چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 3553 قېتىم كۆرۈلدى
chogluk
دىيارىم كاتىۋى
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 25099
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 550 نۇمۇر
پۇل: 1758 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 150 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1072(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 (چوغلۇق) لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2008-12-26)دە نادىرلاندى
لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى


يالقۇن روزى



2007 - يىلى روسىيەنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە روسىيەنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولۇپ بۇ ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر»دەپ جاكارلىغاندا، بۇنى ئۇققان دۇنيانىڭ جاي-جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ھاياجان ئىلكىدە خەۋەر يەتكۈزۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ، خەنزۇ تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 11-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «روسىيە پۇرباجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرمەكتە» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بۇ كاتتا ۋەقەدىن خەۋەردار قىلدى . ئارقىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇ رەھىمجان ھاكىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «روسىيەدىكى ئۇيغۇرلار سالغان يازىلىق قەلئە پورباجىن» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ بۇ خەۋەرگە بولغان قىزقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .
پۇرباجىن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باش-ئاخىرى زادى قانداق ؟ كىشىلەرنى شۇنچە ھاياجانغا سالغان بۇ قەلئە نېمە سەۋەپتىن ، قاچان ، قانداق سېلىنغان ؟ بۇ ، ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى بايقاشمۇ ياكى كونا ئىشمۇ ؟ كىشىلەر بۇ قەلئەگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىقىدۇ ؟ دېگەن سوئاللار كىشىلەرنى قىزىقتۇردى .
پورباجىن روسىيە فېدراتسىيسىنىڭ توۋا جۇمھۇريتىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىز جايدىكى تېرىخول كۆلىنىڭ قاق ئوتتۇرسىدىكى تۆت گېكتار كېلىدىغان ئارالغا تەمىرقىلىنغان قەلئە.«پۇرباجىن» دېگەن سۆز تۇۋا تىلىدا لايدىن ياسالغان قەلئە» . دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
توۋا جومھۇرىيتى روسىيە بىلەن مۇڭغۇلىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەرمەيدانى 170 مىڭ كوۋادى كېلومىتىر ، نوپۇسى 310 مىڭ بۇنىڭ ئىچىدە تۇۋالارنىڭ نوپۇسى 200 مىڭ ، روسلارنىڭ نوپۇسى 100 مىڭغا يېقىن ، قالغانلىرى خاكاس ، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەردۇر . تۇۋالارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ن . ئا . باسكاكوۋ «تۈركىي تىللار» دېگەن كېتاپتا ئېنىق قىلىپ : «تۇۋا تىلى تۈركىي تىللارنىڭ ئۇيغۇر-ئوغۇز گورپپىسىغا كىرىدۇ ھەمدە بۇگۇرۇپپىدىكى قەدىمكى ئۇغۇز ، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۇفا(قاراغاس) تىللىرى بىلەن قوشۇلۇپ ، ئايرىم بىر ئۇيغۇر-تۈرۈك تارماق گورپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ» دېگەن تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندىمۇ تۇۋالارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى ھەققىدە «گەپنى قىسقارتقاندا ، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى تېللارغا تاقىلىدۇ» ، «ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىل سېتىمىسى تۈركىي تىل ئائىلىسى-شەرقىي ھون تىل تارمىقى-ئۇيغۇر تىل گورپپىسى –ئۇيغۇر-تۈركىي تىللار ئىككىلەمچى تىللار گورۇپپىسغا تەۋە» دەپ يازغان . توۋالارنىڭ كۆپ قىسىمى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .
  پۇرباجىن قەلئەسى بىر خارابە بولۇپ ، ئۇنى ئەڭ دەسلەپ-1891- يىلى روسىيىنىڭ مەشھۇر شەرقشۇناس ئالى دېىتۇرىي كېلىمىن ئېنىقلىغان . ئۇ كېيىن قارا بالغاسۇننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پۇرباجىن سېپىل-سارىيىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھالىتى ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىغان . پۇر باجىننى «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ يازلىق سارىيى» دېگەن قاراشنى تۇنجى قېتىم سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋىردىكى مەشھۇر ئالىم سېۋىيان ئىزرايلىۋېچ باينېشتېيىن 1957- يىلى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ قاراشنى 1960-ۋە 1970 يللاردا ل، ر ، كزلاسوۋ ۋە س . ۋ . كسلېۋلار ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن تەكىتلەشكەن . توۋا جومھۇرۇيتىنىڭ ئايال رەھبىرى تامارا ماشالوۋنا نوربىي ئۆزىنىڭ كىتابىدا پۇرباجىن قەلئەسىنىڭ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ساراي-سېپىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن . ئەمما باشقىچە قاراشتىكى تەتقىقاتچىلارمۇ بولغان . ئۇلارنىڭ كۆپىپىنچىسى «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ قەلئەسى» دەپ بىكىتىشكە پاكىت يېتەرلىك ئەمەس ، دەپ قاراشقان . شۇنداقتىمۇ روسىيە ئالىملىرى بۇ قەلئەنىڭ ئارخېئوگيىلىك قىممىتىگە قىلچە سەل قارىمىغان . 1995- يىلى روسىيە فېدىراتسىيسىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بورىس يېلتىسىن پۇر باجىننى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخي مەدەنىيەت مىراسى دەپ قارار چىقارغان . بۇ پۇرباجىن قەلئەسىنىڭ ھەر جەھەتتىن نەقەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
    قەدىمكىلەرنىڭ ئېگىز تاغدىكى خىلۋەت كۆلنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا بۇنداق مۇستەھكەم ۋە چوڭ قەلئەنى سالمىقى ئىنتايىن مۈشكۈل . چۈنكى بۇنداق قەلئەنى سېلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ توننا توپا ، كېسەك ۋە ياغاچ – تاش كېتىدۇ . ئادەمنىڭ ئەقىلى يەتمەيدىغان ئىش شۇكى ، بۇ جاي ئادەم ناھايىتىمۇ كەمدىن كەم كېلىدىغان تولىمۇ چەت رايۇن . شۇڭا زادى كىم بۇنداق خالى جايغا بۇنداق چوڭ قۇرغاننى سېلىش كويىغا كىرىپ قالغان ، ئۇنى كىم ئۈچۈن سالدۇرغان ؟ دېگەندەك سىرلىق سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش كېرەك ئىدى .
