چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ تېما 5030 قېتىم كۆرۈلدى
yawuz
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 4421
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 196 نۇمۇر
پۇل: 851 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-27

 [ئەركىن سىدىق] قوش تىللىق مائارىپ (1)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2008-12-22)دە نادىرلاندى
قوش تىللىق مائارىپ(1)
باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلىگىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
  
مەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تونۇشۇم بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇقتۇم: ئۇ ئۈرۈمچىدىن جەنۇبتىكى بىر ناھىيىگە بىر يىللىق خىزمەتكە بارغان بولۇپ، ئەمدى 6 ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ ئانا تىلدىن ساۋاتىنى ياخشىراق چىقىرىش ئۈچۈن شۇ ناھىيىگە ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىپتۇ. ھەمدە شۇ ناھىيە بازىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپتۇ. لېكىن، كېيىن قارىسا، ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىمۇ ئۇيغۇر بولسىمۇ، دەرسلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە ئىكەن. تونۇشۇمنىڭ قىزى كىرگەن سىنىپنىڭ بالىلىرىغا 3-سىنىپقا چىقىمىغىچە ئۇيغۇرچە ئېلىپبەمۇ ئۆتۈلمەيدىكەن.

يېقىندا مەلۇم بىر توردىشىمىز http://meripet. blogbus. com تور بېتىگە مۇنداق بىر ئىنكاس يېزىپتۇ: «ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ئۇيغۇر باللىرىغا ئەكەلگەن زىيىنىنى، يەنى تەپەككۇر توسالغۇسى، پىسخىك توسالغۇ، فىزىئولوگىيىلىك توسالغۇ... قاتارلىقلارنى مانا مەن ئەمەلىي كۆرۈپ ھېس قىلغانمەن. پۈتۈنلەي خەنزۇچە چىقىرىلغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھان سوئالىغا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپ، پۈتۈن ئىمتىھان ۋاقتىنى توشقۇزىۋەتكەن سەبىيلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىك، بىزارلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراشقا چىدىيالماي، قاتتىق ئازابلانغان ئىدىم. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەممە مەكتەپلەردە دېگۈدەك قوش تىل سىنىپلىرى بولۇپ، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى قوش تىل سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدىن تۈزۈك ساۋاتى چىقماسلىق، بىر قىسىم جايلاردا ھەتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىمۇ خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشنى تەلەپ قىلىشتەك ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىكلەر؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ۋە مەۋسۇملۇق نەتىجىسىدە ئىلگىرىكى بىر سىنىپتا بىر قانچە ئوقۇغۇچى لاياقەتسىز بولىدىغان ھالەتنىڭ دەل ئەكسىچە بىر سىنىپتا ئاران بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار لاياقەتلىك بولالايدىغان ھالەتلەر؛ بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي پەنلەرنى ئانا تىلىدا ئۆگىنىش ھوقۇقى ۋە پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان تەپەككۇر كەمتۈكلۈكى (يەنى تەبىئىي پەنلەرگە دائىر ئانا تىلدىكى تەپەككۇرنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى)؛ ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك ۋە جىسمانىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى، يەنى مەكتەپتىن بىزار بولۇش، مەكتەپتىن قېچىش، ئىشتىھاسىزلىق، روھسىزلىق، جۇغى كىچىك، بەدىنى ئاجىز بولۇش... قاتارلىق بىر قاتار ئىنتايىن ئېغىر، چىداپ تۇرغۇسىز، تەخىرسىز مەسىلىلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشكە باشلىماقتا! بۇ ئېنىقكى بىر خاتا يۆنىلىش! قېنى دۇنيادا قايسى تەرەققىي قىلغان، ئىلغار مىللەت ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى خەقنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان؟ بىز ئۇيغۇرلار شۇنچە ئاجىز، شۇنچە قورقۇنچاق بولۇپ كەتكەندىمىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشتا كەڭ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلالمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن بەلگىلىك ساندىكى ئادەملىرىمىز يىغىلىپ، بىرلىشىپ ئىلمى ئاساسلىرىمىز بىلەن يوللۇق تەلەپلىرىمىزنى قويالمايمىز؟»

مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ، بۇ ئىشنىڭ مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ھەر خىل يامان ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن ئۆزۈمنى توختىتالمىدىم. قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگىچە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغاندىن كېيىن بولسا، ئانا تىلنى ئۆگىنىش-ئۆگەنمەسلىك بىلەن بالىلارنىڭ تىل ۋە بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار، ۋە شۇ ئارقىلىق بايقالغان يېڭى ئىلىملەر توغرىسىدا ئىزدىنىشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. ھەمدە شۇ ئارقىلىق خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. ھازىر ھەر قېتىم قوش تىللىق مائارىپ ساھەسىدىكى زامانىۋى بىلىملەر ئاساسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ، ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىرنى ئويلىغىنىمدا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل ئازابلىنىش ۋە ئەنسىرەش تۇيغۇسى قاپلىۋالىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، خېلى كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىرقىدەك باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپلا ئانا تىلنى پۈتۈنلەي قايرىپ قويۇپ، پەقەت خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشى، ھەمدە ھەممە دەرسلەرنىمۇ خەنزۇ تىلىدا ئاڭلىشى، ھازىرغىچە ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان غەرب دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرى بويىچە قارىغاندا پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، ئۇ بالىلار تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتتا ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىندۇر. مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئۆزۈم ھازىرغىچە قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى ئۈستىدە ئىگىلىگەن ئىلمىي بايقاشلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مەن دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ « مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيندىن مەئارىفۇل لۇغەتەينگىچە» (http://www.meripet.com/Söhbet1/Erkinb2.htm ) دېگەن ماقالىسىنى بۇرۇن بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇپ چىققان ئىدىم. بۇ قېتىم ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاشتىن بۇرۇن، ئۇ ماقالىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. مەقسىتىم جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇقراق بىلىۋېلىش، ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى بىر قانچە سوئالغا جۇڭگودا قانداق ئىلمىي جاۋابلار تېپىلغىنىنى ئۇقۇۋەلىش ئىدى. لېكىن، مەن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم. مېنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنىم دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ ماقالىسى ئەمەس. مەن ھەر قېتىم ئۇ ماقالىنى ئوقۇغىنىمدا، ئۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، ھەمدە دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىيدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم. مېنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنىم، جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىنتايىن كەمچىللىكىدۇر. ئەگەر جۇڭگودا بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولسا، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ ماقالىسىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپالىغان بولاتتىم:


بالىلارغا ئانا تىل بىلەن يەنە بىر يات تىلنى ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بۇ تىللارنى ئۆگىتىش ئۇسۇلى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئانا تىلنى ئالدىدا، يات تىلنى كەينىدە ئۆگىتىش كېرەكمۇ، ياكى يات تىلنى ئالدىدا، ئانا تىلنى كەينىدە ئۆگىتىش كېرەكمۇ، ۋە ياكى ئىككى تىلنى تەڭلا ئۆتۈش كېرەكمۇ؟ ئامېرىكا بۇ جەھەتتە تورت خىل ئۇسۇلنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويۇۋېتىپتۇ.
بالىلار ئىككىنچى تىلنى قانچە يېشىدىن باشلاپ ئۆگەنسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھازىر «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ «يەككە تىللىق مائارىپ» قا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئەسلىدە بۇ «يەككە تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنى تۈزگەن ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئەمەل ئەھلىلىرى بىر قىسىم زىيالىيلارنى تەشكىللەپ، مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ياكى بولمىسا تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرى ئاللىقاچان ئېلىپ بېرىپ بولغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرىنى يىغىپ ۋە تولۇق ئۆگىنىپ، شۇ ئاساستا ئالدى بىلەن يۇقىرىقى سوئاللارغا مۇكەممەل جاۋاب تېپىپ چىققان بولسا، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش قىلغان بولاتتى. لېكىن، مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنداق ئىشلار بولۇپ باقمىغان. ئۇشبۇ يازمىدا يۇقىرىقىدەك سوئاللارنىڭ مەن ھازىرغىچە ئىزدىنىپ تاپقان جاۋابلىرىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.


1. قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇۋاتقان جەمئىيەتلەرنىڭ تىپلىرى

قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشتىكى ئېھتىياج ۋە مەقسەتكە ئاساسەن، دۇنيادىكى دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرنى مۇنداق ئۈچ تىپقا ئايرىش مۇمكىن:

[1] دۇنياۋىلىشىشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەت. يېقىنقى بىر قانچە ئون يىل مابەينىدە، ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋىلىشىش سەۋىيىسىدە تېز تەرەققىياتلار يۈز بېرىپ، كىشىلەرنىڭ بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە كۆچۈشى كۈنسايىن كۈچىيىپ ماڭدى. بۇنداق كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار: ياخشىراق ئىقتىسادىي شەرت-شارائىتنى قوغلىشىش، تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن دۆلەتلەر تاشقى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولۇش، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇنۇشلار تۈپەيلىدىن پاناھلانغۇچىلار توختىماي سىرتقا ئېچىش، بىر گۇرۇپپا يەنە بىر گۇرۇپپىنى ئېزىش، ۋە ئېكولوگىيىلىك بالايىئاپەتلەر يۈز بېرىش. ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقمۇ ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئەمگەكچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئەركىن يۆتكىلىپ يورۇشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا شەكىللەنگەن جەمئىيەت بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ بىر كۆپ سانلىق مىللەت رايونىغا ياكى باشقا بىر دۆلەتكە كۆچۈپ بېرىشىدىن شەكىللەنگەن جەمئىيەت بولۇپ، مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئۇنداق جەمئىيەتنى 1-تىپتىكى جەمئىيەت، دەپ ئاتايمەن. ئامېرىكا، كانادا ۋە جۇڭگودىكى خەنزۇلار يۆتكىلىپ بارغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى مانا مۇشۇنداق جەمئىيىتى بار دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مىسالى بولالايدۇ. چەت ئەلدىكى قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ بىر قىسمى مانا مۇشۇنداق جەمئىيەتتىكى كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خەلقىنىڭ ئانا تىلى ۋە ساھىپخان مىللەت تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان.

[2] بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ئۆسمۈرلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان جەمئىيەت. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ، شۇنداقلا جۇڭگودىكى خەنزۇلار رايونلىرىنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن جەمئىيەت مانا مۇشۇنداق جەمئىيەتنىڭ مىسالى بولالايدۇ. مەن بۇ خىل جەمئىيەتنى 2-تىپتىكى جەمئىيەت، دەپ ئاتايمەن.

[3] ئەگەر بىز ئىنسانلار تارىخىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پۈتۈن جەريانىدا سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغان مىللەت ئاس سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى باستۇرۇپ ياكى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنداق ئىشلار دۇنيادا ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنى «تىل جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇنداق قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي قورالى مائارىپ بولۇۋاتىدۇ. بىر ئاز لىبېرالىست گۇرۇپپىلار مائارىپتىن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چوڭ مىللەتنىڭ ئىچىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ناتسىست-فاشىستلارغا ئوخشاش گۇرۇپپىلار بولسا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنى ئۆز رايونى ياكى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى بولمىسا ئاساسىي ئېقىمنى تەشكىل قىلغۇچى جەمئىيەتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمەسلىك ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇنداق ئىشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتنى 3-تىپتىكى جەمئىيەت، دەپ ئاتايمەن. بۇنداق جەمئىيەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مىللەت باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئىرق ۋە دىن جەھەتلەردىكى ئۆزى بىلەن بولغان پەرقنى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىگە بولغان تەھدىت، دەپ قاراپ، بۇ «مەسىلىلەر» نى ھەر خىل مائارىپ سىياسەت - تۈزۈملىرى ئارقىلىق «ھەل قىلىش» قا تىرىشىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاشۇ جەمئىيەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مىللەت يولغا قويغان «ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» سىياسىتى بىلەن «قوغلاپ چىقىرىش» سىياسىتى ماھىيەتتە ئوخشاش نەرسە بولۇپ، ھەر ئىككىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «مەسىلە» نى «ھەل قىلىش» نى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىككى خىل سىياسەتلەرنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقان تىلى بىلەن مەدەنىيىتى ھەر خىل بولغان مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى ساھىپخان جەمئىيەتكە ئاڭلىتالمايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساھىپخان جەمئىيەتكە كۆرسىتەلمەيدىغان بىر ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇرى بولىدۇ. مائارىپتىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن ئانا مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان كىشىلەرگە بولسا «ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەر»، دەپ قارايدۇ.

قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەتنى يۇقىرىقىدەك ئۈچ تىپقا ئايرىش ئۇسۇلىنى مەن بىرەر ماتېرىيالدا كۆرگەن ئەمەس. ئۇنى مەن ئۆزۈم ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل جەمئىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ بىر خەرىتە تۈزسەك، ئۇيغۇرلار ئۇ خەرىتىنىڭ قايسى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ؟ مېنىڭچە، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ خەرىتىنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان، دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، بۇ قوش تىللىق مائارىپنىڭ نىشانى بولغان خەلق ۋە ئۇ خەلق ياشاۋاتقان ماكان نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ خەرىتىنىڭ ھېچ قانداق يېرىگە توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى، 1-تىپتىكى جەمئىيەت چەت ئەلدىن كۆچۈپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا ۋە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن دۆلەتنىڭ ئاساسىي تىلىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى جەمئىيەتتە يەرلىك خەلقنىڭ ئانا تىلىنى ئاساسلىق تىل قىلىپ ئىشلىتىپ، ئۇلارغا بىر چەت ئەل تىلى قوشۇمچە ئۆگىتىلىدۇ. ئۈچىنچى خىلدىكى جەمئىيەتتە باشقا رايون ياكى چەت ئەلدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خەلقنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە كۆچمەن مىللەتلەرنى تىل جەھەتتە چەكلەيدۇ، ياكى بولمىسا ئۇلارنى ساھىپخان دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەھۋال يۇقىرىقى 3 خىل ئەھۋالنىڭ ھېچ قايسىسىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلى ئۆز ماكانىدا چەكلىمىگە ئۈچراۋاتۋان بىر جەمئىيەت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا يەنە ئازراق توختىلىمەن.


2. ئامېرىكىدا يولغا قويۇلغان قوش-تىللىق مائارىپ پروگراممىلىرى

يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جەمئىيەتتىكى قوش تىللىق مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي ئاساسى ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئۇسۇللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مائارىپ ساھەسىدىكى مەسئۇل كادىرلار، مائارىپشۇناسلار ۋە بالىلار پسىخولوگىيىسى مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەچچە ئون يىل تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىپ، 1968-يىلى تۇنجى قېتىم «قوش تىللىق مائارىپ قانۇنى» نى تۈزۈپ چىققان. بۇ قانۇندا ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتا ئالاھىدە ئېھتىياجى بارلىقى ئەتراپ قىلىنغان. بۇ قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نەزەرىيىچىلەر قانداق قىلىپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى ئەمەس ئوقۇغۇچىلارنى ئىنگلىز تىلىدا دەرس ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققان. ئۇلار تاپقان ئاساسلىق ئۇسۇللاردىن مۇنداق تۆر خىلى بار:

(1) ئۆتكۈنچى باسقۇچ تەرىقىسىدە ئۆگىتىش ئۇسۇلى (ئىنگلىزچە «transitional bilingual education»). بۇ ئۇسۇلدا ئانا تىلى ئىنگلىزچە بولمىغان، چەت ئەلدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇشىنى دەسلەپتە ئىنگلىز تىلىدا ئەمەس، ئۆز ئانا تىلىدا باشلايدۇ، ھەمدە ئىنگلىزچىنى بىرىنچى چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا ئاساسىي مائارىپ ئېقىمىغا قوشۇلىدۇ.

(2) چۆكتۈرۈپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى (ئىنگلىزچە «submersion bilingual program»). بۇ ئۇسۇلنى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرەي. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خەنزۇ رايونىدىكى بىر قىسىم خەنزۇ بالىلىرىغا يەسلىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلى بىر ئايرىم دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلمەيدۇ.

(3) غەرق قىلىپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى (ئىنگلىزچە «submersion bilingual program»). بۇ ئۇسۇلنىمۇ بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرەي. بۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇر بالىلىرى نورمال سىنىپتا خەنزۇ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم خەنزۇ تىلىدىن دەرس بېرىلمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ بەزى شتاتلىرىدىكى خەلق بۇ ئۇسۇل ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، بەزى شتاتلار بۇ ئۇسۇلنى «قانۇنسىز ئۇسۇل» دەپ چەكلىگەن ئىشلارمۇ بار ئىكەن.

