدۇرۋېلىشنى ئارمان قىلاتتى. بىراق بۇ نەدىمۇ مۈمكىن بولسۇن؟ ئەنە شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئۆمۈرلۈك كەسپ تاللىغاندا رەسساملىقنى تاللىغان. ئەنە شۇ سەۋەپتىن ئۇ سازەندىلەرنىڭ نەپىس چالغۇلىرىغا ھەۋەس قىلغان، خان سارىيىدەك جابدۇلغان قورو، ئايۋان- سرايلارنى، تام- تورۇسلاردىكى جەلىبكار نەقىشلەرنى قانداق قىلپ ساقلاپ قېلىش، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قايسى يوسۇندا يەتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە تالاي رەت ئويلانغان، باش قاتۇرغان. چۈنكى ئۇ دۇنيا قارىشى مۇكەممەللىشىپ ئەقلىنى تاپقان 90- يىللاردا ئۆزى قىزىققان گۈزەللىكلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنى فوتو ئاپراتىغا كىرگۈزىۋالغان بۇلسىمۇ ھايال ئۆتمەي بۇ گۈزەللىك دۇنياسىنىڭ باشقا ئەل، باشقا مىللەت مەدەنىيىتى بىلەن ئاسمىلاتسىيەلىشىشى تېزلىشىپ، يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئازاپتىن تولغىنىپ كەتكەنىدى.ئالايلى ئۇيغۇرلارنىڭ گەج ئويمىچىلىقىغا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قېلىپلىرى يوق دىيەرلىك بولۇپ، تېخنىك ئۇستىلاردىن ناھيىتى كۆپ ئەقىل- پاراسەت، قان – تەر، بەدەل تەلەپ قىلاتتى.بار بولسىمۇ قوپال ،ئەنئەنىۋى ماتىرياللاردىن ياسالغان قىلىپلار بولۇپ كەڭ دائىردە ئومۇملاشمىغان ئىدى. چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغىنى بولسا، مىللىي ئەن ئەنىۋى ئۈلگە نەقىشلىرىمىزگە ئانچە ئوخشىمىغىنى بىلەن سىلىق، ئىشلىتىشكە قولايلىق يەڭگىل، رېزىنكە قېلىپلار بولۇپ، باھاسىمۇ ئەرزان ئىدى.بۇ قېلىپلار بىلەن ئىش ئېلىپ بارغاندا بىناكار ۋە نەققشلار ئىشلىرىنى سۈپەتلىك، ئاسان ھەم تېز پۈتتۈرۋالالايتى. ئىلشات تۇرسۇن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئككى يىل ۋاقىت ئىچىدىلا نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنىڭ چېقىلىپ ئورنىغا يېڭى قۇرلۇشلارنىڭ چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مىللىي، ئەن ئەنئەۋى بىناكارلىق، ئويمىچىلىق، نەققاشچىلىق سەنئەتلىرىمىزنىڭ بارا- بارا تۈگەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن فوتۇ ئاپراتتا بولسىمۇ ساقلاپ قېلىش قارارىغا كەلدى. سۈرەتلەر توپلىمى بىلەن ھېچ بولمىغاندا مانا بۇ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن ياساپ ئولتۇرغان قورۇ جاي، باغ ھويلا، مانا بۇ ئاتا - بوۋىلىرىمىز ياراتقان گۈزەللىك دۇنياسى دەپ ئەۋلاتلارغا سۆزلەپ بەرگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ « ئۇيغۇر ئۆي بېزەكچىلىكى» ناملىق كىتابى مۇشۇ خىل ئىددىينىڭ تۈرىتكىسىدە مەيدانغا كەلدى. بۇ كىتاپقا مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بىر قەدەر يۇقۇرى سەۋىيەدە تارتىلغان فوتۇ سۈرەت كىرگۈزىلگەن بولۇپ،مىلادىدىن ئىلگىرىكى كىروران قەدەمى شەھەر خارابىسى، يارغۇل قەدىمى شەھەر خارابىسى، قاتارلىقلاردىن تارتىپ تاكى يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئومومى جەھەتتىن بېزىلىش ئەھۋالى، قۇرۇلۇش ئورونلاشتۇرۇىشىغا قەدەر ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان. بۈگۈنكى زامان ئۆي بېزەكچىلىكى ھەققىدە تەپسىلى ۋە ئەتارپلىق توختىلىپ، باغ، ھويلا، ئايۋان، دەھلىز ، مېھمانخانا، ساراي، ئاشخانا، پىشايۋان قاتارلىقلارنىڭ تورۇسى، تۈۋرىكى، دەرىزە پەنجىرە، تەكچە، تۈڭلۈك، مېھراپ مورا، يورغا تاملىرى شۇنداقلا دەرۋازا، ئىشىك زۇنتۇك، راۋاقلىرىنىڭ شەكلى، رولى، بېزىلىشى، ياسىلىش ئۇسۇلى، ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ئۈچ خىل يىزىقتاا ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان . قارىماققا بۇ كىتابقا مىڭ پارچە سۈرەت كىرگۈزىلگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ مۇشۇ ھەقتىلا توپلىغان سۈرىتى نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ.ئۇ قەيەردە چىرايلىق ئۆي بار ئىكەن دەپ ئاڭلىسا شۇ يەرگە بېرىپ، ئارىلىقنى يىراق دىمەي قەشقەر، خوتەن ، ئاتۇش، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى تۇرپان غۇلجا قاتارلىق جايلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، ھەر بىر كۆرىنىشنى ئوننەچچە قېتىم سۈرەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ياخشى دەپ قارىغان بىرنىلا تاللاپ كىتاپقا كىرگۈزدى. ئۇ كەسپىي فوتۇگىراپ بولمىغاچقا قولىدىلكى ئاپراتمۇ بىر قەدەر ئادەتتىكى ئاپراتلاردىن ئىدى. سۈزۈكلۈك، ئېنىقلىق دەرىجىسى دىيەرلىك ئەمەس، كەسپىي خادىملار ئىشلىتىدىغان قىممەت باھالىلىق ئاپراتلاردەك سۈزۈك ۋە ئېنىق چىقىشى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى. تېخى بىر قېتىم ئۇ نۇرغۇن رىيازەت چېكىپ توپلىغان سۈرەتلەر ئەشۇ ئاپرات ئىچىدىن چىقماي تۇرۇپلا غايىپ بولغان ئىدى. ئۇزۇن ۋاقىت ئەجىر قىلىپ توپلىغان ماتىرىيال يوقىلىپ كەتسە كىشى قانداقمۇ ئەپسۇسلانماي تۇرالىسۇن؟ بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى باشقا خەلقلەر مېھماندوسلۇقتا كۆپ تەرىپلىشىدۇ. بىز راستىنلا مېھماندوست خەلق .بىراق ئىلشات تۇرسۇن ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېىىپ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بارغاندا رەت قىلىشقا، سوغۇق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىدى.بۇ ۋاقىتتا ئىلشات تۇرسۇن قولىدىن كېلىدىغانلىكى ئامال چارىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتتى. ئەشۇ بىر ئالاھىدە كۆرىنىشنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ سوۋغا سالام بېرىشكىمۇ،مەدىنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىگە كىرگەندە نەچچە پۇل بولۇشتىن قەتئىي نەزەر سۈرەت تارتىشقا رۇخسەت قىلىشنى قولغاكەلتۇرۇپ، بىلەت سىتىۋىلىپ سۈرەت تارتتى چۇنكى بىرقىسىم ئورۇنلاردا رەسىم تارتىش چەكلەنگەن بولۇپ سۇرەت تارماق بەكمۇ مۇشكۇل ئىدى.ئىقتىسات مەنبەيى مائاش بىلەن چەكلەنگەن ئىلشات تۇرسۇن ئىقتىسادى جەھەتتىن قىژلانغان ۋاقىتلىرىدىمۇ بار ئاماللارنى تېپىپ سۈرەت تارتىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئايالىنڭ ھەرقايسى جەھەتلەدىن يىقىندىن قوللىشى ، ئۇررۇق تۇققانلارنىڭ مەدەت بىرشى ،كەسىبداشلار دوس بۇرادارلىرىنىڭ يارىدەم بىرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ھىسداشلىقى ئارقىلىق تارتماقچى بولغان ئورۇندىكى مەسئۇل خادەملەرنىڭ قوللۇشىنى قولغا كەلتۇرۇپ،مۇناساۋەتنى ياخشىلاپ ، بىرقىسىم چاغلاردا خورلۇققا قاسىمۇ چىدىدى . تىخى بەزى ۋاقىتلاردا كۆزىگە لىق ياش ئەپتۇرۇپ مەن يىراق بىرجايدىن مۇشۇ سۇرەتنى تارتىشقا كەلگەن ئدىم،ئىدارىدىن سورىغان ۋاقتىم بەكلا ئازئىدى يارىدەمدە بولساڭلاردەپ يىغلام سىراپ تۇرۇپ يار ئۇرغان ۋاقىتلىرى كۆپ ئىدى . چۇنكى ئۇنىڭغا مەخسۇس كىتاب يىزىشى ئۇچۇن ئىدارىسىدىن ۋاقىت چىقىرىب بەرمىگەن بولغاچقا، ھەقىقەتەنمۇ ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىچىلىق چوڭ ئىدى . سۇرەتلەرنى تاتىپ بولغان ۋاقىتلىرىدا خۇشاللىدىن خۇشال بولۇپ كاتسە ،بەزىدە نىمە ئۇچۇندۇر يالغۇز بولۇپ قەلغان ۋاقىتلىرىدا ھۆقىرەب يىغلاب كىتەتتى . .