  دېمەك ئەمدىكى ۋەزىپە پۇر باجىننى «سۆزلىتىش» ئىدى .19- ئەسىردە ياشىغان روس يازغۇچىسى گوگۇل «ھەرقانداق خەلىقنىڭ ئۆتمۈشى توغۇرلۇق ھېكايە ، ئەپسانە، چۆچەكلىرىمۇ ئۇنتۇلغاندا ، ئۇلار توغۇرلۇق شۇ خەلىققە تەئەللۇق بىناكارلىق ۋە باشقا ماددىي بويۇملار كۆپلەپ ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ» دەپ كۆرسەتكەندى . پۇرباجىندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق قەلئە تېپىشماقنى يىشىش ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇيقۇدا ياتقان پۇرباجىن خارابىسىنى «سۆزلىتىش» ئۈچۈن روسيە ھۆكىمىتى 2007- يىلى ئەتىيازدا مەخسۇس تەربىيەلەنگەن 600 نەپەر ستۇدېنتتىن تەشكىللەنگەن ، نەچچە ئون داڭلىق ئارخېئولوگ ، ئارختېكتور ۋە ئىكسپېدىتسىيچى باش بولغان زور تەكشۈرۈش ئەتىرتىنى توۋا جۇمھۇرىيتىگە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى . بۇ زور «قوشۇن» مىڭ يىلدىن ئاشقان تارىخىي سىر يوشۇرۇنغان تېرىخول كۆلى بويىغا چېدىر تىكىپ تۆت ئايغا سوزۇلغان ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى باشلىدى .
  تەكشۈرۈش ئەتىرىتىدىكىلەر تۆت ئايغا سوزۇلغان ئەتىراپلىق ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ، تېپىلمىلارنى تەتقىق قىلىش ، سۇنغان ساپاللارنى بىر-بىرىگە زېرىكمەي جىپىسلاش ، قەلئەنىڭ ئۇلىغا ئاساسەن ئومۇمى قۇرۇلمىسىنى قىياسەن تۇرغۇزۈش ، ماددىي بويۇملارنى تۈرگە ئايرىش ، سېلىشتۇرۇش ۋە يىل دەۋرىنى بىكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىرى خېلىلا ئىشەنچىلىك يەكۈنگە ئېرىشكەن . قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەتىردىكىلەرنىڭ بۇ دەسلەپكى يەكۈنىنى روسىيە جىددىي سېرگىي شايگو ئاخبارات ۋاستىللىرىگە جاكارلاپ مۇنداق دېگەن : «ئارخېئولوگلارنىڭ خۇلاسىسىگە قارغاندا ، پۇرباجىن قەدىمىي قەلئەسىنى قەدىمىي ئۇيغۇرلار سالغان . ھازىر بۇ قەلئەنىڭ ئاساسى بۆلىكى قېزىپ بولىندى ، قەغەز يۈزىدە يەنە  يەنە قەلئەنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بىز ئۇزاققا بارماي بۇ جاينى دۇنياغا ئېچىۋېتىپ ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونىتىمىز!»
  تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئالىم – مۇتخەسىسلەرنىڭ دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : «بىز تۆت ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېرىخول كۆلىنىڭ بويىدىن چوڭ تىپتىكى قەبرىدىن 100 نەچچىنى تاپتۇق . پۇر باجىن قەلئەسىنىڭ ئارخىتېكتورىيلىك قورلۇشى ، لاھىيە پىچىلىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بېكىتىپ ، قەلئەنىڭ قەغەز يۈزىدىكى مودېلىنى ياساپ چىقتۇق . بۇ قەلئەنىڭ شەكلى  جۇڭگۇنىڭ تاڭ سولالىسى زامانىسىدىكى پايىتەختى چاڭئەن (شىئەن) دىكى ئوردىغا ئوخشايدىكەن . قەلئەنىڭ ئاساسى قۇرلۇش بۆلىكى ئادەمگە بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرىنى ئەسلىتىدۇ . قەلئەدىن تېپلغان بىر تاش پۈتۈكتىن قەدىمى ئۇيغۇرلانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنبەسپتارى بولىشنىڭ مۆھىرىنى تاپتۇق . بىز شۇ دەۋىرگە ئائىت تارىخنامىلەر ۋە پۈتۈكلەردىكى خاتىرلەرگە ئاساسەن بۇ قەلئەنى ئۇيغۇرخانىلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچۇر (مىلادىيە 747- يىدىن 759- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) خوتۇنى نىڭگو مەلىكە ئۈچۈن سالدۇرغان بولىشى ئېھتىمال ، دەپ قارىدۇق . »
  ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۇتۇقلۇق بولۇپ ، زور ئۈنۈم قازانغاندىن كېيىن روسىيە فېدىراتسىيسنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ۋىلادېمىر پۇتىن 2007- يىل 13 – ئاۋغۇستتا روسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن مۇناكۇ دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى ئالبېرت 2 بىلەن تۇۋا جۇمھۇرىيتىنىڭ مەركىزى قىزىل شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردىن تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىغا ئالمىشىپ پورباجىن قەلئەسى خارابىسى قېزىلىۋاتقان تېرىخول كۆلىگە بارغان ھەم خارابە ئىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەن . پۇتىن مۇخبىرلارغا : «بۇ روسىيە تارىخىدىكى كۆلىمى زور تەكشۈرۈش تۈرى . پورباجىن قەدىمى ئۇيغۇرلار سالغان قەلئە» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن ، بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىقىتىنى تارتتى .
  ئالىملار پورباجىىندىن ئىبارەت بۇ لايدىن ياسالغان قەلئەنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنىجى ئەۋلات قاغانى مۇيۇنچىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەمىر قىلىنغان دەپ قارىشىدۇ ؟ بۇنىڭ سىرى نىڭگو مەلىكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئەلۋەتتە .
  نىڭگۇ مەلىكە كىم ، ئۇ قانداقسىگە مۇيۇنچۇر قاغانىغا خوتۇن بوپ قالغان ؟ بۇ سوئاللارغا بېرىلدىغان جاۋاپ پورباجىندىن ئىبارەت بۇ لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىدۇ .
  مۇيۇنچۇر قاغان ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنىجى ئەۋلات قاغانى بولۇپ ، دادىسى قوتلۇق بىلىگە قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن 747- يىلى قاغانلىق تەختىگە چىققان .«جەسۇر ھەيۋىسى ئالەمگە تارالغان بىلگە قاغان» مۇيۇنچۇر باتۇر ھەم چىۋەر سەركەردە بولۇپ ، يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانىلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «گوبى چۆللىكى ۋە مۇڭغۇل يايلاقلىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاتلىق قوشۇن» تەشكىللىگەن، ئۇزاققا سوزۇلغان شىددەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ، خانلىقنىڭ تىرتوريىسىنى «ئىلگىركى ھون ۋە تۈرۈك ئىمپىريىلىرىنىڭ زېمىنى دائىرىسى» گىچە كېڭەيتكەن .
  روس تارىخىچىسى كېلياشتۇرنىي «مۇيۇنچۇر نۇرغۇن قوۋمنى ئاتاق-دېڭى بىلەن مەغلۇب قىلغانىدى» دەپ يازغان. قىرغىز تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر ئەپەندى ئۆز كىتابىغا «تاڭنامە.ئۇيغۇرلار» دىن ئالغان نەقىلدە « ئۇلار كەلگەن چاغدا ھەر قانداق ئادەمنى تىتىرەك باساتتى» دېيىلگەن . بۇنداق بولىشىدا مۇيۇنچىرنىڭ ئۆزىلا باتۇر ھەم چىۋەر بوپ قالماستىن ئايالى ئېل بىلگە خاتونمۇ باتۇر ھەم پاراسەتلىك ئايال ئىدى . ئۇغۇللىرى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇ ۋە ئېدىگەن مۇيۇيمۇ تەڭدىشى يوق باتۇرلاردىن ئىدى . شوڭا ئۇيغۇرلار مۇيۇنچۇرنى «قارا قاغان» دەپ ئۇلۇغلايتتى . ئومۇمەن مۇيۇنچۇر قاغان سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر خانىلىقىنىڭ كۈچ قۇدىرىتى ۋە شان شۆھىرىتى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۇلگەن.دەل شۇ يىللاردا يەنى 750- يىللاردا تاڭ سولالىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن پاراكەندىچىلىككە دوچ كەلگەن . 751- يىلى تاڭ سولالىسى ئەراپلەر بىلەن تالاشتا بۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش ئۇرشىدا تاڭ سولالىسىنىڭ كورىئان مىللىتىدىن بولغان داڭلىق سەركەردىسى گاۋشەنجى قاتتق مەغلۈپ بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىكىنگەن . ئارقىدىنلا يەنى 755- يىلى ئۆڭلۈك-سۈيگۈن ئىسيانى يۈز بىرىپ ، قالايمىقانچىلىقنى چېكىگە يەتكۈزگەن .
