ئاۋۋال ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن . يېڭى يىلدا يېڭى قەدەملەر سىلەرگە يار بولسۇن. سىلەرگە سوۋغا قىلىدىغان سوۋغاتمۇ يوق، تاتلىق گەپلىرىممۇ يوق ، ئانچە-مۇنچە پاراڭلىرىم بار ئىدى، ئاڭلاپ ئولتۇرارسىز. پارچە-پارچە مەزمۇنلار، بىر پۈتۈن يازمىمىكىن دەپ قالماڭلار .
تۈنۈگۈن تېلېۋىزوردا يەنە بىر قەدىمىي قەبرىنى تاپقانلىقىنى كۆرسەتتى ، ھەي! بىچارە ئىنسانلار ئۆلۈپ سۆڭىكى توپىغا ئايلىنالمىغانلىقتىن يەر تېگىدىمۇ جىمجىت ياتالمىدى ، مانا ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئارخېئولوگلار چوتكىلاپ پاك-پاكىز قىلىپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ، يەنە قانداق تارتقۇلۇقلارنى تارتار! ئەي بىچارە ئىنسان! ئەي بىچارە جەسەت!
................................
مانا ئالدىراش كېتىپ باراتتىم ، تۇيۇقسىز كۆزۈم يول بويىدا ساڭزا سېتىپ ئولتۇرغان خەنزۇ مومايغا چۈشتى ، توۋا! نەلەردە يۈرۈپ بىزنىڭ نېمەتلىرىمىزنى پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغاندۇ ، ھەي جاھاندارچىلىق ، ھەي جاھاندارچىلىق
..........................
«تۇنجى قار»، بۇ ئىتوتنى قانچە قېتىم كۆرگىنىمنى ساناپ بېرەلمەيمەن ، ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە ئابدۇللانىڭ، ئەي ئانا، دېگەن گېپى بىلەن تەڭ كۆزۈمگە ياش تولىدۇ ، بەك ئاجىزلاپ كەتتىممۇ قانداق ؟ يەنە نەچچە كۈن ئىلگىرى ھېلىقى ئانىسىنى ئۇرغان نائەھلىينى كۆردۈم . ئەتە -ئۆگۈن يەنە قانداق ئىشلارنى كۆرەرمەن . ئاتا بولماي تۇرۇپ كەلگۈسى بالىلىرىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
......................
ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ ، نۇرغۇن بىگۇناھ بالىلار ئۆلۈپ كېتىپ بارىدۇ ، ئەسكەرلەر ئۆلسە قەھرىمان بولىدۇ ، دانالار ئۆلسە ئۇلار ئۈچۈن ئابىدىلەر قاتۇرۇلىدۇ ، ئەمما بۇ سەبىيلەرگىچۇ؟ يىغا - پىغان ، تېنىغا لايىق كېپەنلىك ...... يەنە ئويلاپ قالىمەن ، بۇ جاھاندا قېرىغىچە ياشاپ ھارغىچە گۇناھ بىلەن كەتكەندىن كۆرە مۇشۇنداق ئۆلگەن ياخشىمۇ ؟ تەقدىر -قىسمەت دېگەن شۇ ...
.......................
تېلېۋىزوردا بىر ئەما كىشىنى تونۇشتۇردى ، ئۇ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ناخشا ئېيتقانىكەن . يەنە ئۇ نەق مەيداندا ئىسپان ، ئىتالىيە، كورىيە تىللىرىدا ناخشا ئېيتىپ بەردى . رىياسەتچى ئۇنىڭدىن:« ئەگەر، سىزنىڭ كۆزىڭىز بىر كۈن كۆرگەن بولسا، قانداق ئارزۇلىرىڭىز بار؟» دېسە، ئۇ :«مېنى باققان ئاتا-ئانامنى قانغۇچە كۆرۈۋالاتتىم.» دەپ جاۋاب بەردى . ئۇھ..... ئاتا-ئانا دېگەن ھە، مانا مۇشۇ پەيتتە ئۆزۈمنىڭ ساق-سالامەت تۇرۇپ ئاشۇ ئەما كىشىدەك نەتىجە قازانمىغىنىمدىن خىجىل بولدۇم . ھەم يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاتا-ئانامغا زەن سېلىپ قارىۋالدىم . چۈنكى بالا-قازا دېگەن ھەش-پەش دېگۈچە كېلىدۇ..........
.....................
قۇربان ھېيتمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى بولدى . ئەنە ئاشۇ ھېيتتا ئىچىۋالغان دادىلارنى كۆردۈم ، بەزىلىرى يول بويىدا ياتاتتى ، بەزىلىرى قاۋاقلاردا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇداغا مىڭ شۈكرى دېدىم ، چۈنكى، مېنىڭ دادام مېنى ئېلىپ، ئايەم كۈنىلا قەبرىلەرنى يوقلىغان ، شۇ كېچىسى چوڭلارنى يوقلىغان، ئەتىسى قۇربانلىق سويۇپ ھېيتنى چىرايلىق ئۆتكۈزگەن .
..................