ئۇ قانداق قىلمىسۇن پۇتكەت ئۇمۇدىنى ئەمەلگە يەتكۇزۇش ئۇچۇن ، ھەر قانداق ئامال چارىلەرنى ئىزدەب جاپا مۇشەققەتكە چىداب ئىرىنمەي سۇرەت تارتىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىژلانسىمۇ ئولچەملىك ۋېگاتىپ لېنتىلىرى سىتىۋىلىپ لىنتىنىڭ كۆزىگە قارماي قايتا –قايتا سۈرەتكە ئالدى.ئۇ بىر قېتىم ئۇ خوتەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئەمگەك بىلەن تەربىلەپ ئۆزگەرتىش مەيدانىدىكى بىر نەۋرە ئىنىسىنى يوقلاپ ئۆتكىسى كەلدى.ئۇنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلگەن تۈرمە نازارەتچىلىرىمۇ ئۇلارغا پاراڭلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى، ئۇ ئۇزۇن يىل ئايرىلغان بۇ تۇققىنى بىلەن بىر ئەستلىك قالدۇرۇپ، تۇققانلىرىغا ئالغاچ بېرىش مەخسىدىدە بىر نەچچە پارچە سۈرەت تارتتى. ئۇ تۈرمىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئورۇندا سۈرەتكە تارتىشنىڭ قەتئى مەنئي قىلىندىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى، ئۇ توشۇپ قالغان ۋېگاتىپ قۇتىسىنى خوشاللىق بىلەن سومكىغا سالدى.ئۇنىڭ سومكىسىدا خېلىلا كۆپ ۋېگاتىپ لېنتىلىرى بار بولۇپ ،بىر بىرىدىن پەرىقلەندۈرگىلى بولمايتى. دەل شۇ چاغدا تولۇق قوراللانغان تۈرمە خادىمى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، سومكىنى ئاقتۇرۇپ بىر ئاي جەريانىدا توپلىغان ۋېگاتىپ لېنتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى... .نۇرغۇن ئۆي ئىگىلىرىگە خوشامەت قىلىش ،يالۋۇرۇش، كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراشلار نەتىجىسىدە تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولدى. ! شۇنىڭ بىلەن ئىلشات تۇرسۇن ئىشنى يەنە باشقىدىن باشلاشقا تۇتۇندى... ئۇنىڭ بۇ كىتابى نەشردىن چىققاندا بەزى رەھبەرلەر ئۆز ئورنىنىڭ خىزمەت نەتىجىسى سۈپىتىدە كۆتىرۋالىدىغان ، ئوتقاشتەك رەڭلىك باسما سۈرەتلىرى بىلەن جەمىيەتتە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان بۇ كىتابنىڭ قەلەم ھەققى توغرىسىدا نۇرغۇن غول-غۇلا بولۇپ كەتتى. «...ئىلشات تۇرسۇن باي بولۇپ كەتتى جۇمۇ! تىنىپ كەتتى! ئۇ ھازىر قولىنى نەگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىدۇ –دە! ...» ئەمىلىيەتتە كۆپ قتىم سۈرەت تارتىش، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، سۈرەتنى يۇيدۇرۇش دىگەنلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندىمۇ، ئىلشات تۇرسۇننىڭ تەرەپ تەەرەپكە قاتراپ، مەدەىنىيەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆلىگەن كىرا ھەققىلا قەلەم ھەققى ئۈچۈن ئالغان پۇلغا بويلاشمىغان ئىدى.
ئۇنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك باغرىنى تىترىرىتىدىغان يېقىملىق كۈيلەرنىڭ ماددىي ئاساسى چالغۇ ئەسۋاپلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئەلنەغمىچىلەر سازەندىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئۇزاق مۇددەت ئويلىنىشلىرى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان يەنە بىر ئىجادىي ئەمگىگى« ئۇيغۇر چالغۇلىرى» ناملىق ئىلمىي كىتابىدۇر .