  ئۆڭلۈڭ (ئەنلۇشەن) ئەسلىى يىڭجۇ (ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرى) لۇق بولۇپ ، دادىسى غۇز ، ئانىسى تۈرۈك ئىدى . تەيۋەنلىك يازغۇچى ، داڭلىق تارىخىچى بەي ياڭ ئەپەندى «جوڭگۇلۇقلارنىڭ تارىخ تېزىسى» ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنىجى توم «ئۆڭلۈڭ-سۈيگۈن ھەربىي ئۆزگىرشى» دېگەن بۆلكىدە ئۆڭلۈكنى «ئۇناھايىتى مەردانە ھەم قابىلىيەتلىك سەركەردە ئىدى» دەپ يازغان . شۇنداق بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك سەركەردە تاڭ سولالىسى پادىشاھى لى لۇڭجى ، يەنى تاڭ شۈەنزۈڭنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشىلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان . تاڭ شۈەنزۇڭ پۈتكۈل مەملىكەتنى ئون ھەربىي مەھكىمىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ ، لەشكىرى ھوقۇقنى ھەر قايسى ھەربىي مەھكىمە ھېراۋۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . ئۆڭلۈك سەركەردە پىڭلۇ ، خەنياڭ ، خىدۇڭ ، يەنى ھازىرقى چاۋياڭ ، بېيجىڭ ، تەييۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ئايماقنىڭ ھېراۋۇلى ئىدى . ئۇنىڭ ئىلكىدە 150 مىڭ كىشلىك ئارلاشما قوشۇن بولۇپ ئاساسەن تۈكى قەبىللەر ۋە قېتاللاردىن تەشكىللەنگەن باتۇر چەۋاندازلار ئىدى . ئۇ كۆپ قېتىم چاڭئەنگە كېلىپ خان بىلەن كۆرۈشكەن . مۇشۇ جەرياندا ئوردىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى ، ۋەزىر باشلىق مەنسەپدارلارنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان پادىشاھ تاڭ شۈەنزۈڭ ناھايىتى دانا پادىشاھ ئىدى . بىراق سەلتەنەت تەختىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئولتۇرغان بولغاچقا بارا-بارا بىخۇتلاشقان . ئۇ 61 ياشقا كىرگەن يىلى شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ گۈزۈللىكتە تەڭدىشى يوق ئايالى – 26 ياشلىق ساھىپجامال ياڭيۈخۈەن (ياڭگۈيفىي) نى ئۆز ئەمرىگە ئېلىۋالغان ياشانغان پادىشاھ بۇ ساھىپجامالغا ناھاينتى ئامراق بولۇپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساھىپجامالنىڭ نەۋرە ئاكىسى ياڭگۇجۇڭنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن ، باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرىغىمۇ مۇھىم ھوقۇقلارنى بەرگەن . ياڭ گۇجۇڭ ۋەزىرلىككە ناباپ ، پاسىق ئادەم بولغاچقا ئوردىدا چىرىكلىكنى يامرىتىۋەتكەن . بىر قېتىم ئۆڭلۈك بېيجىڭدىن چاڭئەنگە خان بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە ياڭ گۇجۇڭ ئۇنىڭدىن كۆپ پۇللۇق پارا سورىغان . ئۆڭلۈك بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا رەت قىلىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تىگىشلىك ھۆرمەتمۇ بىلدۈرمىگەن . ياڭگۇجۇڭ بۇنداق كەمسىتىشكە چىدىماي ئۆڭلۈكنى ئۇجۇقتۇرۇش نىيتىدە بولغان . شۇنىڭ بىلەن «خانغا قارشى چىقىش سۈيقەستىدە بولغان» دېگەن بەتنامنى ئويدۇرۇپ چىقىپ پادىشاھقا كۆپ قېتىم چېقىمچىلىق قىلغان . ئەمما پادىشاھ ئىشەنمىگەن . يازغۇچى ، تارىخچى بەي ياڭ ئەپەندىنىڭ «جوڭگۇلۇقلارنىڭ تارخ تىزىسى» ناملىق كىىتابىدا يىزىشىچە ياڭ گۇجۇڭ 755- يىلى «مەجبۇرلاپ توپىلاڭ كۆتۈرگۈزۈش» ۋاستىسىنى قوللىنىپ ئۆڭلۈكنىڭ چاڭئەندىكى قەسىرىگە ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ قەسىردىكى مۇلازىملار ۋە مىھمانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزگەن . ئۇنڭ مەخسىتى ئۆڭلۈكنى تىرىكتۈرۈپ تىغ تارتىشقا قىستاش ئىدى . ئۆڭلۈك دېگەندەكلا بۇ قىرغىنچىلىقلاردىن قاتتاق چۆچۈگەن ھەم غەزەپلەنگەن . ئۇ پادىشاھقا ئەرىز قىلىشنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى يوقلىقىنى بىلەتتى . چۈنكى بارلىق مەلۇماتنامە ياڭگۇجۇڭنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆڭلۈك ئىسيان كۆتۈرۈش قارارىغا كېلىپ 150 مىڭ كىشلىك قوشۇنغا ياڭ گۇجۇڭغا جازا يۈرىشى قىلىمىز ، دەپ جاكارلىغان . نەتىجىدە 755- يىلى نويابىردا بۇ قول ئاستىدىكى تۈرۈك سانغۇنى سۈيگۈن بىلەن بىرلىكتە ئىسيان كۆتۈرۈپ چاڭئەنگە قاراپ قوشۇن تارتقان . ياڭ گۇجۇڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشھال بولغان . چۈنكى ، ئۆكلۈكنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولغان . ئۇ ئەمدى ئۆڭلۈكنى ئۆز يولى بىلەن بابلاپ ئوجۇقتۇرغىلى بولىدىغان بولدى ، دەپ ئويلىغان . بىراق ئۆڭلۈكنىڭ ئارلاشما قوغۇنى جەنۇپقا قاراپ توسالغۇسىز يۈرۈش قىلىپ ، 700 كىلىومېتىر ئىچكىرلەپ ، خۇاڭخې ۋادىسىغا گويا كەلكۈندەك بېسىپ كەلگەن . تاڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق سەركەردىلىرىدىن فېڭ چاڭچى ، گاۋ شەنجى لى گۇاڭبى قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان . تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايىتەختى چاڭئەن خەۋىپتە قالغان . ئوردىنىڭ ئىچى-تېشى پاتپاراقچىلىق ۋەھىمىگە چۈشكەن . بىردىنبىر ئامال سەنشى ، شەنشى ۋە خېنەننىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولغان تۇڭگۈەننى مەھكەم ساقلاش بوپ قالغان . تۇڭگۈەن ئۆتكىلى قولدىن كەتسە چاڭئەننىڭ قولدىن كېتىشى بىردەملىك ئىدى.پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيتى مىسلىسىز خەۋپتە قالغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە،چارىسىز قالغان سەركەردە – سانغۇنلىرىغا قاراپ قاتتىق ئۆمۇتسىزلەنگەن ھالدا تۇڭگۈەننى زادى كىممۇ مۇستەھكەم ساقلاپ تۇرالار ؟ دىگەن سۇئال ئۇنى قاتتىق قىينىغان.ئاخىرى ئۇ ئۈمۈدىنى چاڭئەندىكى قەسىىرىدە كىسىلىنى داۋالىتىۋاتقان «غەرىپنى تىنجىتقۇچى سەركەردە   »دەپ نام ئالغان قوشۇخانغا باغلىغان.  
قوشۇخان تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىلىىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىىق سەركەردە بولۇپ،ئۇنىڭ دادسى كۇسەنلىك ،ئانىسى ئۇدۇندىكى كاتتا جەمەت بولغان ۋايجىرا جەمەتىدىن ئىدى .دادىسى كۇسەندىكى قوشۇ قەبىىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى.تاڭ سۇلالىسىدىكىلەر ئۇنى قە)  بىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ قوشۇخان (哥舒翰) دەپ ئۇلۇغلىغان . ئۇ ناھايىتى قابىل سەركەردە بولغاچقا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھۆزمىتىگە سازاۋەر بولغان  . پادىشاھ تاڭشۈەنزۈڭمۇ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن .چىڭخەيدىكى ئۇرۇشتا تۈبۈتلەرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ لىنتاۋنىڭ ئۇ تەرپىگە قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ شۆھرىتى ئالەمنى بىر ئالغان .
چىڭخەيدىكى پۇقرالار قوشاق توقۇپ :
شىمال ئاسمىنىدا چاقنار ئۈكەر يۇلتۇزى،
قىلىچ ئېسىپ تۇرار بۇندا قوشۇخان ئۆزى.