(4) ئىنگلىز تىلىنى ئىككىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى (ئىنگلىزچە «English as a Second Language program» بولۇپ، ئۇنى قىسقارتىپ «ESL program» دەپ ئاتايدۇ). بۇ ئۇسۇل يۇقىرىقى «غەرق قىلىپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى ئەمەس ئوقۇغۇچىلار بىر مەزگىل كۈندۈزدىكى دەرسنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا مەخسۇس ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدۇ. مېنىڭ قىزىم دىلنارە 6 ياشقا كىرگەندە، ئوغلۇم دىلشات بولسا 4- 5 ياشقا كىرگەندە ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى مۇشۇ «ESL» پروگراممىسىدا باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىنى تۈگەتكۈچە ئوقۇغان.

ئالدىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، مەن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى چۈشىنىپ بېقىش مەقسىتىدە خېلى ئىزدىنىپ كەلگەن بولساممۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرەر ماتېرىيالنى تاپالمىغان ئىدىم. يېقىندا مۇشۇ ساھەدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلغان، خەلقئارادا ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئۈچ دانە كىتاب، ھەمدە ئاشۇ 3 كىتابنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا يېزىلغان بىر ماقالىنىمۇ تاپتىم. ھەمدە خۇددى بىر گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم. بۇ ماقالىنى يازغان كىشىنىڭ ئىسمى «Jim Cummins» بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى 3 كىتابنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئاپتورى ئىكەن (مەن بۇ 3 كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا تەپسىلىي يېزىپ قويدۇم. قىزىققۇچىلار ئۇ كىتابلارنىڭ ئۈچىلىسىنى www.amazon.com دىن سېتىپ ئالالايدۇ.). ئۇ ھازىر كانادانىڭ «تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پروفېسسورى ئىكەن. قالغان ئىككى كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى «Colin Baker» بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيەدىكى «Uniwersity of Wales» نىڭ مائارىپشۇناسلىق پروفېسسورى، ئەنگلىيە پسىخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى ئىكەن. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى بولسا « Tove Skutnabb-Kangas» بولۇپ ( http://www.neiu.edu/~duo/skutnabb.htm ), ئۇ فىنلاندىيىدىكى « University of Roskilde» نىڭ پروفېسسورى ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى «ئوتكۇنچى باسقۇچ تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى» (يەنى يۇقىرىقى 1-ئۇسۇل) بويىچە يولغا قويۇش قارارى ئاشۇ پروفېسسور «Jim Cummins» ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىكەن. ھازىر ئېسىڭىزگە ئېلىپ بېقىڭ: بۇ 1-ئۇسۇل يۇقىرىقى قانچىنچى جەمئىيەتكە ماس كېلىدۇ؟ بىرىنچى جەمئىيەتكە. ئۇيغۇر جەمئىيىتى يۇقىرىقى 1-جەمئىيەتكە كىرمىسىمۇ، مۇشۇ 1-ئۇسۇلنى يولغا قويۇشقا 1-جەمئىيەتكە قارىغاندىمۇ بەكرەك ماس كېلەتتى. لېكىن، ھازىر ئۇنداق شارائىتقا ئېرىشىشتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن كېيىنكى قىسىمدا مۇشۇ 1-ئۇسۇلنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنى پروفېسسور « Jim Cummins» نىڭ ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى ئاساسىدا قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ نورمالنى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئۆز مىللىتىنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كۆڭۈل بولىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىسى، ھەر بىر ئۇيغۇر پۇقراسى، ۋە ھەر بىر ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىنىڭ تۆۋەنكى قىسىمدىكى مەزمۇننى ئوبدان ھەزىم قىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئەھۋال ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا ئائىت ماتېرىياللارنى تېپىش ئۈچۈنمۇ خېلى ئىزدەنگەن بولساممۇ، ھازىرغىچە ئۇنداق ماتېرىيالدىن بىرەرىنى ئۇچرىتالمىدىم. مېنىڭچە ئۇنداق بولۇشىنىڭ مۇنداق 3 تۈرلۈك ئېھتىماللىقى بار. (1) بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلاردىن باشقىسى يوق. (2) ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەر ماددىي ۋە پەننىي جەھەتتە ئاجىز بولۇپ، ئۆز ماكانىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تىل ئۆگىنىشنى ئانا تىلدىن باشلىماسلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى يوق. (3) مېنىڭ ئىزدىنىشىم يېتەرلىك ئەمەس (بۇ بىر پاكىت). ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۇچ كىتابنىڭ ئىچىدىكى 3-كىتاب (بۇ كىتاب جەمئىي 800 بەت ئىكەن) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئانا تىل قىلغان خەلقلەرنىڭ ئەخلاقىي، قانۇنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقى، ھەمدە تىل جەھەتتىكى ئىنسان ھوقۇقى توغرىسىدىكى خەلقئارا سىياسەت ۋە يولغا قويۇلغان تۈزۈملەر توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىدىكەن. مەن كېيىنچە ئاشۇ كىتابنى كۆرۈپ چىقىپ، ئەگەر ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق مەزمۇن تاپالىسام، مۇشۇ يازمامنىڭ ئىككىنچى قىسمى قىلىپ يەنە بىر پارچە يازما تەييارلاشنى ئويلاۋاتىمەن.


3. ئانا تىلنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ھازىرغىچە بايقالغان پەننىي بىلىملەر


ھازىر شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 1-تىپتىكى جەمئىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەشسە تەن جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، ھازىر ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇلۇۋاتقان بىر كۈچلۈك سىگنال شۇكى، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئوقۇتقۇچىڭىز ۋە جەمئىيەت ئۆز ئىچىگە ئالسۇن دېسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن يىراقلىشىشىڭىز شەرت. لېكىن، بۇنداق قىلىش بالىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ناھايىتى زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ نورمال ھالدا بىلىم ئېلىشىغا، ھەمدە پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە زور دەرىجىدە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنيا ئەتراپ قىلغان مائارىپشۇناسلارنىڭ بىر ئورتاق كۆز-قارىشى شۇكى، بىر سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەر شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى بىلەن تالانتىنى ئۆستۈرىدىغان بولۇشى كېرەك. مەيلى سىز مەقسەتلىك قىلىڭ ياكى چۈشەنمەسلىكتىن قىلىڭ، ئەگەر سىز بالىلارنىڭ تىلىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەنسىز، سىز مائارىپنىڭ ئەسلى مەقسىتىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتكەن بولىسىز.

بىر بالىنىڭ ئانا تىلى ئاشۇ بالىنىڭ كىشىلىك تەرەققىياتى بىلەن ئوقۇشتىكى تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە شۇ ئارقىلىق بايقالغان ئىلمىي چۈشەنچىلەر مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۈچ كىتابتا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇ ئۈچ كىتابتىن باشقا، مەن بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا لوس ئانژېلىس ناھىيىلىك كۇتۇپخانىدىن يەنە بىر 22 بەتلىك كىتاب تاپتىم (مۇشۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى 4-كىتاب). بۇ كىتابنىمۇ يۇقىرىقى ئۈچ كىتابنىڭ بىرسىنىڭ ئاپتورى « Tove Skutnabb-Kangas » خانىم 1979-يىلى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شۋېتسىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن فىنلاندىيىلىك بالىلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى نەتىجىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار دوكلات قىلىنغان ئىكەن. بۇ دوكلاتتا شۋېتسىيە مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق مائارىپ ئۇستىدىكى تەجرىبىلەر ۋە بۇ تەجرىبىلەرنىڭ نەتىجىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىپتۇ. مېنىڭچە بۇ دوكلاتنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرەر مائارىپ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىشقا ناھايىتىمۇ ئەرزىيدىكەن. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىشنى خالايدىغانلار بار بولۇپ، مەن بىلەن ئالاقىلەشسە، مەن ھېلىقى دوكلاتنى كوپىيە قىلىپ ماڭدۇرۇپ بېرىمەن. بۇ دوكلاتتا تۆۋەندىكى پەننىي بايقاشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

دەرسلەر فىنلاندىيە تىلىدا قانچە ئۇزۇن ئۆتۈلسە، بالىلارنىڭ شۋېتسىيە تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەردىكى ئوقۇش نەتىجىسىمۇ شۇنچە ياخشى بولغان.
فىنلاندىيە تىلىدا دەرس ئېلىپ باقمىغان بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى زور دەرىجىدە چېكىنگەن، ھەمدە شۋېتسىيە تىلىدىمۇ ئاشۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەتنىڭ سەۋىيىسىگە يېتەلمىگەن. بۇ «كېمەيتىلگەن قوش تىللىق» ياكى «يېرىم قوش تىللىق» (ئىنگلىزچە « subtractive bilingualism, semibilingualism») دەپ ئاتىلىدۇ.
«Tove Skutnabb-Kangas» خانىمنىڭ پەرىزىچە، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن ئانا تىلدا دەرس ئېلىشتىن مەھرۇم قىلسا، ئۇلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارى (ئىنگلىزچە «cognitive ability») نىڭ تەرەققىي قىلىشى ناھايىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
تۆۋەندە مەن ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا ھازىرغىچە بايقالغان، يۇقىرىقى ئۈچ كىتابتا بايان قىلىنغان قالغان پەننىي چۈشەنچىلەرنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن. ئۇ كىتابلاردا بۇ مەزمۇنلار 1-خىلدىكى جەمئىيەتكە قارىتا يېزىلغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلىدۇ.

