سىز ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟
مۆھتىرەم تورداشلار ! تۈنۈگۈنكى تېمامغا قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىڭلاردىن تولىمۇ سۆيۈمدۈم ! بۈگۈن شۇ سۇئالنىڭ كىتاپتىكى جاۋابىنى سىلەرگە سۇندۇم . قىنى خارەكتىرىڭىزگە ماس كىلەمدىكىن ؟ مۇبادا سىزنىڭ داچىڭىز بولسا ، ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە لايىھەلەتكۈزىسىز . سىز ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىنى قانداق لايىھەلەيسىز ؟ A . ياغاچ رىشاتكا بىلەن
B . خىش تام بىلەن
C . تۆمۈر رىشاتكا بىلەن
D . گۈل - گىياھ ، دەل - دەرەخلەرنى تىكىش بىلەن پىسخىكىلىق سىناقنىڭ نەتىجىسى : A جاۋابنى تاللىغان بولسىڭىز : سىزنىڭ مۇھەببەت - نەپرىتىڭىز ئېنىق بولۇپ ، سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىسىز ؛ ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە قارىتا سوغۇق مۇئامىلە قىلىسىز . شۇڭلاچقا سىزنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر دائىم سىزنى خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ .
B جاۋابنى تاللىغان بولسىڭىز : سىز دائىم ئۆز - ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويىسىز . يىڭىلگەنگە تەن بەرمەيدىغان خارەكتىرىڭىز بولغاچقا ، دائىم ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇش ھوقوقىنى قولىڭىزدا ئىگەللىگەن بولىسىز .
C جاۋابنى تاللىغان بولسىڭىز : سىزنىڭ خارەكتىرىڭىز ئوچۇق - يورۇق بولۇپ ، ھەر قانداق كىشى بىلەن ئاسانلا باردى - كەلدى قىلالايسىز ، سىزنىڭ نۇرغۇن دوستىڭىز بار .
D جاۋابنى تاللىغان بولسىڭىز : سىز يات جىنىسنى ئانچە ھۆرمەتلەپ كەتمەيسىز ، ھەتتا پوزىتسىيىڭىز قاتتىق بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، سىزنىڭ خارەكتىرىڭىز بىر قەدەر پاسسىپ ، جىمىغور ، ئالاقە دائىرىڭىز تار . بىراق ئۆز ئائىلىدىكىلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىسىز . سىز كونسىرۋاتىپ (مۇتەئەسسىپ) ئادەم . ئامېرىكىلىق پسىخولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى خۇك . راببورتنىڭ «خارەكتىر سىنىقى» ناملىق كىتاپتىن يولباشچى تەييارلىدى .