تۈبۈتلەر يايلاقتىن ھېچ كېچەلمەيدۇ ،
پېتىنىپ لىنتاۋدىن ھېچ ئۆتەلمەيدۇ .

  دەپ ، قوشۇخاننىڭ تەڭداشسىز سەركەردە ئىكەنلىكىنى مەدھىيلىگەن . ئۇنىڭ تاڭ سولالىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۈچلۈك خانلىق بولغان تۈبۈتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن توسۇپ تۇرىشى تاڭشۈەنزۇڭنى بەك خوش قىلىۋەرتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «غەرىپنى تىقجىتقۇچى سەركەردە» دەپ نام بەرگەن . قىززىق يىرى شۇكى قوشۇخان بىلەن ئۆڭلۈكنىڭ مىجەزى پەقەت كېلىشەلمەيتتى ، ئىككىسى بىر يەرگە كەلسلا گەپ تالىشىپ قالاتتى . پادىشاھ تاڭشۈەنزۇڭ ئۇ ئىككىسىنى «دۆۋلەتنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ قاراپ ، دائىم ئۇلارغا ئاغا ئېنى بوپقېلىڭلار دەپ نەسىھەت قىلاتتى . 752- يىلى بۇ ئىككىسى تەڭلا ئوردىغا كەلگەن . بۇ چاغدا ياڭ شۈەنزۇڭ مەھرەمبېگى ، ئاغۋات گاۋلىشىنى مەخسۇس ئۇلار ئۈچۈن زىياپەت ھازىرلاپ ، ئالاھىدە كۈتىۋېلىشنى بۇيرۇغان قوشۇخان ئۈڭلۈكتىن نەچچە ئون ياش چوڭ ئىدى . شاراپ زىياپىتىدە ئۆڭلۈك قوشۇخانغا يېقىنچىلىق قىلىپ : «مېنىڭ دادام غۇز ، ئانام تۈرۈك سېنىڭمۇ ئاناڭ غۇز ، داداڭ تۈرۈك ئىككىمىزنىڭ قېنىمىز بىر ، يېقىنراق ئۆتۈشكىنىمىز ياخشى» دېگەن . قوشۇخان بۇنىڭغا جاۋابەن «قەدىمكىلەردە دالىدا تۈلدە ئۆز ئىنىگە قاراپ ھۈرىسە ، قوتۇر بولۇر ، دېگەن گەپ بار» دېگەن ئۆڭلۈك بۇنى «قوشۇخان ئۆزىنىڭ غۇز ئىكەنلىكىنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاراپ قاتتىق غەزەپلىنىپ ، بىگىز بارمىقىنى قوشۇخانغا تەڭلەپ تۇرۇپ : «سەندەك ياۋايى تۈرۈك مۇشۇنداق دېيىشكە قانداق پېتىندىڭ ؟!» دەپ تىللىغان . نەتىجىدە ئىككىسى ئەپلەشمەك تۈگۈل جېدەللىشىپ كەتكەن ، كېيىن ئۆڭلۈك ۋەزىر ياڭ گۇجۇڭ قوشۇخاننىڭ مەنسەپ – دەرىجىلىرىنى ئۈستۈرۈپ ئۆڭلۈك بىلەن روبىرو تۇرالايدىغان قىلىپ قويماقچى بولۇپ ، 754- يىلى ئۇنىڭ مەنسىپىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن . كۈتمىگەن يەردىن مەي – شارابقا ئامراق قوشۇخان بىر قېتىم لەشكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغاندا ، شاراپتىن زەھەرلەنگەنلىكى تۈپەيلى ھاممامدا يۇيۇنۇۋېتىپ ھوشىدىن كەتكەن . باشقىلار خەۋەرسىز قالغاچقا خېلىغىچە سوغۇقتا قالغان . شۇ سوغۇق تەككەنچە قوشۇخاننىڭ  بويۇم ياللۇغى ئېغىرلاپ كەتكەن . ئامالسىزلىقتىن چاڭئەنگە قايتىپ قەسىرىدە كېسىلىنى داۋالىتىپ، تالا-تۈزگە چىقماي ياتقان ، دەل شۇ مەزگىلدە پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ ئۇنىغا ئەڭ يوقىرى ھەربىي مەنسەپنى بېرىپ ، 200 مىڭ لەشكەر بىلەن تۇڭگۈەننى ساقلاشقا بويرۇغان ، ئۆزى ئۇنىڭغا كاتتا ئىنئام بەرگەن . بارلىق ئەمەلىي ، قەلىمىي مەنسەپدارنى شەھەر سىرتىغىچە ئوزىتىپ چىقىشقا بۇيرۇغان قوشۇخان چاڭئەندىن چىقىپ تۇڭگۈەنگە بارغىچە تىت-تىت بولغان پادىشاھ ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن يېڭىدىن يېڭى مەنسەپلەرنى بەرگەن . بېرىپ-بېرىپ ئاخىرى ۋەزىر دەرىجىسىگە تەڭ ئالىي مەنسەپ بەرگەن .
  قوشۇخان تۇڭگۈەنگە بېرىش بىلەن بىر مۇشاۋىرى ئۇنىڭغا «ئۆلۈكنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشتىكى شۇئارى ياڭ گۇجىڭنى جازالاش ، دېمەك ئۇ ياڭ گۇجىڭنى يوقىتىشنى باھانە قىلغان . ئەگەر بىزدە 30 مىڭ لەشكەرنى تۈڭگۈەننى ساقلاشقا قويۇپ ، قالغان 170 مىڭ لەشكەر بىلەن چاڭئەنگە بېرىپ ، ياڭگۇجۇڭنى ئۆلتۈرۋەتسەك ، ئۆڭلۈكنىڭ چاڭئەنگە باستۇرۇپ بېرىشقا باھانىسى قالمايدۇ» دەپ مەسلىھەت بەرگەن . قوشۇخان بۇ پىلانغا قايىل بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنداق قىلمىغان . لېكىن چېقىمچىلار بۇ مەخپىيەتلىكنى ياڭگۇجۇڭغا يەتكۈزۈپ قويغان . ياڭ گۇجۇڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇپ ، تاڭ شۈەنزۇڭغا مەكتۇپ سۇنۇپ
[ بۇ يازما chogluk تەرپىدىن2008-12-26 03:00 PMدە قاي ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(Yulduzay) ياخشى ماقالە
  • پۇل:+10(gvzal3.8) ئەجىر
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-26 02:49 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    chogluk
    دىيارىم كاتىۋى
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 25099
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 144
    شۆھرەت: 550 نۇمۇر
    پۇل: 1758 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1072(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    توختىماي مەسلىھەت بېرىپ ، قوشۇخاننى تۇڭگۈەننى ساقلاپ يېتىۋەرمەي ئۆڭلۈككە قارشى لەشكەر تارتىشقا دەۋەت قىلغان . قوشۇخان پادىشاھقا «ئۆڭلۈكنىڭ قوشۇنى توختىماي يۈرۈش قىلىپ ئۇرۇش قىلىپ پىشىپ كەتتى . مەن قوماندانلىق قىلۋاتقان 200 مىڭ لەشكەر كۆپ يىلدىن بېرى بىر ئورۇندا تۇرۇپ مۇداپىئە كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن . شۇڭا بىز مۇداپىئەدە تورۇپ توپىلاڭچىلارنى توسۇپ ، ئىچكى قىسمىدا پارچىلنىش كۆرۈلگەندە ھوجۇم قىلغىنىمىز ئەۋزەل» دەپ ، ئۆز پىكرىدە تۇرغان . بىراق ياڭ گۇجۇڭ توختىماي كۈشكۈرتۈۋەرگەچكە ئاخىرى پادىشاھ قوشۇخانغا قوشۇننى باشلاپ ئۆڭلۈك قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن . 756-يىلى قوشۇخان ئۆڭلۈكنىڭ قول ئاستىدىكى ناھايىتى ھىيلىگەر بىر سانغۇننىڭ قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بەرگەن، ئۆڭلۈكنىڭ بۇ سانغۇنى بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ، بىر تەرەپتىن قېچىپ قوشۇخاننىڭ 200مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى بىر تارچۇققا باشلاپ كىرىپ، ئۆزى ئالدى تەرەپتىكى ئېگىزلىكنى ئىگىلىۋەلغان . قوشۇخان جەنۇپ تەرەپتە چىليەنشەن تېغى ، شىمال تەرەپتە خۇاڭخې دەرياسى ، ئالدىدىكى ئېگىزلىكتە دۈشمەن قوشۇنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتكەن . قوشۇخان قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى ، باشقا يول تۇتۇشقا كېچىككەنلىكىنى بىلىپ ، سالغا ئولتۇرۇپ ، دەريانىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ جەڭگە قوماندانلىق قىلغان . ئۇرۇش تولىمۇ دەھشەتلىك بولغان قوشۇخان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ نەچچە يۈز چەۋەنداز بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ قاچقان . يول ئۈستىدە ئارام ئېلىۋاتقاندا قول ئاستىدىكى بىر سەركەردە ئۇنى باغلاپ ئۆڭلۈككە ئاپىرىپ بەرگەن .
    قوشۇخاننىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن پادىشاھ لى لۇڭجى ئوردا ئەھلىنى ئېلىپ ئالدىراپ – تېنەپ چاڭئەندىن 60 كىلومېتىر يىراقتىكى ما گۇيپۇ (شەنشىنىڭ شىپىڭ ناھىسىدە) غا قېچىپ بېرىۋالغان . بۇ چاغدا بارىلىق بالا-قازانىڭ سەۋەپكارى بولغان ۋەزىر ياڭگۇجۇڭغا قارشى كەيپىيات كۈچۈيىپ كەتكەن . غەزەپلەنگەن ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنى پادىشاھنىڭ ما گۇيپۇدىكى تۇرالغۇسىنى قورشاپ ، ياڭ گۇيفېيڭنىڭ چوڭ ھوقۇقىغا ئىگە ساھىپجامال ئاچا – سىڭلىسىمۇ بار ئىدى . ئوردا ياساۋۇللار قوشۇندىكىلەر ھەممە چاتاقنى تېرىغان ئوردىنى چىرتىۋەتكەن مۇناپىق ۋەزىر ياڭ گۇجۇڭنى يوقاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سىڭلىسى ياڭ گۈۇفېينى قىساس ئېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پادىشاھ لى لۇڭجىدىن ياڭ گۈيفېينى ئۆلتۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلغان . ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ بېسىمىغا چارىسىز قالغان پادىشاھ تاڭ شۈۋەنزۇڭ ئامالسىز ھالدا ئامراق خانىشى ياڭ گۈيۈيفېينى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن . ئۆزىنىڭ ئىختىدارسىزلىقى تۈپەيلى ئوردىنىڭ ئىچى ۋە سىرىتىدا مىسىلسىز تەس كۈنگە قالغان مۇشۇنداق ئەھۋالدمۇ ، پادىشاھ لى لۇڭجى – تاڭ شۈەنشۇڭ ، سەلتەنەت تەختىنى بوشىتىشنى خالىمىغان . ئوغلى لى خىڭ ياشانغان دادىسىنىڭ بۇ قەدەر ئۆزىنى بىلمەسلىكىگە چىداپ تۇرالماي ، چاڭئەننىڭ 500 كىلومېتىر غەربىدىكى لىڭۋۇ (نىڭشىيانىڭ لىڭۋۇ ناھىيىسى) غا بېرىپ شىمالى ئايماق لەشكەرلىرىنىڭ ھېراۋۇلى ، سەركەردە گاۋزېيى بىلەن بىرلىكتە قالدۇق قوشۇنلارنى توپلاشقا كىرىشكەن . 756- يىلى نويابىردا ئۇ لىڭۋۇدا ئۆزىنىڭ تاڭ سولالىسىنىڭ سەلتەنەت تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىى جاكارلىغان . لىخىڭنىڭ سەلتەنەتتىكى نامى تاڭ سۈزۈك دەپ ئاتالغان . ئۇ چىڭدۇغا قېچىپ بىرۋالغان دادىسى لىلۇڭجىڭنى شاھنىشاھ دەپ جاكارلىغان . بۇ چاغدا ئۆڭلۈك قوشۇنى غەربىي ئاستانە چاڭئەننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشخال قىلىپ ، ئۆڭلۈك ئۆزى پادىشاھ دەپ ئاتىغان . پۇقرالار جىنىنى ئېلىپ قاچ – قاچقا چۈشكەن .
    «تەيپىڭ يازمىلىرى» دىگەن كىتاپتا «تىيەنباۋنىڭ ئاخرىقى يىللىرى ئەنلۇشەن توپىلاڭ چىقاردى ، ئوتتىرا ئېقىم داڭقەندەك قاينىدى ، كىشىلەر جەنۇپقا قاراپ قاچتى» دېيىلگەن . ئۇرۇش خانىۋەيرانلىقى ئىچىدە جەنۇپقا قاراپ قاچقان ئاشۇ يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئاۋام – پۇقرا ئىچىدە تاڭ سۇلالىسى ئىچىدىكى داڭلىق ئۈچ شائىرنىڭ بىرى بولغان دۇفۈ (712-770) مۇ بار ئىدى . ئۇ «يۈرەك سۆزۈم» دېگەن شىئىرىدا مۇنداق ئىپادىلەنگەن :
    ياز كېلىپ باسقاندا يەرنى ئوت – گىياھ
    يول ئېلىپ قاچتىم بەدەر مەغرىپ تامان.