[1] قوش تىللىق بولۇش بالىلارنىڭ تىل ۋە ئوقۇش جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئەگەر بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدە ئۆز ئىقتىدارلىرىنى 2-3 تىلدا تەرەققىي قىلدۇرسا، ئۇلار تىل ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەگەر ئىككى تىلدا ساۋاتىنى چىقارسا، ئۇلار تىلنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ پراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاشۇ ئىككى تىلدا رېئاللىقنى قانداق ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ چۈشىنەلەيدۇ. ئالدىنقى 35 يىل مابەينىدە ئېلىپ بېرىلغان 150 تىن كۆپ تەتقىقات تېمىسى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ Goethe دېگەن مۇنداق بىر گەپنى ناھايىتى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى: پەقەت بىرلا تىلنى بىلىدىغان كىشى ئۇ تىلنى ھەقىقىي تۈردە بىلمەيدۇ. ھازىرغىچە بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىسپاتلىغان يەنە بىر نەرسە شۇكى، قوش تىللىق بالىلار ئۇچۇرلارنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىلدا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ جانلىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق بولۇشنىڭ بىر ئىپادىسى، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانلاردا بىر تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدۇ.

جۇڭگو، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ھازىر دۇنيا تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە موھتاج. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى بولۇپ، بۇ تىل دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىشلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئەسلىدە ئامېرىكىلىقلار باشقا بىر تىلنى ئۆگەنمىسىمۇ بولار ئىدى. لېكىن، يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىسپانچە، فرانسۇزچە، ئىتاليانچە، گېرمانچە ۋە خەنزۇچە قاتارلىق تىللارنى دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلاردىن كەم دېگەندە ئاشۇ تىلدىن بىرنى تاللاپ ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭ قىزىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ھەر ئىككىسى مەكتەپتە ئىسپانىيە تىلىنى ئۆگەنگەن.

[2] بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئانا تىلى بىلەن مەكتەپ تىلى ئوخشىمايدىغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئانا تىلدا كۈچلۈك ئاساس ياراتقان بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىنى پۇختا ئىگىلەش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار كىچىك بالىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بالىسى مەكتەپ يېشىغا توشۇشتىن بۇرۇن ئۇلاردا ئانا تىل سۆز ئىبارىلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئوبدان يېتىلدۈرسە، بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تىلىنى ئاسانراق ئۆگىنىپ، باشقا ئوقۇشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدۇ. بالىلار ئۆيدە ئانا تىل ئارقىلىق ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئىقتىدار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تىلىدىكى بىلىم بىلەن ئىقتىدارغا ئۆزگىرىدۇ. بالىلارنىڭ ئۇقۇم ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانا تىل بىلەن مەكتەپ تىلى ئۆز-ئارا بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئۇقۇم بىلەن تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا كۆچۈشى قوش-يۆنىلىشلىك بولىدۇ. يەنى، مەكتەپتە بىرەر قوش تىللىق پروگراممىسى ئارقىلىق ئانا تىل تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، بالىلار مەكتەپ تىلى توغرىسىدا ئىگىلىگەن ئۇقۇم بىلەن تىل-ساۋات ئىقتىدارى ئانا تىلغا يۆتكىلىدۇ. قىسقىسى، ئەگەر مائارىپ مۇھىتى ھەر ئىككى تىلنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويسا، بۇ ئىككى تىل ئوقۇشتا بىر-بىرىگە ياردەم قىلىدۇ.

[3] مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىش يالغۇز ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ھەر خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. يۇقىرىدىكى بايقاشلاردا كۆرسىتىپ ئەتكەندەك، قوش تىللىق بولۇش بالىلارنى تىل جەھەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئىككى خىل تىلدىكى ئىقتىدارلار بىر-بىرىگە ناھايىتى بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئەگەر مەكتەپ ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويىدىكەن، ھەمدە شەرت-شارائىت يار بەرگەندە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىدىكەن، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بالىلار ئانا تىلىنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكى تەرەققىياتى كەينىگە چېكىندۈرۈلىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى كىشىلىك ۋە ئىدىيىۋى ئاساسى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ.

نۇرغۇن تورداشلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ كۆپ مىقداردىكى دەرسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىلى زادىلا ئۆتۈلمىگەندىن كېيىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىدا ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان دەرىجىدە چېكىنىش پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مېنىڭچە مۇشۇ ئابزاستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي بايقاشلار ئاشۇنداق بولۇشنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

[4] مەكتەپتىكى دەرسلەرنى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈش ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ئاكادېمىك تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ يامان تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئارقىلىق بايقىغان بىر كۈچلۈك ھۆكۈم شۇ بولدىكى، بىر ياخشى ئىجرا قىلىنغان قوش تىل پروگراممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى تەرەققىياتىغا ھېچ قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتى بىلەن ئانا تىلىدىكى كەسپىي بىلىملىرىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. بېلگىيىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلغان ئانا تىل، گوللاندىيە تىلى ۋە فرانسۇز تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تىلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش پروگراممىسى بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى مۇنداق. بالىلار ئانا تىلدا بىلىم ئالغاندا، ئۇلار بىر تار سېزىم دائىرىسىدىكى ئاشۇ بىر تىلنىلا ئۆگىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلى مۇھىتىدىمۇ جارى قىلدۇرىدىغان ئىقتىدارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ۋە ئەقلىي ماھارەتلەرنىمۇ تەڭ ئۆگىنىدۇ. ئانا تىلىدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بالىلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئىككىنچى بىر تىلدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن ئۇلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى قايتا ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار پەقەتلا ئۆزلىرى ئاللىقاچان ئۆگىنىپ بولغان بىر ئەقلىي ئىقتىدارغا بىر يېڭى بەلگە تاپسىلا كۇپايە. بۇ خىل ئەھۋال بىلىم ئېلىش جەريانىنىڭ يۇقىرى باسقۇچلىرىدىمۇ ئوخشاشلا داۋام ئېتىدۇ. يەنى، بىر مەزمۇن ياكى ھېكايىدىكى ئاساسىي ئىدىيە بىلەن قوشۇمچە ئىدىيىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، سەۋەب بىلەن نەتىجىنى ئايرىش، پاكىت بىلەن پىكىرنى پەرق ئېتىش، بىر ھېكايە ياكى تارىختىكى ۋەقەلەرنىڭ ۋاقىت تەرتىپىنى توغرا تىزىپ چىقىشقا ئوخشاش ئاكادېمىك ۋە تىل ساۋاتى ئىقتىدارى جەھەتتە ئوخشىمىغان تىللار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق ئالمىشىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

[5] بالىلارنىڭ ئانا تىلى نازۇك بولۇپ، مەكتەپ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ. مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار مەكتەپ تىلى بىلەن ئانا تىلى ئوخشاش بالىلارغا قارىغاندا مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىشنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار ئانا تىلىنى ناھايىتى تېزلا يوقىتىپ قويىدۇ. يالغۇز مەكتەپتىلا ئەمەس، ئويىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر ئانا تىل مەكتەپ سىرتىدىكى مۇھىتتا كۆپ ئىشلىتىلسە، كىچىك بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەمما، ئەگەر ئۆز مىللىتىدىن بولغان كىشىلەر مەكتەپ ئەتراپىدىكى رايوندا توپلىشىپ ياشىمىغان بولسا، بالىلار ئۆز ئانا تىلدا سۆزلىشىشنى مەكتەپكە كىرىپ 2-3 يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئانا تىلىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالمىسىمۇ، ساۋاقداش ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئاتا-ئانىسىغا مەكتەپ تىلىدا جاۋاب قايتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى تىل جەھەتتىكى پەرق بىر ھېسسىي ئازگالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا بالىلار ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بىر كۈچلۈك ئائىلە تىل پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىش پۇرسەتلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۆي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئانا تىلدا سۆزلىشىش، ئانا تىلدا كىتاب ئوقۇش، ئانا تىلدا ماقالە يېزىش، ۋە ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ تۇغقان يوقلاش قاتارلىقلار. بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا بىر تىلنى ئارتۇق بىلىشنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، قوش تىللىق بولۇش تىل ۋە ئەقىل جەھەتتىكى بىر چوڭ نەتىجە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلسا بولىدۇ.