ئىلشات تۇرسۇن 2005-يىلى تەشكىلنى ئۇيغۇر چالغۇلىرى ھەققىدە قامۇس خاراكتىرلىك بىر كىتاب تۈزۈش پىلانىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ساز ياسايدىغان ئۇستىكارلار ۋە سازەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ بىر مەزگىل بۇ ھەقتە ئىزدىنىدۇ. دەل شۇ مەزگەلدە تۇرسۇنجان لېتىپ( يەركەندى )تۈزگەن « ئۇيغۇر چالغۈ ئەسۋاپلىرى» ناملىق كىتابىنى بىمەھەل پۇرسەتتە كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇشبۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زاماندا ئىشلىتىۋاتقان چالغۇ ئەسۋاپلىرى رەڭسىز سىزما سۈرەتلەر ئارقىلىق ئاددى يول بىلەن تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئىلشات تۇرسۇننىڭ قارىشىچە بىزنىڭ قەدىمكى زامانلاردا ئىشلەتكەن بەزى چالغۇ ئەسۋاپلىرىمىز ئىستىمالدىن قېلىپ باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، شۇ خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان ، بەزى چالغۇ دەۋىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەمەلدىن قالغان ،يەنە بەزى چالغۇ ئەسۋاپلىرىمىز يېڭىلانغان ۋە تەرەققى قىلىپ بىرنەچچىە ۋارىيانىتقا كۆپىيىپ كەتكەن. ئۇيغۇر غەيرى ماددى مەدەنىيىتىنىڭ بۇ مۇقەددەس قامۇسى توغرىسىدا يەنىمۇ ئەتراپلىق، تولۇق ئىزدىنىش ئىلىپ بېرىپ مۇكەككەل كىتاپ تۈزۈش كېرەك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرىنى نەشرىياتتىكى مەسئۇل خادىمغا مەسلىھەت سالىدى. رەھبەرلىكنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، مۇزىكا تارىخى ۋە مۇزىيكا ئەمىلىيتىدە خېلى كۈچلۈك تەسىرى بار، ئۇشبۇ تېما ھەققىدە يېتەرلىك ئىزلەنگەن تۇرسۇنجان لېتىپ بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇشبۇ كىتاب ئاساسىدا ئاۋۋالقىغا قارىغاندا ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل، رەڭلىك باسما ھالىتىدە ئىشلىگەنگە يارىشا مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ھەم ئىجتىمائى ئۈنۈم يارىتالايدىغان، ئوقۇرمەنلەرگە بەلگۈلىك مەنپەئەت بېرىدىغان يەنە بىر كىتاب تۈزۈپ چىقماقچى بولىدى.ۋە ئىككىيلەننىڭ كۆڭۈل قويۇپ تىرىشىشى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر چالغۇلىرى»ناملىق كىتاب روياپقا چىقتى.كىتاپتىكى ئومۇمى مەزمۇن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قەدىمقى زامان چالغۇ ئەسۋاپلىرى»، « ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان چالغۇ ئەسۋاپلىرى» دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىلدى. ئاندىن خەلقىمىز ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ھازىرقى زامان چالغۇ ئەسۋاپلىرىدىن بالىمان، بورغا، سۇناي، قوبۇز، غىجەك، راۋاپ، ناغرا، داپ، ، تەمبۇر، دۇتار، قالۇن، چاڭ دۇتتار ، دىلتار .. قاتارلىق46 خىل چالغۇ ئەسۋابىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى. ھەمدە ئامالىنىڭ يىتىشىچە ھەرقايسى يۇتلارغا بىرىپ ھەر- بىر سازنىڭ بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغۇچىلىرىنىڭ سۈرىتى تارتىپ بىرىش بىلەن بىرگە مەزكۇر چالغۇ ئەسۋابىنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى، چېلىنىش ئۇسۇلى ، ئاۋاز چىقىرىش قانۇنىيىتى، تەڭشەش ئۇسۇلى، تارلىرى، ۋە تار ئالاھىدلىكى، ئاھەڭ بەلگۈلىرى،سىمپونىيە ئورۇنلىغاندا ياكى كوللىكتىپ مۇزىكا چالغاندا مەزكۇر چالغۇ ئەسۋابىنىڭ رېتىم ۋە ئۇدارغا كۆرسىتىدىغان رولى، ... قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ،ئېنگىلىزچە،ئۈچ خىل يىزىقتا كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ قىرلىق سۈرەت ئۆرنەكلىرى ئارقىلىق ئىنچكە ۋە تەپسىلى ھالدا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