    پۇتتا كەندىر كەش ، ئۇچام جۇل-جۇل ئىدى،
    قىلدى قوبۇل مېنى شۇ تۇرقۇمدا خان .

    ئوردىدا ھەم دوسلار ئېچىندى ماڭا بەك ،
    كەپتۇ دەپ گۆر ئاغزىدىن ئېسەن-ئامان.

    شائىر دۇفۇ ئىنتايىن خەلىقپەرۋەر روخقا ،ھەم رىئال ، ئەملى مەسىللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغدان ئىجادىيەت خاھېشىغا ئىگە شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆڭلۈك- سۈيگۈن توپىلىڭىنىڭ ئالدى – كەينىدە ، شۇ چادىكى تارىخى رېئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان نۇرغۇن شېئىر يازغان . كېيىنكىلەر دۇفۇنىڭ بۇ خلدىكى شىېئىرلىرىنى تەرىپلەپ«شىئىرىي تارىخ» دەپ ئاتاشقان . ئۇ چاڭئەن شەھىرى قولدىن كەتكەندىن كېينكى ئېچىنىشلىق رىئاللىقنى ئەلىس ئەتتۈرگەن «ماكانسىز قالغاندىكى جۇدالىق» ، «پالاق ئۇرۇپ خەنياڭغا بېرىش» دېگەن شېئىرلىرىدا مۇنداق مىسرالارنى يازغان :
    تىيەنباۋ يىلى ئۆڭلۈك – سۈيگۈن غەۋغا پەيتى،
    چوڭ – كىچىكلەر پىتىراپ ھەيران قېچىپ كەتتى.

    مەلىمىزدە يۈز ئۆيكۈكتىن قالماي بىرى ،
    باغۋاراننى خوخا – يانتاق بېسىپ كەتتى .

    ھاياتلارنىڭ ئىز – دېرىكى بولماي تۈگەل ،
    ئۆلگەنلەرمۇ يەر تەكتىدە چىرىپ كەتتى .

    قوشۇنىمىز جەڭدە بولۇپ تىرپىرەن ،
    شۇ قاچقانچە قەدىمىم ئۆز يۈرتقا يەتتى .

    يېغا – جىدەل قايغاپ كەتتى پۈتۈن ئەلدە ،
    نەگە بارساڭ يول – جىلغىلار ئىس – تۇمانلىق .

    تەن – جەسەتلەر دۆۋە – دۆۋە ، گىياھ بوسلۇق ،
    قان ئاقمىغان يا تۈزلەڭ يوق ، يا توقايلىق .

    نە ھاياتلىق قالدى بۇندا ، ھەممىسى كەتتى ئۇچۇپ ،
    ئۇزاتقىلى چىقماس بىرەرسى ياتىدۇ قورقۇپ مۈكۈپ .
    قالدى كىشىنەپ ئوتتۇرا ئىقلىمدا روڭلانىڭ ئېتى ،
    قانچە كۆز تىكسەڭ يىراققا كۆرەنمەس گىياھىي – چۆپ.

    بۇ سېرىق باش دىدى قوۋۇمنىڭ پەرزەنتلىرى ،
    غەربىي قاسناقتىن كېلىپ قىلدى پاراكەندە ئەجەپ .
    ئات مىنشسە توپ بولۇپ ، غۇي قىلىپ ئۆتەر ئۇيان ،
    ئەگرى يادىن ئوق ئۆزەر ، تۇرار قىلىچلارنى بىلەپ .

    قالمىدى بۇ قىشلىقى ئون ئۆيدە بىرمۇ ياش يىگىت ،
    ئاقتى قان چىنتاۋ يېرىدە سۇ بولۇپ دولقۇنلىنىپ .
    بىپايان ۋادا ياتار تىمتاس ، يوق جەڭدىن دىرەك ،
    چۈنكى قېرىق مىڭ لەشكەر بىر كۈن ئىچىدە كەتتى ئۆلۈپ .


    تاڭ سولالىسى ئىككى پايتەختتىن ئايرىلىپ ، قوشۇنلىرى تىرىپىرەن بولۇپ ، خەلىق خانى ۋەيران كۈنگە قېلىپ ، ئىسيانچىلارنىڭ ئاتامانى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋالغان مۇشۇنداق شارائىتتا ، تاڭ سولالىسى ئىسمى بارۇ جىسىمى يوق ھالغا چۈشۈپ قالغان . ئۇنڭ ئۆستىگە تاڭ سولالىسى ئېغىر ھالدا قالغان مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ، قوشۇخاندىن قۇتۇلغان تۈبىتلەر پۇرسەت پەرەسلىك قىلىپ گەنسۇ تەرپىدىن ھوجۇم قىلىپ زېمىن ئىگىلىۋېلىش كويىغا كىرگەن . تاڭ سولالىسى قاتمۇ قات قېيىنچىلىققا دۇچ كىلىپ تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە قالغاندا ، يېڭىدىن خانلىققا چىققان پادىشاھ لى خىڭ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۆمىدىنى سەددىچىڭننىڭ شىمالىدا دەۋران سۈرىۋاتقان ئۇيغۇر خانلىققا باغلاپ ، نائىلاج ئورخون ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچوردىن ھەربىي ياردەم سوراپ گوزېي باشلىق ئىككى سەركەردىنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن . تارىخچى گومىيلېۋنىڭ «قەدىمكى تۈرۈكلەر» دېگەن كىتاپتا يېزىشىچە «مويۇنچۇر قاغان تاڭ سولالىسى سەركەردىسى كوزىينى ئاۋۋال بۆرە باشلىق بايراققا تەزىم قىلدۇرۇپ ، ئۇشبۇ مۇراسىمىنى بىجىرگەندىن كېيىن ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان » دەپ كىلىشىم تۈزۈلگەن ھەم «تاڭ سولالىسى ھەر يىلى ئۇيغۇر خانلىقىغا 20 مىڭ تو يىپەك مال سوۋغا بىرىش ھەم ئۇيغۇر ئاتلىرىنى سېتىۋېلىش » دىگەن مەزمۇندىكى سودا توختامنامىسىمۇ تۈزۈلگەن . كېىلىشىم بويىچە مۇيىنچۇر قاغان چوڭ ئوغلى تايبىلگە تۇتۇق يابغۇ بىلەن ۋەزىر دىدي (دەدە) باشچىلغىدا 4000 كىشلىك خىللانغان ئاتلىق لەشكەرلەرنى تاڭ سولالىسىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن . ئۇلارنى تاڭ سولالىسىنىڭ يېڭىدىن تەختكە چىققان پادىشاھسى تاڭ سۈزۈك ئۆزى كۆتۈۋالغان . تاڭ سۈزۈك شۇ يەردىلا ئوغلى لى يۈنى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇ بىلەن ئاكا-ئۇكا بولۇشقا دالالەت قىلغان . ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنى سەركەردە گوىيىنىڭ قوشۇنى بىلەن 757- يىلى پايىتەخت چاڭئەننىڭ غەربىدىكى فېشۈي دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئۆڭلۈكنىڭ ئىسيانچى قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلشقا ھازىرلانغان . ئۆڭلۈكنىڭ ئىككى سەركەردىسى 100 مىڭ كىشلىك لەشكىرى بىلەن شىمال تەرەپتە سەپ تارتىپ تۇراتتى . سەركەردە گوزىي باشچىلقىدىكى تاڭ سولالسى قوشۇنىنىڭ سېپى 30 چاقىرىمغا سوزۇلغان . دەسلەپ ئۆڭلۈك قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى لى گۇيرېن ھەيۋە بىلەن كېلىپ تاڭ سولالىسى قوشۇنىغا ھوجۇم قىلىپ ، قاتتىق ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان . مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە «ئۇيغۇر قوشۇنى تۇيۇقسىز ئارقىدىن ھوجۇم قىلىپ قاراقچىلار قوشۇنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان . چۈشتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە قاراقچىلاردىن 60 مىڭى ئۆلتۈرۈلگەن» (لىۇزىشاۋ : «ئۇيغۇر تارىخى » 1.قىسىم 1.كىتاپ 101-بەت). بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا توپىلاڭچى قوشۇننىڭ شەنشى تەۋەسىدىكى كۈچى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچىرىغان ، شۇنڭ بىلەن تاڭ سولالسىنىڭ پايىتەختى چاڭئەن قايتىدىن تاڭ سولالىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن . بۇ چاغدا چاڭئەندە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋالغان ئۆڭلۈكنىڭ ئىككى كۆزى قارىغۇ بوپ قالغان بولۇپ ، شۇ سەۋەپتىن جىلىخۇر بوپقالغان . كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ تىرىكىپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان مۇتىھەم ئادەتكە كۆنىۋالغان ، بىر قېتىم ئوغلى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتىرسىدا تالاش – تارتىش يۈز بېرىپ ئۇ ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئوغلى ئەن چىڭشۇ تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن . خېڭشۈي دەرياسى بويىدىكى ئۇرۇشتا ئۆڭلۈك قوشۇنى ئېغىر تالاپەتلە ئۇچىرىغاندىن كېيىن ، چاڭئەننى تاشلاپ لوياڭغا قاچقان . توپىلاڭچىلارنىڭ ھەش-پەش دېگۈچە مەغلۇپ بولۇپ چاڭئەننى تاشلاپ قېچىشى تاڭ سولالىسىنىڭ پۇقرالىرىنى قاتتىق شادلاندۇرۋەتكەن . شائىر دوفۇ بۇ چاغدا «شىمالغا سەپەر» دېگەن مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا ئاتاپ مۇنداق مىسرالارنى پۈتكەن:
    كەپتۇ بەشمىڭ لەشكەرلىرى سەپ-سەپ بولۇپ ،
    بىر تۈمەنچە ئارغىماقنى چاپتۇرۇپ .

    لەشكىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارئىكەن،
    ياۋ سېپىگە ئوقسىمان ئۇچار ئىكەن .

    شاھ ئۆمىدىنى باغلىدى ،
    باشقىچە گەپكە قولاقمۇ سالمىدى .


    بۇ چاغدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى باشقا تۈزۈشكەن كېلىشىمدىكى شەرىت بويچە چاڭئەن شەھىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقچى بولغاندا ، پادىشاھنىڭ ئۇيغۇر شاھزادىسى بىلەن ئاكا-ئۇكا بولۇشقا ئوغلى لى يۈ شەرقىي ئاستانە لوياڭنى قايتۇرۋېلىش توغرۇلۇق تەكىپ بەرگەن .
    شائىر دوفۇ گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتىرىسىدىكى ئىچكى كېلىشىمدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ لوياڭنى قايتۇرۋېلىش ئۇرشىغا قاتلىششىنى تازا خالىمىغان . بۇ ئەندىشىلىك ھېسياتىنى تۆۋەندىكى مىسرالارغا پۈتكەن:
    بىزگە شېئىرلىككە خان مايىل ئىكەن ،
    ئات مىنىشكە لەشكەر قابىل ئىكەن .

    بىلسىمۇ ئۇلارنى دەپ مىڭ قەيسىران ،
    قانچە ئاز كەلتۈرسە ئەۋزەل بىگۇمان .

    ئالغىلى لوياڭنى كۈچ كەتمەس ئىدى،
    بەلكى چاڭئەنگە ھوجۇملا بەس ئىدى .

    ئەمدىكى ئۇرۇش شەرقى ئاستانە لوياڭنى قايتۇرۋېلىش ئۇرۇشى ئىدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مۇھىم ھەرىبىي بازا شىندىيەن قەلئەسىدە بولغان. ئۆڭلۈكنىڭ ئوغلى ئەن چېڭشۈ بۇ يەردە 100 مىڭ كىشلىك لەشكەر بىلەن تاڭ سولالىسى قوشۇنىنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشنى توسىماقچى بولغان تارىخچى ليۇزىشاۋ ئەپەنىدى «ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق كىتابىدا «ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرى» نامىلىق مەشھۇر كىتابىنىڭ 220- جىلدىدە قالدۇرۇلغان بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توغرىسىدىكى مۇنۇ خاتىرىنى نەقىل ئالغان : «گوزىيى سەردارلىقىدىكى تاڭ سولالىسى قوشۇنىنى شىندىيەندە باندىتلار بىلەن ئۇچىراشقاندا باندىتلار تاغ بويىدا سەپ تۈزگەنىدى . گوزىي دەسلەپكى ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى . باندىتلار تاغدىن چۈشۈپ ھوجۇمغا ئۆتتى . ئۇيغۇرلار تاغنىڭ جەنۇبىدىن باندىتلارنىڭ ئارقا تەرپىگە ھوجۇم قىلىپ جاھاننى چاڭ – توزاڭ قاپلاپ كەتكەن ئەھۋالدا ، باندىتلارغا قارتىپ يادىن ئون نەچچە تال ئوق ئۈزگەنىدىن كېيىن ، باندىتلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ پادىشاھلىق قوشۇن بىلەن ئۇيغۇرلار باندىتلارنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچىراتتى . دۈشمەن جەسەتلىرى پۈتكۈل دالانى قاپلاپ كەتتى» بۇ قېتىمقى ئەجەللىك زەربە ئارقىلق تاڭ سولالىسى لوياڭنى قايتۇرىۋالغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە كەلگەن 4000 مىڭ كىشلىك قوشۇننىڭ تەڭداشسىز باتۇرلىقى نەتىجىسىدە 20 كۈندە تاڭ سولالسىنىڭ ئىككى پايىتەختى قايتۇرۋېلىنغان . تاڭ سولالىسى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ توپىلاڭنى تىنجىتىش داۋامىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە يۈكسەك ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» نامىلىق كىتابىدا «يېڭى تاڭنامە» ناملىق ئەسەرنىڭ 217-جىلدىدىن ئېلىنغان مۇنداق ئىككى كوپىلېت شېئىر مىسال قىلىنغان :
    خەۋپ-خەتەر كەلگەندە باشقا بولدى ھەمدەم بىر نىيەت ،
    جەڭدە كۆرسەتتى جاسارەت، تۆھپىسى بولدى نىھەد .
    گەرچە تۇرساقمۇ يىراقتا كۆڭلىمىز رىشتى تۇتاش ،
    تا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس بۇنداق سۈپەت .

    بىز ئۈچۈن چەكتى جاپا شەرتسىز كېرىپ كۆكرەنى كەڭ ،
    ئالمىدى ئارتۇق نېسىۋە خىزمىتى ئۈچۈن پەقەت .
    ئاي بىلەن كۈنگە ئۇلارنى بولىدۇ تەڭلەشتۈرۈپ ،
    ياشىغاي پەزىلىتى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئەبەد .

    تارىخچى لىن گەن ، گاۋزىخۇ ئەپەندىلەر يازغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» نامىلىق كىتابىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن ئۇيغۇر قاغانىنىڭ شاھزادىسى تاي بىلگە تۇتۇق بايغۇنى مەدىھلەپ «تاڭ يارلىقلىرى» توپلىمىغا پۈتۈنلەي تۆۋەندىكى قەسىدە مىسال كەلتۈرۈلگەن :
    قەددى – قامەتتە كېلىشكەن پاراسەتتە تەڭداشسىز ،
    ۋەدىسىدىن يانمايدىغان ئۇيغۇر قاغانى يابغۇ .
    تۈمەنلىگەن ياۋ ئۈستىدىن كەلدى غالىپ ،
    شۇڭا ئۇ بەگلەر سەردارى بولۇشقا لايىق ...
    ئۇ پەم-پاراسەت بىلەن ئاتلاندى جەڭگە ،
    قالدى ئون مىڭ چاقىرىم مۇساپە يىراقتا، قىلدى شىددەتلىك يۈرۈش.
    توختىماي يۈرگەچكە شۇنچە جاسارەت بىلەن ،
    ياندى قولغا يىگىرمە كۈندە ئىككى پايىتەختىمىز ...
    ئاي-كۈن كەبىي ئۆچمەس تۆھپىسى شۇنچە نۇرانە ،
    ياشىغاي پەزىلىتى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا تائەبەد.
    ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرى ئىككى خانلىقنىڭ ھەمكارلىق ، دوستلۇق تارىخىغا زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرىدا يەنە ئەپسۇسلىنارلىق بىر سەھىپىنىمۇ قالدۇرغان . ئۇلار بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكنى پەيدا قىلىشتا باشتا تۈزۈشكەن كېلىشىمدىكى شەرتكە ئېسلىۋېلىشقان ، ئۇلار كېلىشىم بويىچە «شەھەر – يۇرتلار قايتۇرۋېلىنغاندىن كېيىن يەر زېمىن بىلەن پۇقرالار تاڭ سولالسىگە قايتۇرۇلىدى ، ئالتۇن – كۆمۈش بىلەن يىپەك – شايىلار ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولىدۇ («ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر » دىن ئېلىندى ) دەپ چاڭئەن بىلەن لوياڭ شەھرىنى ئۈچ كېچە – كۈندۈز بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان . تاڭ سولالىسىنىڭ قوشۇنلىرى كۆرمەسكە سالغان . بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن شائىر دوفۇ چەكتىن ئاشقان بۇ قىلمىشقا نەپرەتلىنىپ مۇنداق مىسرالارنى يازغان :
    «ئۈزۈملۈك ئايۋان سارايلار ئىچىدە
    گۆش يېمەكتە ئۇيغۇرلار بەزمە قورۇپ . »

    «ئاخىرى نەشتەر سانجىغان زەھەرلىك ھەرە»

    «تا قەدىم ئەييام بۇلار ئايەت ئىدى ،
    شائىرلارنىڭ يازغىنى نەپرەت ئىدى .»