[6] مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تاشلىۋېتىش بالىلارنى تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر. ئەگەر مەكتەپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا بالىلارغا «ئۆز تىلىڭ بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىڭنى مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمە» دېگەندەك سىگنالدىن بىرنى بېرىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنىڭ مەركىزىي قىسمىنىمۇ مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمەيدۇ. ئۇلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىش ھېسسىياتى پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ دەرس ئاڭلاشتىكى ئاكتىپلىقى بىلەن ئىشەنچىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىكىنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلسا يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلار چوقۇم تەشەببۇسكار بولۇپ، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى كىملىكىنى ئەتراپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ ئەتراپىغا بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان تەشۋىقات قەغەزلىرىنى چاپلاش، ئۇلارنى بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئانا تىلىدا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سىنىپ مۇھىتىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار.

قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئوي ئىچىدە توپلىغان ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىلىم ئىگىلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بىز ئۇ ئاساسلارنى ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرماسلىقىمىز، ئەكسىچە ئۇلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ھەر بىر بالىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئۆز تالانتىنى تونۇتۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدە بۇنداق ھوقۇق چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.


4. بالىلارغا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىتىشنى قانچە ياشتىن باشلىسا ئەڭ مۇۋاپىق؟


مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى پەننىي نەزەرىيىلەرنى توپلىغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيىۋى ماتېرىياللارنى ھەر بىر شەھەرنىڭ مائارىپنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن. بالىلارغا قايسى تىلنى ئىككىنچى تىل قىلىپ ئۆتۈش، ئىككىنچى تىلنى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆتۈش، ۋە ئۇنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈشنى ھەر بىر شەھەردىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ قارار قىلغان.

مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشتىكى ئەھۋالى مۇنداق ئىكەن:

كۆپىنچە ئەھۋالدا، بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلايدىكەن. ئىككىنچى تىل ئۆگىتىشنى 6-سىنىپتا باشلىغان مەكتەپلەرمۇ بار ئىكەن. بەزى مەكتەپلەر چەت ئەل تىلى، بولۇپمۇ ئىسپانىيە تىلى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن باشلىغان بولسىمۇ، دەرس مىقدارى ئىنتايىن ئاز، مەسىلەن، ھەر ھەپتىسى 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ئىكەن. ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقلارنىڭ نوپۇس سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كالىفورنىيىدىكى نوپۇس نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر ئىسپانىيە تىلىنى بىرىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ تاللايدۇ.
مېكسىكىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارغا ئاچقان مەخسۇس سىنىپلار بار بولۇپ، ئۇلار باشلانغۇچ 4-سىنىپىغا كىرگىچە ھەممە دەرسلەرنى ئىسپانىيە تىلىدا ئۆگىنىدىكەن.
ھازىرغىچە بايقالغان ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر بالا 10 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئاشۇ تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەت ئادەملىرىدەك سەۋىيىگە يېتەلەيدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ بىر چەت ئەل تىلىدا تولۇق ساۋات چىقىرىشىغا 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. دېمەك، ئەگەر بالىلار باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن (يەنى 9 ياشقا كىرگەندىن) باشلاپ ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگۈچە ئۇ تىلدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقىرىپ بولالايدىكەن.
دېمەك، ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئامېرىكىدىكى بىلەن ئوخشاش ئىش تۇتسا، ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلدا ئوقۇپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە خەنزۇچىدە ساۋاتلىق بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئىنگلىز تىلىدىكى ساۋاتىنىمۇ خېلى بىر يەرگە ئاپىرالىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.


5. ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا

ئامېرىكىغا 1953-يىلىدىن 61-يىلىغىچە پرېزىدېنت بولغان Dwight Eisenhower ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئەركىن ئادەملەرنىڭ تارىخى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي يېزىلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان يول ئارقىلىق ئاشۇنداق يېزىلغان.»

«ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابنى يازغان ستەۋەن كوۋەي («Stephen Covey») ئەپەندى ئۇ كىتابتىن كېيىن «سەككىزىنچى ئادەت: ئۈنۈملىكتىن ئۇلۇغلۇققىچە» دېگەن ماۋزۇدا يەنە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئاشۇ كىتابنىڭ 4-بابىدا مۇنداق دەيدۇ: «يېرىم ئەسىرنىڭ مابەينىدە، مەن پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى نۇرغۇن ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇچراتتىم. ئەگەر سىز مەندىن كىشىلەرگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئاساسىي ئىدىيە، بىر ئاساسىي تېما، بىر ئاساسىي نۇقتا نېمە، دەپ سورىسىڭىز، سىز مەندىن كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ياڭرايدىغان بىر ئۇلۇغ ئىدەئال نېمە، دەپ سورىسىڭىز، سىز مەندىن ئەڭ ئەمىلى، ئەڭ قىممىتى بار، دەۋرگە ئەڭ مۇۋاپىق، شارائىت بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر ئىدەئال نېمە، دەپ سورىسىڭىز، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي، كۆڭلۈم بىلەن قەلبىمدە چوڭقۇر قايىل بولغان ھالدا، ۋە ناھايىتى تېزلا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمەن: بىزنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىمىز بار. سىزنىڭ تاللاش قابىلىيىتىڭىز سىزنىڭ پەقەت جېنىڭىزدىنلا كېيىن تۇرىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ تۇغما تالانتىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قابىلىيەت بىلەن ئەركىنلىك ھازىرقى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان باشقىلارنىڭ قۇربانى بولۇش تۇيغۇسى بىلەن باشقىلارغا دۆڭگەش مەدەنىيىتىگە روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تۈپ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز تاللاشنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، تەبىئىي كۈچ (گېن) ياكى تەربىيىلەش (بېقىپ چوڭ قىلىش، مۇھىت) نىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس. ئەلۋەتتە، گېن بىلەن مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بەلگىلىمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر تۈپ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆز ھاياتىنى قايسى تەرەپكە ئېلىپ مېڭىشنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ. ئىنسانلار ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ، ئەمما ھايۋانلار بىلەن ماشىنا ئادەملەر پەقەت ئىنكاس قايتۇرۇش تەرىقىسىدىلا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قىممەت كۆز-قارىشى ئاساسىدا ئۆز يولىنى ئۆزى تاللىيالايدۇ. سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ يۆنىلىشىنى تاللاش قابىلىيىتىڭىز ئارقىلىق باشقىدىن بىر يېڭى ئادەم بولۇپ چىقالايسىز، كەلگۈسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز، ھەمدە باشقا ئادەملەرگە كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. سىز مۇشۇ بىر تۇغما تالانتىڭىز ئارقىلىق باشقا بارلىق تالانتلىرىڭىزدىن پايدىلىنالايسىز. سىز مۇشۇ بىر تۇغما تالانتىڭىز ئارقىلىق ئۆز ھاياتىڭىزنى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەلەيسىز.»