بۇ كىتاپنى ئىلشات تۇرسۇن ئاسانلا يېزىپ پۈتتۈرگىنى يوق ، ئۇ پالانى يەردە مانچە پۇلغا يارايدىغان چالغۇ ئەسۋابى بار ئىكەن دەپ ئاڭلىسىلا شىنجاڭنىڭ قايسى ۋىلايىتى ،قايسى ناھىسىدە بولسا ئېرىنمەي شۇ يەرگە بېرىپ شۇ خىل چالغۇ ئەسۋابىنىڭ نۇسقىسىنى كۈزەتتى،ھەم ئاۋاز چىقىرىش ئۇسۇلى، رېتىمى، ئۇدارلىرى، ۋە تەڭشەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ خاتىرە قالدۇردى. كۆپ خىل نۇقتىلار بويىچە سۈرەتكە ئالدى. غېجەكتىن ئىبارەت بىر چالغۇ ئەسۋابى ھەققىدىكىلا تەكشۈرۈش- تەتقىق قىلىش جەريانىنى مىسالغا ئالساق، بۇ ئەسۋاپنىڭ غېجەك، دولان غېجىكى، قەدىمقى دولان غېجىكى، قۇمۇل غېجىكى قاتارلىق بىرقانچە تۈرى بار . ئاپتور قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسۇل ئانسامبىلى قاتارلىق نۇقتىلىق سەنئەت ئورۇنلىرىغا بېرىپمۇ، خاس مىللىي پۇرىقى كۈچلۈك، نەپىس ئۇيغۇرچە بېزەلگەن غېجەك شەكىللىرىنى تاپالمىغاندىن كېيىن،ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى ،قەشقەر مەكىت ناھىيىسى قاتارلىق دولان دىيارلىرىنى قېتىرقىنىپ تەكشۈرۈپ چىقتى.ۋە ۋە نەپىس غېجەك نۇسقىلىرىنى سۈرەتكە ئالدى. قۇمۇل غېجىكىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتمۇ ئاسان بولمىدى. ئۇ نۇرغۇن سەنئەت نۇقتىلىرىدا ئۇچراتقان قۇمۇل غېجىكى دەپ ساقلاۋاتقان غېجەكلەرنىڭ تولىسى خەنزۇلار ئىشلىتىۋاتقان ئارخۇ دىگەن سازغا بەكمۇ ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، ھەقىقى قۇمۇل غېجىكىنىڭ ئالاھىدلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيتى. ئۇ ئاخىرى بۇ غېجەكنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ھازىرقى زامان كۆزگە كۆرۈنگەن ناخشىچىسى، ئەل ئارىسىدا نامى بار سازەندە ئىسكەندەرنىڭ ئۆيىىگە ئىزلەپ بېرىپ مىللىي ئەن- ئەنىۋى ئۇسلۇپتا نەپىس بېزەلگەن قۇمۇل غېجىكىنى تاپقاندىن كېيىن غېجەكنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنى سۈرەتكە تاتتى ۋە ئاخىرى جاي- جايلاردا ئېلىپ بارغان غېجەك ھەققىدىكى تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى .
ئاپتورنىڭ بۇ كىتابى كىتابخانلارنى « ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاپلىرى»بىلەن نۇقتقلىق تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخيى ،قەدەمىي تىلى، ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى ھەققىدىكى قىسمەن مەلۇماتلاردىن ئۇچۇ ئىگەللەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ
ئىلشات تۇرۇن ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن «ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى»، (مىلادى 744-840-يىللار )«قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى» (857-135-يىللار )« قاراخانىلار خانلىقى» (840-1212-يىللار )،«سەئىدىيە سۇلتانلىقى »(1510-166-يىللار) قاتارلىق مەشھۇر خانلىقلارنىڭ بىناكارلىق تارىخىنى ئەستايىدىل ئۈگەندى ۋە تەكشۈردى. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قەشقەر ھېيتگاھ جامئەسى يەكەن جامىئەسى، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى، ئاپاق غوجا مازىرى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ئۇسلۇپ ئالاھىدلىكى، بېزىلىش ئۇسلى قاتارلىقلار بىلەن تەپسىلى تونۇشقاندىن تاشقىرى بۈگۈنكى زامان ئومۇمىي بىناكارلىق قۇرلۇشلىرىدىكى قويۇق مىللىي ئەن ئەنىۋى تۈسكە ئىگە بىناكارلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق بىلەشتۈرۈلگەن خىلمۇ- خىل سەنئەت تۈسىنى كۈزەتتى ۋە سۈرەتكە تارتتى. شۇ ئاساستا شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغاقايتىدىن بېرىپ، دەۋىرنىڭ يۈكسەك يەرەققىياتى جەريانىدا رېئال مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان زامانىۋى، مىللىي ئۇسلۇپتىكى قۇرۇلۇشلار ۋە ئاۋامنىڭ ئۆيلىردىن نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتىپ «ئۇيغۇر ياغاچچىلىق ھۈنەر سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر» ، «ئۇيغۇر سىرچىلىق ھۈنەر سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر » ،« ئۇيغۇر تامچىلىق سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر» ۋە «ئۇيغۇرخىش ئويما سەنئىتى» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابىنى روياپقا چىقاردى. بۇ كىتابلاردا ئاممىۋى سورۇن، تۇرالغۇ ئۆي، مەسچىت، قاتارلىقلارنىڭ دەرۋازا - ئىشىكلىرى ، پىشايۋان- كايىۋانلىرىدىن تارتىپ، مېھراپ پەدىۋال ئىشىك ، دەرىزە ، پەنجىرە، تۈڭلۈكلىرىنىڭ كۆپ قىرلىق ئەندىزىلىرى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېكىلگەن سىدام ۋە رەڭلىك نەقىش ،گۈل نۇسقىلىرى ، خىلمۇ خىل