    «غۇز دېگەن بۇ بىر نېمىلەرنى يېقىن تۇتساڭ ئەگەر ،
    بول پەخەس ، بېرىش-كېلىشتە چىقار خەتەر .»

    «يېنىمىزدا بار ئىكەن ئۇلار ھامان ،
    تۈگىمەيدۇ دەد-ئەلەم ، دىلدا يىغان .»
    ئۇيغۇر قوشۇنلىرى چاڭئەن ، لوياڭلارنى ھەددى ھېساپسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاچقا «شەھەر ئاقساقاللىرى ئۇيغۇر لەشكەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ : تەرتىپسىزلىك توختىتىلسا ، سىلەرگە لازىم بولىدىغان يىپەك رەختلەرنى بىزلا بەرسەك ، دەپ نۇرغۇن نەرسىنى سوۋغا قىلغان .» پادىشاھ تاڭ سۈزۈك ئۇيغۇرلارنىڭ لەشكەر چىقىرىپ توپىلاڭنى تىنجىتىپ بەرگىنىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن 758 – يىلى پەزىمان چىقىرىپ مويۇنچۇر قاغانغا «تەڭرىدىن بولمىش ئەل ئەتمىش بىلىگە قاغان» (تەڭرى تەرپىدىن ئولتۇرغۇزۇلغان ، دۆلەتنى تەشكىللىگەن دانىشمەن قاغان) دېگەن ئاتاقنى بەرگەن . كىچىك قىزىغا «نىڭگو مەلىكە – » دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزغۇچى مەلىكە ) دەپ نام بېرىپ ، مۇنچۇر قاغانغا ياتلىق قىلغان . «سۈي – تاڭ سولالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخىسلەر» نامىلىق كىتابىدا «كونا تەڭنامە» 195- يىلىدا «ئۇيغۇر ھەققىدە قىسسە» دىن ئېلىنغان نەقىلدە مۇنداق دېيىلگەن : «پادىشاھ تاڭ سۈزۈك زىياپەتتە تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇنى يۈز تۇرانە مەدھىيلەپ : خانلىقىمىزدا مۇشۇنداق زور ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى پۈتۈنلەي سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پىدائيلارچە كۈچ چىقارغانلىقىڭلاردىن بولدى . ئۇيغۇر يابغۇسى جاپالىق شارائىتتا تۆھپە يارىتىپ قوشنا ئەلنى مەردىلىك بىلەن ساقلاپ قالدى . ئارىمىزدا ھازىرغىچە بۇنداق ئىشنى بىراۋ ئاڭلاپ باققان ئەمەس ... ئۇيغۇر يابغۇسى تالانتتا تەڭداشسىز ، مەرتىۋىدە ئەڭ ئۈستۈن تۇرغۇسىدۇر . جاھان بۇزۇلۇپ ، يامانلىق ئەۋج ئالغان ، ئوتتۇرا ئىقلىم قولىمىزدىن كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە خانلىقىمىز قوشۇن تارتىپ چىقىپ ، پەم-پاراسەت بىلەن ياۋۇز دۈشمەنلەرنى جازالىدى . بىرلا غەيرەت بىلەن تۈمەن چاقىرىملاپ جاينى تازىلاپ ، 20 كۈن ئىچىدە ئىككى پايتاختنى قايتۇرۋالدى» دەپ كۆككە كۆتۈرگەن . پادىشاھ تاڭ سۈزۈك ئۇلارغا قوشۇپ نۇرغۇن زىبۇ – زىننەت ، تاۋار – دۇردۇندىن تىكىلگەن ھەرخىل كىيىم – كېچەك سوۋغا قىلغان . نەۋرە ئىنىسى لى يۈ بىلەن جىيەنى لى شۈننى مويۇنچۇر قاغانغا نام بەرگۈچى ئەلچى ، نىڭگو مەلىكىنىڭ توي مۇراسىم بېگى قىلىپ تەيىنلەپ ئۇيغۇر خانلىقىغا خانلىقىغا ئەۋەتكەن . ئەلچىلەر ئۆمىكى سەپەرگە چىققاندا تولىمۇ داغادۇغۇلىق ئۇزىتىلغان . لى يۇ قاتارلىقلار ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ، كېلىنچەك بىلەن تالاي سوۋغا – سالامنى ئېلىپ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايىتەختى ئوردىبالىققا يېتىپ بارغاندا ، دەسلەپ مۇيىنچۇر قاغان ئۆز تۆھپىسىنى پەش قىلىپ ، تاڭ سولالىسىنىڭ ئەلچەللىرىنى كۆزگە ئىلمىغان . كېيىن ئەلچىلەر تاڭ سۇزۇڭنىڭ مەكتۇبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ، مەكتۇپتىكى «ساداقىتىڭىزگە تەشەككۇر ئېيتىش ئۈچۈن سۇلالىمىزنىڭ مەلىكىسنى ياتلىق قىلدۇق. مەن ئۆز قىزىمنى يىراق تامانغا ياتلىق قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ مىھرىنى ئىزھار قىلدىم. ئۇ چەت يىراق يۇرۇتقا بارىدۇ، ئۇنى قەدىرلىگەيسىز....››دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن پوزىتسىيسىنى ئۆزگەرتكەن. ئىككنچى كۈنى چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ نىڭگو مەلىكىنى ئەمرىگە ئالغان. سوغدىلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن ھۈنەرۋەنلەرگە سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق دېگەن شەھەرنى سېلىشقا بۇيرۇق بەرگەن. مويۇنچۇر قاغان بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنى‹‹مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى›› دا مۇنداق خاتىرلەتكەن:‹‹توخۇ يىلى(757-يىل) دا...ئىككى قىزىنى(سوۋغات قىلىپ) بەردى. سۆزىڭىزنى يىرماي دېدى، خاتا ئىش قىلماي دىدى... سوغدىلار ۋە تابغاچلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىقنى سالدۇردۇم... ››
    ‹‹تاڭ دۆلىتىگە ئەمىنلىك ئېلىپ كەلگۈچى مەلىكلەر›› دەپ ئاتالغان چوڭ - كىچىك نىڭگو مەلىكلەر مويۇنچۇر ئاتا – بالىغا ياتلىق بولۇپ ئورخون ئۇيغۇر خانلىقىغا كەلگەندىن كېيىن، بىر يىل بولار بولمايلا دادا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرسىدا ئېغىر زىدىيەت كۆرۈلۈپ، مويۇنچۇر قاغان ئوغلى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇنى نامەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى جازالاپ ئۆلتۈرگەن. ئۆزىمۇ ئارقىدىنلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان. مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدىگەن مويۇي‹‹بۆگۈ قاغان›› دېگەن نام بىلەن 759-يىلى تەختىكە ئولتۇرۇپ، 779-يىلىغىچە دەۋران سۈرگەن.
    ئاجايىپ قىزىقارلىق ھەم مۇرەككەپ سۇژىتقا ئىگە كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەشكە، تراگېدىيلىك مەزمۇنغا ئىگە رومان – قىسسلەرنى يېزىشقا ماتېرىيال بولىدىغان بۇ ۋەقە ھادىسلەر دەل پورباجىندىن ئىبارەت بۇ لاي قەلئەنىڭ سىرى تىخمۇ روشەن ئېچىلغۇسى.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(Yulduzay) ئەجىر
  • پۇل:+10(gvzal3.8) ئەجىر
  • ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 03:02 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    kara_turk
    نۇمۇسچان ھۈجەيرىلىرىمىز ئۆلدىم
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34475
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 604
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    پۇل: 2284 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 67 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    ئۆتكەندە «شىنجاڭ مەدەنىيتى»ژۇرنىلدا چالا-پۇلا ئوقۇپتىكەنمەن،ئەمدى تولۇق ئوقۇۋالدىم.


    سىزگە كۆپ تەشەككۈر...
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 03:16 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    kurshat
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29123
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

     

    ھەقىقىي قىممىتى بار تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. دىيارىم«شىركىتى» تور بېكىتىمنى ئاۋاتلاشتۇرىمەن دەپلا  كىشىلەرنى ئۆز-ئارا ئۇرۇشقا سالىدىغان، غەيۋەتكە چاقىرىدىغان تۈكى يوق  يازمىلارنى چىقىرىۋەرمەي ؛ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي قىممىتى بار، ئىلمىيلىكنى ئاساس قىلىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپرەك  چىقىرىشى كېرەك.  بولمىسا بۇ جفي ئۇيغۇرنىڭ غەيۋەتچىلىرى يىغىلىدىغان غەيۋەتخانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    ساپالىق باشقۇرغۇچى تورنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك.