ئانا تىلنى قوغداش ئىشىدا ھەر بىر ئادەم ئۆينىڭ سىرتىدا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا مەن ئۇشبۇ يازمىنىڭ باشقا قىسىملىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە توختالدىم. شۇڭا بۇ يەردە مەن ھەر بىر ئادەم ئۆز ئائىلىسى دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھەر رايونىدىكى دىئامېتىرى 250 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە جەمئىي 18 ئائىلە ئۇيغۇر بار. بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى يىل بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بالىلىرى بار تۆت ئائىلە بىرلىشىپ، 7-8 ئوقۇغۇچىسى بار بىر ئۇيغۇر تىلى سىنىپى تەشكىللىدى. بۇ تۆت ئائىلە ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇلار ھەر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 12 گىچە نۆۋەتلىشىپ بىرسىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتىدۇ. بۇ دەرسنىڭ ئىشقا ئېشىش نىسبىتى مېنىڭ پەرىزىمچە 95 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، بالىلارغا پات-پات ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيىتىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تىلىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۆيىگە سىملىق تېلېۋىزور ئورناتماي، بالىلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەكەلدۈرگەن ئۇيغۇرچە VCD لارنىلا قويۇپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ بۇ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ياخشى چىقتى. بۇ سىنىپ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بالىسىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرالىغان يەردە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ شۇنداق قىلالايدۇ. بۇ يەردىكى گەپ ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق يولنى تاللىشىدا. مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى يازمىسىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ رولى بىلەن نىشانى ئۈستىدە ئازراق توختالدىم. مەن ئۇنى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي: سىزنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش ۋە ئۇيغۇر بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم رولىڭىز ۋە نىشانىڭىز نېمە؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز تۇرۇۋاتقان شەھەر دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز تۇرۇۋاتقان يېزا دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ياكى ئىدارە دائىرىسى ئىچىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىسى دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يۈزلىنىشىنى ھەر بىر ئۇيغۇر تاللىغان يول بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئانا تىلىمىز ساقلىنىپ قالسۇن دېسىڭىز، سىز ھازىردىن باشلاپ باشقىلارغا دۆڭگەش ياكى مىللەتنى ئەيىبلەش ئادىتىڭىزنى تاشلاپ، ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تىرىشىپ ياشاڭ. بەزى ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلىڭ. بەزى ئىشلارنى بولسا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئەمەل ئەھلىلىرىگە قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ. مېنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالىنى ھازىر دەرھال بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باھالاپ چىقىش كېرەك. ھەمدە كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش توغرىسىدا بىر قارار ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر دىيارىدا زىيالىيلار ۋە ئەمەل ئەھلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇلارنى شۋېتسىيە بىلەن ئامېرىكىغا ماڭدۇرۇپ، ئاشۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى، ھەمدە قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى ھازىرقى زامان نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ كېلىشى كېرەك. قارارلارنى شۇنىڭدىن كېيىن چىقىرىش، سىياسەتلەرنى شۇنىڭدىن كېيىن تىزىش كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان كىشىلەر تۇتىدىغان يوللارنىڭ بىرى. ئىلمىي ئۇسۇللارنىڭ بىرى.


6. ئاخىرقى سۆز


مەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ ئەڭ بەشىدە تەسۋىرلىگەن، بىر ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 3- ياكى 4-يىللىققا چىقمىغۇچە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆتۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ھازىر بولۇۋاتقان راست ئىش، دەپ ئويلايمەن. لېكىن، ئۇ ھازىر قانچىلىك ئومۇملاشتى، ئۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. بۇنى بىلىدىغانلار بولسا Bilik.cn دىكى ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويغان بولساڭلار. ئومۇملىشىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق مائارىپ پروگراممىسى پۈتۈنلەي خاتا. پروفېسسور «Jim Cummins» بىر كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر قوبۇل قىلغان قوش تىللىق مائارىپ نەزەرىيىسى بۇيىچە قارىغاندا، بۇنداق پروگرام پۈتۈنلەي خاتا. مېنىڭ پەرىزىمچە، مۇشۇنداق سىياسەتنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەل ئىگىلىرىنى ئاساس قىلغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ تۈزۈپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى مۇقەررەر. بۇ ئىشلارنى ئېنىقراق بىلىدىغان تورداشلارنىڭمۇ بىلىدىغىنىنى بىزگە دەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغان، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى قەرزى بىلەن تارىخىي بۇرچىنى ئەتراپ قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم ئۆز-ئۆزىدىن، ئۆز باشلىقلىرىدىن، ھەمدە باشلىقىنىڭ باشلىقىدىن مۇنداق سوئاللارنى سوراپ بېقىشى كېرەك:
بۇ سىياسەت قانداق مەيدانغا كەلگەن؟
ئۇنىڭ مەقسىتى نېمە؟
ئەگەر مەقسەت تەرەققىيات بولسا، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش كۆرۈش كېرەكتىغۇ؟
ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ سىياسەتنىڭ ئىلمىي ئاساسى نېمە؟ ئۇ ئىلمىي ئاساسلارنى كىم تەمىنلىگەن؟
ئۇيغۇرلار ئىچىدە مائارىپشۇناسلار ۋە بالىلار پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن قانچىسى بار؟ (ھەكىمە ئەرشىدىن ھەدىمىز ئەنگلىيىدە مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسى بېرىلىپتىكەن.) ئۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا تونۇلغان ۋە دۇنيادا تونۇلغانلىرىدىن قانچىسى بار؟
سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھېچ كىم سىز كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مىللىتىڭىزنىڭ تەقدىرىگە باشقا مىللەتلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزدەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە» دېگەن يازمىسىدا دۇنيادا ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يىراقنى توغرا كۆرەلەيدىغان، كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، يىراقنى توغرا كۆرەلىگەنلەر ياخشى نەتىجە يارىتىدىغانلىقىنى، يىراقنى خاتا كۆرگەنلەر يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. يىراقنى توغرا كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئېگىز پەللىگە چىقىش كېرەك. بۇ قانداق ئېگىز پەللە بىلەمسىز؟ ئۇ ئىلىم-پەننىڭ ئېگىز پەللىسىدىن ئىبارەتتۇر. جۇڭگودىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەل ئەھلى بولۇش بىلىم ئەھلى بولۇشتىن جىق ئاسان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىلىم ئەھلىنىڭ ئەمەل ئەھلى بولالىشى، ھەمدە شۇنداق بولالىغاندىمۇ ئۆز ئەمىلىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالىشى ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسەت تۈزۈشكە ئوخشاش چوڭ ئىشلارغا ھەممە ئۇيغۇر كۆڭۈل بولۇشى كېرەك. بۇنداق سىياسەتكە ئىلمىي ئاساس بولىدىغان نەرسىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا ياكى جۇڭگودا تېپىلمىسا، ئۇلارنى چەت ئەلدىن كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئاشۇنداق ئىلمىي ئاساسلاردىن بىر قىسمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئەگەر سىز شۇنداق قىلمىسىڭىز، ئاشۇنداق ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش كۆرمىسىڭىز، سىز چوقۇم زاۋاللىققا يول تۇتىسىز. چوقۇم مەغلۇپ بولىسىز. بۇ ئىنسان تارىخى تەكرار-تەكرارلاپ ئىسپاتلاپ چىققان بىر ھەقىقەت. بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن مېنىڭچە بىرەر چوڭ بەدەل تۆلەش كەتمەيدۇ. دۆلەتلىك ۋە يەرلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. بۇ يەردىكى گەپ سىزنىڭ ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سىناپ بېقىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭىزدا. سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر يولنى تاللاش-تاللىماسلىقىڭىزدا. ياۋاش ئادەمنى تاپقاندا ئۇنى ھەممە ئادەمنىڭ بوزەك قىلغۇسى كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش. مەن كىچىك ۋاقتىمدا داۋاملىق تۈردە ماۋ زېدۇڭنىڭ «قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلايتتىم. ئۇيغۇرلاردا «ئۆز تەقدىرىڭنى ئۆز ئالىقىنىڭغا ئال» دېگەنگە ئوخشاش بىر گەپمۇ بار. بۇ سۆزلەر نورمال ئىنساندەك ياشايدىغان ئادەملەرگە قارىتىلغان. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرلارغا نورمال ئىنساندەك ياشايدىغان، ھېچ بولمىغاندا قانۇن سىزىقىنىڭ سىرتىغا چىقماي تۇرۇپ نورمال ئىنساندەك ياشاشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغان ۋاقىت كەلدى. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئەتكەندەك، ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىسىڭىز، ئۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ئېھتىماللىقى نۆل بولىدۇ. بۇ گەپنى ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاشۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز، ئۇنىڭ ئەكسىچە باشقىلارغا ياخشى-يامان ئادەم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خۇشامەتچىلىك، تەخسىكەشلىك قىلىپ ياشايدىغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، توغرا يولنى تۇتقانلار، قانۇن بويىچە ئىش قىلغانلار يالغۇز قېلىپ، ئاسانلا زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. خاتا يولنى تۇتقانلار بولسا قانات ئاستىغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇمۇ بىر پۈتۈنلەي خاتا يۈزلىنىش بولۇپ، بۇنداق يۈزلىنىشنى پۈتۈنلەي توسۇش كېرەك. يامان ئىللەتلەرنى يوقاتمىغۇچە، ياخشى ئىللەتلەر باش كۆتۈرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا مىللەتنىڭ ئەھۋالىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئالدى بىلەن قانۇن بويىچە توغرا ئىش قىلغانلارنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەخسىكەشلىك قىلىپ جان باقىدىغانلارغا زەربە ۋە جازا بېرىدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ئوتكەن ئايدا، يەنى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، مېنىڭ ئون نەچچە يىللىق يەھۇدىي تونۇشۇم ئالېكس ئۆزى ھازىر تۇرۇۋاتقان فلورىدا شتاتىدىن لوس ئانژېلىسقا كەلگەندە، بىر دوستىنى باشلاپ بىزنىڭ ئوينى يوقلاپ كەلدى. شۇ چاغدا مەن پاراڭلار ئارا ئۇنىڭدىن مۇنداق بىر سوئال سورۇدۇم: «سىلەر يەھۇدىيلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئەھۋاللارغا دۇچار بولغان بىر قانچە مىڭ يىل جەريانىدا ئۆزۈڭلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىدىڭلار. بۈگۈنكى كۈندە بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ چىقتىڭلار. ئەگەر ئۇيغۇرلار سىلەرنىڭ تەجرىبەڭلارنى ئۆگەنمەكچى بولسا، سېنىڭچە قانداق تەجرىبەڭلارنى ئۆگىنىشى كېرەك؟» ئالېكس ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى (ئۇنىڭ سۆزىنى ئەينەن خاتىرىلىۋالمىغان بولغاچقا، پەقەت ئاساسى مەزمۇنىلا يازىمەن): «يەھۇدىينىڭ ئەرلىرى يۈزدە-يۈز پىرسەنت ساۋاتلىق بولغىلى ئۈچ مىڭ يىلدىن ئاشتى. بۇ ئىش بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىدى. مائارىپنى چىڭ تۇتقانلىقى، ھەمدە قاتتىق تىرىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە بېرىلگەن بارلىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن بىر قىسمىنى يەھۇدىيلار ئالدى. بىر بالىنىڭ كەلگۈسىدە قايسى دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى 60 پىرسەنتتىن 70 پىرسەنتكىچە بولغان ۋاقىتتا ئاشۇ بالىنىڭ ئانىسىغا باغلىق. يەھۇدىي ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ تۇرالىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەرەققىي قىلالىشىدا يەھۇدىي ئانىلارنىڭ ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار بىزدىن دورايمىز دەيدىكەن، ئىشنى چوقۇم مائارىپتىن باشلىشى، مائارىپنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.» دېمەك، ئالېكس نىڭ جاۋابىغا ئاساسلانغاندا، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىر مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مائارىپ بىلەن تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە تايىنىش كېرەك ئىكەن. مەن يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، بىر مىللەتنىڭ مائارىپ سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىدا ئاشۇ مىللەتنىڭ ئانا تىلى ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئانا تىلنى ئۆگىنىدىغان ئىككى ئورۇن بار. ئۇنىڭ بىرسى مەكتەپ، يەنە بىرسى ئۆي ۋە ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ماكان. بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە مەكتەپ قانداق يول تۇتسا توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يۇقىرىدا جىق توختالدىم. بالىغا ئۆيدە ئانا تىلنى ئۆگىتىش جەھەتتە ئانا ئوينايدىغان رول ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭدىن قالسا دادا، قېرىنداشلار، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە خولۇم-خوشنىلار قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ ئىشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بۇرچى بار. شۇڭا ئۇ بۇرچىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماڭ. ئەگەر سىز بىر بالىنىڭ ئاپىسى ياكى دادىسى بولسىڭىز، سىزنىڭ بالىڭىزغا ئاجراتقان ۋاقتىڭىز سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچۈن سالغان مەبلىغىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەبلەغنى كۆپرەك سالسىڭىز، مول-ھۇسۇلنىمۇ كۆپرەك ئالىسىز. ئەگەر ھېچ قانداق مەبلەغ سالمىسىڭىز، ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيسىز. سىز بالىڭىزغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە مەكتەپ ئىچىدە بەزىبىر چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئۆي ئىچىدە ئۇنداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايسىز. ئوي ئىچىدە بالىڭىزنى قانداق تەربىيىلىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان، باشلانغۇچتا بالىلارغا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆتۈش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، بالىڭىزنىڭ ئوي ئىچىدىكى ۋە ئوي ئەتراپىدىكى ئانا تىل تەربىيىسىنىمۇ چىڭ تۇتۇڭ. بۇنى سىز ھەم بالىڭىز ئۈچۈن قىلىسىز، ھەم مىللەت ئۈچۈن قىلىسىز.