دىكراتسىيەلەر بولۇپ ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 560 پارچە، 496 پارچە 544 پارچە كۆرسەتمىلىك سۈرەت كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئۈچ كىتاپ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنى، جەلىپكارلىقىنى ، ۋە تەرەققىياتىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ ئۈچ كىتاپ نەشردىن چىققاندىن بۇيان نۇرغۇن قول ھۈنەرۋەن ئۇستاكارلار ئاپتورنى ئىزلەپ كەلدى. رەھمەت خېتى ئەۋەتتى، ھال سوراپ، تەشەككۈر بىلدۈرۈپ تېلفۇن بەردى. ئۇلا؛« شائىر روزى سايىت دېھقانلارنىڭ دەرت- ھەسرىتى ، مىنىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ شېئىر يازغان، سىز ئىلشات تۇرسۇن ئەپەندى بىز ھۇنەرۋەنلەر ئۈچۈن كىتاب يازدڭىز، سىزگە مىڭلارچە تەشەككۈر... سىزنىڭ قانداق تەلىۋىڭىز بولسا، نىمىگە ھاجتىڭىز بولسا خىجىل بولماي ئېيتىۋېرىڭ، مانا بىز سىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار....» دەپ چىن يۈرىكىدىكى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاپتورغا بارىكاللا ئوقۇشتى. ئىلشات تۇرسۇننىڭ ھاردۇقى چىققاندەك بولدى .تارتقان جاپالىرىغا، چەككەن رىيازەتلىرىگە رازى بولدى، چۈنكى بىر سەنئەتكار ئۈچۈن بولۇپمۇ خەلقىم، ۋەتىمنىم دەپ ياشاۋاتقان، ئەل- ئاۋامنىڭ ئوتىدا كۆيىۋاتقان بىر ھەقىقىي سەنئەتكار ئۈچۈن جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق، بۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى باھا بولمىسا كېرەك .جانىجان خەلقىنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئوخچۇپ چىققان مۇشۇنداق تارتۇقلاشلىرىدىنمۇ ئارتۇق ئۇنۋان بولمىسا كېرەك....
گۈزەللىك دۇنياسىدىكى ھارماس تۇلپار
ئۇ ئەسلىدىلا گۈزەللىك پەرۋانىسى ، لاتاپەت ئالىمىنى پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن سۆيگۈچى، قان قېنىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئارمانلىرى بىلەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىك باغچىسىغا ئەۋەتكەن خالىس ئەلچىسى ئىدى.
راست ئۇ كىچىك چاغلىرىدىلا گۈزەللىككە مەپتۇن بولۇپ يەبىئەت قوينىدىكى گۈزەللىكلەرگە سەپ سالغان، ئۇلارنى مەڭگۈ خاتىرىسىدە قالدۇرىۋالماقچى بولغان ئىدى . ئىلشات تۇرسۇننىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ماي بوياق ئىجادىيىتىگە سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە بۇجەھەتتىكى نەتىجىلىرى گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇ ھازىرغىچە 60 پارچىدىن ئارتۇق ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتى سىزغان بولۇپ،ئۇ پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئايلىنىپ ، راسساملىق تۇرىدە ئىجدىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە چۆككەن. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى چۇڭقۇرلىغان ھالدا چۇشەنگەن ،كىيىنكى سەنئەت ئجادىيىتى ئۈچۈن خام ماتىرىيال توپلاپ ، ئجادىيەتكە پۇختا ئاساس ھازىرلىغان. تىمىنسىز ئزدىنىشى بىلەن رەسىملەردە ئۆزىگىلا خاس بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى،ئابىستىراكىتنىي خىيالىي رەڭ تۈسى، رەڭ بىرىش ئۆزگىچىلىكى، جەھەتلەردىكى خاس ئۇسلۇبى، ئەنئەنە، مىللىلىك ،ۋە زامانىۋىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىنى سەنئەت قارشى بىلەن جانلىق بىرلەشتۇرۇپ ئەكىس ئەتتۈرگەن . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى « قېتىقچى ئاياللار »ناملىق ماي بوياق رەسىمى – 1999- يىلى جوڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسىدە مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، « سېۋەتچى ئايال» ناملىق ماي بوياق رەسىمى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئاممىۋى سەنئەت لوڭقىسىغا تاللانغان. «كوزىچى يار بېشى» ناملىق ماي بۇوياق رەسىمى 2008- يىلى شىنجاڭ رەسسملار جەمىيىتى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومتىتى ئۇيۇشتۇرغان« تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى» دە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . «تاجىك قىزى» ،«تەشنالىق»»،«ھۈنەرۋەن» قاتارلىق ماي بوياق رەسىملىرى مەمىلىكەت ئاپتونۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ ھەر خىل كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ بۇ ساھەدە ھەردەرىجىلىك مۇكاپاتلاغا ئىرىشكەن. 