    «شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ5- سانىدىن ئېلىندى»دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز.
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 03:22 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    篮球美女
    ئاتۇش ۋاسكىتبول گۈزىلى ....
    دەرىجىسى : ئالاھىدە ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29012
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3219
    شۆھرەت: 3299 نۇمۇر
    پۇل: 1010378 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1983(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسز ، بىلىۋىلىشقا تىگىشىلىك بىر تىما ئىكەن ، مەن بۇلارنى ئوقۇپ بولۇشقا پەقەت ئۈلگۈرمەي قالدىم ، قالىغىنى خېزمەتتىن چۈشۈپ ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ھېس قىلغانلرىمنى يازاي ئەزىز !
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ۋاقتىسز دۇنيادىن ئايرىلىپ قالسام ، قەبرەمگە باش قويۇپ ياش تۆكەلەمسەن ؟...........................
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 03:32 PM |
    Yurtum Elani
    mehirgiya
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33689
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 88 نۇمۇر
    پۇل: 259 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-15

     

    شۇنچىلىك تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىمكى، ئۇھ..... قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

    تاڭ شۇەنزوڭ دىگەن تىلىۋىزىيە تىياتىرىنى شۇنداق قىزىقىپ كۆرگەن ئىدىم، ئاخىردا پادىشا ئۆلۈپ كېتىپ تۈگىگەن ئىدى بىراق، ئوغلى لى خىڭ تەخىتنى قولغا ئالغاندىن كىيىن، قانداق بولغاندۇ؟ ئاخىرىنى كىم بىلەر! دەپ ئىچىم شۇنداق تىتىلداپ كەتكەن ئىدى، بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇپ، تىتىلداپ كەتكەن يەرلىرىم ئوڭشىلىپ قالدى، رەھمەت سىزگە!

    دىمەك ! ئەينى ۋاقتتا ئۇيغۇرلار تاڭ پادىشاھلىقىغا ياردەم بەرمىگەن بولسا، تاڭ پادىشاھلىقى شۇ چاغدىلا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بولار ئىكەن، ھېلىقى ئۆڭلۈك دىگىنى قايسى مىللەت بولغىيتتى؟ شۇلار سورىغان بولسا، پۈتۈن تارىخ، يەنە ھازىرقى نۇرغۇن ئىشلارمۇ ئۆزگىىرىپ كېتەر ئىكەن. .............................

    بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ھەجەپمۇ دەۋران سۈرۈپتىكەن دىسە، پۇرباجىن قەلئەسىنى ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولسا، دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق زىمىنمۇ بەك كەڭ ئىكەنتۇق، قانداق بولۇپ، ھازىرقىدەك ئەھۋالدا قالغان................. بۇ شەخسەن ماڭا قاراڭغۇ!
    بۇرۇنقى تارىخ بىلەن يېقىنقى زامان تارىخى ئارلىقىدىكى تارىخ نىمىشقا يوق؟
    تارىخچىللىرىمىز يازمىغانمۇ يا؟ ۋە ياكى...........بار بولسا مەن بىلمەيمەنمۇ يا؟ ...............ئىشقىلىپ سۇئاللىرىم بەك جىق..........................ئەگەر ئارلقتىكى تارىخنى بىلىدىغانلار بولسا، مۇنبەرگە يوللاپ قويغان بولساڭلار، بىزمۇ تارىخمىزنى بىلىۋايلى،
    خەنزۇلارنىڭ يۇەنمۇ ئادىمىدىن باشلاپ، سوتسىيالىزىمغىچە تارىخى شۇنداق تەپسىلى، ئىنىق، يەھۇدىلارنىڭ قان- ياشلىق تارىخمۇ ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
    تېخى نىگىرلارنىڭ تارىخنى ئۆزىلىرى بىلىشتىن تاشقىرى بىزمۇ تولۇق بىلىپ كەتتۇق.
    بىزنىڭ تارىخمىزنى بىلىدىغانلار بولسا، يۇقارقىدەك قىسقارتىپ، مۇنبەرگە يوللاپ قويغان بولساڭلار، ھەمىمىز بەك خوشال بولغان بولاتتۇق.         
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئەستايىدىل ئ ..
  • Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 03:58 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    快乐人生
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33898
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 10 نۇمۇر
    پۇل: 147 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-31

     

    ئازراق بىر يەرلىرى بىر ئاي ئىلگىرى شىنجاڭ تىلۋىزىيىسى 2- قانىلىدا قويغان «تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى شۇەنزۇڭ خان »دىگەن كىنونىڭ بەزى قىسىملىرى بىلەن ئوخشاشكەن ، چۇنكى مەن ئۇ كىنونى قويماي كۆرگەن ، بولۇپمۇ ،ئۆڭلۈك سۆزلەنگەن جايلىرى ئوخشاشكەن . ئاخرسىنى چۇشىنەلمەيلا قالغانتىم ، چۇنكى ئاخىرسى يوقىرىدا سۆزلەنگەن جايلارنى كىنودا ئالمايلا ، تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ ئوغلى پادىشاھ بولۇپلا  ئۆڭلۈكنى مەغلۇپ قىلىپ  سىرتتا سەرگەندان بولۇپ يۇرگەن  دادىسى شاھىنشاھنى ئوردىغا قايتۇرۇپ كەلگەن جايلارنىلا قويغان ، مۇشۇ كىيىنكى قىسىملىرىنى بەكلا قىسقارتىۋەتكەن .شۇڭا قەتئىي بىلەلمەيلا قالغان ، ئەسلى ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ياردەمگە تەكلىپ قىپتىكەندە .
    ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، بەك ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز .  

    بەك ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 04:24 PM |
    Yurtum Elani
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6500
    شۆھرەت: 3608 نۇمۇر
    پۇل: 42253 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    مۇشۇنداق قىممەتلىك  تېملار بىلەن تورداشلارنى  ئۇچۇراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت تاتلىغىم  ، كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز بىسىپ بولغۇچە قوللىرىڭىز تېلىپ كەتكەندۇ  ؟ لىكىن ئەرزىيدۇ .   
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 06:06 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    karalaqin
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35345
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 168
    شۆھرەت: 178 نۇمۇر
    پۇل: 548 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 718(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    يالقۇنكامنىڭ بۇ ئەسىرى  ياخشى ئەسەر ...

    چوغلۇق شۇنداق ئالدىراشچىلىقتىمۇ يەنە مۇشۇنداق  ياخشى ئەسەرنى بىز بىلەن تەڭ بەھىرلەنگىنىڭىزگە رەھمەت !
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 06:51 PM |
    Yurtum Elani
    subara
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34377
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    شۆھرەت: 26 نۇمۇر
    پۇل: 185 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14

     

    بىز ئويغۇرلار نېمە دېگەن باتۇر ئەمما ئەخمەق يەرلىرمىزمۇ خىلى باركەن .دائىم 30 كۈن روزا تۇتۇپ پوق بىلەن ئېغىز ئېچىپتۇ دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا بىر ئۇلۇغ مىللەت دەيمەن .   
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 09:44 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    talat520
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35784
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 104 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئالاھىدە ياخشى مەزمۇنى كۈچلۇك تىما ئىكەن .يازغان قولىرىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلسۇن.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-26 11:41 PM |
    Yurtum Elani
    تېكىن
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21108
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 105
    شۆھرەت: 175 نۇمۇر
    پۇل: 844 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 567(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    مۇشۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىدىكى خەلقلەر بىلەن خانتەڭرى ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىدىكى قەدىمىي يەرلىك قەۋىملەر بىرلىشىپ ، مەدەنىيەت ۋە كىملىك جەھەتتە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بۈگۈنكى تۈركىي مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن . بۇنىڭ  پاكىتى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بىر پايتەختى قەشقەر بولسا ، بىرى بالاساغۇن . ئەلۋەتتە  قەشقەرنى مەركەز قىلغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بۇ تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپتىخارلانغۇچىلىرىدۇرمىز .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-27 02:17 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    muhamatsamat
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32959
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 353 نۇمۇر
    پۇل: 1301 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 28 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 596(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئورخون ئۇيغۇر خانلىقى ئور ئالدىغا خانلىق تۇرسا نىمە سەۋەپتىن ساداقەتلىك قىلدى دەيدۇ بۇيەدە سەل
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-27 04:45 PM |
    Yurtum Elani
    lakqin
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 23132
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1143
    شۆھرەت: 1258 نۇمۇر
    پۇل: 4260 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 471(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ چىقتىم . روھلار يەنە سەرسانە ...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-27 08:50 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    uznar
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30406
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 254
    شۆھرەت: 254 نۇمۇر
    پۇل: 862 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 819(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

          ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېمىكەن،تېمىنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولسا گۈل گۈلىگە كەلگەن بولاتتىكەن،چوغلۇق كۆپ ئەجىرلەر قىلىپسىز ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-27 11:45 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.071605(s) query 7, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:21
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号