مەن بۇ يازمامنى دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: «بىزنىڭچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتىلا بولىدىكەن، ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەنمەيدۇ، بۇ بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، سىز-بىز ئۆزىمىزنى "مەن ئۇيغۇرمەن" دەپ مەيدىمىزگە مۇشتلاپ يۈرگەنىكەنمىز، تىرىكلا بولساق ئۇيغۇر تىلىنى تۇرمۇشىمىزدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەندۈرمەيمىز: بىزچە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دېمەك ئۇيغۇر مىللىتىنى قوغداش دېمەكتۇر، ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇر تىلىنى مەۋجۇتلۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھەققىمىزدۇركى، بۇ ھەققىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، گېزى كەلسە ھېچ ئىككىلەنمەي جېنىمىزنى پىدا قىلىمىز!»


تەھرىرلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى ( http://www.orkhun.com ) دىن ياۋۇز.

ئەسكەرتىش:
[1] بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
[2] ئەگەر بۇ يازمىدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرى ئىشلىمەي قالسا، سىز مەرىپەت تور بېتى www.meripet.com نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى "ئەركىن سىدىق يازمىلىرى" دېگەن سەھىپىگە كىرىپ، مېنىڭ مۇشۇ يازمامنىڭ لاتىن يېزىقى نۇسخىسىنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىشلەيدۇ.


مۇشۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابلارنىڭ ئىنگلىزچە تىزىملىكى:

    Baker, C. (2000). A parents' and teachers' guide to bilingualism. 2nd Edition. Clevedon, England: Multilingual Matters.
    Cummins, J. (2000). Language, power, and pedagogy. Bilingual children in the crossfire. Clevedon, England: Multilingual Matters.
    Skutnabb-Kangas, T. (2000). Linguistic genocide in education-or worldwide diversity and human rights? Mahwah, NJ: Lawrence Erlbaum Associates.
    Tove Skutnabb-Kangas (1979), Language in the process of cultural assimilation and structural incorporation of linguistic minorities. Rosslyn, VA. National Clearinghouse for Bilingual Education.
ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىدىغان ئىنگىلىزچە تور بەتلىرى:
http://filebox.vt.edu/c/cmarshal/exploring_bilingual_education.htm http://www.umich.edu/~ac213/student_projects05/be/alternatives.html

لوس ئانژېلىستىكى ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
2-رەسىم: 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۇنى مېنىڭ ئون نەچچە يىللىق يەھۇدى تونۇشۇم ئالېكس
(ئوتتۇرىدىكى كىشى) بىزنىڭ ئويگە دوستى ئاندرېۋنى باشلاپ كەلگەندە چۇشكەن بىر پارچە سۇرەت.

تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-22, 03:25
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ياخشى ماقالە
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-22 04:22 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    AZHAR36
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16480
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 174
    شۆھرەت: 112 نۇمۇر
    پۇل: 903 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14

     

    بۇ تېمىنى بەك ياخشى يۇرۇتۇپ بېرىپسىز ، بۇ ئىش ھەقىقەتەن جەنۇنىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ناھىيلەردە مەۋجۈت .
    ئانا تىلنى قەدىرلەش ، ئانا تىلدا سۆزلەش ، ئانا تىلنى قوغداش ھەر بىر غورۇرلۇق ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مۇقەددەس بورچى ۋە مەجبۇرىيىتى .
    شۇڭا ئىشنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇشتىن باشلىشىمىز لازىم . شۇندىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرەلەيمىز .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 11:55 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6500
    شۆھرەت: 3608 نۇمۇر
    پۇل: 42253 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئۇيغۇر تىلى باشقا تىللاردىن قېلىشمايدىغان گۈزەل تىل دەپ دەرىسخانىلەرنى يادلاپ ئوقۇپ ئىنتىھان قەغىزىگە يازالايمىز يۇ، شۇنى چىن مەنايىدىن بىر قىتىم يۈرىكىگە كىم يازالىدى؟؟ بار بولسىمۇ كۆپ ئەمەس...
    ئۇيغۇر تىلى بەك يىپىشقاق تىل، باشقا تىللاردىكى سۆزلەرنى ئوقۇلۇشى بىلەن تەلەپپۇزىغىچە چىقارغىلى بولىسۇ دەپ ماختىنىمىزيۇ، شۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى خەقنىڭ تىلىدىن پەس كۆرگەندەك، نۇمۇس قىلغاندەك مودىلارچە ئۆزگە تىلنىڭ قوينىغا ئۆزىمىزنى ئاتىمىز .ئانا تىلمىزنى قەدىرلەيلى ھىمىمىز ئۆزمىزدىن باشلايلى ، تېما ئىگسىگە تەشەككۈر .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 12:17 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    arzu220
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15545
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2140
    شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
    پۇل: 5375 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ھازىر «قوش تىل»ئۇقۇتۇشى جەھەتتە ،كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ پىكىرى كۆپ .بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ مۇشۇ ئۇقۇتۇش سەۋەبىدىن ،باللىرىمىز تەييارلىق سىنىپتىن باشلاپلا ،خەنزۇ تىلى ئۇگۇنۇشكە باشلىدى .ئۇيغۇر تىلىنى باشلانغۇچ 3-يىللىقتىن باشلاپ ئۆتىدىكەنمىز .مىنىڭچە بۇ ئالمىشىپ قالدى .ئەسلى ئۆز تىلىمىزنى ئەڭ ئاۋال ئۇگۇتۇپ ،ئاندىن 3-يىللىقتىن باشلاپ دۆلەت تىلىنى كۇچەيتسەكمۇ كىچىكمىگەن بۇلاتتۇق .ئۆز تىلىدا ئەركىن تەپەككۇر قىلىپ تۇمۇچۇقتەك سايراپ كىتىدىغان ،ئۇماق پەرزەنتلىرىمىز ،قاناتلىرى بۇغۇچلانغان قۇشقا ئوخشاش ئۆز قەلبىدىكى ھىسلارنى ئىپادە قىلالمايۋاتىدۇ .
    مىنىڭچە ،مائارىپ تارماقلىرى بۇ ئىشنى ياخشىراق ئويلاپ ،كەڭ خەلىق ئاممسى رازى بولغىدەك جاۋاپنى بىرىشى كىرەك .
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 12:26 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    uygur007
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17586
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 968
    شۆھرەت: 990 نۇمۇر
    پۇل: 3775 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 908(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بۇ مەسىلە  ئۈستىدە  باش قاتۇرۇشقا نەدە  ۋاقتى  بار  دەيسىز ئۇلارنى قورسىقكى تويسىلا   سۇغۇققا  تۇڭۇپلا  قالمىسا  كۆڭلى خوش . نەگىمۇ بېرىپ توختار   بۇ مىللەت
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 01:38 PM |
    Yurtum Elani
    malika602
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29608
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    پۇل: 79 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 272(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بۇنداق  دەپ  بىز  اتا -انىلارنى بەك  ازاپلاۋاتىسىلەر !!!! بۇنىڭغا  بىر  امال  ،سىياسەتتىن بىرە يول  بولسا  بولاتتى!!!  تەشكىللىنىپ  بىر امال  قىلساقمۇ مەيلى!!!بار بولغۇلۇق  باللاغا بولدى.... ۇنى  ۈگەنمىسى تېخى  بۇنى  ۇگەنمىسە تېخى.... نىمىشقا  ۇيغانمايمىز؟؟!!!
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 01:38 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    anwar1226
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35483
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 110 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-04

     

    رەخمەت جىنىم ئاكا!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 01:47 PM |
    Yurtum Elani
    anwar1226
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35483
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 110 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-04

     

    ئالدىبىلەن ئۆزۇمىزدىن باشلايلى.مەن چۇقۇم ئۆزەمدىن باشلايمەن.
    ھەم ئەتراپىمدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىمەن.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 01:51 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    KULKA
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 4615
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 68
    شۆھرەت: 138 نۇمۇر
    پۇل: 710 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-11

     

    بەك ياخشى تەھلىل قىپسىز...رەخمەت سىزگە .....
    كۈلكىنىڭ ھەممىسى خۇشاللىق بۇلىۋەرمەيدۇ...............
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 01:53 PM |
    Yurtum Elani
    uzhal
    http://p8.images22.51img1.com/
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2540
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 347
    شۆھرەت: 587 نۇمۇر
    پۇل: 1824 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 595(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئەركىن ئاكا . ئىشلىرىڭىز شۈنچە جىددى تۇرۇپ بىزنىڭ مەۋجۇتلىغىمىزغا  كۆڭۈل بۆلۈپ،  گاڭگىراپ قالغان ئىدىيەلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن يولىڭىز ۋە تۆككەن تەرىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن . سىزگە ۋە ئائىلڭىزگە بەختلىك ھايات ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن .  
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 02:07 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    muzatdaryasi
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24931
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 347
    شۆھرەت: 397 نۇمۇر
    پۇل: 1349 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 371(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-18

     

      بىزنىڭ شارائىتىمىزدىن ئالغاندا ، ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئانا تىلدا سۆزلىشىدۇ، كىچىك بالا مەكتەپكە كىرگۈچە مۇشۇ خىل تىل مۇھىتىدا تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ، لېكىن ھازىر باشلانغۇچقا كىرىپلا يات تىل بىلەن تونۇشۇپ، ئەڭ ئەقەللىي مەدەنىيەت بىلىملىرىنىمۇ يات تىلدا ئالىدۇ. ئاخىرىدا  نازۇك مېڭىسى بىر تۇلۇم ياڭاق مېغىزىغا ئايلىنىدۇ. يېگىلى بولسىچۇ كاشكى نامراتلىقىمىزدا!!!
        مىللەتنى ئاسسمىلىياتسىيە ، زاۋاللىققا ئاپىرىدىغان ئاتالمىش« قوش تىل مائارىپى» غا مەڭگۈ قارشىمەن!!!!
    ئىنسان خاسلىقىنى يوقاتسا  ياشىغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى!؟؟
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 02:54 PM |
    Yurtum Elani
    sipil
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35374
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

     

    قالتىس ئىسىل يىزىلغان ئەسەردە بۇ.

    ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ ئەپەندى  بۇنداق مەزمۇنلارنى مۇنبەرگە چاپلىماڭ ئاتامان ئەپەندىمۇ  جان باقمىسا بولمايدۇ ، ئىنكاسىڭىزدىكى ئادرىسنى مەن ئۆچۈرۋەتتىم . كۈنقىز
    [ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2008-12-22 04:06 PMدە قايت ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 02:59 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ruyl
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34501
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    شۆھرەت: 25 نۇمۇر
    پۇل: 55 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 224(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    چەتئەلدە تۇرۇپ بىزگە مىللىتىڭىزگە يۈرىكىڭىزدىن كۆيگىنىڭىزگە رەھمەت .
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 03:07 PM |
    Yurtum Elani
    كەبىرە
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34552
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

                                                                                                             بۇ  ماقالىنى   تەدبىر  بەلگۇلىگۈچىلەر  بىر  كۇرسە  بولغىدەك،  بەك  ياخشى  يېزىلىپتۇ  رەخمەت
        
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 03:17 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    baxtogragh
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30591
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 314
    شۆھرەت: 371 نۇمۇر
    پۇل: 240 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 262(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

                تېما .ئېگىسىگە تەشەككۇر .
        بۇ تېمىنى ھېلىقى ....بىر كۆرۇپ باقسا بوپتىكەن .( بەلكىم سورۇنمۇ-سورۇن بەكلام ئالدىراشتۇ ؟)
    ئۇرۇمچى كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ... !
          
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 04:23 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.087350(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:21
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号