2006-يىلى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، سەنئەت ئەرباپلىرى ۋە كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ مۇئەيەنلەشتۇرشىگە سازاۋەر بولغان. ئاتاقلىق راسساملاردىن شىنجاڭ سەنئەت ئنىستىتوتىنىڭ سابىق باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ، مەملىكەتلىك رەسساملار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غازى ئەمەت ، مەملىكەتلىك رەسساملار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، مەملىكەتلىك ماي بوياق سەنئىتى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق رەسساملار جەمىئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ماي بوياق سەنئىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم نەسىردىن قاتارلىقلار ئالاھىدەن بىشلىما يېزىب بەرگەن، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئىلشات تۇرسۇن ماي بوياق ئەسەرلىرى ئۇستىدە توقتىلىپ ( ئىشات تۇرسۇننىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىدە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك ، يەرلىك پۇراق، ئۆزگىچە تۇرمۇش خاراكتىرى ئىپادىلەنگەن) دەب يۇقىرى باھا بەرگەن بولسا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق رەسساملار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋنۋىرسېتىتىنىڭ پروفېسورى ،ماگېستىر يېتەكچىسى ئاتاقلىق راسسام مۇھەممەت ھېيت ئىلشات تۇرسۇن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە ئۈچۇن كېرىش سۆز يېزىب ماي بوياق ئجادىتى ئۇستىدە توقتالغاندا ( ئىشات تۇرسۇن رېئالىزىملىق ماي بوياق سەنئەت ئجادىيەت يولىدا تەۋرەنمەي مىڭىپ، تۇرمۇش ۋە تەبىئىيەت دۇنياسىغا بىۋاستە يۇزلىنىپ ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلدى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھاياتلىققا، تەبىئىيەتكە ، مىللەتكە ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن چىڭ يۇغۇرىلغان . ئۇ ھازىر قەشقەردە كۆكلەپ يىلتىز تارتىپ قەشقەر گۇزەل سەنئەت قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى بولۇپ قالدى .ئۇ خۇش چاقچاق ، تىرىشچان ، شۇنداقلا ئۆز كەسپىنى قىزغىن سويىدىغان بولغاچقا ، كۆرنەرلىك نەتىجىلىرى ئارقىلىق گۈزەل سەنئەت سەھنىسىدە كىشىلارنىڭ كۆزى چۈشكەن تالانتلىق ياش راسسام بولۇپ قالدى .) دەپ يۇقېرى باھا بەردى .ھەقىقكىتەنمۇ ئاتاغلىق رەسساملار باھا بەرگەندەك ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ خاسلىقى،سەنئەتلىكى يۇقىرى بولۇب ،تۇرمۇش بىلەن زىچ بىرلىشكەن بولۇپ،رەسسامنىڭ سنئەت قارشىنى روھىيىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئاپتورنىڭ قىسقىچە ئجادىيەت تارىخى شۇنداقلا ئەسەرلىرىدىن « ئالتۇن كۈز»، «تىنچ جىسىم» قاتارلىق ماي بوياق رەسىملىرى «شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى» تەپىدىن نەشر قىلىنغان«شىنجاڭ ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسساملىرى»، «يېڭى ئەسىر شىنجاڭ ماي بوياق رەسساملىرى ماي بوياق رەسىملەر توپلىمى» قاتارلىق كىتاپلارغا كىرگۈزۈۇپ مەخسۇس تونۇشتۇرىلدى. ئۇنىڭ ماي رەسىملىرىدە مول ئىدىۋىدال خاسلىققا ئىگە راسساملىق ئۇسلۇبىدا سىزىلغان بىر تۇركۇم ئەسەرلى بىلەن بىر خىل خىيالى تۇيغۇ بىلەن رېئال ھايات زىچ بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئۇ داڭلىق رەسساملاردىن ئۇگۇنۇش ۋە ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ،ئوخشىمىغان سەنئەت ئەنئەنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋە قوبۇل قىلىپ ئۆزگىچە ئۇسۇل تاللاشقا .ئۆز خاسلىقىنى ئەقىل- پاراسىتانى ئورگانىك ھالدا ماسلاشتۇرۇپ بىر پۇتۇنلىكنى شەكىللەندۇرۇشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن . ئەسەرلىرىنىڭ تۇرمۇشتىن يۇكسەك تۇرىدىغانلىقى جەھەتتە رېئاللىقىمۇ ۋە ئابىستاركىتلىققىمۇ ئىگە بولغان. سەنئەت ھالەتلىرىدىكى پىشىپ يېتىلگەن ئۆزگىچە ئالاھىدلىك ئەسەرلىرىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