مۇنبەردە ھەر قىسىم ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن ، قايسى كۈنى بىر تورداش «ئۇيغۇرلىقىمدىن تاندىم» دېدى. بوپتۇ. تانسا تانسۇن، ئۆزىنىڭ ئىشى، دېدىم . يەنە، بەلكىم، بۇ بىر قامچا، بىزگە بېرىلگەن سىگنال، دەپ ئويلىدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنكاسلاردىكى ئەخلاق بېتىدىن تاپقىلى بولمايدىغان سۆزلەرنىمۇ كۆردۈم . ھەممە ئادەمنىڭ قىممەت قارشى ، ساپاسى ئوخشىمايدۇ . شۇنداق، ھەممىمىز ئۆزىمىز قۇرغان رامكا ئىچىدە ياشايمىز . بۇمۇ توغرا، مېنىڭ ئويلىغىنىم سىزنىڭكىگە ئوخشاش بولسا، بۇ جاھاندا يەنە نېمە رەڭگا رەڭلىك قالىدۇ؟
...................
بىر بالا ئەيدىز بولۇپ ئۆلەي دەپ قالغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كۆز گۆھىرىنى ھەقسىز تەقدىم قىلىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ياش قايتا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ . خۇدا پۈتۈن ياراتقان تەننى خەق قانداقمۇ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىپ ئۇ دۇنياغا گۇناھ بىلەن كېتىشنى خالايدۇ دەيسىز، نېمىلا دېگەن بىلەن باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ نەپ قالدۇرۇپتۇ ،
.................
نەچچە يىللار ئىلگىرى «قىزلارنىڭ يېشى مەيدە يانچۇقىدا ، ئوغۇللارنىڭ قەسىمى كەينى يانچۇقىدا» دەپ يازغىنىم ئېسىمدە. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، بۇ ئىشلار بولۇۋاتىدۇ . نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلار بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا ئاجرىشىپ كېتىۋاتىدۇ ، ھەي بىچارە بالىلار، ئەمدى كىمنى دادا دەرسىلەر، كىمنى ئاپا دەرسىلەر ، تىرىك ئايرىلىش ئازاب ، بوپتۇ بۇنىڭغىمۇ مەيلى ، نۇرتاي ھاجىم بار ، ساخاۋەتلىك ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار بار ، شۇلار بېشىڭلارنى سىلار ، كۆزۈڭلاردىن ياش ئاقمايدۇ ، بەلكى قان ئاقىدۇ ، شۇ قېنىڭلار بىلەن ئىنساپسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىنى يۇيۇڭلار.
...................
بىر ئۇخلاپ قوپسام 2009-يىلى بولۇپ كېتىپتۇ ، كەينىمگە قاراپ باقتىم ، نۇرغۇن ئارمانلار بىچارە قوللىرىنى سۇنۇپ يىغلاپ ياتىدۇ . كۆزۈمدە ھەم بىر قانچە تامچە ياش...... بەلكىم مەن كۆرمىگەن نۇرغۇن گۈللەر باغچىلاردا ، تاغ باغرىلىرىدا قار ئاستىدا قالغاندۇ ،«ھايات قىممەت 30 يۈەن گە بىر ».....تۇغۇلۇپ قانچە قېتىم ئاھ ئۇردۇم بۇنى ساناپ باقمىدىم ، ھەر يىلى شۇنداق تىرىشىمەن، باشقىلار نېمە دېسە مەيلى مەن ئۆز يولۇمدا ياشايمەن، دەپ تۇرىمەن ، يىگىتلىكىم پايخان بولغاندا ، قېرىنداشلىرىم قۇربان بولغاندا بېشىمنى تۆۋەن قىلىمەن ، نومۇس ئىچىدە «كۈلىمەن». ھەرقىسما چېچىلاڭغۇ خىياللار مېنى قوينىغا تارتىدۇ، خۇددى، نەشىكەش قاپاق تارتقاندەك، يالىڭاچ قىز ئەركەكلەرنى ئۆزىگە تارتقاندەك. كەمىرىمنى بىلىمگە چىڭ باغلاپ قورساقلىرىمغا ئىز چىقىپ كەتتى ، چارچاپ قالدىم . مانا يەنە قار يېغىۋاتىدۇ ، ئۈن-تىنسىز ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان بۇ پەرىگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:« تېخىمۇ ئۇلۇغ ياغ ، قىزلار سوغۇقتىن قورقۇپ بولسىمۇ، بەدەنلىرىنى ياپقۇدەك كىيىم كىيسۇن . مۇز تۇتقان كوچىلاردا يۈرگەندە يىقىلىپ كېتىپ بىرەر يېرىم ئاغرىپ كەتمىسۇن، دەپ بولسىمۇ بىسمىللا دەپ قەدەم باسسۇن ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇۋالسۇن،مەڭگۈگە قويۇپ بەرمىگۈدەك تۇتسۇن . سىرتلاردا «ئاشنا» تۇتقانلار ئىسسىق ئۆيىگە كىرگەندە تالانىڭ سوغۇقلۇقىنى ھېس قىلسۇن .
......................
مانا مۇشۇنداق چېچىلاڭغۇ سۆزلەر بىلەن ئارامىڭلارنى بۇزۇپ قويدۇم، دوستلار.
- ئاشكار
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-02-17 16:35دە قايتا ]