ئىلشات تۇرسۇننىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە سەنئەت تەتقىقاتى كۆپ تەرەپلىمە بولۇپ، ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر بىناكرلىق بېزەكچىلىك سەنئىتى، ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى، فوتو سۇرەتچىلىك، ئوتتۇرا - باشلالانغۇچ مەكتەپلەر ئۇچۇن گۇزەل سەنئەت، ھۇنەر - سەنئەت دەرسلىكى تەتقىقاتى قاتارلىق ساھىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا گۇزەل سەنئەت مۇھەررىرلىكى بولۇپ، ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 20 نەچچە يىل جەريانىدا پارتىيىنىڭ نەشرىياتچىلىق سىياسەتلىرىنى ئۆز خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇردى، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۇپ، تىرىشىپ نەزەرىيىۋى سەۋىيىسى ۋە كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۇرۇش ئۇچۇن توختىماي بىلىم ئاشۇرۇپ دەسلەپكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇس سەۋىيىسىگە كۆتۇرۇگەن، ئۇنىۋېرسال بىلىم سەۋىيىسىنى كۆتۇرۇپ، تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ ئىنچىكە ئىش ھالقىلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۇپ ھەر قايسى پەنلەر بويىچە تەكشۈرۇپ – تەتقىق قىلىپ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى، جەمئىيىتىمىز زۆرۇر بولغان بازارلىق كىتابلارنى پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرۇپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇ پىلانلىغان «ئەقىللىق پەرزەنتلەرنىڭ پاراسەت ھوجرىسى»، «مومام ئېيتقان ھېكايىلار» قاتارلىق كىتابلار قايتا – قايتا نەشر قىلىنغان. «سەيپىدىن ئەزىزى روبائىيلىرى»، «ئۇيغۇر نەقىش ئېلىمىنتلىرى ۋە نەقىشلىرى»، «گۇزەل سەنئەت ئادەم ئاناتومىيىسى»، « شەيدائىي كوميۇتىر ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى» قاتارلىق بىر قاتار كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات خاراكتېرىدىكى كىتابلار بولۇپ ھازىرقى دەۋرىمىزدە تارىخىي قىممەتكە ۋە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە نادىر كىتابلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يۇقىرى ئىستىتىك قىممەت، مۇئەييەن ئىقتىسادىي قىممەت، كۇچلۇك ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەللىك نەچچە كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلىپ نەشر قىلدۇرۇپ ئاۋام ئارىسىدا شۆھرەتكە سازاۋەر بولغان. كىتاب مۇقاۋا بېزەكچىلىك خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كىتاب مەزمۇنى بىلەن گۇزەل سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ 400 دىن ئارتۇق كىتاب مۇقاۋىسى لايىھىلىگەن، ئۇ مۇقاۋىسىنى لايىھىلىگەن «قىسەسۇل ئەنبىيا»، «كىرورەن گۇزىلى»، «مەختۇمسۇلا»، «قارلىق كېچە»، «سەيپىدىن ئەزىزى رۇبائىيلىرى»، «ئۇيغۇر بىناكارلىق نەقىشلىرى» قاتارلىق كىتابلىرى جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالدىكى 10 ئۆلكە – ئاپتونوم رايونلارنىڭ كىتاب بېزەكچىلىكىنى باھالىشىدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ نەشرىياتچىلىق ساھاسىدىكى ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە ئەسەر پىلانلاش، مۇھەررىرلىك، گۇزەل سەنئەت مۇھەررىرلىكى خىزمەتلىرىدىن كۆرۇۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئۇ تىرىشچان، تەلەپچان، ئۇمىتۋار، غايىلىك، كەسىپچانلىقى كۇچلۇك، بىر گۇزەل سەنئەت مۇھەررىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىلشات تۇرسۇن ھەقىقىتەنمۇ مەدەنىيەت، سەنئەت تارىخى ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇرغان، بۇ ھەقتە كۆپ ئىزلەنگەن، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنۋە چەككەن رېئازەتلىرىگە چۈشلۇق نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا ئناۋەت تاپقان مول ھوسۇللۇق ئجادىيەت خادىمى دەپ تەرپلىنىشكە مۇناسىپ .
ئاپتور قەشقەر – يېڭىشەر رادىيئو – تېلۋىزىيە ئىدارىسىدا
رەسسام ئىلشات تۇرسۇننىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلانماقچى بولسىڭىز 2 - بەتتىكى ئىنكاسقا قاراڭ !